ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

گۇناھ (پوۋېست)

گۇناھ (پوۋېست)

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1504 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يەتمىشتىن ئاشقان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ مومىيى بىر ئايدىلا كەينى-كەينىدىن قازا قىلىپ، ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەمەت مەخسۇمغا كەڭتاشا ئۆي، باغ-ۋاران، كالا-قوي مىراس قالدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى ھىدايەت قارى تېخى ھەقىقىي قارىيلىققا يەتمەستىلا شۇ نام بىلەن سۈپەتلەندى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىپادىلىنەتتى. بوۋاي، موماي تاۋۇتقا سېلىنىپ زاراتلىققا ئېلىپ مېڭىلغاندا ھىدايەت قارىمۇ جامەئەتكە قوشۇلۇپ ماڭدى، مېيىت دەپنە قىلىنغاندا تۇپراق بېشىدا قاراپ تۇردى، مېيىتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈۋاتقاندا جامائەتنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ تۇردى. ئۇ ھاياتلىقنىڭ زادى قانداق ھادىسە ئىكەنلىكىنى، ھازىر ناماز ئوقۇۋاتقان مۇشۇ ئادەملەرنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقى ۋە نامىزى چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى، مەسچىت ۋە مازارلىقنىڭ مۇشۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيتتى. مېيىت نامىزى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇ كەڭ كەتكەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىدىكى قەبرىلەرنى ئارىلاپ كۆرۈپ باققۇسى كەلدى، بىراق جىندىن قورقتى. ئۇ تەڭتۈش بالىلاردىن جىن دېگەننى ئاڭلىغان، ئاتىسى سەمەت مەخسۇمدىن ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغانىدى. سەمەت مەخسۇم ئۇنىڭغا جىننىڭ ئىس-تۈتەكتىن يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زاراتلىق، ئەسكى تام، ئەسكى تۈگمەن، باغنىڭ چۆرىسىدىكى چىتنىڭ تۈۋى، چوڭقۇر ئازگال، ياداڭلىق، يالغۇز دەرەخنىڭ كامىرى، ئەخلەت تۆكۈلگەن كارىز، توپ تېرەكلىك، قېرى سۆگەتلىك يېنىدا ئادەمدىن يىراق ياشايدىغانلىقىنى، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ سۆڭەڭ-ئۇستىخانلىرىنى يەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسى، ياخشى-يامىنى بولىدىغانلىقىنى، ئادەملەرگە بەزىدە ئەسلى قىياپىتىدە، يەنى بويى پاكار، دۈمبىسى كامار، ئۇزۇن چاچ-ئۇزۇن تىرماقلىق، بىر كۆزلۈك، بۇرنى پاخشەك، ئېغىزى ھاڭدەك، بېلى يادەك، پۇتى تەمەچتەك كۆرۈنسە، بەزىدە ئېشەكنىڭ، ئۆچكىنىڭ ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىدە ياكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى سىياقىدا كۆرۈنۈپ قالىدىغانلىقىنى، ئادەملەرگە ھەر ۋاقىت زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم خۇدايىتائالاغا سادىق بەندە بولۇش كېرەكلىكىنى، ئايتەلكۇرسىنى بىلىش لازىملىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. ھىدايەت قارى ئۇ ئايەتنى بىلمەي تۇرۇپلا زاراتلىققا ئۇقماي كىرىپ سېلىپ، جىنلارغا يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقتى ۋە دەرھال جامائەتنىڭ يېنىغا بېرىۋالدى، جىنلار ئادەم كۆپ يەرگە يېقىن كېلەلمەيدىغاندەك قىلاتتى.
زاراتلىقتىكى جىن ۋەھىمىسىدىن كېيىن ھىدايەت قارى ئايتەلكۇرسى دەيدىغان ئۇ ئايەتنى ئاتىسىدىن جەزمەن ئۆگىنىۋېلىشنى ئويلىدى. سەمەت مەخسۇم ئۇنى مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭغا سۈرە ئۆگىتىشكە باشلىدى. ھىدايەت قارى كەلىمە شاھادەتتىن باشلاپ ئايتەلكۇرسىغىچە بولغان مۇھىم سۈرىلەرنى ناھايىتى تېز يادلىۋالدى. سەمەت مەخسۇم ئوغلىنىڭ ئوچۇق زېھنىگە، تەسىرچان ھەم خىيالچان تەبىئىتىگە زوقلىناتتى، ئۇنى دائىم ماختايتتى، ئاسرايتتى، قوي بېقىشتىن باشقىغا سالمايتتى؛ ئانا مېھرىگە قانمىغان بۇ يالغۇز، يېتىم ئوغلىنىڭ ياخشى ئۆسۈپ، كېيىنچە كاتتا داموللا بولۇشىنى خۇدادىن تىلەيتتى.

ھىدايەت قارى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئاتىسى بىلىدىغانلىكى سۈرىلەرنى قويماي يادلاپ بولدى؛ بەش ۋاق ناماز ئوقۇشقا باشلىدى؛ قوي باققان يەردە ئۇ ئىلگىرى ئۆگەنگەن سۈرىلىرىنى تەكرارلىغاچ، ئاتىسى ھەپتىيەكتىن بەرگەن ساۋاقلىرىنى پىششىقداپ، قىسقا ۋاقىتتىلا ساۋادىنى چىقىرىپ، يېڭى سۈرىلەرنى ئۆزى ئوقۇپ يادلاشقا چۈشتى. ئۇ ھەپتىيەكنى تۈگىتىپ قۇرئانغا ئۆتكەندە مەكتەپكە قەدەم باستى. سەمەت مەخسۇم ئوغلىنىڭ پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ خەت تونۇيدىغان، تۆت ئەمەلنى تولۇق بىلىدىغانلا بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

ھىدايەت قارى مەكتەپ قوينىدا سۇدىكى بېلىقتەك يايراپ، بىلىم قېتىغا شۇڭغۇپ كىرىشكە باشلىدى. دەرسلىك كىتابتىكى يېڭى دۇنيا— يېڭى بىلىم، يېڭى چۈشەنچە ۋە باشقا بارلىق يېڭى نەرسىلەر ئۇنى قىزىقتۇرۇپلا تۇراتتى. ئۇ تەنەپپۇستىمۇ باشقا بالىلارغا قېتىلماي ئايرىم كىتاب كۆرەتتى، كىتابتىكى ر ەسىملەر ۋە ئەمدىلا تونۇش كۆرۈنۈۋاتقان خەتلەر، سان-سېفىرلار ئۇنى ئاجايىبات دۇنياسىغا باشلاپ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى توختىماي غىدىقلايتتى، راھەتلەندۈرەتتى. دەرس ۋاقتىدا ئۇ ھەممىدىن جىم ئولتۇراتتى، بىرەرسى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇزىدىغانلا بولسا ئاچچىقتىن يىغلىغۇدەك بولاتتى، كىمكى ئۇنى يەنە تېرىكتۈرمەكچى بولسا ئۇ شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم بار-يوق دېمەي ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. سىنىپتىكى ھەممە بالىلار بۇ غەلىتە ساۋاقدىشىنى بەكمۇ يۆچۈن كۆرگەچكە ئۇنى يەكلەيتتى، ئەمما ئۇنىڭ دەرستە يامانلىقىنى، مۇئەللىمنىڭ دائىم ماختايدىغانلىقىنى بىلگەچكە كۆڭلىدە يەنىلا چوڭ بىلىشەتتى. شۇنىسى ئاجايىپكى ھىدايەت قارى كوللېكتىپ پائالىيەتلەر ئىچىدە خور ئوقۇشقا ھەممىدىن بەكرەك ئاكتىپ قاتنىشاتتى. ئۇنىڭ جاراڭلىق ۋە توغرا ئاھاڭدا بالىلار ناخشىسى ئېيتىشلىرى مۇزىكا مۇئەللىمىنى دائىم ھەيران قالدۇراتتى، ھەر بىر ناخشا ئۆگەتكەندە ئۇنىڭ باشقا بالىلاردىن ئاۋۋال ئۆگىنىپ بولىدىغانلىقىغا ھېچ ئەقلى يەتمەيتتى، ھەر قېتىملىق ناخشا دەرىسىدە ئۇنى بالىلارغا يېتەكچى قىلىپ قوياتتى.

سەمەت مەخسۇم ئوغلىنىڭ پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالاتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا بېرىدىغان دىنىي تەربىيە ۋە ساۋاقلارنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. ھىدايەت قارى مەكتەپتە ساۋادىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئاتىسى يىغىپ ساقلاپ قويغان«قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن تۆت كىتابنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئوقۇپ چىقتى. ئۆيدە بارىمۇ شۇ تۆت كىتاب بولغاچقا ئۇ قايتا-قايتا ئوقۇدى، ئاتىسى بىلەن نۇرغۇن دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشەلەيدىغان بولدى، كاللىسىدىن ئىلگىرىلا ئۇرۇن ئالغان دىنىي چۈشەنچىلەر تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى. ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى توغرىسىدىكى خىياللىرى روشەنلەشتى. بولۇپمۇ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»دا بايان قىلىنغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوي بېقىۋاتقاندا پەرىشتىگە يولۇققانلىق ۋەقەسى ھىدايەت قارىنىڭ قەلبىنى قاتتىق لەرزىگە سالدى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدا قوي بېقىۋاتقاندا پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن بىر نەرسىنى ئالىدۇ، بۇ ئىش كۆزنى يۇمۇپ ئاچىقىچە يۈز بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋۇجۇدى پاكلىنىدۇ. سەمەت مەخسۇم بۇ ۋەقەنى ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئوغىلىغا نۇقتىلىق شەرھلەيتتى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھالقىپ كەتكەن نۇرغۇن گۈزەل سۈپەتلىرى، ئېسىل ئەخلاق-سۈپەتلىرى شۇ ئشتىن كېيىن يەنىمۇ تاكاممۇللاشقان ۋە كېيىنچە رەسۇلۇللاھقا ئەگەشكۈچىلەر ئەمەل قىلىدىغان تۇرمۇش مىزانىغا ئايلىنىپ كەتكەن؛ شۇڭا ھەر قانداق مۇسۇلمان كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز ۋۇجۇدىدا گۈزەل سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ، يەنى ئاشۇ بۇزۇق قاننىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدا قالايمىقان ئېقىپ يۈرۈشىدىن ساقلىنىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ بەدەن ۋە قەلبىنى ھەر ۋاقىت پاكلاپ تۇرۇشى لازىم. بالىلارنىڭ قەلبى قەلەم تەگمىگەن ئاق قەغەزگە، كىر قونمىغان ئاپئاق خەسىگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئەگەر ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتۇلۇپ تۇرمايدىكەن، شەيتان ھامان ئۇنى ئازدۇرىدۇ، ئازغۇن ئادەم ئاقىۋەتتە ئادىمىي ئالۋاستىغا ئايلىنىپ ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىغا يېقىلغۇ بولىدۇ…

ھىدايەت قارى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا پۈتتۈرگەچكە يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يوللاندى. بالا يىغقىلى چىقىدىغان مۇئەللىملەر كەلمەستىلا سەمەت مەخسۇم ئوغلىنى سۆگەتتال مەھەللىسىدىكى داۋۇت داموللامغا تۇتتۇرۇپ بەردى. مەكتەپكە بالا يىغقىلى چىققان چىرايلىق خانىم بىلەن مەھەللە باشلىقى نىياز سەمەت مەخسۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدى. نىياز سەمەت مەخسۇمنى بۇ مەھەللىدە ئەڭ مۇتئەسسىپ دەپ ئويلايتتى ھەمدە قايتىدىن بىر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قوزغىلىپ ئۇنىڭ ئەڭ باشتا تارتىپ چىقىرىلىپ ئەدەبلىنىشىنى، سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيىنىڭ بۇ مەھەللىدە قايتىدىن ھەقىقىي تۈردە قانات يېيىشىنى، مائارىپ، يېزا-پەن تېخنىكىسىنىڭ گۈللىنىشىنى، دېھقانلارنىڭ 2000-يىللارغىچە ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشىنى ، بۇ مەھەللىنىڭ ھەر جەھەتتىن نەمۇنىلىك مەھەللە بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىردىنلا ئۆستۈرۈلۈپ كەنت باشلىقى، يېزا باشلىقى، ھەتتا ناھىيىگە ھاكىم بولۇپ سايلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، بۇ خۇددى كېسەلدىن ئۆلەي دېگەن ئادەم يەنە ئۇزاقراق ياشاشنى ئارزۇ قىلغانغا ئوخشايتتى. ئۇ بۇ مەھەللىدە ھۆكۈمەتنىڭ سىمۋولى ئىدى، خەقلەر ئۇنىڭغا يىراقتىن سالام بېرەتتى. سەمەت مەخسۇم ئوغلىنى قوشنا مەھەللىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن دەپ يالغان سۆزلەشكە پېتىنالماي، راستىنى ئېيتىشتىنمۇ ئەنسىرەپ تۇرغاندا نىياز چىرايلىق خانىمنىڭ ئالدىدا ئۆز ھوقۇقىنى ھەيۋەت بىلەن ئىشقا سالدى:
— ھە مەخسۇمكا، بالىلىرى قېنى، بالىلىرىنى چىقىرىپ بەرسىلە، ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئادەم كەلدى!
سەمەت مەخسۇم قايغۇلۇق ھال ئېيتتى:
— ئۆزىڭىز بىلىسىز ئۇكام، ئايالىم ئۆلۈپ كېتىپ، بالام ئىككىمىزلا قالدۇق، ئۆي ئىشلىرى، ئۇلاغ-قارىنى باقىدىغان ئىشلار مۇشۇ بالامغىلا قالدى، مەن بۇ يالغۇز جېنىم بىلەن ھەممىگە تەڭ يېتىشىپ بولالمايمەن! مۇشۇ يېقىندىن تېنىم ئاجىزلاپ قالدى، جىق ئىشلارغا كۈچىيەلمەيمەن. مەكتەپ يېقىنراق بولسىغۇ بىر گەپ، ئارىلىق خېلى بار. كىچىككىنە بالا يول جاپاسى بىلەن ئۆي جاپاسىنى تەڭ تارتىپ تۈگىشىپ كېتەمدىكىن دەيمەن…
— بالىلىرى ئەلا ئوقۇپتىكەن، ئىش دېگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ، بالىنى يەنىلا ئوقۇتقانغا يەتمەيدۇ،-دېدى خانىم.
سەمەت مەخسۇم بۇ يالاڭباش خانىمغا قاراپ، ئوغلىنى ئوقۇتۇشتىن تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندى.
— بالىنى ئوقۇتسىلا ھاشاردىن قۇتۇلىلا، ئېتىز ئىشىمۇ تۈگەر، ئۆينىڭ ئىشىمۇ تۈگەپ قالار، بالىلىرىنى چىقىرىپ بەرسىلە، بۇ ئىشتا سىلىگە ھەرگىز يېلىنىپ قالمايمىز، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋېرىمىز!-دېدى نىياز تەرىنى تۈرۈپ.
— بالامنى باشلانغۇچتا بەش-ئالتە يىل ئوقۇتتۇم،-دېدى سەمەت مەخسۇم جانلىنىپ،- چىداپ ئوقۇتتۇم، ھېلىمۇ جان ئاز قالدى، ئەمدى ئوقۇتسام بۇ جاننى شۇنىڭغا سېپ بەرسەم بولىدۇ!
— بالىلىرىنى گۆرگە بىللە ئېلىپ كەتمىگەندىكىن يەنە چىداپ ئوقۇتسىلا!-دېدى نىياز گۈرەن تومۇرىنى كۆپتۈرۈپ. خانىممۇ مەخسۇمغا ئېچىنىپ، دومسىيىپ قاراپ تۇراتتى.
— ئوقۇپ نەگە بارىدۇ؟! ئاسمانغا چىقامدۇ، يەرگە كىرەمدۇ؟ بۇ يەردە جېنىنى باقامدۇ يا باشقا يەردە خۇدىنى بىلمەي، خۇدانى تونۇماي يۈرەمدۇ؟-دېدى سەمەت مەخسۇم جىددىيلىشىپ، ئۇ ھازىر پەقەت خۇدادىنلا قورقۇپ بەندىدىن قورقمايدىغان بىر خىل كۈچلۈك روھىي ھالەتتە ئىدى.
— ھۆكۈمەت سىلىدەك موللا-مەخسۇملارنى ئازراقلا بوش قويۇپ بېرىۋېدى، ھەددىلىرىدىن ئېشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلمايدىغان بولۇۋاللىمۇ ئەمدى؟! كوپىراتسىيىنى ئۇنتۇپ قاپلا-دە، دىكتاتۇر ھازىرمۇ ئىشلەيدۇ جۇمۇ، بۇ دېگەن مەجبۇرىي مائارىپ!
— دىكتاتۇرا يۈرگۈزسىڭىزمۇ مەيلى، بالامنى ئەمدى ئوقۇتالمايمەن.
نىياز قاتتىق جىلە بولدى:
— مېنىڭچە بولسا دېكتاتۇرا ئارقىلىق سىلىدەك ئادەمنى قەتئىي ئوڭشاش كېرەك!
— ھەممىنى خۇدايىم ئوڭشايدۇ، گاھى ئىشلار بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
ۋاي تولا ئەۋلىيادەك سۆزلىمىسىلە، قۇرۇق ۋەز تىڭشايدىغان ۋاقتىم يوق مېنىڭ، چاققان بولۇپ بالىلىرىنى چىقىرىپ بەرسىلە!
— مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىدىغان بالام يوق،-دېدى مەخسۇم تەتۈر قاراپ.
— ھوي موللا مەخسۇم، ئانداق تەرسالىق قىلمىسىلا دەيمەن – نىياز غەزەپلىنىشكە باشلىدى،- ئۇدۇل قوشنىكەنمىز، ساقاللىرىغا ھۆرمەت قىلغاننى بىلسىلە!
— بالىنى ئوقۇتىدىغانغا پۇل يوق!
— موللا تۇرۇپ يالغانچىلىق قىلمىسلا، سىلىدىن ئەبگا خەقلەرمۇ بالىلىرىنى چىقىرىپ بەردى!-دېدى نىياز ئاندىن خانىمغا ئۆرۈلۈپ،- بۇ خەق ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىشكە ئامراق، ئەمەلىيەتتە بۇ مەھەللىدە ھېچكىم كەمبەغەل ئەمەس، ھازىر دېگەن ۋەزىيەت ياخشى!
سەمەت مەخسۇم ئاچچىق كۈلدى:
— بۇ قانداق گەپ، خۇدايىم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مەھەللىدىكى خەقلەر بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، قولىدا يا پۇلى، دىلىدا يا تۈزۈك ئىمانى يوق…
— نېمە!؟-دەپ چىچاڭشىپ كەتتى نىياز،- ئەزالىرىمىزنى بۇرۇنقىدىن بەتتەر ياشاۋاتىدۇ دېدىلىما؟! غەرەزلىرى زادى نېمە؟ بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھازىرقى ياخشى سىياسىتىنى يوققا چىقارغانلىق، ئاخىرقى ھېسابتا ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەنلىك ئەمەسما؟! سىلىنىڭ ئىدىيىلىرىدە زادى بىر مەسىلە بار، تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلمىساق بولمىغۇدەك!
— كوپراتسىيە كېلىپ قالدىمۇ نېمە ئۇكاموي!-دېدى مەخسۇم نىيازنىڭ تەنتەكلىكىدىن، ئەخمەقلىقىدىن ئەجەپلىنىپ،- نېمانداق ئاكتىپلىق قىلىسىز، ماڭا تولا ھەيۋە قىلماڭ، ، 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى بىزمۇ بىلىمىز!
— ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى بىلگەن ئادەم بالىلىرىنى نېمىشقا ئوقۇتمايلا، نېمىشقا قالايمىقان سۆزلەيلا؟!
— دېدىمغۇ، بالىنى ئوقۇتقۇم يوق ئەمەس، شارائىت شۇنداق، قولۇم قىسقا، كۈچۈم ئاجىز، يالغۇز جېنىمنى باققۇدەك مادار يوق.
— يالغۇز بولساق خوتۇندىن بىرنى ئالىلى! قېرىغاندا مادار تۈگەپ قالدىمۇ يا؟!-دېدى نىياز چاقچاق بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىپ، خانىم كۈلۈپ باشقا ياققا قارىۋالدى.
— خوتۇننى بىكارغا ئالغىلى بولامدۇ نىيازئاخۇن؟ بانكىنىڭ قەرزى بىر مۇنچە، يەنە باج-سېلىق دەپ كېلىسىلە، ئۆيدىكى بىساتنىمۇ سېتىشقا ئاران قېلىۋاتساق، بالىنى ئوقۇتىدىغانغا نەدە پۇل! مانا ھازىر خەقتىن پوشكال-كۆمەچ تىلەيدىغان ھالغا كەپقالاي دېدىم…
نىياز بىلەن خانىم گەپكە كەلگەندە ھېچنېمىدىن يانمايدىغان بۇ سۈرلۈك، جاھىل موللامدىن ئىچى پۇشتى.
— موللا ئادەم دېگەن مۇلايىم، يۇۋاش بولىدىغان؛ سىلىنىڭ بۇ قاغا تۇمشۇق ئېغىزلىرى نېمانچە ئىتتىك، پەيلىلىرى نېمانچە يامان؟!-دېدى نىياز گېپى ئۆتمىگەنچە خانىم ئالدىدا جىددىيلىشىپ- مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى، ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىنى قىلىمەن، سىلى بىر پۇقرا، ئەگەر تۈزۈمگە بويسۇنمايدىكەنلا، ساقاللىرىغا قاراپ ئولتۇرمايمەن، قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرىمەن، مەندىن رەنجىمىسىلە!
— خۇدادىن قورقمىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ئۇكا، تىرماقچىلىق ئەمەل تۇتۇپ جاھان مېنىڭ دەپ ئويلاپ قالماڭ، خۇدايىم بۇ جاھاننى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ!
— جاھان ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا، قېنى قانداق قىلالايلا؟! ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ باقسىلا قېنى؟!
— ئۇكام، نېمانداق قاملاشمىغان گەپ قىلىسىز، كىم ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىمەن دەپتۇ!؟
— سىلىنىڭ ئاشۇ كونىلىقتا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىققا قارشى تۇرغانلىقلىرى، ھۆكۈمەت قىل دېگەننى قىلمىغانلىقلىرى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكە مەخپىي قارشى تۇرغانلىق!
— سىز شودۈيجاڭ تۇرۇپ ھۆكۈمەت قىل دېگەننى قىلىپ خەقنى باي قىلالىدىڭىزمۇ؟ ھۆكۈمەت ماۋجۇشىنىڭ گېپى بويىچە خەلق ئۈچۈن ئىشلەڭلار دېسە ئۆزەڭلا ئۈچۈن ئىشلەپ، ئۆز نەپسىڭلىگە چوغ تارتتىڭلا، قىلغان ئىشلىرىمىزنى خەق كۆرمەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ، بىلمەيدۇ دەمسىلە؟!
— سىلە قوڭغا ئۇرۇپ گەپ تاپمىسىلا!-دېدى نىياز چىچاڭلاپ- ھۆكۈمەت كادىرىغا بەتنام چاپلىسىلا ئاقىۋەتكە ئۆزلىرى مەسئۇل مەن دەپ قوياي! بىز پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىمىز، مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىغا بويسۇنمايدىكەنلا يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋالىمىز، ھەر قېتىملىق ھاشارغا تولۇق چىقىلا، مائارىپ پۇلىنى تولۇپ تاپشۇرىلا، مۇشۇ مەھەللىدىلا بولىدىكەنلا ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى ئادا قىلماي قۇتۇلالمايلا! يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي، سىلىگە بىر چېكىت ئۇرۇلدى، ھوشىلىرىنى يىغىۋالسىلا!- نىياز خانىمنى باشلاپ كەتتى.
سەمەت مەخسۇم ئۇزاق ئوقۇلىدىغان پېشىن نامىزىنى ئوقپ بولۇپ، جاينامازدا خىيال سۈرۈپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيۋاتقان سۈر-ھەيۋەتلىك ئاۋازلار نەدىندۇر پەيدا بولغان مۇناپىق شەيتاننىڭ مەسخىرىلىك تىۋىشىدەك ئاڭلىنىپ، ئۇنى بىزار قىلاتتى.”قىيامەت يېتىپ كېلىۋاتامدۇ- نېمە؟“ دەپ ئويلايتتى مەخسۇم قولىدىكى تەسۋىنى چىڭ تۇتۇپ،” ئەجەپ بىر زامان بولۇۋاتىدۇ، ئادەملەر شەيتاننىڭ پوقىنى پۇراۋېرىپ سەسكىنمەيدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ زاماننىڭ سېھىر-ئەپسۇنىدىن بىغۇبار بالىلارنىڭ ۋە بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ بېشى قېيىۋاتىدۇ، توغرا يولدىن ئېزىۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام’ بىر ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەمنىڭ قولىغا قالغاندا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ‘ دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن، بىز بىچارە خەق مانا مۇشۇ نىيازدەك مەرەزنىڭ قولىغا قالدۇق. تۆنۈگۈنلا تېخى بىر نان تۇتقۇزۇپ قويسا يېيەلمەي ماڭقىسىغا سۇۋاپ يۈرۈيدىغان تاز بۈگۈن مانا نان بەرگەن ئاكىسىنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىشقا قوپتى. قېنى شۇنداق قىلسۇن، خۇدايىمنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ نەگە ئاپىرىدىكىن! ئەمدى بارغانچە تەس كۈنگە قالىدىغان ئوخشايمىز، مەنغۇ بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتەرمەن، ئەمما ئوغلۇم قانداق قىلار؟ مەن كەتسەم ئۇ بۇ دۇنيادا قېلىپ نېمە كۈنلەرنى كۆرەر؟! بالىلىق كۆڭلى بىلەن ھازىرقىدەك پاك ياشارمۇ يا كېيىن دۇنياغا ئالدىنىپ ئېزىپ كېتەرمۇ؟! ئاھ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم، بىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، بالامنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئادەم بولۇپ، ئۆمۈر بويى ھىدايەت يولىدا مېڭشىغا مەدەت بەرگەيسەن!“

سەمەت مەخسۇم جاينامازدا يۈكىنىپ، يەنە نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھامان غايىۋى تۈستە تەسەللىي ھەم ئىشەنچ بېرىپ تۇرغاچقا، نامازدىن پارىغ بولۇپ تىرىكچىلىككە كىرىشسىلا تۇرمۇش ئۇنى يامان تەرەپكە، كۆڭۈلسىزلىككە، ھەتتا ئۈمدىسىزلىككە قىستاپ تۇرغاچقا ، ئۇنىڭ جاينامازدىن پەقەتلا قوپقۇسى كەلمىدى؛ جىمى تىرىكچىلىك غېمىدىن خالاس بولۇپ، قەلبىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ تۇرغان بۇ جاھان تەتۈرلىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھنى ھەم ئۇ دۇنيانى ئويلاپ ئولتۇرۇش ئۇنىڭغا بەكمۇ ئارامبەخش ۋە كۆڭۈللۈك تۇيۇلدى. ئۇ شۇ تەرزدە تەن مۇھتاجلىقىنى ۋە روھىي سىقىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ، ئۇلۇغ ئېتىقادىنى كۆز نۇرىغا، دىل يورۇقىغا، شۇنداق بۇ دۇنيالىق بارلىق ئارزۇ-ئىنتىلىشلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، قەلبىنى ئۇلۇغ خۇداغىلا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى، ئۆزلۈك ۋەسۋەسىلىرىنى، ھاياتلىق مەقسەت-پىلانلىرىنى، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدىن قىلىدىغان غېمىنىمۇ شۇ بۈيۈك ئەقىدە-ئىخلاسىغا بويسۇندۇرۇۋاتاتتى…

ھىدايەت قارى داۋۇت داموللامدىن ئالىدىغان ساۋىقىنى ئېلىپ بولۇپ، ۋەلىسپىتىگە مىنىپ، مەھەللىسىگە قايرىلىدىغان يولنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە يولدا ئېشىكىنى ئېغىنىتىۋاتقان نىياز ئۇنى كۆرۈپ ئالدىغا چاقىردى:
— ھوي قارى، ماياققا كەلسىلە، سىلىگە دەيدىغان مۇھىم گەپ بار!

ھىدايەت قارى نىيازنىڭ مۇشۇ مەھەللىگە باشلىق ئىكەنلىكىنى، مەسچىتكە چىقمايدىغانلىقىنى، ھەر بازار كۈنى كەچتە ھاراق ئىچىپ، مەھەللىنى مەست ئايلىنىپ، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ، رەسۋا ئىشلىرى خەقلەرگە نەچچە كۆرۈنۈپ قالسىمۇ يەنىلا خەقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىگە نارازى بولغان ياكى قارشى پىكىردە بولغانلاردىن ئۆچ ئېلىپ ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ، قىنىغا پاتماي يۈرۈيدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ يەنە كېلىپ ئۇلار ئۇدۇل قوشنا بولغاچقا، نىيازنىڭ شەيتان سۈپەت قىلىقلىرى، ئۇنىڭ بىشەم خوتۇنى ۋە قىتىغۇر بالىلىرىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ھىدايەت قارىنىڭ كۆزىگە زادىلا سىغمايتتى. سەمەت مەخسۇممۇ نىيازنىڭ قىلىقلىرىنى ئەيىپلەپ يۈرگەچكە ھىدايەت قارى ئۇنىڭغا تەبىئىيلا ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇلارنى بۇ مەھەللىدىكى بىر توپ بالايى ئاپەت دەپ ھېسابلايتتى. نىياز بۈگۈن ئېشىكىنى سۇغارغىلى چىقىپ، چوڭ يولدىلا ئېغىناپ يېتىۋالغان ئېشىكىنىڭ ھەرىكىتىدىن ھوزۇرلىنىپ، تاماكىسىنى شوراپ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە تەكەببۇرانە قاراپ، يەرگە توختىماي تۈكۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ بەدخۇيلۇقى ھىدايەت قارىغا تېخىمۇ يىرگىنىشلىك كۆرۈنۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇيرۇق گېپىگە ئاچچىقى كەلدى.

— ۋەلىسپىتىڭنى توختىتىپ ماياققا كەل دەيمەن، سەندىن سورايدىغان گەپ بار، نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟
— ئۆيگە ئالدىرايمەن، ئەسىر ۋاقتى بولۇپ قالدى.
— نامازنى ئاتاڭ ئوقۇسا بولدى، ساڭا نېمە تۇرۇش، كىچىككىنە تۇرۇپ مەكتەپتە ئوقۇماي ناماز ئوقۇيمەن دەپ يۈرگىنىنى!
— ناماز ئوقۇش دېگەن خۇدايىم بۇيرۇغان پەرز، سەندەك كاپىرلار بۇنى ئۇقمايدۇ.
نىياز ئۆزىگە ئەزەلدىن گەپ قىلىپ باقمىغان بۇ جىمغۇر، مۆڭ بالىنىڭ غەزەپلىك چىرايىدىن، چوڭ ئادەملەرگە خاس سۈر-ھەيۋىسىدىن ۋە توڭ گەپلىرىدىن ھاڭ-تاڭ قالدى ھەم بىردىنلا سەپرايى تۇتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ نىيازغا بۇنداق بىھۆرمەتلىك قىلىپ باقمىغانىدى.
— ھەي كۆڭ ماڭغا، نېمە دەۋاتىسەن؟!-نىياز ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئېشىكىنىڭ ئارغامچىسىنى تاشلاپ، ھىدايەت قارىنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى.
— سەن كاپىر خەقنى بوزەك قىلىمەن دېمە، خۇدايىم قىيامەت كۈنى ھېساب ئالىدۇ!
— ھەي ماڭقا، ماڭقاڭنى ئېيتىۋېتىپ سۆزلە، بولمىسا بۇرنۇڭنى چۇۋىۋېتىمەن!
— مېنى ئۇرىدىغانغا نېمە ھەققىڭ بار! ئاتامغا دەيمەن!
دېگىنە مانا!- نىياز قولىنى چۆرىدى، تەستىكى ھىدايەت قارىنىڭ بۇرنىغا تېگىپ قانىتىۋەتتى.
— ئۆيۈڭگە بېرىپ ماڭقاڭنى ئېيتىۋال، ئاتاڭغا ماڭقاڭنى ئېقىتىپ بارساڭمۇ كارىم يوق! ھەر قايسىڭغا ئەمدى تۈكۈممۇ تەۋرەپ قويمايدۇ، ئاتاڭغا دەپ قوي، ئاتاڭ سېنى ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرمەيدىغان بولسا مەندىن بوش قۇتۇلالمايدۇ…
نىياز كۆڭلى بۇزۇلۇپ ياش تۆكۈۋاتقان ھىدايەت قارىنىڭ كۆزىدىكى نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى،”بۇ كۇسپۇرۇچ نەق ئاتىسىنى دوراپتۇ، موللا خەقنىڭ كۆزى نېمانچە يامان بولىدىغاندۇ“ دەپ ئويلىدى. ئېشىكىنىڭ يېنىغا بېرىپ، يېنىدىن تاماكا ئېلىپ يۆگەپ چېكىپ، يەرگە تۈكۈرۈپ قالدى.

ھىدايەت قارى ئۆيگە كەلگەندە ئاتىسى ئۇنى نامازغا ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئوغلىنىڭ ئازار يېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.
— كۆڭلۈڭنى بۇزما بالام، تاھارەت ئېلىپ كەل، ئاۋۋال نامىزىمىزنى ئوقۇۋالايلى!

نامازدىن كېيىن سەمەت مەخسۇم بۇ ئىشقا سەۋر قىلىش-قىلماسلىق ئۈستىدە كۆپ ئويلاندى، ئويلىغانچە يامانلىققا سۈكۈت قىلىشنىڭ جايىز ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ مۇناپىقنى بىر ئەدەبلەپ، ئاچچىق ساۋاق بېرىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە نىياز دىندىن چىققان كاپىر ئىدى، قىلمىشلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئاتا-بالا نىيازنىڭ ئۆيىگە كىردى. نىياز ھويلىسىدىكى بەنچاڭدا تاماكا چېكىپ ياتاتتى. ئاشخانا ئۆيدە سەي قورۇۋاتقان خوتۇنى تالادىن كىرىۋاتقان ئىككەيلەننى كۆرۈپ كەيپى ئۇچۇپ توۋلىدى:
— ھەي نىياز، قوپۇڭلا، ئۆيگە ئادەم كەلدى!
نىياز ئورنىدىن قوپۇپ بولغىچە سەمەت مەخسۇم بەنچاڭنىڭ يېنىغا كېلىپ بولدى ۋە نىيازنىڭ كۆزىگە قولىنى شىلتىپ بوغۇق، قەھرىلىك ۋاقىرىدى:
— ھوي مۇناپىق جوھوت، بالامغا نېمىشقا مۇتتىھەملىك قىلىسەن، ئۇنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ سەن ماڭا بالا چوڭ قىلىشىپ بەرگەنمىدىڭ؟! بۇنىڭ پوقىنى ئادالاپ چوڭ قىلغان ئاپىسى، بۇنى تەربىيىلەپ مۇنچىلىك ئادەم قىلغان ئاتىسىمۇ بۇنى تاك ئېتىپ چەككەن ئەمەس، ئۇقتۇڭمۇ يۇنداپۇرۇش!
نىياز ئالاق-جالاق بولۇپ تامدەك تاتىرىپ كەتتى، تاماكىسىنى نەلەرگىدۇر تاشلىۋەتتى.

— قولۇڭغا تىرماقچىلىك ھوقۇق تېگىپتىكەن، چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە بوزەك قىلغىلى تۇردۇڭمۇ ئەمدى! ھوقۇقدار بولساڭ ئۆزەڭگە ھەي مۇناپىق، بالامنى سەن باشقۇرالمايسەن!

— بۇ ماڭقا مېنى كاپىر دەپ تىللىدى، شۇنداق دېسە مەن قاراپ تۇرامدىم؟!

— راست دەپتۇ ھۇي مۇسۇلمان كاپىر، بالامنى ئۇرغان قولۇڭ سۇنۇپ كەتكەي ئىلاھىم!

نىياز دېمىقىنى قېقىپ ئاچچىق كۈلدى:

— ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەيدۇ!

— سەندەك كاپىر گۇيغا قارغىشىمىز ئۆتىدۇ!

— ئۆيگە كالىدەك ئۈسۈپ كىرىپ كىشىنى ناھەق تىللىغان سىلىدەك ئادەم كاپىر بولىدۇ…

— قايسىمىز كاپىر ھەي گۇي، قايسىمىز كاپىر، گۇناھقا گەدىنىڭگىچە پېتىپ كەتكىنىڭنى تۇيمايۋاتامسەن؟!

— كاپىر، مۇسۇلماننى سىلە ئايرىيالمايلا، خۇدا ئايرىيدۇ، تولا ئەۋلىيا ئەزەمدەك بىلەرمەنلىشىپ كەتمىسىلە، ھۆرمەتلىگەننى بىلىپ، گەپ بولسا چىرايلىق قىلىپ، سۈپەتلىرىنى ساقلاپ ئولتۇرسىلا، ئەتىگىچە بىز مۇشۇ مەھەللىدە يەنە بار جۇمۇ، ئۇدۇل قوشنا بولۇپ قاپتۇق، ئەمدى يامان ئېتىشىپ قالمايلى!

— ئېتىشقىڭ بولسا ئېتىشىمەن، سەندەك غالچىدىن قورقۇپ قالمايمەن، سەندەك قۇرۇق تېرە تاراقشىتىدىغان مۇناپىقلارنى تولا كۆرگەنمەن! بىگۇناھ بالىنىڭ بۇرنىنى قانىتىپ نۇرغۇن قاننى ئاققۇزىۋېتىپ يەنە تېخى ھېچ ئىش يوقتەك بىغەم ياتىسىنا، كېلە، سېنىڭ بۇرنۇڭنىمۇ بىر قانىتىپ باقاي، بۇزۇق قانلىرىڭ ئېقىپ كەتسۇن!-سەمەت مەخسۇم نىيازنىڭ بۇرنىغا مۇشت ئاتتى، نىياز بۇرنىنى قاچۇرۇپ، زاڭىقىغا مۇشت يېدى، ئاندىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ سەمەت مەخسۇمنىڭ ئېڭىكىگە بىرنى قويدى، بۇ مۇشتتىن مەخسۇمنىڭ ساقاللىرى تىترەپ، كۆزلىرىگە قان تولدى. سەمەت مەخسۇم پاكىز، ساغلام بولغان بىلەن ئورۇق ھەم بەدىنىدە كۈچى يوق ئىدى، ھىدايەت قارىنى ئۆگەينىڭ قولىغا قويمايمەن دەپ ئۇزاققىچە خوتۇن ئالماي يۈرگەچكە، تۇرمۇشى قىيىن، كۈتۈنۈشى ياخشى بولمىغاچقا بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئاجىزلاپ قالغانىدى. ئۇ نىيازنىڭ كانىيىنى سىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۈچ ئېلىشالماي خېلىلا ھالسىرىدى، ئاخىرىدا نىيازدىن قاڭشىرىغا قاتتىق بىر مۇشت يەپ بۇرنىنى تۇتۇپلا قالدى. ھىدايەت قارى نىيازنىڭ كەينىدىن تەپكەنىدى، نىيازنىڭ خوتۇنى ئۇنى بىر ياققا تارتىپ يۈزىگە بىر نەچچە تەستەك سالدى. ئۇرۇش-جېدەلنىڭ ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالدى، قۇلۇم-قوشنىلار ۋە ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىغانلار مەھەللە باشلىقىنىڭ ھويلىسىدا قانداق ئۇرۇش-جېدەل بولغىنىغا قىزىقىپ نەق مەيدانغا توپلىنىشقا باشلىدى. ئاۋۋال بارغانلار ئۇلارنى تېزدىن ئاجراتتى. سەمەت مەخسۇمنىڭ بۇرنىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى، ھىدايەت قارى بۇنىڭغا قاراپ ئاتىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ ئەلەملىك ياش تۆكۈپ تۇراتتى. نىياز تاۋكادا ئۇتقان قىمارۋازدەك كۆرەڭلەپ، چوڭ رەقىبىنى يەڭگەن پالۋاندەك گىدىيىپ، ھەممەيلەنگە مەغرۇرانە قاراپ تۇراتتى، خوتۇنى خەقلەرگە بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، ئۇلارنى قارىلاپ توختىماي ۋاتىلدايتتى.

— ساقالغا ھۆرمەت قىلغاننى ئۇقماي ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرگەندىن كېيىن، گۇناھ ئۆزلىرىدە بولغاندىكىن، ھارام قانلىرى ئاقتى ئەنە، بۇ ماڭقىلىرىنىڭ بۇرنىدىن ئاققان قانمۇ شۇ، ئەيىپ كىمدە بولسا شۇنىڭ ھارام قېنى ئاقىدۇ! بۇ داۋلىنى ئەل-جامائەتمۇ بىلىدۇ!-دېدى نىياز خەقلەرگە خۇددى مەجلىس ئېچىۋاتقاندەك جاراڭلىق سۆزلەپ،-ساقالنى مەيدىگە قويۇۋالغان بىلەن كاللا ئىشلىسە ھېساب! كىچىك بالىنىڭ گېپىگە كىرىپلا كالىدە ئۈسۈپ كىرەۋەرگەن بىلەنلا بولمايدۇ-دە، گەپ بولسا چىرايلىقچە دېمەمدۇ چوڭ ئادەم دېگەن، سىلىمۇ مۇشۇ مەھەللىدە يۈز-ئابرويلۇق ئادەم، ئاتا-ئانىمىزمۇ بۇرۇندىنلا ئىناق قوشنا بولۇپ ئۆتكەن ئادەملەر، بۇنى نېمىشقا ئويلىمايلا دەيمەن، ساراڭدەك يۈرۈپ ئۆزلىرىنى ئۇنداق تاشلىۋەتمىسىلە، بولمىسا ئەل-جامائەت ئالدىدا بىر تىيىنچىلىك ئىناۋەتلىرى قالمايدۇ!

— تولا كاپشىما قانخور مۇناپىق!-دەپ ۋارقىرىدى مەخسۇم قول ياغلىقى بىلەن بۇرنىدىكى قاننى سۈرتكەچ،- ئەمەلدارمەن دەپ چوڭ سۆزلىمە، خەقنى ئالدايمەن دېمە، سەن بەدبەخ خەقلەرنى بوزەك قىلىپ يامان ئۆگىنىپ قالدىڭ، بۇ مەھەللىدە سەن بوزەك قىلمىغان ھېچكىم قالمىدى، ئاخىرەتتە بۇنىڭ جازاسىنى تارتىسەن، ھەددىڭدىن بەك ئېشىپ كەتمە، ئاخىر ھاراقنى تولا ئىچىپ قان قۇسۇپ ئۆلىسەن! ياتار جايىڭ جەھەننەم بولار، يېگەن ھارام ماللىرىڭ، ئىچكەن ئېشەك سۈيدۈكلىرىڭ يىلان-چايان بولۇپ، ئاغزىڭدىن كىرىپ بۇرنىڭدىن چىقار! ھە دېسىلا ئىچىگە ئېگىلىدىغان، باشقىلارنى ناھەق ئۇرىدىغان ئىپلاس قولۇڭ دوزاخ ئوتىغا تۇترۇق بولار! گۇناھلىرىڭغا ئىككى مۈرەڭدىكى پەرىشتىلەرلا ئەمەس، ئەتراپىڭدىكى ئەل-جامائەتمۇ گۇۋاھ بولالايدۇ، ئۇنچىلىك ھوقۇقىڭغا ئىشىنىپ كۆرەڭلەپ كەتمە نىياز، ھۆكۈمەت ۋاقتى كەلگەندە سەندەك قوڭ سويمىنى تەرەت چالمىسىدەك تاشلىۋېتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ!

نىياز ھويلىسىدىن جۇشقۇن قەدەمدە چىقىپ كېتىۋاتقان ئاتا-بالىنىڭ كەينىدىن قاراپ، دىمىقىدا كۈلۈپ، يەرگە نەچچىنى تۈكۈرۈۋەتتى ۋە تېخىچە كەتمەي تۇرغان خەقلەرگە قاراپ:

— كۆردۈڭلارمۇ بۇ ئادەمنىڭ تەلۋىلىكىنى، ئۆزىنى ئەۋلىيا چاغلاپ ئاغزىغا كەلگەننى مۇشۇنداق دەۋېرىدىغان بولسا ئاز كۈندىلا نېرۋىسىدىن كېتىپ، ھۆكۈمەت بىر تەرەپ قىلىدىغان دىنىي تەلۋىگە ئايلىنىدۇ! بۇ ئادەم ئۆزى تۈزۈك ئەمگەك قىلماي كەچكىچە ھۆكۈمەتنى، باشلىقنى تىللاپ، ئۆزىچە زەردە بولۇپ، ساراڭدەك سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇ ئادەمنىڭ گېپىگە ھەرگىز قۇلاق سالماڭلار، بۇ ئادەمنى ھەرگىز دوراپ قالماڭلار، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئادەملەرگە بولغان ھوشيارلىقى ۋە سەزگۈر سىياسىتى ھەرگىز بىكاردىن بولغان ئەمەس، بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار، سەزگۈر ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماڭلار، بولمىسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسىلەر!

خەقلەر نىيازنىڭ ھويلىسىدىن قايتىپ چىقىپ، مەخسۇمنىڭ چىڭ تاقالغان دەرۋازىسىغا قاراپ، ماخسۇمغا ۋە قارى بالىسىغا ئىچ ئاغرىتىشتى.

ئاتا-بالا ئىككەيلەن شام، خۇپتەن نامازلىرىنىمۇ شۇنداق چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ئۇقۇدى، ناماز ئاخىرىدا مەخسۇم پەرۋەردىگارىغا بېغىشلىغان ھەمدۇ-سانالىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ھىدايەت قارى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان بىر دۇئانى قىلدى:

— ئى رەھمەتلىك پەرۋەردىگارىم، مۆمىن بەندىلىرىڭنى زاماننىڭ زوراۋانلىرىدىن، ئىزگۈ ئېتىقادنىڭ زامىنلىرىدىن، ئىبلىسنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن، مۇشتۇمزور مەجۇسىيلارنىڭ مالامەتلىرىدىن، مۇھتاجلىقتىن مۇناپىقلىققا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلىغايسەن! رەببىمىز، بىز سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، سەندىنلا مەدەت ئالىمىز، بىزنى ھىدايەتكە ۋە ئاخىرەتتىكى سائادەتكە مۇشەررەپ قىلغايسەن-ئامىن!

سەمەت مەخسۇم ئوغلىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرمىگەنلىكتىن نىياز ئۇنىڭ يېرىنى بىر پۇڭمۇ قالدۇرماي مەھەللىگە ئۆتكۈزۈۋالدى. سەمەت مەخسۇم كەنت سېكرىتارىغا ھال ئېيتىپ باردى، گېپى ئاقمىدى. ئۆز ئوغلىنىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولالمىغىنىغا، ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مۇنبەت زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويغىنىغا قورسىقى قاتتىق كۆپكەن مەخسۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ باردى، ئۆيىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بارلىقىنى، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ كېسەلجان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا بەك ئېتىبار قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بەك دەپ تۇرۇۋالدى. يېزىلىق مائارىپ ئىدارىسى سەمەت مەخسۇمنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھىدايەت قارىنى ئوقۇشتىن”ئازاد“ قىلدى. ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەسئۇل باشلىقى نىياز بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلگەندىن كېيىن، سەمەت مەخسۇمغا ئۈچ مو يەرنىلا ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇش، ھاشارغا بۇرۇنقىدەك چىقىش، مائارىپ مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرۇش ھەققىدە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالى يوق ئىدى.

ئاتا-بالا كۈزلۈك پاختىنى تېرىپ سېتىپ بانكىنىڭ قەرزىنى ۋە كېلەر يىلقى پاختا تېرىلغۇسىغا يىغىلىدىغان مەبلەغنى بېرىپ تۈگەتتى، كۈزگى بۇغداي تېرىپ بولدى؛ قىشلىق ئوزۇقلۇق، كىيىم-كېچەك، ئوتۇن كۆمۈر ئۈچۈن سەمەت مەخسۇم بانكىدىن يەنە قەرز ئالدى. ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا قەرز يېڭىلاپلا ئۆتۈۋاتقان مەخسۇم خوتۇن ئېلىشقا ئېشىنالماي يۈرگىنىگە ئىچى پۇشاتتى. بىر ئايالنىڭ كەملىكىدىن بارغانچە سۆرۈن، قوپقۇرۇق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقان ئۆيىگە دائىم خۇرسىنىش ئىچىدە قارايتتى،”ئادەم تۈگۈل تېرەكتىكى قۇشقاچلار، كاتەكتىكى توخۇلار، قوتاندىكى قويلار، ئېغىلدىكى كالىلار، ئېشەكلەردىن تارتىپ يەردىكى چۈمۈلىلەرگىچە ھەممە مەخلۇقاتلار جۇپ-جۇپى بىلەن ياشايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئايرىلىپ ئۇزاق ياشىسا جېنىدىن جەزمەن تويىدۇ؛ مىكياندىن ئايرىلغان خوراز كاتەكتە تۇرىۋەرسە ئاسانلا كېسەل تېگىپ ئۆلىدۇ، يالغۇز بۇقا ئېغىلدا تۇرىۋەرسە تامنى ئۈسۈپ قوتور قىلىدۇ، ئىشكنى بۇزىدۇ؛ يالغۇز قوشقار قورسىقى تويسىمۇ كەچكىچە مەرەپ جىم ياتمايدۇ، يالغۇز ئېشەك ئىشىكنى تېپىپ ياكى باغلاقتىن قېچىپ ئىگىسىگە ئارام بەرمەيدۇ. ئادەم دېگەن مەخلۇقنىمۇ خۇدا شۇنداق جۇپتى بىلەن ياراتقان، ئادەم ئەقىل-ئىدراك، ھېسسىياتقا مول بىر مەخلۇق تۇرۇپ، جۇپتىسىز يۈرۈشكە تېخىمۇ چىدىمايدۇ-دە! شۇنداق مېھرى ئىسسىق، تەقۋا بىر ئايال بولسا، تاماق ئېتىپ بەرسە، تاھارەتكە سۇ ئىسسىتىپ بەرسە، ئاخشىمى ئورۇن سېلىپ بەرسە، رەھمەتلىك ئايالىم بار ۋاقتىدىكىدەك كۆڭۈللۈك ياشىساق ئەجەپ ئوبدان بولاتتى-ھە! ئەمما شۇنداق ئېسىل بىر ئايال تېپىلسا تېپىلدى، قاملاشمىغان خوتۇندىن بىرنى ئۆيگە ئەكىرىۋالساق بېشىمىزغا پىت تېرىيدىغان گەپ، خوتۇن خەقنىڭ ئەيىبى ئۆزىنىڭ چېچىدەك تولا بولىدۇ، ياخشى خوتۇن تاپماق بۇ جاھاندا ئەڭ تەس ئىش! ھىدايەت قارىمۇ چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئۇنى دەپ بولسىمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالايدىغان، ئۇنى ئۆگەيلىمەيدىغان بىر ئوبدان مەزلۇمنى تاپسام بولاتتى…ئوغلۇم توي يېشىغا يەتكەن بولسىمىغۇ ئاۋۋال ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قوياتتىم، كېلىن بالا ئۆيدە بولغاندىكىن جىق ئىشلاردا خاتىرجەم بولاتتىم، لېكىن ئايالىم يوق، كېلىن قىزنى ياخشى تاللىماقمۇ تەس، توي چىقىملىرى بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتتى. جاھان نەگە كېتىۋاتىدىكىن، ھېچ ئۇققىلى بولمايدىغۇ زادى، خۇدا ئۆزەڭ بار!“… سەمەت مەخسۇم مۇشۇنداق خىياللارنى تولا قىلىدىغان، خۇدايىتائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىرەر ياخشى ئايالغا ئېرىشىپ قېلىشنى كېچە-كۈندۈز تىلەيدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئاتا-بالا ئىككەيلەن ئېتىز ئىشىدىن بىكار بولۇپ ئۆيگە ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئۆيدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىسسىق چاي ۋە تاماق ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئايالنىڭ بولمىغانلىقى بەك بىلىنىپ كېتەتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار ناماز ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قورساققا دال بولغۇدەك بىر نېمە ھازىرلاشقا ئالدىراپ ھالىدىن كېتەتتى؛ كۈندە بىر ۋاق ئوخشىمىغان تاماقنى ئېتىپ يېيەلىسە يېدى، بولمىسا قاتتىق قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچەتتى.

سەمەت مەخسۇم قايتا خوتۇن ئېلىش ئىشىنى تولا ئويلاۋېرىپ بەزىدە نامىزىدىن ئېزىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى، بۇنداق چاغدا ئۇ ئىچىدە، خوتۇن خەق دېگەن يەنىلا شەيتان-دە دەپ ئاغرىناتتى؛ نامازنى ئازماي ئوقۇش ئۈچۈن، شۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، جەزمەن بىر جۇۋان تېپىش كېرەكلىكىنى تەخىرسىز ھېس قىلاتتى. بىر كۈنى يۈزىنى ئورۇۋالغان بىر ئايال دىۋانە سەمەت مەخسۇمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئۇ ئايالنىڭ نازۇك قامىتى ۋە دۇئا ئوقۇغاندىكى جاراڭلىق ئاۋازى مەخسۇمنىڭ بىر ئايال زاتىغا تەشنا چاڭقاق يۈرىكىنى خېلىلا تىترەتتى؛ مەخسۇم ئادەتتە ئاسراپ ئاز-ئازدىن يەيدىغان يۇمشاق بۇغداي نېنىدىن ئىككىنى ئۇ ئايالغا بەردى ۋە ئۇنىڭدىن گەپ ئالماقچى بولدى، ئەمما ئۇ ئايال ناننى ئېلىپلا خۇرجىنىغا سېلىپ، ساپايىسىنى كۆتۈرۈپ كەينىگە ياندى، يىراقتا ئېشىكىنى توختىتىپ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەر دىۋانىگە يېتىشتى-دە، خۇرجۇنىنى ئېشەككە ئارتىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ”مانا شۇلار جېنىدا ئەر-خوتۇن ئىكەن“ دەپ ئويلىدى مەخسۇم ھەسرەتلىنىپ.

ھىدايەت قارى يوشۇرۇنچە داۋۇت داموللامدىن ساۋاق ئېلىش بىلەن بىللە، قۇرئاننى يادلاپ، قارىلىقتىن ھافىزلىققا ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇ كىچىككىنە تۇرۇپ مويسىپىتلارچە تەقۋا ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەچكە كۆڭلى پاك، كەيپىياتى ساز ئىدى؛ بۇرۇندىنلا سەزگۈر مىجەزلىك بولغاچقا ھەر قانداق ئىشقا ئىنچكە قارايتتى؛ بەزىدە تەقۋالىقتا ئاتىسىنىمۇ بېسىپ چۈشەتتى. ئۇنىڭ سۈزۈك، پاكىزە يۈزى، قارىسىلا بەزى خۇدۇكچان كىشىنى تەمتىرىتىپ قويغۇدەك ئۆتكۈر كۆزى، ھەر دائىم ئورۇنلۇق ئېيتىلىدىغان سۆزى مەھەللىدىكىلەرگە ھەر دائىم چوڭقۇر تەسىر قالدۇراتتى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە غايىۋى ھۆرمەت قوزغايتتى. جامائەت ئارىسىدا ھىدايەت قارىنىڭ قىرائىتى بەك چىرايلىقمىش، كۈندە قۇرئان تىلاۋەت قىلىمىش، كىچىككىنە تۇرۇپ ھافىز بوپتىمىش…دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. مەھەللىدە ئۆلۈم-يېتىم بولسىلا ھىدايەت قارى خەتمە قىرائەتكە تەكلىپ قىلىناتتى، ئۇنىڭ قىرائەت قىلغاندىكى ئاۋازى، مۇڭى ھەممىنى بېسىپ چۈشكەچكە يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەنىدى.

بۇ مەھەللىدە ئايىمخان دېگەن بىر ئايالنىڭ ئېرى رامىزان ئېيىدا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئايىمخان تۇغماس ئايال بولغاچقا مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭ ئېرىنى ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلايتتى. ئايىمخان ئېرىنىڭ نەزىرىنى ياخشى بېرىپ، ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ ھىدايەت قارى قاتارلىق قارىلارنى خەتمە قىرائەت قىلدۇردى.

ئايىمخاننىڭ خېلى تەقۋالىقىنى سەمەت مەخسۇم بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ياپياشلا تۇل قالغان بۇ ئايالنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىللىق ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرۇشنى ئارزۇلايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ كاتتا مەقسىتىنى ئايىمخانغا قانداق ئۇقتۇرۇشنى، جۇۋان تويىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى، بۇ ئىشقا ئايىمخان ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى دەمال بىلەلمىگەچكە، نىيەت-مۇددىئالىرىنى دۇئايى ئىلتىجالىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەيتتى.

ئايىمخان ھىدايەت قارىنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاندىن تارتىپ، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز مېھرى چۈشۈپ قالدى. ئۇنى ئايرىم ياكى ئاتىسى بىلەن بىللە ھالدا كۆرسە ئاجايىپ قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلار تولىراق تاڭ سەھەردە ئۇچرىشىپ قالاتتى، بۇ چاغدا سەمەت مەخسۇم ئوغلى بىلەن مەسچىتتىن يېنىپ كېلىۋاتقان بولاتتى، ئايىمخانمۇ بامدات نامىزىنى تۈگىتىپ، ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ بولۇپ، يولنى سۈپۈرۈۋاتقان ياكى سۇ چېچىۋاتقان بولاتتى. سەمەت مەخسۇم دائىم ئاق رومال ئارتىپ، ئۇزۇن قارا پەلتو كىيىپ يۈرۈيدىغان ئايىمخاننىڭ ئىش قىلىۋاتقاندا پەسكە ئېگىلگەن زىلۋا قەددىنى يىراقتىن كۆرۈپلا قالسا قەدىمىنى ئىتتىكلىتەتتى، ھىدايەت قارى ئاتىسىغا يېتىشەلمەي ئاۋارە بولاتتى. ئۇلار ئايىمخاننىڭ ئىشىكى ئۇدۇلىدا كېلىشىۋالغاندەكلا ئۇچرىشاتتى، قىزغىن سالاملىشاتتى. بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشقانسېرى ئارىلىق يېقىنلاشتى. ئايىمخان سەمەت مەخسۇمنى ئۆيگە كىرىپ بىرەر پىيالە ئىسسىق چاي ئىچىشكە ھەر ۋاقىت تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى، مەخسۇم بۇ تەكلىپنى دەسلەپتە رەسمىيەت دەپ چۈشىنىپ، كېيىن تارتىنمايلا قوبۇل قىلىدىغان بولدى، چايدىن كېيىن ئايىمخان تاماققا تەمشىلەتتى، سەمەت مەخسۇم دەسلەپتە توسۇپ بېقىپ كېيىن بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدى. ئەمما ئۇ خەقلەرنىڭ”مەخسۇم ئىددىتى توشمىغان ئايالغا ساقال سۆرەپ يۈرگىدەك“ دېگەندەك گەپلەرنى تېپىشىدىن ھەزەر ئەيلەيتتى.

سەمەت مەخسۇم بىر كۈنى ساقسىز بولۇپ قېلىپ مەسچىتكە چىقالمىدى، نامىزىنى ئۆيىدە قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقىدى، ھىدايەت قارى يەنىلا سەھەر تۇرۇپ مەسچىتكە چىقىۋەردى. ئۇ مەسچىتكە چىقسا ئۆزىنى ئالاھىدە ئىززەتلەيدىغان جامائەت بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ تۇراتتى، كىچىك بولسىمۇ ئۆزىدىن چوڭ جامائەت بىلەن ناھايىتى مۆتىۋەر، تەقۋا سۈپەتتە سالاملىشاتتى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ جامائەتنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازى ھەقلىق يوسۇندا گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كۈنى ئايىمخان ھىدايەت قارىنىڭ مەسچىتتىن يالغۇز قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن گەپ سورىدى:

— بالام، ئاتىڭىز بۈگۈن مەسچىتكە چىقالمىدىمۇ؟!

— مىجەزى يوق چىقالمىدى، خۇدايىم شىپالىق بەرسە ساقىيىپ قالار،-دېدى ھىدايەت قارى تەمكىنلىك بىلەن.

— بەك ئېغىر ئەمەستۇ؟! ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالمىغاندۇ؟

— ياق، يېتىپ قالمىدى، ئۆزى قوپۇپ تاھارەت ئالالايدۇ، ناماز ئوقۇيالايدۇ.

— ئۇنچىلىك بولسا بوپتۇ، ھەر نېمە بولسا خۇدايىم شىپالىق بېرەر.

ھىدايەت قارى ئۆيگە كەلگەندە سەمەت مەخسۇم ئۇنىڭدىن ئايىمخاننى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى سورىدى. ھىدايەت قارى بولغان گەپنى دېدى. ئەتىسى ئايىمخان بىر داستىخاندا لىق نان، چاي، قەنت كۆتۈرۈپ كېلىپ، سەمەت مەخسۇمنى يوقلىدى.

— بۇنداق قىلمىسىلىمۇ بولاتتى،-دېدى مەخسۇم كېسىلى بىر دەمدىلا ياخشى بولۇپ كەتكەندەك جانلىنىپ ھەم ھاياجانلىنىپ،-ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرمۇ ئاز ئەمەستى، شۇنداق تۇرۇپمۇ سىلىنى يوقلاپ بارالمىدۇ، خۇدا بۇيرۇسا كېيىنچە ئوبدان يوقلىۋالارمىز.

ئۇنداق دېمىسلە مەخسۇمكا، تەقدىر پېشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇ ئىكەن، ھېلىمۇ نەزىرگە ئوبدان قارىشىپ بەردىلە، ھىدايەت قارىمۇ خەتمە قىرائەتنى ئوبدان قىلىپ بەردى. خۇدايىم مۇشۇ ئوغۇللىرىغا بىر ھېكمەت بېرىپتۇ، شۇ ئاخشىمى شۇنداق چىرايلىق قىرائەت قىلدى، كېچىچە كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، كۆزۈمدىن ياش قۇرىمىدى. ئۆمرۈمدە مەن ئاۋازى بۇنداق بەلەن بالىنى كۆرمىگەن. قارىسىلا، بۇ بالامنىڭ چىرايىغا، نۇر يېغىپلا تۇرىدۇ، بۇ ياشتىكى باشقا كەپسىز، توپا تەرەت بالىلارغا زادى ئوخشىمايدۇ، يولدا ماڭسىمۇ چوڭلارغا ناھايىتى ئەدەبلىك سالام قىلىپ ماڭىدىكەن، بەتقىلىق ئىشلارنى ئۆزىگە قىلچە يۇقتۇرمايدىكەن، ھەر قانداق ئىشقا ھورۇنلۇق قىلمايدىكەن. مەھەللىدىكىلەرمۇ بالىلىرىنى سەنمۇ ھىدايەت قارىدەك بولساڭ بولمامدۇ دەيدىغان بوپتۇ. دېمىسىمۇ، خۇدايىم بۇ بالامغا بىر ئېسىل سۈپەت بېرىپتۇ. رەھمەتلىك ھاشىيخانمۇ بۇ بالىنى بەك ئوبدان باقىدىغان، ئۆزلىرىمۇ دىندا كامىل، مۆتىۋەر كىشى بولغاچقا ئوغۇللىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئوبدان چوڭ قىلىپلا، خۇدايىم ئەجىرلىرىنى يەردە قويماپتۇ، ئۆزلىرىگە پەرزەنتتىن بەخت بېرىپتۇ. بەزىدە خۇدايىم ماڭىمۇ شۇنداق بىر پەرزەنت بەرگەن بولسا نېمە بولار دەپ كېتىمەن، رەھمەتلىكمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيلا ئالەمدىن كەتتى…- ئايىمخاننىڭ ئويچان كۆزلىرى ياشقا تولدى؛ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى، رومىلىنىڭ ئۇچىدا يېشىنى سۈرتىۋاتقاندا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە قايغۇلۇق كۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ كەتكەن سەمەت مەخسۇم تىترەپ تۇرۇپ:

— كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا ئايىمخان، سەۋر قىلسىلا، ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولسىلا!-دېدى. مەخسۇم مۇبادا بۇ گېپىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرسا ئۆز كۆڭلىدىكىنىمۇ قوشۇپ دەۋېتىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ سۆزىنى توختىتىپ قويدى. ئايىمخان ئاياللارغا خاس سەزگۈرلۈكى بىلەن ھەممىنى چۈشىنىپ ئولتۇردى، قەلبى ئازادىلىككە چۆمدى.

سەمەت مەخسۇمنىڭ ئايىمخاننى ئەمرىگە ئېلىش ئىستىكى بارا-بارا ئۇلغىيۋاتقان ئوتتەك كۈچىيىپ كەتتى. يۈز كۈنلۈك ئىددەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئايىمخاننىڭ ئالدىغا ئادەم كىرگۈزدى، ئايىمخان رازىلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما نىكاھ ئوقۇيدىغان ۋە توي قىلىدىغان ئىشنى كەينىگە سۈردى. ھەقتائالانىڭ شاپائىتىگە شۈكرىلەر ئېيتىپ، ياش يىگىتلەردەك ھاياجانلىنىپ، جۇشقۇنلىشىپ كەتكەن سەمەت مەخسۇم دەسلەپتە جىم بولۇپ قالدى، كېيىن ياخشى ئويلىنىپ بۇنى توغرا چۈشەندى. چۈنكى ئىددەت ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، تېز ئارىدا جۇۋان تويى قىلىنسا مەھەللىدىكىلەر”ئايىمخان ئاران تۇرۇپتىكەن“ دەپ يەنە گەپ تاپاتتى. ئايىمخان بىلەن مەرھۇم ئېرىنىڭ بەش پاتمان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ تويغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈشىگە ۋاقىت كېتەتتى.

مەخسۇمنىڭ بار-يوقى ئانىسىدىن مىراس قېلىپ، مەرھۇم ئايالىدىنمۇ ئېشىپ قالغان بىر جۇپ ئالتۇن ھالقا ۋە بىلەيزۈك بولۇپ، مەخسۇم بىلەيزۈكنى ئايىمخانغا ئاتاپ قويدى، قالغىنىغا بىر ئامال قىلماي بولمايتتى، ئۇنىڭغىمۇ ۋاقىت كېرەك ئىدى.

كۈز كېتىپ يەنە قىش كەلدى، ھىدايەت قارى داۋۇت داموللامنىڭ ئۆيىدە ساۋاق ئېلىش كۈنلىرىنى كۆپەيتتى. ئەتىياز كىرگەندە داۋۇت داموللامنىڭ تالىپ ئوقۇتۇشى چەكلەندى، ھىدايەت قارى ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلدى.

مەھەللە باشلىقى نىياز تولىمۇ ئالدىراش، سۈرلۈك بولۇپ كەتتى، مەجلىس ئاچسا ئىشلەپچىقىرىش توغرىلىق گەپنى قويۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىق ھەم مۇقىملىقنى قوغداش ھەققىدە توختىماي سۆزلەيتتى؛ ئۆزىچە قايناپ ھەتتا ئەزالارغا قولىنى شىلتىپ ۋارقىراپ كېتەتتى، بىر ياندا غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان مەخسۇمغا پات-پات گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قوياتتى.

بىر كۈنى نىياز ئۇنى دادۈيدە يىغىن بار دەپ ئېلىپ كەتتى. بۇ يىغىن تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ كەنت تەۋەسىدىكى دىنىي زاتلارغا مەخسۇس ئاچقان يىغىنى ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا قىلغان مۇقىمسىزلىق ۋە باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللارنى بىر باشتىن سۆزلەپ چىقتى، بىر تېما بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا ھەر خىل تەرزدە، ھەر خىل مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلدى، يىغىننىڭ ۋاقتى بەكمۇ سوزۇلۇپ كەتتى؛ چۈشتە باشلانغان يىغىن پېشىن، ئەسىر، ھەتتا شام ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىمۇ تۈگىمىدى؛ ئادەتتە بەش ۋاق نامازنى دەل ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان يىغىن ئەھلى بۇ يىغىننىڭ مەقسەتلىك ئېچىلىۋاتقانلىقىنى پەملەپ، ناماز ئوقۇش تەلىپىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنالمىدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ ئىچى دەھشەت سىقىلىپ كەتتى:”بىز خۇدادىن قورقماي بەندىدىن قورقامدۇق؟! قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ دىنىي ئەركىنلىك بەرگەن ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى نامازنى چەكلەشكە بۇيرۇغىدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتمىگەندۇ؟ كوپراتسىيىدىكى سىياسىتىگە يېنىۋالمىغاندۇ؟ بىز ھۆكۈمەتكە ھېچقاچان نارازىلىق، قارشىلىق بىلدۈرمىدۇققۇ؟! بېشىمىزغا ھەر قانداق ئىش كەلسە تەقدىر پېشانىمىزدىن كۆرۈۋاتىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن رازى بولمايدىغان كىم بار؟! ھەممىنى قىلغان مۇشۇ نىيازدەك مۇناپىق ھوقۇقدارلار، ئىشنى بۇزغانمۇ مۇشۇلار، بۇلار كىچىك ئىشنى يوغانتىپ، ئوڭ ئىشنى تەتۈرگە تولغاپ، ھەددىدىن بەك ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇلارنى سورايدىغان ئادەم يوقمىدۇ؟!“

— ھۆرمەتلىك رەھبىرىي كادىرلار،- دەپ ئورنىدىن تۇردى سەمەت مەخسۇم گويا مىڭ پاتمان تۈگمەن تېشىنى يۈدۈۋالغاندەك ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ،- مالال كۆرمىسەڭلار، مېنىڭ ئىككى ئېغىز پىكرىم بار.

— يىغىن تۈگىمەي تۇرۇپ نېمە دەپ ئورنىلىرىدىن تۇرۇۋالىلا!-دېدى نىياز ئۇنىڭ يېنىغا چېپىپ بېرىپ،- گەپلىرى بولسا ھېلى يىغىن تۈگىگەندە دېسىلە!

ياق، ھازىر دېمىسەم بولمايدۇ، تەرەت قىستىغاندا ھاجەتخانىغا بېرىش كېرەك، ئىشتانغا چىقىرىۋەتسەك بولمايدۇ،-دېدى مەخسۇم ئەتراپىدا ئۆزىگە قاراپ قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئولتۇرغانلارغا بىر قارىۋېتىپ،- باياتىن بېرى رەھبەرلەر ئوبدان گەپ قىلدى، بىزمۇ ئوبدان ئاڭلىدۇق، مەجلىسنىڭ مەزمۇنىدىن ئاساسەن ۋاقىپلاندۇق؛ ئەمدىكى گەپ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى، ئۈچ ۋاق نامىزىمىز قازا بولدى، قورساق ئېچىپ، تاھارەت قىستاپ كەتتى. ئۆيگە بالدۇرراق بارساق، قورساقنى توقلاپ قازا نامازنى ئوقۇۋالساق دەيمەن. مېنىڭ پىكرىم شۇ، مەن گېپىم تۈز ئادەم، رەھبەرلەر بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن، بىلمەيمەن. ئەمما مەن مەجلىسنى ئوبدان ئاڭلىدىم، رەھبەرلەرنىڭ سۆزىنى تامامەن قوللايمەن؛ باشقىلارنىمۇ مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردىغۇ دەپ ئويلايمەن.

يىغىن مەيدانىنى تەشۋىشلىك سۈكۈت باستى. يىغىن مۇنبىرىدە گىدىيىپ ئولتۇرغان كادىرلارنىڭ كۆزى چەكچىيىپ، ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى. نىياز خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىغا يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن سەمەت مەخسۇمنى ئايرىم ئېلىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قايتا تەربىيە ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى. باشلىق بۇ تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلدى. يىغىن تارقالدى، سەمەت مەخسۇم توردىن سۈزۈلگەن بىر تال بېلىقتەك ئايرىلىپ قالدى.

— سىلىنىڭ ئىدىيىلىرىدە ھەقىقەتەن مەسىلە بار ئىكەن،-دېدى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كۆزەينىكىنى سۈرتىۋېتىپ،-شۇنچە خەق ئالدىدا ھېلىتىنلا بۇنداق قۇتراتقۇلۇق گەپلەرنى قىلغىلى تۇرسىلا، بىزنىڭ بۇ يەردە يېرىم كۈن گالۋاڭ بولۇپ ئاچقان يىغىنىمىزنىڭ ئۈنۈمى نەگە كېتىدۇ؟ ناماز دېگەننى كەچتە ئۆيلىرىگە بارغاندا ئوقۇۋالسىلىمۇ بولىدىغۇ؟! قالغانلارمۇ سىلىدەك دىنىي زاتقۇ، ئۇلار چىداپ ئاڭلاپ ئولتۇرغان يەردە سىلە نېمىشقا ئولتۇرالماي قالىلا؟! سىلە نامازنى كۈندە ئوقىۋەرگەن بىلەن بۇنداق يىغىننى بىز كۈندە ئاچالمايمىز. بىز ئاشۇ يىراقتىن كېلىپ، ئائىلىمىزدىن ئايرىلىپ جاپا تارتىپ بۇ يەردە تۈزەش ئېلىپ بېرىۋاتساق، سىلە قوپۇپ بۇ تەرتىپنى بۇزىمەن دېسىلە، دەپ باقسىلا غەرەزلىرى زادى نېمە؟!

— مېنىڭ ھەرگىز يامان غەرىزىم يوق، ئۆزلىرى زىيالىي ئادەمدەك قىلىلا، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئوبدان بىلىلا، شۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ناماز ئوقۇغىلى قويمايلا، ناماز دېگەن ۋاقتىدا ئوقۇشقا بۇيرۇلغان پەرز ئەمەسمۇ؟!

— مەخسۇماخۇن، ھاي- ھاي، مەخسۇماخۇن، ئۆپكىمىزنى بېسىۋالايلى، خاتالىقنى گەدەنگە ئالايلى!- دېدى نىياز مەخسۇمنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ،-ھېچكىم قىلمىغان خاتا ئىشنى قىلىپمۇ يەنە تەن بەرمەملا؟!

— مەن قايسى ئىشنى خاتا قىپتىمەن؟! ئوغرىلىق قىپتىمەنمۇ، ھۆكۈمەتكە مۇشت كۆتۈرۈپ چىقىپتىمەنمۇ، زادى نېمە قىپتىمەن، دەپ بېقىڭلارچۇ؟!-دېدى مەخسۇم ساقاللىرىنى تىترىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن ناھەقچىلىققا چىدىيالماسلىق ئالامەتلىرى ئوت ئۇچقۇنىدەك چېچىلىپ تۇراتتى.

— شۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قاپلا،-دېدى باشلىق چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ.

— ئادەمنى تەتۈر قىينايدىغان سىلەردەك ئەمەلدارلار قاچانمۇ تۈگەر،-دېدى مەخسۇم خۇداغا ئىلتىجا قىلىۋاتقاندەك ئايانچلىق، ھەسرەتلىك تۈستە.

— بۇ ئادەم كەچكىچە ھۆكۈمەتنى، باشلىقنى تىللاپلا يۈرىدۇ، كاللىسىنىڭ سۈيى بار،-دېدى نىياز كۆزەينەكلىك باشلىقنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ،-بالىسىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرمەي موللىغا بەرگەن ئادەم مۇشۇ، بۇ ئىشنىمۇ ئەمدى سۈرۈشتۈرىدىغان ۋاق كېلىپ قالدى!

نىياز بۇ گەپلەرنى پەس ئاۋازدا دېگەن بولسىمۇ سەمەت مەخسۇم ئاڭلاپ قالدى، ھېچ بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن يوشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ ھەم ئوغلىنىڭ كېيىنلىكىدىن ئەنسىرەپ، خۇدادىن ئاسانلىق تىلىدى.

بىر ھەپتىدىن كېيىن سەمەت مەخسۇم ئوغلى بىلەن بىللە يېزىلىق ساقچىخانىغا چاقىرتىلدى. ھىدايەت قارىدىن داۋۇت داموللامنىڭ گۇمانلىق ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان ساقچىلار ئۇنىڭ تېخى كىچىكلىكىنى، ئانچە بەك سىياسىي كاللىسى يوقلۇقىنى بايقاپ ئۆيىگە قايتۇرىۋەتتى، سەمەت مەخسۇمنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇپ تەربىيىلىدى.

ھىدايەت قارى ئاتىسىنىڭ ھالىدىن قايغۇرۇپ، بۇ ناھەق ئىشلاردىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئۆيىگە كەلگۈچە ياش تۆكۈپ كەلدى؛ نىيازنىڭ شۇملۇقلىرىنى ئويلاۋېرىپ، ئاچچىق ئەلەمدىن چىشلىرى كىرىشىپ، مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ كەتتى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى، ئايىمخان ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئاتىسى قايتىپ كەلمىگەنسېرى ھىدايەت قارى كۈندىن كۈنگە تىت-تىت بولۇپ، نىيازغا بارغانسېرى ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىياز ھىدايەت قارىنىڭ ساقچىخانىدىن يېنىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ بىر مۇنچە سېسىق گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئۇلغايتىۋەتتى.

مەھەللىدە ھىدايەت قارىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشى بار ئىدى، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە مەجبۇرىي بېرىپ ئوقۇيتتى، ھىدايەت قارىنى بەك ھۆرمەتلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تراكتور، تېلىۋېزور دېگەندەك ئوقەتلەر تەل ئىدى. ئۇ ھىدايەت قارىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇنى ئۆيىگە چاقىراتتى، بىللە تاماق يەپ بىللە تېلېۋىزور كۆرەتتى، ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆيىدە قوندۇرۇۋالاتتى. ھىدايەت قارى تېلىۋىزورغا قىزىقىپ قالدى. تېلېۋىزوردا ھەر كۈنى كەچتە بېرىلىدىغان «غەرپكە ساياھەت»تتىكى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ سەپەر جەريانىدا قورقۇنچلۇق جىن-ئالۋاستىلارغا ئۇچراپ ئاخىر ئۇلارنى يەڭگەندىكى قىزىقارلىق، خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى ھىدايەت قارىنى بەكلا جەلپ قىلىۋالدى؛ ھەر بىر قىسمىدا چىقىدىغان ھەر خىل جىن-ئالۋاستىلار ئۇنىڭ جىنلار ھەققىدىكى بۇرۇنقى تەسەۋۋۇرلىرىنى قوزغاتتى. جىن-ئالۋاستىلار ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىدى، سۇنۋۇكۇڭ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ ماڭمىغان بولسا تاڭ سىڭ يولدا توسۇلۇپ قالاتتى، ھەتتا ئاشۇ ياۋۇز جىن-ئالۋاستىلارغا يەم بولۇپ كېتەتتى…

كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا ھىدايەت قارى ساۋاقدىشى بىلەن سۇنۋۇكۇڭ ۋە جىنلار ھەققىدە ھەر خىل گەپلەرنى قىلىپ چىقاتتى.

— ئاتاممۇ جىننى ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق دېگەن، مەن زادى كۆرۈپ باقمىدىم…- دېدى ھىدايەت قارى بىر كۈنى كەچتە.

— جىنلار سىزدەك ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمگە ئۇچرىمايدۇ -دېدى ساۋاقدىشى،- جىن دېگەن ئەسكى ئادەمگە چېقىلىمىش، نىياز توختىغا جىن ئۇچراپتىكەن، خەق شۇڭا”نىياز توختى، جىندىن قوقتى“ دەيدۇ.

— قاچان؟ نەدە؟-دېدى ھىدايەت قارى ھەيران ھەم خۇشال بولۇپ.

— ئۆتكەن يىلى يازدا، نىياز توختى بازاردىن مەست چىقىۋاتسا تاش يولنىڭ بويىدىكى ھېلىقى زاراتلىقتىن بىر ئوت كۆرۈنۈپتىمىش، ئۇ يەردىن قىلىچ-نەيزىلەرنىڭ شاراق-شۇرۇق سوقۇلغان، ئادەمنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتىمىش. ئاندىن بىر ئۇزۇن چاپانلىق، قارا تۇماقلىق ئادەم يولدىن توغرىسىغا ئۆتۈپلا يوقاپ كېتىپتىمىش. نىياز توختى بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ ئىشتىنىغا سىيىۋېتىپتىمىش…

ھىدايەت قارى كۈلۈپ كەتتى، ساۋاقدىشى گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

— نىياز توختى جىنغا ئىشەنمەيمىش، لېكىن ئۇنىڭدىن قاتتىق قورقىمىش. خەق سورىسا”مەستلىكتە ماڭا شۇنداق بىر نېمىلەر كۆرۈنۈپ قالغان دەيمىش“، لېكىن ھەر بازار ئاخشىمى مەست چىقسا شۇ يولدا ماڭمايمىش…

ھىدايەت قارى نىيازنىڭ مۇنداقمۇ ئىشلىرى بارلىقىنى بىلىپ ئەجەپلەندى، ئۆزىچە بىر نەرسىنى قىزىقىپ ئويلاپ كەتتى. بۇ مەھەللىدە ھېچكىمدىن قورقمايدىغان، ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدىغان نىيازنىڭ جىندىن قورقىدىغانلىقى ھىدايەت قارىنى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدىغاندەك قىلاتتى. نىيازغا بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىك ۋە ئاتىسىنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىگە بولغان ئىنتىزارلىق ھىدايەت قارىنى كېچىچە ئۇخلاتماي ئۇنىڭ ھەر قىسما خىيال-تەسەۋۋۇرلىرىنى قوزغىۋەتتى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ كاللىسىغا بىر ئاجايىپ ھەرىكەت پىلانى كېلىشكە باشلىدى: ئەنە ئۇ ئاتىسىنىڭ جۇۋىسىنى ۋە تۇمىقىنى تەتۈر كىيىدۇ، رەھمەتلىك ئاپىسىنىڭ ياغلىقى ياكى باشقا بىر پارچە رەخت بىلەن يۈزىنى يۆگەپ كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. قولىغا ئەڭ ياخشىسى سۇنۋۇكۇڭنىڭ كالتىكىدەك ياكى جۇباجىنىڭ ئاسقىقىدەك بىر نەرسىنى ئالىدۇ، نىيازنىڭ ھويلىسىغا كىرىش ئۈچۈن باشتا بېغىدىن كىرىپ بىر يەرگە مۆكۈۋالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇشى كېرەك. نىياز شۈمپەن باغقا بىر ئىش بىلەن كىرىدۇ، ھېچ بولمىسا بېغىدىكى ھاجەتخانىسىغا كىرىدۇ. ياق، ئۇنى ئۇنداق پاسكىنا يەردە پايلاپ يۈرمەسلىك كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى سامانلىققا كىرىۋالغان ياخشى، نىياز ئۇ يەرگە سامان ئالغىلى كىرىشى مۇمكىن، چۈنكى ئېشىكىگە كەچتە سامان سالمىسا بولمايدۇ…ئۇ سىۋىتىنى كۆتۈرۈپ قاراڭغۇ سامانلىققا كىرگەندە ئۇنىڭ كەينىدىن جىندەك پەيدا بولۇش كېرەك، ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغىنىدا مېنىڭدىن چۆچۈپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ….شۇ ۋاقىتتا دەيدىغان گېپىمنى دەۋالىمەن،” ئۇدۇل قوشناڭ ئەتە ئۆيىگە كەلمىسە پۇتۇڭ باسماس، قولۇڭ تۇتماس بولىدۇ، خوتۇن بالىلىرىڭمۇ پالەچ-لەقۋا بولىدۇ“ دەپ قورقىتىمەن. ئەگەر مېنى تونۇۋالسا قولۇمدىكى كالتەك بىلەن بېشىغا ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. ئۇ ھوشىنى يىغىپ خوتۇن-بالىلىرىنى توۋلاپ بولغىچە ئۆيىدىن قېچىپ كېتىپ بولىمەن، قاراڭغۇدا تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ مەندەك يۇۋاش ، مۆمىن بەندىسىدىن نىيازلا ئەمەس، مەھەللىدىكى جامائەتمۇ گۇمانلىنالمايدۇ….

ھىدايەت قارى بۇ خىياللىرىغا خۇددى شۇنداق بولىدىغاندەكلا ئىشىنىپ كەتتى، ئۆزىنى گويا ياخشى جىننىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك ئويلاپ خۇدادىن بۇ ئىشنىڭ ئاسان بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ بۇ قالتىس پىلانلىرىنى ساۋاقدىشىغا ئېيتىپ ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ بېقىشنى ئويلىدى، لېكىن ئۇ ئۇخلاپ قالغانىدى. ھىدايەت قارى ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى بۇ پىلان ئىشقا ئاشقاندا ئاندىن ئېيتىش ۋە ئۇنى ھەيران قالدۇرۇش قارارىغا كەلدى.

ھىدايەت قارى ئەتىسى ھەممە نامىزىدا خۇدادىن ئاسانلىق تىلىدى. كۈن ئولتۇرغاندا ئاتىسىنىڭ جۇۋىسىنى، تۇمىقىنى ئوڭ كىيىپ(سامانلىققا كىرگەندىن كېيىن تەتۈر كىيمەكچى بولدى)، ئاپىسىنىڭ قارا ياغلىقىنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئاتىسىنىڭ كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن پىيمىسىنى كىيىپ، بوۋىسىدىن قالغان تۆمۈر ئارىنى ئېلىپ، ئادەم يوق پۇرسەتتە نىيازنىڭ كەڭرى بېغىغا ئوڭۇشلۇق كىرىۋالدى، بۇ يەردە ئىت يوق ئىدى، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە بىر كىمنى پەرق ئەتمەكمۇ تەس ئىدى. ھىدايەت قارى باغ بىلەن ھويلىنىڭ پاسىلىدىكى شادا ئىشىكتىن ئاستا ئۆتۈپ، باغقا يانداش چوڭ سامانلىققا ئەپچىللا كىرىۋالدى، تۇماق ۋە جۇۋىنى تەتۈر ئۆرۈپ كىيدى، ياغلىق بىلەن يۈزىنى يۆگىدى؛ ئارىنى مەھكەم تۇتۇپ، تاشقىرىدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا ھوشيارلىق بىلەن دىققەت قىلدى. نىيازنىڭ خوتۇنى توكۇلدىتىپ سەي توغراۋاتاتتى، نىياز ئۇنىڭغا چېپىلىپ ئەزمىسىنى ئېزىپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى.

— ئى كالا بىلەن ئېشەك ئاچ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قارنىغا بىر نېمە بېرىڭلا، ھېلى قاراڭغۇدا قالىسىلە، ئوچاق بېشىدا بىر ئادەم تۇرسا بولار!-دېدى خوتۇنى.

— ھېلى بالىلار كەلسە قىلار، كۈندە ئىككى ۋاق ئېشەك، كالا بېقىپلا ئۆتەمدىم؟!-دېدى نىياز.

— ئەمەل تەگكەندىن بېرى بەك ھورۇنلىشىپ كەتتىڭلا، يېزىغا شاڭجاڭ بولغان بولساڭلا بەنچاڭدىن چۈشمەي يېتىۋالىدىكەنسىلە-ھە!؟ شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ئېرىنامسىلە، بالىلارغا قاراپ تۇرغان بىلەن ئۇلار قاچان كېلىدۇ؟! ئۇلاغ ئاچ تۇرىۋەرسە، كۈندىلا قۇرۇق ساماننى يەۋەرسە قىشتىن قانداق چىقىدۇ؟ سىلىغۇ بىرەر كۈن ئىسسىقسىز قالساڭلا ئوچاقنى بېشىڭلىغا كىيگۈدەك قىلىپ، قازان بېشىغا چېپىلىپ، بېشىمنى ئوماش قىلىسىلە، شۇ بىچارە ئۇلاغلار ئاچ-ئۇسسۇز قالسا قانداق چىدايدىغاندۇ دېمەيسىلە!

— بولدى تولا قاينىماڭلا، بالىلارمۇ كەلدى ئەنە!

نىيازنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئىككى كەپسىز ئوغلى قويلىرىنى ھەيدەپ ھويلىغا كىردى.

— تۈزۈككىنە تويماپتۇ بۇ قويلار، سۇ ئىچتىمۇ؟-دېدى نىيازنىڭ خوتۇنى يەنە جىلىخورلۇق بىلەن سۆزلەپ.

— تويمىغان بولسا ھەلەپ بېرىڭلار، كالىغىمۇ، ئېشەككىمۇ تەڭ ھەلەپ بېرىڭلار، ئاپاڭلار بىر خوش بولۇپ كەتسۇن!-دېدى نىياز.

— يائاللا، ئىشقا بۇيرىۋېرىدىكەن!-دەپ غۇدۇڭشىدى چوڭ ئوغۇل، ئاندىن ئۇ ئۇكىسىنى ئىشقا بۇيرۇدى،- ماڭە ئۇكام سەن سامان ئېلىپ چىقە!

— ئۆزەڭ ئەچىق، قورقىمەن!-دېدى ئۇكىسى.

— تازا بىر قورقۇنچاق ماڭقىكەن بۇ، قورقۇپ سېنى بىر جىن يەمدۇ؟! ساماننى مەن ئەچىقسام ھەلەپنى ئۆزەڭ ئېتىسەن!

— مەن ئېتەلمەيمەن، ئاتام ئەتسۇن.

— ھەي گۇي، ئاكاڭغىغۇ بەس سال، ئەمدى ماڭىمۇ بەس سالامسەن؟! ھەلەپ ئەتمىسەڭ ئەتە بازارلىق پۇل يوق ساڭا، ئاتاڭنىڭ ھازىر زۆرۈر ئىشى چىقىپ قالدى،- نىياز ھاجەتخانىغا ماڭدى.

نىيازنىڭ چوڭ ئوغلى سىۋەتنى ئېلىپ سامانلىققا كىردى، ئۇكىسىنى قورقۇنچاق دەپ ئەيىبلىگەن بىلەن بۇ قاپقاراڭغۇ سامانلىققا كىرىپلا ئۆزىمۇ سەل قورقۇپ قالدى، تۆت بۇلۇڭغا ئالاڭ-بۇلۇڭ قارىۋەتتى، قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىۋاتقان كۆزى نېرىقى بۇلۇڭدا كۆتەكتەك قاپقارا نەرسىنىڭ تۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ قويمۇ، موزايمۇ ئەمەس بەلكى ئادەمدەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئۈلگۈردى، سىنچىلاپ يەنە قارىدى، تۇماق ۋە جۇۋىنى ئېنىق پەرق ئەتتى. ھىدايەت قارى قىمىرلىماي، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئولتۇرغان بولسىمۇ دەككە-دۈككىدە يۈرەكلىرى پوكۇلداپ، چوڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، دېمى سىقىلىپ كەتتى، نىيازنىڭ ئوغلى سىۋەتنى تاشلاپ، ھويلىغا قېچىپ:”ۋاي ئوغرى، سامانلىقتا بىر ئوغرى تۇرىدۇ! “ دەپ ۋاقىرىغاندىلا ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، ھودۇققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، كاللىسىنى ھېچنېمىگە ئىشلىتەلمەي قالدى؛ ساماننى ئارا بىلەن ئۆرۈپ ئارىسىغا كىرىۋېلىشنى ئويلىدى، لېكىن بۇنىڭدا بەرىبىر تۇتۇلۇپ قالاتتى. نىيازنىڭ خوتۇنى كىچىك ئوغلىنى ئاتىسىنى باغدىن چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپ، ئاندىن چوڭ ئوغلىغا:”ئادەمنى ئالدىما، قېنى كۆرسىتە ماڭا! “ دەپ جاۋىلدىغىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتاتتى، سامانلىققا كىرەيلا دەپ قالغانىدى. ھىدايەت قارى ئىشىكنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى، ئانا-بالا ئىشىكتىن ئۇدۇللا كىرىپ:” قېنى-قېنى! “ دەپ قاراپ بولغىچە ئارىنى قولتۇقلاپ ھويلىغا قاچتى؛ لېكىن ئۇچىسىغا ئېغىر ھەم ئۇزۇن جۇۋىنى كىيىۋالغاچقا، پۇتىدىكى پىيمىمۇ قولاشمىغاچقا تېز قاچالمدى، ئۇنىڭ كەينىدىنلا قوغلاپ كېلىۋاتقان نىيازنىڭ خوتۇنى ئوغلىغا ۋاقىرىدى:

— تېز بول، دەرۋازىنى تاقىۋال!

ئوغلى قوي توسۇپ يۈرۈپ، يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ كەتكەچكە، قۇيۇندەك چېپىپ بېرىپ دەرۋازىنى تاقاپ ئىلمەك سېلىۋالدى. ھىدايەت قارى چىقىش يولىنى توسۇپ قويغان، مۇناپىق ئاتىسىنى مۇت دورىغان، ھەممە ئىشنى بۇزغان بۇ ھاكاۋۇر شۇمنىڭ ئوساللىقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئويلىغان مەقسەتكە يېتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە”ئوغرى“ دېگەن بۇ ئىنتايىن سەت ھەم قورقۇنچلۇق ئاتاققا قېلىشتىن دەھشەت قورقتى؛ قەلبى ئۆچمەنلىككە تولدى ھەم ئىككىلەنمەيلا تۆمۈر ئارىنى ئۇنىڭغا شىلتىپ كەلدى.”ئوغرى“دىن قورقۇپ كەتكەن چوڭ ئوغۇل ئۆزىنى قاچۇردى، ئەمما ئاپىسى ئارقىدىن ئالۋاستىدەك بەھەيۋەت، پالۋاندەك غەيۇر قىياپەتتە”ئوغرى“نى تىللىغىنىچە ئېتىلىپ كېلىۋاتاتتى:

— قاچىمەن دېمە، قېچىپ باقە قېنى، قېچىپ قۇتۇلغىنىڭنى بىر كۆرەي، خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولمىغىنىڭنى بىر كۆرەي! ھەي نىياز، چاققان كېلىڭلا، ما ئوغرى قاچاي دەۋاتىدۇ، قېچىپ نەگە بارالايدىكىن قېنى، بىر كۆرۈپ باقايلى! ھەي خالايىق، كۆردۈڭلارمۇ ما پىستەك ئوغرىنى، يۈزىنى ياغلىقتا ئېتىۋاپتۇ تېخى، ھازىرلا يۈزىنى ئېچىپ رەسۋا قىلىۋېتىمەن، بەك سەت رەسۋا قىلىۋېتىمەن! قاچقانغا تويىدۇ ھېلى، يۈزىنى نەدە كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىكىن بۇ پىستەك ئوغرى! ۋوي رەسۋا ئوغرى! ئوڭلاپ بىر نان تېپىپ يېيەلمەي خەقنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن نومۇسسىز ئوغرى! ئوغرىلىق قىلغۇچە دىۋانىلىق قىلساڭمۇ بىر نان بېرىمىز ھەي ئوغرى، ئالىدىغان نەرسە تاپالماي ئارىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭمۇ ئوغرى، قويە ئارىنى، چىرايلىقچە قوي!…

زەھەرلىك يىلاندەك قوغلاپ كېلىۋاتقان بۇ جاۋىلداق ئايالنىڭ زۇۋانى ھىدايەت قارىغا بەئەينى جىن-ئالۋاستىنىڭ چىقىراشلىرىدەك ئاڭلاندى، يالغان جىن-ئالۋاستى بولىمەن دەپ رەسمى ئالۋاستىغا يولۇققان ھىدايەت قارىغا ”ئوغرى“ دېگەن بۇ زەھەرلىك گەپ نەشتەردەك سانچىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دەھشەت مۇزلىتىۋەتتى. ئۇ نىيازنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىگە ئىچىدە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ دات-پەرياد چېكىۋاتقان، بۇ ئويۇننى ھېچكىمگە ئۇقتۇرمايلا يىغىشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، پەرۋەردىگارىغا ئىچ-ئىچىدىن تۆۋە قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمدى كېچىككەنىدى؛ بۇ ھويلىغا دوزاخقا سولانغاندەك سولىنىپ، ھېچبىر نىجادلىق يولى تاپالمايۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى ئاچچىق زەرداپ بولۇپ ئېرىۋاتاتتى، جاھاندىكى بارلىق گۈزەل، قەدىرلىك نەرسىلەر بالىلىق قەلبىدىن يوقىلىپ كېتىۋاتاتتى، نىيازنىڭ خوتۇنى بولسا بەئەينى ئىبلىس، ئۇنى جەھەننەمدىكى قان-يىرىڭغا ئىتتىرىدىغان ياۋۇز ئىبلىس، ئۇنى ئۆز چاڭگىلىدىن قويۇپ بەرمەيۋاتقان يامان ئالۋاستى— يىرگىنىشلىك ۋە قورقۇنچلۇق ئادىمىي ئالۋاستى بولۇپ كۆرۈنۈۋاتاتتى. دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھىدايەت قارى ئۆزىنىڭ تەقدىر پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بۇ يامان قىسمەتنى ئاللاھنىڭ ھەق ئىرادىسى بىلەن ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلدى. ئۆزىنىڭ قىلدەك مەنپەئەتىنى پىلدەك چوڭ بىلىدىغان بۇ جاھىل، جاۋىلداق ئايال ئۆمرىدە گويا ئوغرى كۆرۈپ باقمىغاندەك، ئۆمرىدە بىر قېتىم ئوغرى تۇتىۋېلىشنى شەرەپ ھېسابلايدىغاندەك، ئېرىگە ۋە مەھەللە كويغا ئۆزىنىڭ بوش ئايال ئەمەسلىكىنى كۆز-كۆز قىلىدىغاندەك ئەلپازدا ھىدايەت قارىنى قىسماققا ئېلىۋالغانىدى، ئەقلىدىن ئېزىپ ساراڭغىلا ئايلانغانىدى. ساق ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئەسەبىيىلىشىش ھەم ساراڭ بولۇش ئىستىكى دائىم قوزغۇلۇپ تۇرسا كېرەك، ئۇنىڭ بۇ”پىستە ئوغرى“نىڭ جامالىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىشى ئاشكارە مەنپەئەتپەرەسلىكتىن ھەم يوشۇرۇن ساراڭلىقتىن ئىدى.

ھىدايەت قارى ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىغا، دەرۋازىدىن ھېچ توسقۇنسىزلا چىقىپ كېتىشكە تامامەن ھەقلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغانچە، ئۆزىگە ناھەق بەتنام چاپلاپ، ھەقتائالانىڭ بىر ياخشى بەندىسىگە نىجاتلىق بەرمەيۋاتقان بۇ ئىبلىس ئايالنىڭ بۇزۇق قېنىنىڭ ئېقىشىنى، ھەتتا ئۆلۈشىنى ھەقلىق ھېسابلىدى.

نىيازنىڭ خوتۇنى ئېرىنى توۋلاپ، بايىقىدەكلا ۋاتىلداپ شالىنى چېچىپ تۇراتتى:

— ماڭا بىر قارىغىنا ھەي شەرمەندە ئوغرى! چىرايىڭغا بىر تۈكۈرەي!

نىيازنىڭ خوتۇنى ھىدايەت قارىغا ھەدەپ يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئارىنى تۇتىۋېلىشقا قەستلەيتتى. ھىدايەت قارى ئارىنى قاراملىق بىلەن شىلتىپ ئۇنى يېقىن كەلتۈرمەيتتى. شۇ ئەسنادا باغ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغان، نىياز ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان تىۋىشلىرى ھىدايەت قارىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. ھىدايەت قارى دەرۋازىنى ئېچىشقا ئىمكان بەرمەي ھەر تەرەپتىن قىستاپ كېلىۋاتقان”ئىبلىسلار“غا قاراپ تەمتىرەپ كەتتى، ئۇلارغا ئۆزىنى تۇتتۇرۇپلا قويسا تۈگەشكىنى شۇ ئىدى، نىياز يېتىپ كەلسىلا ھىدايەت قارىنىڭ بۇرنىدىن يەنە بۇلاق ئاچاتتى ، ئۇنىڭ ھەر قانداق سۆزىگە قۇلاق سالمايتتى، ئەتىسى جامائەت ئالدىدا رەسۋا قىلاتتى. نىيازنىڭ خوتۇنى ئېرىنىڭ تىۋىشىنى تۇيۇپ كۈچكە تولۇپ، سەل نېرىدا تۇرغان قومۇش سۈپۈرگىنى قولىغا ئېلىپ ۋاتىلداپ دېۋەيلەپ كەلدى:

— سەن ئوغرى ساقلاندىنى تونۇپ قويدۇم، قېنى تۇتۇلمىغىنىڭنى بىر كۆرەي!

ھىدايەت قارىنىڭ بېشىغا قومۇش سۈپۈرگىنىڭ چىۋىقلىرى تەگكىلى تۇردى، ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە يەنە بىر زەربە يەپ كۆزىگە قان تولدى، ئۈچىنچى تاياق تېگىپ بولغىچە ئۇچلۇق تۆمۈر ئارىنى ئۇ”رودۇپاي ئالۋاستى“غا غەزەپ بىلەن قاتتىق شىلتىدى. دەل شۇ دەقىقىدە ئۇ شور پېشانە ئايال قاراڭغۇلۇقتا ئارىنىڭ ئۇچىنى پەرق ئېتەلمەي، سۈپۈرگىنىڭ سالمىقى بىلەن تەڭلا پەسكە ئېڭىشكەنىدى، تۆمۈر ئارىنىڭ ئۆتكۈر ئۇچلىرى ئۇنىڭ بوينىغا ناھايىتى كۈچلۈك بېسىم بىلەن سانچىلىپ، نەچچە يەردىن تېشىپ كىرىپ كەتتى، بوينىدىكى مارجانلىرى شۇ ھامان قانغا بويالدى؛ ئۇ ئۇشتۇمتۇت ھەم قاتتىق زەربىدىن جان ئاچچىقىدا ئېچىنىشلىق ئىڭراپ، بوغۇزلانغان ئىنەكتەك خاقىراپ يەرگە يىقىلدى؛ ئۇنىڭ تاۋۇش پەردىسى تامامەن بۇزۇلغاچقا قاتتىق ۋاقىرىيالمىدى، باياتىن تىنجىمىغان زۇۋانى ئەمدى ئەمدى ئەبەدىي جىمىققاندەك قىلاتتى. نىياز ۋاقىراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. ھىدايەت قارى قاتتىق قورقۇپ كەتتى؛ ئارىنى تاشلاپ، دەرۋازىنى ئېچىپ، يولغا چىقىپلا، كىيىۋالغان ھەممە نېمىسىنى ئىشىكى ئالدىدىكى ئېرىققا سېلىپ تاشلاپ، ئۆيىگىمۇ كىرمەي جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ مەھەللىدىن يىراقلاپ كەتتى.

”بۇنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن تەقدىر“ دەپ ئويلايتتى ھىدايەت قارى،”بۇ تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمەن، نەگە قاچساممۇ ھامان تۇتۇلماي قالمايمەن، لېكىن نىياز دېگەن شۈمپەنگە ئۆلسەممۇ تىز پۈكمەيمەن! پەرۋەردىگارىم مېنى ئەسلىدە شۇ ئىبلىسنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇشقا، ئاتام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ناھەق تۆكۈلگەن قېنىنىڭ خۇنىنى تۆلىتىۋېلىشقا نېسىپ قىلغان بولسا ئوبدان بولاتتى، دەردىم چىقاتتى، ھېلىمۇ ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ھارام قېنى ئاقتى، ئالۋاستى خوتۇن! ئۆزىگە ئۆزى قىلدى، مېنى شۇنىڭغا قىستىدى، خوپ بولدى! پەرۋەردىگارىم مېنىڭ پاك، خالىس نىيىتىمنى بىلىپ تۇرىدۇ، پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلا، ناھەق قان تۆكمەڭلا دېگەن، لېكىن مەن ھەق قان تۆكتۈم! مەندە گۇناھ يوق، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ سادىق بەندىلىرىنى ھەرگىز يامان ئاقىۋەتكە قويمايدۇ، پەرۋەردىگار مېنى ئاشۇ ئىبلىسلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى، گۇناھ ئۇلاردا، ئۇلار ئۆزلىرىگە پالاكەت، ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغۇچىلار! ئۇلار بۇ ئالەمدىمۇ ئۇ ئالەمدىمۇ ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ!“…

ھىدايەت قارى ئۇزاق يول بېسىپ سۆگەتتال مەھەللىسىدىكى داۋۇت داموللامنىڭ ئۆيىگە كەلدى. داموللاممۇ ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ كەتكەن بولغاچقا قۇشناچىم ئۇنى كۈتۈۋېلىپ ئۆيىگە باشلىدى، ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايى، ۋەھىمىلىك پىلدىرلاۋاتقان كۆزىگە قاراپ بىرەر ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى پەملىدى-دە، گەپ سورىدى. ھىدايەت قارى بولغان ئىشنى ئۆزىنى ئاقلىغاچ بايان قىلدى؛ ئەمما ئىچ-ئىچىدىن تىترەپ، چىشلىرى كاسىلداپ، تىلى ئىلمەكلىشىپ گەپنىمۇ تۈزۈك قىلالماي قالدى. قۇشناچىم ھاڭ-تاڭ قالدى، بۇ ۋەقەنى ھىدايەت قارىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىمىغان بولسا ھەرگىز ئىشەنمەيتتى. قۇشناچىم ئۇنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئويغا چۆمدى. ئۇنى بۇ يەردە يوشۇرۇپ قېلىشقا بولمايتتى، يەنە كېلىپ بۇ قارىمنىڭ كاشىلىسى بىلەن داۋۇت داموللاممۇ تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن ئىدى. قۇشناچىم ئەتىسى بامداتتىن يېنىپلا كەنت سېكرىتارىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

نىيازنىڭ خوتۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغىچە قانسىراپ ئۆلدى، ھىدايەت قارى ئۇنىڭ قاتىلى دەپ بېكىتىلىپ قولغا ئېلىندى. نىياز بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھەيران قالدى. ساقچىخانىغا بېرىپ ساقچىلارنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي ئۇنى تىللاپ، ئۇرۇپ-تېپىپ كەتتى، ساقچىلارغا نېرۋىسىدىن ئاداشقان بۇ مەخلۇقنىڭ ئاۋۋال ئوغرىلىققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، ئۆزى ھاجەتخانىدىن چىقىپ بولغىچە ئايالىنىڭ گېلىغا ئارىنى سانچىۋېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئۈلگۈرۈپ بارالمىغىنىدىن ئۆمۈرۋايەت پۇشايمان قىلىدىغانلىقى، قاتىلنى كىچىك دەپ ئولتۇرماستىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش كېرەكلىكى، ئۆزىنىڭ قانغا قان، جانغا جان ئالىدىغانلىقى، بولمىسا سوت بىلەن ئاخىرىغىچە دەۋا قىلىشىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالدى.

قاتمۇ قات دەھشەتلىك زەربىلەردىن ئۇجۇقۇپ كەتكەن ھىدايەت قارى ھەقىقەتەن ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدەك بولۇپ قالدى، سوراق جەريانىدىمۇ ئالىجۇقا سۆزلەپ، گېپىنىڭ باش-ئاخىرى باغلاشمىدى. ساقچىلارمۇ” بۇ بالىنىڭ نېرۋىسى جايىدا ئەمەسكەن، سوراق قىلغىنىمىز بىكاركەن، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ئېنىق بولغاندىكىن ھازىرچە تۈرمىدە يېتىپ ھۆكۈم كۈتسۇن“ دېگەن پىكىرگە كېلىپ ئۇنى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە يوللاپ بەردى.

سەمەت مەخسۇم يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سوراقخانىسىدا تۇرغان بىر ھەپتە ئىچىدە ھېچ ئىش قىلالماي، نامىزىنىمۇ ئوقۇيالماي، يوقىلاڭ بەتنام ۋە ئارتۇقچە گەپ-سۆزلەردىن جىلە بولۇپ، ئاچچىق يۇتۇپ، تەن سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلاپ كەتتى، ئوغلىنىڭ قاتىللىق قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قىلچە ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، كېيىن ھەقىقەتەن راستلىقىنى بىلىپ ھوشىدىن كەتتى.

ھىدايەت قارى ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان بىر زور ۋەقە پەيدا قىلغاچقا پۈتۈن مەھەللە كوي توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇشاتتى، ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىر-بىرىدىن سورىشاتتى، ھىدايەت قارىدەك ئاشۇنداق ئەخلاقلىق، مۆمىن، نازۇك بىر بالىنىڭ ئۆزىدىن يوغان بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنىگە ئۇلارنىڭ زادىلا ئەقلى يەتمەيتتى،” ئۇ خوتۇندىمۇ گۇناھ بار، بېشەملىكى ئاخىر ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ“ دېيىشەتتى، ھىدايەت قارىغا بېرىلىدىغان كېسىم توغرىلىق ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىشاتتى.

دەھشەتلىك ئازابنى تىل بىلەن ئىپادە قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، سەمەت مەخسۇم خۇدادىن ئەجەل يەتكۈچە ھەم ئوغلىغا كېسىم كەلگۈچە بارلىق كۈلپەت ۋە خانىۋەيرانلىققا چىداپ ياشاش قارارىغا كەلدى، ئايىمخانمۇ ئۇنىڭغا گويا ۋاپادار ئايالىدەك كۆيۈنۈپ، ئۇنىڭ ياشاش ئىستىكىنى پەيدا قىلىپ تۇراتتى. ئۇ دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ ئاران ئەسلىگە كەلدى، داۋالىنىش پۇلىنى ئايىمخاننىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئالتۇن بىلەيزۈكنى سېتىپ تۆلىدى.

سەمەت مەخسۇم تېخىمۇ غېرىبلىشىپ كەتكەن ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەتىسى كەچتە شام نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ياش تۆكۈپ ئۇزاق دۇئا قىلىپ ئوغلىنىڭ ئۆمرىنى تىلەپ ئولتۇراتتى، ئۆيگە نىياز تۇيۇقسىز كىرىپ كەلدى؛ مەخسۇم گويا ئەزرائىلنى كۆرگەندەك چۆچۈپ كەتتى. نىياز گەپ- سۆز قىلماستىنلا كېلىپ مەخسۇمنىڭ ئۆچكە ساقىلىنى كاپپىدە تۇتۇپ، بېشىغا نەچچە مۇشت ئۇرۇۋەتتى، يۈزىگە تەستەك سالدى، ئارقىدىن بۇقىدەك ھۆكىرىدى:

— ھۇ پوق ساقال موللام، ھۇ نىجىس موللام، ئۆزەڭنىڭ بېشىغا بالا تېرىدىڭمۇ مانا! بالاڭ ئادەم ئۆلتۈردىغۇ مانا! بالاڭنى موللىغا بېرىپ تويدۇڭمۇ ئەمدى! بالاڭنى ئوبدان تەربىيىلمەي ئۇنى ئاخىرى ساراڭ، قاتىل قىلىپ چىقاردىڭغۇ مانا! خوتۇنۇمنىڭ قىساسىنى ئەسلى سەندىن ئالسام بولاتتى، خەير، ئۆزەمگە ھاي بېرەي! ئۆتكەندە بالاڭنىڭ بۇرنىدىن كىچىككىنە قان ئاققىنىغا شۇنچىۋالا قىلىپ ئۆيۈمگە ئىككىڭ باستۇرۇپ كىرگەنتىڭ، ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسەن، جانغا جان تۆلەمسەن؟!

— قۇلۇڭنى تارت، گەپ بولسا جىم تۇرۇپ قىل!-مەخسۇم بوغۇلۇپ كەتتى، نىيازنىڭ تاياقلىرىنى توراپ بولالماي جان ئاچچىقدا ئىڭراپ كەتتى،- بالامنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ماڭا، ئاغرىقجان ئادەمنى ئايا!

نىياز ئۇرۇشتىن توختىدى، ئارقىدىن سەمەت مەخسۇمنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

—ماڭا بويسۇنمىغانلىقىڭ، گېپىمگە كىرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن مانا خۇدايىم ئاخىر جاجاڭنى بەردى، بالاڭ ئەسلى مەكتەپتە ئوقۇپ ساق ئادەم بولۇپ چىقاتتى، سەن ئۇنى ساراڭ قىلدىڭ، جىنايەت سەندە، لېكىن ھۆكۈمەت سېنى ئەمەس، قاتىللىق قىلغان بالاڭنى تونۇيدۇ! ئاغرىق باھانىسى بىلەن ساقچىدىن قۇتۇلدۇم دەپ ئالدىراپ خوش بولما، مەنلا بۇ يەردە باشلىق بولۇپ تۇرىدىكەنمەن، سەندەك پالاكەت موللامغا بۇ مەھەللىدە ئەمدى كۈن يوق! ئەتىلا ئۆيۈڭنى سېتىپ بۇ يەردىن يوقال، باشقا يەرگە بېرىپ يەر تېرامسەن ياكى قەلەندەرچىلىك قىلامسەن كارىم يوق، سەن بىلەن بۇ يەردە قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇش ئەمدى ماڭا ھارام! بۇ يەردىن يوقىلىدىغانلا ئىشىڭ بولسا، ئۆي ساتىدىغان ياكى كۆچىدىغان ئىشىڭ بولسا رەسمىيىتىڭنى مەن دەرھال بېجىرىپ بېرىمەن!

نىياز بېشىنى تۇتۇپ ناھايىتى بىچارە ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالغان سەمەت مەخسۇمنى يەنە چەكسىز خورلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەخسۇم نىيازنىڭ قولىدىن ھەر قانداق پېشكەللىكنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېھىر-شەپقەتلىك پەرۋەردىگارىنى ۋە رەھمەتلىك ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ، جاينامازدا ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى