ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دادامنىڭ چامادىنى (ئورخان پامۇكنىڭ نۇتقى)

دادامنىڭ چامادىنى (ئورخان پامۇكنىڭ نۇتقى)

ۋاقتى: 2011-03-10 ئاۋاتلىقى: 549 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دادامنىڭ چامادىنى

(ئورخان پامۇكنىڭ 2006-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغاندىكى نۇتقى)

 


 دادام ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئاۋۋال ماڭا ئۆز ئەسەرلىرى، قوليازمىلىرى ۋە دەپتەرلىرى بىلەن توشقان كىچىك بىر چامادان بەردى. ئۇ ئادەتتىكىدەك قىزىقچى ، يۇمۇرىستىك ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆزىدىن كېيىن قالغاندا، يەنى ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇلارنى ئوقۇپ بېقىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دەپ قالدى. «كۆرۈپ باق» دېدى سەل تارتىنىپ، «ئىچىدە كارغا كەلگۈدەك بىر نەرسە بارمۇ، بەلكىم مەندىن كېيىن قالغاندا تاللاپ نەشىر قىلدۇرارسەن». بىز مېنىڭ يېزىقچىلىق ئۆيۈمدە، كىتابلار ئارىسىدا ئىدۇق. دادام ناھايىتى ئۆزگىچە ئازابلىق بىر يۈكتىن قۇتۇلماقچى بولغان كىشىدەك، چامادانىنى نەگە قويۇشىنى بىلەلمەي ئۆينىڭ ئىچىگە كۆز يۈگۈرتۈپ ئالدى-كەينىگە ماڭدى، ئاندىن قولىدىكى چاماداننى كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر بۇلۇڭغا ئاستا قويۇپ قويدى. ئىككىلىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بۇ ئۇنتۇلماس پەيت ئۆتۈپ كېتەي دېگەندە ئىككىمىز ئادەتتىكى رولىمىزغا، ھاياتنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان، چاقچاقچى، كىنايىچى ھالىتىمىزگە قايتىپ ئازادىلىككە چۆمدۇق. ئادەتتىكىدەك تاغدىن-باغدىن: ھايات، تۈركىيىنىڭ تۈگىمەس سىياسىي دەردلىرى ، دادامنىڭ كۆپىنچە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىشلىرى ھەققىدە بەك ھەسرەتلىنىپ كەتمەي پاراڭلاشتۇق.

دادام كەتكەندىن كېيىن چاماداننىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە كۈن ئۇنىڭغا ھېچ تەگمەي ئۇياق-بۇياققا ماڭغىنىمنى بىلىمەن. كىچىك، قارا، كۆن چاماداننى، قۇلپىسىنى، يۇمىلاق چۆرىلىرىنى بالىلىقىمدىن تارتىپ بېلەتتىم . دادام قىسقا سەپەرلەرگە چىققاندا ۋە بەزىدە ئۆيدىن تىجارەت ئورنىغا بىر نەرسە توشۇغاندا ئۇنى ئېلىۋالاتتى. بالىلىق چېغىمدا بۇ كىچىك چاماداننى ئېچىپ، سەپەردىن قايتىپ كەلگەن دادامنىڭ نەرسىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىمنى، ئىچىدىن چىققان كولونيا ۋە چەتئەل پۇرىقىدىن شادلانغىنىمنى بىلىمەن. بۇ چامادان ماڭا ئۆتمۈشتىن ۋە بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسە ئېلىپ كېلىدىغان تونۇش، جەزبىلىك بىر نەرسە ئىدى، ئەمما ئەمدى ئۇنىڭغا تېگەي دەپمۇ تېگەلمەيۋاتاتتىم. نېمىشقا؟ ئەلۋەتتە، چاماداننىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن يۈكنىڭ سىرلىق ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن. ئەمدى بۇ ئېغىرلىقنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەي. مانا بۇ بىر ئۆيگە بېكىنىپ، بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، بىر بۇلۇڭغا تىقىلىپ قەغەز-قەلەم بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئىنساننىڭ قىلغان ئىشىنىڭ، يەنى ئەدەبىياتنىڭ مەنىسى.

   ھەر قانچە قىلىپمۇ دادامنىڭ چامادانىغا تېگىپ ئۇنى ئاچالمايۋاتاتتىم، ئەمما ئىچىدىكى دەپتەلەرنىڭ بەزىلىرىنى بىلەتتىم. بەزىلىرىنى دادام ئۇنىڭغا بىر نەرسە يېزىۋاتقاندا كۆرگەنىدىم. چاماداننىڭ ئىچىدىكى يۈك مەن تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. دادامنىڭ چوڭ بىر كۇتۇبخانىسى بار ئىدى، ئۇ ياش چاغلىرىدا، 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا شائىر بولماقچى ئىكەندۇق، ۋالېرىينىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپتىكەن؛ ئەمما ئوقۇرمەنلىرى ئاز ھەم كەمبەغەل بىر دۆلەتتە شېئىر يېزىپ ئەدەبىي ھاياتنىڭ جاپاسىنى تارتىشنى خالىماپتىكەن. دادامنىڭ دادىسى— بوۋام باي بىر تىجارەتچى ئىدى، دادام بالىلىق ۋە ياشلىقىنى راھەتتە ئۆتكۈزگەنىدى، شۇڭا يېزىقچىلىق ئۈچۈن جاپا چېكىشنى خالىمىغانىدى. ئۇ ھاياتنى پۈتۈن گۈزەللىكلىرى بىلەن بىللە سۆيەتتى، ئۇنى چۈشىنەتتىم.

مېنى دادامنىڭ چامادانىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن يىراق تۇتۇپ تۇرغان بىرىنچى ئەندىشە تەبىئىيكى، ئوقۇغانلىرىمنى ياقتۇرماسلىق ئەنسىرىشى ئىدى. داداممۇ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئالدىن تەدبىر قوللانغان، چامادانىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى چوڭ بىلمەيدىغان بىر كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغانىدى. 25 يىللىق بىر يازغۇچىلىق ھاياتىدىن كېيىن بۇنى كۆرۈش مېنى بىئارام قىلاتتى. ئەمما ئەدەبىياتقا ئەستايىدىل قارىمىغانلىقى ئۈچۈن دادامغا خاپا بولۇشنىمۇ خالىمايتتىم... ئەسلى ئەندىشەم ، مەن بىلىشنىمۇ، بىلىۋېلىشنىمۇ خالىمايدىغان ئەسلى نەرسە دادامنىڭ ياخشى بىر يازغۇچى بولۇش ئېھتىمالى ئىدى. ئەسلىدە مۇشۇنىڭدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن دادامنىڭ چامادانىنى ئاچالمايۋاتاتتىم. يەنە كېلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈمگە ئوچۇق دېيەلمەيتتىم. چۈنكى دادامنىڭ چامادانىدىن ھەقىقىي، بۈيۈك بىر ئەدەبىيات چىقىپ قالسا، دادامنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدە تامامەن باشقا بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىش ئىدى. چۈنكى يېشىم خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا دادامنىڭ يازغۇچى بولۇشىنى ئەمەس، پەقەت دادام بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.

   ماڭا نىسبەتەن يازغۇچى بولۇش ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئىككىنچى كىشىنى، ئۇ كىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دۇنيانى نەچچە يىل سەۋر-تاقەت بىلەن تىرىشىپ بايقىشىدۇر: ئەسەر دېگەندە ئاۋۋال رومانلار، شېئىرلار، ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ئەمەس، بىر ئۆيگە بېكىنىپ، ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۆز ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ۋە بۇنىڭ سايىسىدا سۆزلەر بىلەن يېڭى بىر دۇنيا قۇرغان ئىنسان كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. بەلكىم بۇ ئادەم، ياكى بۇ ئايال، خەت ئۇرۇش ماشىنىسى ئىشلىتىدۇ، كومپيۇتېرنىڭ قۇلايلىقلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ياكى مېنىڭدەك 30 يىلدىن بېرى مايقەلەم بىلەن قەغەز يۈزىگە قول بىلەن يازىدۇ. يازغاچ قەھۋە، چاي ئىچىدۇ، تاماكا چېكىدۇ. بەزىدە ئورۇندۇقىدىن قوپۇپ دېرىزىدىن تالاغا، كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا، ئىمكانى بولسا دەرەخلەرگە ۋە بىر مەنزىرىگە ياكى قاراڭغۇ بىر تامغا قارايدۇ، شېئىر، دراما ياكى مېنىڭدەك رومان يازىدۇ. بۇ پەرقلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى پائالىيەتتىن— ئۈستەلگە چۆكۈپ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سەۋر-تاقەت بىلەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولىدۇ. يېزىقچىلىق قىلىش ئىچكى نەزەرنى تىلغا سىڭدۈرۈش، ئىچكى دۇنيانى كۆڭۈلدىن ئۆتكۈزگەچ يېڭى بىر دۇنيانى سەۋر، جاھىللىق ۋە شادلىق بىلەن تەتقىق قىلىشتۇر. مەن ئۈستىلىمدە ئولتۇرۇپ بوش بەتكە يېڭى سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ قوشقانچە، كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتكەنسېرى، ئۆزۈمگە يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇۋاتقانلىقىمنى، ئۆز ئىچىمدىكى باشقا بىر ئىنساننى خۇددى بىر كۆۋرۈكنى ياكى بىر قۇببىنى بىر تاش- بىر تاشتىن قوپارغاندەك روياپقا چىقىرىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم، بەزىدە يىراقتىن كۆزىتىپ، بەزىدە بارماقلىرىمىز ۋە قەلىمىمىزنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلارنى ئوڭشاپ، سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ سالمىقىنى دەڭسىگەچ جايى-جايىغا قويۇپ، يىل بويى، سەۋر ۋە ئۈمىد بىلەن يېڭى دۇنيا قۇرىمىز.

   ماڭا كۆرە يېزىقچىلىقنىڭ سىرى نەدىن كېلىدىغانلىقى ھېچ ئېنىق بولمايدىغان ئىلھامدا ئەمەس، بەلكى جاھىللىق ۋە سەۋر-تاقەتتە. تۈركچىدىكى «يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىش» دېگەن ماقال ماڭا خۇددى يازغۇچىلار ئۈچۈنلا ئېيتىلغاندەك بىلىنىدۇ. چۆچەكلەردىكى ئاشىقى ئۈچۈن تاغلارنى تەشكەن پەرھاتنىڭ سەۋر-تاقىتىنى ياخشى كۆرۈمەن ھەم چۈشىنىمەن. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق رومانىمدا بىر ئاتنى سەۋدالارچە سىزىۋېرىپ پىششىق بولۇپ كەتكەن، ھەتتا چىرايلىق بىر ئاتنى كۆزىنى تېڭىپ قويۇپمۇ سىزالايدىغان ئىرانلىق كونا رەسساملارنى بايان قىلىۋېتىپ، يېزىقچىلىق ۋە ئۆز ھاياتىم ھەققىدە سۆزلىگەنىدىم. ماڭا شۇنداق تۇيۇلىدۇكى، يازغۇچى ئۆز ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسى سۈپىتىدە بىر-بىرلەپ بايان قىلالىشى، بۇ بايان كۈچىنى ئۆز ئىچىدە ھېس قىلالىشى ئۈچۈن يېزىقچىلىق ئۈستىلىگە چۆكۈپ، ئۆمرىنى بۇ سەنئەتكە، بۇ ھۈنەرگە سەۋر-تاقەت بىلەن بېغىشلىشى، ئۈمىدۋارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بەزىلەرگە پەقەت يولىمايدىغان، بەزىلەرگە پات-پات كېلىۋالىدىغان ئىلھام پەرىشتىسى بۇ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىقنى ياخشى كۆرۈدۇ ؛ يازغۇچى ئۆزىنى ئەڭ يالغۇز ھېس قىلغان، چەككەن جاپالىرى، خىياللىرى، يازغانلىرىنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلانغان پەيتتە، يەنى ھېكايىسىنى پەقەت ئۆز ھېكايىسى دەپ قارىغان چېغىدا ئۇ پەرىشتە يەنە ئۇنىڭغا(يازغۇچىغا)ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان دۇنيا بىلەن قۇرماقچى بولغان دۇنيانى بىرلەشتۈرىدىغان ھېكايىلەرنى، رەسىملەرنى، خىياللارنى تۇيۇقسىز ئاتا قىلىدۇ. پۈتۈن ھاياتىمنى بېغىشلىغان بۇ يازغۇچىلىقتا مېنى تولىمۇ خۇشال قىلغان جۈملىلەرنى، خىياللارنى، سەھىپىلەرنى مەن ئەمەس، باشقا بىر كۈچ تېپىپ ماڭا مەردلەرچە سۇندى دەپ ئويلىغىنىم ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان تۇيغۇ بولدى.

   دادامنىڭ چامادانىنى ئېچىپ دەپتەرلەرنى ئوقۇشتىن قورقۇۋاتاتتىم، چۈنكى مەن ئۇچرىغان روھىي بېسىمغا ئۇنىڭ ئەسلا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يالغۇزلۇقنى ئەمەس، دوستلىرىنى، توپ ئادەملەرنى، سالونلارنى، چاقچاقلارنى، جامائەت بىلەن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بېلەتتىم . ئەمما كېيىن باشقىچە پىكىر يۈرگۈزدۈم: بۇ ئوي-خىياللار، ئىختىلاپ ۋە سەۋر خىياللىرى مېنىڭ ھايات ۋە يېزىقچىلىق تەجرىبەمدىن چىقارغان بىلەرمەنلىكىمدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئادەملەر توپى، ئائىلە ھاياتى، جامائەتنىڭ نۇر-شولىسى ئىچىدە، خۇشال ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئارىسىدا ئەسەر يازىدىغان نۇرغۇن پارلاق يازغۇچىلارمۇ بار ئىدى. يەنە كېلىپ دادام بالىلىقىمىزدا ئائىلە ھاياتىنىڭ بىر خىللا ئۆتىۋېرىشىدىن زېرىكىپ بىزنى تاشلاپ پارىژغا كەتكەنىدى؛ پارىژنىڭ مېھمانخانا ياتاقلىرىدا ــ باشقا نۇرغۇن يازغۇچىلاردەك ــ دەپتەرلەر توشقۇزغانىدى. چاماداننىڭ ئىچىدە ئۇ دەپتەرلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم ، چۈنكى چاماداننى ئېلىپ كېلىشتىن ئاۋۋالقى يىللاردا دادام شۇ مەزگىللىرىدىكى ئىشلارنى ماڭا سۆزلەپ بېرىشكە باشلىغانىدى، شۇ يىللاردىكى بالىلىقىم ھەققىدىمۇ گەپ قىلاتتى؛ ئەمما ئۆزىنىڭ دەردمەنلىكىنى ، شائىر، يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىنى، مېھمانخانا ياتاقلىرىدىكى شەخسىي مۇشەققەتلىرىنى دېمەيتتى. ئۇ پارىژنىڭ پىيادىلەر يولىدا سارترېنى قانداقچە پات-پات كۆرگەنلىكىنى دەيتتى، ئوقۇغان كىتابلىرى، كۆرگەن كىنولىرى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم خەۋەر بېرىۋاتقان بىرسىدەك ھاياجان ۋە سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلەيتتى. يازغۇچى بولۇشۇمدا پاشا (تۈركىيىدىكى بۇرۇنقى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار) لاردىن ۋە دىنىي ئۆلىمالاردىن كۆرە تولىراق دۇنيا يازغۇچىلىرى ھەققىدە ئۆيدە گەپ قىلىپ بېرىدىغان بىر دادامنىڭ بولغانلىقى پايدىسىنى ئەلۋەتتە ھېچ ئۇنتۇپ قالمايتتىم. بەلكى دادامنىڭ دەپتەرلىرىنى بۇنى ئويلىغاچ، ئۇنىڭ چوڭ كۇتۇپخانىسىغا نەقەدەر كۆپ قەرزدار ئىكەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالغاچ ئوقۇشۇم كېرەك ئىدى. بىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندا دادامنىڭ —خۇددى مېنىڭدەك— بىر ئۆيدە يالغۇز قېلىپ كىتابلار بىلەن، ئوي-خىياللار بىلەن جەم بولۇش ئىستىكىگە، يازمىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئالاھىدىلىكىگە بەك كۆڭۈل بۆلمەي، پەقەت دىققەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما قىلالمايدىغان ئىشىمنىڭ دەل مۇشۇ ئىكەنلىكنى دادام قالدۇرۇپ قويغان چامادانغا بۇ بىئاراملىق ئىچىدە قاراۋېتىپ ھېس قىلاتتىم. دادام بەزىدە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئالدىدىكى دىۋاندا ئوڭدا يېتىپ قولىدىكى كىتاب ياكى ژۇرنالنى تاشلاپ قويۇپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئوي-خىياللارغا چۆمۈپ كېتەتتى. چىرايىدا مەن چاقچاقلىشىشلار، جىلە قىلىشلار ۋە ئۇششاق گەپ تالىشىشلار بىلەن ئۆتىدىغان ئائىلە ھاياتى جەريانىدا كۆرگىنىمدىن باشقا بىر ئىپادە، خىيالچان بىر نەزەر نامايان بولاتتى، بۇنىڭدىن دادامنىڭ بالىلىق ۋە دەسلەپكى ياشلىق چاغلىرىدىكى دەردمەنلىكىنى چۈشىنىپ ئەندىشە قىلاتتىم. ھازىر، نەچچە يىللاردىن كېيىن مەن بۇ دەردمەنلىكنىڭ ئىنساننى يازغۇچى قىلىدىغان ئاساسلىق تۈرتكىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن، سەۋر ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن ئاۋۋال ئىچىمىزدە ئادەملەر توپىدىن، جامائەتتىن، ئادەتتىكى كۈندىلىك ھاياتتىن، ھەر ئادەم قىلىۋاتقان ئىشتىن قېچىپ بىر ئۆيگە بېكىنىش ئارزۇسى بولۇشى كېرەك. سەۋر ۋە ئۈمىدنى ئۆزىمىزگە يېزىقچىلىق ئارقىلىق تىرەن بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ئىستەيمىز. ئەمما بىر ئۆيگە، كىتابلارغا تولغان بىر ئۆيگە بېكىنىش ئىستىكى بىزنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان تۇنجى نەرسىدۇر. كىتابلارنى ئۆز مەيلىچە ئوقۇيدىغان، پەقەت ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان، كىتابلار بىلەن پاراڭلىشا-پاراڭلىشا ئۆز خىياللىرىنى ۋە دۇنياسىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەركىن، مۇستەقىل يازغۇچىنىڭ تۇنجى بۈيۈك ئۈلگىسى، مودېرنىزملىق ئەدەبىياتنىڭ باشلامچىسى مونتائىگنە دۇر، ئەلۋەتتە. مونتائىگنە دادام قايتا-قايتا ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان، مېنىڭ ئوقۇشۇمنىمۇ تەۋسىيە قىلغان بىر يازغۇچى ئىدى. دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، شەرقتە بولسۇن ياكى غەربتە، ئۆزۈمنى ئۆز جامائىتىدىن ئايرىلىپ كىتابلار بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنگەن يازغۇچىلار ئەنئەنىسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرسەم دەيمەن. مەن ئۈچۈن ھەقىقىي ئەدەبىيات باشلانغان يەر كىتابلار بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنگەن ئادەمدۇر. ئەمما بېكىنگەن ئۆيىمىزدە باشقىلار ئويلىغاندەك يالغۇز ئەمەسمىز. بىزگە ئاۋۋال باشقىلارنىڭ سۆزى، باشقىلارنىڭ ھېكايىلىرى، باشقىلارنىڭ كىتابلىرى، يەنى بىز كېلىچەك دەيدىغان نەرسە ھەمراھ بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئادەمزات ئۆزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياراتقان ئەڭ قىممەتلىك ھاسىلات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئىنسان تۈركۈملىرى، قەبىلىلەر ئۆز ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنچە، يازغۇچىلىرىغا دىققەت قىلغانچە زېرەكلىشىدۇ، مەنىۋىيىتى موللىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ؛ شۇنداقلا ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، كىتاب كۆيدۈرۈشلەر، يازغۇچىلارنى پەس كۆرۈشلەر مىللەتلەر ئۈچۈن قاباھەت ۋە تەتۈر زامانلارنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. ئەمما ئەدەبىيات ھېچقاچان پەقەت مىللىي بىر تېما ئەمەس. كىتابلىرى بىلەن بىر ئۆيگە بېكىنگەن ۋە ئاۋۋال ئۆز ئىچىدە بىر سەپەرگە چىققان يازغۇچى ئۇ يەردە يىللار ئىچىدە ئېس]
]>

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى