ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىلىك تورىدا سۆھبەت

بىلىك تورىدا سۆھبەت

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 2340 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈركۈت:
1-سۇئال: ئۆزىڭىز ھەققىدە، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق ھاياتىڭىز، ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشىڭىز، ئوقۇشتىن كېيىنكى خىزمەت ۋە ئىجادىيەت يولىڭىز ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم، بالىلىق دەۋرىمنى ئۇچتۇرپان ئاقيار يېزىسىدا لاي ئۆستەڭلەرگە چۆمۈلۈپ ئۆتكۈزدۈم، قوي-كالا باقتىم؛ قىزلارغا كۆيگىدەك تۇيغۇغا ئىگە بولغان بالاغەت دەۋرىمنى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزدۈم. مۇھەببەت دەپ چىن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي ئۆتكۈزگەن سەۋدا ياشلىقىمنى بېيجىڭدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزدۈم، تالاي ۋاقىتلار بېيجىڭ كۇتۇبخانىسىدا كىتاب ئوقۇش، كىنو كۆرۈش، خىيال سۈرۈش بىلەن ئۆتتى. 1996-يىلى جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كەلدىم، كەلگەن يىلى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژۇرنىلى چىقىشقا باشلاپتىكەن، شۇندىن بۇيان ژۇرنال چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ نېنىنى يەپ كېلىۋاتىمەن.
ئەدەبىياتقا مېنى ئاشىقلىق سۆرەپ كىردى. گۈزەل قىزلار، دۆت قىزلار مەندە نۇرغۇن ھاماقەتلىكنى پەيدا قىلدى، كۆپ زىيان تارتتىم، ۋاقتىم بىكار كەتتى، ئەخمىقانە خىيال سۈرۈپلا ئۆتىۋېرىشكە چىدىماي كۈندىلىك خاتىرە يازدىم. تولۇق ئوتتۇرىدىن ئالىي مەكتەپكىچە، ئالىي مەكتەپتىن جەمئىيەتكە چىققىچە ھەر كۈنى خاتىرە يازدىمكى، ھازىر قارايدىغان بولسام خاتىرىلىرىم بىر قۇچاق چىقىدۇ. ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن تۇنجۇققان روھىمنى ئازادلىققا چىقىرىدىغان بىر ۋاسىتە بولۇپ قالدى. ئەڭ چىن ، ئەڭ تەسىرلىك، ئەڭ گۈزەل ئەسەرلىرىم مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىم، ئەمما باشقىلار بۇنى بىرەر-ئىككى بەت كۆرسىلا «خاسلا ئۆزەڭنىڭ دەردى، ئۆزەڭنىڭ تۇيغۇلىرى ئىكەن، مېنىڭ دەردىمگە، مېنىڭ ۋەقەلىرىمگە ئورتاق بولالايدىغان نەرسىلەر قېنى؟» دەپ سورايدىغانلىقى ئېنىق. باشقىلارغا ئىجادىيەتتىن زوق بېرىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم پروزا نەزەرىيىلىرىگە، ئىجادىيەت ماھارەتلىرىگە، توقۇلما ۋەقەلىك، پىرسۇناژ، بايان، تەسۋىر...لەرگە مۇھتاج بولدۇم، شۇنداق يازدىم، ئېلان قىلدىم، ئۆزەمنى ھەقىقىي ئىپادىلەپ بېرەلمىدىم، زېرىكتىم، ھورۇنلاشتىم. ئۆزەمگە يارىغانلىرى مەتبۇئاتقا يارىماي، ئادەتتىكىچە دەپ قارىغانلىرىم ئېلان قىلىندى. تور ئەدەبىياتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن بۇ زىددىيەتتىن قۇتۇلدۇم. ئەركىنلىك كۈچ ئىكەن، تەسەۋۋۇر قىلىش، يېزىش ئۈچۈنمۇ ئەركىن مۇھىت، ئوقۇرمەن بىلەن ئاپتور ئارىسىدا بىۋاسىتە ئۆتكىلى بولىدىغان يول بولۇشى كېرەك ئىكەن. تور ئەدەبىياتىدا بۇ يول تېپىلىپ قالدى، ھاياجانغا چۆمدۈم، 2004-يىلى «ئىزدىنىش» تورىدا «پاچاقلانغان قىزلار»، «بېيجىڭدا ئۆلگەن بىر ئۇيغۇر»نى يازغاندىن باشلاپ «كاۋاپچىنىڭ خوتۇنى»غىچە بىۋاسىتە توردا يېزىپ، توردا ئېلان قىلدىم، ئىنكاسلاردىن مەستخۇش بولدۇم، تەنقىدلەردىن سىلكىندىم، سۈيلەشلەردىن ئالدىرىدىم، شۇنداق قىلىپ، شۇنچە ھورۇنلۇقۇمغا باقماي بىر مۇنچە نەرسىلەرنى يېزىۋېتىپتىمەن. تور ۋە تورداشلار مېنىڭ يېزىش ئىشتىياقىمغا ئاجايىپ تۈرتكە بولدى. ئىجادىيەت مۇساپەم شۇنچىلىك، چوڭ ئىشلار تېخى ئالدىمىزدا دەپ يۈرۈيمەن.

2-سۇئال: مەن سىزنىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ۋە «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» ناملىق 2 ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغان. ئالدىنقىسىنى رىئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغان دەپ ئويلىغان ئىدۇق. بىرەيلەننىڭ يەتكۈزىشىچە، دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن. ئەمدى كېيىنكى ئەسىرىڭىزنىمۇ مەن رىئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغان، ئىچكىرىگە بېرىپ ئاشخانا ئېچىش، تىجارەت، تۇرمۇش دىگەنلەرمۇ رىئاللىققا بەك يېقىن دەپ ئويلايمەن ھەم گۇمان قىلىمەن. گۇمانىم توغرىمۇ؟ يەنى، كېيىنكى ئەسىرىڭىزمۇ رىئاللىقنىڭ مەھسۇلىمۇ؟
«زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» ھەر ئىككى ئەسەر رىئاللىقنىڭ مەھسۇلى، ئەمما كېيىنكىسىدە توقۇلما كۆپرەك. ھەر قانداق ئەسىرىم بىرەر ئەسلىمە، بىرەر كۆرۈنۈش ياكى غىل-پال كەچكەن بىر ئوي-پىكىردىن تۇغۇلىدۇ. يېزىش جەريانىدا يەنە باشقا ئىش، باشقا ئەسلىمىلەر، تەسەۋۋۇرلار قوشۇلۇپ ماڭىدۇ. «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»دىكى سەئىد قارى بىلەن زۆھرەنىڭ پروتوتىپلىرى بىزنىڭ ئۆيدە بىر قېتىم تەسەددىپىي كۆرۈشكەن، ئۇ چاغدا سەئىد قارى ئوقۇيتتى، زۆھرە ئىشلەيتتى. ئۇلار ئەھۋال سورىشىپ، تېگى-تەكتىنى بىلىشىپ بىر-بىرىگە يېقىملىق كۆز سالدى، سەئىد قارىنىڭ شۇ پەيتتىكى ھاياجىنى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ ئەسەر شۇ ئىلھامدىن كەلدى، كېيىنكى ۋەقىلىكلەر، ئادىلە، تاھىر قارى، تاشچى نىغمەت... دېگەنلەر يېزىپ كېلىۋېتىپ كاللامغا كەلدى. «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى»نى يېزىشىمدا مەن تونۇيدىغان بىر كاۋاپچى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ساتراشخانىغا كىرىپ ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالغان ئىنىسى ئىلھام بولدى. غېنى شاڭجاڭ، ھاشىم دوغىلاق، گۈلشەن دېگەنلەر ۋەقەلىكنىڭ راۋاجىغا ئەگىشىپ كېيىن پەيدا بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن بىر يەردە كۆرگەن. بۇ شۇنچىلىك ئاددىي، سىزمۇ بىرەر دوستۇڭىزنى خىيال قىلسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغان باشقىلارنىمۇ تەبئىيلا ئويلاپ قالىسىز. تەسەۋۋۇر دېگەن كېڭەيگەنچە كېڭيىدىغان نەرسە، بەزىدە ئۇنى يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولماي قالىدۇ. مېنىڭچە ئىجادىيەت خىيال-تەسەۋۋۇر بىلەن ئۇنى يىغىشتۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان جېدەل. يازغۇچى دائىم ئۆزى بىلەن جېدەللىشىپ، ئۆز خىيالى بىلەن ھەپىلىشىپلا ئۆتىدىغان خەق. شۇڭا باشقىلار ئۇلارنى «ئەقىللىق ساراڭ» دەپمۇ قويۇشىدۇ. فىروئىدنىڭ قارىشىچە، يازغۇچى بىلەن ساراڭنىڭ پەرقى شۇكى، يازغۇچى ئۆز خىيالىدىن قايتىپ كېلىشنى بىلىدۇ، سەۋدالىقتىن قۇتۇلۇپ ئەقىل-ھوشىنى تاپالايدۇ. ئەمما ساراڭلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى يوقىتىدۇ.

3-سۇئال: سەنئەتكار ئۆزھال ئەپەندىم ۋە ھۆرىيەت فىلىم شىركىتى يېقىندا «مىليون گۈل» نامىدا بىر كۆپ قىسىملىق فىلىم ئىشلەۋېتىپتۇ. مەن ئويلايمەن، سىزنىڭ يۇقۇرقى ۋە شۇنىڭدەك رىئاللىققا بەكمۇ يېقىن بولغان ئەسەرلىرىڭىزنى فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقسىمۇ، خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم. بۇرۇنمۇ بىز مۇشۇ ھەقتە مۇشۇ بىلىك كۇلۇبىدا مۇزاكىرە قىلىشقان. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقىش خىيال-پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟
ئەسەرلىرىم فىلىم قىلىپ ئىشلەنسە خوش بولىمەن، ئىشلەنمىسە «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا»، بۇ گۇيلار ئەسەر تونۇمايدۇ... دەپ قاقشاپ يۈرمەيمەن. ئىلگىرى بىرەيلەن «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»نى كىنو قىلىپ ئىشلەيمىز دەپ يۈرەتتى. سىنارىيىسىنىمۇ يېزىپ بوپتىكەنمىش، كېيىن نېمە بولدى، يوقاپ كەتتى. بىزدە بىر گەپنى دەپ قويۇپ يوقاپ كېتىدىغان، بىر ئىشنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى چىقىرالمايدىغان ئادەملەر خېلى بار، شۇڭا بىر كىم «ئەسىرىڭىزنى كىنو قىلىپ ئىشلىمەكچى، قوشۇلامسىز» دېسە، ماقۇل دەيمەنۇ، سەمىمىيىتىدىن، ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىمەن. يېقىندا داڭلىق رىژىسور جاڭ يىمو ئۆزىنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرغا: «ھازىر ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىيىتى خاراپ، ياخشى ئەسەر تاپماق ئىنتايىن مۈشكۈل. مەن بىر كىنو ئىشلىسەم بارلىق كۈچۈم، ۋاقتىم، زېھنىمنىڭ 70 پىرسەنتىنى ياخشى ئەسەر، ياخشى سىنارىيەنى تېپىشقىلا سەرپ قىلىمەن، كىنو ئىشلەشكە 30 پىرسەنتلا كۈچ سەرپ قىلىمەن؛ قاچانمۇ بىر ياخشى ئەسەر، ياخشى سىنارىيە ئۇچرىسا ئۇنى ئىشلەپ پۇخادىن چىقىۋالسام دەپ ئارزۇ قىلىمەن، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كىنو ئەسىرىم تېخى دۇنياغا كەلمىدى، داۋاملىق ئەسەر ئىزدەۋاتىمەن» دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. دېمەك، ياخشى كىنونىڭ ئاساسى يەنىلا ياخشى ئەسەر. رىژىسورلار نادىر ئەسەرنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كېتىدىكەن. ئۆزى يېزىپ ئۆزى ئىشلىسە يەنىلا بىر يەرلىرىدىن چانىدىكەن. دېمەك، ھەر ئىشنىڭ ئىگىسى بار. ئامېرىكىدا ياخشى رومانلارنى ئاۋۋال رىژىسورلار سېتىۋالىدىكەن. كورىيىدە داڭلىق يازغۇچى ۋە سىنارىستلار كۆپ ھاللاردا ئۆزى رىژىسور بولۇپ ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەيدىكەن. بىزنىڭ ھالىمىز ئۆزىمىزگە نىسبەتەن بولىدۇ، ئەدەبىياتىمىز تېخىچە ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيىسىدە، رىژىسورلىرىمىزدا يۈكسەك غايە بار، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ئاز، چۈنكى بېسىم كۈچلۈك، مەبلەغ ئاز، ئۆز ھالىغا بېقىپ كىنو ئىشلەيدىغان گەپ. بىزدە تېخى كىنوغا مەبلەغ سالغۇدەك خوجايىنلار، يازغۇچىلار، رىژىسورلار، ئارتىسلار قوشۇنى يوق، كىنونى بازارغا يۈزلەندۈرگىدەك مۇھىت تېخى شەكىللەنمىدى. ئەمما قىزغىنلىق بار، مۇشۇ قىزغىنلىقلا ھەممىگە يېتىدۇ، مۇشۇ قىزغىنلىقتىن ئۈمىد، ئازغىنە ئىشەنچ، بەلكىم چوڭ نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەر ئەسىرىم فىلىم ئىشلەيدىغانلارغا ياراپ قالسا دەيدىغان سۆزۈم شۇ: «سىنارىيىسىنى ياخشى يېزىڭ ياكى ئۆزەمگە يازدۇرۇڭ، ھەقنى ئوبدان بېرىڭ، ئارتىسنى ئوبدان تاللاڭ، ئاپتورنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىڭ، سىياسىيغا تاقاشمايدىغان ئەھۋالدا سەل دادىلراق بولۇڭ، ھە دېسە كونا قېلىپقا كىرىۋالماڭ، تەبىئىيلىك ھەممە نەرسىنىڭ جېنى، ئەگەر ئەسىرىمنى ئوقۇغانلار فىلىمنى كۆرۈپ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتسە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيسىلەر، شۇڭا فىلىم ئەسلى ئەسەردىنمۇ ياخشى چىقسۇن، ھېچ بولمىسا تەڭلەشسۇن».

4-سۇئال: ئەسەرلىرىڭىزدە، پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھىسسىيات تەسۋىرىنى بەك ياخشى يورۇتۇپ بېرىسىز. بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمىزدە، ئىجابىي پېرسۇناژلار پەقەت ئىجابىي تەرەپلەردىن، سەلبىي پېرسۇناژلار پەقەت سەلبىي تەرەپلەردىنلا يېزىلاتتى، خۇددى بىر قېلىپتا قۇيۇپ قويغاندەك. ئەمما سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدە، ئىجابىي پېرسۇناژلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى ۋە سەلبىي پېرسۇناژلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ بەك ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ۋە يەنە قىز-ئاياللارنىڭ ئىچكى ھىسسىياتى، ئوي-پىكرى-خىيالىمۇ ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن. يۇقۇرقى سەلبى ئوبرازلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنىمۇ يېزىش (ۋە يەنە قارشىسى) قا سىزگە نىمە تۈرتكە بولدى؟ سىز ئۆزىڭىز بىر ئەر تۇرۇپ، قىز-ئاياللارنىڭ ئوي-خىيالى-پىكرىنى قانداق قىلىپ بۇنداق ياخشى يېزىپ چىقالىدىڭىز؟
پىرسۇناژلىرىم ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، چۈنكى ھەممەيلەن بىلىمىز، جاھاندا مۇتلەق ياخشى، مۇتلەق ناچار ئىنسان بولمايدۇ، پەقەت ياخشى-يامانلىقنىڭ نىسبىتىدە پەرق بولىدۇ. بۇ ئىنسان تەبىئىتى ھەم ئەسەر پىرسۇناژلىرىغا قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ. شۇنچە ياخشى ئاغىنىلىرىمىزنىڭمۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان خۇيلىرى بولىدۇ، ئۆز ۋاقتىدا گۈل كۆرۈنۈپ ئالغان ئېسىل خوتۇنىمىزنىڭمۇ تويدىن كېيىن بەزى خۇي-پەيلى ئاشكارلىنىشقا باشلايدۇ. مۇلايىم كۆرۈنگەن باشلىق بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز ساراڭدەك قوپاللىق قىلىدۇ. «بۇ كىشى ئاجايىپ ئېسىل جۇمۇ» دېگەن چېغىمىزدا ئۇ ئىنساننىڭ ئىچىدە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى قۇتراۋاتقان بولىدۇ، ئۇنى بىر ئاللاھتىن بۆلەك ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىز باشقىلارغا باھا بېرىشتە دائىم يېڭىلىشىمىز، چۈنكى ھەممىمىز ئاجىز، خاتالىق ئۆتكۈزىمىز، تۈزىتىمىز، بىراق خاتالىقنى تۈزىتىش رىغبىتىمىز ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ۋەسۋەسىسىدەك كۈچلۈك بولماي قالىدۇ. شۇڭا مەن ئەسەر يازغاندا «سەلبىي، ئىجابىي» دېگەن ئۇقۇملارنى كاللامدىن چىقىرىۋېتىمەن. ياخشىمۇ ئىشەنچسىز، يامانمۇ ئىشەنچسىز تۇيۇلىدۇ. بۇ تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىدىم، ئەمما رىئاللىقتا ھەممىسى ئۇنداق ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، ئادەم ئىچىدە ئادەم بولىدۇ، ياخشىىنىڭ ئىچىدە ياخشىسى، يامىنىنىڭ ئىچىدە ئۇچىغا چىققان رەزىللىرى بولىدۇ. ياخشى بىلەن يامانلىق بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا تېپىلىپ تۇرسىمۇ، نىسبىتى ھەرگىز تەڭ بولمايدۇ، بىرسى چوقۇم بىرسىدىن غالىپ كېلىدۇ، مەلۇم ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالىدۇ. ئادەم شۇنچىلىك مۇرەككەپ مەخلۇق، شۇڭا ئۇنى ئاددىي يېزىپ قويساق، پېشانىسىگە «ياخشى يامان» تامغىسى بېسىپ قويساق كۈلكىلىك بىر ئىش بولىدۇ.
ئەدەبىيات مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئادەمشۇناسلىق ، شۇڭا ئادەمنى ئادەمدەك يېزىش، ئۇنى رەسىم سىزغاندەك سۈنئىي بوياپ، بىرسىنى قاغىدەك قاپقارا، بىرسىنى ئاققۇدەك ئاق قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. مەن ھەر بىر ئەسەردە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئۇزۇن بىر جەريان كەتتى، چۈنكى كونا ئىجادىيەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ يېڭى ئىجادىيەت مېتودىغا ئىگە بولۇش ۋە ئۇنى ئورۇنلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،
كاللامدا ھېلىمۇ بۇرۇنقى ئىجادىيەت قاراشلىرى خېلى كۈچلۈك، پۈتۈنلەي قاسراق تاشلاپ يېڭىچە يول تۇتۇش ئۈچۈن ئىجادىيەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ھەم دادىل سىناپ بېقىش كېرەك.
غەرب يازغۇچىلىرى شۇنچىلىك دادىل، ئۇلار ئىجادىيەتنى ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بويىچە چۈشەنگەچكە ئىجادىيەت ئېقىملىرىنى توختىماي يارىتىپ، يېڭىلاپ تۇرىدۇ، ئۆز ئۇسلۇبىنى يارىتىشقا تىرىشىدۇ. بىز پىرسۇناژلارنى ياخشى، يامان دەپ ئايرىپ ئولتۇرغاندا ئۇلار «ئادەمنى يېزىش مۇھىممۇ ياكى نەرسىلەرنى يېزىش مۇھىممۇ؟»، «ھېكايىدە مۇكەممەل ۋەقەلىك بولماسلىقى كېرەك» دەپ «جۆيلۈپ» يۈرۈشەتتى. مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئەدەبىياتى ئەنە شۇنداق بارلىققا كەلگەن. ئۇلار « يازغۇچى ھەممىنى باشقۇرۇپ، ئۆز پىرسۇناژلىرىنى داۋاملىق ماشىنا ئادەمدەك ئوينىتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ پىرسۇناژلىرىغا (تىرىك ئادەملىرىگە) ئەگىشەمدۇ؟» دېگەن مەسىلىنى خېلى تالىشىپتىكەن. بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەسىلە. ئۆزەمنى ئېيتسام، مەن باشتا ئۆزەم ئوتتۇرىغا چۈشۈپ پىرسۇناژلارنى بېكىتىۋالىمەن، كېيىن ئۇلارغا ئىختىيارسىز ئەگىشىپ كېتىمەن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنى ياخشى، يامان دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىكەنمەن، ۋەقەلىكنى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىگە بېقىپ راۋاجلاندۇرالايدىكەنمەن، ھېسسىياتىمنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ تەبىئىي ھەم تېز يازالايدىكەنمەن. مېنىڭچە، بىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلغان ھەم قىلىۋاتىدۇ.
مېنىڭچە، ئاياللار ئۆزئارا بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئۆزئارا پاراڭلىشالىغان بىلەن بىر-بىرىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارنى چۈشىندىغانلار يەنىلا ئەرلەر. شۇنداقلا ئەرلەرنى بەكرەك چۈشىنىدىغانلارمۇ ئاياللار. چۈنكى يات جىنسنىڭ بىر-بىرىگە بولغان جەلىپكارلىقى ئۇلارنى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشكە توختىماي زورلاپ تۇرىدۇ.
ئاللاھنىڭ ھەۋۋا ئانىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋۇرغىسىدىن ياراتقانلىقى، يەنى ئايالنى ئىنسان نەسلىدىن يارىتىپ ئەرگە جۈپ قىلغانلىقى، ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىغا مېھىر-مۇھەببەت سالغانلىقى بۈيۈك ھېكمەت ۋە رەھمەت. كۆز ئېچىپ بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىنساننىڭ ھەممىسى بۇ ھەقىقەت، بۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئاپىرىدىسى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ھەممىسى بۇ ھەقىقەتكە شاھىد بولىدۇ ۋە ھاياتىنى شۇ بويىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئانىلىرىمىز، ئاچا-سىڭىللىرىمىز، مەھبۇبىمىز، ئايالىمىز، قىزىمىز... ئەتراپىمىزدىكى بۇ ئايرىلماس ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل تەبىئىتىنى تولۇق كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئاياللارنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇلار بولمىسا كىشىلىك دۇنيا بۇنچە مۇكەممەل، رەڭگارەڭ، گۈزەل، سېھىرلىك بولمايتتى. بولۇپمۇ سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئاياللار ۋە مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما. چۈنكى ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى مۇھتاجلىق، تەبىئىي ئىستەك، تارتىشىش، ھاياجان، قىزغىنلىق ئۇلاردا ھەر ۋاقىت ياشاش، ئىشلەش، ئىجاد قىلىش، بەخت يارىتىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ، ھاياتلىق شۇنداق گۈللىنىدۇ.
ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، بالاغەت دەۋرىمدىن باشلاپ قىزلارغا بەكرەك مايىل بولدۇم، ئۇلارغا بولغان ئىنتىلىشلىرىم، ئارزۇ-ئارمانلىرىم، ئۇلاردىن كەلگەن دەرد-پىغانلىرىم، غەزەپ-نەپرەتلىرىم، ئېرىشكەن ئازغىنە بەخت ۋە شادلىقلىرىم دائىم كۆڭلۈمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى بولۇپ كەلدى. يات جىنسنى ئويلاۋەرگەنسېرى، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى بىلگەنسېرى ئۇلارنى ئۆز تەبىئىتى، ئالاھىدىلىكى بويىچە يېزىش ئۇنچە قىيىنغا توختىمايدۇ. سىز بىر ئىشنى ئويلاۋەرسىڭىز باشقىلار ئويلاپ باقمىغان نازۇك نوقتىلارنى بايقىيالايسىز، بىر ئىشنىڭ كويىغا كىرسىڭىز شۇنىڭ مۇتەخەسىسى بولۇپ كېتىسىز. ماڭا نىسبەتەن قىز، ئاياللار گويا بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئاي، ئۇنىڭ داغلىرى ئۇنىڭ جىسمىغا قات-قات ئورناپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە بىلىنىدىغان يورۇق تەرەپلىرى بار، بىز كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇ تەرەپلىرىمۇ بار، مەن پەقەت ماڭا كۆرۈنگەن ئاشۇ يورۇق قىسمىنىلا ئازغىنە يورۇتۇپ بېرەلىدىم.

ئاۋرال:
5-سوئال: مەن ،سىز ۋە ئەسەرلىرىڭىزنى تور ئارقىلىق بىلگەن ئىدىم، سىز توردا ئەسەر ئېلان قىلىپ شۈھرەت قازانغان ساناقلىقلا ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى، سىز نۈۋەتتىكى ئۇيغۇر تور ئەدەبياتىغا قانداق قارايسىز؟
داڭلىق ئەدىبلەر «تور دېگەن كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنى» دەپ قارامدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، توردا ئەسەر يېزىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشقا ئانچە ئالدىرىمىدى. مەن بۇنىڭغا ئەستايىدىل قارىدىم، چۈنكى ئىچكىرىدە خەنزۇ تور ئەدەبىياتى خېلىلا گۈللەنگەنىدى. مەن شۇ چاغدا «تور ئەدەبىياتى بىزدىكى بىر بوشلۇق» دېگەن قاراشقا كەلگەن. گەرچە تور بەتلىرىدە ھېكايە، شېئىرلار ئېلان قىلىنىپ تۇرسىمۇ سالماقلىق ئەسەرلەر ساناقلىقلا ئىدى.
2006-يىللىرى بولسا كېرەك، شىنجاڭ لىنىيىسى تورىدا بىرەيلەن «باشلىق، ئايالىڭىزغا چېقىلىپ قويدۇم» دەپ بىر ئەسەر يوللىدى، ئەسلىدە بۇ خەنزۇچە تور بەتتە ئېلان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، تەرجىمە قىلىش داۋامىدا تېما يوللىغۇچى ئۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى كىيدۈرۈپ قويۇپتىكەن. ئەسەر خېلىلا قىزىقارلىق باشلانغان بولۇپ، كېيىن بەزى سېرىق مەزمۇنلار چىقىشقا باشلىغاندا ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئىنكاسلار كۆپىيىپ كېتىپ، ئەسەرنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. مەن بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچىسىنى تېپىپ ئوقۇپ چىقتىم. ئەسەردە سېرىق يەرلەر ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ لېكىن ۋەقەلىكى خېلىلا جەلپ قىلارلىق، بايانلىرى ئەركىن، تەسۋىر ۋە دىئالوگلىرى تەبىئىي ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باقتىم. ئومۇمەن ھەممىسى ماڭا مەتبۇئاتتىكى ئەسەرلەرگە باققاندا ئۆزگىچە تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن مەندىمۇ چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئەڭ دەسلەپتە «سېرىق كۈنلەر» دەپ بىر پوۋېست يازدىم، «ئىزدىنىش»تورىغا يوللاشنى باشلىغاندا ئۇ تور بېكىتىدىن چاتاق چىقىپ ئەسەر يوقالدى. كېيىن ئۇنى شىنجاڭ لىنىيىسىدە داۋاملاشتۇردۇم، بابۇر ئەپەندى مېنى تەكلىپلىك يازغۇچى قىلىپ، بىر قېتىم 160يۈەن ئەۋەتتى، بۇ پۇل گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا خېلى ئىلھام بولغانىدى. بۇ قىزغىنلىقتا شۇ تور بېكىتىدە «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» ( كېيىن دىيارىم تور بېكىتىدىكىلەرنىڭ «ئاخىرى قېنى؟» دەپ سۈيلىشى بىلەن ئۇ ئەسەر رومان بولۇپ كەتتى)،«ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات» دېگەن پوۋېستلارنى يازدىم، «ئىزدىنىش» تورىدا «مەن سېنىڭ داداڭ» دېگەن پوۋېستنى ۋە «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت»، «ئاق شامال»، «سوراق»، «ئاينىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلەرنى يازدىم. 2007-يىلنىڭ ئاخىرى 2008-يىللاردا «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن روماننى دىيارىمدا ئۇلاپ يېزىپ تاماملىدىم، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئىنكاسلىرى بولمىسا بۇ ئەسەر روياپقا چىقمىغان بولاتتى. 2009-يىلى «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى»نى دىيارىمدا يېزىپ، چېكىلىش سانى 600 مىڭغا يېقىنلاپ قالغاندا 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تور تاقالدى. كېيىن ئۇنى بلوگىمدا داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىر تاماملىدىم. ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەن 2004-يىلدىن ھازىرغىچە مەتبۇئاتتىن يىراقلىشىپ تور ئەدەبىياتىغىلا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈردۈم. توردىن زادىلا ئايرىلمىدىم. باشقىلارغا قانچىلىك تونۇلدۇم، نامەلۇم. ئەمما ئەسىرىمنى توردىن كۆرۈپ، ئاۋازلىق ئىشلەنگىنىنى ئاڭلاپ ماڭا ئىلھام بەرگەنلەر كۆپ بولدى. مەن ئاشۇ ئازغىنە ئۇرۇنۇشلىرىم، ئىزدىنىشلىرىم، تورداشلارنىڭ ئىلھام تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ توردا پەقەت ئىككىلا رومان ئېلان قىلغان يېرىم بار، باشقىلار تېخى بىرەر رومانىنى تولۇق ئېلان قىلمىغان بولغاچقا، ئارىمىزدا «يولۋاس يوق يەردە مايمۇن پادىشاھ» دېگەندەك بىر ئىش بولۇپ قالدى.
تور ئەدەبىياتىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ھازىر بارغانچە گۈللىنىۋاتىدۇ، داڭلىق يازغۇچىلىرىمىز بۇ ساھەگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇماقتا. پەرھات تۇرسۇن «ئۆچكەن يۇلتۇز» دېگەن پوۋېستىنى، «چوڭ شەھەر»ناملىق رومانىنىڭ بىر قىسمىنى توردا ئېلان قىلدى. ياش ھەۋەسكارلار تۇشمۇ تۇشتىن بۇ ساھەگە قەدەم باسماقتا. يانغىن دېگەن ئىنىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى غەيرىتى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئىجادىيەتكە ئەمدى قەدەم قويغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن تور ئەدەبىياتى ئەڭ ياخشى سورۇن. بۇ يەردە ئۇلار ئوقۇرمەنلىرىدىن نەق باھا، نەق جاۋاب ئالالايدۇ، ئەمما ئۇلارغا «ياخشى يېزىپسىز» دېگەن قۇرۇق ماختاش ئەمەس، ئەمەلىي تەھلىل، ئىلمىي تەنقىد، مۇۋاپىق يېتەكلەشلەر بەكمۇ زۆرۈر. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، تور ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

6-سوئال: تور ئەسەرلىرى بىلەن مەتبۇئات ئەسەرلىرىنىڭ تېما تاللاش، مەزمۇن ئىپادىلەش جەھەتتە ماھىيەتلىك پەرقلىرى بارمۇ؟
تور ئەسەرلىرى بىلەن مەتبۇئات ئەسەرلىرىنىڭ پەرقى شۇ: تور ئەسەرلىرى نىسبەتەن ئەركىن، قويۇلىدىغان تەلەپ تۆۋەن، جۈملە ۋە ئىملا خاتالىقى كۆپ. تور ئەسەرلىرىگە مەتبۇئات ئەسەرلىرىگە قويغاندەك يۇقىرى ئۆلچەم قويۇش تەسرەك بولغاچقا، ئاپتورلارمۇ بۇنىڭغا بېقىپ پەرۋاسىزراق، «ياۋايىراق» بولىدۇ ( ئەلۋەتتە، ھەممە ئاپتور ئۇنداق ئەمەس). شۇغىنىسى، توردا ئەسەر ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە دېگەندەك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ كەتمەيدۇ، مەزمۇندىن بەدئىيلىككىچە، جۈملە قۇرۇلمىسىدىن ئىملاغىچە نۇرغۇن ئىللەتلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. توردىكى بۇ ئەبجەشلىك، قىزىققانلىق ۋە خاتالىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تورئەسەرلىرىگە مەتبۇئاتقا ئوخشاشلا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئەسەر ئاپتورغا بېقىپ ھەر خىل بولىدۇ. سىز ئەستايىدىل بولسىڭىز باشقىلارمۇ سىزنىڭ توردا ئويۇن ئويناۋاتمىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. بىر ئەسەرنىڭ سەۋىيىسى ۋە ئىملاسىنىڭ پاكىزلىقىغا قاراپ ئاپتورغا باھا بېرەلەيدۇ، ئەسەرنىڭ يېزىلىش سەۋىيىسى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقلىنىش سەۋىيىسى پەرقلىق بولسىمۇ، ياخشى ئەسەر ھامان تېگىشلىك قىممىتىنى تاپىدۇ.
تور ئەسەرلىرىدە مەتبۇئات ئەسەلىرىدە بولمىغان بىر خىل جۇشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىك مەۋجۇت، ئەمما مەتبۇئات ئەسەرلىرىدىكى سەۋىيە، تەھرىرلىكتىن ئۆتكەن راۋان جۈملە، توغرا ئىملانى تور ئەسەرلىرىدىن تاپماق تەسرەك. ئەگەر مەتبۇئاتلار تور ئەدەبىياتىدىنمۇ مۇۋاپىق ھاياتى كۈچكە ئېرىشسە، تور ئەسەرلىرى مەتبۇئات ئەسەرلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە شەرتلەرنى ھازىرلىيالىسا تولىمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى. ئەدەبىياتتىلا ئەمەس، ھەر قانداق مەسلەكتە كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ،ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلغاندا بىر قەدەر مۇكەممەللىكككە يېقىنلىشىش مۇمكىن.

7-سوئال: ھازىرقى ئىجادىيەت ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ باقساق بولامدۇ؟
ھازىر مەن كۆڭلۈمدە يازاي دەپ ئىنتىلىۋاتقان نەرسىلەر خېلى بار، لېكىن شۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت، كەيپىيات يېتىشمەيۋاتىدۇ. پىلاننى جىق قىلغانچە ھېچقايسىسى ئاقمايۋاتىدۇ. 2010-يىلىمۇ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ يىلدا تۆت-بەش پارچە يازمام ۋە تەرجىمىدىن بۆلەك ھېچ نېمە يازالمىدىم. ۋاقىت شۇنچە كەڭرى، ئەمما شۇنچە قىس، ئىش شۇنچە كۆپ، ئەمما ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن ئالاقىسىز؛ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى قىستىغاندا باشقا ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدىكەن، قىلماسلىققا باھانىمۇ كۆپ بولىدىكەن، ئىشلار شۇنداق بولىدىكەن. قىسقىسى، ھازىر مەندە پىلانلا بار، ئەمەلىي ھەرىكەت يوق. بۇنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.

ئالىپ ئەنۋەر:
8-سوئال: بىۋاستە تورغا يازغان ئەسەرلىرىڭىزدە تورداشلارنىڭ ئىنكاسى ئەسىرىڭىزگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟مەسلەن: «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» نى ئۇدۇللۇق تورغا ئىنكاس شەكىلدە يازدىڭىز. مەلۇم بۆلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار ئەسەرنى تەھلىل قىلدى ھەتتا ئاخىرى مۇنداق بولسا بوپتىكەن دېگەندەك ئارزۇ-تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرغا قويدى. شۇنىڭغا ئوخشاش تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئەسىرىڭىزنىڭ راۋاجىغا ۋە ئاخىرقى يېشىمىگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟
توردا ئەسەر يېزىۋاتقاندا تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ماڭا ناھايىتى زور ئىلھام، مەدەت بولىدۇ. ئەمما ئىجادىيەت پىلانىم ۋە مۇددىئايىمغا بەك تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ. «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن ئەسەرنى يېزىۋاتقاندا ئىنكاسلاردىن بېشىم قېيىپ كېتەتتى، ئەمما ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ، ۋەقەلىكلەرنى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىگە بېقىپ ئۆز ئېقىشىغا قويۇۋېتەتتىم، زىددىيەتلەرنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشاتتىم. ئارىدا بىرسى « بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئادىلەنى يېزىش ئارقىلىق خىرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلىۋاتامدۇ نېمە؟» دەپ بېشىمنى قوچۇۋەتتى. بۇنداق غەيرى سوئاللارغا، تەخمىن قىياسلارغا، ئۆزەم ئويلاپمۇ باقمىغان بىمەنە يەكۈنلەرگە تەسلىم بولسام، ئەسەرنى نورمال داۋاملاشتۇرالماي قالاتتىم. مەيلى قانداق بولسۇن، ئىنكاسلار ماڭا ئاجايىپ تۈرتكە بولدى. بۇنى «توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق» ناملىق يازمامدا تەپسىلىي بايان قىلدىم. http://erturk.yanbilog.cn/index.php?mid=26&m=view&id=585&pc=1 (يانفون نەشرى بۇ يەردە!) ئومۇمەن ئېيتقاندا، قىممىتى بار ئىنكاسلاردىن مۇۋاپىق پايدىلاندىم، ماختاشلاردىن ئىلھاملاندىم، قىياسلارغا كۆرە «ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق ئىدى» دېگەن جاۋابنى بېرىپ ماڭدىم. ئاخىرقى يېشىمنىمۇ ئاساسەن ئۆزەمنىڭ رايى بويىچە تاماملىدىم. توردا ئەسەر يازىدىغانلار ھەر خىل ئىنكاسلارغا تولۇق يۈزلىنىشى، ئەسىرىنىڭ داۋامى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشى، مەيلى قانداق ئىنكاسلارغا دۇچ كەلسۇن، ئۆزى ئەڭ توغرا دەپ تاللىغان يولىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. ئىجادىيەت بەرىبىر ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس روھىي پائالىيىتى، بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

نەزەرى:
9-سۇئال: سىز بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى.ئەنگىلىيلىك ئامىركىغا بارسا يەنە شۇ تىلدا، شۇ ئاڭدا، شۇ خىل مەدىنىيەت مۇھىتىدا تۇرىۋىرىدۇ. بىز ئەغناسى لەنجۇغا كەلسەكمۇ ھەممە نەرسە بىزگە يىڭىچە، غەيرى بىلىنىپ مەدىنىيەت توقۇنۇشىنى تولۇق ھىس قىلىپ ئۈلگۈرىمىز. بېيجىڭ دا تىخىمۇ شۇنداق.گەرچە پايتەخىت ئىچكىردىكى ھەرقانداق شەھەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر كۆپ، بىلىملىكلەر توپلاشقان، ھەر خىل مەدىنىيەت بىرىككەن زىمىن بولسىمۇ مەيلى تەبىئىي ئاڭ جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىككىلەمچى بىلىم قۇرۇلما جەھەتتىن بولسۇن بىز بىلەن روشەن پەرقلەرگە ئىگە. مۇشۇ ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى سىز يۇرتقا سىغىنىش، ئۆزلۈكنى ئىزدەش، ئادىمىيلىك سالاھىيىتىڭىزنى بىكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچۇرغان پەرقلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلدىڭىز؟
91-يىلى كۈزدە بېيجىڭ پويىز ۋوگزالىغا چۈشكەندىن باشلاپ ھازىرغىچە 19 ياشاپتىمەن بۇ شەھەردە. كۆنۈپ قالدۇق، نېمىسىگە ئامراق بولۇپ قالغىنىنى ئۇقمايلا كۆنۈپ قالدۇق، بەلكىم ئەركىنرەك نەپەس ئالغىلى بولىدىغاندۇ، بەلكىم ھەممەيلەن پايتەختنى چوڭ بىلىدىغاندۇ، بەلكىم باشقىلار بىزنى چوڭ شەھەردە ئىشلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ھۆرمەتلەيدىغاندۇ ، بەلكىم شۇنداق دەپ ئۆزىمىزنى ئالداپ ھاماقەتلەرچە ياشاۋاتقاندىمىز. قۇرۇق سۆلەتنى دەپ مۇشۇ قىستاڭ شەھەردە سائەت-سائەتلەپ ۋاقىتنى يولدا ئۆتكۈزۈپ ئۆزىمىزنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىمىزنى قىيناۋاتقاندىمىز... مەيلى قانداق بولسۇن، تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشتۇق. كىملىكىمىز ئېنىق، ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىمىز ئېنىق، قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ كەتمىدۇق، بەك ئېسىل ياشاپمۇ كەتمىدۇق. شۇنچە ئاۋات كوچىلاردا، توپ-توپ خەنزۇلار ئارىسىدا كېتىۋېتىپ ئەتراپىمدا ھېچكىم يوقتەك ماڭىمەن، بۇ شەھەردىكى ئادەملەرنىڭ چىرايى بىر-بىرىچە شۇنچە ئوخشىشىپ كەتكەچكە ماڭا بىرلا ئادەمنىڭ چىرايىدەك يا بولمىسا ھېچقانداق يۈزى يوقتەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاسانلا بىلىنىپ قالىمەن، «شىنجاڭلىق» دەپ سوغۇق قاراپ ياكى ئەجەبلىنىپ ئۆتكەن تالاي چىرايلار ماڭا كىملىكىمنى ئەسلەتمىسە، ئادەتتە بۇ مەسىلىنى بەك ئويلاپ كەتمەيمەن. گاھىدا ئۆزەمنى مەن بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىغا ئۆتكىلى نەۋاخ، شىنجاڭدا ئۇزۇن يىل تۇرغان خەنزۇ ئۆزىنى شىنجاڭلىق دەيدىكەنۇ، مەن ئۆزەمنى بېيجىڭلىق دېسەم بولمامدىكەن دەيمەن. ئەينى چاغدا قۇبلايخان بېيجىڭدا سەلتەنەت قۇرغاندا ئوردىدا ئۇيغۇر مەسلىھەتچىلەر، بەگ-سىپاھلار بولغىيدى، چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە ئىپارخانغا ئەگىشىپ بىر مۇنچە ئۇيغۇرلار بۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپتىكەن، 50-يىللاردا بىر تۈركۈم مىللىي كادىرلار كېلىپ، خەي كىيىپ يۈرىدىغان بېيجىڭلىقلار تەرىپىدىن ئاجايىپ ھۆرمەتلىنىپتىكەن. 80-يىللاردىن كېيىن كاۋاپچىلار، 90-يىللاردىن كېيىن ئاقچى، ئوغرى-يانچۇقچىلا ركېلىپ يۈزىمىزنى پوقلىدى. سەۋەب نۇرغۇن، باھانە كۆپ، غەزەبلەندۇق، ئېچىندۇق، ئاخىر يەنە ئۆزىمىزگە يۈزلەندۇق. بۇ شەھەرگە كېلىپ ئوقۇيدىغانلار نەزەرىدە بېيجىڭ كۆڭۈلدىكدەك شەھەر، ئىش-ئوقەت ئىزدەپ كەلگەنلەرمۇ تېگىشلىك نېسىۋىنى ئالالايدۇ، ساياھەت قىلغىلى كەلگەنلەر رازى بولۇپ قايتالايدۇ . ئەمما ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەر ئۈمىدسىز قايتىدۇ. ئادەم قانچىكى ئۆزىدىن يات قەۋم ئارىسىدا، يات مۇھىتتا ياشىسا ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، خۇشاللىقى، كۈلكىسىنى بەك قەدىرلەيدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. خۇسۇسەن، مەن ۋە مېنىڭ بۇرادەرلىرىم گەرچە بېيجىڭدا تۇرغىلى ئۇزاق بولسىمۇ ئۆز يۇرتىدا تۇرغاندەك خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ياشايدۇ، غېرىبلىق دېگەنلەر ئەسلا بىلىنمەيدۇ. ئەمما يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان مەن بۇ خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىقنىڭ قېتىغا ئاللىقانداق بىر ھاماقەتلىك، ئۆزىنى بەزلەش يوشۇرۇنغانمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. تۇرمۇش ئۆز يولىدا كېتىۋەرسۇن، بىزمۇ ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىۋېرەيلى دېگىمىز كەلمىدى. كىملىك بىزنىڭ غۇرۇرىمىز، ئۇ پات-پات ئۆزىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ؛ ئەمما تۇرمۇش بەكلا رىئال ھادىسە، بۇ شەھەردىكى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەنسېرى(ئەمەلىيەتتە بىز بۇ شەھەردە ئاساسىي ئېقىمغا قوشۇلالمايمىز) ئۆز تۇرمۇشىمىزنىڭ قەدرىنى، گۈزەللىكىنى شۇنچە ئېنىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق. ئۆزەمدە گاھىدا زىيادە دۇنياپەرەسلىك، شەھەرپەرەسلىك، قىستاڭچىلىققا ئامراق بولۇش خاھىشى كۆرۈلگەندە «مىللەتتىن چەتنىگەن ياكى مىللەتتىن ھالقىغان ھالدا بېيجىڭلىقلاردەك تەپەككۇر قىلىدىغان بولۇپ قالدۇقمۇ قانداق؟» دەپ گۇمانسىرايدىغان بولۇپ قالدىم. ئەسەرلىرىمدە شۇ خىل تەسىرات، زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەكىس ئەتتى.

10-سوئال: مەن فىروئېيد نىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. ئۇنىڭدا ھاياتلىقنىڭ ئاپىردە بولغان شۇ مىنۇتتىن باشلاپ (ھەتتا بوۋاقنىڭ ئانىسىنى ئىمىشى) ئاخىرقى كۆز يۇمغۇچە بولغان پۈتۈن جەريانىنى جىنسى غىدىقلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىش جەريانى دەپلا تەرىپلەيدۇ. ھايۋانات بەدىنىدىمۇ جىسىي ھورمۇن يوقىسا ھايۋاننىڭ نۇرغۇن ئەسلىي خاسلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.ئېرىك(پىچىۋىتىلگەن قوچقار)،ئۇي(پىچىۋىتىلگەن بۇقا) قاتارلىقلارمۇ جىنسىي ھورمۇنى ئازىيىش سەۋەبىدىن «يات جىنىسلىق تىپداشلىرىغا قاراپمۇ قويمايدىغان» ھالەت شەكىللىندىكەن. ئەمدىكى گەپ، بۈيۈك ئىسلام دىنىمىزدىكى جىنىس نىڭ رولى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن فىروئېيد نىڭ قاراشلىرى ئارسىدا قانداق باغلىنىش (ياكى ئورتاقلىق)بار؟
ئاللاھ تائالا ئادەمنى ياراتتى، پەرىشتە بىلەن جىن-شەيتانغا ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتتى. ئادەمگە كىرگۈزۈلگەن روھنىڭ سىرىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. بۇ روھتا ماددىي تەلەپ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جىنسىي ئاڭ، جىنسىي ئىستەك بار. ئاللاھ ھەزرىتى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەۋۋانى ياراتقاندا ئادەم خۇشال بولدى، ئۇنى يېنىمغا كەل دېدى. شۇندىن بۇيان ئەرلەر ئاياللارنى ئۆز يېنىغا چاقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ گۇمانىچە ئادەم بىلەن ھەۋۋا يېگەن چەكلەنگەن مېۋە دەل جىنسىي ئالاقىدىن ئىبارەت. ئۇ ھالدا ئىككى جىنسنىڭ بىرلىشىشى بەخت دەپ قارالغان بىلەن بۇ بەخت گۇناھ، ئاسىيىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ... خرىستىئانلار «ئەسلى گۇناھ» دەپ ئاتىغان بۇ ئىشقا سەۋەب بولغان ئاڭنى فىروئىد چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ پسخىك ئانالىز نەزەرىيىسىنى تىكلىدى. فرئىد تەۋرات، ئىنجىللارنى ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ، ئۆز تەلىماتىغا دەلىل ئىزدىدى. فروئىد تەلىماتى بىلەن تەۋرات، ئىنجىلدا ئېيتىلغان جىنسىيەتكە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇنىڭ «مۇسا ۋە بىر خۇدالىق دىن» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ بىلىش مۇمكىن. مەن مۇشۇ كىتابنى ئوقۇسام ئاندىن سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلەيمەن.

11-سوئال: مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدە ماۋزۇغا مەخسۇس سەزگۈر سۆزلەرنى ئىشلىتىش خاھىشى بارمىدۇ دەپ ئويلايمەن. توردا تونۇلغان ئىككى ئەسىرىڭىز «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»،«كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» ھەر ئىككىلىسىدە ئاشكارا-يوشۇرۇن ھالدا ئادەمنىڭ ئويىنى شۇ تەرەپكىراق باشلايدىغان سۆزلەر ئىشلىتىلگەن. ئەلۋەتتە، «بوسۇغۇدا ئولتۇرغان قىز»،«كاۋاپچىنىڭ قاۋۇل ئىنىسى»دىگەندەك تىمىلار (ماس كەلسە ئەگەر) ئىشلىتىلسە يەنە مۇشۇنداق تەسىر قوزغىيالىشى مۇمكىنمىدى؟(ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سىز داۋاملىق يەنە مۇشۇ «قىر»نى بويلاپراق ماڭامسىز يە؟)سىزنىڭ بۇھەقتىكى قارىشىڭىز قانداق؟سىزنىڭ ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا ئەسەر ماۋزۇسى جەھەتتە قانداق تەكلىپىڭىز بار؟
يۇقارقى سەزگۈر ماۋزۇ بىلەن«80 خالتا» دىگەندەك تور بەتلەردىكى «توي كېچىسىدىكى ئىشلار»،«18 ياشتىن كىچىكلەر كۆرمەڭلار»... دىگەندەك (بۇنداق تىمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قىتىم سانى باشقىلىرىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئارتۇق) سەزگۈر ماۋزۇلار ئارسىدىكى پەرق قەيەردە؟
مەن باشتا ئېيتتىم، تور ئەسەرلىرىدە مەتبۇئات ئەسەرلىرىدە ئانچە كۆرۈلمەيدىغان بىر خىل جۇشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىك بار. بۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان نەرسە ئەركىنلىك. ۋاھالەنكى بۇ ئەركىنلىك نىسبىي بولىدۇ. مۇشۇ نىسبىي ئەركىن مۇھىتتىن پايدىلىنىپ ئىجادىيەت بوستانلىقىدا بەكرەك يايرىۋالغىمىز كېلىدۇ. شۇڭا مەن «پاچاقلانغان قىزلار»، «سېرىق كۈنلەر»، «ئورۇن بەدەن، سېمىز ھېسسىيات»، «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەندەك ماۋزۇلارنى ئاساسەن ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن قويدۇم، بۇ ماۋزۇلاردا باشقىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدىغان «سېرىق»پۇراقتىن باشقا، ئاز-تولا شېئىرىي پۇراق ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان نازۇك نۇقتىلار بار. «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» رومانىنىڭ پوۋېست قىسمى (ئەمەلىيەتتە روماننىڭ باش قىسمى) «تەڭرتىاغ»ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىدا «ئېچىلىش» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىندى. بۇ ماۋزۇنى مەتبۇئاتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن قويدۇم، مۇھەررىرلەرمۇ توغرا تاپتى. روماننى نەشرگە سۇنغاندا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە يەنە ئۆزگەرتىدىغان گەپ. «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەن ماۋزۇ ھەر ھالدا ئۆتكەلدىن ئۆتتى. دېمەك، تور ئەسەرلىرىنى نەشرگە سۇنغاندا بىر قاتار ئۆتكەللەردىن ئۆتىدىغان گەپ، ماۋزۇنى ئۆزگەرتىدىغان گەپ. چۈنكى مۇھىت ئوخشىمايدۇ، تەلەپ ئوخشىمايدۇ.

12-سوئال: سىز ھازىر شىنجاڭدىكى يازغۇچىلار بەك چىش تىقمىغان ئىككى ساھە (دىن،جىنىس) دە ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىپ،ئىنسان تەبىئىتىدىكى مۇرەككەپ زىددىيەتلىك ھاياتنى يورۇتۇپ بىرىشكە كۈچچەۋاتىسىز. جىنىس تەبىئىي خاسلىققا سەۋەب بولغان بولسا، دىن ئېجتىمائىيەتتىكى تەپەككۇر، ياشاش شەكلى نى شەكىللەندۈرىدۇ. «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دا قىزچاقنىڭ ئامانەتنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشتا «قۇرئان كەرىم»نى سەۋەبچى قىلىسىز. سىز بۇمەسىلىنى ئەسەر يىزىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىپ بولغانمۇ ياكى كىيىن قوشتىڭىزمۇ؟

ئالدىنقى قىتىم زۇلپىقار بارات ئۆز باش «ھاراق سورۇندىن كىيىنكى دۇئا...» دىگەن مەزمۇنلاردا ماقالە ئىلان قىلدى. دىننىڭ ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ پەقەتلا ئاڭسىز «ئادەت» مەسىلىسگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى دەل شۇ بولسا كىرەك.


ھىلىقى ئەرەبنىڭ ئامانەتكە چىقىلالماسلىقى كۆڭلىدە «قۇرئان كەرىم» گە بولغان ئىتائەت بىلەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى ئارسىدىكى زىددىيەتلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇرلىرىمىزدىكى يۇقارقىدەك ئاڭسىز «ئادەت» نىڭ پەرقى بارمۇ؟ئەگەر پەرقى بولمىسا ئۇنىڭ ئىغىر بىر جىنايەتكە(بىلىپ تۇرۇپ) قەدەم باسماقچى بولىشى بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كۈندۈزى يامانلىقنى قىلىۋىرىپ ئاخشىمى خۇدادىن تىلەپ ....مۇشۇ يوسۇندا ھاياتنى تەكرارلايدىغانلار بىلەن يەنە پەرقى بارمۇ؟

ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭى دىنىي ئاڭ بىلەن جىنسىي ئاڭدىن تەركىپ تاپقان دەيدىغان پىكىرلەرگە مايىل ئىدىم، ئويلاپ باقسام، مىللىي ئاڭنى ئۇنداق تومتاق ئىزاھلاش، دائىرىسىنى بېكىتىۋېتىش، مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش، پاسىللارغا ئايرىۋېتىش ئىلمىيلىككە يات تەھلىل، كۆرەڭ كەسكىنلىك، مەمەدانىلىق ئىكەن. مەن ئەسەرلىرىمدە ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە جىنسىي ئېڭىدىكى نازۇك نۇقتىلار، زىددىيەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىشكە كۈچىدىممۇ؟ بۇنى سىز دەۋاتىسىز، ئەمما مەن ئەسەر يېزىۋاتقاندا ئۇنداق چوڭقۇر نۇقتىلارنى ئويلاپ كېتەلمەيمەن. پۈتۈن زېھنىم مەن يېزىۋاتقان مۇھىت ۋە ئادەملەرگە مەركەزلىشىدۇ. كارىۋاتتا كۇسارچان تىترەپ ئولتۇرغان زۆھرە ۋە ئۇنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئەرەب ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇرۇمدىكى سىما، زۆھرەدە مەن ۋىسالىغا يېتەلمىگەن گۈزەل قىزلارنىڭ غۇرۇرى بار، نەپسى قۇتراپ تۇرغان شۇ ئەرەبتە مېنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىم داۋالغۇپ تۇرىدۇ. مېنىڭ روھىم ـــ پۈتۈن دىققىتىم، زېھنىم، ھېسسسياتىم ئۇلارغا تۇتىشىپ كەتكەن. شۇنداق بولمىسا ئەسەرگە چۆكۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى يازالامدىمەن؟ چىنلىقتىن ئەسەر بولامدۇ؟ بىراق مەن يەنىلا زۆھرە ياكى خالىد ئەمەس، خالىد قۇرئاننى كۆرۈپ پەسكويغا چۈشكەندە مەنمۇ پەسكويغا چۈشتۈم، ئويلىدىم: ئۇيغۇر بىلەن ئەرەبنىڭ ئېتىقادى ئوخشاش، پاكلىق مۇقەددەس كىتاب قۇرئانغىلا خاس.
بارلىق پىرسۇناژلىرىمنىڭ بېشىدا ئاساسلىقى ئۆزەمنىڭ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ، دوستلىرىمنىڭ، تونۇشلىرىمنىڭ ياكى بىر كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان كىشىلەرنىڭ ئەرۋاھى ئەگىپ يۈرىدۇ. ئەگەر ئېڭىمدا دىنىم بىلەن جىنسىي ئېڭىمنىڭ توقۇنۇشلىرى غەليان كۆتۈرسە ئەسەرلىرىمدە مۇھەققەق ئەكس ئېتىدۇ. ئەسەرلىرىمدىكى «مەن مەركەزچىلىك خاھىشى»نى، مەندىكى مەخپىيەتلىكلەرنى، مەن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرنى پىرسۇناژلىرىم سىلەرگە گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئېتىقاد-ئىمانىمدىن باشقا مەندە كاتتا ئىدىيە يوق، ئۆزەمدىن بۆلەك تىپىك ياكى قوشۇمچە پىرسۇناژىم يوق. روھىي ئانالىز تەلىماتچىلىرى ئەگەر مېنىڭ ئەسىرىمنى ئوقۇسا ئۇيغۇرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى، دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى ۋە جىنسىيەت پەرھىزلىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلەلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىمۇ كۆپىنچە يازغۇچى-شائىرلار. چۈنكى بۇ ئادەملەر ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى ھەر قانچە پەردازلايمەن دېسىمۇ ھامان بىر يەرلىرىدىن چاندۇرۇپ قويىدۇ. روياپقا چىقارغان ئەسەرلىرى ياخشى دەلىل- ئىسپات بولۇپ بېرىدۇ.
ئۆز ئېتىقادىغا ئاسىيلىق قىلىش، گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھەممە مۇسۇلمانلاردا تېپىلىدىغان ئىللەت. ئەمما خالىدنىڭ قۇرئاننى كۆرۈپ نەپسىنى يىغىۋېلىشىدا ئىپادىلەنگەن زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ئۇيغۇرنىڭ ھاراقنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان مۈجمەل روھىي ھالىتىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، بېيجىڭدىكى ئەرەبلەر تەۋھىد (بىر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك) ئەقىدىسىنى چىڭ تۇتىدىغان، ئەمەلىي ئىبادەتلەرگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان خەق بولۇپ، ئادەتتە پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ ياشاپ يۈرگەن بىلەن رامىزان ئېيىدا تەقۋالىق قىلىپ ئاللاھتىن گۇناھىنى تىلەيدۇ. قىزىققانلىقى، شەھۋەتتە ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردەك توختىماي سورۇن قۇرۇپ ھاراق ئىچمەيدۇ، پەقەت خۇشبۇي چىلىم چېكىدىغان ئادىتى بار. ئۇلار تاماق يېگەندە چوشقا گۆشى بولمىسىلا باشقا ھالال نەرسىلەرنى «بىسمىللاھ» دەپ يەۋېرىدۇ. بىزلەر چوشقا گۆشى كىرىپ قالغان ھەر قانداق يەردىن قوي گۆشى، توخۇ گۆشى بولسىمۇ يېمەيمىز، ئەمما چوشقا گۆشىگە ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىمىز. ئىمان-ئىسلامغا يات بۇ قىلمىشنى، ئاڭدىكى بۇ قاباھەتنى سىياسىيغا، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە كەيپىياتقا تاقاپ قويۇش بىلەن ئۆزىمىزنى ئاقلايمىز. بۇ مۈجمەللىك چۈشكۈن مىللەتنىڭ تىپىك روھىي ھالىتى. بۇنى ئارتۇقچە تەھلىل قىلىش كەتمەيدۇ. بۇ بىر رېئاللىق. ئەسەرلىرىمىزدە، ماقالىلىرىمىزدا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەش ئەمەلىيەتتە قۇرۇق ئەزۋەيلەش. ھاراقنىڭ ئېشەك سۈيدۈكى ئىكەنلىكىنى، ئادەمنى پەسلەشتۈرىدىغانلىقىنى كونىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى دەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن ئادەملىرىمىز ئۇنىڭدىن ھېلىغىچە قول ئۈزەلمىدى ھەتتا كۆپىيىپ كەتتى. كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭدا ھاراقنىڭ بۇسى ھېلىمۇ سېسىق پۇراپ تۇرماقتا، بۇنى بىر بولسا كەسكىن ئىمان، بىر بولسا ئۆلۈملا يوقىتالايدۇ.

ئۆگىنىش:
13-سوئال: مۇمكىن بولسا ئوزىڭىزنىڭ ھەج سەپىرى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، مۇشۇ ھەج ھەققىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسەتلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئوتكەن بولسىڭىز. بىزنىڭ بۇيەردىكى ساددا خەلقىمىز ھەج قىلىش ئۇچۇن بەكلا پۇچۇلىنىپ كىتىپ بارىدۇ…
دۆلەت ھەر يىلى گوۋۇيۈەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى مۇسۇلمانلارغا سان تەقسىملەپ تەشكىللىك ھەجگە ئۇيۇشتۇرۇۋاتىدۇ، ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە 1000، 2000 ئادەم ئۆمەك بولۇپ ھەج قىلغان بولسا، ھازىر 10 مىڭدىن كۆپ ئادەم ھەجگە تەشكىللىنىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. مانا بۇ يىل 13مىڭدەك ئادەم ھەجگە بارىدۇ، بۇ ساننىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا بېرىلگەن سان 3 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ سان ھەر يىلى ئەمەلىي ئەھۋالغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ساننى شىنجاڭ مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ھەر قايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلارغا تەقسىملەيدۇ، ۋىلايەتلەر ناھىيىلەرگە، ناھىيىلەر يېزىلارغا سان بېرىدۇ. شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنى شىنجاڭ مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تەشكىللەيدۇ، ئىلگىرى شەخسىي پاسپورت بىلەن ھەجگە چىقىدىغانلار كۆپ ئىدى، ئۇلار ھەرەمدە خىلمۇ خىل مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەچكە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئورتاق كېڭىشىپ ، تەشكىللىك ھەجنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، تارقاق ھەجنى چەكلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداق قىلىپ2006-يىلدىن باشلاپ تارقاق ھەج قىلىش ئاساسەن توختىدى. سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى دۆلەتتىن ھەج ۋىزىسى ئېلىپ بارماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا بەرمەسلىكنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، باشقا دۆلەتتىن ھەجگە بارماقچى بولغانلارنىڭ يولى ئېتىلدى.
شاھادەت ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ئەقلى ھوشى جايىدا، ساغلام، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلماننىڭ ھەممىسىگە ئورتاق پەرز، ئەمما زاكات بىلەن ھەج شەرتلىك پەرز قىلىنغان ئىبادەت بولۇپ، قول ئىلكىدە بار، شۇ ئەمەلنى قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان مۇسۇلمانلارغىلا پەرز. ئۆز ھاجىتىدىن ئاران چىقىدىغان پېقىرغا زاكات كەلمىگەندەك، ئۆز ئائىلىسىنى ئاران قامداۋاتقان، شارائىتى تەس مۇسۇلمانلارغا ھەج قىلىش چوقۇم ئورۇنلاشقا تېگىشلىك پەرز ئەمەس. بىز بۇنى ژۇنىلىمىزدا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر، نوپۇزلۇق شەرىئەت ئەھكاملىرى ئارقىلىق كۆپ تەكىتلىدۇق، ئىماملارمۇ مەسچىتلەردە بەلكىم تەبلىغ قىلغاندۇ، ئەمما جامائەتلىرىمىز يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىۋەردى، ئادەتتىكى كۈندىلىك ھاياتىدا تەقۋالىق، ياخشىلىقتا بەسلىشىشنىڭ ئورنىغا يۈز-ئابرۇي، ھەشەمەتچىلىك، داغۋازلىقتا بەسلەشتى. يېقىندا قەشقەردىن بىر خەت كەلدى، ئاپتور بۇ خېتىدە «قەشقەردە قىز چىقىرىش، ئوغۇل ئۆيلەشتىمۇ ھاجىملىق نوپۇزى شەرت قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى، قۇدىلىشىپ بولغانلار ئارىسىدىمۇ ھاجىم بولالمىغان بىچارىلەر پەگادا خارلىنىپ قالدى» دېگەن مەزمۇندا خەت يېزىپ، كىشىنى ئېچىندۇرغىدەك مىساللارنى كەلتۈرۈپتۇ. ئاڭدىكى قاباھەت، يامان ئادەتلەردىكى بۇ زۇلۇملارغا چىداۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىگە ئاپىرىن! يۈز-ئابرۇينى ھاجىملىققا تاقاپ قويىدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسى شۇنچىلىك پۈچەك، شۇنچىلىك كۈلكىلىك ئىكەنكى، قارىماققا ئازراق پۇل تېپىپ ياكى قەرز ئېلىپ بازارغا بېرىپ بىر تون كىيىپ كېلىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغان ھاپپازغا ئوخشايدۇ. بىر-بىرىنى مەسخىرە قىلىش كىشىگە زۇلۇمدۇر، ئۆزىنى رەسۋا قىلىدىغان بەتتەر ئىشتۇر، ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان قىلىقتۇر. خەقتىن قەرز ئېلىپ، پارىخورلارنىڭ نەپسىنى تويغۇزۇپ ئاندىن ھەجگە بېرىپ، ھەجنىڭ قائىدىلىرىنى ئۇقماي، نامازغىمۇ چىقماي ياتاقتا ئۇخلاپ ئاندىن ھەجنى تۈگەتتۇق دەپ كېرىلىپ بارغان رىياكار ھاجىلارنىڭ ھەجى مەقبۇل بولارمۇ؟ مەقبۇل بولغان ھەجنىڭ ئالامىتى شۇكى، ھەج قىلىپ قايتقان ھاجىنىڭ روھى بىر قېتىم پاكلىنىدۇ، ئىمانى كۈچىيىدۇ، ياخشى ئىشقا بۇرۇنقىدىن بەك ئالدىرايدۇ، غاپىللىق، مەغرۇرلۇقتىن ساقلىنىپ تېخىمۇ كەمتەرلىشىدۇ، نامازلىرىدا كەئبىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك چىن ھېسسىياتتا ئاللاھنى ياد ئېتىپ يىغلايدۇ، كىشىلەرگە كەمتەر بولىدۇ، ئاجىزلارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ…
شۇڭا دەيمىزدىكى، ھەج قىلىش پۇلى ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان بايلارغا، شارائىتى بارلارغا پەرز، تاپقىنى ئۆزىدىن ئاشمايدىغان ياكى قەدىر ئەھۋال ياشاۋاتقان، ئىقتىسادى يار بەرسىمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بارالماي قالغانلارغا ھەجنى پەرز دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنداقلا كۈندىلىك ئەمەللىرىنى جايىدا قىلىپ، ھەر كۈنى ئاللاھنى زىكرى قىلىپ، ياخشى ئىشلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ ساۋاب تاپسا تامامەن بولىدۇ. قوشنىسى ئاچ-زار يىغلاۋاتقان ھالدا پۇلنى قوينىغا تۈگۈپ، ھاجىلىق شەرىپىگە يېتىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقانلار ھەقىقىي ئىمان، تەقۋالىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ ، كاتتا ئەمەلنىڭ يالغۇز ھەج قىلىشلا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتسە ئىدى،ئىشنىڭ ئەۋزىلىنى بۇرۇن قىلىپ، ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ساۋاب تېپىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بولاتتى.
”مەككىگە بارسىمۇ ئېشەكتۇر ئېشەك“ دېگەندەك ئاھانەتلەر بىكار ئېيتىلمىغان، بەزى پۇرسەتپەرەسلەر ھەجگە بېرىپ كېلىپ، بۇرۇنقىدىن بەتتەرلىشىپ كەتكەن گەپ. ھەج پائالىيىتى بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالمىسا، ئۇنى بۇرۇنقى يامانلىقلىرىدىن توسۇپ ياخشى ئادەم قىلالمىسا دېمەك ئۇنىڭ ھەجى بىر قېتىملىق ئابرۇي قوغلىشىش سەپىرى بولۇپلا قالىدۇ، شۇنچە پۇل خەجلەپ، شۇنچە جاپا تارتىپ ھاجى بولۇپ كەلگەندىكىن ئۇنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلغۇسى كېلىدۇ. بارچە ئىللەت، ۋەسۋەسە، قارىغۇلارچە بەسلىشىش ئەنە شۇنداق مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان، ئىسلامنى تەقلىدىي ئەمەس، ھەقىقىي چۈشىنىدىغان، جەمئىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدىغان، نېمىنىڭ ھىدايەت، نېمىنىڭ زالالەت ئىكەنلكىنى بىلەلەيدىغان، ناچار ئېقىمغا ئەگەشمەي ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرالايدىغان ھوشيار، غۇرۇرلۇق، ئەقىللىق مۇسۇلمانلىرىمىز كۆپەيسە، جەمئىيىتىمىزدىكى بۇ ئېرىماس داشقال ئىللەتلەر، ئازغۇنلۇقلار، بىر-بىرىگە قىلىندىغان زۇلۇملار ئازايغان بولاتتى.

ئىلقۇت:
14-سوئال: سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى سىزنىڭ ئائىلە كىشىلىرىڭىز (ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىل) قاتارلىقلار ۋە سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ كۆرمەسلىكىگە ئىشەنمەيمەن. سىز ئۇلارنىڭ سىزنى خاتا چۈشىنىشىدىن ئەنسىرىمەمسىز؟ سىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئايالىڭىز كۆرسە (مېنىڭچە كۆرىدىغۇ دەيمەن، ھەر كۈنى كەچتە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يېزىش بىلەن ئاۋارە بولسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ دىققىتىنى ئەلۋەتتە قوزغاپ قويىشىڭىز مۇمكىن) ئايالىڭىز سىزنىڭ ئەسىرىڭىزگە قارىتا باشقا پىكىردە بولمامدۇ؟ باشقا پىكىردە بولسا سىز قانداق قىلىسىز؟ سىزنىڭ بۇنداق جىنسىيەت تېمىسىدا ئەسەر يېزىشىڭىزغا ئائىلە كىشلىرىڭىز تەرىپىدىن بېسىم كېلەمدۇ يوق؟ مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
بىر نەرسە يازىدىغان ئادەم ئادەتتە ئۆز يېقىنلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۆيدىكىلەر مېنى ئەسەر بىلەن بىللە باھالىمايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ نەزەرىدە يەنىلا رىئاللىقتىكى ئادەم، يازغانلىرىمنى بەزىدە مەسخىرە قىلىمەن، بەزى ئەسەرلىرىمنى ئېلان قىلسام، بەزىلىرىنى ئۆزەمنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆتمۈشنى ئەسلىشىم ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويىمەن، ئۆزەملا ئوقۇيمەن. مۇرەككەپ جەمئىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن بەزى ھېسسىياتىمنى يوشۇرسام، بەزىلىرىنى چىنلىقنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاشكارىلايمەن، يوشۇرغانلىرىممۇ، ئاشكارىلىغانلىرىممۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ، كونىرايدۇ، يوقىلىدۇ.

كۈمۈش ئوق:
15-سوئال: مۇمكىن بولسا بىزنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىمىزدىكى خاتا قاراشلار توغىرسىدا يەنىمۇ كۆپرەك توختىلىپ باقسىڭىز. يەنىمۇ كونكېرتراق قىلىپ ئېيتقاندا مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم: سىز دىيارىمىزدا تۇيۇقسىز ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ۋاھابى ئېقىمىغا قانداق قارايسىز؟ ئۇنىڭ بۇنداق تېز تارقىلىش سەۋەبلىرى ۋە پايدا-زىيىنىغا ئۆز قارىشىڭىزنى دەپ باقسىڭىز. ئەگەر جاۋاب بېرىشنى ناقولاي كۆرسىڭىزمۇ توغرا چۈشىنىمەن.
ئىسلام ئېتىقادىمىزدىكى خاتا قاراشلار ھەققىدە توختىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە ئېغىز غېرىچلاپ باققۇم كېلىدۇ. ئەزھەر ئالىي ئوقۇلىدا ئوقۇۋاتقان بىر بۇرادەر «جەمئىيەتنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم دىننىمۇ چۈشەنمەيدۇ» دەپ بەزى مىساللارنى كەلتۈرۈپ غەيۋەت قىلدى، «بەزىلەرگە دىنىي ئوقۇش زىيان قىلىدىكەن» دېدى. سۆزلىرىدىن «ھەقىقەت» چاقناپ تۇرمىسىمۇ ھەر ھالدا كىشىنى ئويغا سالىدىكەن. دەرۋەقە، دىن ئوقۇيدىغانلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تار، بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز بولۇپ قالسا بۇ مۇبارەك ۋە بۈيۈك دىن ئۇنىڭ زېھنىدا تەقلىدىي چۈشەنچە بولۇپ قالىۋېرىدۇ، پەلسەپەنى بىلمىسە تەۋھىد ئىلمىدە چوڭقۇرلىشالمايدۇ، جەمئىيەتشۇناسلىقتىن خەۋىرى بولمىسا فىقھى مەسىلىلىرىنى چۈشىنىپ بولالمايدۇ ھەم ئىجتىھاتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق قىلماقچى بولسا ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ روھىغا بىنائەن ئوتتەك ئىشىياق ۋە يۈكسەك ئىرادە بىلەن دىن ئۆگەنمىسە بۇ دىن ئۇنىڭ زېھنىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ-دە، ھورۇن، لايغەزەل تالىپقا ئايلىنىدۇ. كىمكى بۇ دىنغا ئىخلاس قويماي، تىرىكچىلىك ياكى ئابرۇي-ئىناۋەتنى بەكرەك قوغلاشسا دىن ئۇنىڭ دەسمايىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئىلمىنىڭ تايىنى ھالدا مەمەدانلىق قىلىدۇ، ۋەز ئېيتىدۇ، خاتا پەتىۋا بېرىدۇ.
مەن شۇنداق ئويلايمەن. ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ئىنساننىڭ فىترەت-خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى زات بولغاچقا فىترەت دىنى بولغان ئىسلامنى ئەڭ توغرا دىن، مەقبۇل دىن دەپ بېكىتتى. ئاللاھ بۇ دىننىڭ ھەق، توغرا دىن ئىكەنلىكىنى قۇرئاندا ئېنىق ئېيتتى. ئەمدى شۇنى ئوقۇپ ھەزىم قىلىدىغان زېھنىيەت، شۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالايدىغان قەلب كېرەك. بۇنىمۇ ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ. بەزى ئادەم ئۇ دۇنياغا ئىمان كەلتۈرۈپ ئۇنى مۇھىم دەپ بىلىپ ياشىسا، نۇرغۇن ئادەم بۇ نەق، رېئال دۇنياغا بەكرەك بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئاتا قىلغان تۇغما قابىلىيىتىمىز، تەبىئىتىمىز، مىجەزىمىز دىنىي ئېتىقادىمىزنى بەرپا قىلىشىمىزغا، دىننى چۈشىنىش ئىقتىدارىمىزغا ، تەقۋادارلىق دەرىجىمىزگە ۋەسىلە بولغىنىدەك، ئېتىقادىمىزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن خاراكتېرىمىز، كۆڭۈل خاھىشىمىز، ۋە ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. روھنىڭ سىرىنى ئاللاھ بىلىدۇ، قەلبلەرنى ئاللاھ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.
قارايدىغان بولساق، ئەقىدە ۋە ئەمەل-ئىبادەتتە چىڭ يول تۇتقان، مۇرەسسە-مادارا ۋە مۆتىدىللىككە ئەسلا يول قويمايدىغان ئۇلىمالارنىڭ ياكى ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مىجەزى چۇس، خاراكتېرى كەسكىن. تەقۋالىقتا بەك ئېشىپمۇ كەتمەيدىغان، بەزى سەۋەنلىك ۋە يەڭگىللىكلەرگە يول قويىدىغان ئۇلىمالارنىڭ مىجەزى مۇلايىم، مۆتىدىل. ئېتىقادتا بەك كەڭ يول تۇتقانلارنىڭ خاراكتېرى مەيلىخۇش، ئېتىقاد پرىنسىپى كىشىنى گۇمانغا سالغۇدەك دەرىجىدە ئەركىن. دىيارىمىزدا بۇ ئۈچ خىل تىپتىكى موللا ۋە جامائەتنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ. قىياسىمچە، ۋاھابىلار بىر ئاز كەسكىن، بۇلار ياشلار ئىچىدە كۆپرەك. بۇلار قىزىققان، سەپرا، ھەممىنى ئىسلاھ قىلىپ يېڭىدىن بىر ۋەزىيەت بەرپە قىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك. مۆتىدىللەر پېشقەدەم دىنىي زاتلار ئىچىدە كۆپرەك. بۇلار كۆپنى كۆرگەن، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. قانداقلا بولسۇن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد ئەنئەنىلىرىنى بىزگىچە يەتكۈزۈپ كېلەلىگەن. ئۇلارنى قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىش مېنىڭچە تۇزكورلۇق. زىيادە كەڭ يول تۇتۇۋالغانلار، دىندىن ئۆزىگە ئەركىنلىك ئىزدىگۈچىلەر زىيالىيلىرىمىز، ئۆزىنى ئۇقۇمۇشلۇق ھېسابلىغۇچىلار ئىچىدە كۆپرەك تېپىلىدۇ.
نۇرغۇن داڭلىق ئۇلىمالىرىمىز ۋاپات بولدى، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىچىدە جامائەت ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك، ھەممە ئېتىراپ قىلغۇدەك ئۇلىمالارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ياشلار مىسىردا ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە ئوقۇۋاتىدۇ؛ بەزىلىرى قايتىپ كېلىپ يېڭىدىن سەپكە قوشۇلۇۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە جامائەتنى خاتا كۆز قاراش ۋە يامان ئادەتتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇھىم . باشتىكى سوئالدا ھەج ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتۇق، بۇ ھەقىقەتەن ئاۋامنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى ئىش بولۇپ قالدى. ئېتىقاد توغرىلانمىسا، چۈشەنچىلەر ئايدىڭلاشمىسا، ئىشنىڭ ئەۋزىلىنى ئىلگىرى قىلىش تەقەززاسى تۇغۇلمىسا قارىغۇلارچە ئابرۇي قوغلىشىش ئۈچۈن ھەج قىلىدىغان ئىش تۈگىمەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنى داۋاملىق تەكىتلەش كېرەك. يەنە نۇرغۇن بىدئەت ئىشلار بار، بۇنى بىرمۇ بىر تىلغا ئالساق ئۇنى توغرا دەيدىغانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايمىز. مەسچىتلەردە ياكى سورۇنلاردا كىملەرنىڭ خاتا سۆزلەۋاتقانلىقىنى، كىملەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ جامائەتنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى، كىملەرنىڭ كونا«قائىدە»نى توسۇش تۈگۈل يېڭى قائىدىلەرنى چىقىرىپ سېلىقنى ئاۋۇتۇۋاتقانلىقىنى ، كىملەرنىڭ سورۇن تالىشىپ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىنى، كىملەرنىڭ «تالاق» باھانىسىدە جۇۋانلاردىن نەپسىنى قاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، خۇپىيانە خوتۇن تۇتۇۋالغانلىقىنى، كىملەرنىڭ ئەمەلدارلار بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ ئىماملىق ھوقۇقىغا ئېرىشىۋېلىپ، جامائەت نارازى بولۇپ تۇرسىمۇ ئىمام بولۇپ تۇرىۋەرگەنلىكىنى… بىز بىلمەيمىز. ئەمما شۇنداق ئىش بار دەپ ئاڭلايمىز، ئېچىنىمىز، قاقشايمىز. موللا دېگەن شۇ، ئىچى تار، ھەسەتخور، تاماخور بولىدۇ دېيىشىدۇ ھاراقكەش زىيالىيلار. موللىلارنى ھازىر ھۆكۈمەت بەك باقىدۇ، بىزدىن بەك ئەتىۋارلىق بۇ خەق. چۈنكى ھۆكۈمەت ھازىر ئىقتىسادنى ئەمەس، مۇقىملىقنى بەك تۇتىدۇ دېيىشىدۇ سودىگەر-ھۆپىگەرلەر. ھېچ تائىپىگە تەۋە بولالماي، قورساق بېقىش بىلەن ئۇھسىنىپ ئۆتىدىغان دېھقانلار قىشتا مەسچىتلەرنى ئاۋات قىلىپ، يازدا ئۇخلاپ ئۆتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ جامائەت غەپلەتتە قالمايدۇ، ھالال ياشايدۇ. كاززاب، ھورۇن، تەمەگەر موللىدىن رىزقىنى ئاللاھتىن تىلەيدىغان مېھنەتكەش دېھقان ياخشى.

بىدار قۇتلان:
16-سۇئال: «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» ناملىق ئەسىرىڭىزنىڭ يانفۇن كىتابىنى ئىشلەش جەريانىدا، ئىشلەتكەن تىلىڭىزدىنلا ئەمەس، يازمىلىرىڭىزدىكى چىكىت، پەشلەرگىچە ئەستايىدىل قويۇلغىنىدىن، سىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا كەسپىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، ئۇنىڭغا بولغان مىھرى – مۇھەببىتىڭىزنىڭمۇ ئالاھىدە يۇقىرىلىقىنى ھىس قىلدىم. سىز ھازىرقى تىل – يېزىق كومېتېتى بىكىتكەن، چەتئەل سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشتىكى ئىملا قايىدىسىگە قانداق قارايسىز؟
ئىملايىمىزدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بىز ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئىملا ئۆگەندۇق. شۇنداقتىمۇ كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ئىملاسى تۈزەلمىدى. مەنمۇ مۇشۇ ۋاققىچە تەھرىرلىك، كوررېكتورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن، يەنىلا لۇغەت ئاختۇرىمەن. 1996-يىلى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژۇرنىلى تەھرىراتىدا ئىشقا چۈشكەن ۋاقتىمدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ تۈزۈلگەن ئۈچ ئىملا لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ باقتىم. بىلىشىمچە، بىرىنچى قېتىملىق ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈشتە تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى تىلشۇناسلىرىمىز مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى ئاساس قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ شۇ بويىچە ئىش كۆرگەن. سۆزلەر مەيلى تەلەپپۇز ياكى تۈرلىنىش داۋامىدا ئۆزگەرسۇن، ئەسلى ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان. چەت ئەل ۋە خەنزۇ تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر ئىمكانقەدەر ئۆز ئەسلىسى بويىچە ئېلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق تۈزۈلگەن ئىملا لۇغىتىدە يەنىلا مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ ئاساس قىلىنغان بولسىمۇ، تەلەپپۇزغىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. مەسىلەن، بۇرۇن موزايبېشى، ئەدەب، كۇتۇبخانا دەپ يېزىلىدىغان سۆزلەر موزايۋېشى، ئەدەپ، كۇتۇپخانا دەپ يېزىلغان. چەت ئەل ۋە خەنزۇ تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر ئاساسەن بۇرۇنقىدەك يېزىلىدىغان بولغان. ئۈچىنچى قېتىملىق ئىملا لۇغىتىدە ئۆزگىرىش خېلى زور. بولۇپمۇ چەت ئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر ئىمكانقەدەر تەلەپپۇزغا يېقىنلاشتۇرۇلغان: مەسىلەن، ئىلگىرىكىسى: ئايرودروم، ئورىگىنال، باكالاۋر، دىنوزاۋر، كوئوردىنات، پسىخولوگىيە، رامزان، پىرئون، رۇسۇل، رۇسۇلىللا
توغرىلاپ بېكتىلگىنى: ئايرودۇرۇم، ئارگىنال، دىنازاۋۇر، كوردىنات، پىسخولوگىيە، رامىزان، پىرئەۋن، رەسۇل، رەسۇلىللا. («ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»، 7-بەت)
مېنىڭچە، مۇشۇ ئۇسۇل توغرا، ئۇيغۇر تىلىغا سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىمكانقەدەر تەلەپپۇزغا يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇنى ئىملالىق يېزىشمۇ قىيىنغا توختىمايدۇ.
ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ قوشۇلۇپ يېزىلىشى ھادىسىسىغا كەلسەك، مېنىڭچە بۇ ئۇيغۇر تىلىغا سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپلۈكى ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، خەلق، خەير-ئېھسان (ئەرەبچە)، دوست (پارسچە)، ئۇنىڭدىن باشقا رۇسچە ئارقىلىق كىرگەن گروي، براك(مال) دېگەندەك سۆزلەرمۇ بار. تىلدا گرامماتىكا بىر قەدەم مۇقىم بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، فونېتىكا، لېكسىكا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشىدەك غەيرى ھادىسىدىن ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «ف، ژ» تاۋۇشلىرى ئەسلىدە بارمىدى ياكى كېيىن رۇسچىنىڭ تەسىرىدە كىرگەنمۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ بار. ”ف“ ئەسلىدە بار بولسا نېمىشقا ئەرەبچىدىن كىرگەن ”فائىدە، فەزل، ئەفزەل“ دېگەندەك سۆزلەردىكى ”ف“ بىزدە ”پ“ ياكى ”ۋ“ غا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؟ ”ژ “ تاۋۇشى رۇسچىدىن كىرگەن بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئاژۇن“ دېگەندەك سۆزلەر ۋە ھازىر قەشقەر، ئاتۇشتا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ژۇندا، ژىلان… دېگەندەك سۆزلەرنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ تىلىمىزغا كىرىپ كەتكەن بۇ غەيرى ئېلىمېنتلار ئىملادا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىملا لۇغىتى تۈزگەن مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن، ئەسلىدە توغرا يېزىش مۇمكىن بولغان سۆزلەرمۇ ئىملادا كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان سۆزلەرگەئايلىنىپ كەتكەن: مەسىلەن، چىۋەر (ئىملادا چېۋەر)، ئەبگا (ئىملادا ئەبگار)، باقىۋەندە (ئىملادا باقىمەندە)، دوستلۇق (ئىملادا دوستلىق)، باتارىيە (ئىملادا باتارېيە)، خىروئىن (ئىملادا خېروئىن)… 100 ئۇيغۇرنى تەلەپپۇز قىلدۇرسا 99 ئادەم چىۋەر، ئەبگا…خىروئىن دەيدىغان سۆزنى چېۋەر، ئەبگار، خېروئىن (مەنچە بولسا بۇنى خىرويىن دېسە يازماق تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ) دەپ قىيىنلاشتۇرۇپ يېزىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بۇرۇندىن شىنجاڭ دەپ تەلەپپۇز بويىچە ئاددىيلاشتۇرۇپ يېزىپ كېلىۋاتقان سۆز يېڭى تۈزۈلگەن لۇغەتتە شىنجياڭ دەپ يېزىلىدىغان بوپتۇ. بۇرۇن نەشر دەپ يېزىلىدىغان سۆز ئىككىنچى قېتىم تۈزۈلگەن لۇغەتتە نەشىر دەپ ئېلىنىپ، بۇ قېتىم يەنە نەشر دەپ يېزىلىدىغان بوپتۇ. شۇ ۋەجىدىن مۇشۇ بىر سۆزنىڭ ئىملاسىنىلا ئارىلىقتا نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇق.
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى ئاساس قىلغىنى توغرا، مۇشۇنداق قىلمىسا ئورتاق ئەدەبىي تىلدىكى بەزى سۆزلەر خاتا تەلەپپۇز ياكى يەرلىك شېۋە بويىچە يېزىلىپ قالىدۇ، خاتا تۈرلىنىپ قالىدۇ، يازغان سۆزلىرىنىڭ يىلتىزىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، ئاقىۋەت تىل بۇزۇلۇشى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، قوشنا دېگەن سۆز «خوشنا» دەپ يېزىلسا «قوشنا» سۆزىنىڭ يىلتىزى بولغان «قوش»، يەنى قوشماق، يېقىن دېگەن مەنىلىرى چىقماي قالىدۇ. «كۆرۈنۈشى» دېگەن سۆز «كۆرىنىشى» دەپ يېزىلىپ قالسا «كۆرۈنۈش» دېگەن يىلتىزدىكى كۆر— كۆرۈن—كۆرۈنۈش دېگەن مورفېمىلىق تۈرلىنىشلەرنى پەرق ئەتكىلى بولماي قالىدۇ.
«ئەمدى» دېگەن سۆز بەزى كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە «ئەندى» دەپ يېزىلسا، «قارىسىلا، كىم ئۇ» دېگەن سۆز قەشقەر شېۋىسى بويىچە «قايلىسىلا، چىم ئۇ» دەپ يېزىلىپ قالسا ئەدەبىي تىلنىڭ بىردەكلىكىگە تەسىر يېتىدۇ(ئەدەبىي ئەسەرلەدە يەرلىك پۇراقنى چىقىرىش ئۈچۈن شېۋىلەرنى قوللىنىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا).
ئەمما مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى بەك تەكىتلەپ تۇرۇۋالغاندا، بولۇپمۇ چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئەسلىسىگە سادىق ھالدا يېزىشتا چىڭ تۇرۇۋالغاندا ئىملادا زور قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ، ئۇ سۆزلەرنى ئىملالىق يېزىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆگەنمەي بولمايدۇ. مەسىلەن:

ئاپتوبىيوگرافىيە
ئاپتوتىرانسفورموتور
ئاپېلسىن
ئاتمۇسفېرا
ئاسسىمىلياتسىيە
ئاسترونومىيەلىك
ئاسسىستېنت
ئاسپىرانت
ئاسپىرىن
ئېلېكتىرون
ئېنېرگىيە
….
يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئىمكانقەدەر ئۇيغۇر تەلەپپۇزىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ يېزىش كېرەك دەپ قارايمەن. تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى مۇتەخەسىسلەر يېڭى تۈزۈلگەن لۇغەتتە ئىشلىتىش چاستوتىسى يۇقىرى بەزى سۆزلەرنىلا تەلەپپۇزغا يېقىنلاشتۇرۇپ توغرىلىغان. باشقا نۇرغۇن سۆزلەر تېخى ئەسلىگە سادىق ھالدا بىزنىڭ لۇغەت ئاختۇرۇشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇلارنى ئىنگىلىز تىلى سۆزلۈكلىرىنى يادلىغاندەك پىششىق يادلاپ يېزىش كېرەك. بولمىسا مانا مەن دېگەن زىيالىيلىرىمىزمۇ ئۇنى ئوڭلاپ يازالمايدۇ.ھېلىمۇ ياخشى ئۇيغۇر سوفېت شىركىتى ئەلكوررېكتور يۇمشاق دېتالىنى پەيدا قىلدى. مۇشۇ دېتال جىق ئىشىمىزنى ئاسانلاشتۇردى. بۇ دېتال گەرچە ھەممىگە قادىر بولمىسىمۇ، چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىملالىق يېزىشىمىزدا چوڭ رول ئوينىدى.
لۇغەت تۈزمەك ئاسان ئەمەس، تىلشۇناسلارنىڭ، لۇغەتچىلەرنىڭ جاپاسىنىمۇ چۈشىنىمىز، ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. بىراق تىلشۇناس مۇتەخەسىسلىرىمىز كۆپرەك تىل تەكشۈرۈپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، بىرلىككە كەلتۈرىدىغان سۆزلەرنى جەزمەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قالايمىقانچىلىقنى ئازايتقان بولسا، تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى.

17-سۇئال: بىزدە دىن ئەھلى پەننى ئۆگەنمەسلىك، پەن ئەھلى دىنىنى تەتقىق قىلماسلىقتەك بىر-بىرىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقان تەڭپۇڭسىز ئىككى قۇتۇپلۇق ئىنسان توپى شەكىللىنىگلىك، ھەر ئىككى ئىلىمدە ئوقۇغان زىيالىلار يوقنىڭ ئورنىدا، سىز ئىشلەۋاتقان ئورنىڭىزغا يارىشا ئىتىقاتلىق ساناقلىق زىيالىلىرىمىزدىن بىرسى ھېساپلىنىسىز، ئىتىقات، ئەقىدىنىڭ دەرىجىسى ھەركىمدە ھەرخىل بولىشى مۇمكىن.
سىزدىكى ئاشۇ ئىتىقات ئاتائانىڭىزنىڭ تەسىرى بىلەن بۇرۇندىنلا شەكىللىنىپ بولۇنغانمۇ ياكى خىزمەت ئورنىڭىزدىكى ئەبزەل شارايىتتا تەدرىجى چۇڭقۇرلاشقانمۇ؟ پەرزەنتلىرىڭىزنى تەربىيىلەشتە بۇ جەھەتتە ھازىر قانداق ئامال قىلىۋاتىسىز؟
مەندىكى ئېتىقاد ئەڭ بۇرۇن بوۋام، مومام، ئاتا-ئانام، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىم، ئەتراپىمدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن. ھەممەيلەن ئومۇمەن ئۆزىنى مۇسۇلمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ، ئەمما ئائىلە بىلەن ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. 50-يىللاردىن كېيىنكى مېڭە يۇيۇش دولقۇنىدا، ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەردە، بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئىنقلابىدا ئېتىقادىدىن چەتنەپ كەتكەن ياكى ئىمانى سۇسلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بار. بۇلارنىڭ تولىسى ئىسلام دېسە بېشى ئاغرىيدۇ، دىننى خۇراپاتلىق بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋالىدۇ. ئىمان ئېتىقادنىڭ جاندەك، ناندەك، سۇدەك، ھاۋادەك مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ ياكى تولىمۇ كېچىكىپ چۈشىنىدۇ، جان ھالقۇمغا كەلگەندە كەلىمە تەييىبەگە ئاغزى كەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملىرىمىزنى يوق دېيەلمەيمىز. بەزى پەرزەنتلەر تېخىچە شۇ خىل ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىسىدىن، شۇ خىل ئاسارەتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتە. ئاتا-ئانىسى شۇنداق بولسىمۇ كېيىن ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن توغرا يول تاپقان پەرزەنتلەرمۇ بار. ئاتا-ئانا قانداق بولسا بالىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ۋاھالەنكى، ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. دادام مېنىڭ نەزەرىمدە تەقۋا، سۆزمەن، ئاق كۆڭۈل، جەسۇر كىشى ئىدى. كومپارتىيەگە ئۇزۇن ئىشلەپ ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدىمۇ نامازنى تاشلىمىغان، ئاپاممۇ مەن بىلسەم ئىزچىل تەقۋالىق بىلەن ياشاپ كەلگەن ئايال ئىدى. ئۇلار ئىككىسى ياش ۋاقتىدا مەدرىستە بىللە ئوقۇغاندا تېپىشىپ قالغانىكەن. بۇ مۇھەببەت، بۇ رىشتە ئىمان بىلەن باغلىنىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ نىكاھلىق تۇرمۇشىمۇ ئېتىقاد، ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان تۇرمۇش بولغاچقا 40 يىل بىللە ئۆي تۇتۇپ بىز توققۇز بالىنى سالامەت قاتارغا قوشتى. ھازىر ئويلىسام بۇلار ماڭا بىر مۆجىزىدەك، گۈزەل رىۋايەتتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى بىز ھازىر بىر بالىنىمۇ ئوڭلاپ باقالمايۋاتىمىز، خوتۇن بىلەن قېرىغىچە ئۆي تۇتۇشنى غايىۋى ئىشتەك ئويلاۋاتىمىز. كېيىنچە ماڭا ئايالىمنىڭ تەسىرى زور بولدى، ئىمان، ئىسلام مەسىلىلىرىنى تەقلىدىي يوسۇندا ئەمەس، ئۆز ماھىيىتى، ھېكمىتى بويىچە چۈشىنىشكە تىرىشتۇق. تۈركىيەدە ئوقۇش ۋە تۆت قېتىملىق ھەج سەپىرى جەريانىدا ئىسلام بىلىملىرىگە باشقىچە ھېرىسمەن بولۇپ كەتتىم. رومان ئوقۇشقا بۇرۇنقىدەك قىزىقماس بولدۇم، ئەدەبىيات ئاشىقلىقى يۈرەكنى پات-پات ئۆرتەپ تۇرسىمۇ دىندا ئىلىملىك بولۇش غايەمدىن زادى ۋاز كەچمىدىم. پاساھەتلىك ئەرەب تىلىنى يېرىم-ياتا بولسىمۇ ئۆگەندىم، قۇرئاننىڭ بىر پارىسىنى يادلىدىم، يېڭى سۈرە ئۆگىنىپ ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن نامازلاردا تەكرار قىلغىنىمدا بۆلەكچە جۇشقۇنلىشىپ كېتىمەن. دىننى ئەڭ يۈكسەك مەۋقەگە قويۇپ، ئىشقىمىزنى، مېھرىمىزنى بېرىپ ئۆگەنگەندە ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىغاندا ئاندىن ئىمان ھالاۋىتىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. دىننى شۇ دىن پېتى دوگما ئۆگەنگەندە ۋە چۈشەنگەندە ئۇنى بىر قاتار ئەمرى مەرۇپ ۋە ئۆزى قىلالمايدىغان نەسىھەتتەك ھېس قىلىدىغان گەپكەن. بەزى موللىلار نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقى، ئىلمىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئىجتىھاتقا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئىسلامنى خۇنۇك، بىچارە كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىسلام دىنىمۇ پرىنسىپتىن چەتنىمىگە ئاساستا ئىجتىھاتقا يۈزلىنىدۇ دەپ قارايمەن. ھارغىن، ئەسنەك، تەمەگەر موللىلارنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىدىغان چاغلارمۇ كېلىدۇ.
مەن پەرزەنتىمگە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئەقىدىلىرىنى چۈشەندۈردۈم، خۇدا، جىن، پەرىشتە ھەققىدە سورىغانلىرىغا ئۇنىڭ چۈشىنەلىشىچە جاۋاب بەردىم، ھەر ھالدا ئاڭقىرالىدى. ئۇيغۇرچە ساۋادى چىققاندا «دىنىمنى ئۆگىنىمەن» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇتىمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن.

نەزەرى:
18-سوئال: ئەرەبلەرنىڭ ئومومى ھالىتىدىمۇ ھاراققا بىرىلىش مۇشۇنداق ئىغىرمۇ؟ئۇلارنىڭ قانۇنلىرىدا دىننىي ئۆلىمىلارنىڭ دىننىي بىلىمى قاتارلىقلارغا تەلەپ باشقىلاردىن يۇقىرىمۇ؟ئۇلارمۇ دۆلىتىمىزدىكىدەك مەخسۇس يۇقىرى مائاش بىلەن ھۆكۈمران سىنىپنىڭ دىپىنى چىلىشقا ئىشلىتىلەمدۇ؟
بىلىشىمچە، ئەرەبلەردە ھاراققا بېرىلىش ئېغىر ئەمەس. مەن كۆرگەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھاراق ئىمپورت قىلىش، ھاراق سودىسى قىلىش ۋە ھاراق ئىچىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. باشقا ئەرەب ئەللىرىدىكى ئەھۋالنى ئۇقۇپ كەتمەيمەن. ئىرانغا بارغانلارنىڭ دېيىشىچە ئىراندىمۇ ھاراق چەكلىنىدىكەن. مىسىرغا بارغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىي مېھمانخانىلاردا ھاراق تىزىپ قويۇلىدىكەن. دۇبەي ئايروپورتىنىڭ بازىرىدا ئۈزۈم ھارىقىنى كۆردۈم. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەرەبلەر قۇرئاننىڭ كەسكىن ھۆكمىگە بىنائەن ھاراقتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. ھاراقتىن كۆرە ئۇلار چىلىم چېكىشكە ئامراق. مەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 7 ئاي تۇرۇش جەريانىدا ئەرەبلەرنىڭ چىلىم بىلەن كەيىپ قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم، كاتتىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئاساسەن چىلىم بولىدىكەن، ئىشخانىلىرىدىمۇ چېكىدىكەن، بىر قېتىم بىزگە ھاجىلار تۇرىدىغان بىنالارنى كىرالاپ بېرىدىغان بىر ئەرەب خوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەك ئۇ ھەدەپ بىر رېزىنكە تۇرۇبىنى شوراۋېتىپتۇ، قارىساق چىلىمكەن، گېرمانلار پىۋىنى تۇرۇبىلىق قىلىۋەتسە، بۇلار چىلىمنىمۇ تۇرۇبىلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. ئىشقىلىپ، ئادەم دېگەن بۇ مەخلۇق كەيىپتىن مەستخۇش بولمىسا ياشىيالمايدىغاندەكلا… ھېلى ھاراق، ھېلى تاماكا، ھېلى نەشە، چىلىم، خىروئىن..
ئەرەبلەر ھاراقتىن كەيىپ قىلىشنى يامان كۆرگەچكە گۇلاب سۈيىدىن چىلىم چېكىشكە ئادەتلەنگەن بولسا كېرەك. بېيجىڭدىمۇ ئەرەب ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئەرەبلەر ئۆزئارا يىغىلىشسا چىلىم چېكىدىكەن. بۇلار ئەتىر، گۇلاب قاتارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرگە شۇنچىلىك ئامراقكى، خۇشبۇي نەرسىلەردىن زادىلا ئايرىلمايدۇ.

19-سوئال: ئەرەب ئەللىرىگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز خىلى كۆپ.3-،4 – ئەۋلادلىق بولۇپ قالغان ئەرەبىي ئۇيغۇرلارمۇ خىلى بار دەپ ئاڭلىدۇق. بولسا شۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئازراق تونۇشساق دىگەن ئويدىمەن.ئۇلارنىڭ ئەھۋالى(سىياسىي،مەدەنىي،ئىقتىسادىي) سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياخشىمۇ؟
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى راست، ئەمما ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن. مەككىدە ئوقۇۋاتقان بۇرادەرلىرىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئەرەبچە سۆزلىشىدىكەن، ئەرەبلەردىن قىز ئالاي دېسە ئۇلار ئاسانلىقچە بەرمەيدىكەن، شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزئارا تويلىشىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئەرەبتىن قىز ئېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز سەئۇدى ئەرەبسىتان نوپۇسىغا ئۆتەلمەيدىكەن، ئەمما بالىسى نوپۇسقا ئېلىنىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، دەسلەپتە بارغان ئۇيغۇرلار ئەرەبلەرگە نۇرغۇن مەدەنىيەتنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەن. پولو ئەتسە ئۇنىڭ مېزىلىك پۇرىقىنى پۇراپ قالغان ئەرەبلەر ئاتلىق كېلىپ قازان بىلەنلا ئاشنى كۆتۈرۈپ كېتەتتىكەن. ناننىمۇ ئۇيغۇرلار تونۇتۇپتىكەن. بۇ ئاش-تاماقلارغا ھازىر بېنگاللىقلار، پاكىستانلىقلار ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ. 40-يىللاردا سەئۇدى ھۆكۈمىتى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى نوپۇسقا ئالماقچى بولغاندا (چۈنكى ئۇ چاغدىكى ھۈنەرۋەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتى يۇقىرى ئىكەندۇق) ئۇلار بىردىنلا ۋەتىنىنى سېغىنىپ، بۇ يەرگە يەرلىشىپ قالساق كېيىن ۋەتەنگە قايتالماي قالىمىز، دەپ ئويلاپ نوپۇسقا ئۆتمەي تۇرغانىكەن. كېيىن «گومىنداڭ يوقىلىپ گۇڭسەنداڭ ھاكىم بوپتۇ، ئۇلار موللىلارغا ئۆچ ئىكەن، ھەممە مۈلۈكنى، ھەتتا خوتۇنلىرىنى ئورتاق قىلىدىكەن » دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ، قايتىشتىن ئۈمىد ئۈزۈپتۇ. كېيىنچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نوپۇس سىياسىتى چىڭىپ كېتىپتۇ، نوپۇسقا ئۆتىلى دېسىمۇ ئۆتەلمەپتۇ. كېيىن بۇلارنىڭ تەۋەلىكى سۈرۈشتۈرۈلگەندە، قولىدا پاسپورت بولۇش، ئىقامىتى بولۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا ئۇلار ئامالسىز ئۆزلىرى ئۆزبېكىستان گراژدانى قىلىۋاپتۇ. شۇڭا بۇلار ھازىرغىچە بۇخارىيلار دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇلار ئەسلىدىنلا ئۆزلىرىنى ئالتە شەھەردىن چىققان مۇسۇلمان دەپ قاراپ كەلگەچكە، «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتاقنى كېيىنرەك ئاڭلىغان ۋە قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ مىللىي ئېڭىدىن كۆرە مۇسۇلمانلىق ئېڭى كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئۆزبېك بولسىمۇ ھەممىسى ئوخشاش مۇسۇلمان، مىللەتچىلىكنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىسا كېرەك. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن، مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا سەل قارىغانلىقىدىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بېنگاللىقلار جېنىدا بالىلىرىغا مەكتەپ ئاچالىغان يەردە ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىل-يېزىقىنى ئۆگىتىدىغان مەكتەپ ئاچالماپتۇ. يەرلىك ئەرەبلەر ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ باشقا قەۋمدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرمىسا ئۇلار ئادەتتە بۇ مەسىلىنى بەك ئويلاپ كەتمەيدىغاندەك. ئۇلار يەرلىك، ئىمتىيازلىق ئەرەبلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ئۇلارغا قوشۇلالماي كېلىۋېتىپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئەرەبلەردەك باي، باياشات ياشاش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ.
تېلېفونخانىدا ئولتۇرساق بىر چار ساقال كىردى، بۇ زېمىنغا 3 يېشىدا كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەن، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىدى، ئەمما سۆزلىرى پۈتۈنلەي غەيۋەت ۋە سەت گەپ. ئۇ مەككە، مەدىنە، تائىفتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆكۈشكە باشلىدى، «بۇ گۇيلاردا رەھىم يوق، بىر-بىرىنى يۆلىمەيدۇ؛ ئېسىڭلاردە بولسۇن، بىر-بىرىگە رەھىم قىلمىغان خەققە ئاللاھمۇ رەھمەت قىلمايدۇ…» دەپ قايناپ كەتتى، ئاندىن بىزگە نەسىھەت قىلىپ بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئەجەپ ۋىجدانلىق ئادەم ئىكەن بۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام، ئارىمىزدا بىرەيلەن: «بۇنىڭ بىلەن تەڭ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنى بۇ ئادەمدىن ئوبدان، بۇ ئادەم كۆرەلمەسلىكتىن تىللايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمۇ چاغلىق» دېدى. قىسقىسى، ئادەم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەر خىل رول ئېلىپ باقىدىكەن، باھالىغۇچىلارمۇ ھەر خىل بولىدىكەن. بىز ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنمىز. ھېچكىمنى ئالدىراپ چۈشەنگىلىمۇ بولمايدىكەن، مەن مەككىدە كۆرگەن يەنە بىر يەرلىك ئۇيغۇر تائىفتا تۇرىدىكەن، مەككىدە سودا قىلىۋاتقان بالىلارغا دۇكان ئېلىپ بېرىپ، ئابرۇي-ئىناۋەت بىلەن كېرىلىپ يۈرىدىكەن. يۇرتىغا بېرىپ كەپتۇ. يۇرتىغا بارسىمۇ مەككىنى سېغىنىدىكەن. شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان كونا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، تىجارەتچىلەر، چوڭ بايلار بولۇپ، ئەڭ كاتتىسى ئابدۇغوپۇر ئەمىن كاشغەرى دېگەن ئادەم ئىكەن، ئىتالىيىدە مەخسۇس بايلار ئۈچۈن ئاياغ تىكىدىغان زاۋۇتى بار ئىكەن. مەككىگە بارغان ئۇيغۇرلار جىددە شەھىرىگە بېرىپ ئۇدۇل شۇ ئادەمنى ئىزدىسە قۇرۇق قول يانمايدىكەن، ھېچ بولمىسا ئېتىۋار باھالىق ھۆججەتكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ ئۇ كىشىنىڭ قارىمىدىكى ئاياغ دۇكىنىغا كىرسە ئەسلى باھاسىنىڭ يېرىمىغا داڭلىق ئاياغلارنى ئالايدىكەن. ئۇ كىشى غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتىنى سېلىشقا پۇل ئىئانە قىلغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قىلىۋاتقان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىمۇ خېلى بار ئىكەن.

ئەنقا:
20-سوئال: سىزنىڭ شەخسى بلوگىڭىز (تور تۇرايىڭىز) http://erturk.yanbilog.cn ۋە بىلىكتىكى ئەزالىق نامىڭىزدىن سىزنىڭ شىنجاڭ تىل-يېزىق كومىتىتى ئېلان قىلغان ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمىي جەمئىيىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەربلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن، سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان جايلاردا (تور نامى، ئېلخەت، QQ دىكى پاراڭلار، ھۆججەت نامى…) لاتىن ھەربلىرى بىلەن يېزىشقا توغرا كەلسە چوقۇم ئۆلچەمگە بويسۇنۇش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى بىلگەنچە ئىپادىلىسە بولامدۇ؟
نۆۋەتتە تورلاردا، تېلىۋۇزۇر ئېلانلىرىدا، ئۈن-سىن بويۇملىرىدا كۆرۈلىۋاتقان تىلىمىزنى كەمتۈك ئىپادىلەۋاتقان لاتىنچە يېزىقلارغا قارىتا قانداق پىكرىڭىز بار؟
مېنىڭچە چوقۇم «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەربلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى»گە ئەمەل قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ لايىھە بىز بىر مەزگىل يېڭى يېزىق دەپ ئۆگىنىپ 20 يىلدەك ئىشلەتكەن لاتىن يېزىقى بىلەن ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە. تىل دېگەن توختاملىق بەلگە، بىر ھەرپتە شۇ بىر توپ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق كېلىشىمى بار. شۇڭا ئۆزى بىلگەنچە ھەرپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ئالاقىدە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ. كەمتۈك، ناتوغرا ئىشلىتىلىۋاتقان لاتىن ھەرپلىرى ھامان مەسخىرىگە قالىدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ، شاللىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق ۋاستىدە تاللايدىغىنى توغرىلىق، ئىخچاملىق، گۈزەللىك. يېزىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

21-سوئال: سىزنىڭ تور ئەدەبىياتىغا تۇتقان پوزىتسىيىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم، يېڭىدىن تور ئەدەبىياتىغا كىرىشكەن تورداشلارغا ۋە تور دۇنياسىغا بىتەرەپلىمە قارايدىغان دوستلارغا دەيدىغان قانداق كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بار؟
تور ئەدەبىياتىغا قىزىقىۋاتقان ياشلار ھامان يېڭى بىر گۈللىنىش ۋەزىيىتى يارىتىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەزىز ئىمىر يانغىن، مۇڭداشىم، بەرگىيە…قاتارلىق بىر قانچە تور يازغۇچىلىرى بار، مۇشۇ سۈرئەتتە تىرىشىدىغان، ئىزدىنىدىغان، ئىرادىسىدىن يانمايدىغان بولسا پات پۇرسەتتە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالايدۇ. تور يازغۇچىلىرىدىكى قىزغىنلىق ۋە ئىشتىياق مەتبۇئاتقا ئەسەر يوللايدىغانلاردىن ھەرگىز كەم ئەمەس. شۇغىنىسى، ئەستايىدىللىقنى تەكىتلەش كېرەك، قىزغىنلىق بىلەن بىرگە كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىنىش، ئىزدىنىش مۇھىم. ئاندىن بىر ئەسەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، نادىرلىققا يۈزلىنىش لازىم. ئىجادىيەت خاسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش، خاسلىق دەۋاسىدىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، تەقلىدتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق ھەر بىر يازغۇچى ئۆز دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىشى لازىم. تور ئەدەبىياتىدا مەتبۇئات بېشىدىكى تەھرىرلەرنىڭ خاھىشىغا باقىدىغان ئىش يوق، شۇڭا نىسبىي ئەركىن روھىي ھالەتتە يېزىقچىلىق قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئىسمى جىسمىغا لايىق تور ئەدەبىياتىمىز شەكىللىنىدۇ ھەم راۋاج تاپىدۇ.

گۈلەن:
22- سۇئال: سىز تۈرك چاغداش ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەدىپ ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات»، «مېنىڭ ئېتىم قىزىل» (بۇ گەرچە كېيىن باشقىلارنىڭ نامىدا قايتاتەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ) قاتارلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدىڭىز. سىز تەرجىمە جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سىز ئوقۇغان ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قانداق ھىسسىياتقا كەلدىڭىز؟
بۇ يەردە بىر پو ئېتىۋالاي: پېقىر ئورخان پامۇكنى ئۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشمەستىلا بايقىغانمەن، ھەم «يېڭى ھايات»نى 2004-يىلدىن باشلاپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىغانمەن. مەن پەقەت «يېڭى ھايات»نى تەرجىمە قىلدىم، «مېنىڭ ئېتىم قىزىل»نى توختى تىللا تەرجىمە قىلدى، مەن تەرجىمە قىلغاننى باشقىلار قايتا تەرجىمە قىلغان ئىش يوق. مەن بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز مۇئەييەن دەرىجىدە چوڭقۇرلۇققا، نادىرلىققا يۈزلىنىشى كېرەك ئىكەن دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەنىدىم. ئورخان پامۇك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئارىمىزدا «ئورخان پامۇك قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلگەندە بۇ چۈشەنچەمنىڭ ھەر ھالدا توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم. چوڭقۇرلۇق دېگىنىمدە بىلىم، تەپەككۇر كەڭلىكى، بەدئىي دىت ۋە ئوقۇرمەنلەر ساپاسىنى كۆزدە تۇتىمەن. يەنە شۇلارنى دېگۈم كېلىدۇ: شائىر ئادىل تۇنىياز تەرجىمە نۇسخىنى ئەڭ باشتا كۆرگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، روماندىكى لېرىك كەيپىياتنىڭ تولىمۇ قويۇقلۇقىنى، ئەسەرنىڭ بېشىنى ئوقۇغاندىلا كىشىگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شائىر مۇختەر بۇغرامۇ ماڭا : بۇ رومان ئەمەس، بىر شېئىركەن دېگەن. غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىغا چۆككەن ۋە بىزگە ساۋاق بەرگەن پەرھات تۇرسۇن، تاھىر ھامۇت قاتارلىق كەسىپداشلارمۇ بۇ روماننىڭ ئۆزگىچىلىكى، تەرجىمىسىنىڭ ياخشى چىققانلىقى ھەققىدە پېقىرغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك يوسۇندا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتتى. يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى «يېڭى ھايات» نى ئوقۇپ، «بىزدىمۇ تۇرسۇن مەخمۇتتەك يازىدىغانلار بارغۇ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ئورخانىغا نەقەدەر ئوخشايدۇ» دېگەن تەسىراتقا كەپتۇ. ئۇيغۇردا ئەدەبىيات ئاشنالىرىدىن، تەتقىقاتچىلاردىن 3000 ئادەم بار دېسەك، بۇ رومان ئاللىبۇرۇن سېتىلىپ تۈگىگەن بولسا بولاتتى، ئەمما ئەھۋال ئۇنداق ئەمەسكەن. بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بازار ئەھۋالى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن ئوقۇرمەنلەر ساپاسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ بۇ ماڭا ئايان ئەمەس. ئىشىنىمەنكى، بۇ رومان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر يېڭىلىق، تۈركىيىدىن كەلگەن يېڭى ھاۋا، يېڭى ئۆرنەك. ئەلۋەتتە توختى تىللا ھاجى تەرجىمە قىلغان «مېنىڭ ئېتىم قىزىل» رومانىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئورخاننىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككى رومانى ئاللىقاچان تاۋارغا ئايلىنىپ كەتتى، مەنىۋىيەتچىلەر ئۇنىڭدىن قانچىلىك نەپ ئالالىدى، بۇ ھەقتە ھېچكىم بىر نەرسە دېمىدى، دېمەيۋاتىدۇ. ئاخىر ئۆزەم بىر تۈركنىڭ «يېڭى ھاياتنى چۈشىنىش» دېگەن ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلدىم، ئالقىشلاندى.

23-سوئال: سىز ئورخان پامۇكتىن بىرەر نەرسە ئۆگەندىم دەپ ئويلامسىز؟ ئۆگەنگەن بولسىڭىز قانداق نەرسىلەرنى؟
مەن ئورخان پامۇكتىن ئەدەبىياتقا بولغان ئەسەبىي ئىشتىياقنى، رومان ئىجادىيتىگە بولغان ئۆزگىچە مەپتۇنلۇق ۋە پىداكارلىقنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ ئۇزۇن-ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ ئۆزىدىكى مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇلارنى ئايانماي ئىپادىلەيدىغان جاھىلللىقى، قاراملىقى، نازۇكلۇقىغا ھەيران قالدىم، زوقلاندىم، (ئەمما مەن ئۆز ئىجادىيىتىمدە ئۇزۇن، چۈشىنىكسىز جۈملە ئىشلىتىشنى خالىمايمەن). ئۇنىڭ توختىماي ئۆگىنىش، ئىزدىنىش روھى، ئىجادىيەت مۇساپىسىنى پەللىمۇ پەللە مۇۋەپپەقىيەتكە يېتەكلەشتەك جاسارىتىگە قايىل بولدۇم. قىسقىسى، مەن ئۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۆگەندىم، ئۆزى بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە ۋە سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.

24-سوئال: سىزنىڭ تۇركىيە چاغداش يازغۇچىلىرىدىن يەنە كىملەرنىڭ كىتابلىرىنى ياقتۇرىسىز؟ ئۇيغۇر كىتابخانلارغا كىملەرنى تەۋسىيە قىلىسىز، نېمە ئۈچۈن؟
ئورخان پامۇكتىن باشقىلىرىنى بىلىپ كەتمىدىم، ئەخمەت ئالتان دېگەن بىر يازغۇچىنىڭ «ئالداش» دېگەن بىر ئەسىرىنى ئوقۇغانىدىم، قارىسام سەل سېرىق رومانكەن، ئەمما يېزىش ماھارىتى قالتىسكەن. ھازىرقى زامان تۈرك ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچىلار «تۈركىيە يازغۇچىلىرى قامۇسى»دا تولۇق تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، ئۇلارنى بۇ يەردە كىتابتىن ئېلىپ تىزغۇم كەلمىدى، چۈنكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇماي تۇرۇپ يازغۇچىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. رىشات نۇرى گۈنتېكىن، ياشار كامال، ئەزىز نەسىن، ئۆمەر سەيفىدىن، كەرىمە نادىر قاتارلىقلاردىن باشقىلىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز. شۇڭا ھازىرچە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئورخان پامۇكتىن باشقا ھېچكىمنى تەۋسىيە قىلالمايمەن. خەلقىمىزگە يەنىلا «چالىقۇشى»، «مەمەت ئاۋاق»، «ئۆكسۈش»… قاتارلىق نادىر رومانلار يارايدۇ. خەلققە يارىغىنى ئەلۋەتتە بىزگىمۇ يارايدۇ…

25-سوئال: تۈرك زىيالىرى ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزگە مەدەنىيەتلەرنىڭ دىيالوگىدا ياشايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە قانداق ئەكىس ئەتكەن؟ بۇنى سىز ئورخان پامۇكنى مىسال قىلىپ جاۋاپ بەرسىڭىز ئاسانراق توختايدۇ. (بۇ مېنىڭ تەلىپىم، مۇنبەرداشلار يەنە تىللاپ كەتمىگەي)
تۈركىيە لائىكلىق (دىن بىلەن سىياسىي ئايرىۋېتىلگەن) تۈزۈمدىكى بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى مۇسۇلمان بولغاچقا ئىسلام ئېڭى ۋە ئىسلام ئەخلاقى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭگەن. شۇنداقتىمۇ ھەر خىل ئېقىم، مەسلەككە تەۋە ئادەملەر ناھايىتى كۆپ. ئوڭچى، سولچى، ئىسلامچى، مىللەتچى…تۈركلەر بىر ئائىلىدىكى جېدەلخور تازلاردەك سوقۇشۇپ يۈرسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئەپلىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ چوڭ جەھەتتىكى ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلگەچ، تىرىكچىلىكىنى قىلىپ، ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىۋېرىدۇ. بۇ ھادىسە ئەلۋەتتە شۇ جەمئىيەت قوينىدا ياشاۋاتقان ھەم جەمئىيەتتىن ئىلھام ئالىدىغان يازغۇچىلارغا مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈركىيە پىكىر قىلىش ۋە ياشاش ئۇسۇلىدا دېموكراتىيەگە يولغا قويغان دۆلەت، يالاڭباشتاق قىزلار بىلەن ياغلىق ئارتقان قىزلار بىر يەرگە كېلەلەيدۇ، سولچى بىلەن ئوڭچى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشالايدۇ، ئىسلامچى بىلەن مىللەتچى ئاغىنە بولۇپ ئۆتەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاساسەن رېئاللىق ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشكە تىرىشىدۇ ھەم شەخسنىڭ خاراكتېرىگە، تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، يول قويىدۇ: مۇسۇلمان بولساڭ شۇنىڭغا لايىق ياشىشىڭ كېرەك، دىنسىز بولساڭمۇ ئۆزەڭگە، ئاللاھ سېنى شۇنداق ياراتقانكەن، شۇنداق بولۇشۇڭ تەبىي، دىنغا دۈشمەنلىك قىلمىساڭلا ساڭا رادىكاللىق بىلەن زەربە بېرىشنىڭ ئورنى يوق… دەپ قارايدۇ، تىنچلىقتا بىللە ياشايدۇ. تۈركىيە يازغۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار، پەندە يېتىشكەن مۇتەخەسىستىن تارتىپ دىندا يېتىشكەن موللىغىچە بىر-بىرىدىن ئۆتكۈر زىيالىيلار قوشۇنى بار. ئورخان پامۇك دەل شۇنداق مۇھىتتا يىلتىز تارتىپ، كۆكلەپ مېۋە بەرگەن بىر يازغۇچى، ئۇنىڭ غەربكە مايىللىقى ئېنىق، ئەسەرلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا ئىنتايىن گەۋدىلىك. ئەمما ئۇ ئۆزىنى دىنسىز دېمەيدۇ، تۈركلەرنىڭ تارىخىغا، بولۇپمۇ ئوسمانلى ئېمپېرىيىسىنىڭ تارىختىكى تەڭدشسىز سەلتەنىتىگە ئاجايىپ مەپتۇن، ئىسلام مۇھىتىدا گۈللەنگەن شەرق پەلسەپىسى ۋە ئەدەبىياتىنى غەربلىكلەرنىڭ كۆزى ۋە تەتقىقات مېتودى بويىچە كۆزىتىشكە ماھىر. بۈگۈنكى ئىستانبۇل تارىختىكى خەلقئارالىق ئورنىنى، جەزبىسىنى يوقاتقىنى يوق، ئۇ ھېلىمۇ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تۇتاشقان جايى، خىلمۇ خىل مەسلەك، ئېقىم، بىلىم، سەنئەتنىڭ جەمگاھى، مۇشۇنداق بۈيۈك شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئورخان پامۇك مەدەنىيەتلەرنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تارىخ، پەلسەپە، شېئىرىيەتكە باغرىنى كەڭ ئېچىپ، ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە لېرىكىغا تۇيۇنغان نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئەدەبىياتىغا باشقىچە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. بىزنىڭ تۈركىيە زىيالىيلىرىدىن، جۈملىدىن ئىلغار پىكىرلىك يازغۇچىلىرىدىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز ئاز ئەمەس. تۈركىيە ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچى بىزگە تېخى ئەمدى بىلىنىۋاتىدۇ، بىزنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان «كۇردلار ۋادىسى»، «ئازابلىق ھايات»، «ئادانالىق چاكىر» دېگەن تۈركىيە فىلىملىرىمۇ تۈپ ئاساسىدىن شۇ ئەدەبىياتنىڭ جۇلاسى.

26-سوئال: ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ھازىرقى مەدەنىيەتلەر دوقىرىشىۋاتقان دەۋردە راستىنلا تورداشلار دېگەن رىياللىق- ئەمەلىيەتنى يېزىۋاتامدۇ، ياكى ئۆزى رىياللىق دەپ قارىغان، ياكى ئارزۇ قىلغان سوبىكتىپ رىياللىقنى كۆپرەك يېزىۋاتامدۇ؟ سىزچۇ؟
جاۋاب: ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىلگىرى قارا قويۇق ئوقۇيتتىم، ھازىر ئاساسەن ئوقۇمايمەن، ئوقۇساممۇ ئۆزەم قىزىقىدىغان قەلەم ساھىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمەن. يۈزەكى قارىشىمچە، ئۇلار يەنىلا رىئاللىقنى يېزىۋاتىدۇ، توغرىراقىنى ئېيتقاندا ئۆزلىرى رىئاللىق دەپ بىلگەن ئىشلارنى يېزىۋاتىدۇ. ھەر كىم ئۆزى ئارزۇ قىلغان سۇبيېكتىپ رىئاللىقنى يازسا بۇ رومانتىزىم بولىدۇ، ھازىر بىزدە بۇنداق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئاساسەن يوق. چۈنكى ھازىر خىيالىي گۈزەللىكتىن كۆرە رىئاللىقتىكى بىمەنىلىك، پاجىئە ۋە ئازابلار ئادەمنى بەكرەك قىزىقتۇرىدۇ، چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزىدىنمۇ ئېغىر كۈنگە قالغانلارنىڭ ھالىدىن، پالاكەتكە يولۇققانلارنىڭ شور پېشانىلىقىدىن تەسەللىي تاپىدۇ، ياكى شۇ ھالدىن ئۆزىگە بىر ئورتاقلىق، ھېسداشلىق ئىزدەيدۇ. تراگېدىيە قىسمەن بولسىمۇ ۋىجداننى تەسىرلەندۈرىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ دەردى بار، شۇڭا ھەممە ئادەمدە تراگېدىيە ئېڭى بار، بۇ ئاڭ ئەدەبىياتتىكى چىنلىقنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەنمۇ رىئاللىقنى يازىمەن، ئەمما بۇ رىئاللىق مۇمكىنچىلىك ئىچىدىكى رىئاللىق، ئۇنىڭغا ھېسسىيات جۈر بولىدۇ.

27-سوئال: «سىز رىياللىقنى يازغان ئەسەر» ياخشى ئەسەر، «ئېچىپ-كۆرسەتكەن ئەسەر ئېسىل ئەسەر» دېگەندەك ئىبارىلەرگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: رىئاللىقنى يازغانلىكى ئەسەرنىڭ ھەممىسى ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، مەسىلە، ئۇنىڭ يازغىنى قانداق رىئاللىق، تۇرمۇشتىكى نەق ئىشلارمۇ؟ يالغانچىلىق ئىچىدىكى رىئېللىقمۇ (يەنى توقۇلما رېئاللىقمۇ؟)، ياكى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان رېئاللىقمۇ؟ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان رېئاللىق يالغانچىلىق ئىچىدىكى چىنلىقنى، يازارمەن بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدىكى تۇيغۇ بىرلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. يازغۇچى مەۋجۇدىيەت، ھادىسە ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، بۇ ئادەتتىكى ۋەقەلىك توقۇشقا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. مەن ھازىر مۇشۇ ئۇسۇلنى ياقتۇرىمەن. ئېچىپ كۆرسەتكەن ئەسەر دېگىنىڭىزنى پاش قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئەسەر دەپ چۈشەندىم، بۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە زوقمەنلىرى بار. ئەمما مۇھىم بولغىنى ئەدەبىي ئىستېدات، يەنى ئۇنى قانداق يېزىش ماھارىتى. يازغۇچى ھامان كايىغۇچى، زارلانغۇچى، يوشۇرۇن تىللىغۇچى، قەلب جاراھەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسەتكۈچى، كىنايە قىلغۇچى، مەسخىرە قىلغۇچى… ۋاھالەنكى بۇنى قانداق ئىپادىلەش باشقا بىر مەسىلە. شۇڭا ئەدەبى ئىجادىيەت مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىپادىلەش سەنئىتى.

28-سوئال: سىز ئەسەر يازغاندا نېمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازىمەن، دېگەنگە كۆپرەك باش قاتۇرامسىز ياكى بۇ تېمىنى قانداق يازىمەن دېگەن نوقتىغىمۇ؟
جاۋاب: بۇ تېمىنى قانداق يازىمەن دېگەن مەسىلىنى بەك ئويلىشىمەن. چۈنكى يازاي دەۋاتقان تېمىلىرىم خېلى كۆپ، ئەمما ئۇنى قانداق يېزىش، قانداق ئىپادىلەش مەسىلىسى ئالدىمنى توسۇپ تۇرىدۇ.

29-سوئال: يازغۇچى ئوقۇرمەننى يېتەكلەش كېرەك، ئوقۇرمەننىڭ زوقلۇنۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك دېگەن سوزلەنمىلەرگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: يازغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقلىنىش سەۋىيىسىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ھۆددە قىلالمايدۇ. بىلىم، ساپا دېگەن مائارىپ، تەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش، ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتتىكى ئىلمىي كەيپىياتمۇ ناھايىتى مۇھىم.

30-سوئال: ھازىر شەيىئىلەرنىڭ لوگىكىلق، پەننىي تۈرگە ئايرىلىشىدىن باشقا كۈلتۈرەل تۈرگە ئايرىلىشىنىڭمۇ بارلىقى ئىتىراپ قىلىنىۋاتىدۇ. (ھازىر مىللىي بوتانىكا…دېگەندەك ئۇقۇملار پەيدا بولدى ) مەن بىر ماقالەمدە بۇنى چالا دەپ ئۆتكەن. يەنى ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىدىن، جەمئىيەتكىچە ھەممە نەرسىگە ئۆز كۈلتۈرىنى تامغىلايدىكەن. سىزچە يازغۇچىلار بولۇپمۇ سىز ئۇيغۇرنى يازغاندا مۇشۇنداق نەزەرىيلەرگە مۇھتاج بولامسىز؟ بۇلارنى بىلىشنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگە قانداق ئەھمىيىتنى بار دەپ قارامسىز؟
يېزىقچىلىققا ئەلۋەتتە ئۇنىۋېرسال بىلىم كېرەكلىك ، يازغۇچى توختىماي بىر نەرسە ئۆگىنىشى، كونا- يېڭى ئىلىم ۋە ئېقىملاردىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى كېرەك، بولۇپمۇ دىن، پەلسەپە، پىسخولوگىيە، تىلشۇناسلىق، ئىستېتىكا… بىلىملىرىدىن ساۋادى بولۇشى كېرەك. بىلىمىسىزنىڭ ئۆزىمۇ، سۆزىمۇ پۈچەك بولىدۇ. بىلىم بىزگە تەپەككۇر كەڭلىكى ئاتا قىلىدۇ، سالماق، ئىلمىي پىكىر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. «مېنىڭ ئېتىم قىزىل» دېگەن روماندا تارىخ ۋە ەسساملىققا ئائىت نۇرغۇن بىلىم بار. مىللىي بوتانىكا دېگەندەك يېڭى كۈلتۈر ئاتالغۇلىرىنى سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن، پىشمىغان نەزەرىيە ياكى ئىلىم تارماقلىرىغا ھۆكۈم قىلغۇدەك مادارىمىز بولمىسا ئۇنى ئاڭلاپلا قويساق بولىدۇ، ئۇلارنى كونكرېت ئىجادىيەتكە تەتبىقلاش مەسىلىسىە كەلسەك، بۇنداق زۆرۈرىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى كېيىنكى ئەمەلىيەت بەلگىلەيدۇ.

31-سوئال: ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ بىر قانچە يەردە قەۋرىسى بولىدۇ، بۇ شۇ خەلقنىڭ قەلبىدىكى زاماندىن، ماكاندىن ھالقىغان يادنامە تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (بۇنى تارىخىي ئەس تەتقىقاتى دەيمىز) ئەمدى بۇنى رىيالىققا تەدبىقلىساق، ئۇيغۇرنىڭ قەلبدىكى يۇرتىمىز رىياللىقى بىلەن خەنزۇنىڭ قەلبىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ۋە يۇرتىمىزنىڭ رىياللىقى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. سىز ئەسەرلىرىڭىزدە مۇشۇلارنىڭ شولىسىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟ سىزچە بۇ ئەھمىيەتلىكمۇ؟ قاداق ئەھمىيىتى بار، نېمە ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك؟
يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ئۇچتۇرپاندا، سۇلتان قىرمىش ئاتام مازىرى ئونسۇ بىلەن ئۇچتۇرپاننىڭ ئارىلىقىدا. مەيلى نەدە بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارىدا. بەزى مازارلارنىڭ ئۇ يەر بۇ يەردە ئىسىمداش بولۇپ قېلىشى بەلكىم خەلقىمىزنىڭ ئۇلارنى ئۆز تۇپرىقىدا ياد ئېتىش ئىستىكىدىن پەيدا بولغان بولشى مۇمكىن. تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلسە، تۇرپاندىكى ئەسھابۇل كەھىف مازارىنى، خوتەندىكى ئىمام جەئفىرى سادىق مازارىنى تەتقىق قىلىپ بېقىش كېرەك.
ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىدىكى ئانا ماكان شىنجاڭ بىلەن خەنزۇلار نەزەرىدىكى شىنجاڭ ئومۇمەن ياخشى جاي. ئەمما بۇ جاينى ياخشى كۆرۈشتىكى ھېسسىيات پەرقلىنىدۇ، مېنىڭچە بۇنى ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئىسپاتلاپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەدەبىي ئەسەر بىلەن ئىپادىلەش ئەڭ مۇۋاپىق.
مۇھىت، ماكان، ئادەملەرنى پەرقلىق كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ئىنسان ئۆز كىملىكى، مەۋجۇتلۇقى، قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ، ئۆزىگە، ماكانىغا، ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە توغرا قارىيالايدۇ ھەم مۇھەببەت بېرەلەيدۇ.

جېك:
32. سىزنىڭ چىقارغان كىتاپلىرىڭىز قانچىلىك تىراژدا چىقىۋاتىدۇ، قانچىلىك سېتىلىۋاتىدۇ (ئەگەر ئاشكارىلاشقا بولسا) سىز كىتاپ يېزىپ تاپقان كىرىم قانچىلىك (دائىرىسى: مەسىلەن 10مىڭدىن تۈۋەن، 100مىڭدىن تۈۋەن، مىليۇندىن تۈۋەن دىگەندەك). ئۇيغۇرلاردىكى ھازىر كىتاپ ۋە ژورنال بازىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ كىتاپ يېزىشتىن كىرىم ھىساپلاپ كىرىم قىلغىلى بۇلامدۇ؟ كىرگەن كىرىم بىلەن نورمال جان باققىلى بۇلامدۇ؟ ئۇيغۇرلاردا كىتاپ يېزىپ ئەڭ جىق كىرىم قىلالىغىنى كىم ( سىزنىڭ قارىشىڭىزدا).
مەن مۇشۇ ۋاققىچە بەش كىتاب نەشر قىلدۇردۇم، «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» دېگەن پوبلىستىك ماقالىلەر توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا چىققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى. كىتابلىرىم ئادەتتە 3000 تىراژدا نەشر قىلىندى، «يېڭى ھايات»رومانىلا 4000 تىراژدا نەشر قىلىندى. خەلق نەشرىياتىدا چىققان كىتاب بىر كىتابپۇرۇشنىڭ قولىدىن چىقتى، قەلەم ھەققىنى ئالالمىدىم. قالغانلىرىنىڭ قەلەم ھەققىنى ھېسابلاپ كەلسەم 15 مىڭ يۈەنگە بارىدۇ، باجنى چىقىرىۋەتكەندە قولغا نەق نەگكىنى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. ئۇيغۇرلاردىكى كىتاب، ژۇرنال بازىرىنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەس، شۇنچە جىق نوپۇسى بار خەنزۇلارنىڭ كىتابلىرىمۇ ئادەتتە 20، 30 مىڭ ئەتراپىدا نەشر قىلىنىدىكەن، ئەمما بۇلارنىڭ قەلەم ھەققى يۇقىرى، چۈنكى بەت سانىغا قاراپ ئەمەس، خەت سانىغا قاراپ ھەق ئالىدۇ. خەنزۇ يازغۇچىلار بىر رومان نەشر قىلدۇرسا، ئەگەر سەللا بازار تېپىپ قالسا 100 مىڭ يۈەندىن 1 مىليونغىچە قەلەم ھەققى ئالىدۇ، ئەگەر قايتا بېسىلسا قايتا ھەق ئالىدۇ، ئەگەر ئەسىرى تېلۋىزىيە تىياتىرى ياكى كىنو قىلىپ ئىشلەنسە تېخىمۇ كۆپ ھەق ئالىدۇ. بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بۇلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەن ئۇيغۇرلاردىن قەلەم ھەققى ئېلىپ بېيىپ كەتتى دېگەن بىرەر يازغۇچى شائىرنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ بىچارىلەر ئىشقى ھەۋەس، كېيىنكىلەرگە ئىز قالدۇرۇش (ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىچىدە ھاياتلىقىدا نام چىقىرىش ئىستەكلىرىمۇ بار)، بىرەر نەتىجە ياراتقاندەك بولۇش… ئارزۇسىدىلا ئەسەر يېزىپ، قەلەم ھەققى ئاز بولسىمۇ ۋايسىماي، ھەتتا قەرز ئېلىپ بولسىمۇ كىتاب چىقىرىدۇ. بىزدە كەسپىي يازغۇچىلار مائاش ئېلىپ تۇرۇپ جېنىنى باقسا تاڭ، ئادەتتە ئەسەر يېزىپ تۇرۇپ تۇرمۇشىنى قامدىدى دېسە نېمىدېگەن چىدامچان ئىنسان بۇ ھەيران دەپ قالىمەن. ئۇيغۇرلاردا كىتاب يېزىپ ئەڭ جىق كىرىم قىلالىغان بەلكىم جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۆزلىرى بۇ گەپنى ئاڭلىسا كۈلۈپ قويۇشى مۇمكىن، چۈنكى كىرىم ھەقىقەتەن ئاز، پۇل پاخاللىشىپ كەتتى. ئەجىر، ئەمگەك ئالدىدا ئۇنچىلىك پۇلنىڭمۇ ھېچ قىممىتى قالمىدى.
5 كىتاپتىن 16 مىڭ نۇسخا تارقىتىلىپتۇ، سىزگە بىر كىتاپتىن بىر كويدەك پۇل كىرىپتۇ. بىلىشىمچە ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان، زۇردۇن سابىرنىڭ كىتاپلىرى (ئانا يۇرت) ياخشى سېتىلىدى. سىزنىڭچە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاشمۇ ئۇنداقتا؟

ئاڭلىسام، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا» دېگەن كىتابلارنىڭ نەشر ھوقۇقى سېتىۋېلىنغانىكەن، بۇنىڭدىن ھېچ بولمىغاندا ئاپتورلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە قەلەم ھەققى تەگكىنى ئېنىق. بۇ پۇلنى شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا نىسبەتەن ئاز دېگىلى بولمايدۇ، خەق ئۆزى پۇل تۆلەپ كىتاب چىقىرىۋاتسا، بىرى سىزگە ئالدىن ھەق بېرىپ ئەسەر سېتىۋالسا ئەلۋەتتە سىزگە خوش ياقىدۇ-دە. رەھمەتلىك زوردۇن سابىرغا قانچىلىك قەلەم ھەققى تەگكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ قەلەم ھەققىنىڭ رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا ئالغان قەلەم ھەققىدىن ئېشىپ كەتكەنلكىنى پەرەز قىلالايمەن. ئەپسۇس، يازغۇچىمىزغا بۇ ئەسەردىن كەلگەن شۆھرەتنى ھېس قىلىش، كەلگەن قەلەم ھەققىنى خەجلەش نېسىپ بولماي قالدى. قىسقىسى، يازغۇچى شائىرلىق بىزدە ھازىر تېخى پۇل تاپىدىغان كەسىپ باسقۇچىدا ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى، كىرىم مەنبەسى تاپالمىغانلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىرەر خىزمىتى ياكى ئىش ئوقىتى بار.


كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ، نورمال بولغاندا نەشىردىن چىقىپ كىتاپخانىغا سېلىنىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ ( سىياسەت بىلەن ئالاقىسىز پەن تېخنىكا كىتاپلىرى) ، بىر كىتاپ چىقىرىشقا نەچچە پۇل كىتىدۇ ( چىقىملىرىنى ئۆزىمىز چىقارماقچى )؟ بۇنىڭغىمۇ ئانچە مۇنچە يول مېڭىپ يوللارنى ئاسانلاتقىلى بۇلامدۇ؟
كىتاب نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ رەسمىيەت كەتمەيدۇ، ئەسەرنى (پەن-تېخنىكا كىتابلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نەشرىياتقا تاپشۇرىسىز، نەشرىياتتىكىلەر ئۇنىڭ بازارلىق رومان ياكى ئىلمىي ئەسەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالىسا سىزنى يالۋۇرتمايلا تېز ئارىدا تەھرىرلەتكۈزۈپ 1 يىلغا قالماي نەشر قىلىپ بازارغا سالىدۇ. ئەگەر سېتىلىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسا ھەر خىل باھانە كۆرسىتىپ ئارقىغا سۆرەيدۇ، ئەدەبىي ئەسەر بولسا ئىككى، ئۈچ يىلدا قايتا قايتا ئۆزگەرتكىلى سېلىپ مىڭ بالالىقتا نەشر قىلىدۇ. ئىلمىي ئەسەر بولسا ئىدارىڭىز ياكى مەكتەپتىن پۇل ھەل قىلىپ چىقىراي دېسىڭىز چىقىرىمىز، ياكى ئۆزىڭىز (ئۇنۋان ئۈچۈن) پۇل تۆلەپ چىقىرىسىز، بولمىسا بىزگە زىيان بولىدۇ، دەپ ئۇنىمايدۇ. قىسقىسى، نەشرىياتلار ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن مەجبۇرىي چىقىرىدىغان كىتابلارنى تېز چىقىرىشقا ئالدىرايدۇ، شەخسلەرنىڭكىنى بولسا بازار ئەھۋالىغا قاراپ چىقىرىدۇ.
(بىلىك تورىدىن رەتلەندى)
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى