ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شاھ بىلەن مالاي

شاھ بىلەن مالاي

ۋاقتى: 2016-06-06 ئاۋاتلىقى: 669 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر پادىشاھ ئۆزىنىڭ مالىيىدىن ناھايىتى رازى ئىكەن. مالايمۇ پادىشاھقا ئۆزىنى ئاتىغانىكەن، ھەتتا پادىشاھ ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە تەييار ئىكەن. دېمىسىمۇ مالاي ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قانچە قېتىم ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىپ، پادىشاھنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ مۇھاپىزەتچىسىمۇ بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ:

__ قانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيتقىن، مەن سېنى رازى قىلاي، سەن ماڭا شۇنچىلىك پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلدىڭكى، ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتەپ بولالمايمەن، شۇنداقتىمۇ بۈگۈن نېمىلا دېسەڭ شۇنى بەجا كەلتۈرەي- دەپتۇ.

__ ئالىيلىرى، ماڭا بۈگۈنگە قەدەر كۆپ ئىنئام بەردىلە،__ دەپتۇ مالاي،- سىلى بىلەن دائىم بىللە بولغىنىمغا تۈمەنمىڭ شۈكرى، بۇندىن باشقا ھېچقانداق تەلىپىم يوق.

لېكىن پادىشاھ گېپىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ، مالاي: بولدى، مەن مۇشۇنىڭغا رازى، دېسىمۇ ئۇنىماپتۇ. ئامالسىز قالغان مالاي ئاخىردا:
__ ئەمىسە مۇنداق بىر تەلىپىم بار، مەن بىر كېچە-كۈندۈز پادىشاھ بولاي، سىلى بىر كېچە-كۈندۈز قوغدىغۇچى بولسىلا،- دەپتۇ مالاي.

پادىشاھ بىرئاز ئەنسىرەپتۇ، قورقۇپتۇ، بىراق گېپىدە تۇرمىسا بولمايتتى، ۋەدە قىلغان ئىشنى ئورۇنلمىىسا بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كېچە-كۈندۈزلۈككە قوغدىغۇچى بوپتۇ، مالاي بولسا پادىشاھ بوپتۇ. مالاينىڭ پادىشاھ بولۇپلا تۇنجى قىلغان ئىشى نېمە بوپتۇ، بىلەمسىلەر؟ ئۇ پادىشاھنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپتۇ. پادىشاھ: بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ دېسە، مالاي: ئاغزىڭنى يۇم، سەن ھازىر پادىشاھ ئەمەس، پادىشاھ دېگەن مەن! سەن مېنىڭ قوغدىغۇچۇمسەن. تەلىپىم ئورۇنلاندى، ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، مالاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بولۇپ ئۆتۈپتۇ.

قۇللار خوجايىن بولۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ھىلە-مىكىرنى ئويلاپ تاپىدۇ. نەپسانىيەت ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ تەرەققىي قىلغان مېخانىزمدۇر. ئۇ ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئاجايىپ ئىشلارنى قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بولمىغان بولسا ئىنسان ئالغا ئىنتىلمەس ئىدى، تەرەققىي قىلماس ئىدى. ئۇ ئىنسانغا دائىم يېقىن بولدى، ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدى؛ ئىنساننى راھەتكە، لەززەتكە ئىنتىلدۈرۈپ، مۇشەققەتتىن، ئازابتىن يىراقلاشتۇرۇپ تۇردى. بىر كۈنى ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقى تۇتتى، ياخشىلىق قىلغۇسى كەلدى، نېمە تەلەپ قىلساڭ قىل نەپسىم، مەن ئۇنى ئورۇنلايمەن دېگەن يەرگە كەلدى. نەپسى بېشىدا نازلاندى، كېيىن تازا چوڭىنى تەلەپ قىلدى، «يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن قايتماس، دەپتىكەن، نېمە بوپتۇ، بىرەر قېتىم تەلىپىنى قاندۇرۇپ قوياي» دېدى ئىنسان، شۇنىڭ بىلەن پالاكەت باشلاندى.

ئۆمەر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا مەدەنىيەتلىك دېھقانلار سېپىغا قېتىلدى، ئاتىسىنىڭ قولىدىكى كەتمەننى ئېلىپ ئېتىزغا چىقتى، ھازىر كەتمەن بىلەن قىلىدىغانمۇ جىق ئىش قالمىغانىدى پۇللا بولسا تراكتور، كومبايىنلار تەييار ئىدى. يەرلەر بىر تۇتاش تېرىلاتتى، زىرائەت بىر تۇتاش يىغىلاتتى. ئۆمەر دېھقانچىلىقتا قورساققىلا ئىشلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قوشۇمچە بورداقچىلىق قىلدى، قاسساپلىق قىلدى. ئۆزىمۇ قورساققا ئامراق، گۆشكە ئامراق ئىدى. بازاردا ئىش-ئوقەت قىلىپ يۈرۈپ، بىر قانچە دوست تاپتى. بۇ بالىلار ئىچىدىغان بالىلار ئىدى، ئۆمەرنى ھاراققا زورلىدى، ئۆمەر زادى ئۇنىمىدى، دوستلىرى ئۇنىڭ رايىغا باقتى، ئۆمەر ئىشتا چاققان، گەپتىمۇ چاققان، ئىچىدىغان-چېكىدىغان ئىشتىن بۇرۇنلا ھەزەر ئەيلەپ كەلگەن، ئۆزىنى ئاسرايدىغان يىگىت ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويدى، لېكىن ئالغان ئايالىنىڭ مىجەزى ياخشى چىقمىدى، يېزىدا چوڭ بولغىنىغا قارىماي ئۆزىنى شەھەرلىكتەك ھېس قىلىدىغان، ئېرى بىلەن تەڭ تۇرىدىغان، مۇستەقىل تۇرمۇشقا مەيلى يوقتەك دائىم ئانىسىنىڭ يېنىغا يامانلاپ بېرىۋالىدىغان قىز ئىدى. ئۆمەر ئۇنى قويۇۋېتىپ يەنە بويتاقلار سېپىغا قېتىلدى، ئەمما ئاغىنىلىرىگە خوتۇنى توغرۇلۇق غەيۋەت قىلمىدى، تۇرمۇش ئىشىدا ئالدىرىماسلىق نىيىتىگە كەلدى.

ئاغىنىلىرى ھارىقىنى ئىچىۋەردى، ئۆمەر ئۇلارغا قېتىلىپ پاراڭ سېلىپ، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى. ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ كوچىدىكى قىز-چوكانلارغا پات-پات قاراپ قويىدىغانلىقىنى، بۇغدىيەكلىرىنىڭ قىمىرلاپ، ھەلقۇملىرىنىڭ لىپىلداپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇمۇ بىر كەيىپ دەپ ئويلىدى ئۇلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەرنى ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ئويناپ چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۆمەر ماقۇل دېدى، ئۇ مەرت ئىدى، ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ يېرىنى دەپ يېنىغا ئېلىۋالاتتى. ئۇلار كەچتە ناھىيە بازىرىغا كىردى، بۇ يەرنىڭ بازىرى يېزا بازىرىدىن نەچچە ھەسسە كەڭ، نەچچە ھەسسە يورۇق، نەچچە ھەسسە رەڭدار ئىدى. ئۆمەر ئاغىنىلىرى بىلەن دېسكوخانىغا كىردى، كۆزلىرى ئالىچەكمەن بولدى، ئوچۇق ۋە تار كىيىنگەن بىر مۇنچە قىزلارنى كۆرۈپ، تولۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان قىز ساۋاقداشلىرىنى ئەسلەپ قالدى. ئەسەبىي مۇزىكا ۋە رەڭدار قۇيۇندەك پىقىرىۋاتقان چىراغلار، ئۆزىنى ئۇنتۇپ دېسكوغا چۈشۈپ كەتكەن قىزلار ئۇنىڭ ھاياجىنىنى قوزغىۋەتتى. ئۇنىڭ ئاغىنلىرىمۇ ئۇسساپ كەتكەن كالىلار ئۆستەڭگە يۈگۈرگەندەك، قىزلار توپىغا كىرىپ كەتتى. ئۆمەر بۇ يەردە مەتودەك تۇرىۋەرسە چېنىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاغىنىلىرى يېنىغا باردى. دېسكو تۈگەپ، ئارىلىقتا تانسا باشلاندى. ئۇلار ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى، ئۆمەر قىززىپ تۇراتتى، ئاغىنىلىرى مۇزدەك پىۋا بۇيرۇتتى. ئاغىنىلىرى ئۆمەرنىڭ نەپسىنى سىناۋاتاتتى. ئۆمەر يا ئىچەلمەي، يا ئوينىيالماي، بۇنى ئويلىماي دېسىمۇ چىدىيالماي ئاخىر ئاغىنىسىنىڭ ئالدىدىكى پېۋىنى قولىغا ئېلىپلا غورتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى.

__ ۋاي-ۋاي، نېمە ئالامەت بۇ! ياشا يىگىت!

__ راسا ئۇسساپتۇ بۇ جانىۋار...

__ نەچچە ۋاقىتتىن چاڭقاپ كەتكەن گەپ...

__ يېزا دېگەندە بىر كۈن ياشىساڭ سەنمۇ چاڭقايسەن!

ئاغىنىلىرى تۇشمۇ تۇشتىن ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. ئۆمەر بىر نەچچە ئىستاكاننى قۇرۇقداپ قويدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزى تانسا ئويناۋاتقان قىزلاردا ئىدى، بەزىلىرى ئەتراپىدا ئەرلەر يوقتەك بىر-بىرى بىلەن ئويناپ يۈرەتتى. ئۆمەر ئۇلارغا ئەلەم بىلەن قارايتتى. ئاغىنلىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىستىكىنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئىستەكلىرىنى بىلگەندەك بىلىپ بولدى. ئەمدى ئوينايدىغان يەر بۇ يەر ئەمەس، تانسا ئويناپمۇ ئىشمۇ، مېھمانخانىغا بارايلى دېيىشتى. ئۆمەر شىركەيىپ ئىدى، قانداق ئويۇن بولسا بۇ ئاخشام ئوينىۋېتىدىغان ئەلپازدا ئىدى. ئۆمەرنىڭ ئاغىنىلىرى بۇنداق ئىشلاردا تەجرىبىلىك ئىدى، ئۆمەرنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆمەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئەڭ نوچىسىنى ئۆمەرگە توغرىلاش كېرەك ئىدى.

ئۆمەرنىڭ ياتىقىغا ئەڭ چىرايلىقتىن بىرسى كىردى، ھەتتا ئۆمەرنىڭ ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلدى، كېيىنكى قېتىم ئۆزلىرىگە توغرىلاشنى ئارزۇ قىلىشتى. ئۆمەر بۇ قىزنى دېسكوخانىدا كۆرگەندەك قىلاتتى، تانسا ئويناشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان بىرسىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن مۇلازىمەتكە كېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. قانچە ھەيران قالغانچە ئۆمەر شۇنچە ئىنتىلىپ تۇراتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر ئاغىنىلىرىگە، ئاغىنىلىرىمۇ ئۆمەرگە، ئۇنىڭ پۇلىغا كۆنۈپ قالدى. ئۇلار پات-پات شەھەرگە كىرىپ، شۇ مېھمانخانىدا قونۇپ قالىدىغان بولۇۋېلىشتى. ئاتا-ئانىسى سوراپ قالسا، ئۆمەر: تويغا باردىم، ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم دەيتتى. بىر قېتىم مېھمانخانىدا قىرقىما چاچ سەتەڭدىن بىرسى ئۆمەرگە گاندون تۇتقۇزۇپ قويغانىدى، ئۆمەر ئۇنى تاشلىۋەتتى. سەتەڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى رەت قىلىۋىدى، ئۆمەرنىڭ غەزىۋى كەلدى. ساقلاپ ئولتۇرۇپ، كونىسى بىلەن نەپسىنى قاندۇردى.

كۈنلەر ئۆتۈپ ئۆمەرنىڭ ئاغىنىلىرى يوقاپ كەتتى، بىر چاغدا تېلېفونىغا: ئۆمەر، سەنمۇ قان تەكشۈرۈپ باق، لېكىن قورقۇپ كەتمە، قانچە بالدۇر داۋالاتساڭ شۇنچە ياخشى... دېگەن ئۇچۇر كەلدى. يېقىندىن بېرى بۇ ھەقتە بەزى گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئۆمەرنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، شۇ بۇزۇقلار جېنىدا ئۆزىنى ئاسراپ گاندون تەڭلىسە، پەلەي كىيىپ پولو يېمەيمەن دەپ رەت قىلغانلىرىغا نېمە دېگۈلۈك؟ ئۇ قان تەكشۈرۈشتىن قورقۇپ دوختۇرخانىغا بارمىدى. لېكىن ۋەھىمىدىن قۇتۇلالمىدى، ئورۇقلاپ كۆزلىرى پىلدىرلاپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئاتىسى ئۇنى مەجبۇرى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، مەخسۇس تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئۆمەرنىڭ ھەقىقەتەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولدى.

پادىشاھ بىلەن مالاينىڭ ھېكايىسىدە، ئالەمچە ياخشىلىققا ئېرىشكەن مالاي ئۆزىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانىدى. ئۆمەرنىڭ ھېكايىسىدە، نەپسى ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى، چۈنكى ئۇ نەپسىگە قۇل بولدى، ئۆزلۈك پادىشاھلىقىنى يوقاتتى، ئەقىل تاجىنى شەھۋەتنىڭ بېشىغا تاقىدى. نەپسىگە ھاكىم بولالمىغان ئىنسان، نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، نەپسى ئۇنى ھەر قانداق پالاكەتكە، ھەتتا ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. دانالار ئىنساننىڭ نەپسىنى نەپسى شەيتان دەيدۇ، تەسەۋۋۇپچىلار بۇ شەيتاننى تەربىيە قىلىشنى، ئۇنى قۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. جالالىدىن رۇمى ھەتتا: ئۆز نەپسىڭنى قوينى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلا، دەيدۇ. بۇ ئەلۋەتتە مەجازى مۇبالىغە. لېكىن شۇ نەرسە، ئېنىقكى، يا نەپسىڭگە ھاكىم بولىسەن، ياكى نەپسىڭ سېنى قۇل قىلىدۇ. بەزىدە ئۇنداق ياكى بۇنداق بولۇپ قالىدۇ. ئەمما پادىشاھلىقنى يوقاتماسلىق كېرەك، نەپسىگە ھاكىم بولالىغان ئىنسان ئۆز پادىشاھلىقىنى، ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغدىيالىغان ئىنساندۇر. بىر دانانىڭ ئېيتقىنىدەك، ھەر قانداق نەرسىگە ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىق يانىدۇ، ئەمما نەپسىڭگە ياخشىلىق قىلساڭ، ساڭا يامانلىق يانىدۇ.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى