چىرىكلىك ۋە ھايانكەشلىك
-
چىرىكلىك ۋە ھايانكەشلىك
ۋاقتى: 2012-07-13 ئاۋاتلىقى: 397 قېتىمكۇلىغا پويىزدا مېڭىپ باققانلار بىلىدۇ، ھايانكەشلىك ئىزچىل ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى، پويىزنىڭ بېلەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن ھايانكەشلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەت يىللاردىن بېرى كۈچىيىپ، مۇستەھكەملىنىپ كەلدىكى، كىملىك بويىچە بېلەت ئېلىش ۋە پويىزغا چىقىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ بۇ مۇناسىۋەت، بۇ خىيانەت، بۇ چىرىكلىك داۋاملىشىۋەردى. بېيجىڭ-ئۈرۈمچى لىنىيىسى ھەر تەتىل، چاغان، يازلىق ساياھەت ۋاقىتلىرىدا شۇنچىلىك باس-باس بولۇپ كېتىدۇكى، ھايانكەشلەرمۇ بۇ چاغدا ھەددىدىن ئاشىدۇ، 550 سوملۇق بېلەتنى نومۇس قىلماي 1100 سوملارغا ساتىدۇ. ماڭساڭ ماڭ، بولمىسا ماڭىدىغان ئادەم بار، دەيدۇ.يانفوندا كۆرۈش
2007-يىلى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا كېلەشىمدە ئاستى كارىۋاتنىڭ بېلىتىنى 900 سومغا ئالدىم، بېلەتنى ئېلىپ قارىسام ئوقۇغۇچىلار بېلىتىكەن، مەن ئوقۇغۇچى ئەمەس، كېنىشكام يوق دېسەم، مەندە بارى شۇ، پويىزغا چىققاندىن كېيىن كارىۋاتلىق ۋاگوننى بەك تەكشۈرۈپ كەتمەيدۇ، دېدى. ئالدىراپ قالغاچقا مەيلى دەپ چىقىۋەردىم، چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىنى كۆرسىتەلمەي، 200 سومغا يېقىن پۇل تۆلىدىم، شۇنىڭ بىلەن، بىر بېلەتكە ئىككى بېلەتنىڭ پۇلىنى تۆلەپ مەنزىلگە ئاران كېلىۋالدىم. شۇ چاغدا ئايروپىلان بېلىتىنى 1600 سوملارغا ئالغىلى بولاتتىكەن، نەچچە يۈز سوم پۇلنى ئارتۇق خەجلەپ ئايروپىلاندىلا ماڭماي، ھايانكەشنى سەمرىتىپتىمەن، شۇندىن كېيىن شۇ پارازىتلاردىن تولىمۇ سەسكىنىدىغان، بۇ پارازىتلارنىڭ ئۇۋا ياساپ، كۆپىيىپ، يامراپ كېتىشىگە مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن ھوقۇقدار كۈچلەرگە نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ كەتتىم.
ئادەم نەدە كۆپ بولسا، بېلەت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە نەدە قىس بولسا، ھايانكەشلەر شۇ يەرگە پوققا ئولاشقان چىۋىندەك ئولىشىدىكەن. قايسى كۈنى تۇڭرېن دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا 14 سوملۇق نومۇرنى 200 سومغا ئالدۇق. ئالدىنقى كۈنى كومپيۇتېردا نومۇرغا تىزىملاتقاندا ئۈچ كۈنلۈك نومۇر نورمىسى توشۇپ كېتىپ ئالغىلى بولمىغانىدى، ھايانكەش بىر كۆزنەكنىڭ ئالدىغا بېرىۋىدى، شۇ ھامان نومۇر قولىمىزغا تەگدى. بۇ نومۇرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن ئىلگىرى 11:30غىچە بولۇپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا نومۇر ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالدىراپ، ئادەملەر ئارىسىدىن پۇتلىشىپ ماڭالمايۋاتساق، "نومۇر لازىممۇ، مۇتەخەسىسلەر نومۇرى..." دەپ بىر نەچچىسى يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بىر توپ "قارا ئۆمۈچۈكلەر" دوختۇرخانىنىڭ ھەممە يېرىگە تور تارتقان بولۇپ، بىر نەچچىسى كۈندە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بارلىق نومۇرلارنى ئالدىن تىزىملىتىپ بولىدىكەن، بىزلەر ئېچىپ توردىن تىزىملىتايلى دېسەك، ئاللىبۇرۇن تۈگىدى دەپ خەت چىقىپ تۇرۇۋالىدىكەن. كۆزنەك ئالدىغا بارسىمۇ شۇ گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە ياقا يۇرتتىن كېسەل داۋالاتقىلى كېلىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، نەچچە كۈن نومۇر ئالالمىسا شۇنچە كۈن ياتاقتا يېتىپ بىر مۇنچە چىقىمدار بولىدىغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن مەيلى دەپ، نەچچە يۈز سوم خەجلەپ ھايانكەشنىڭ قولىدىن نومۇر ئېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
ئالدىنقى ئايدا بالىلارنى ئوينىتىپ كېلىلى دەپ ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش سارىيىغا باردۇق، بېلەت نومۇرىنى توردىن تىزىملىتىپ ئالغان بولغاچقا، ھايانكەشكە ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمىز. بارساق بۇ سارايغا كىرىمىز دەپ تۇرغان ئادەملەر 100 مېتىردىن ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇپ كېتىپتۇ. تەييار نومۇرنى بېلەتكە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ سائەت-سائەتلەپ ساقلاشقا توغرا كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سارايغا كىرگەن ئادەم 4000 غا يەتكەن ھامان، بېلىتى بولسىمۇ كىرەلمەيدىكەن، كىرگەن بىلەن 4000 ئادەم ئارىسىدا قانداق ئوينايدۇ، قانداق سۇ ئۈزىدۇ؟ ھەيرانلىق، سىقىلىش ۋە سەسكىنىش ئىچىدە كېتىپ قالدۇق. كېيىن ئايالىم بېرىپ ئۇ نومۇرنى بېلەتكە ئالماشتۇرۇپ، ھايانكەشلەرگە زىيىنىغا سېتىۋېتىپ يېنىپ كەلدى.
ھەممە يەردە ئادەم كۆپ، چىرىكلىك ئېغىر، يوچۇق كۆپ، بىر پۇڭنىڭ تۆشۈكىدىن يۈز ئادەم ئۆتىدۇ. قاراپ تۇرسام، ئۆچرەتتە تۇرغان خەنزۇ ئۆچرەتتە تۇرمايدىغان خەنزۇنى "بۇنىڭ چوقۇم ئارقا تىرىكى بار" دېدى، چىرىكلىك، ھايانكەشلىك ئەۋج ئالغان جەمئىيەتتە ھەممە قۇرۇلما، جازىلار تەڭشىلىپ بولغاندەك قىلىدۇ. ئەمەلدارلار، يولى بارلار ھايانكەشلەرگە ئازراق مۇھتاج بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، چىرىكلىك بىلەن ھايانكەشلىكلىكنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش. بۇ يىلتىز كېسىپ تاشلانسا، جەمئىيەتنىڭ ئۇلى قومۇرۇلۇپ كېتەرمۇ ياكى قايتا گۈللىنەرمۇ؟Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)
2011-12-30 12:47:431218ئۇسسۇلچى قىزنىڭ جىلۋىسى (ھېكايە)
2015-02-12 13:17:211915نومۇس نەدىن باشلىنىدۇ؟
2013-03-20 02:22:361085تىرىكلىك نىشانى (2)
2015-08-07 12:24:08999ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم
2015-08-07 00:33:511728ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)
2015-08-30 11:20:584316ئادەم بولماق تەس
2016-06-06 09:26:55668تىل دېگەن نەرسە
2015-08-07 20:09:301418
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-