ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جالالىدىن رۇمى مەسنىۋى ھېكايىلىرى

جالالىدىن رۇمى مەسنىۋى ھېكايىلىرى

ۋاقتى: 2009-03-28 ئاۋاتلىقى: 1370 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

[
داۋۇد ئەلەيھىسسالام زامانىدا بىر ئادەمنىڭ:« رەببىم، ماڭا بىكارلىق، ھالال رىزىق بەرسەڭ!» دەپ دۇئا قىلىشى


1450. داۋۇد ئەلەيھىسسالام زامانىدا بىر ئادەم بار ئىدى. بۇ ئادەم ھەر بىلگىن، ھەر ئەخمەقنىڭ يېنىدا:
. «ئى رەببىم! ماڭا زەخمەتسىز، جاپاسىز بىر بايلىق بەرسەڭ! » دەپ دۇئا قىلاتتى.
. «ئاللاھىم» دەيتتى، «مادامىكى سەن مېنى ھورۇن، كېرەكسىز، لايغەزەل بىر ھالدا ياراتتىڭ،
. جېنى يوق قوتۇر ئېشەكلەرگە ئاتلار، قېچىرلار توشۇيدىغان يۈكلەر ئارتىلمايدىغۇ!
. مادامىكى مېنى ھورۇن ياراتتىڭ، رىزقىمنىمۇ ھورۇنلۇق يولىدىن ئېھسان قىل!
. مەن ھورۇن، بارلىق ئالىمىدە سايىدە، سېنىڭ ئېھسانىڭ ۋە مەرتلىكىڭنىڭ سايىسىدە يېتىپ ئۇخلىدىم.
. ھورۇنلار ۋە زەخمەتسىزچە ياشاشقا كۆنۈپ قالغانلار ئۈچۈن ئېھتىمال باشقا تۈرلۈك بىر رىزىق تەقدىر قىلغانسەنكى، ئۇلارغا تىرىشمىسىمۇ رىزىقلىرى كېلىدۇ.
. كىمنىڭ پۇتى بولسا بېرىپ رىزقىنى ئىزدەيدۇ؛ پۇتى يوقلارغا، يەنى ئىشلەيدىغان ھالى يوقلارغا سەن ئىچ ئاغرىتقىن!
. رىزىقنى ئۇ مەھزۇن (غەملىك) كىشىنىڭ يېنىغا ئاپارغىن ۋە يەر يۈزىنىڭ ھەر تەرىپىگە يامغۇز ياغدۇر!
. يەرنىڭ پۇتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سېنىڭ مەرتلىكىڭ بۇلۇتلارنى ئۇنىڭغا ئۇدۇل ئىككى ھەسسە تېزلىكتە سۈرۈپ ئاپىرىدۇ.
. بالىنىڭ پۇتى بولمىغانلىقى، يەنى تېخى مېڭىشقا باشلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئانىسى بېشىنىڭ يېنىغىچە كېلىپ يەيدىغىنىنى يېدۈرىدۇ.
. مەن زەخمەتسىزچە، ھارماستىن، تويۇقسىز كېلىدىغان بىر رىزىق ئىستەيمەن. مېنىڭ يالۋۇرۇپ-يېلىنىشتىن ۋە تەلەپ قىلىشتىن باشقا ئىشىم يوق!»
. ئۇ ھورۇن ئادەم ئۇزۇن ۋاقىت بۇ دۇئانى قىلاتتى. ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە، ئاخشامدىن ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگىچە بۇ دۇئادا بولاتتى.
. خالىق(ياراتقۇچى) ئۇنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇنىڭ خام تاماسىغا، ئۇنىڭ ئىشسىزلىكىگە، كۈچسىزلىكىگە كۈلەتتى.
. دەيتتىكى: «ئەجىبا بۇ ئەخمەق نېمە دەۋاتىدۇ؟ ياكى بىرسى ئۇنىڭغا ئەسرار( بىر خىل مەست قىلغۇچى ماددا ۋە ئىچىملىك ) ئىچۈرۈپ ئەقلىنى بېشىدىن ئالدىمۇ؟
. رىزىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولى زەخمەت چېكىشتۇر، ھېرىپ-چارچاشتۇر. ئاللاھ ھەر كىمگە بىر ھۈنەر-سەنئەت، بىر ئىستەك بەرگەندۇر؛ ھەر كىم بىر ئىشنىڭ كەينىدىن چاپماقتا.222
. ئۇ چاغلاردا پادىشاھ بۇيرۇق ساھىبى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ھۈنەرلەر ساھىبى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئىدى.223
. ئۇ بۇنچە بۈيۈكلۈككە، گۈزەللىككە، ئۇلۇغلۇققا ساھىپ بولغاچقا جانابى ھەق ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغانىدى.
. ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى ھېسابسىز ئىدى. ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بولغان لۇتفى ۋە ئېھسانى دولقۇنلار كەبى بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن كېلەتتى.
1470. ھەزرىتى ئادەمدىن بۇ زامانغا قەدەر ئۇنىڭكىدەك گۈزەل ۋە تەبىئىي ئاۋازىغا ئوخشايدىغان ئاجايىپ بىر ئاۋاز ھېچكىمگە نېسىپ بولمىغانىدى.
. ھەر بىر ۋەز قىلغىنىدا ئۇنىڭ گۈزەل ئاۋازى ئىككى يۈز كىشىنى ھوشىدىن كەتكۈزەتتى، ئۆلتۈرەتتى.
. ئارسلانلار، كىيىكلەر ئۇ ئىلاھى (ئاللاھقا ئوقۇلغان مەدھىيە، قەسىدە، كۈي-ناخشا) ئوقۇغاندا ئۇنى ئاڭلاشقا كېلەتتى. بۇ ھايۋانلار داۋۇدنىڭ گۈزەل ئاۋازى بىلەن شۇنداق مەست بولۇشاتتىكى، ئارسلانلار كىيىكلەرگە ھۇجۇم قىلمايتتى، كىيىكلەرمۇ ئارسلانلاردىن قاچمايتتى.
. تاغلار بىلەن قۇشلار ئۇنىڭ گۈزەل ئاۋازىغا ئاۋاز قوشاتتى. داۋۇد ئۇلارنى ئىبادەتكە چاقىرغاندا تاغلارمۇ، قۇشلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتاتتى، زارۇ پەريادلىرىنى باشلايتتى.
. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە يۈزلەرچە مۆجىزىلىرى بار ئىدى. يۈزىنىڭ نۇرى ھەم ھېچ بىر جەھەت، تەرەپكە سىغمايتتى، ھەمدە ھەر تەرەپنى نۇرلاندۇراتتى.
1475. ئۇ بۇ قەدەر ئۇلۇغلۇققا، قۇدرەتكە ئىگە تۇرۇغلۇق ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رىزقىنى ئىشلەشكە باغلىغانىدى.
. ئۇ بۇ قەدەر ئۇلۇغلۇققا ساھىپ تۇرۇقلۇق ساۋۇت توقۇمىغىچە، جاپا-زەخمەت چەكمىگىچە رىزقى كەلمەيتتى.224
. زەخمەتسىز رىزىق ئىستىگەن ئەي ھورۇن! سەن شۇنداق ناچار، پەرىشان ھالدا تىرىشماستىن، سېسىق ئۆيۈڭگە سولىنىپ، پەلەكنىڭ قەھرىگە ئۇچراپ تۇرۇپسەن!
. شۇنداق قىلىپ بەختى كەينىنى قىلغان كىشى سودا-سېتىق قىلماي تۇرۇپ ئېتىكىنى پايدا بىلەن تولدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
. «بۇنچە ئىنسان ئارىسىدىن مۇنداق بىر ئاخماق ئوتتۇرىغا چىقىپ:‹ئاسمانغا پەلەمپەيسىز چىقىمەن› دەيدۇ».
1480. دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. بىرسى:«رىزقىڭغا ئېرىشتىڭ، خۇشخەۋەرچى كەلدى. دەرھال بېرىپ ئال!»دېدى.
. باشقا بىرسى كۈلۈپ: «ئەي سەھرالىق تاغا!» دەيتتى، «كەلگەن ھەدىيەدىن بىزگىمۇ بەر!»
. ئۇ بولسا خەلقنىڭ بۇنداق ئەيىبلەشلىرىگە، مەسخىرە قىلىشلىرىغا قارىمايتتى، دۇئاسىنى ۋە يالۋۇرۇشلىرىنى ئازلاتمايتتى.
. ئاخىرىدا «قۇرۇق ئامباردا پىشلاق ئىزدەيدۇ!» دەپ شەھەردە نامى چىقتى، شۇنداق قىلىپ تونۇلغان بىر كىشى بولدى.
. ئۇ تىلەمچى كىشى بىر خام تاماغا كىرىپ قېلىپ ئۆرنەك بولدى. ئەمما ئۇ ئىستەكتىنمۇ، يالۋۇرۇشتىنمۇ ۋاز كەچمىدى. 225
1485. نىھايەت، ئۇ ھورۇن ئادەم بىر كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا يەنە يىغلاپ زارلاپ بۇ خىل دۇئالارنى قىلىپ تۇرغاندا،
. تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا بىر ئۆكۈز يۈگۈرەپ كەلدى، مۈڭگۈزى بىلەن ئىشىكنى ئۈسۈپ قۇلۇپىنى چاقتى.
. ئۆكۈز ئەيمىنمەستىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى. ئۇ ئادەم دەرھال چاچراپ قوپتى، ئۇنىڭ پۇتلىرىنى باغلىدى.
. توختىماستىن، ئويلانماستىن ۋە ساقلىماستىن ئۆكۈزنى دەرھال بوغۇزلىدى.
.ئۆكۈزنىڭ كانىيىنى كەسكەندە تېرىسىنى چاققان سويسۇن دەپ قاسساپنى چاقىرغىلى كەتتى. ئەمما ئۇ ئۆكۈز قاسساپنىڭ ئىدى.
. ئۇ ئۆكۈزنىڭ ساھىبى ئۇنى كۆردى-دە: «ئەي، ھەقسىزلىك، زۇلۇم بىلەن ئۆكۈزۈمنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇچى!» دېدى، « سەن ماڭا قەرزدار!
. ئەي ئەخمەق، ئەي ھىيلىگەر! نېمىشقا مېنىڭ ئۆكۈزۈمنى بوغۇزلىدىڭ؟ ئىنساپقا كەل، سۆزلە!»
. ئۇ ئادەم دېدىكى:«مەن ئاللاھتىن رىزىق تىلەيتتىم ۋە قىبلىنى يېلىنىش، يالۋۇرۇشلىرىم بىلەن بېزەيتتىم. يەنى قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلاتتىم.
. ئۇزۇن زاماندىن بېرى مەن قىلغان ئۇ دۇئا قوبۇل بولدى، ئۆكۈز كەلدى. مەنمۇ رىزقىم ئالدىمغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى بوغۇزلىدىم. مانا ساڭا جاۋاب!..»
. بۇ جاۋابتىن ئۆكۈزنىڭ ساھىبى غەزەبلەندى، ئۇ ئادەمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى، يۈزىگە بىر قانچە قېتىم مۇشت ئاتتى.
2315. «كەل ئەي زالىم ئەخمەق!» دەپ ئۇنى تارتىپ سۆرەپ داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ھوزۇرىغا ئاپاردى.
. «ئەي ئازغۇن، ساراڭلىقىڭنى قوي، ئەقلىڭگە كەل، ئۆزەڭنى بىل!
. بۇ دېگەنلىرىڭ نېمە؟ بۇ قانداق دۇئا؟ ئەي ئەدەپسىز، (خەلقى) ئالەمنى ماڭا ھەم ئۆزەڭگە كۈلدۈرمە!» دەيتتى.
. ئۇ ئادەم:« مەن» دېدى، «دۇئالىرىمنى ئاللاھقا قىلدىم، ئۇ دۇئالاردا، ئۇ يالۋۇرۇشلاردا كۆپ جاپا چەكتىم.
. مەن ياخشى بىلىمەنكى، دۇئا قوبۇل بولدى. چىڭ تۇرۇش بىلەن دۇئالارنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن ئەي كىشى، سەن كەت، بېشىڭنى تاشقا ئۇر!»
. ئۆكۈزنىڭ ساھىبى: «ئەي مۇسۇلمانلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، توپلىنىپ شۇ ئەرزىمەس ئادەم سۆزلىگەن سەپسەتىلەرنى ئاڭلاڭلار...
. ئەي مۇسۇلمانلار، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن سۆزلەڭلار! دۇئا مېنىڭ مېلىمنى قانداق بولۇپ ئۇنىڭ مېلى قىلىدۇ؟
. ئىش شۇنداق بولسىدى، پۈتۈن (خەلقى)ئالەم بىر دۇئا بىلەن مال- مۈلك ساھىبى بولاتتى.
. دۇئا بىلەن قولغا بىر نەرسە كەلسىدى، كور ۋە تىلەمچىلەر كاتتا ۋە چوڭ بىر باي بولاتتى.
. چۈنكى ئۇلار كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھنى مەدھىيىلەيدۇ، يالۋۇرىدۇ، يېلىنىدۇ. ‹ئاللاھىم!› دەيدۇ، ‹بىزگە رىزىق بەر، مال بەر، بىزنى يوقسۇل قويما!
2325. سەن بەرمىسەڭ بىر كىملەر بىزگە بىر نەرسە بەرمەيدۇ. تاقاق ئىشىكلەرنى ئاچىدىغان ئەي ئاللاھ، شۇ ئېھتىياج تۈگىنىنى سەن ئاچ، سەن يەش!›
. كورلارنىڭ قازانچ يوللىرى يالۋۇرۇشتۇر، ئاغرىنىشتۇر. پەقەت ئۇلارغا ئىچى ئاغرىغان ئىنسانلارنىڭ رەھىمدىللىكىدىنلا قوللىرىغا بىر توغرام ناندىن باشقا بىر نەرسە كەلمەيدۇ».
. خەلق: «بۇ مۇسۇلمان راست سۆزلەيدۇ» دېدىلەر، « قىلغان دۇئالىرىدىن گەپ ئاچقان بۇ ئادەم بولسا زالىمدۇر».
. بۇ دۇئا قانداقمۇ مال-مۈلك سەۋەبى بولالايدۇ؟ شەرىئەتتە بۇ كۆرۈلگەنمىدى؟
. يا سېتىۋالماق، يا بىرى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنماق ۋە يا ۋەسىيەت بىلەن ياكى مىراس بىلەن، ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش بىلەن مۈلك ساھىبى بولىنىدۇ.
2330. بۇ يېڭى شەرىئەت قايسى كىتابتا يېزىلغاندۇر؟ بۇ سەۋەبتىن يا ئۆكۈزنى قايتۇرۇپ بەر، ياكى قاماقخانىغا كەت!»
. ئۆكۈزنى بوغۇزلىغان ئادەم يۈزىنى ئاسمانغا قاراتتى-دە:« يا رەببىم! مېنىڭ دۇئا قىلىشىمنى، سېنىڭمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشىڭنى سەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
. ئاللاھىم، ئۇ دۇئانى مېنىڭ كۆڭلۈمگە سەن بەردىڭ، كۆڭلۈمدە يۈزلەرچە ئۈمىد ئويغاتتىڭ.
. يا رەببىم! بۇ گۇناھ تۈپەيلىدىن بۇ ئازغۇن ئادەم مېنى ‹كور تىلەمچى›دېدى. بۇ نېمىدېگەن ئىبلىسچە قىياس قىلىش!
. مەن قاچان كور تىلەمچى دۇئاسى قىلدىم؟ ياراتقۇچىدىن باشقىسىدىن قاچان بىر نەرسە تىلىدىم؟
2360. كور بىلىمسىزلىكى سەۋەبىدىن خەقتىن بىر نەرسە تاما قىلدۇ، مەن بولسام سەندىن ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ھەر قانداق تەس نەرسە سېنىڭ لۇتفىڭدا ئاسانلىشىدۇ.
. ئۇ مېنى كور ھېسابلىدى، ئەمما ئەسلى ئۆزى كور، چۈنكى ئۇ جاندىن يالۋۇرۇشۇمنىڭ، كۆڭلۈمنىڭ پاكلىقىنى كۆرەلمىدى.
. مېنىڭ شۇ كورلۇقۇم ئاشىقلىق بەرگەن كورلۇقتۇر. ‹سەن بىر نەرسىنى سۆيسەڭ، ئۇ سۆيگۈ سېنى كور قىلىدۇ، گاس قىلىدۇ› دەرلەر. بۇ كورلۇق مانا شۇ كورلۇقتۇر.226
. مەن ئاللاھتىن باشقىسىغا نىسبەتەن كور، پەقەت جانابى ھەقنى مەنەن كۆرۈشتە كۆزۈم ئوچۇق، زاتەن (ئەسلىدىنلا) ئاشىق بۇنى ئىستەيدۇ، بۇنى تىلەيدۇ.
. ئاللاھىم، سەن كۆرگۈچى ۋە بىلگۈچىسەن، مېنى كورلارغا قاتما! ئاشىقلارنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان ئەي ئۇلۇغ بارلىق! مەنمۇ سېنىڭ لۇتفىڭ ئەتراپىدا ئايلانماقتىمەن.
2365. سەن يۈسۈفى سىددىققا بىر چۈش كۆرسەتتىڭ-دە، ئۇ شۇ چۈشنىڭ ئەتراپىدا ئايلاندى.
. ماڭىمۇ لۇتفىڭ بىر چۈش كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە ئۇ ھەددى-ھېسابسىز دۇئالىرىم ئويۇن ئەمەس ئىدى.
. خەلق مېنىڭ سىرلىرىمنى بىلمەيلا سۆزلىرىمنى بىمەنە ھېسابلىماقتا.
. ئۇلارمۇ ھەقلىق، يوشۇرۇن نەرسىلەرنى تولۇق بىلىدىغان، غايىبلارنى يوشۇرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم غايىپ سىرلارنى بىلەتتى؟»
2369. دۈشمىنى دېدىكى: تاغا، يۈزۈڭنى نېمىشقا ئاسمانغا قارىتىسەن؟ ئۇنى ماڭا قارىتىپ راست سۆزلە!
. ھىيلىگەرلىك قىلىۋاتىسەن، خەلقنى ئالدىماقچى بولۇۋاتىسەن؛ ئاشىقتىن ۋە ئاللاھقا يېقىنلىقتىن گەپ قىلىۋاتىسەن.
. سەن كۆڭلى ئۆلگەن بىر نېمىسەن، قايسى يۈزۈڭ بىلەن يۈزۈڭنى ئاسمانغا قارىتىسەن؟»
. بۇ ھادىسە سەۋەبىدىن شەھەرگە ۋە خەلق ئارىسىغا بىر غەۋغا كىردى. ئۇ مۇسۇلمان يۈزىنى يەرگە قويدى، يەنى سەجدىگە باردى.
. «ئاللاھىم!» دەيتتى، «مېنى رەسۋا قىلما، ئەگەر ئەسكى بىر قۇل بولساممۇ سىرىمنى مەيدانغا چىقارما!
. سەن بىلىسەنكى، ئۇزۇن كېچىلەردە يۈزلەرچە دۇئا ۋە يالۋۇرۇش بىلەن دائىم سېنى چاقىردىم.
2375. بۇ دۇئالارنىڭ خەلق نەزىرىدە، خەلق يېنىدا قىممىتى بولمىسىمۇ، ساڭا نىسبەتەن پارلاق بىر چىراغقا ئوخشايدۇ».
. داۋۇد پەيغەمبەر ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشىغا ئۇ ئادەملەرنى كۆردى ۋە:« نېمە بولدى، نېمە ئىش بولۇۋاتىدۇ؟ » دېدى.
. دەۋاچى: «ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېدى، «سەندىن ئادالەت تەلەپ قىلىمەن. مېنىڭ ئۆكۈزۈم بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ.
. بۇ ئۇنى تۇتۇپ بوغۇزلاپتۇ. ئۇنىڭدىن سورا، ئۆكۈزۈمنى نېمىشقا بوغۇزلىدى، ئېنىق بولسۇن».
. داۋۇد پەيغەمبەر ئۇ پېقىر كىشىگە :«ئەي كەرەم ساھىبى!» دېدى، «سەن بۇ مۇھتەرەم زاتنىڭ مېلىنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭ؟
2380. دىققەت قىل، قالايمىقان گەپلەرنى قىلما! دەلىل كەلتۈر-دە، بۇ دەۋا ئېنىقلانسۇن، بۇ ئىش تۈگىسۇن».
. ئۇ ئادەم: «ئەي داۋۇد»دېدى، «ساق يەتتە يىل بولدى، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىۋاتاتتىم،
. ‹يا رەببىم، ھالال ۋە زەخمەتسىز بىر رىزىق تىلەيمەن›دەپ ئاللاھقا دۇئا-تەلەپتە بولۇۋاتاتتىم.
. ئەر-ئايال، ھەر كىم مېنىڭ قانداق يالۋۇرغىنىمنى، يېلىنغىنىمنى بىلىدۇ. ھەتتا بالىلار جېنىدا مېنىڭ بۇ ھالىمنى سۆزلىشىدۇ، بايان قىلىشىدۇ.
. كىمدىن خالىساڭ سورا، (بىركىم) زورلىماستىن دەرھال سۆزلەۋەرسۇن.
2385. ‹بۇ ياماق تون كىيگەن يوقسۇل نېمىلەرنى دەيدۇ؟ قانداق دۇئا قىلىدۇ؟›دەپ خەلقتىن ھەم ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن سورا.
. جاندىن قىلىنغان بۇنداق دۇئالاردىن، يالۋۇرۇشلاردىن كېيىن ئۆيگە تۇيۇقسىز بىر ئۆكۈزنىڭ كىرگىنىنى كۆردۈم.
. رىزىق ئۈچۈن ئەمەستە، دۇئايىمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىق سۆيۈنچىدىن كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى.
. .غەيىبنى، پۈتۈن مەخپىي نەرسىلەرنى بىلىدىغان ئاللاھ دۇئايىمنى ئاڭلىدى ۋە قوبۇل قىلدى›دەپ شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن تۇتتۇم، ئۇ ئۆكۈزنى بوغۇزلىدىم».
. داۋۇد ئەلەيھىسسالام دېدىكى: «بۇ گەپلەرنى قويۇپ، بۇ دەۋادا شەرىئەتكە ئۇيغۇن بىر دەلىلىڭ بولسا سۆزلە.
. مېنىڭ دەلىلسىز بىر ھۆكۈم چىقىرىپ بۇ شەھەردە مەنبەسىز، باتىل بىر سۈننەت، ئادەت ئىجاد قىلىشىمنى راۋا كۆرەمسەن؟
. ئۆكۈزنى ساڭا بىرسى بېرىۋەتتىمۇ، سېتىۋالدىڭمۇ ياكى مىراس قالدىمۇ؟ زىرائەتكە قانداق ساھىب چىقىۋاتىسەن، ياكى ئۇنى سەن تېرىدىڭمۇ؟
. تاغا، قازىنىشمۇ زىرائەت تېرىغانغا ئوخشايدۇ، تېرىمىساڭ ھوسۇل سېنىڭ بولمايدۇ.
. نېمە تېرىساڭ شۇنى ئورۇۋالىسەن. تېرىپ ئورۇۋالغىنىڭ سېنىڭ بولىدۇ. بولمىسا قىلغان بۇ ھەقسىزلىكىڭ، بۇ زۇلۇم سېنىڭ بېشىڭغا چىقىدۇ.
. بېرىپ بۇ مۇسۇلماننىڭ مېلىنى بەر! ئەگرى-بۈگرى گەپ قىلما! بېرىپ قەرز تاپ، ئۆكۈزنىڭ چىقىمىنى تۆلە! قۇرۇق پاراڭ سالما!»
2395. پېقىر ئادەم ھەزرىتى داۋۇدقا: «پادىشاھىم، مېنى ھەقسىز كۆرگەنلەر نېمە دېسە سەنمۇ شۇنى دەۋاتىسەن» دېدى.
. ئاندىن سەجدىگە باردى-دە: «مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئاتەشنى بىلىدىغان ئەي ئاللاھ! ئۇ ئاتەشنى داۋۇدنىڭ كۆڭلىگىمۇ سال!
. كۆڭلۈمدە نېمە بولسا داۋۇدنىڭ كۆڭلىگىمۇ شۇنى بەر! ئەي مېنىڭ لۇتفى ساھىبى ئاللاھىم! ئۇ ئاتەشنى مېنىڭ كۆڭلۈمگە سەن سالدىڭ!»
. ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلدى ۋە ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى، شۇنداق يىغلىدىكى داۋۇدنىڭ يۈرىكى تىترىدى.
. داۋۇد ئەلەيھىسسالام: « ئۆكۈزىنى تەلەپ قىلغان ئەي ئادەم!»دېدى، «بۈگۈن كېتىپ تۇر، بۇ دەۋانى بۈگۈنچە قوي ، ماڭا مۆھلەت بەر!
. مەن خىلۋەت بىر يەرگە باراي، نامازغا تۇراي، ئاندىن بۇ ئەھۋالنى، بۇ سىرلارنى بىلىدىغان ئاللاھتىن سوراي.
. مەن نامازدا رەببىمگە يۆنىلىمەن، ئۇنىڭ ئىلتىپاتىغا كۆنۈكمەن. ‹ناماز كۆزۈمنىڭ نۇرىدۇر›، سىرنى زاھىر قىلىدۇ، كۆزلىرىم نۇرلىنىدۇ، ئىچىم ئېچىلىدۇ.
. ئاللاھنىڭ ئىلھامى، پەيىز يامغۇرى، رەھمىتى، نۇرى ئەزەلدىكى مەنبەيىمدىن ۋە ھەقىقىتىمدىن كېلىدۇ، دېرىزەمدىن ئۆيۈمگە كىرىدۇ. 227
. دېرىزىسى يوق بىر ئۆي جەھەننەمگە ئوخشايدۇ. ئەي ئاللاھنىڭ قۇلى! دىننىڭ ئەسلى، ئاساسى مەنىۋى دېرىزە ئېچىش ھەمدە ئۇ يەردىن تەۋھىد ۋە ھىدايەت نۇرى ئېلىپ كۆڭۈلنى، كۆزنى يورۇتۇشتۇر.
. يول ئېچىش ئۈچۈن ئورمانغا بىر ئاز گۈرجەك چاپ! سەن كەل، ھىممەت گۈرجىكىنى نەفىس تېمىغا چېپىپ كۆڭۈلگە مەنىۋى بىر دېرىزە ئاچ!
. بولمىسا سەن بىلمەيسەنكى، سەن كۆرگەن شۇ قۇياشنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرى ئالدىدا پەردە يوق بىر ھەقىقەت قۇياشىنىڭ ئەكسىدۇر.
. بۇ قۇياشنىڭ نۇرىنى سەنمۇ بىلىسەنكى، ھايۋانلارمۇ كۆرىدۇ. ئۇ ھالدا «قۇرئان كەرىم»دە:«ئىنسان بالىلىرىنى ئۇلۇغ قىلدۇق؛ يەنى باشقا بارلىقلاردىن ئۈستۈن قىلدۇق»228 دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۆزەڭنى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈشۈڭ كېرەك ئەمەسمۇ؟
. مەن نۇرلارغا پاتقان بىر قۇياش، ئۆزەمنى نۇردىن ئايرىيالمايمەن.
. ناماز ئوقۇشقا، ئۇ خىلۋەتكە، يالغۇزلۇق يۇرتىغا بېرىشىممۇ خەلققە يول كۆرستىش ئۈچۈندۇر.
. داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇنداق سۆزلەپ خەلقنىڭ ئەقلىنى، پىكرىنى ئويغىتىشقا تىرىشىۋاتاتتى. 229
. ئۇ ئەسنادا ئارقىدىن بىرى: «مەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىدىن شۈبھىلەنمەيمەن!»دەپ داۋۇدنىڭ پېشىنى تارتتى.
. بۇنىڭ بىلەن داۋۇد ئېسىگە كەلدى، سۆزىنى قىسقا قىلدى؛ تىلىنى يىغدى ۋە خىلۋەتكە چېكىندى.
. خىلۋەت ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقىدى. قوبۇل بولىدىغان بىر دۇئا ئۈچۈن مېھرابقا ئالدىراپ يۈگۈردى.
. ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمە كۆرسەتسە تولۇق كۆرسەتتى. ئىنتىقامغا لايىق بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
. ئەتىسى ھەممە داۋاچىلار كەلدى، داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا سەپ بولدى.
. ئاۋۋالقىدەك بايانات تەكرارلاندى. دەۋاچى ئۇ پېقىر ھەققىدە نۇرغۇن يامان گەپلەرنى قىلدى.
. ھەزرىتى داۋۇد ئۆكۈز ساھىبىگە: « جىم تۇر، بۇ پېقىرنى ئەيىبلەشتىن ۋە بۇ دەۋادىن ۋاز كەچ! ئۆكۈزۈڭنى بۇ مۇسۇلمانغا ھالال قىل، ئىش تۈگىسۇن!»دېدى.
. «ئەي غاپىل، مادامىكى ئاللاھ سېنىڭ مەخپىي ئىشلىرىڭنى ياپتى، سەنمۇ ئەمدى جىم تۇر ۋە قىلغان گۇناھلىرىڭنى يوشۇرغانلىقى، ياپقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىل!»
. ئۆكۈز ساھىبى:« ئەپسۇس!»دېدى، «بۇ قانداق ھۆكۈم، بۇ قانداق ئادالەت؟ مەن ئۈچۈن يېڭى بىر شەرىئەت بەرپا قىلماقچىمۇسەن؟
. سېنىڭ ئادالىتىڭنىڭ شۆھرىتى، داڭقى شۇنچىلىك تارالغانكى، ئۇنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن يەرلەر، ئاسمانلار ئۇ لەتىف خۇشپۇراقلارغا چۆمگەن.
. ئەمما ماڭا قىلىنغان بۇ يامانلىقلار كور ئىتلارغىمۇ قىلىنمىدى. بۇ زۇلۇمدىن تاغۇ تاشلارمۇ يېرىلدى».
. ئۇ خەلققە يۈزلىنىپ شۇنداق گەپلەرنى قىلاتتى، ھەر كىمنى ئۆزىگە ئېچىندۇراتتى:« قېنى كېلىڭلار، ھازىر زۇلۇم چاغىدۇر، ھەقسىزلىك چاغىدۇر»دەيتتى.
. ئاندىن كېيىن داۋۇد ئۇ ئادەمگە: «ئەي جاھىل كىشى!» دېدى، «ھەممە مال-مۈلكۈڭنى ئۇنىڭغا تېزدىن بەر!»
. بولمىسا ئىشىڭ چاتاق بولىدۇ. ساڭا دەۋاتىمەن، قىلغان ھەممە يامانلىقلار، زۇلۇملار مەيدانغا چىقىدۇ».
. ئۇ ئادەم بېشىغا توپا چاچتى، كىيىمىنى يىرتتى:« ھەر ئان زۇلۇمنى كۆپەيتىسەن» دەپ شىكايەت قىلدى.
. بىر ھازا مۇشۇنداق يامان گەپلەرنى قىلدى. شۇ چاغدا داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەنە ھۇزۇرىغا چاقىردى.
. دېدىكى: «ئەي بەختى كور كىشى! بەختىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمىڭ ئاستا-ئاستا ئوتتۇرىغا چىقتى.
2430. سەندەك بىر ئېشەككە ئوت-سامان بېرىلسىمۇ زايە كېتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن تېخىچە يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتۈشنى، باش دىۋانغا ئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىسەن.
. بولدى كەت، ئوغۇللىرىڭ، خوتۇنىڭمۇ ئۇنىڭ قۇل-مالىيى، دېدىكى بولدى. بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلما!» 
. ئۇ ئادەم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ساراڭدەك بولدى. ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىگە تاش ئۇراتتى، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئېگىز-پەس يۈگۈرەيتتى.
. خەلقمۇ ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىنى بىلمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە داۋۇدنى ئەيىبلىمەكتە ئىدى.
. مەزلۇم (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى) نى ئۆلتۈرىدىغان، زالىمغا تېۋىنىدىغان نادان خەلق قاپقاندىن چىققان ئىتلارغا ئوخشاش داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىشتى.
2440. ئۇ ئىنسانلار يۈزلىرىنى داۋۇدقا بۇراپ: « ئەي تاللانغان پەيغەمبەر!» دېدىلەر، « ئەي، بىزنى قوغدىغۇچى، بىزگە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلغۇچى...
. بۇ قىلىق، بۇ ھەرىكەت ساڭا ياراشماس، بۇ ئوپئوچۇق زۇلۇمدۇر! بىر گۇناھسىزنى ھېچ بىر گۇناھى يوق ھالدا دەرتكە قويدۇڭ...»
. داۋۇد ئەلەيھىسسالام: «دوستلار، بۇ ئادەمنىڭ مەخپىي تۇتقان سىرىنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى كەلدى»دېدى.
. «ھەممىڭلار قوپۇڭلار، شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقايلى، ئاندىن مەخپىي سىرنى بىلەيلى.
. پالانى تۈزلەڭلىكتە يوغان بىر دەرەخ بار، شاخلىرى چوڭ، بۆك-باراخساندۇر، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەندۇر.
2445. ئۇ دەرەخنىڭ سايىسى كەڭ بىر يەرنى قاپلىغان، يىلتىزىمۇ ساغلامدۇر. پەقەت ئۇنىڭ تۈۋىدىن ماڭا قان پۇرىقى كېلىدۇ.
. ئۇ گۈزەل دەرەخنىڭ تۈۋىدە قان تۆكۈلگەن. بۇ كاج تەلەي كىشى ئۇ يەردە خوجايىنىنى ئۆلتۈرگەن.
. ئاللاھنىڭ ھەلىمى (يامانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان رەھمىتى) ھازىرغا قەدەر ئۇ جىنايەتنى يېپىپ كەلگەن. ئەمما ئاخىرىدا بۇ نومۇسسىزنىڭ شۈكرى قىلماسلىقى،
. ئۆلتۈرگەن خوجايىنىنىڭ بالا-چاقىلىرىنى نەۋرۇزلاردا، بايراملاردا كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ياردەم قىلماسلىقى، 230
. ئۇ پېقىرلارنى بىر لوقما(تائام) بىلەن بولسىمۇ يوقلىماسلىقى، كونا ھەق-ھېسابنى ئەقلىگىمۇ كەلتۈرمەسلىكى ئۇ سىرنى ئاشكارىلىۋەتتى.
2450. بۇ لەنەتگەردى ئادەم ئەمدى ئۇنىڭ ئوغلىنى بىر ئۆكۈز ئۈچۈن يەرگە ئۇرماقتا.
. ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى ياپماقتا ئىدى، ئەمما ئۆزى ئۆز قولى بىلەن گۇناھىنىڭ ئۈستىدىكى پەردىنى ئېلىۋەتتى».
. خەلق شەھەردىن سىرتقا چىقىپ ئۇ دەرەخكە ئۇدۇل كېتىۋاتقاندا ھەزرىتى داۋۇد دېدىكى: شۇ ئادەمنىڭ قوللىرىنى ئارقىسىغا چىڭ باغلاڭلاركى،
. ئۇنىڭ خاتالىقىنى، گۇناھىنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئادالەت بايرىقىنى ئۇ يەرگە قادايلى».
. ئاندىن كېيىن ئۇ قاتىلغا ھەزرىتى داۋۇد: « ئىت قاتىل!»دېدى، «سەن بۇ ئادەمنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈردۈڭ، سەن ئۇنىڭ قۇلى ئىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئۆلتۈردۈڭ.
2475. خوجايىنىڭنى ئۆلتۈرۈپ مېلىنى ئالدىڭ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ماڭا ئېيتتى.
. سېنىڭ خوتۇنۇڭمۇ ئۇنىڭ دېدىكى ئىدى، ئۇمۇ شۇنداق بىر خوجايىنغا جاپا سالغانىدى.
. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان قىز-ئوغۇل ھەممە بالىلار ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ مىراسكارى بولغان بۇ ئادەمنىڭ مۈلكىدۇر.
. سەن قۇلسەن، سېنىڭ پۈتكۈل قازانچىڭ، مال-مۈلكۈڭ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر. شەرىئەت، ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتاتتىڭ، شەرىئەت دېگەن مانا! قارا، قانداقكەن، بولامدىكەن؟
. سەن بۇ يەردە خوجايىنىڭنى زار-زار قاقشىتىپ ئۆلتۈردۈڭ. خوجايىنىڭ ساڭا: ھەرگىز ئۇنداق قىلما، مېنى ئۆلتۈرمە! دەپ يالۋۇرغانىدى.
2480. ئۆلتۈرگەندىن كېيىن سۈرگەن قورقۇنچلۇق بىر خىيال سەۋەبىدىن پىچاقنىمۇ دەرھال توپىغا كۆمگەنىدىڭ.
. خوجايىنىڭنىڭ بېشى سېنىڭ پىچىقىڭ بىلەن بىللە مانا مۇشۇ تۇپراق ئاستىدا. قېنى قېزىڭلار، كولاڭلار بۇ يەرنى!
. بۇ ئىتنىڭ ئىسمىمۇ پىچاقنىڭ ئۈستىگە يېزىقلىقتۇر، خوجايىنىغا شۇنداق بىر ھىيلە ئىشلەتتى، شۇنداق بىر يامانلىق قىلدى».
. (خەلق) داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، يەرنى قازدى، پىچاق بىلەن باشنى تاپتى.
. ھەقىقەت مەيدانغا چىققاندا خەلق ئارىسىدا بىر چۇقان-سۈرەن پەيدا بولدى، بايا ئېتىراز بىلدۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇدقا ئىشەندى.
2485. ئاندىن كېيىن داۋۇد ھەق ئىزدىگەن قاتىلغا دېدىكى:«كەل، ئەي ئادالەت تەلەپ قىلغۇچى، ئۇ قارا يۈزۈڭ بىلەن ئادالەتنى ئال!»
. ئۇ ئادەمنىڭ خوجايىنىنى ئۆلتۈرگەن پىچاقتا ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەمر قىلدى. قاتىلنىڭ ھېيىلىسى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن قانداق قۇتۇلدۇرالايتتى؟
. ئاللاھنىڭ ھەلىمى زالىم ۋە قاتىللارنىڭ جازاسىنى بىر مۇددەت كېچىكتۈرىدۇ، ئەمما زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقاندا ئۇنى مەيدانغا چىقىرىدۇ.231
2492. ئۇ قاتىلنىڭ مەخپىي سىرىنى مەيدانغا چىقرىش بىلەن داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئىككى ھەسسە بولۇپ ئۆزىنى كۆرسەتتى.
. پۈتكۈل خەلق باشلىرىنى ئاچتى، يۈزلىرىنى سەجدە ئۈچۈن يەرگە قويدى.
. «بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ قەلب كۆزلىرى كور ئىكەن» دېيىشەتتى، « سەندىن يۈزلەرچە مۆجىزىلەر كۆرگەنىدۇق.
2501. پۈتكۈل مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكرەكى بولسا دائىم ساغلاملىق، تىرىكلىك بېغىشلىشىڭدۇر.
. ھەممە مۆجىزىلىرىڭنىڭ روھى ئۆلۈككە ئۆلۈمسىز بىر جان بېغىشلىشىڭ، يەنى ئازغۇنلۇققا چۈشكەن بىرسىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈشۈڭدۇر».
. ئۇ زالىم قاتىل ئۆلتۈرۈلۈپ، بىر جاھان تىرىلدى. خەلقنىڭ ھەر بىرى بۇ مۆجىزە بىلەن يېڭىدىن ئاللاھقا قۇل بولدى.
ھەزرىتى مەۋلانا بۇ ھېكايە ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقەتلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە چۈشەندۈرمەكتە:
ئىنساننىڭ نەپسى ئۆكۈزنىڭ ساھىبى قاتىلغا ئوخشايدۇ؛ ئۆكۈزنى بوغۇزلىغۇچى بولسا ئاقىلدۇر. ھەزرىتى داۋۇد ھەقنىڭ ياكى ھەقنىڭ ئورنىغا كائىم (پەرماندار) بولغان ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، توسقانلىرىنى خەلققە ئەسلىتىدىغان شەيخنىڭ سمۋولىدۇر. زالىم ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆلتۈرۈلەلەيدۇ؛ ئىشلەپ ئېرىشمىگەن ھېسابسىز مەنىۋى زەۋق(شادلىق) ئۇنىڭ ھىممىتى بىلەن قولغا كەلتۈرەلەلەيدۇ. ئىنسان ئۇنىڭ سايىسىدە دۆلەتكە ئېرىشىدۇ، مەنەن ( روھىي جەھەتتىن) بايلىشىدۇ.
. ئەي سالىك ، ھاۋايى ھەۋىسىڭگە، شەھۋانىي ئىستەكلىرىڭگە قارشى يوسۇندا سېنىڭ ئەڭ بۈيۈك دۈشمىنىڭ بولغان نەفسىڭنى ئۆلتۈرۈپ جاھاننى تىرىلدۈر! ئۇ نەفىس خوجايىنىنى ئۆلتۈرگەندۇر، سەن ئۇنى ئۆزەڭگە قۇل-مالاي قىل!
2505. خەۋىرىڭ بولسۇنكى، ھېكايىدە كەلگەن ئۆكۈز دەۋاچىسى سېنىڭ نەفسىڭدۇر. ئۇ قاتىل تۇرۇپ ئۆزىنى خوجايىن قىلىۋالغان، بۈيۈك ئادەم ئورنىغا قويغاندۇر.
. ئۆكۈزنى بوغۇزلىغىنى بولسا سېنىڭ ئەقلىڭدۇر. سەن بېرىپ بەدەن ئۆكۈزىنى بوغۇزلىغاننى ئىنكار قىلما!
. ئەپسۇسكى، ئەقىل دۇنياغا ئەسىر بولۇپ قېلىپ دائىم ئاللاھتىن زەخمەتسىز ( جاپاسىز) تاۋاق-تاۋاق نېمەت تەلەپ قىلىدۇ، زەۋق تەلەپ قىلىدۇ.
. ئۇنىڭ زەخمەتسىزچە رىزىقلىنىشى نېمىگە باغلىقتۇر؟ يامانلىقلارنىڭ ئەسلىسى بولغان، مەنبەسى بولغان ئۆكۈزنى ئۆلتۈرۈشكە باغلىقتۇر.
. نەفىس: «مېنىڭ ئۆكۈزۈمنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭ؟»دەيدۇ. چۈنكى «نەفىس ئۆكۈزى» بەدەننىڭ شەكلى ۋە سۈرىتىدۇر.
2510. خوجايىننىڭ ئوغلى بولغان ئەقىل رىزىقسىز قېلىپ، «قانلىق نەفىس» خوجايىن بولغان، ئالدىغا ئۆتۈۋالغان، ئۆزىگە مۇناسىپ كىشى ھېسابلانغانمىش.
. زەخمەتسىز رىزىق نېمە؟ بىلەمسەن؟ روھلارنىڭ غىزاسى ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەر مەنىۋى رىزىقلاردۇر.
. ئەمما بۇ زەخمەتسىز رىزىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۆكۈزنى قۇربان قىلىشقا باغلىقتۇر. يەرلەرنى قېزىپ دەفىنە (يادىكارلىق، بايلىق) ئىزدەۋاتقان ئەي كىشى، يادىكارلىق ئۆكۈزنىڭ، يەنى بەدەننىڭ ئىچىدىدۇر!

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېكايىسى

1522. بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئەزىيەت چەكمىشلەر، دەرس ئوقۇشتىن زېرىككەن، بىزار بولۇشقانىدى.
. ئوقۇتقۇچىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇش ۋە مەكتەپكە بارماسلىق ئۈچۈن بىر-بىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ دېيىشىۋالدى.
. «ئوقۇتقۇچىغا بىر كېسەللىك كەلمەيۋاتىدۇكى، بىر قانچە كۈن مەكتەپتىن يىراقلاشسا،
. بىزمۇ مەكتەپتە قامىلىپ قېلىشتىن، سىقىلىشتىن ۋە دەرس ئوقۇشتىن قۇتۇلساق. مۇئەللىم ئورنىدا مەرمەرقىيادەك تۇرماقتا».
. ئىچىلىرىدىن ئەڭ زېرەكلىرى شۇنى قارار قىلدى : «مۇئەللىم، نېمىشقا بۇنداق سارغىيىپ قالدىڭ؟» دېمەكچى بولدى.
. «نېمە بولدى، رەڭگىڭ جايىدا ئەمەس. بۇ ھال سوغۇق ئالگىنلىقىدىن ياكى بەزگەكتىن.
. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمدىن مۇئەللىم بىر ئاز ۋەھىمىگە چۈشىدۇ» دېدى، «سەنمۇ بۇ تەرىزدە ماڭا ياردەم قىلىسەن قېرىندىشىم..
. مەكتەپنىڭ ئىشىكىدىن كىرگەن ھامان:‹ نېمە بولدى ئۇستاز!›دە، «بۇ ھالىڭىز نېمە؟›
1530. مېنىڭ سۆزلىرىمدىن چۈشكەن ۋەھىمە يەنە بىر ئاز كۈچىيىدۇ. ۋەھىمىگە چۈشكەن ئەقىللىق كىشىمۇ ساراڭدەك بولىدۇ.
. بىزدىن كېيىن ئۈچىنچى، تۆرتىنچى، بەشىنچى بالىمۇ بۇ خىل سۆزلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ كېسەللىكىدىن قايغۇرغىنىنى، غەم قىلغىنىنى سۆزلەيدۇ.
. ئوتتۇز بالا بۇ خەۋەرنى بەرسە، ئوتۇزىلا ئوخشاش گەپلەرنى قىلسا كېسەللىك راستقا ئايلىنىدۇ».
. بالىلارنىڭ ھەممىسىلا: «ئاپىرىن ئەي ئەقىللىق بالا!» دېدىلەر، «بەختىڭ دائىما يار بولسۇن!»
. ئارىلىرىدىن بىرسىمۇ قارشى ئوي-پىكىردە بولمىدى، ھەممىسى بىرلىكتە قارارلىرىدىن قايتماسلىق ھەققىدە ئەھدىلەشتى.
1535. ئاندىن كېيىن ھەممىسىگە باش بولغان بالا بىرىنىڭ چېقىشتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن ھەممىسىگە قەسەم قىلدۇردى.
. ئۇ ئەقىللىق بالىنىڭ ئىجادكارلىقى ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئەقلى پۈتكۈل بالىلارنىڭ ئەقلىدىن ئۆتكۈررەك ئىدى.
. گۈزەللىكلەرنىڭ بىر-بىرلىرىدىن قانداق پەرقلىرى، ئۈستۈنلۈكلىرى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىرىدىمۇ شۇنداق پەرق باردۇر.
. ھەزرىتى ئەھمەد (س. ئە. ۋ) مۇ بىر ھەدىسىدە:« ئەرلەرنىڭ گۈزەللىكى تىللىرىدا يوشۇرۇندۇر» دېگەن. 232
. ئەقىللەردىكى پەرق، (يەنى بەزى ئىنسانلارنىڭ بەك ئەقىللىق، بەزىسىنىڭ ئاز ئەقىللىق بولۇشى) يارىتىلىشتىندۇر. بۇ مەسىلىدە سۇننىيلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئۇيغۇن كۆرۈش كېرەك.
1540. بۇ قاراش مۇئتەزىلە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قاراشلىرىغا زىتتۇر. چۈنكى ئۇلار يارىتىلىشتا ئەقىللەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىگە، يەنى ھەر كىمنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
. ئۇلار دەرلەركى: « تەجرىبە ۋە ئۆگىنىش ئەقىلنى ھەم كۆپەيتىدۇ، ھەم ئازايتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىرسى يەنە بىرسىدىن بىلىملىكرەك بولىدۇ».
. مۇئتەزىلەنىڭ بۇ قارىشىنىڭ مەنبەسى يوقتۇر، خاتادۇر. چۈنكى ئۇ ئەقىللىق بالىنىڭ ھەر قانداق بىر مەسلەكتە تەجرىبىسى بولمىغان ھالدا قىلغان قارارنىڭ،
. ئۇ كىچىك بالىدا ئايان بولغان ئوي-پىكىرنىڭ، مۇئەللىملىرىنى راھەتسىز قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ پۇچۇقىغا ئىش كۆرگەن قېرى بىر كىشىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.
. زاتەن پىكىر-ئەقىلنىڭ، يەنى يارىتىلىشتىكى ئەقىلنىڭ ئۇ ئۈستۈنلىكى، كۆپلۈكى تىرىشچانلىق بىلەن، كۈچ سەرپ قىلىش بىلەن، ئوي-پىكىر بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەقىل ئۈستۈنلىكىدىن ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشىدۇر.233
1545. ئوقۇغۇچى سەن سۆزلە، ئاللاھ بەرگەن پۇتلار بىلەن ماڭماق ياخشىراقمۇ ياكى بىر ئاقساقنىڭ راۋان يۈرۈشكە ئۇرۇنىشىمۇ؟
. سەھەر بولدى؛ بالىلار شۇ خىياللىرى بىلەن ئۆيلىرىدىن مەكتەپكە كەلدى.
. توغرا تاپقان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان دوستلار كەلسۇن دەپ ھەممىسى مەكتەپنىڭ سىرتىدا كۈتۈشكە باشلىدى.
1550. ئۇ ئەقىللىق بالا كەلدى. مۇئەللىمىگە سالام بەردى ۋە: «نېمە بولدى؟» دېدى، «يۈزىڭىزنىڭ رەڭگى ساپسېرىق».
. مۇئەللىم:« مەن كېسەل-پېسەل ئەمەس، دەرت-ئاغرىقىم يوق. سەن بېرىپ جايىڭدا ئولتۇر. بۇنداق قالايمىقان سۆزلىمە!»
. مۇئەللىم شۇنداق دېدى، كېسەللىكنى ئېتىراپ قىلمىدى. « ھېچ مەسىلەم يوق» دېدى. ئەمما يامان بىر ۋەھىمە توزانى كۆڭلىگە قوندى.
. يەنە بىر بالا كەلدى، ئۇمۇ شۇنداق دېۋىدى، مۇئەللىمدىكى ئۇ ئاز ۋھىمە كۆپىيىشكە باشلىدى.
. شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋەھىمە بارغانچە كۆپەيدى. مۇئەللىمۇ ئۆز ھالىغا ھەيران قالدى.
1562. مۇئەللىم ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ بىلەن ئۆزىنى كېسەل ھېس قىلدى. قوپتى، يۇڭ تونىغا ئورۇنۇپ ئۆيىگە يول ئالدى.
. ئۇ ھەم ماڭاتتى، ھەم « خوتۇنۇم نېمىشقا مېنىڭ كېسىلىمنى بىلمىدى، كېسەل تۇرسام مېنى مەكتەپتە ئەۋەتتى؟» دەپ ئىچىدىن خوتۇنىغا ئاچچىقلاندى، « ئۇ مېنى ئەسلىدىنلا ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ. مەن بۇ پەرىشان ھالدا تۇرسام ئەھۋالىمنى سورىمىدى.
. رەڭگىمنىڭ سولغۇنلۇقىدىن ماڭا خەۋەرمۇ بەرمىدى. ئۇ ئەسلىدىنلا مېنىڭ قۇسۇرلۇق، ئەيىبلىك بارلىقىمدىن قۇتۇلۇشنى ئىستەيدۇ.
1565. ئۇ ئۆز گۈزەللىكىنىڭ، ئۆز جىلىۋىسىنىڭ مەستانىسى بولۇپ تۇرغاندا مەن بىر داسقا ئوخشاش تامدىن پەسكە يىقىلدىم. يەنى پۈتكۈل قۇسۇرلىرىم، ئەيىبلىرىم ئوتتۇرىغا تۆكۈلدى».
. بۇ خىياللار بىلەن ئۆيگە كەلدى، ئىشىكنى قوپال ئاچتى. بالىلارمۇ مۇئەللىمىنىڭ كەينىدىن كەلگەنىدى.
. خوتۇنى: « نېمە بولدى؟ نېمىشقا بۇنداق بالدۇر كەلدىڭ؟ بېشىڭغا يامان بىر ئىش كېلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن!» دېدى.
. مۇئەللىم: « كورمۇسەن؟» دېدى، « يۈزۈمنىڭ رەڭگىگە قارا، ھالىمغا باق! ياتلار جېنىدا مېنىڭ ھالىمغا ئىچ ئاغرىتىۋاتىدۇ، ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ يۇ،
. سەن ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ نەپرەت ۋە ئىككى يۈزلىمىلىكىڭ تۈپەيلىدىن ئاغرىپ قالغىنىمنى كۆرمەيۋاتىسەن، ھالىمغا باقمايۋاتىسەن».
. خوتۇنى: «مۇئەللىم ئەپەندى، سەن ھېچقانداق ئەمەس، بۇ ئەندىشەڭ مەنىسىز ۋە بىھۇدە بىر ۋەھىمىدىن ئىبارەت» دېسىمۇ
. ئېرى ئاچچىقلاندى: «ئەخلاقسىز خوتۇن!» دېدى، «تېخىچە جاھىللىق قىلىۋاتىسەن. مەندىكى شۇ ئۆزگىرىشنى، شۇ تىترەكنى كۆرمەيۋاتامسەن؟
. سەن كور، سەن گاس، مېنىڭ نېمە گۇناھىم بار. مەن ئۆز دەردىمگە قالدىم، كېسەللىكتىن پەرىشان بىر ھالغا كەلدىم».
. خوتۇنى:« مۇئەللىم، ئەينەك ئەكىلەي، يۈزۈڭگە قارا!»دېدى، «قاراپ مېنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى بىل ‍!»
. مۇئەللىم: « ماڭ كەت!» دېدى، «ئەينەكمۇ يوقالسۇن، سەنمۇ يوقال. دائىم مەندىن نەپرەتلىنىۋاتىسەن، ئۆچمەنلىك ساقلاۋاتىسەن، مېنىڭ بىلەن قېرىشىۋاتىسەن.
. دەرھال مېنىڭ ئورۇنۇمنى سېلىپ بەر، ياتىمەن، چۈنكى بېشىم ئېغىرلاشتى.
. خوتۇنى ئىككىلىنىپ تۇرىۋىدى مۇئەللىم: « ئەي دۈشمەن!» دەپ ۋاقىرىدى، « ساڭا لايىق سۆز مانا شۇ، تېز بول!»
. بىچارە قېرى خوتۇن ئورۇن-كۆرپە ئېلىپ كەلدى، «چارە يوق، گەپ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. ئىچى ۋەھىمە ئوتى بىلەن تولدى» دەپ ئۆزىگە سۆزلىدى،
. « ئەگەر كېسەل ئەمەسلىكىنى دېسەم مېنى ئەيىبلەيدۇ. دېسەم ۋەھىمە تۈپەيلىدىن راستىنلا كېسەل بولىدۇ».
. يامان پەرەز، يامانغا بۇراش كېسەل ئەمەس تۇرۇپ، غەم ۋە دەردى يوق تۇرۇپمۇ ئىنساننى كېسەل قىلىدۇ.
. پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ مۇبارەك ھەدىسىنى قوبۇل قىلىش بىزلەرگە پەرزدۇر: «يالغاندىن كېسەل بولسىڭىز ھەقىقەتەن كېسەل بولىسىز».
. خوتۇنى ئىچىدە: «راستىنى دېسەم، ‹سەن كېسەل ئەمەس›دېسەم، بۇ خوتۇننىڭ يامان بىر نىيىتى بار، ئۇمۇ يالغۇز قېلىش ئارزۇسىدا،
. مېنى ئۆيدىن ھەيدىمەكچى. قىلماقچى بولغان يامانلىقى ئۈچۈن مېنى ئالداۋاتىدۇ› دەيدۇ».
. خوتۇن مۇئەللىمنىڭ ئورۇنىنى سالدى. مۇئەللىم ئورۇنىغا كىردى، ئاھ ئۇرۇشقا، پەرياد چېكىشكە باشلىدى.
. بالىلارمۇ ئۇ يەردە ئولتۇردى، يوشۇرۇنچە دەرت-ئەلەملەر، كۆڭۈلسىزلىك ۋە ۋىجدان ئازابى ئىچىدە دەرس ئوقۇشقا باشلىدى.
. «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىز قىلدۇق؛ بىز زىندانغا تاشلىنىدىغان بالىلار. قىلغان ئىشىمىز يامان بولدى. بىزمۇ يامان قىلغانلاردىن بولدۇق» دېيىشەتتى.
. ئۇ ئەقىللىق بالا دېدىكى:« دوستلار، دەرىسىڭلارنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇڭلار!»
. بالىلار ئاۋازىنى يۇقۇرىلىتىپ ئوقۇشقا باشلىغان ھامان ئۇ ئەقىللىق بالا:« دوستلار، بىزنىڭ ئاۋازىمىز مۇئەللىم ئەپەندىگە زەرەر يەتكۈزىدۇ» دېدى.
. «ئاۋازىمىز مۇئەللىمىمىزنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ئاغرىتىۋەتتى. ئازغىنە پۇلنى دەپ بۇ باش ئاغرىقى تارتىش كېتەمدۇ؟»
. مۇئەللىم دېدىكى: « بۇ بالا راست دەۋاتىدۇ. قېنى، قوپۇڭلار كېتىڭلار، بېشىمنىڭ ئاغرىقىنى كۈچەيتىۋەتتى»
1590. بالىلار يەرگە يۈكۈندى، يەر سۆيدى: « ئەي كەرىم مۇئەللىم ئەپەندى» دېدىلەر، « كېسەللىكمۇ، قورقۇنچمۇ سەندىن يىراق بولسۇن!»
. ئاندىن دان غېمىگە چۈشكەن قۇشلاردەك سىرىتقا چىقىپ ئۆيلىرىگە ئۇدۇل يۈگۈرۈشتى.
. ئۇلارغا ئانىلىرى ئاچچىقلاندى: بۈگۈن ئوقۇيدىغان كۈن تۇرۇغلۇق سىلەر ئويناپ يۈرۈيسىلەر» دېيىشتى.
. ئۇلار ئۆزۈر ئېيتىپ: «ئانا، بولدى ۋاقىرىما!»دېيىشتى، « بۇ ئەيىب بىزنىڭ ئەيىپ ئەمەس،
. ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇئەللىمىمىز كېسەل بولدى، دەرتلەرگە چۈشتى» دېيىشتى.
1595. ئانىلىرى: « گەپلىرىڭلار ھىيلە ۋە يالغاندۇر» دېدى «سىلەر بىر تاش پىشلاق ئۈچۈن يۈز يالغاننى توقۇيسىلەر.
. ئەتە ئەتىگەن بىز مۇئەللىمىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھىيلەڭلارنىڭ مەنبەسىنى ئۇقايلى» دېدىلەر.
. بالىلار :« مەرھەمەت، بېرىڭلار، بىزنىڭ راست ياكى يالغان سۆزلىگەنلىكىمىزنى بىلىڭلار!» دېدىلەر.
. ئەتىگەندە بالىلارنىڭ ئانىلىرى مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە كەلدىلەر. مۇئەللىم ئېغىر بىر كېسەلدەك ئۇخلاپ كەتكەنىدى.
. يېپىنغان يوتقانلارنىڭ كۆپلىكىدىن تەرلەپ كەتكەنىدى. بېشىنى تېڭىۋالغان، يۈزىگە يوتقاننى تارتىۋالغانىدى.
1600. ئاستا-ئاستا ئاھ چەكمەكتە، ئىڭرىماقتا ئىدى. ئاياللارنىڭ ھەممىسى «لا ھەۋلە» دېيىشىپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى.234
. «نېمە بولدى مۇئەللىم ئەپەندى؟» دېدىلەر، « بۇ قانداق باش ئاغرىقى؟ قەسەم قىلىمىزكى، بىزنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرىمىز يوق ئىدى».
. مۇئەللىم« مېنىڭمۇ بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق ئىدى» دېدى، « بۇ بالىلار مېنىڭ كېسىلىمدىن ماڭا خەۋەر بەردى.
. مەن دەردىمدىن خەۋەرسىز دەرسكە كىرىشىپ كېتىپتىمەن. ئىچىمدە بۇنداق ئېغىر بىر كېسەللىكنىڭ بولۇشىدىن خەۋەرسىز ئىدىم.
. بىر ئىنسان بىر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېپىشسا ئۆز كېسەللىكىنى، ئاغرىقىنى، ئازابىنى تۇيمايدىكەن، كۆرمەيدىكەن».
1605. مەلۇم بولغاندەك، مىسىر ئاياللىرى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەللىكىگە مەست بولدى-دە، ئۆزلىرىنى يوقاتتى، ئۆزلىرىنى ئۇنۇتتى.
. ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق يوقاتتىكى، قوللىرىنى كەستى، توغرىدى. چۈنكى گۈزەللىك ئالدىدا ھەيران قالغان روھ ئالدىنىمۇ، ئارقىسىنىمۇ كۆرمەيدۇ.
. ئۇرۇشلاردا نە قەدەر(ئاجايىپ) يىگىتلەر كۆرۈلگەنكى، پۇت-قوللىرى كېسىلگەن ھالدا
. پۇت-قولىنى كېسىلمىگەن، ئۆز جايىدا دەپ بىلىپ ئۇرۇشتىن ۋاز كەچمىگەن، داۋاملىق ئۇرۇشىۋەرگەن.
. ئاخىرىدا كۆرگەنكى، قولى يوق، خېلى كۆپ قان ئاققۇزغان، ئەمما ھېچ بىلمىگەن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى