ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«قىزىل چاچلىق ئايال»نىڭ سېھرى كۈچى

«قىزىل چاچلىق ئايال»نىڭ سېھرى كۈچى

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 422 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلىدە رەسسام بولاي دېگەن، يازغۇچى بولۇپ قالدىم. ئەمما بۇ ئىككى كەسىپ ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشنى، رەڭلەر ئاتا قىلغان تۇيغۇلارنى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىمەن. رەڭلەرنى ئاڭلاشنى، سۆز-جۈملىلەرنى كۆرۈشنى سىناپ بېقىۋاتىمەن. - ئورخان پامۇك

ئورخان پامۇكنىڭ 200 نەچچە بەتلىك بۇ رومانىنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىغا بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ۋەقەلىك 1980-يىللارنىڭ بېشىدىكى تۈركىيەدىن، ئىستانبۇلنىڭ بېشىكتاش رايونىدا ياشاۋاتقان بىر ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. روماننىڭ بېشىدىلا باش قەھرىمان جەم بىلەن تونۇشىمىز. جەم بۇ ئائىلىدىكى يالغۇز ئوغۇل، دادىسى ئۆيىنىڭ يېنىدا دورىخانا ئاچىدۇ، بۇ ئادەم سولچى، ئايالىغا ئانچە سادىق ئەمەس، ئوغلى جەمنىمۇ بەك باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ. جەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغاچ، دادىسىنىڭ دۇكىنىغا قارىشىپ بېرىدۇ، ياز ئايلىرىدا بېشىكتاشتىكى كونا كىتاب ساتىدىغان بىر دۇكاندا ئىشلەيدۇ. بۇ كىتابخانىدا ئۇ فرۇئىدنىڭ چۈش تەبىرىگە ئائىت بىر كىتابىنى، كىتابتىن «پادىشاھ ئودېپۇس» تراگېدىيەسىنى ئوقۇيدۇ. بۇ ھېكايە ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. دادىسى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىپ، تۇتۇلۇپ كېتىدۇ. جەم ئۇنىڭ ئۇزۇن يىل قاماقتا ياتقىنى ياكى بىر مەزگىل يېتىپ چىققاندىن كېيىن خوتۇن-بالىسىنى تاشلاپ باشقىچە ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمەي قالىدۇ (ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن دادىسىنىڭ باشقا ئايال بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ). جەم دادىسى تەرىپىدىن تەرك ئېتىلگەندىن كېيىن ئانىسى بىلەن بىللە ياشايدۇ، تۇرمۇشى قىيىنلىشىدۇ. ئۇ جان بېقىش ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشكە ئىقتىساد تەييارلاش ئۈچۈن مەھمۇت ئۇستىغا شاگىرت بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ قېتىم ئۇ ئانىسىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، قەلبىنى يېتىملىك، غېرىپلىق چىرمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق بىر تۇيغۇنىڭ ئىلكىدە مەھمۇت ئۇستىنى دادىسىنىڭ ئورنىدا كۆرۈشكە باشلايدۇ، مەھمۇت ئۇستىنى دائىم دادىسى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقۋازلىقىغا ئاچچىقى كەلسىمۇ، يەنىلا مۇشۇنداق بىر دادا سۈپەت ئادەمنىڭ بولغىنىدىن رازى بولىدۇ.

"ئوغۇل، ئاتىنىڭ سىرىدۇر" دەيدۇ كونىلىرىمىز. ئوغۇللار، ئاتىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ ھەم ئۇلاردىن بىزار بولۇپمۇ قالىدۇ. ئۇلاردىن مۇستەقىل ياشاشنى ئويلايدۇ ھەم ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. بىر ئوغۇلنىڭ ئاتىغا بولغان ھۆرمىتى، ئەيمىنىشى بىلەن ئاتىنىڭ بېسىمى ۋە تەسىرى ئاستىدا قېلىشتىن بىزار بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت جەمنىڭ ئوي-خىياللىرى ۋە ھەرىكىتىدىن مەلۇم بولىدۇ. ئورخان پامۇك ئىنسانلارنىڭ بىر ئىناۋەتلىك كۈچكە، بىر ئاتىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى " دۆلەت ئاتا، تەڭرى ئاتا، پاشا (گېنرال ) ئاتا، ئاتامان (قاراگۇرۇھ ئاتىسى)… بۇ دۆلەتتە ھېچكىم ئاتىسىز ياشىيالمايدۇ" دېگەن جۈملە بىلەن خۇلاسىلەيدۇ. ئوقۇرمەن جەم بىلەن مەھمۇت ئۇستىنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇۋېتىپ، يۇقىرىقى جۈملىنىڭ نېمە مەقسەتتە دېيىلگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

قۇدۇق قېزىش جاپالىق داۋام قىلىدۇ، مەن بۇ يەردىكى تەپسىلاتلارنى ئوقۇۋېتىپ، 90-يىللاردا يېزىدىكى ئۆيىمىزنىڭ ھويلىسىغا قۇدۇق قازغان ئىشلارنى ئەسلىدىم. ئاكام ئۈچ-تۆت مېتىر كولانغان قۇدۇقنىڭ تېگىدە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، دەستى كالتە كەتمەن بىلەن يەرنى يۇمىلاق چېپىپ توپىنى بوشىتاتتى، مەن قۇدۇق بېشىغا ئورنىتىلغان غالتەكنى چۆرۈپ، چىلەكنى پەسكە چۈشۈرۈپ بېرەتتىم. ئاكام توپىنى چىلەككە يېرىم ئۇسۇپ، "بولدى" دەيتتى، مەن ئۈستىگە تارتاتتىم. قۇدۇق يەتتە مېتىر كولانغاندا چىلەك ئىلمەكتىن ئاجراپ كېتىپ ئاكامنىڭ بېشىغا چۈشۈپ كەتكەن، ھېلىمۇ ياخشى چىلەك قۇرۇق بولغاچقا، ئاكامنىڭ بېشى ساق قالغانىدى. شۇ چاغدا ئېسىمدە قېلىشىچە، بىز كولىغان قۇدۇقتىن 9 مېتىردا سۇ چىققانىدى.

مەھمۇت ئۇستىنىڭ يېنىدا ئىشلەۋاتقان جەم، بەزىدە قۇدۇققا چۈشۈپ توپا كولىسا، بەزىدە قۇدۇق بېشىدا توپا تارتىدۇ. قۇدۇقنىڭ ئاستىغا—يەر تېگىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنچە، تۇۋاقتەك كۆرۈنگەن ئاسمانغا قاراپ ئەجەبلىنىپ، " ئاسمانغا چىقىپ، يۇلتۇزلارنىڭ جىمىرلىشىنى يېقىندىن كۆرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىز ئۇخلاپ ياتقان زېمىننىڭ ئاستىغا كىرىشنى خىيال قىلىشىمىز توغرىمۇ؟" دەپ سوئال قويىدۇ. بۇ خىل مەنىدار جۈملە كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. جەم ئۆنگۆرەن بازىرىدا سەييارە ئويۇن قويىدىغان قىزىل چاچلىق بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ئايالنىڭ مەنىلىك كۈلۈمسىرىشى ئۇنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۆز قىسىشى ئۇنىڭغا گۈزەل تۇيۇلىدۇ. بۇ ئىككى مەنىۋى كۈچ ئۇنىڭغا قۇدۇق بېشىدىكى جاپالارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئۇ ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىدۇ، ئارقىدىن قىزىل چاچلىق ئايال بىلەن بىللە بولىدۇ؛ شۇندىن باشلاپ، ئۇنىڭ قەلبى ۋە يوشۇرۇن ئېڭىدىكى شادلىق مەركىزىگە ئۇ ئايال مەھكەم ئورۇنلىشىپ قالىدۇ، ئىشق-ھەۋىسى ئۇ ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن كېچىگە باغلىنىپ قالىدۇ.

قۇدۇق 20 مېتىردەك كولىنىپ بولغاندا ئىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ، بۇ يەردىن سۇ چىقىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن جەم، مەھمۇت ئۇستىنىڭ جاھىللىقىدىن زېرىكىدۇ. بىر كۈنى بىخەستەلىك قىلىپ، ئېغىر چىلەكنى قۇدۇقنىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈۋېتىدۇ. قۇدۇق تېگىدە ئىشلەۋاتقان مەھمۇت ئۇستا ئۆلۈكتەك جىمىپ كېتىدۇ. قورقۇپ كەتكەن جەم نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، كېلىشمەسلىكتىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلاپ بۇ يەردىن قېچىپ كېتىدۇ.

كېيىنكى بۆلۈمدە ئوقۇرمەن جەمنىڭ كەچمىشلىرىگە شاھىت بولغاچ، «مەھمۇت ئۇستا زادى قانداق بولغاندۇ؟» دېگەن قىزىقىش بىلەن روماننى ئوقۇيدۇ. ئورخان پامۇكنىڭ ئۇستىلىقى مانا مەشەدە. جەم ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇ نەس باسقان يەردىن قاچقانلىقى ئۈچۈن، كېيىنكى كۈنلەردە شۇ ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئۆزى خالىغان كەسىپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ، ئائىشە دېگەن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، قىزنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە زورلاپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ، كېيىن توي قىلىپ مۇرادىغا يېتىدۇ، ئەمما ھەر قانچە قىلىپمۇ قىزىل چاچلىق ئايالنى ئۇنۇتالمايدۇ، قىسقىسى، قىزىل چاچلىق ئايال جەمگە جىندەك چاپلىشىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

جەم ئايالى بىلەن كۆڭۈللۈك ياشايدۇ، ئەمما بالىسى بولمايدۇ. كۈنلىرى خاتىرجەم ئۆتىدۇ، ئەمما مەھمۇت ئۇستىنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئايالى بىلەن بىرلىكتە غەرب تراگېدىيەسى «پادىشاھ ئودىپوس» بىلەن شەرق تراگېدىيەسى «رۇستەم بىلەن سۈھراب» ھەققىدە كىتابلار ئوقۇيدۇ، ئىزدىنىدۇ. پىرسۇناژلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئورخان پامۇك ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئىككى تراگېدىيەنى—دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئانىسىنى ئالغان، كېيىن بۇنى بىلىپ، ئىككى كۆزىگە قولىنى تىقىپ كور قىلغان ئودىپوس تراگېدىيەسى بىلەن ئۆز ئوغلىنى بىلمەي ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئارقىدىن ئوغلىنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلاپ قان يىغلىغان رۇستەمنىڭ تراگېدىيەسىنى سېلىشتۇرىدۇ. ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن شاھزادە قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئارقىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ، ئارقىدىن تۈركىيەدە ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتقان ئاتا-ئوغۇل، قان-قېرىنداش ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئەپسانە تۈسىنى ئالغان تارىخىي تراگېدىيەلەرنىڭ رېئاللىقتا شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولىدۇ.

جەم ئايالى بىلەن بىرلىكتە «سۈھراب» نامىدا ئۆي-مۈلۈك شىركىتى قۇرۇپ باي بولىدۇ. دادىسى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ، دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن مېيت نامىزىدا "مەن سىزنى تونۇيمەن" دېگەن سىررى بەي بىلەن كۆرۈشۈپ، 20 يىلدىن بۇيان ئۆزىنى قىيناپ كەلگەن گۇمانغا جاۋاب تاپىدۇ: مەھمۇت ئۇستا ئۆلمىگەن، ئۇ قۇدۇقتىن سۇ چىققان، مەھمۇت ئۇستا شۇ يەردە تۇرمۇش قۇرۇپ، 5 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغانىدى. جەم يەنە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزىل چاچلىق ئايالنىڭ ئەسلىدە دادىسىنىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالىدۇ.

جەم، ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئۆز شىركىتىنىڭ ئېلانىغا چىقىپ تونۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىشلار ئۆزگىرىدۇ، بالام يوق دەپ يۈرگەندە توساتتىن بالىسى پەيدا بولۇپ، "جەم بەي، سېنى ھۆرمەتلەيمەن، چۈنكى دادامسەن. «سۈھراب» ئۆنگۆرەندە خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئوغلۇڭ سۈپىتىدە سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويماقچى. مۇشۇ ئادرېسىمغا خەت يازساڭ ھەممە ئىشنى ساڭا دەپ بېرىمەن. ئوغلۇڭدىن قورقما" دەپ ئېلخەت يازىدۇ. جەم ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمايدۇ، ئەمما ئۆز ئۆتمۈشىگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ؛ كونا خاتىرلىرى قالغان ئۆنگۆرەندە كاتتا بىنالارنى سېلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئودىپوس تراگېدىيەسى كاللىسىغا مەھكەم ئورناپ كەتكەن جەم، "مەندىن قورقما" دېگەن ئوغلىدىن يەنىلا ئېھتىيات قىلىپ تاپانچىسىنى ئېلىۋالىدۇ. ئۆنگۆرەنگە بېرىپ يەرلىك ئاھالىگە «سۈھراب»نىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى تونۇشتۇرىدۇ، بۇ يەردە ئۇ مۇشۇ ۋاققىچە ئۇنتۇماي كېلىۋاتقان قىزىل چاچلىق ئايال گۈلجىھان بىلەن كۆرۈشىدۇ. جەم ھەممە ئىشنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلانغان بىلەن تەسىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆزى تېرىغان ئۇرۇقنىڭ ئاچچىق مېۋە بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

جەم ئۆزى بىر چاغدا كولىغان قۇدۇقنى كۆرمەكچى بولىدۇ، گۈلجىھان ئۇنىڭغا ئۆز ئوغلى ئەنۋەرنى ھەمراھ قىلىپ قويىدۇ. سەرھات دېگەن نام بىلەن دادىسىغا ھەمراھ بولغان ئەنۋەر، قۇدۇق بېشىدا دادىسى بىلەن مۇنازىرلىشىدۇ، تاكاللىشىدۇ. ئەنۋەر ئۇنى ئېتىقادسىز، ئىنساپسىز، زىناكار دەپ ئەيبلەيدۇ. ئورخان پامۇك ئاتا-بالىنىڭ بۇ غەۋغاسىدىن ياۋروپاچە ئەركىنلىك، يەنى شەخسىي مۇستەقىللىق بىلەن شەرقچە ئىتائەتكارلىق، يەنى بالىنىڭ ئاتىغا بويسۇنۇشى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈركىيەدىكى ئارىسالدىلىقنى، تېڭىرقاشنى ئەنۋەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇستىلىق بىلەن بايان قىلىدۇ: "سىز بىلەن قانداق پاراڭلىشاي دادا، ئىتائەتچان بولاي دېسەم ياۋروپالىقتەك مۇستەقىل بولالمايمەن. ياۋروپالىقتەك بولاي دېسەم، ئىتائەتچان بولالمايمەن. ياردەم قىلىڭ ماڭا!".

ئاتا-بالىنىڭ تالاش-تارتىشى جەمنىڭ كونا ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، "قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر" دېگەندەك، تاپانچىسىنى چىقىرىپ سالىدۇ. ئەنۋەر ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىدۇ، ئېلىشىش باشلىنىدۇ.

بۇ جېدەلنىڭ ئاخىرى نېمە بولدى؟ دېگەن قىزىقىش بىلەن روماننىڭ داۋامىنى ئوقۇيمىز. بۇ قىسىمدا قىزىل چاچلىق ئايال ھېكايە سۆزلەيدۇ. بىز ئۇنىڭ كەچمىشى ۋە ئىچكى دۇنياسى بىلەن تونۇشۇشقا باشلايمىز. " ئەگەر چاچلىرىمنى قىزىلغا بويىمىغان بولسام، جەم ماڭا دىققەت قىلمىغان بولاتتى" دەيدۇ بۇ ئايال. ئۇنىڭ مەھمۇت ئۇستىنى قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى، ئوغلى ئەنۋەرنى بىر قوللۇق بېقىپ تەربىيەلىگەنلىكىنى، شائىرلىق تالانتقا ئىگە بولسىمۇ، جان بېقىش جەھەتتە دادىسىغا يېتەلمىگەن بىچارە ئوغلىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، غۇرۇرنى قايرىپ قويۇپ جەمنى ئىزدىگەنلىكىنى ۋە ئوغلىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىنى، جەمنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئېتىلىپ قۇدۇققا تاشلانغانلىقىنى، ئەنۋەرنىڭ تۈرمىگە كىرگەنلىكىنى بىلىمىز. نەتىجىدە، جەمنىڭ كاللىسىدىن چىقماي كەلگەن ئودىپوسچە تراگېدىيە تەكرارلىنىدۇ. جەمنىڭ تۇنجى تەقدىرى، يەنى تىرىكچىلىك ۋەجىدىن ئۇ يەرگە بېرىپ قېلىشى، قىزىل چاچلىق ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى، بىر كېچە لەززەت سۈرۈشى گويا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى بەلگىلەپ قويغاندەكلا تۇيۇلىدۇ بىزگە.

قۇرۇلما جەھەتتىن، بۇ رومان ئورخان پامۇكنىڭ بۇرۇنقى رومانلىرىدىكىدەك كۆپ قاتلاملىق، مۇرەككەپ، ھەتتا ئوبزۇرچىلار تەھلىل قىلمىسا چۈشەنگىلى بولمىغۇدەك سىرلىق ئەمەس. ئەمما ۋەقەلىك ناھايىتى پۇختا، باياننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا ئورخان پامۇكقا خاس تاكتىكا، ماھارەت كەم ئەمەس. روماندا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ئەمما بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئاتا (جەمنىڭ دادىسى بىلەن مەھمۇت ئۇستا)، ئىككى ئانا (جەمنىڭ ئانىسى بىلەن گۈلجىھان)، ئىككى مۇھەببەت (ئاشنا ۋە خوتۇن)، ئاتا بىلەن ئوغۇل، شەرق بىلەن غەرب، ئەدەبىيات بىلەن تۇرمۇش، مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنە، سىياسىي بىلەن رېئاللىق، سۆيگۈ بىلەن ئىشەنچ، گۇمان بىلەن ئىمان، ئانا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك ئىشلار روماننىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان. روماننى ھەجىم جەھەتتىن پوۋېست دېيىشكىمۇ بولىدۇ، بايان ئۇسلۇبى «جىمجىت ئۆي» گە ئوخشايدۇ، ئەمما «جىمجىت ئۆي» دە كۆپ شەخس بايانى بېرىلگەن بولسا، بۇ روماندا ئىككىلا شەخس (جەم بىلەن قىزىل چاچلىق ئايال)نىڭ بايانى بېرىلگەن. روماندىكى ئىشلار بىر-بىرىگە باغلانغان، ۋەقەنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچى بىر بۆلۈمدىن يەنە بىر بۆلۈمگە سىلجىيدۇ. "قىزىقتۇرۇش زەنجىرى"گە باغلانغان ئوقۇرمەن، روماننى بىر يولى ئوقۇۋېتىشكە ئالدىرايدۇ.

تىل جەھەتتىن، بۇ روماننىڭ تىلى خېلىلا يەڭگىل، ئاممىباپ ھەم يېقىشلىق؛ «قارا كىتاب»، «يېڭى ھايات» رومانىنى ئوقۇغاندىكى چىڭقىلىشنى بۇ روماندا ھېس قىلالمايمىز. ئورخان پامۇك كېيىنكى رومانلىرىدا تەبىئىيلىككە، روشەنلىككە، يەڭگىللىككە يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئۇزۇن-ئۇزۇن، مۇرەككەپ، ئېغىر جۈملىلەرنى ئىشلىتىشكە زورۇقمايۋاتىدۇ. بۇ يەردە "ئېغىر" دېگىنىمىز جۈملىنىڭ ئىللىتى ئەمەس، بەلكى شۇ جۈملىنى قوللانغۇچىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجى، تالىشى، ئۇسلۇبىدۇر. يازغۇچى ئۆز ئېڭىدا چاقىنىغان نەرسىلەرنى، چوڭقۇر تۇيغۇ، مۇرەككەپ ھېسسىياتلىرىنى شۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ؛ ئاڭ ئېقىنى تىلغا زەرب بىلەن ئۇرۇلغاندا قىرغاققا چىقىدىغان (كۆرۈنىدىغان) نەرسە مۇرەككەپلىك، چوڭقۇرلۇق ۋە ئىنچىكىلىكتۇر.

تىلدىكى ئاددىيلىققا يۈزلىنىش مەسىلىسىدە، شۇنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىدۇ، پەرھات تۇرسۇن 90-يىللاردا پىسخىك تەسۋىرلىرى مول ھېكايە-پوۋېستلارنى يېزىپ ياشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ «مۇزلىغان دېرىزە»، «مەسىھ چۆلى» دېگەن پوۋېستلىرىنىڭ تىلى "ئېغىر" ئىدى، ئۇزۇن-ئۇزۇن تۇيغۇ تەسۋىرلىرى كىشىنى زەن قويۇپ، ئويلىنىپ، قېتىرقىنىپ ئوقۇشقا زورلايتتى. سۇۋارى بايان، يۈزەكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇپ ئۆگىنىپ قالغانلار ئۇنى ئالدىراپ چۈشىنەلمەيتتى. كېيىن پەرھات تۇرسۇنمۇ ئاددىيلىققا يۈزلەندى، «غەزەبلەنگەن تۇدەك شاتۇر»، «ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى»، «ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكى» دېگەن ھېكايىلىرىدا ئىشلەتكەن تىلى ناھايىتى يەڭگىل، ئاممىباپ. ئەمما، مەيلى نېمىلا يازسۇن ئۆزىگە خاس تىل سەزگۈرلۈكىنى يوقاتمىدى، جۈملىلىرى مەنىدار، كىنايە-مەسخىرىلىرى، يېڭىچە ئوخشىتىشلىرى كىشىنى قىزىقتۇرىدۇ.

ئورخان پامۇك ھەر بىر رومانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۇستا بىر ئىنژېنىردەك لايىھىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى قانداق تىل ، قانداق ئۇسلۇپ بىلەن نامايەن قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان يازغۇچى. ئۇ ئۆزى "قوپال يەرلىرىمۇ بار تەسىرلىك رومان" دەپ تونۇشتۇرغان بۇ رومانىدا ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىدىكى كونا تراگېدىيە، تۇنجى سەۋدالىقنىڭ تەقدىر بەلگىلەش كۈچى، غەربلىكتەك مۇستەقىل بولۇش ياكى شەرقلىقتەك ئىتائەتچان بولۇش ئارىسىدىكى تېڭىرقاش... قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ھەر بىر رومانىدا بۇ خىل مۇنازىرە تېمىلىرى، تالاش-تارتىشقا سازاۋەر يېڭى ئويلىنىشلار مەۋجۇت. جەمنىڭ قەلبىدە، تراگېدىيەنىڭ كىرىش ئىشىكىدە، قىسقىسى روماننىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالغان قىزىل چاچلىق ئايال، ئورخاننىڭ قەلىمىدە جەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغان ئايالدۇر. جەم ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلمىغان بولسا بالىسى بولمايتتى، بالىسى بولمىغان بولسا ئۆلمەيتتى. قىزىل رەڭنىڭ گۆش، قان ۋە ھۇقۇققا ئىشارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئورخان پامۇك، چاچلىرىنى بوياق بىلەن ئەمەس، خېنە بىلەن قىزىلغا بويىغان بىر ئايالنى ۋەقەلىكنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

ئورخان پامۇكنىڭ بۇ يېڭى رومانى بىزگە باشقا بىر ئورخان پامۇكنى، قىسقا، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر رومان يېزىش سەنئىتىنى، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان ئاممىباپ رومانچىلىق نەمۇنىسىنى كۆرسەتتى.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى