سۆزلەر ھېكمىتى (1)
-
سۆزلەر ھېكمىتى (1)
ۋاقتى: 2013-08-16 ئاۋاتلىقى: 643 قېتىمبىر ئىمام جامائەتكە باشچىلىق قىلىپ ناماز ئوقۇپتۇ؛ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ بولۇپ ئەرەئەيتەللەزى دەپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قاپتۇ. جامائەتتىن بىرى ئىمامغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەرەئەيتەللەزى يۇكەززىبۇ دەپ لوقما ساپتۇ. ئىمام قالغان ئايەتنى دەرھال ئېسىگە ئاپتۇ، ئەمما مۇشۇ سۈرىدىمۇ ئېزىپ قالامدىمەن دەپ ئويلاپ تەن بەرمەي: بۇ سەن بىلىدىغان ئەرەئەيتەللەزى ئەمەس! دەپتۇ.يانفوندا كۆرۈش
ئادالەت نېمە؟ كۆچەتلەرنى سۇغارماق؛ زۇلۇم نېمە؟ تىكەنلەرگە سۇ قۇيماق.
چوڭ بولاي، ئوقۇشۇم تۈگىسۇن، خىزمەت قىلاي، توي قىلاي، بالىلىرىم بىر چوڭ بولسۇن دېگەندە… ئۆلۈم كەلدى. - ئادنان
ئوچاق تاۋلانغاندا نان ياقىدىغان خېمىر تۈگەپ قالىدىكەن؛ ئادەمنىڭ ئىشى ئەمدى ئوڭشالغاندا، ئەپسۇس، ئۆمۈر تۈگەپ قالىدىكەن.
ئوسمان سۇلتانلىرى بىر دەۋرنى ئاياغلاشتۇرۇپ يەنە بىر دەۋرنى ئاچتى؛ مۇستاپا كامال مەدرىسلەرنى تاقاپ، ئاياللارنىڭ بېشىنى ئاچتى.
بىر قىزنى گۈزەل قىلىدىغىنى ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئۇپا-ئەڭلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى، ساپاسى ۋە كىيىنىشىدۇر.
رەببىم، سەن بىزدىن رازى بولمىغىچە جېنىمىزنى ئالمىغىن. - سەئىدىيە
مۇھەببىتىڭدىن ئۇچۇر كېلىشكە تەقەززا بولغاندەك، رەببىڭنىڭ نامازغا چاقىرىشىغىمۇ شۇنداق تەشنا بولالىدىڭمۇ؟ -ئادنان
ئەڭ يامان يالغۇزلۇق سېنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا قېلىشتۇر. -مەۋلانا
بىر كۈنى ئانامدىن: ئۆي تۇتۇش دېگەن نېمە؟ دەپ سورىسام، مۇنداق جاۋاب بەردى: كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق غەزەبلىنىسەنكى، جۇپتۇڭنى بىر قوشۇق سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ يوقاتقۇڭ كېلىدۇ؛ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق ھاياجانلىنىسەنكى، جۇپتۇڭنى قوشۇق-قوشۇق قانماي يېگۈڭ كېلىدۇ. - ئەلىف
ھاياتتا ھەر خىل ئادەم بولۇشۇڭ مۇمكىن، ئەمما مۇھىمى، ئىنسان بولۇشتۇر. -ئەلىف
ئەقلىم ھەر كۈنى تەۋبە قىلىدۇ؛ نەپسىم ھەر ئان تەۋبەمنى بۇزىدۇ. ئارىدا قالغان بىچارىمەن، ياخشى يېرى، سېنىڭ تەۋبە ئىشىكىڭ ھەر دائىم ئوچۇق ئى رەببىم!
بەلكى ئىشق جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ شۈكرى ئى ئاللاھ دېيىشنى بىلمەكتۇر. -ئادنان
ئەي تۇپراق، رەببىم مەندىن رازى بولغانغا قەدەر مېنى باغرىڭغا ئالما.
ئىمان نۇر ھەم كۈچ-قۇۋۋەتتۇر. ھەقىقىي ئىمانغا ئىگە بولالىغان ئادەم دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلالايدۇ. -تۇغبا
تىلىڭدىكىنى دىلىڭ تەستىقلىمىغىچە ھەقتائالاغا بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايسەن. -ئەلىف
كېچىنى كۈندۈز بىلەن قانداق ئورىغان بولساڭ، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىمۇ ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن شۇنداق ياپقايسەن ئى رەببىم!
ئاللاھ بىزگە شاخ تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن بولغاندىكىن، ئۆلۈممۇ، ئۆمۈرمۇ سۆيۈملۈكتۇر.
سۈكۈت كەم سۆزلۈكتىن ئەمەس، بەلكى پىكىرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىندۇر. -ھەزرىتى مەۋلانا
دۇنيا سىزنى ھارغۇزۇۋەتتىمۇ؟ ئۇنداقتا ئاللاھقا يۈزلىنىڭ.
ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. -ھەزرىتى ئۆمەر
قىيىنچىلىقتا قالغاندا: لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە، ئىللا بىللاھى ئەلىيۇل ئەزىم (ھەممىدىن ئۇلۇغ زات ئاللاھتىن باشقا قۇدرەت ئىگىسى يوقتۇر) دېگىن.
نەسىھەت قىلىش ئاسان، ئۇنى قوبۇل قىلىش تەس؛ چۈنكى ھاۋايى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەنلەرگە نەسىھەت ئاچچىق، ھاراملار تاتلىق تۇيۇلىدۇ.
تەس، قىيىن دەيسەن، تەس بولسا ئىمتىھان بولسۇن. -ھەزرىتى مەۋلانا
سۆيۈش (ياخشى كۆرۈش) بۇنچە گۈزەل بولسا، ئۇنى ياراتقان زات قانچە گۈزەلدۇر-ھە! -شەمس تەبرىزى
رەھىم قىلمىغۇچىغا ئاللاھ تائالامۇ رەھىم قىلمايدۇ. -ھەدىس شەرىف
دۇنيا، دۇنيا دېگەنلەرنىڭ دۇنيادەك دەردى بولىدۇ. -يۇنۇس ئەمرە
كېمىنىڭ بىرلا كاپتانى بولىدۇ، قالغىنى كېمىچىلەر. قەلبنىڭ بىرلا ساھىبى بولىدۇ، قالغىنى ئىككىلەمچىلەر. -نەجىپ فازىل
كۈتكەنلىرىنىڭ ۋاقىت بىلەن ئەمەس، دۇئا بىلەن كېلىدۇ.
مەن سىلەرگە كۇپايە ئەمەسمۇ؟ - 39-سۈرە، 36-ئايەت
ئاللاھ ماڭا كۇپايە -39-سۈرە، 38-ئايەت
ياغلىق-- تىترىگەن يۈرەكنىڭ ھېكايىسى، ياغلىق—ئېتىقاد ۋە ئەخلاقنىڭ مەزمۇت كۆۋرۈكى، ياغلىق—بىر ئايالنىڭ ۋاز كېچىلمەس زىننىتى. -ئەلىف
ياغلىقتا مەسىلە يوق، بۇنى مەسىلە دېگەنلەرنىڭ ئىمانىدا مەسىلە بار.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى چۈشىنىش ئۈچۈن غايەت زور "ئىشق" كېرەك. چۈنكى ئىشق ئۆزى ياخشى كۆرگىنىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئاتاشتۇر، ئىشق—پىچاق ئاستىدا ئىسمائىل(ئەلەيھىسسالام) بولۇشتۇر، "يار" ئۈچۈن كۈلۈمسىرەپ قۇربان بېرىشتۇر.
ئاللاھقا سەجدە قىلغۇچىلاردىن بول. -ئايەت
دادا چىنارغا ئوخشايدۇ، مېۋىسى بولمىسىمۇ، سايىسى كۇپايە.
مۇھەببەت ئەيب ئىزدىگەن كۆزنى ئېتىدۇ، گۈزەللىك ئىزدىگەن كۆزنى ئاچىدۇ. ياخشى كۆرسەڭ شۇنداق ياخشى كۆرگىنكى، ئالدىڭدا ئۇ ئەيبلىك بولمىسۇن ياكى ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئەيب قالمىسۇن.
ھايات بىر ھەدىيەدۇر، بېرىلگەن ھەدىيەنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ، رەھمەت ئېيتىپ كۈلۈمسىرىشىڭ كېرەك.
بالىلىرىمىزغا ئىسلامنى بىلدۈرمىگىچە دۇنيا كىرلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ.
ئەمەلسىز ئىمان قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئىمانسىز ئەمەلمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. -ھەدىس شەرىف
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
غەپلەت-مەنىۋىيەت ۋاباسىدۇر
2013-04-21 04:45:21475ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 7-قىسىم
2015-04-10 13:40:401349تىرىكلىك نىشانى (3)
2015-08-07 12:25:50872رومان ئوقۇغاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟
2016-03-08 15:49:16769ئادەتلىنىش ۋە قۇللۇق
2015-08-07 01:23:09310837 يىلدا بىلگەن 37 ئىش
2016-03-07 10:57:093243كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)
2011-12-30 12:47:431088ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 3-قىسىم
2015-04-10 13:37:12995
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-