بىر يىللىق نادامەت
-
بىر يىللىق نادامەت
ۋاقتى: 2010-04-13 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا مۇھەببەتلەشكەن ئەمەس؛ ئېھتىياج، ھەۋەسنى دەپ مۇھەببەتلەشكەن؛ ئىچىمدىكى ئىزتىراپ، ھەسرەت-نادامەت، روھىي غەليانلىرىمنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بىر نەرسە يازغان، مانا بۇلار چىنلىق، بۇ چىنلىق ئۈچۈن گاھىدا باشلىنىش، قۇرۇلما، بۆلەك، يېشىم دېگەنلەرنى ئويلاشمايلا يېزىۋېرىمەن، تاققا-تۇققا گەپلەر زەنجىردەك ئۇلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ئادەم كۆپ ھاللاردا ئىشنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە قىلالمايدۇ، خىيالى بويىچە قىلىدۇ، ئەقىلنىڭ بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ھېسسىياتقا تايىنىمىز، ھېسسىياتىمىز ئازاب ۋە ئىچ پۇشۇغىنى ئېلىپ كەلگەندە يەنە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇ تەبىئىي ئايلىنىش، تەبىئىي قانۇنىيەتتەك تۇيۇلىدۇ كىشىگە.
ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە ئەسلىمە، يادنامە يېزىش قىلغان ئىشلارنى خۇلاسىلەش بولۇپلا قالسا ئۇ خۇددى يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىدەكلا قۇرۇق، ئەھمىيىتى يوق بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ، ئۆمۈرنىڭ مەنىلىك ياكى مەنىسىز ئۆتكەنلىكىنى باھالاش بولۇپ قالسا ئۇمۇ ئاقمايدۇ، چۈنكى مەنە ۋە ئەھمىيەت ھەر كىمنىڭ قارىشىغا بېقىپ ھەر خىل بولىدۇ. بەزىلەر يەۋالغان، ئىچىۋالغان، ئويناپ-كۈلۈۋالغاننى مەنىلىك ھايات ھېسابلايدۇ، بەزىلەر جاپاغا چۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىمۇ مۇشەققەت تارتقاننىڭ ئۆزىنى راۋرۇس ياشىغانلىق دەپ قارايدۇ. لېكىن ھازىر جاپا تارتىش ۋە مۇشەققەتتە ياشاش شەرەپ ھېسابلانمايدۇ. ئادەم راھەتكە ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەقىل ۋە ئىرادىگە ئىگە تۇرسا، نېمە دەپ ئۆزىنى قەستەن قىينىغۇدەك؟
ئەمىسە نېمىنى ئەسلەيمىز، نېمىنى خاتىرىلەيمىز؟ ھاياتىمىزنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟ ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، يىلدا بىرەر ياخشى رومان يازالىسام، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشەلىسەم بىكار ياشىمىدىم دەپ خۇرسەن بولىمەن؛ ئەمەلىيەتتە ھەر يىلى بىر رومان يازالىشىم ناتايىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئەسەر يازمىغان يىللارنى بىھۇدەك ئۆتتى دېيىشىم كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە رومان يېزىشىمدىنمۇ بەك زۆرۈر ئىشلار تولا، ئائىلە ۋە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىم كېرەك. ۋاقىت چىقىرىپ داڭلىق ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى ئوقۇشۇم كېرەك، چالا تاشلاپ قويغان ئىنگىلىزچە، ئەرەبچەمنى داۋاملىق ئۆگىنىشىم كېرەك. مەن ئۆزەمگە توختىماي ئارزۇ-ئارمان قەسىرلىرى قۇرىمەن، خىيالىمدا لايھىسىنى سىزىپ چىقىمەن، ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان قەدەم باسقۇچ، پەلەمپەيلەرنى تىكلەپ بارىمەن، بىراق ھەمىشە بۇلار ئۈچۈن جىددىيلىشىشنى خالىماي ئۇنى ئۆرۈپ تاشلايمەن. شۇنىڭ بىلەن ئىرادەم، قىزغىنلىقىم،ئىزچىللىقىم كەم بولۇپ قېلىپ، بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايمەن ياكى بەك تەستە تاماملايمەن. تازا تەرلەپ پىشىپ چېنىقىۋاتقاندا سوغۇق سۇ ئىچكۈم كېلىدۇ، بۇ چاغدا سۇنىڭ بەدەنگە زىيان قىلىدىغانلىقىنى، ئوخچۇپ سۇقۇۋاتقان يۈرىكىمنى سوۋۇتۇپ ئاجىزلىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ”مەيلىلا، يۈز يىل ياشامدىم“ دەپ ئىچىۋېتىمەن. ئەمما بىرئىشتىن قاتتىق غەزەبلىنىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالغاندا ”مەيلىلا، بۇمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ“ دېيەلمەيمەن، كەڭ قورساق بولالمايمەن، ئۆزەمنى ئۆز زىندانىمدا ئازابلايمەن، سوغۇق سۇدا تاھارەت ئېلىپ شەيتاندىن پاناھ تىلىيەلمەيمەن، يامانلىقنىڭ كېلىشى تېز، قايتىشى ئاستا. ياشىماق تەس، ياخشى ياشىماق تېخىمۇ تەس. ئەسلەشكە توغرا كەلسە، ئەڭ چوڭقۇر تۇيغۇلارنى، ئەڭ ئېغىر ئازابلارنى، ئەڭ ئەھمىيەتلىك مىنۇتلارنى، ئەڭ نۇرلۇق پىكىرلەرنى ئەسلەش كېرەك.
ئۆتكەن يىلى نورۇز بايرىمى قىزغىن بولدى، ئۇسسۇلچى قىزلار چوكانتالدەك ئېگىلدى، بالا چولپانلار سەنئىتىمىزنى ئۆز ۋۇجۇدى، ھۈجەيرىسىدە جانلاندۇردى، قېنىمىزنى قىززىتتى. شۇ كۈنى ئىلقۇت تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىنىم ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ بلوگ قۇرۇش ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بلوگىممۇ مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇن ئىشلار، چىرايلار، پاراڭلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئىشتىياق ئۇنتۇلمىدى. بلوگ گۇلزارىم يېڭى-يېڭى غۇنچىلىرىم بىلەن رەڭدارلاشتى. كۆرىدىغانلار ۋە تىزىملىتىدىغانلار كۆپەيدى، بلوگنى ھەر كۈنى ناشتىلىق ئورنىدا يوقلاپ قويىدىغان بولدۇم، بەتلەرنىڭ رەڭدارلىقى، ئەسەرلەرنىڭ جەزبىدارلىقى ئۈستىدە ئويلاندىم، ھەرىكەتلەندىم، ئاز-تولا يېڭىلىق بولدى، يېڭىلىق بولمىسا بۇ بلوگ سەپتىن چۈشۈپ قالاتتى، بلوگلار ئارا رىقابەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمىسىمۇ ھەر كىم ئۆز خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ بلوگىمغا كونا-يېڭى ئەسەرلىرىمنى يىغدىم، قان-تەرىمنى، خاسلىقىمنى، سۈرەتلىرىمنى، ئاۋازىمنى، ئومۇمەن جىمى مەۋجۇتلۇقۇمنى، قىممىتىمنى بۇ بىلوگقا مۇجەسسەملەشكە تىرىشتىم. «دىيارىم» تورىدا ئېلان قىلىۋاتقان «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەن رومانىمنى بلوگقا كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئاۋۋال بلوگدا، ئاندىن دىيارىمدا ئېلان قىلدىم. دىيارىمدا ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغانلارغا بىلوگ ئادرىسىنى تەمىنلەپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى، ھازىرغىچە شۇلارنىڭ ئىزى بىلەن يوللىرىم كېڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تور تاقالدى، «دىيارىم» دا ئېلان قىلىۋاتقان رومانىممۇ ئۈزۈلۈپ قالدى، روماننىڭ ئاخىرىنى ھېچكىم كۆرەلمىگەچكە، ھېچكىم مېنى «كاۋاپچىنىڭ خوتۇنى ئاخىر قانداق بولدى، ياسىنچۇ؟» دەپ سورىمىغاچقا قىزغىنلىقىم ئۆلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ئوقيانىڭ كىرىچىدەك تارتىلىپ چىڭقىلىپ كەتكەن مېڭەمدە ئاغرىق، ئازاب، تەشۋىشتىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى، ھەر كۈنى خەۋەر كۆرەتتىم، ئەدەبىيات ئويۇن-تاماشىدەك تۇيۇلدى، ئەسەر ئۈچۈن ئويلانغۇدەك ماجال، ئىجادىيەت بوشلۇقى قالمىدى، ئەسەر ئۈچۈن يەڭگىل ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگۈدەك ئىمكان، كەيپىيات، ھېسسىيات نەدە؟ ئاندىن ھورۇنلۇقۇم تۇتتى، چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم، ھەتتا بۇرۇن يازغانلىرىممۇ ئۆزەمگە كۈلكىلىك، بىمەنە تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ تۇيغۇلىرىمنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئەسەرلىرىم شۇ ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىم ۋە تەپەككۇرۇمنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئۆتمۈشتە قىلغان ئەخمىقانە ئىشلارغا پۇشايمان قىلىۋېرىش يەنىلا ئەخمىقانىلىق. ھالبۇكى تولا ئىنسان ئۆز ئۆتمۈشىدىن رازى ئەمەس، ”ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا بۇنداق بولاتتى“ دەيدىغان زارلىنىش ئېغىر. ”ئەگەر، ناۋادا“ دەيدىغان پۇشايمانلىق خىياللار كىشىنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ. ”شۇنداق بولۇش پېشانىمىزگە پۈتۈلۈپ كەتكەن دەيمىزۇ، ئۇنى ئەينى چاغدا ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيىتىمىز باردەك ئاھ ئۇرۇپ كېتىمىز. بۇنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى يوقالماس ئىزتىراپ، ئاجىزلىق دەپ ئېيتىش كېرەك. ”ئەگەر، ناۋادا“ ۋەسۋەسىلىرى شەيتاننى چىللاپ كېلىدۇ. ئۆتمۈش ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش، خاتالىقلارنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، زىياننى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، قانائەتلىنىش ھەممىدىن مۇھىم. ياخشى ياشىغان ھايات ياخشى ھاياتتۇر.
ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتتى، كەيپىياتنى باشقا نەرسىلەر ئىگىلەپ كەتتى. باشقا يەردە تۇرۇپ تورنى ئاچالايدىغانلار بلوگىمغا كىرىپ روماننىڭ ئاخىرىنى سۈيلەشكە باشلىدى. 22-ئۆكتەبىر ھەرەمگە خىزمەتكە بېرىش ئالدىدا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن روماننى تاماملاش قارارىغا كەلدىم، بۇرۇنقى ئىرادە، قىزغىنلىق ۋە كەيپىياتىمغا قايتىپ كېلىشكە تىرىشتىم. ئۈچ-تۆت كۈن ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرۇپ بۇرۇن ئويلىۋالغانلىرىم بويىچە روماننى تاماملاپ، ئاساسىي جەھەتتىن قانائەتلەندىم؛ بايان، تەسۋىرلەر گاھىدا سوزۇلۇپ كەتتى، گاھىدا قىسقىراپ كەتتى، تەبىئىي بولمىدى، يازالىغىنىمچە يازدىم، نېمىلا بولسۇن يازىدىغانلىرىمنى تولۇق يېزىپ، تاپشۇرىدىغانلىرىمنى تولۇق تاپشۇرۇپ بلوگىمغا يوللىۋېتىپ ئاندىن ھەممىدىن ئادا تاپتىم.
ئاخىرىدا ھەرەمدە يازغان «قارغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە» دېگەن يازمامدىن باشقا ھېچنېمە يوللىمىدىم، تور ئېچىلمىسا، يازغانلىرىمنى كەڭ دائىرىلىك كۆرىدىغانلار، باھالايدىغانلار، تىللايدىغانلار، ماختايدىغانلار بولمىسا ھېچنېمە يازالماي ئولتۇرۇپ قالىدىكەنمەن. تورنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى شۇنچىلىك ھېس قىلدىمكى، بۇرۇن توردا تىللىشىپ سەسكىنىپ كەتكەن بولسام ھازىر شۇنىمۇ سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. تور بىر ئېچىلسا سۇغا چۈشكەن بېلىقتەك يايراپ كېتەر ئىدىم، بىر نەرسە يازمىساممۇ باشقىلارنىڭ يازمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ كاللام يېڭىلىنىپ تۇرار ئىدى.
خەيرىيەت، بلوگىمنى يوقلايدىغانلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ھەتتا بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى، ئەمما ھېچنېمە يوللىمىدىم، يوللىغۇدەك دەسمايە يوق، ئەگەر بلوگىمغا كىرىپ ئۈمىدسىزلىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلار كىرىپ ئىلىنىپ قالىدىغانلاردىن كۆپ بولسا بلوگىم خاراپلاشقان بولىدۇ. ئەگەر بلوگىمغا كىرگەنلەر ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋە ئالالىسا، قايتا كىرىپ قاراپ باقسا، «يېڭىلىق بارمۇ يوق» دەپ يوقلاپ باقسا بلوگىم ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.
بۇ بىر يىل مۇسىبەتلىك يىل بولدى، تورغا زىيادە تايىنىپ قالغان قەلەمكەشلىكىم چاندى، يېڭى ئەسەرلەر ھەققىدىكى پىلانلىرىم ئاقمىدى، ۋاقىت توپا-چاڭ چىقىرىپ كەلگەن قۇيۇندەك تېز ئۆتۈپ كەتتى، ئىرادەمنى بىر قەۋەت قېلىن، ئاچچىق توپا باستى، ھورۇنلۇق توپىسى… ئۆلۈك توپا. لاۋزى شۇنداق دەپتىكەن: ”ئادەم ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ ئويلىغان، ئەمما بولمايدىغان ئىشلار، ئارزۇلار ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ؛ شۇنداقلا ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يامان ئارزۇ، خۇيلار دەستىدىن ئازابلىنىدۇ“. ئازابلىق ئارزۇلار بىخ سۈرمەكتە، ئەمما چۈشكۈنلۈك ئۇنىڭ يىلتىىزنى قىرقىماقتا. بۇنىڭدىن قۇتۇلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)
2011-12-30 12:47:4310983 مىليون يۈەنلىك دەرس
2013-02-21 07:52:47831دىيەت (ھېكايە)
2011-03-08 20:58:34951گۇناھ (پوۋېست)
2015-08-07 00:50:371505توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق
2015-08-07 00:54:311345تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار
2014-07-28 07:34:48998جۇدالىق زارى
2013-05-21 02:35:28733نوچىلىقنىڭ بەلگىسى
2015-08-07 01:23:521524
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-