ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)

ۋاقتى: 2011-12-30 ئاۋاتلىقى: 1139 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

روزاخۇن تاڭنۇر خېنىم بىلەن توي قىلىپ زاكىرە خانىمغا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپ قەرزادار بولدى، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس، بىر-ئىككى يىل ئىشلىسەم تۆلەپ بولالايمەن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما تويدىن كېيىنكى چىقىملىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، تاپقان پۇللىرى ئۆي ئىجارىسى بىلەن خوتۇننىڭ خەجىگە يەتمىدى، بۇ ئەھۋالدا پۇل يىغىپ قەرز تۆلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. زاكىرە خانىم تاڭنۇر خانىمنى رېستۇراننى باشقۇرغىلى قويۇپ ئۆزى باشقا سودىلارغا چۈشۈپ كەتتى.
ــ زاكىرە خانىمنىڭ مەقسىتى ئىككىمىزنى مەشەگە باغلاپ قويۇش ئىكەن،− دېدى روزاخۇن بىر كۈنى  ئەرشىدىنگە دەرت تۆكۈپ،− شۇ قەرزنى قاچان تۆلەپ بولارمەن، قاچانغىچە مۇشۇنداق ياللىنىپ ئىشلەرمەن؟
ــ ماڭا بىر ئېغىز مەسلىھەت سالمايلا توي قىلدىڭ، خوتۇنغا ئالدىراپ كەتتىڭ، ئۇ خوتۇنمۇ ساڭا ئالدىراپ تەگدى. ئەرسىز ياشىيالمايدىغان تويماس خوتۇنلار بۇ، بىلىپ تۇرۇپ ئالدىڭ، ئەمدى قاقشىما!
ــ قانداق قىلىمەن؟ ھېلىمۇ بەك ئۇزۇن بويتاق يۈرۈپ كەتتىم، بىزمۇ بىر ئادەم بولغاندىكىن ياشاپ باقايلى دېدىم، كۈندۈزى پالاقلاپ ئىشلىسەممۇ كېچىسى راھەت كۆرەي دېدىم، بولماپتىمۇ؟
ــ توي قىلىۋالغىنىڭ بولدى، سۈننەتنى ئادا قىلدىڭ، بېشىڭنى ئوڭشىۋالدىڭ. بىراق بىر ۋاقمۇ ناماز ئوقۇمايدىغان بۇنداق خوتۇننى ئالمىساڭ بولاتتى، ئۇنىڭ تەتەيدىن ھېچقانداق پەرقى يوق.
روزاخۇن بۇ گەپتىن چۆچۈپ،  تەتەيخاندىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ يەنە ئۇنىڭ جىنىغا تۇتۇلغاندەك شۈركىنىپ كەتتى.
ــ سەن ئۇنى مۇسۇلمان ئەمەس دېمەكچىمۇ؟
ــ ناماز ئوقۇمايدىغان ئادەمنى مۇسۇلمان دېگىلى بولمايدۇ.
ــ ئۇنداقتا مېنىمۇ كاپىرغا چىقىرىۋەت، سەنلا مۇسۇلمان بولۇپ كەت،ــ دېدى روزاخۇن ئۆڭۈپ.
ــ نېمە، سەنمۇ ئەمدى ئۇ خوتۇندەك تەركى سالات بولۇپ كەتتىڭما؟ مەن دېمىدىممۇ، ئۇنداق خوتۇن سېنى كاردىن چىقىرىۋېتىدۇ.
ــ ئوقۇمىدىم، ئوقۇيالمىدىم، ئۆينىڭ تاينى يوق، مۇنچا يوق، ئەڭ مۇھىمى ئىمانىمنىڭ تايىنى يوق. ھەتتا سەنچە بولغاندا جىڭ كاپىر، ئەمدى بولدىمۇ؟ كۆڭلۈڭ تىندىمۇ؟
ــ مۇسۇلمان بولساڭ ماڭا بولۇپ بەرمەيسەن ئاداش،ـ دېدى ئەرشىدىنمۇ تېرىكىپ،ــ ئىشنىڭ يولى مۇنداق ، مۇنداق  قىلساڭ مۇسۇلمانغا لايىق بولىسەن، بولمىسا كاپىرلارغا ئوخشاپ قالىسەن دەۋاتىمەن، يامان دەپتىمەنمۇ؟
ــ ياخشى دەۋاتىسەن، لېكىن سېنىڭ ئاغزىڭدىن شۇ كاپىر، مۇسۇلماندىن باشقا گەپ چىقمامدۇ؟  باشقا ئىشلار توغرۇلۇق گەپ قىلغىلىمۇ بولمامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ، دەردىڭ بار، بىلىمەن. مېنىڭمۇ يەتكىچە دەردىم بار. دەردىمىزنىڭ ھەممىسى نېمىدىن كېلىۋاتىدۇ، بىلەمسەن؟ ھەقىقىي ئىمان بىلەن ياشىيالمىغانلىقتىن، ھەقىقىي مۇسۇلمانغا لايىق ئىش قىلالمىغانلىقتىن بولۇۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا سۆزلەيمەن. ئەگەر سەن تەقۋا، مۇلايىم بىر قىزنى خوتۇن قىلغان بولساڭ بېشىڭغا بۇنچە دەرتلەر كېلەمتى؟ ھېچ بولمىسا ئۇ سېنى ئەتىگەندە نامازغا ئويغىتاتتى، تاھارىتىڭگە سۇ بېرەتتى. بۇ  خوتۇنچۇ؟ سېنى مۇشۇنداق  لەقۋا، ھورۇن، پاسىق قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا قانداق خوتۇن ئېلىش بەك مۇھىم.
ــ بۇ گېپىڭغۇ توغرا، لېكىن ئۇنداق قىزلارنى نەدىن تاپىمەن، چوڭلار ”ئات تاپقىچە ئېشەك مىن“ دەپتىكەن.
ــ  ھە بولدىغۇ، ئېشەككە مىنىپ بولدۇڭغۇ، ئەمدى نېمە بولدى؟ بىر مەزگىل سەۋر قىلغان بولساڭ، تىرىشىپ باققان بولساڭ ئاتتەك نوچىسىمۇ چىقىپ قالاتتى.
ــ  بۇ يەردە يۈرىۋەرسەڭ ئۇنداق قىزلار تېخى ئۇچرىمىسا قانداق قىلىسەن؟ ساڭىغۇ ئۇچرىدى،  تەلەپ قويدۇڭ، ماقۇل دېمىدى، ئىش دېگەن سەن بىز ئويلىغاندەك بولىۋەرمەيدۇ.
ــ مەن شاراپەتنى ھەقىقىي تەقۋا قىز دەپ ئويلىمايمەن، ماڭا ماقۇل  دېمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق دەۋاتمايمەن، ھەقىقىي تەقۋالىق دېگەن ئىماننى ھەممىدىن ئۈستۈن قويغاندا ئاندىن بولىدىغان نەرسە.
ــ مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن، ئۇ قىزنىڭ تەقۋالىقىنى خۇاديىم بىلىدۇ،ــ دېدى روزاخۇن قەتئىيلىك بىلەن،ــ ساڭا دېسەم، ئۇ قىزنى مەنمۇ ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن سەندەك تەقۋا بولمىغاچقا تەلەپ قويالمىدىم.
ــ مۇنداق دە، سەن ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق دەۋاتىسەن، سەندەك مىجەزدىكى ئادەم تەقۋا بولسۇن، پاسىق بولسۇن، ھەممىنى ياخشى كۆرۈۋېرىدۇ. شاراپەتخانمۇ، تاڭنۇرخانمۇ ئوخشاش تېتىيدۇ.
ــ سەن ئۇقمايسەن،  ئەگەر مەن شاراپەتكە ئېرىشەلىگەن بولسام خۇدايىمغا توختىماي رەھمەت ئېيتىپ، كۈندە بەش ۋاق ئەمەس، يۈز ۋاق ناماز ئوقۇپ، تەقۋالىقتا سەندىن ئېشىپ كېتەتتىم.
ــ دېمەك، سەن خۇدايىم بەرسە ئوقۇپ، بەرمىسە يۈز ئۆرۈيدىغانلاردىن.  بۇنى مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتى دەيمىز. ئاللاھ سېنى شۇنچە ساغلام، بېجىرىم، قاملاشقان قىلىپ ياراتقان تۇرسا، بۇ كاتتا نېمەت ئالدىدا شاراپەت دېگەنلەر نېمە ئىدى؟
ــ بۇنى بىلىمەن، ناماز ئوقۇمىغىنىم بىلەن ئىچىمدە خۇداغا شۈكرى قىلىمەن.  ئەمما ئادەم ئۆزىدە بار نەرسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، قەدرىنى بىلمەيدۇ؛ ئۆزىدە يوق نەرسىنى تەمە قىلىدۇ-دە! شۇڭا مەنمۇ ئۆزەمدە بار نەرسىگە شۈكرى قىلماي، يوق نەرسىنى تىلەيمەن. مېنىڭچە بۇ گۇناھ ئەمەس.
ـــ گۇناھ بولمىغان بىلەن، ئىنساپسىزلىق! ئادەمدە ئىنساپ، ۋىجدان بولمىسا ئىمانمۇ بولمايدۇ.
ـــ بۇنىمۇ بىلىمەن، مەنلا ئەمەس، ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ھەر قانداق ئادەم بۇنچىلىك داۋلىنى بىلىدۇ.
ــ  بىلسە نېمىشقا ئەمەل قىلمايدۇ؟ بىلمىگەنگە باققاندا، بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغاننىڭ گۇناھى چوڭ ئەمەسمۇ؟
قارىماققا جىق ئىشلارنى كۆرگەن ئەرشىدىن بىر قارىسا  ”بۇ نېمە ئۈچۈن، ئۇ نېمە ئۈچۈن“ دەپ توختىماي سوئال سورايدىغان كىچىك بالىغىلا ئوخشايتتى، روزاخۇن كۈلۈپ قويدى، خۇدايىم ئادەم دېگەننى شۇنچە مۇرەككەپ، ئاجايىپ ياراتقان تۇرسا، بۇنچە كەڭ جاھان ۋە جەمئىيەتمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك  رەڭگارەڭ، مالىماتاڭ تۇرسا، ئەرشىدىن نېمىشقا چۈشەنمەيدۇ؟ ئىشنى ئاددىي چۈشىنىدىغان، ئاددىي ئويلايدىغان مۇسۇلمانلار  جاھاننىڭ كەينىدە قېلىۋاتسا، ئاجىزلىرى تىلەمچىلەردەك بىچارە، بايلىرى زومىگەر، ئۆزىنى تەقۋا دېگەنلىرى تەكەببۇر، لەقۋالىرى پاسىق پېتى يۈرسە، بۇنداق مۇسۇلمانلىقتىن قانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟
ــ سەنمۇ شۇنى دەيسەن،ــ دېدى روزاخۇن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كاللىسىنى قوچۇپ كەلگەن بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ،ــ  چوڭ داۋلىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن شۇنى قىلالىغانلار قانچىلىك؟ مەسىلەن، پۇل تېپىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممە خەق بىلىدۇ، سودا قىلىشنىمۇ  كۆپ ئادەم بىلىدۇ، لېكىن رەسمىي پۇل تاپالىغانلار قانچىلىك؟ نېمىشقا پۇل تالمىدىڭ دېسە، دەسمى يوق، بازار يوق، قىسقىسى پۇل تاپالىغۇدەك كاللا يوق.  ناماز ئوقۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. نامازنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، ناماز ئوقۇشنىمۇ بىلىدۇ، لېكىن ئوقۇيالمايدۇ. نېمىشقا دېسەڭ، ئىمان سۇس، مەسچىت يىراق، قىسقىسى، ئۇنىڭغا چىدايدىغان قوڭ يوق…
روزاخۇن ھازىر ئەرشىدىنگە باققندا سالماق، خىيالچان بولۇپ قالغانىدى، دۇتتار چالغاندا ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا ناماز ئوقۇش بىلەن ئوقۇماسلىق ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ،  دۇتتارنىڭ تارىدەك سوزۇلۇپ ئولتۇراتتى، ناماز ئوقۇغاندىكى روھىي ھالىتى، دەرتمەنلىكى دۇتتار چالغاندىكى مۇڭىغا يەتمىگەچكە، بەك مۇڭلىنىپ كەتكەن چاغلىرىدا نامازنى ئۇنتۇپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭنۇر خېنىمنىڭ قوينىغا كىرىپلا دۇنيا لەززىتىگە بېرىلىپ كەتتى، ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدەل، ئۇچرىغان بېسىملارمۇ قات-قات ئارتىپ، پۈتۈن زېھنى، خىيالى، ئىش-مەيلى شۇنىڭغىلا كەتتى-دە، نامازمۇ تاشلىنىپ قالدى.
ــ باھانە دېگەن تېپىلىپ تۇرىدۇ،ــ دېدى ئەرشىدىن خۇددى ئۆزى بۇ دۇنيادا ياشىمايۋاتقاندەك،ــ قىسقىسى، ھازىرقى ئادەملەردە ئىمان بىلەن ياشايدىغان كاللا يوق. ئەلۋەتتە، شارائىتمۇ مۇھىم. بايا دېگىنىمدەك،  ئالىدىغان خوتۇننىڭ قانداقلىقى تېخىمۇ مۇھىم.
ــ مەن مۇشۇ جەھەتتىن زىيان تارتتىم،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خوتۇن بەك بەتخەج. پۇل تاپسىلا ئۈستىۋېشىغا ئارتىدۇ، يۈزىنى بويايدۇ، دەسلەپتە مەيلى دېگەن، لېكىن بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، باشقا لاۋبەننىڭ خوتۇنلىرى بىلەن توختىماي بەسلىشىدۇ. نەچچە قېتىم گەپ قىلدىم، ئەركىلەپ تۇرۇۋالدى، قاتتىق تەگسەم ئۇرۇشىمىز، بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ئالغاندىكىن، شاپىلاقتىن ئىككىنى سېلىپ قويۇۋېتىشكە ئادەمنىڭ قارنى ئاغرىيدىكەن.
ــ ئىشقىلىپ، غۇرۇرۇڭنى يوقاتما، بۇنداق خوتۇن شەيتانغىلا ئوخشايدۇ،  قانچە بالدۇر قۇتۇلساڭ شۇنچە ياخشى . سېنى بۇزۇۋەتكەن نەرسە شۇ خوتۇن، يەنە بىرى دۇتتار. سەن شۇ ئىككى نەرسىدىن كەچمىگىچە ئىمانىڭغا قايتىپ كېلەلمەيسەن.
ــ بۇ گېپىڭ ئاقمايدۇ، ئەگەر مەن ئۇلاردىن كېچىپ كەتسەم ھازىرقى ئىمانىممۇ قالمايدۇ. چۈنكى مەن بۇ خوتۇننى پۇل خەجلەپ ئالدىم، نىكاھلاپ ئالدىم. دۇتتاردا ھېچقانداق گۇناھ يوق، ساڭا دېسەم، مەن ناماز ئوقۇغاندا ئەمەس، دۇتتار چالغاندا بەكرەك مۇڭلىنىپ خۇدايىمنى ئەسلەيمەن.
ــ نەق شەيتاننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسەن-دە، ئىمانىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەر ھەر خىل گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ. لېكىن بۇنداق گەپلەر قىيامەتتە ئاقمايدۇ. 
ــ سەن نېمە بىلىسەن؟ سەن ئۆزەڭنىڭ ئىمانىغا بەك ئىشىنىسەن-ھە، لېكىن ئۇنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
ــ ئىمان دېگەننى ئاشۇنداق كۆز-كۆز قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن بۆلەك پەخىرلىنىدىغان ھېچنېمە يوق بۇ جاھاندا!
ــ لېكىن بۇ قىلىقىڭ ماڭا ياقمايدۇ،ــ دېدى روزاخۇن كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ،ــ ئىمانىڭنى خۇدايىم بىلسە بولدى، دېمىسىمۇ ئۇنى پەقەت خۇدايىملا بىلىدۇ،  باشقا ئادەم بىلمەيدۇ.  تولا دەۋەرسەڭ مەززىسى قالمايدۇ، خەق سېنى مەنمەنچى دەيدۇ، گېپىڭنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ.
ــ ئىمانلىق بول دېگىنىم، ئىمانىمنى پەش قىلغانلىق ئەمەس، مەن ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا دەۋەرمەيمەن بۇنداق گەپنى  ئىمانىم بار دەپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئالدايدىغان سەندەك غىلتاڭ گۇيلارغىلا دەيمەن.  بېشىمىزنى ئىچىگە تىقىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئاللاھمۇ بۇنداق يارىماس مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرمايدۇ.
ــ  لېكىن  خەقنى ئويغىتىمەن دەپ مەنمەنچىلىك قىلساڭ، مەن مۇسۇلمان، سەن كاپىر دېسەڭ، ھەمما ئادەم سەندىن بىزار بولىدۇ.
ــ بىزار بولسا مەيلى، مەن بۇلارنىمۇ ئاللىبۇرۇن ئويلاپ قويغان.
ــ شۇنداق قىلىۋەرسەڭ، ھەممە ئادەمنى ئۆزەڭگە ئۆچ قىلىسەن.
ــ دىلىدا ئازراق ئىمانى بار ئادەم بولسا ماڭا ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ.
روزاخۇن ھەر قېتىم ئەرشىدىن بىلەن پاراڭلاشقاندا  ئىچى سىقىلغان بىلەن، ئىمان مەسىلىسىدە ئويلانماي تۇرالمايتتى:  غۇرۇر-ۋىجدانى يوق ئادەمدە ئىمان نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئىنساۋى يوق ئادەمدە تەقۋالىق بولامدۇ؟  ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىپ، بۇنىڭ جاۋابىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىمىغان ئادەم ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا تۇزكور، قارايۈز بولۇپ كەتمەمدۇ؟ ئەمما…
ئەمما، لېكىن، بىراق…نىڭ كەينىدە بىر ئۆمۈرگە يېتىپ ئاشقۇدەك پۇتلىكاشاڭلار، غەيرى خىياللار، قېيىشلار، ئاينىشلار، خەتەرلىك بۇرۇلۇشلار تولۇپ ياتىدۇ؛ ۋۇجۇدىمىزغا، ئەتراپىمىزغا سۇدەك، ئوتتەك، ھاۋادەك، ھەتتا قاتتىق ماددىلاردەك سىڭىپ كەتكەن شەيتان لەئىن ھىدايەت يولىدا تۈپتۈز كېتىۋاتقان ئىنساننى ”ئەمما، لېكىن، بىراق“ دوقمۇشىدا قايدۇرۇپ، ۋەسۋەسە ئوقلىرىغا تۇتۇپ ھالاك قىلىدۇ…
ئۆزىنىڭ مېزىلىك تاماقلىرى، ناخشا، ساز، كۈلكە پاراڭلىرىنى سېغىنىپ كېلىپ، ئايرىمخانىدا بەزمە سۈرۈۋاتقانلارنىڭ سورۇنىدا روزاخۇن كەم بولمايتتى، كەيپنى، پىغانىنى ھاراقتىنلا چىقىرىدىغان نوچىلار  ئۇنىڭ ئىچمەي تۇرۇپ دۇتتار بىلەن شۇنچە پەيزى قىلىشلىرىغا ھەيران ئىدى، روزاخۇن شۇنچە كۆپ ناخشىلارنى بىلەتتىكى، كىشىگە كەسىپ ئەھلىدەك، ھەر كۈنى يېڭى ناخشا ئۆگىنىدىغاندەك ياكى كونىلىرىنى تەكرارلاپ تۇرىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى، ئەلنەغمىچىلەر ئارىسىدىلا ساقلىنىپ يۈرگەن ناخشىلارنى ئېيتقىنىدا سورۇن ئەھلى ”بىزنىڭ مۇنداقمۇ ناخشىمىز بار ئىكەنا“ دەپ ھەيران قېلىشاتتى، زوقمەن بولۇشاتتى. روزاخۇن ئوبدان ناخشىدىن بىر-ئىككىنى ئېيتىپلا سورۇننىڭ كەيپىياتىغا قارايتتى، مېھمانلار بۆلەكچە قىزغىن بولسا تەلەپ بويىچە چالاتتى، بولمىسا ئۆزىنى خار قىلمايتتى. سورۇن تەجرىبىسىگە ئاساسەن ”باشتا بىرنى چېلىش، تەلەپ قىلسا ئىككىنى چېلىش، ئېشىپ كەتسە ئۈچنى چېلىپ قەتئىي توختاش“ مىزانىغا ئەمەل قىلاتتى، چۈنكى  ساز، ناخشىنى ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، بىرى يەپ ئىچىمىز دەپ كەلسە، بىرى چاقچاق قىلىشىمىز دەپ،  بىرى تانسا، دېسكو ئوينايمىز دەپ كەلسە، يەنە بىرى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن  كېلەتتى. ھەممىنىڭ ئىشتىھايىغا يېتىشىپ بولغىلى بولمايتتى.  نەچچە باش، نەچچە ئېغىز، نەچچە نەپسانىيەت بىر يەرگە قوشۇلغان سورۇن بەئەينى داشقايناق جەمئىيەت بولۇپ،  ھەر خىل ئادەم، ھەر خىل مۇئامىلىگە تاقابىل تۇرۇش گويا ناخشىنى جايىدا ئوقۇغاندەك نازۇك ئىش ئىدى، روزاخۇن بۇنىمۇ ئۆگىنىپ كەتتى،  ئېگىلگەنگە ئېگىلدى، كېرىلگەنگە كېرىلدى، بىرەرسىنىڭ ھۆرمەت قەدەھلىرى ياكى خوشامەت سۆزلىرىگە مەست بولۇپ، ئۆزىنى بىلمەي چېلىپ كېتىشتىن ساقلاندى؛ يېڭى تونۇشقان باشلىق بولسۇن، سودىگەر بولسۇن، زىيالىي بولسۇن، ھەممىسىگە تەڭ مۇئامىلە قىلدى، چىرايلىق كەلگەنلەر بىر چاغدا سەتلىشىپ، ئادەمدىن مايمۇنغا ئايلانغان ھامان غىپپىدە قاچتى…مۇشۇنداق بەزەپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ سورۇندىن قاچقاندا ئەرشىدىن بىلەن مۇڭداشقۇسى، ياتىقىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالغۇسى كېلەتتى. ئەمما تاڭنۇر خېنىم ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت سايىدەك ئەگىشىپلا يۈرەتتى، تىنىم تاپقۇزمايتتى. 
بىر كۈنى تاڭنۇر خېنىمنىڭ ۋەلى پىجۇ دېگەن بۇرۇنقى ئېرى بىر قانچە ئاغىنىسىنى باشلاپ رېستۇرانغا كەلدى، روزاخۇننى بىر كۆرۈپ باققۇسى كەلدىمۇ ياكى ناخشىسىنى ئاڭلىغۇسى كەلدىمۇ، ئۇنى سورۇنغا چاقىرىپ كېلىپ ھاراققا زورلىدى.
ــ مەن ئىچمەيمەن، ئىچمىگىلى خېلى بولدى،ــ دېدى روزاخۇن تەمكىن ئولتۇرۇپ .
ــ بۇ دېگەن ئىچىدىغان سورۇن، ئىچمىسەڭ قانداق چالىسەن؟ ــ دېدى ۋەلى خاپىلىقىنى  دەرھال چاندۇرۇپ.
ــ راست  ئىچمەيمەن.
ــ ھۆرمىتىڭنى قىلىپ سۇنغاندىكىن ئالە،ــ دېدى ۋەلىنىڭ ئاغىنىسى قاپىقىنى تۈرۈپ.
روزاخۇن بۇ ھاراقنى ئىچمىسە سورۇندىن چاتاق چىقىدىغاندەك  قىلاتتى، ئىلگىرى كونا ئەر-خوتۇنلار ئولتۇرغان سورۇندا ئىچىپ چەكمىگەن بولسا، بۇنداق تەڭقىسلىقتا قالمايتتى-دە.
ــ ماڭا مۇشۇنى زورلىماڭلار، مەن راست ھاراقنى تاشلىدىم، نامازنى باشلىدىم.
ــ قاچاندىن بېرى؟ــ دېدى ۋەلى كۆزىنى مەسخىرىلىك قىسىپ،ــ تاڭنۇردىن سورايمەن جۇمۇ، يالغان ئېيتقان بولساڭ يۈزۈڭگە تۈكۈرىمەن.
ۋەلى پىجۇ ئاغىنىسىگە ”ماڭ بېرىپ تاڭنۇرنى چاقىرىپ كەل“ دەپ بۇيرۇدى. روزاخۇن ۋەلىنىڭ قارا جەمئىيەت كاتتىۋېشىدەك مەغرۇر ھالىنى،ئاغىنىلىرىنىڭ  يالاقچىلىقىنى كۆرۈپ، بۇ گۇيلار قۇرۇق تېرە تاراقشىتىۋاتامدىغاندۇ ياكى راستىنلا روناق تېپىپ تېرىسىگە سىغماي كېتىۋاتامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدى.
تاڭنۇر خېنىم ئايرىمخانىغا كىرىپ، تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ ئولتۇرغان ئېرىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى، روزاخۇن ئۇنىڭ چىرايىدىكى تېپىشماقلارنى تاپالمىدى.
ــ قانداق ئەھۋالىڭ ؟
ــ ياخشى…
ــ بىز بىلەن بىر دەم ئولتۇرۇشۇپ بەرمەمسەن؟
ــ مېنىڭ ئىىشم بار.
ــ بۇ ئېرىڭ ناماز باشلىۋالدىم دەيدىغۇ؟
ــ ۋاي تاڭ، بۇنى نېمە دەپ مەندىن سورايسەن؟
ــ  مەن تېخى سېنىمۇ ناماز باشلىۋالدىمىكىن، ئۇنىڭ تاھارىتىگە سۇ بېرەمدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.
ــ  دەيدىغان گېپىڭ شۇمىدى؟
ــ دېمەك، ناماز ئوقۇمايسىلەر، ئەمىسە ئېرىڭ نېمىشقا ھاراق ئىچمەيدۇ؟
تاڭنۇر خېنىم روزاخۇنغا ناتونۇش ئادەمگە قارىغاندەك قاراپ قويدى:
ــ ئىچمىسە زورلىماڭلار.
ــ ئېرىگە ئەجەپ كۆيۈمچان خوتۇن-دە بۇ!ــ دېدى ۋەلى پىجۇ ئەتراپىدىكى ئاغىنىلىرىگە قاراپ.
ــ ئېرى بولغاندىكىن كۆيۈنىدىغان گەپ، چىدىمايۋاتامسەن؟ 
ۋەلى پىجۇ جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدى.
ــ ئۆز ۋاقتىدا قەدرىمنى بىلمىدىڭ، ئەمدى پۇشايمان قىلغىنىڭ بىكار…
ــ نېمىگە سۆزلەپ قالدىڭ؟،ــ دېدى ۋەلى پىجۇ ئاچچىق كۈلۈپ،ــ سېنى قويۇۋەتكەنگە مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن.
ــ ئەمىسە نېمە دەپ كەلدىڭ؟
ــ مەن بۇ يەرگە سېنى دەپ كەلمىدىم، تاماق يېگىلى كەلدىم.
تاڭنۇر خېنىم ئېرىگە  ئالىيىپ قويۇپ، روزاخۇنغا بىر قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ــ دېمەك، ناماز ئوقۇيدىغانلىقىڭ يالغان چىقتى،ــ دېدى ۋەلى پىجۇ تاڭنۇر خېنىمنىڭ كەينىدىن قاراپ قالغان روزاخۇنغا،ــ جۈمەگە بارىدىكەنسەن، جۈمەگە بىزمۇ بارىمىز.
ــ ئەمىسە نېمىشقا ئىچىسىلەر؟
ــ ئىچەلىگۈدەك ھالىمىز بولغاچقا ئىچىۋاتىمىز، بەش ۋاق نامازنى باشلىۋالساق تاشلىۋېتىمىز.
روزاخۇن كۈلۈپ قويدى، ۋەلى پىجۇ ئۇنى ئەيۋەشكە كەلدى دەپ ئويلاپ يەنە ھاراق تەڭلىدى. 
ــ مەن راست ئىچمەيمەن،ــ دېدى روزاخۇن  بۇ گۇيلار ئالدىدا لاتاغىلاپ بولماسلىققا تىرىشىپ. 
ــ ناماز باشلىۋالدىم دەپ يالغان ئېيتقان گۇناھىڭ ئۈچۈن ئىچىسەن!نامازنى ئوقۇش كېرەك، تۈزۈك ئوقۇش كېرەك. بولمىسا مۇشۇنداق ئىچىپ خۇش كەيىپ بولۇش كېرەك! ئال بۇنى قولۇڭغا!
ــ تاڭنۇر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، مەن ئۇ يوق ۋاقتىدا ئوقۇيمەن نامازنى!
ــ بولدى قىل، خۇدادىن قورقۇپ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم خوتۇن دېگەندىنمۇ قورقامدۇ؟
ــ مەن ئۇنىڭدىن قورقمايمەن، خۇدايىمدىن قورقىمەن.
ــ يالغان ئېيتما، قورققان بولساڭ قېنى بەش ناماز؟  
ــ بەش ۋاق ئوقۇيالمىساممۇ، ھاراق ئىچمەيمەن.
ــ ئۆزەڭنى ئالدىما، سېنىڭ بەش ۋاقتىن بىر ۋاق ناماز ئوقۇمىغىنىڭ مۇشۇ ھاراقنى ئىچكەندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر گۇناھ…
ــ شۇڭا مېنىڭ گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلغۇم يوق.
ــ ئىلگىرىكىن لاتاقاسقاس گۇيكەن بۇ…ــ دېدى گۇپپاڭچىلاردىن بىرى.    
ــ مېنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ نوچى بولغۇم يوق.
ــ ھاراق ھېچكىمنى نوچى قىلالمايدۇ، بىز بۇ يەردە جۈرئىتىڭنى سىناۋاتىمىز. مۇشۇ پەيتتە  ئىچسەڭ سازلىشىسەن، ئىچمىسەڭ مازلىشىسەن.
روزاخۇننىڭ تۇرۇپلا پىغانى ئۆرلەپ ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى.
ــ يارايسەن!  قورقۇنچاق گۇيلار ئىككىلىنىپ ھېچ ئىش قىلالمايدۇ!ــ دېدى ۋەلى پىجۇ تەنتەنە قىلىپ،ــ ئادەم دېگەن ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلالىشى كېرەك. بۈگۈن تەۋەككۇل دەپ ئىچكەن بولساق، ئەتە تەۋەككۇل دەپ ساۋابلىق ئىشتىن بىرنى باشلايمىز. كىم بىزنى قىلالمايدۇ دەيدۇ؟
شۇنداق قىلىپ روزاخۇن كەينى-كەينىدىن ئىچىپ، قىززىپ، دۇتتار دېگەننى ۋاڭشىتىپ چېلىپ سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋەتتى.  ۋەلى پىجۇ ئۇنى ئادەمدىن مايمۇن قىلىپ، تاماشاسىنى كۆرۈۋاتقاندەك ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇردى.
روزاخۇن ياتاق ئۆيىگە لەيلەپ كىرىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى، بىر دەمدىن كېيىن تاڭنۇر خېنىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۇنى تۈزەشتۈرۈپ يېنىدا ياتتى، ۋەلى پىجۇ  روزاخۇننىڭ پىغانىنى ئۆرلىتىپ ھاراقتىن مەست قىلىپ تاشلىغان بولسا، تاڭنۇر خېنىمنىڭ كونا دەرتلىرىنى قوزغاپ قويغانىدى. ئۇ روزاخۇنغا كەينىنى قىلىپ خىيال سۈرۈپ ياتقاندا ۋەلى پىجۇدىن ئۇچۇر كەلدى: تالاغا چىق، پاراڭلىشايلى
تاڭنۇر خېنىم روزاخۇنغا قاراپ قويۇپ، ھېچ ئىككىلەنمەستىن تالاغا ماڭدى. ۋەلى پىجۇ  ئۇنى كۆرۈپلا ئالدىغا كەلدى:
ــ  ساڭا پەقەت چىدىمىدىم، ماشىنا ئاۋۇ يەردە.
ــ بايا نېمە دېدىڭ؟
ــ ھەممىسى يالغان، ئېرىڭنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ يۈرسەم بولامتى؟
ــ نەپسىڭنى قاندۇرۇپ بولۇپلا يەنە ئېشىۋالارسەن.
ــ ئۇنداق ئەمەس، ئېشىۋالسام بۇ كېچىدە ساڭا ساقلاپ ئولتۇرامتىم؟
ــ نەگە بارىمىز؟
ــ ماشىنىغا چىق…
ــ نېمە ساراڭلىق بۇ؟ بۇنداق قىينىلىپ يۈرگەندىن ئۆيدە، كەڭ كارىۋات… ياخشى ئەمەسمۇ؟
ـــ ئۇنىمۇ قىلىپ باقتۇق خوتۇن، زېرىكتۇق. بۇنىمۇ سىناپ باقايلى، زېرىكىپ قالساق يەنە بۇرۇنقىدەك ياشارمىز.
ــ   ئوغرىلاپ يېگەن تاۋۇزنىڭ تەمى  باشقىچە بولىدۇ دەپ كېتىشلىرى تېخى! چېقىپ تاشلىۋېتىپ كېتىۋېرىسەن، دەردى ماڭا ئېشىپ قالىدۇ. 
ــ ئاۋازىڭنى پەس قىل…
روزاخۇن ھاراق ئىچىشنى باشلىۋالغاندىن كېيىن تاشلىيالمىدى، ئەرشىدىندىنمۇ قېچىپ يۈردى. ۋەلى پىجۇ پات-پات كېلىپ سورۇن تۈزۈپ روزاخۇننى چاقىرىۋالاتتى. روزاخۇنمۇ ئۇنىڭ ھاراقلىرىنى ئىچىپ، ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ كۆنۈپ قالدى. كېچىلىرى مەست، ئەتىسى كاللىسى قاپاق، كۈندۈزلىرى گالدى- گۇلدۇڭ يۈرەتتى. تاڭنۇر خېنىمنىڭ بويۇن، قۇلاقلىرىدا زىبۇ زىننەتلەر كۆپىيىپ قالدى، پۇلدا خېنىملار قانداق سومكا ئاسقان بولسا بىر نەچچە كۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ يېنىدىمۇ  شۇنداق سومكا پەيدا بولاتتى، خېنىملار قانداق نوركا كىيگەن بولسا ئۇنىڭ ئۇچىسىدىمۇ شۇنداق نوركا پەيدا بولاتتى. روزاخۇن بۇ جابدۇقلار نەدىن كېلىۋاتىدۇ، باھاسى قانچە دېگەنلەرگە دىققەت قىلمايتتى، قىزىقمايتتى. كاتەكتەك ئۆينى تارلاشتۇرۇپ قويۇۋاتقان لاقا-لۇقىلارنى ئەچىقىپ ساتسا شۇنىڭ پۇلىغا گەدىنىدىكى قەرزنى تۆلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. تاڭنۇر خېنىمنى ئىلكىدىن چىقىرىپلا قويمىسا، ھەر ئاخشىمى خوتۇن قىلىپ ئۆتىۋەرسە، ئۇرۇش-تالاش قىلمىسا، قالغان ھەممىگە رازى ئىدى. خوتۇنىدىن  قالسا،  سورۇندىكى قىززىقچىلىق، كەيىپ-ساپاغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتتىكى، ئۇ بولمىسا ھاياتىدا خۇشاللىق بولمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئەمما ھەممە سورۇندىن ئۇنىڭغا نەپ، ياخشى گەپ چىقىۋەرمەيتتى، ھەممە ئادەمدىن ئۇنىڭغا خۇشاللىق كېلىۋەرمەيتتى.
بىر كۈنى سورۇندا مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دەپ سېقىمە ناخشىلارنى بولۇشىغا ئېيتتى،
خەنسونى ھېساب بىلەن چوتقا قوي،
ئورۇسنى مىلتىق بىلەن پوستقا قوي
قازاقنى پىچاق بىلەن ئەتكە قوي،
تارانچىنى كەتمەن بىلەن باشقا قوي،
ئاتۇشلۇقنى قوراي بىلەن جاڭگالدا قوي،
قەشقەرلىكنى ئېشەك بىلەن چۆلدە قوي
ئاقسۇلۇقنى كاۋا بىلەن باراڭدا قوي…
دەپ تازا پەيزى بىلەن ئېيتىپ، چاۋاكلارغىمۇ كۆمۈلۈپ، ئۆزىنى يەلپۈپ چېيىنى ئىچىپ ئولتۇراتتى.  سورۇننىڭ ئىززەت تەختىدە ئولتۇرغان، تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەن ياش دوكتور  دەپ تونۇشتۇرۇلغان بىرى ئۇنىڭغا تەنبىھ بەردى:
ـــ بۇرادەرلەر، چاۋاك چېلىشقا ئالدىراپ كەتمەيلى. ھەر ئىشنى ئويلىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ قىلايلى. تارىختىن بۇيان بىز مۇشۇنداق نادانلىقىمىز، بىخۇتلۇقىمىز، ئالدىراڭغۇلۇقىمىز تۈپەيلىدىن زىيان تارتىپ كېلىۋاتىمىز.  بۇ ناخشىدا ساددا خەلقنىڭ ناچار تەپەككۇرى، ھىيلە-مىكىرنى ئۇلۇغلاش، مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىق، ئۆچمەنلىك ئىدىيىلىرى بار. ناخشا ئېيتقان بۇرادىرىم بۇنى نەدىن تېپىپ ئوقۇدى، بىلمىدىم. بۇنداق خاتا  ناخشىلارنى سورۇنلاردا ئوقۇش تېخىمۇ خاتا! بۇ ناخشىنى ھەر كىم ئاڭلىسا ئايرىمىچىلىق ئىدىيىسى كۈچىيىدۇ، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ،  قۇۋ، ھىيلىگەر بولۇپ كېتىدۇ. قارىماققا ئاددىي ناخشا،  لېكىن بۇ ناخشىدا شۇ رەزىللىكلەرنىڭ ھەممىسى بار، ئاڭلىغان ئادەم شۈركىنىدۇ. شۇڭا دەيمەن،  كۈلكە بولسۇن دەپ قىلغان ئىشلىرىمىز ئاخىر مۇسىبەتكە ئايلىنىپ قالمىسۇن…
روزاخۇن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپلا قالدى، سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ دوكتورنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇراتتى. 
ـــ بىزنىڭ سورۇندارچىلىق ئەنئەنىمىز بەك ياخشى، بىر نەچچەيلەن يىغىلىپ ھال-مۇڭ بولىمىز. ئەمما سورۇنلىرىمىزنىڭ سۈپەت-ساپاسى بەك تۆۋەن، چوڭ-چوڭ تېمىلار، جەمئىيەتتىكى تەخىرسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلىشىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ تايىنى يوق، ئىچكىۋازلىق، غەيۋەتخورلۇق، ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان. ھاراقسىز سورۇننى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ھاراق ئىچمەيدىغان ئەرنى ئەر ھېسابلىمايدىغان ساراڭ ئىللەت بىزدىلا بار، بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ چاي ئوينايدىغان، دەردىم بار دەپ ئىچىپ قويىدىغان ھاياسىز، سۈپەتسىز خوتۇنلار بىزدىلا بار. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرلەردە،  ئىچىپ چېكىپ ساراڭدەك يۈرىدىغان ئەرلەردە مەسئۇلىيەت نېمە ئىش قىلسۇن؟ مۇشۇنداق شەرەپسىز گۇيلار مىللەتنى خاراپ قىلىدۇ…
روزاخۇن كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان بۇ ھاراقسىز سورۇننىڭ تۆرىدە ئولتۇرغان سالاپەتلىك دوكتورغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆزىنى تولىمۇ نادان، ئەرزىمەس ھېس قىلىپ ئىچى سىقىلدى.
ــ تۈركىيىدىكى ئاشخانىلاردا ھاراق سېتىلمايدۇ، ئىچىدىغانلار قاۋاقخانىغا بارىدۇ. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ يولىدا، پاسىق پاسىقنىڭ يولىدا كېتىۋېرىدۇ، ھەرگىز مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ھاراق ئىچىپ كوچىدا رەسۋالىشىپ يۈرمەيدۇ. سورۇندا تۈركلەر ھەرگىز يات بىرىنىڭ خوتۇنى بىلەن تانسا ئوينىمايدۇ، خوتۇنىنىڭ باشقا ئەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بەل تۇتۇشۇپ يۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئەگەر خوتۇنىنى باشقا ئەر بىلەن رەسۋالىشىپ يۈرگەن يەردە تۇتۇۋالسا ئىككىلىسىنى بوش قويمايدۇ، ھەتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنى تۈركلەر ”ئار-نومۇسنى ئاقلاش“ دەپ چۈشىنىدۇ. بىزچۇ؟ بىزنىڭ ئەرلىرىمىزمۇ؟  بۇنى دېمىسەممۇ ئۆزەڭلار بىلىسىلەر،  ئېچىنىدىغان ئىش بەك تولا، مۇسۇلمانلىق، ئەركەكلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. تۈركىيىدىن كەلگەندىن بېرى بىر كۈن خۇشال بولۇپ باقمىدىم، نەگىلا قارىسام بىزنىڭ بۇ ھالىمىزنىڭ ناچارلىقى، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۆزىمىزنى ئالداپ بىخۇد ياشاشلىرىمىز، يالغان كۈلۈشلىرىمىز… ئىچىمنى بەك سىقىۋەتتى…
ــ ئەمىسە قانداق ياشايمىز؟ ــ دېدى روزاخۇن تەنە قىلىۋاتقاندەك،ــ ئۆزلىرىدەك بىلىملىك ئادەمنى تاپماق تەس، شۇڭا تەلىم بەرگەن بولسىلا… 
ــ سىز ئىچىۋالغان ئوخشىمامسىز؟ــ دېدى دوكتور چېيىنى قولىغا ئېلىپ.
ــ مەن كۈندە مۇشۇنداق ئىچىپ يۈرىمەن، ئىچمىسەم چالالمايمەن. لېكىن ئىچسەممۇ ئۆزەمنىڭ ئەركەكلىكىنى، مۇسۇلمانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ـــ تىپىك ئۇيغۇرنىڭ گېپىنى قىلدىڭىز، سىزدەك مۈجمەل ئىنسانلار بىزدە بەك تولا. شۇڭا ھەيران قالمايمەن.
ـــ مەن كۆپ ئوقۇمىغان، ئوقۇيالمىغان. چوڭ ئىشلارنى سىزدەك چۈشىنىپ كېتەلمەيمەن. ئەمما خۇدايىم ھەر كىمنىڭ كاللىسىنى ئوخشاش يارىتىپ قويمىغان، ھەر كىم ئۆزى قانداق ياشىسا شۇنىڭغا چۇشلۇق بىلىم ئالالايدۇ دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، سىز كۆپ ئوقۇغان بىلەن مەندەك جەمئىيەت كۆرۈپ باقمىغان. بەزى ئىشلارنى مەنچىلىك بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن…
سورۇندىكىلەر ھەيران قېلىپ، بىر دەم روزاخۇنغا، بىر دەم دوكتورغا قارايتتى.
ـــ توغرا، سىز جەمئىيەت كۆرگەن، سورۇن كۆرگەن. ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ باققان، شۇڭا ئىدىيىڭىزمۇ ئارىلىشىپ كەتكەن. سىزدەك ئادەملەردە  كۆپ ھاللاردا مۇستەقىل ئىدىيە بولمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش تۇتىدۇ. مۇشۇنداق قىلساملا ياخشى ياشىيالايمەن دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ئويلىيالايدىغان، قىلالايدىغان ئىشىڭىز شۇنچىلىك.  ئادەم ئۆزىنىڭ بىلىمى، ئىدىيىسى، ئىقتىسادىي كۈچىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، پەرقلىق ياشايدۇ. شۇڭا بىلىم مۇھىم، ئىدىيە مۇھىم، ئىقتىساد مۇھىم. سىزدە ئەگەر بۇنىڭ ھېچقايسىسى بولمىسا، ھايات دېگەن مۇشۇ دەپ ئۆتىۋېرىسىز، ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇيالمايسىز، تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز.
ــ توغرا، مېنىڭ كاللام ئارىلىشىپ كەتكەن. ئىچىپ-چېكىپ ئويناپ باقتىم، نامازمۇ ئوقۇدۇم، ئاخىر يەنە ئىچمەي قۇتۇلالمىدىم. قانداق قىلسام كاللىسى ساق ئادەم بولالايمەن؟
ــ بۇ سىزدىكى نادانلىق، بىلىمسىزلىكنىڭ ئالامىتى. ئەگەر ساۋادىڭىز بولسا كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭ، بۈگۈنكى دۇنيانى، جەمئىيەتنى چۈشەندۈرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇڭ، دىنىي كىتابلارنى ئوقۇڭ، ھازىر سىزگەم ئەڭ يارايدىغنى شۇ.
ــ كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمەن. ئىلگىرى ئوقۇماپتىكەنمەن، ھازىر ئوقۇش خوشياقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر كىتاب ئوقۇپ ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ كېتىشىمگە ئىشەنمەيمەن.
ــ ئەمىسە بۇ سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى، خاراكتېرىڭىزدىكى مەسىلىكەن. بۇنىڭغا ئامال يوق.
روزاخۇن بۇ دوكتورنىڭ گەپلىرىنى نەچچە كۈنگىچە ئۇنتۇيالمىدى، بولار يېرىم مۇشۇ دەپ ئۆزىنى تاشلىۋەتسە، مەيلىخوشلۇق ئلىكىدە ياشاۋەرسىمۇ كۈنى ئۆتىدۇ. باشقىچە ياشاپ باقاي، تىرىشىپ باقاي، ھالىمنى ياخشىلاپ باقاي دېسىمۇ بولىدۇ، بىراق كۆنگەن مۇھىت، كۆنۈپ قالغان تۇرمۇش،  كۆنۈپ كەتكەن ئىشلار ئۇنى چەكلەپ تۇرۇۋاتسا،  ھەمدە پەقەت كۆنۈپ قېلىشلا ئۇنىڭغا ھۇزۇر، خاتىرجەملىك بېغىشلاۋاتسا، باشقىسىغا جېنىنى ئۇپرىتىپ نېمە كەپتۇ؟
رېستۇراندا كۈندە يېڭى ئىشلار چىقىپ تۇراتتى، يېڭى مېھمانلار كېلىپ تۇراتتى، دۇتتارنى زىل چېلىپ، ئادەتتىكى  ئىشلارنىمۇ زىل  قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن روزاخۇن تەملىك كاۋاپلارنى چىقىرىپ مېھمانلارنى ھۇزۇرلاندۇرغان باشقا، ۋايىغا يەتكەن ساز، ناخشىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۆز كۆڭلىنىمۇ خوش قىلىپ يۈرەتتى. بىر كۈنى كەچتە نازاكەت بىر قانچە قىزلارنى ئېلىپ ئايرىمخانىغا كېلىپ ئولتۇرۇش قىلدى، سورۇنى تۈگەي دېگەندە روزاخۇننى چاقىردى؛  نازاكەتنى دېسە روزاخۇننىڭ دۇتتا چالغۇسى يوق ئىدى، باشقا قىزلارنى دەپ قالدى. ھەر بىر يېڭى چىراي، يېڭى گۈزەللىكلەر ئۇنى غايىۋانە غىدىقلاپ تۇراتتى. نازاكەت ئۇنى ساۋاقداشلىرىغا تونۇشتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كونا تونۇشلۇقىنى ئېيتتى، روزاخۇننىڭ سالاھىيىتى ئەگەر ناخشىچى بولغان بولسا نازاكەت بەلكىم ئۇنى دوستى، مۇھەببىتى قاتارىدا تونۇشتۇرغانمۇ بولاتتى.
ـــ شاراپەت كەلمەپتىغۇ؟ــ دېدى روزاخۇن خۇددى ئۇنى سېغىنىپ قالغاندەك ھەسرەت بىلەن.
ـــ كەلگىلى ئۇنىمىدى، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ھاراممىش، تورت يېمەيمىز، شام ياقمايمىز، پەقەت تاماق يەپلا كېلىمىز دېسەممۇ ئۇنىمىدى.
ـــ بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىزمىدى؟ مۇبارەك بولسۇن، قۇرۇق بولسىمۇ!
ـــ بىرەر ناخشا بولسىمۇ سوۋغا قىلارسىز؟ــ دېدى نازاكەت يېقىملىق كۈلۈپ،ــ ھېلىقى چاغدا نورۇزدا ئېيتالمىغان ناخشىڭىزنى بىر ئاڭلىغۇم بار.
روزاخۇن ئۇ ناخشىنى ئېيتىش پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئازراق بولسىمۇ سۆيۈندى.
ـــ شۇ چاغدا سىزنى  قەستەن سەھنىگە چىقارمىغاندەك ئىش بولدى، مەندىن بەك خاپا بولدىڭىزغۇ دەيمەن.
ـــ ياقەي، ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتىم ھازىر…
ـــ ئەمىسە شۇ ناخشىڭىزنى بىر ئوقۇۋەتكەن بولسىڭىز.
روزاخۇن تولا ئوقۇپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە ئورناپ كەتكەن شۇ گۈزەل ناخشىسىنى بۇ قىزلارغا پۈتۈن مېھرى بىلەن تەقدىم قىلدى:
  نەقەدەر گۈزەل بۇ ياشلىق چاغلىرىم،
نەقەدەر گۈزەل بۇ رەڭدار باغلىرىم.
ياشلىقتا چەككەن شۇ ئازابمۇ گۈزەل،
ناخشىدۇر گوياكى ئاھۇ زارلىرىم…

ناخشا تۈگىگەندە روزاخۇن بېشىنى ئەگدى،  قىزلار ئېڭەك تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالغانىدى، نازاكەت ئېغىر ئۇھ تارتىپ ئارىدىكى جمىجىتلىقنى بۇزدى:
ــ ئەجەپ مۇڭلۇق ناخشىكەنغۇ بۇ؟  سەھنىگە بىر ئېلىپ چىققان بولسىڭىز بالىلار ئارىسىدا مودا بولغىدەككەن!
ـــ شۇ ئەمەسمۇ، جىق بالىلار ئاڭلىيالماي قاپتۇ بۇ ناخشىسى! يەنە بىر ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز تېلېفونىمىزغا ئېلىۋالساق بوپتىكەن! ـــ دېىيىشتى قىزلار.
روزاخۇن زوق-شوخ بىلەن ناخشىنى باشلاپ، بىر دەمدىن كېيىن ئۆز مۇڭى، ئۆز كۈيى، ئۆز قەلبىنىڭ قېتىغا چۆكۈپ كەتتى، قىزلار ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئاڭلىسا مۇڭلىنىدۇ دەپ ئويلىدى ھەم شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتتى.
ــ رەھمەت، بۈگۈن بۇ مەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز سوۋغات بولدى،ـــ دېدى نازاكەت ھاياجانلىنىپ.
ــ شۇ باھانىدا بىزمۇ سوۋغاتلىق بولۇپ قالدۇق،ــ دېيىشتىن قىزلار چاقچاق قىلىپ.
روزاخۇن بۇ ماختاشلاردىن مەست بولۇپ ئولتۇرغاندا تاڭنۇر خېنىم ئايرىمخانىغا ئۈسۈپلا كىردى:
ـــ ئىشىڭ تۈگىدىمۇ؟
قىزلار ئەجەبلىنىپ روزاخۇنغا قارىدى، روزاخۇن بۇ خوتۇنىنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىق، بىزارلىق بىلەن چەكچىيىپ ئورنىدىن قوپتى:
ـــ نېمە بولدى؟ نېمە ئىش؟
ـــ ئا يەردىكى مېھمانلار بەك ساقلاپ كەتتۇق دەپ ئولتۇرىدۇ!
ـــ ھازىر چىقىدۇ دەپ قوي.
ـــ ئىتتىكرەك بولارسەن…
تاڭنۇر خېنىم ياش، شاش قىزلارغا شۈبھىلىك نەزەردە قاراپ قويۇپ، چىقىپ كەتتى.
ـــ كىم ئۇ؟ ــ دېدى نازاكەتمۇ گۇمان بىلەن. 
ـــ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ.
ـــ قاچان توي قىلىۋالدىڭىز؟ ــ دېدى نازاكەت ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي.
ـــ يېقىندا قىلدۇق.
ـــ نېمانچە تېز دەيمىنا؟ بىزگە خەۋەرمۇ قىلماپسىزغۇ؟
ـــ چوڭ توي قىلمىدۇق، يىگىرمە ئوتتۇز خەققە چاي بېرىپلا ئىشنى تۈگەتتۇق.
ـــ شۇنداق بولسىمۇ، توي ئىشى دېگەن چوڭ ئىش تۇرسا…
ـــ مەنمۇ سىلەرنى چاقىراي دەپ ئويلىغان، لېكىن…
ـــ لېكىن سورۇنغا ماس كەلمەيدۇ، بىزنى ياراتمايدۇ دەپ ئويلاپ… شۇنداقمۇ؟
ـــ ئۇنداقمۇ ئەمەس، سىلەر كېتىپلا ئىزدەشمىدۇق.
ـــ توغرا دېدىڭىز، مەيلى، ئىشقىلىپ بەختلىك بولۇڭلار.
نازاكەت دوستلىرى بىلەن بىللە قايتىشقا تەمشەلدى، قىزلار ”ناخشىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت“ دېيىشىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى. نازاكەت ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا بىر نەزەر تاشلىدىكى، بىر نەرسگە ئېچىنىۋاتامدۇ ياكى  ئاھ ئۇرۇۋاتامدۇ… بىلگىلى بولمايتتى. نېمىشقا بۇ قىزلار مۈشۈك بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىنى تاتىلايدىغاندۇ؟
روزاخۇن يەنە بىر ئايرىمخانىغا ماڭغاندا ئۆزىنى تولىمۇ ھارغىن، كۆڭۈلسىز ھېس قىلدى. ئەمدى ھېچكىمگە دۇتتار چېلىپ ناخشا ئوقۇپ بەرگۈسى يوق ئىدى، مېھمانلارغا ئۆزۈر ئېيتىپ يېنىپ چىقىمەن دەپ ئويلاپ كىردى، ئەمما سورۇننىڭ چوققىسىدا كېرىلىپ ئولتۇرغان ۋەلى پىجۇنى كۆرۈپ غىڭ قىلالمىدى، چىلاشقۇدەك ئىچىپ، نېمە چالغىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەست بولۇپ، ئارقىدىن ساراڭ بولۇپ كېتىشنى ئويلىدى.  
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى