ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (1)

روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (1)

ۋاقتى: 2010-08-15 ئاۋاتلىقى: 1274 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەلقئاراغا داڭلىق ئىسلام ئالىمى، پروفېسسور، دوكتور يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابى


 


1. سۇھۇرلۇق ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەرسىڭىز، سۇھۇرلۇق روزىنىڭ كامىل ئادا بولۇشىدىكى بىر شەرتمۇ؟ روزا تۇتقاندا چۇقۇم سۇھۇرلۇق يېيىش كېرەكمۇ ياكى يېمىسىمۇ بولامدۇ؟


جاۋاب: سۇھۇرلۇق روزىنىڭ كامىل ئادا بولۇشىنىڭ شەرتى ئەمەس، ئۇ پەقەت سۈننەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىزگە يەتكەن ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، پەيغەمبىرىمىز سۇھۇرلۇق يېگەن ھەم سۇھۇرلۇق يېيىشكە بۇيرۇغان. ”سۇھۇرلۇق يەڭلار، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت بار“ (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس). سۇھۇرلۇققا قوپۇش ۋە ئۇنى تۈن يېرىمدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش سۈننەتتۇر. سۇھۇرلۇققا قوپقاندا كىشىنىڭ روزا تۇتۇش ئىرادىسى كۈچىيىدۇ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋاقتى  قىسقىراپ، روزا تۇتۇشى ئاسانراق بولىدۇ ، ۋۇجۇدى يەڭگىللەپ قالىدۇ . بۇ دىن ئاسانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بولۇپ، بەندىلەرگە ئېغىرچىلىق سالمايدۇ، ئاسانلىققا ئۈندەيدۇ.  شۇڭا ئىپتارنى بۇرۇنراق قىلىش، سۇھۇرلۇقنى  كېچىكتۈرۈش ئەۋزەلدۇر. روزا تۇتقان بىر مۇسۇلماننىڭ سۇھۇرلۇققا قوپۇشى سۈننەتتۇر، قوپۇپ بىر پارچە نان ياكى بىر تال خورما يېسىمۇ سۈننەتكە لايىق ياخشى ئەمەل قىلغان بولىدۇ.


 سۇھۇرلۇقنىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇكى، كىشى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن تۇرۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە تەجەللى قىلىپ يورۇتقان تاڭ سەھەرگە ھازىر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئورنىدىن قوپۇپ دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ، مەغپىرەت تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلىدۇ. ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇرئان ئوقۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلغۇچىلار غەپلەت ئۇيقۇسىدا خورەك تارتىپ ئۇخلىغانلاردىن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ.


 


 2. رامىزان كۈنى ئۇخلاۋاتقاندا ئېھتىلام بولۇپ قالسام، جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسۇل قىلسام روزام بۇزۇلامدۇ؟  


جاۋاب:  بۇ مەسىلە بەزىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇنىڭغا جاۋابىم شۇ: ئېھتىلام بولۇش روزىنى بۇزمايدۇ. ئېھتىلام ئادەمدە ئىختىيارسىز يۈز بېرىدىغان ئىش.  ئېھتىلامدا مەنىي ئاقسا روزا تۇتۇشقا تەسىر يەتمەيدۇ، شۇڭا جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنسا روزا بۇزۇلمايدۇ.  چۈنكى يۇيۇنۇش (يەنى غۇسلى قىلىش) شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىش، مۇسۇلمانلارنىڭ جۇنۇبلۇقتىن كېيىن يۇيۇنۇپ پاكلىنىشى پەرزدۇر. يۇيۇنغاندا قۇلىقىغا، بۇرنىغا، ئاغزىغا سۇ ساقىپ كەتسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى بۇ كەچۈرۈشكە بولىدىغان خاتالىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر“ (سۈرە«ئەھزاب»، 5-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سەۋەنلىك ۋە ئۇنتۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن قىلغان گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ“. (تەبەرانى ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس).


3. ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ  روزا تۇتۇشى جائىزمۇ؟  ئەگەر  تۇتالمىغان بولسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟  ئەگەر تۇتماي قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ رامىزان ئېيىدا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟


جاۋاب: بىرىنچى سوئالغا كېلەيلى. ئەگەر ياشانغانلار (بوۋاي، مومايلار)  روزا تۇتسا بەك قىينىلىپ قالغۇدەك ياكى ئاجىزلاپ كەتكۈدەك بولسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. روز تۇتمىغان كۈنلىرى ھەر كۈنى ئىككى يوقسۇز كىشىنى تويغۇزغىدەك مىقداردا فىدىيە بېرىشى كېرەك.  بۇ  ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتى، مەرھەمىتىدۇر.


” ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“. (سۈرە«بەقەرە»، 185-ئايەت)


” ئاللاھ  سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىدى)“. (سۈرە«ھەج»، 78-سۈرە)


ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”ياشىنىپ قالغان كىشىگە رۇخسەت بار، ھەر كۈنى بىر يوقسۇزنى تويغۇزىدۇ، قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ“ (دارىقۇتنى، ھاكىم). بۇخارىمۇ بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان. ياشانغانلار، ئاجىزلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل قىلىنغان.


” روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر روزا تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن) مىقداردىن ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر“ (سۈرە«بەقەرە»، 184-ئايەت)


دېمەك، كىمكى يوقسۇزلارنى قانچە ياخشى مېھمان قىلسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شۇنچە ياخشى ساۋاب تاپىدۇ. قېرىپ كەتكەنلەر، ماغدۇرىدىن كەتكەن ئاياللار ،  ياخشىلىنىپ كېتەلمەيدىغان كېسەللەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر روزا تۇتماي قالسا ھەر كۈنى بىر ئاجىزنى تويغۇزغۇدەك مىقداردا فىدىيە بېرىدۇ.


ئىككىنچى سوئالغا كەلسەك، ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتمىسا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، بەلكى روزا تۇتمىغىنى تۈزۈك. ئەگەر ئۇ ئەندىشە كۈچلۈك بولسا، ئىمانلىق، ئىشەنچلىك دوختۇرلار مۇبادا روزا تۇتقان تەقدىردە بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا ئۇ چاغدا ئۇ ئايالنىڭ روزا تۇتماسلىقى ۋاجىب. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:


”بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار…“ (سۈرە«ئەنئام»، 151-ئايەت)


چۈنكى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالا ئەزىز جاندۇر. ئايال بولسۇن، ئەر بولسۇن  بىخۇدلۇق ياكى قەستەنلىك بىلەن بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ھەققى يوق. ئاللاھ تائالا  بەندىلىرىنى ھەرگىز مۇشەققەتكە زورلىمايدۇ. ” روزا تۇتالمىغانلار بىر پېقىرنى تويغۇزغىدەك مىقداردا فىدىيە بېرىدۇ“ دېگەن ئايەتى كەرىم ھامىلدار ئاياللار ھەققىدە نازىل بولغان.


كۆپىنچە ئۇلىمالار ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال روزا تۇتسا تېنىگە بىرەر زەرەر يېتىشىدىن ئەنسىرىسە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.  بۇ ئاياللار كېيىن بىر كۈنىگە بىر كۈن روزا تۇتۇۋالسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ھالدىكى ئاياللار كېسەللەر بىلەن ئوخشاش.


ھامىلدار ئايال روزا تۇتسا قورسىقىدىكى بالىسىدىن، بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال بولسا ئېمىتىۋاتقان بالىسىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلىمالار بۇنداق ئاياللارنىڭ روزا تۇتمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجمائقا (پىكىر بىرلىكىگە) كېلىپ بولغاندىن كېيىن باشقا بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان: بۇ ئاياللار روزا تۇتمىسا بىر كۈننىڭ روزىسى ئۈچۈن پەقەت بىر يوقسۇزنى تويغۇزۇشى كېرەكمۇ؟ ئۇلىمالار بۇ مەسىلىدە ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىبنى ئۆمەر ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنداق ئاياللار روزا تۇتمىسا يوقسۇزغا تائام بەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان. كۆپىنچە ئۇلىمالار روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشى كېرەك دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.  بەزى ئۇلىمالار  روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشى ھەم يوقسۇزغا تائام بېرىشى كېرەك دېگەن پىكىردە بولغان. مېنىڭچە، بۇ  ئاياللار  داۋاملىق ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان  بولسا روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتماي پەقەت يوقسۇزغا تائام بەرسە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ يىلى ھامىلدار بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر يىلى بالا ئېمىتسە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلى يەنە ھامىلدار بولۇپ قالسا  روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش پۇرسىتى بولمايدۇ. دېمەك، ئۇلار ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مۇددىتى كەينى-كەينىدىن كەلسە  قازا روزىسىنى تۇتالماي قالىدۇ. بۇنىڭ قازاسىنى قىلسۇن دېسەك ئۇلار بىر قانچە يىل ئارقا-ئارقىدىن روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇ ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ. ۋاھالەنكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ.


ئۈچىنچى سوئالغان كەلسەك، رامىزان ئېيىدا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى (جۈملىدىن ئەتىرنى) ئىشلىتىش جائىز.  ھېچقانداق ئۇلىما رامىزان ئېيىدا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ھارام دەپ ئېيتمىدى. خۇشپۇراق نەرسىلەرنىڭ روزىنى بۇزىدىغان ھېچقانداق تەسىرى يوق. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 


4. بىر قانچە قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىندىم، دوختۇر ماڭا روزا تۇتما دېدى. ئوپىراتسىيىدىن كېيىن  ئىككى يىل روزا تۇتتۇم. ئەلۋەتتە، بۇ ماڭا ناھايىتى ئېغىر كەلدى. روزا تۇتمىسام ئۇنىڭ ئورنىغا سەدىقە بەرسەم بولامدۇ؟ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمىغاندىكىن غېرىپ-غۇرۋالارغا، ئاجىز-يوقسۇزلارغا مەلۇم مىقداردا پۇل بەرسەم بولامدۇ؟


 


جاۋاب: ئۇلىمالار كېسەل كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ” رامىزان ئايىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە  ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)  باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“ (سۈرە«بەقەرە»، 185-ئايەت)


قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائقا كۆرە، كېسەل كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى جائىز. لېكىن روزا تۇتماسلىقنى مۇباھ قىلىدىغان كېسەللىك قايسى؟  جاۋاب، ئەگەر روزا تۇتسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ياكى شىپا تېپىشى كېچىكىپ كېتىدىغان كېسەللىك ياكى كېسەلنى ئېغىر مۇشەققەتكە قويىدىغان كېسەللىك. ئەگەر روزا تۇتسا ئۇ كېسەل ئىش-كۈچىدىن قالىدۇ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھالەتتىكى كېسەل كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى ۋاجىب. كىشىلەر ئەھمەد بىن ھەنبەلدىن : ” ئۇ چاغدا كېسەل قاچان روزىسىنى بۇزىدۇ“ دەپ سوراپتۇ. ئەھمەد ھەنبەل :” روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمىگەن چاغدا بۇزىدۇ“ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كىشىلەر: ” مەسىلەن، بەزگەك كېسىلى بولسا شۇنداق قىلامدۇ؟“ دەپ سورىغاندا، ئەھمەد ھەنبەل:” بەزگەكتىن ئۆتە يامان كېسەل بارمۇ؟“ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كېسەللەر ھەر خىل بولىدۇ. بەزى كېسەللەر روزا تۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، مەسىلەن چىش ئاغرىقى، بارماقتىكى يارا، كىچىك چاقا-جاراھەت دېگەندەك. بەزى كېسەللىكلەرنى تېخى روزا تۇتۇش ئارقىلىق داۋالاش مۇمكىن. مەسىلەن،  تاماقنى دائىم جىق يەۋېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلار.  بۇنداق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن روزا تۇتماسلىق ياكى تۇتۇۋاتقان روزىسىنى بۇزۇۋېتىش جائىز ئەمەس.  بۇنداق كىشىلەر روزا تۇتسا سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيان يەتمەيدۇ، بەلكى پايدىلىق. روزا تۇتسا ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىغان ياكى پات ساقايمايدىغان كېسەللىكلەرلا روزا تۇتماسلىقنى مۇباھ قىلىدۇ.  روزا تۇتسا ئاغرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ساغلام ئادەممۇ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن قورققان كېسەللەرگە ئوخشايدۇ ۋە روزا تۇتماسلىقى مۇباھ بولىدۇ (يەنى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ). بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا بىلىنىدۇ، بىرى ئۆز تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولىدۇ. يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان بىر دوختۇرنىڭ پىكرىدىن مەلۇم بولىدۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا روزا تۇتسا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتسا ئۇ روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر روزا تۇتۇۋاتقان بولسا دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزىسىنى بۇزۇۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر كېسەل كىشى روزا تۇتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى (روزا تۇتماسلىقىنىڭ مۇباھ بولىدىغانلىقىنى) بىلگەندىن كېيىنمۇ روزا تۇتۇۋالسا ئۆزىگە زىيانلىق، مەكرۇھ ئىش قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ  رەببىنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان رۇخسىتى ۋە ئاسان قىلىپ بەرگەن ئىشىدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ. تۇتقان روزىسى توغرا ۋە مەقبۇل بولغان تەقدىردىمۇ، روزا تۇتۇشنىڭ ئۆزىگە زىيانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاھىللىق بىلەن روزا تۇتىۋەرسە ھارام ئىش قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ  ئۇ  بەندىنىڭ ئۆزىنى ئازابلاپ قىلغان ئىبادىتىگە مۇھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:


”سىلەر ئۆزەڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر“. (سۈرە«نىسا»، 29-ئايەت)


سوئالنىڭ يەنە بىر قىسمىغا كەلدۇق، كېسەل ھالەتتە تۇتمىغان روزىنىڭ ئورنىغا سەدىقە بەرسە جائىز بولامدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب، كېسەللىك ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ:


1) ياخشىلىنىپ ساقىيىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان كېسەللىك.  بۇنداق كېسەللىكلەر ئۈچۈن فىدىيە بېرىش ياكى سەدىقە بېرىش جائىز ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ” كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)  باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.“ (سۈرە«بەقەرە»، 185-ئايەت).


بىر ئاي روزا تۇتمىغان بولسا بىر ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ، بىر كۈن تۇتمىغان بولسا بىر كۈننىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.  قانچە كۈن روزا تۇتالمىغان بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش پۇرسىتى بەرگەن چاغدا شۇنچە كۈننىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. مانا بۇ ئۆتكۈنچى كېسەللىكلەرنىڭ ھۆكمى.


2) ياخشىلىنىش، ساقىيىشتىن ئۈمىد يوق كېسەللەرگە كەلسەك، بۇنىڭ ھۆكمى بەك قېرىپ كەتكەن ئەرلەر ۋە ئاجىز، مېيىپ ئاياللارنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش. بۇنداق كېسەللىكلەر تەجرىبىلەر ئارقىلىق ياكى ئىشەنچلىك دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر فىدىيە بېرىشى، يەنى ھەر كۈنى بىر يوقسۇزنى تويغۇزۇشى كېرەك. بەزى ئىماملارغا كۆرە، يەنى ئىمام ھەنەفىيگە كۆرە، بېرىدىغان تۇز-تائامنىڭ چىقىملىرىنى ئاجىز، يوقسۇز، مۇھتاجلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ.


5. تومۇرغا ۋە مۇسكۇلغا ئوكۇل سالغۇزسا، مەقئەتكە  دورىلىق پاختا قويسا، جاراھەتكە مەلھەم سۈرسە روزا بۇزۇلامدۇ؟


جاۋاب: ھەر كىم روزا تۇتۇشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئاساسەن بىلىدۇ. روزا تۇتۇش يېمەك-ئىچمەك، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى مەلۇم ۋاقىت چەكلەش دېمەكتۇر. بۇ قۇرئان كەرىمدە بىلدۈرۈلگەن پەرھىز ۋە چەكلىمىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بۇ چەكلىمىلەرنى بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بەدۋى ئەرەبلەرمۇ بۇ چەكلىمىلەرنىڭ مەقسىتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى؛ يېمەك ۋە ئىچمەكتىن نېمىنىڭ مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى مەنتىقىلىك چۈشەندۈرمىسىمۇ بىلىۋالاتتى.  شۇنىڭدەك، روزا تۇتۇشنىڭ ئەسلى ھېكمىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار يوق.  روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى شۇكى، ئىنسان ئۆز نەپسى ۋە شەھۋەتلىرىنى تەرك ئېتىپ، رىزايى ئىلاھىيە (ئاللاھنىڭ رازىلىقى)گە نائىل بولۇش ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان بەندىچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  بىر ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ” ئىنسان بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر. ئەمما روزا تۇتۇش بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇ مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزەم بېرىمەن. (چۈنكى بەندەم) مەن ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكى ۋە شەھۋىتىنى تەرك ئېتىدۇ“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).


بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئوكۇل سالغۇزۇش، مەقئەتكە دورىلىق پاختا قويۇش دېگەندەك ئىشلاردىن يېمەك، ئىچمەك مەنىسى چىقمايدۇ، شەرىئەتنى بېكىتكۈچى رەببىمىزنىڭ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلىش ھېكمىتى(مەقسىتى) دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىشلار روزىنى بۇزمايدۇ. ئاللاھ ئاسان قىلغان ئىشلارنى بىز تەسلەشتۈرۈۋالساق بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا روزا ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:”ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“(سۈرە«بەقەرە» 185-ئايەت).


ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ:” ئوكۇل سالدۇرۇش، بۇرنىغا دورا پۈركۈش، قۇلاققا، كۆزگە ۋە سۈيدۈك ئېغىزىغا دورا تېمىتىش،  قەستەن قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا  بوغۇزىغا سۇ كېلىپ قالسىمۇ غار-غار قىلىش ۋە بۇرنىنى مەزە-مەزە قىلىش، كېچە ياكى كۈندۈزدە كۆزىگە سۈرمە سۈرۈش ياكى دورا قويۇش، تۈگمەندىكى ئۇن توزانلىرىنىڭ، تارتىلغان ئۇننىڭ، خېنەنىڭ، پۇراقلارنىڭ ياكى ھەر قانداق بىر ماددىنىڭ توزانلىرىنىڭ گالغا كىرىپ كېتىشى، چىۋىننىڭ گالغا كىرىپ كېتىشى قاتارلىقلار روزىنى بۇزمايدۇ“.  ئىبنى ھەزىم بۇ سۆزلىرىگە دەلىل كەلتۈرۈپ  مۇنداق دەيدۇ:” ئاللاھ تائالا بىزنى روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقىتتا يەپ ئىچىشتىن، قەستەن قۇسۇشتىن ۋە بەزى گۇناھلارنى قىلىشتىن چەكلىدى.  مەقئەت، سۈيدۈك يولى، قۇلاق، كۆز، بۇرۇنلارغا دورا  ئىشلىتىش بىلەن يەپ ئىچىش مەسىلىسى ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقىتتا يەپ ئىچىش ئارقىلىق ئەمەس، باشقا يول بىلەن ئاشقازانغا ھالال  بىر نەرسە كىرگۈزۈلسە(يەتكۈزۈلسە) بولىۋېرىدۇ“. 


ئىبنى تەيمىيە سۈرمە، ئوكۇل، سۈيدۈك يولىدىن دورا تېمىتىش،  ئىچ ئەزاغا سىرتتىن دورا بېرىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:” كۈچلۈك قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى روزىنى بۇزمايدۇ.  روزا تۇتۇش جىمى ئادەم بىلىشى كېرەك بولغان پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلار روزىدارغا ھارام بولسىدى، ساھابىلەر باشقا ھۆكۈملەرنى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈگىنىدەك بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملەرنىمۇ بىلگەن ۋە مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزگەن بولاتتى. ئۇلىمالار بۇ ھەقتە سەھىھ بولسۇن، زەئىپ بولسۇن كېيىنكىلەرگە ھېچقانداق ھەدىس يەتكۈزمىگەن، دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىگەن“.


(تەرجىماندىن ئىزاھ: ئىشەنچلىك فىقھى كىتابلىرىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوكۇل ھازىرقى كۈنلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاسمىكولنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئاسمىكۇل ئېسىش زور ھەجىمدىكى سويۇقلۇقنى (دورا ۋە ئوزۇقلۇقنى) بەدەنگە ماڭغۇزۇش بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان گىلىكوزا (ئۈزۈم قەنتى) بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگىمۇ ئىگە، بەزى ئاسمىكۇللار بەدەنگە بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغان سۇ ياكى ئوزۇقلۇققا ئوخشاش رولغا ئىگە بولۇپ، قورساقنى ئاچۇرمايدۇ. شۇڭا ئاسمىكولنىڭ روزىنى بۇزۇش ئېھتىمالى بار.    ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.)


6. ناماز ئوقۇمايدىغان بىر ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسى قوبۇل بولامدۇ؟ ئىبادەتلەر بىر-بىرىگە باغلىقمۇ؟ يەنى بىرى تەرك ئېتىلسە يەنە بىرى قوبۇل بولمامدۇ؟


جاۋاب: مۇسۇلمان ئادەم بارلىق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، زاكات بېرىدۇ، روزا تۇتىدۇ، ئىمكانى يار بەرسە ھەج تاۋاب قىلىدۇ.  بۇ ئىبادەتلەردىن بىرىنى ئۆزۈرسىز ھالدا تەرك ئەتكەنلەر ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزىلىرى، بۇلاردىن بىرىنى تەرك ئەتكەنلەر كاپىر دەپ قارايدۇ، بەزىلىرى نامازنى تەرك ئەتكەن ۋە زاكات بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلار كاپىر دەپ قارايدۇ. چۈنكى نامازنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا ئالاھىدە ئورنى بار.  بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:”مۇسۇلمان بەندىنىڭ كاپىردىن پەرقلىنىدىغان يېرى نامازدۇر“ (مۇسلىم).


نامازنى قەستەن تەرك ئەتكەنلەر كاپىر بولىدۇ دېگۈچىلەر  بۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇتقان روزىسىمۇ  قوبۇل بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى كاپىرنىڭ قىلغان ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ.


بەزى ئىسلام ئالىملىرى ”ئۇنداق كىشىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى، رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن رىسالەت نۇرىنى ئىنكار قىلمىغان، ئۇنى قوبۇل قىلغان مۇددەتتە  ئىمان ۋە ئىسلام دائىرىسىدە بولىدۇ“ دەيدۇ. بۇ قاراشتىكى ئالىملار  ”بۇنداق كىشىلەر پەقەت پاسىق بولىدۇ“ دەيدۇ. مېنىڭچە  بۇ قاراش بىر قەدەر توغرا ۋە ھەقىقەتكە بىر قەدەر يېقىن. بۇنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. مېنىڭچىمۇ بولغاندىمۇ، ئىبادەت-ئەمەللەرنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلمىغان، مەسخىرە قىلمىغان، ئەمما ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلىپ، ھورۇنلۇق قىلىپ بەزى پەرزلەرنى ئادا قىلمىغانلار، بىر قىسمىنى ئادا قىلىپ، بىر قىسمىنى ئورۇنلىمىغانلار كامىل مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ؛  ئىمانى سۇس، دىنى كەمتۈك، تەقۋالىقى ئاجىز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئېتىۋەرسە ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ،  ئاللاھ تائالا  ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئەجرىنى بېرىدۇ. ئۇلار ياخشىلىق بىلەن ئېرىشىدىغان ساۋاب ياكى يامانلىق بىلەن ئېرىشىدىغان گۇناھ، جازانىڭ ھەممىسى ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىدۇ.


” كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنگەندۇر“ (سۈرە«قەمەر»، 53-ئايەت)


”كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)


7. رامىزان ئېيىدا بەزى كۈنلىرى روزا تۇتۇپ، بەزى كۈنلىرى قەستەن روزا تۇتمايدىغانلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ روزا تۇتقان كۈنلىرى ئىناۋەتكە ئۆتەمدۇ؟


جاۋاب: بۇ سوئال ئالدىنقى سوئالغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇ، ھەر ئىشنىڭ ھېسابى ئايرىم.  بۇ يەردىكى مەسىلە روزىدارنىڭ  روزا تۇتقان كۈنلىرى ھېسابقا ئېلىنامدۇ-ئېلىنمامدۇ دېگەن مەسىلە ئەمەس،  روزىنى بۇزۇۋەتكەن كۈنلىرىنىڭ ئورنىنى قانداق تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ بەدىلىنى قانداق تۆلەيدۇ دېگەن مەسىلە. رامىزان ئېيىدا روزا  تۇتۇلمىغان بىر كۈننىڭ ئورنىنى  پەقەت يەنە بىر رامىزاندىكى بىر كۈن بىلەن تولدۇرۇش مۇمكىن. ھەر قېتىملىق رامىزان ئېيى شەك-شۈبھىسىز روزا تۇتۇش شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئەبھۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىسا دۇنيا كۈنلىرىدىن بىر كۈن بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ“ (تىرمىزى).


رىۋايەت قىلىنىشىچە، رامىزان ئېيىدا بىر ئادەم روزا تۇتمىدى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئادەم توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: ” بۇ ئادەم بىر يىل روزا تۇتسىمۇ بۇ كۈنلىرى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ“. ئىبنى مەسئۇتتىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: ” ھېچ ئۆزۈرى يوق تۇرۇپ رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىغان ئادەم ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بىر يىل روزا تۇتسىمۇ  رامىزان ئېيىدا تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تولدۇرۇۋالالمايدۇ“. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان:” مۇسۇلمان بولغان ئادەم ئاللاھتىن قورقسۇن، رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا ئالدىرىسۇن، شەھۋىتىنى يېڭىشكە تىرىشسۇن. شەھۋىتىگە بويسۇنغان ئادەم ھېچ قانداق ئىشتا غەلىبە قىلالمايدۇ“.


8. رامىزاندا روزىدار تۇرۇپ غەيۋەت قىلغان، يالغان سۆزلىگەن، ئاياللارغا شەھۋەت كۆزىدە قارىغانلارنىڭ تۇتقان روزىسى قوبۇل بولامدۇ؟


جاۋاب: پايدىلىق ۋە مەقبۇل بولغان روزا  ئادەم ئۆز نەپسىنى تىزگىنلىگەن ۋە ئۆزىنى تەربىيىلەپ چېنىقتۇرغان روزىدۇر.  بۇنداق ئىبادەت ئادەمنى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئېيتقان تەقۋالىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ: ” ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن)ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن  سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك. سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى“(سۈرە«بەقەرە»، 183-ئايەت).


روزىدار روزا تۇتۇش روھىغا خىلاپ سـۆز-ھەرىكەتلەردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ  تۇتۇۋاتقان روزىسى پەقەت يېمەسلىك، ئىچمەسلىك ۋە ھارام ئىشلارنى قىلماسلىقلا ئەمەس. بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” روزا قالقاندۇر، ئاراڭلاردا ھېچكىم روزا تۇتقان كۈنلىرى خوتۇنىغا يېقىنلاشمىسۇن، جاھىلىيەتتىن قالغان يامان ئىشلارنى قىلمىسۇن، كىمكى بىراۋدىن تىل-ھاقارەت ئاڭلىسا ياكى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا ’مەن روزىدار‘ دېسۇن“ (نەسەئى، ئىبنى ماجە، ھاكىم).  يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى يالغانچىلىقنى، ساختىپەزلىكنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەي تۇتقان روزىسىغا مۇھتاج ئەمەس“ (بۇخارى). ئىبنى ئەرابى مۇنداق دېگەن:” بۇ ھەدىستىن قارىغاندا، ئۇنداق روزا تۇتقۇچىلارغا ساۋاب بېرىلمەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇ: يالغانچىلىقىنىڭ گۇناھى روزا تۇتۇپ ئېرىشىدىغان ساۋابىدىن ئېشىپ كەتكەن“.


ئىبنى ھەزم مۇنداق دېگەن:” ئۇنداق يامان ئىشلار يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاشلا روزىنى بۇزىدۇ. بەزى ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن مۇشۇ مەنىدە ھەدىسلەر كەلگەن“.


بىز ئىبنى ھەزمنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمىساقمۇ  شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھلار ھەقىقەتەن روزا تۇتۇپ ئېرىشىدىغان ساۋابنى كېمەيتىۋېتىدۇ، روزا تۇتۇشتىكى شەرئى مەقسەتنى يوق قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇممەتنىڭ سەلەف(ئۆتكەن) ئالىملىرى روزىدار ھالەتتە بىھۇدە گەپ قىلماسلىققا، ھارام ئىشلارنى سادىر قىلماسلىققا ناھايىتى دىققەت قىلغان. ھەزرىتى ئۆمە رمۇنداق دەيدۇ:” روزا تۇتۇش پەقەت يېمەسلىك، ئىچمەسلىك ئەمەس، بەلكى شۇ جەرياندا يالغان سۆزلىمەسلىك، باتىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق، قۇرۇق گەپ ساتماسلىقتۇر“. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان. جابىرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:” روزا تۇتقان چېغىڭدا قۇلىقىڭ، كۆزۈڭ ۋە ئاغزىڭ يالغانچىلىقتىن ساقلانسۇن، گۇناھلاردىن يىراق بولسۇن. خىزمەتچىڭگە ئازار بەرمە، روزا تۇتقان كۈنلەردە تەمكىن، خاتىرجەم ياشا. روزا تۇتقان ۋە تۇتمىغان كۈنلىرىڭدە بىر خىل ياشا“.  ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، تالىق ئىبنى غەيسا مۇنداق دېگەن: ”روزا تۇتقان ۋاقتىڭدا تاقىتىڭنىڭ يېتىشىچە گۇناھلاردىن ساقلان“.  شۇ سەۋەبتىن تالىق روزا تۇتقان كۈنلىرى ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، پەقەت ناماز ۋاقتى بولغاندا مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئۆيىدىن ئايرىلاتتى“. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن دوستلىرى روزا تۇتقان كۈنلىرى مەسچىتتە ئولتۇرۇپ :” روزىمىزنى  پاكىز تۇتۇۋالدۇق“ دېيىشەتتى. مەيمۇنە ئىبنى مەھران رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ : ”يېمەي، ئىچمەي تۇتقان روزا ئەڭ ئادەتتىكى روزىدۇر“ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.


قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۇتۇلغان روزىنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا ساۋابى ۋە ئورنى بولىدۇ،  غەيۋەت-شىكايەت، يالغانچىلىق ھەم شۇنىڭدەك گۇناھلارنىڭ جازاسى بولىدۇ.


”ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا  ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر“ (سۈرە«رەئد»، 8-ئايەت)


”پەرۋەردىگارىم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇپ قالمايدۇ“(سۈرە«تاھا»، 52-ئايەت).


ئاخىرەتتىكى ئىلاھىي ئازاب بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى ئويلىساڭ بۇ سوئال ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزەڭ تاپالايسەن. ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ: ” ئەي رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ ئىككى قۇلۇم بار ئىدى،  ماڭا قارا چاپلاۋاتىدۇ ھەم  قارشى چىقىۋاتىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنى تىللاۋاتىمەن، ئۇرۇۋاتىمەن. قىيامەتتە بىزنىڭ ئىشىمىز نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟“دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:”ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خىيانىتى، ئىسيانى ۋە تۆھمىتى بىلەن سېنىڭ ئۇلارنى قىيناشلىرىڭ بىرلىكتە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازايىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان جىنايىتىدىن ئاز بولسا ئۇ چاغدا بۇ ئەھۋال ساڭا پايدىلىق؛ ئەگەر سەن بەرگەن جازا ئۇلارنىڭ جىنايىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالسا بۇ ساڭا كۇپايە(يەنى ساڭا زىيانلىقمۇ، پايدىلىقمۇ بولمايدۇ). ئەگەر سەن بەرگەن جازا ئۇلارنىڭ جىنايىتىدىن ئېشىپ كەتسە شۇنچىلىك مىقداردىكى ياخشىلىق (يەنى پايدا) سەندىن ئېلىنىپ ئۇلارغا بېرىلىدۇ“. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا يىغلاپ داد-پەرياد كۆتۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”نېمە بولدى ساڭا؟ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ تائالا: ’ بىز قىيامەت كۈنىدە ئادالەت تارازىلىرىنى قۇرىمىز، ھېچكىم كىچىككىنە بولسىمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلغان ئەمەلى بىر تال تېرىقچىلىك بولسىمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىپ تارازىغا قويىمىز. بىز ھېساب ئېلىشقا قادىر‘(سۈرە«ئەنبىيا»، 47-ئايەت) دەيدۇ“ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىكى ساھابە: ” ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەڭ ياخشىسى، مەن قۇللىرىمدىن ئادا-جۇدا بولاي، سەن شاھىد بولغىنكى، ئۇ ئىككى قۇل ئەمدى ھۆرلۈككە چىقتى“ دېدى.


 


9. مەن ياشىغان جايدا تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئاغزىنى چايقىسا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالسا روزىغا تەسىر يېتىدۇ دەيدىغانلار بار، بۇ قاراش توغرىمۇ؟


جاۋاب:  ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئىيلارنىڭ ئېيتقىنىدەك،  تاھارەت جەريانىدا ئېغىزغا،  بۇرۇنغا سۇ ئېلىش  تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىدۇر.  ياكى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئېغىزغا، بۇرۇنغا سۇ ئېلىش تاھارەتنىڭ پەرزلىرىدىن بولغان يۈزنى يۇيۇشنىڭ بىر قىسمى، شۇڭا ئۇمۇ تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. ئېغىزغا، بۇرۇنغا سۇ ئېلىش تاھارەتنىڭ پەرزى ياكى سۈننىتى بولسۇن، روزا تۇتقان-تۇتمىغان چاغلارنىڭ ھەممىسىدە تاھارەت ئالغاندا ئۇنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ.


روزا تۇتقان كۈنلەردە مۇسۇلمانلار تاھارەت ئالغاندا چوقۇم ئېھتىيات قىلىشى، ئېغىزىنى چايقىغاندا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالغاندا نورمال چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. روزا تۇتمىغان چاغلاردا قانچە غەر-غەر قىلسا، دىماغلىرى ئېچىشقىچە سۇ ئېلىپ مىشقىرسا بولىۋېرىدۇ. بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”روزا تۇتقان كۈنلەردىن باشقا ۋاقىتتا بۇرنۇڭغا يېتەرلىك سۇ ئېلىپ تازىلىساڭ بولىدۇ“ (بەيھەقى).


روزىدار كىشى تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئاغزى ۋە بۇرنىغا سۇ ئېلىش داۋامىدا سۇ گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ قەستەن شۇنداق قىلمىغان بولسا تۇتقان روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇ خۇددى يولدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ياكى چىۋىننىڭ گالغا كىرىپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئىش بولۇپ، كەچۈرۈۋېتىلىدىغان خاتالىقلار ھېسابلىنىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاھارەت ئالغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئېغىز چايقىسىمۇ روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ، شۇغىنىسى ئېغىزدىكى سۇ  گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.


 


10.  جىددىي ئەھۋالدا سۇھۇرلۇقنى كېچىكتۈرسە، مەسىلەن، ئۇخلاپ قالسا ياكى سۇھۇرلۇق يەۋاتقاندا ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالسا يېيىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكمۇ؟  ياكى ئەزان توۋلاپ بولغىچە يەۋەرسىمۇ بولامدۇ؟


 


جاۋاب: كىشى ئەگەر كالېندار ۋە ناماز ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ئەزاننىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلىسە ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يېيىش-ئىچىشنى توختىتىشى كېرەك.  ھەتتا ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا ئاغزىدا بىر لوقما تائام بولسىمۇ ئۇنى تۈكۈرۈۋېتىشى كېرەك. ئەمما ئەزاننى بۇرۇن ئوقۇلۇپ قالدى دەپ ئويلىسا، ھېچ بولمىسا ئەزاننىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلۇپ-ئوقۇلمىغانلىقى توغرىسىدا كۆڭلىدە شەك بولسا تاڭ سۈزۈلگىچە يەپ-ئىچسە بولىدۇ.


بۈگۈنكى كۈندە ناماز  بامداتنىڭ  ۋاقىتلىرىنى ئېنىقلاش ناھايىتى ئاسان. ھەر ئۆيدە  كالېندار بار، ناماز ۋاقىتلىرى بويىچە ناماز بامداتنىڭ ۋاقتىنى ناھايىتى ئاسان بىلگىلى بولىدۇ.


بىر كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا : ” مەن سۇھۇرلۇق يېدىم، ئەمما (سۇھۇر ۋاقتىنىڭ توشۇپ قالغان-قالمىغانلىقىدىن) شەكلىنىپ ئىمساك  قىلىۋالدىم“ دېدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ”: شۈبھىلەنگەن ۋاقتىڭدا تاكى كۆڭلۈڭدە شەك قالمىغىچە يەپ-ئىچىۋەر“ دېدى.


ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: ” كىشى تاڭنىڭ سۈزۈلگەن-سۈزۈلمىگەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالسا تاڭ سۈزۈلگىچە يەپ-ئىچىۋەرسۇن“ دېگەن.


نەۋەۋى شۇنداق دەيدۇ: ”شافىئى ئىماملار تاڭنىڭ سۈزۈلگىنىدىن شەكلىنىپ قالغۇچىلار تاڭ سۈزۈلگىچە يەپ-ئىچىشىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى دەلىلنى كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا رامىزان كېچىسىدە تاڭ سۈزۈلگىچە يەپ-ئىچىشنى مۇباھ قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:” ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار“. (سۈرە «بەقەرە»، 187-ئايەت)


ئايەتتىن بىلىمىزكى، سۇھۇرلۇقنى بەك بۇرۇن باشلاپ بۇرۇن ئىمساك قىلىش قۇرئان، ھەدىسلەردە بۇيرۇلمىغان ئىش، بۇ  دىندا چەكتىن ئېشىپ كېتىشتۇر، سۈننەتتە ئېيتىلغان سۇھۇرنى كېچىكتۈرۈش دېگەن مۇستەھەپ ئەمەلگىمۇ خىلاپتۇر.


 


11. روزا تۇتقان دەسلەپكى كۈنلەردە ئادەم ئۆزىنىڭ روزا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ،  گاھىدا سۇ ئىچىپ ياكى بىر نەرسە يەپ سېلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ؛ بەزىدە ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىپ سالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ شۇ كۈندىكى روزىسىنى تۇتىۋەرسە بولامدۇ؟


 


جاۋاب: بۇ ھەقتە بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىس بار: ” كىمكى ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىپ سالسا ئۇ شۇ كۈندىكى روزىسىنى تاماملىسۇن. چۈنكى ئاللاھ ئۇنى يېدۈرگەن ۋە ئىچۈرگەندۇر“.  دارىقۇتنى سەھىھ ئىسنات بىلەن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىسىگە بەرگەن رىزقىدۇر“. شۇڭا بۇ ئەھۋالدا روزا بۇزۇلمايدۇ، قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ. ئىبنى ھۇزەيمە، ئىبنى ھىببان، ئىبنى ھاكىم ۋە دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” كىمكى رامىزان ئېيىدا ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبىدىن روزىسىنى بۇزۇۋەتسە  بۇنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، كاپارىتىمۇ بولمايدۇ“.


بۇ ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئېسىدە يوق يەپ-ئىچىپ سېلىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:” پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق) بىزنى جازاغا تارتمىغىن“ (سۈرە«بەقەرە»، 286-ئايەت). سەھىھۇل بۇخارىدىكى بىر ھەدىستە ئېيتىلىشىچە، بۇ دۇئا قوبۇل قىلىنغان.


يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:” ئاللاھ تائالا بۇ ئۇممەتنىڭ ئۇنتۇپ قېلىش، خاتالىشىش ياكى مەجبۇرلىنىش سەۋەبىدىن قىلغان ئىشلىرىدىن سوئال-سوراق قىلمايدۇ“.


شۇنداق ئىكەن، ئېسىدە يوق يەپ-ئىچىپ قالغان كىشى شۇ كۈندىكى روزىسىنى تۇتىۋېرىشى كېرەك، روزىسىنى بۇزۇشى جائىز ئەمەس.


(داۋامى بار)


 

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى