«يېڭى ھايات»نىڭ مۇشەققىتى ۋە خۇرسەنلىكى
-
«يېڭى ھايات»نىڭ مۇشەققىتى ۋە خۇرسەنلىكى
ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1822 قېتىم"يېڭى ھايات" ئاخىر نەشردىن چىقتى، ھاردۇقۇم چىقتى، دوستلاردىن تېلېفون كەلدى، بۈگۈن چەرچەندىن بىر بۇرادەر تېلېفون قىلىپتۇ، "مەن ئوقۇپ يېرىمىغا كەلدىم، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم، سىز قانداق تەرجىمە قىلغان؟" دەيدۇ، "مەنمۇ بېشىمنى قوچۇپ ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلغان، ئالدىرىماي قايتا-قايتا ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز، بۇنىڭ ھۇزۇرىنى ھامان ھېس قىلىسىز" دېدىم.يانفوندا كۆرۈش
بۇ كىتابنىڭ گېپى چىققىلى خېلى بولدى، نەشرگە سۇنغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، بۇنداق بىر كىتابنىڭ تەھرىرلىك، كوررېكتورلۇق ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ، كىتابخانا تەكچىلىرىگە تىزىلىشىغىچە كەتكەن ۋاقىت، ئەمگەك ھەقىقەتەن زور، مىڭ مۇشەققەتتە قىلغان تەرجىمىنى مىڭ مۇشەقەتتە ئوقۇيدىغان گەپ، چۈشىنىدىغانلار چۈشىنىدۇ، چۈشەنمەيدىغانلار "نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى دېمىسە، بۇنداق كىتابنى ئوقۇش خوشياقامدۇ؟" دەيدۇ.
بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋال تۈركىينىڭ ئىزمىر شەھىرىدە تۈركىيە گۈزەللىرىگە قاراپ ئۈرۈمچى قىزلىرىنى ئەسلىگەن چاغلاردىكى رومانتىك تۇيغۇلارغا شاھىد بولغان كىتاب ئۇ! كوچىدىن ئۈچ مىليون لىراغا سېتىۋالدىم، بېيجىڭغا سارس مەزگىلىدە كېلىپ، دوختۇرخانىدا خوتۇنۇمنى باققاچ ئوقۇدۇم، زېرىكىپ تۇرۇپ، ئويلىنىپ تۇرۇپ، بېرىلىپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئەڭ ئاخىرىدا باش پىرسۇناژ ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن ئۆلۈمگە يۈز تۇتقاندا ھاياتتىن كېچەلمەي "مەن ئۆلۈشنى_ئۇ دۇنياغا ئۆتۈپ كېتىشنى زادىلا خالىمايتتىم" دېگەندە زىلزىلىگە كەلدىم. بىزدىكى ئەدەبىيات قاراشلىرىنىڭ كونىلىقىغا، تەپەككۇرىمىزنىڭ قاتماللىقىغا، پىكرىمىزنىڭ تېيىزلىقىغا ھەسرەتلەندىم، دەبدەبىلىك ۋەقەلىك، يۈزەكى پىكىر، سۇۋارى تەسۋىرلەرگە ئۆگىنىپ قالغان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە چوڭقۇر مەنىلەرگە تويۇنغان، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە بۇ روماننى تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم، نەشر قىلدۇرۇش ئىشەنچىمنىڭ ئانچە يوقلۇقىغا قارىماي، تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئىلھام، ئىرادە بىلەن تەرجىمە جېڭىگە كىرىشىپ كەتتىم. ئورخان بىلەن مەنە داۋانلىرىغا بىرلىكتە ياماشتىم، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئوقالمىغان چاغدا جىلە بولدۇم، بىر جۈملىسى ھەتتا بىر ئابزاس كېلىدىغان ئۇزۇن جۈملىلىرىگە تاقىشىپ تۇرۇپ قالغاندا چىڭقىلىپ كەتكەن نېرۋامنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن تەمبۇر چالدىم. بىر ئويلىنىۋېتىپ، يەنە ئىش باشلىدىم. تۇغقان تىللارنى بىر-بىرىگە ئاغدۇرۇشتا كۆرۈلىدىغان يېڭىلىش، نازۇك خاتالىقلارغا ئىلاجىنىڭ بېرىچە يول قويمىدىم، سۆزلۈك مەنىلىرىنى ئىزدەش ئاۋارىچىلىك بولغان بىلەن، ئۇنى لۇغەتتىن پايدىلىنىپ ئاڭقىرىغىلى بولىدۇ، ئەمما ئورخاننىڭ شۇ تىلنى ئۆز رايىچە ئىشلىتىشى، روھىدىكى لېرىكا، ئەسەبىيلىك، ئەبجەشلىكنى تىل بەلگىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاشقا تىنىمىسىز ئۇرۇنۇشلىرى تەرجىمىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. سۆز-ئىبارىلەر ئۈچۈن "تۈرك تىلى سۆزلۈكى" "تۈرك تىلى ئىدىئوملىرى" دېگەن ئىزاھلىق لۇغەتنى، يەر، ئادەم ئىسىملىرى، تۈركلەرگە خاس شەيئىلەر ئۈچۈن "بۈيۈك لارىئوس قامۇسى"(24 توم)نى ئاختۇرۇپ تىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئورخاننىڭ تەپەككۇرىدىكى نازۇك يەرلىرىنى، ئۆزىنى جاھىللىق بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئەشەددىي ئۇسلۇبىنى ئەينەن ئىپادىلەش قىيىنغا توختىدى، ئەمما بوشاشمىدىم، ئۇنىڭ قەلىمىگە تەڭ ئەگەشتىم، ئۇيغۇر تىلىمنىڭ بايلىقى ۋە گۈزەللىكىدىن مۇمكىنقەدەر تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشتىم. لېكىن شۇنچە قىلساممۇ تىلىمنىڭ بايلىقىغا يېتىپ بولالماپتىمەن، ئەسلىسىگە بەك سادىق بولىمەن دەپ تىلىمغا تۈركچە تەركىپلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن، بۇنى تەرجىمە تەھرىرلىكىنى قىلغان توختى تىللا ھاجىنىڭ قەلىمىدىن ھېس قىلدىم. تەھرىرلىك نۇسخىسىغا ئاساسەن روماننى تۈزىتىش جەريانى ئەمەلىيەتتە ئىككى تىلنى سېلىشتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئۆگىنىش جەريانى بولدى.
"يېڭى ھايات" دېگەن ھۆججەت ئۆيدىكى، ئىشخانىدىكى كومپيۇتېرىمنىڭ دېسكىسىدا تۇرغىلى 4 يىل بوپتۇ، رومان تەرجىمىسى يېرىم بولغاندا كومپيۇتېرىمدىن چاتاق چىقىپ ئەمگىكىم ۋەيران بولغىلى تاس قالغان، شۇ چاغدا ئۈمىدسىزلىنىپ ئاھ ئۇرغىنىم يادىمدا، كېيىن سىستېمامنى ئوڭشىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشىمنى خۇشاللىق بىلەن داۋاملاشتۇردۇم. بىر كىتابنىڭ پۈتۈشى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىق بىلەن بولىدۇ، كەتكەن جاپا، ۋاقىت، زېھنى كۈچنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ. قەلەم ھەققى ئۇنىڭ بەدىلىنى تولدۇرۇپ بولالمايدۇ، بىزدە بارى قىزغىنلىق ۋە ئىشتىياق...
كىتاب نەشردىن چىققاندا، ئەسلىدىكى كىتابنىڭ مۇقاۋىسى بىلەن ئوخشاش ئىشلەنگەن مۇقاۋىدىن سۆيۈنگەن چېغىمدا، كىتابنى خۇرسەنلىك بىلەن ۋاراقلاپ قايتا ئوقۇغىنىمدا، كېتىپ قالغان يەرلەردىنمۇ ئەپسۇسلانغان ۋاقتىمدا بۇ كىتابنى ئوقۇغانلارنىڭ قانداق تەسىراتتا بولىدىغانلىقىغا قىزىقتىم، بەلكىم زېرىكىپ تاشلاپ قويغاندۇ، بەلكىم يەنە قىيالماي ئاخىرىغىچە ئوقۇۋەتكەندۇ...
نېمىلا بولسۇن، داۋرىڭى چىققان ئورخاننىڭ تۇنجى كىتابىنى ئوقۇدۇڭلار، توختى تىللا ھاجى تەرجىمە قىلغان "مېنىڭ ئېتىم قىزىل" دېگەن رومانىنىمۇ ئۇزاققا قالماي ئوقۇيسىلەر، ئىككى روماننىڭ بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ھېس قىلىسىلەر. ئورخان پامۇكنىڭ تۈركلەردىن چىققان دۇنياۋى يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر رومانىنىڭ بىر بەدئىي قامۇس ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغىچە ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىنىدىغانلار چىقىدۇ، "ئۇنىڭ يازغانلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، يەنىلا زوردۇن سابىر، ئەختەم ئۆمەر، مەمتىمىن ھوشۇرلارنىڭكىنى ئوقۇساق بولىدىكەن" دەپ ئويلاپ قالىدۇ، بۇ ئەجىبا ئەدەبىياتتىكى مىللىيلىكنىڭ قۇدرىتىمۇ؟
كىتابنىڭ تۈگەنچىسىدە ئېيتىلغاندەك، ئورخان پامۇك ئەسلىدە مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن "مېنىڭ ئېتىم قىزىل"نى دەسلەپتە نەشر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپتىكەن، "يېڭى ھايات"نىڭ تىلى ئېغىر، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە، ئۇنى كېيىنرەك نەشر قىلساڭلار، مەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنى باشتىلا زېرىكتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن، دەپتىكەن. شۇنداقتمۇ بۇ كىتاب ئىككى يىللىق تەرجىمە، ئىككى يىللىق تەھرىرلىك (بەش قېتىم كۆرۈپ تۈزىتىلگەن) ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، نەشرگە تەييار بولۇپ قالغاچقا بۇرۇنراق نەشردىن چىقتى، بەلكىم نەچچە ئادەمنى ئالدىن زېرىكتۈرۈپ بولدى، زېرىكمىگەنلەر باشتىن ئاخىر ئوقۇپ ئۆزىگە چۇشلۇق ھاسىلات ئالدى.
جامېس جويس ئېيتقاندەك: "ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ كىتابخانىنى يارىتىدۇ"، ئورخان پامۇكنىڭ مەيلى قايسى رومانى باشتا نەشر قىلىنسۇن، ئوقۇيدىغانلار يەنە تېپىپ ئوقۇيدۇ، زېرىكسە تاشلايدۇ، خىلمۇ خىل باھالارنى بېرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى. شۇنداقتىمۇ مەن، ئەدەبىياتنى، سەنئەتنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ئۇ كىتابتىن چوقۇم تېگىشلىك مەنپەئەت ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەزكۇر رومان ئەدەبىياتىمىزغا ئازغىنە بولسىمۇ يېڭى ھاۋا بەخش ئېتەلىسە، شۇنىڭدىن رازىمەن.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مۇھەببەتنى ئۆگىنىش كەتمەيدۇ
2010-08-09 15:16:35849تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار
2014-07-28 07:34:48994ئورخان پامۇك ۋە مويەن
2016-07-01 14:46:111077قۇرئان كەرىمدىكى چۈمۈلە قىسسەسىگە نەزەر
2013-02-17 09:20:38507تەپەككۇر ئىبادىتى
2010-08-20 16:25:32870روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (1)
2010-08-15 12:48:541298رومان ئوقۇغاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟
2016-03-08 15:49:16774سۆزلەر ھېكمىتى (5)
2013-09-25 02:33:38455
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-