ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار
پوۋېست - دىكى يازمىلار
  • ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)

    تۈرمىگە كىرگەندىن باشلاپ ئۆزەمنى قەپەزگە سولانغان ھايۋاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، قورسىقىم ئېچىپلا تۇرىدۇ،  ئۇ پاسكىنا ھازىر نەلەردە ئويناپ يۈرىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ غۇرۇرى مېنى مۇشۇنداق پايخان قىلىۋەتسە بولامدۇ؟ مەن ئۇنى خېمىردەك ئەيلىگەندە ئۇنىڭ غۇرۇرى نەگە كەتكەن بولغىيدى؟ بۇ قىسمەتنى ئۆزەمنىڭ دۆتلۈكىدىن كۆرۈشمۇ مېنى ئازابلايدۇ، چۈنكى مۇشۇ ۋاققىچە ئۆزەمنى ئەقىللىق ساناپ كەلدىم، ئالىي مەكتەپ...
  • گۇناھ (پوۋېست)

    يەتمىشتىن ئاشقان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ مومىيى بىر ئايدىلا كەينى-كەينىدىن قازا قىلىپ، ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەمەت مەخسۇمغا كەڭتاشا ئۆي، باغ-ۋاران، كالا-قوي مىراس قالدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى ھىدايەت قارى تېخى ھەقىقىي قارىيلىققا يەتمەستىلا شۇ نام بىلەن سۈپەتلەندى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىپادىلىنەتتى. بوۋاي، موماي تاۋۇتقا سېلىنىپ زاراتلىققا ئېلىپ مېڭىلغاندا ھىداي...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 8-قىسىم

    — ھېچ ئىش بولمىدى، شۇ ھېلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى تۈگىمەي... — قانداق، باشقا بىرىگە ئالماشتىڭىزمۇ؟ — ياقەي، نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش دەيسىز. — خېڭتيەن ئەپەندىگە دېسىڭىز بولمامدۇ، سىزگە ياردەم قىلىپ باشقا بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تېپىپ بەرسە...  بۇ دېگەن جۇڭگو ئەمەس، ھەممە ئىشتا مۇناسىۋەت، يالغانچىلىق بىلەن جان باقىدىغان. بۇ دېگەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەشنى ئەلا بولىدىغان بىر دۆلەت، خېڭتيە...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 7-قىسىم

    ئۇ شۇ ھامان خانقىزغا بۇ دوستلۇق، بۇ مۇھەببەت، بۇ توي ئىشىنىڭ ئىشەنچ، مېھىر-ۋاپا سېپىلى بىلەن مۇستەھكەم قوغدىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بەدەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سەمىمىي، قىزغىن خەتتىن بىر پارچە يازدى، بۇ خەت خانقىزنىڭ كۆڭلىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ خاتىرجەم قىلالايتتى. ئابلىكىم خانقىز بىلەن تاكى توي قىلىش نېسىپ بولغىچە مۇشۇنداق خەتتىن يەنە بىر قانچە پارچە يېزىش كېرەكلىكىنى ئ...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 6-قىسىم

    ئىككەيلەن گەپ قىلىشماي جىممىدە تۇرۇشتى، يۈرەكلىرىنىڭ سوقۇشلىرى بىر-بىرىگە بىلىنەتتى. ئابلىكىم خانقىزنى سۆيۈشنى ئويلىدى، لېكىن گۇلزارنىڭ گېپىنى ئويلاپ توختاپ قالدى، يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا بولمايتتى. يەنە كېلىپ خانقىزنىڭ لېۋى نېپىز بولۇپ، يات جىنسقا نىسبەتەن ئانچە جەلپكالىقى يوق ئىدى، ئۆزىمۇ ھەم سۆيۈشۈشنى ئانچە خالىمايدىغاندەك قىلاتتى.  بىر تاكسى كېلىپ توختىدى. ئابلىكىم خانقىزنى مېھمان...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 5-قىسىم

    — لېكىن مەن بىر ئىشتا ئاسان بولدى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، كەمتۈك ئىشنى تولۇقلاپ قىلىشقا، مېيىپلىقنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ساقايتىشقا تىرىشىش كېرەك. ياپونلارنىڭ خۇسۇسىيىتى مىجەزىمگە سىڭىپ قالغاندەك قىلىدۇ، بۇنى ئاسان ئۆزگەرتەلمەيمەن. باشقىلارغىمۇ مەن شۇ ئۆلچەمنى قويىمەن، شۇنداق بولغاندا ئاندىن شۇ ئادەممۇ، جەمئىيەتمۇ تەرەققى قىلالايدۇ.  دېگىنىڭىز توغرا، لېكىن مېنىڭ دېگىنىم، كەمچىلىككە يول قويۇش ...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 4-قىسىم

    — ئۇلار خېڭتيەن ئەپەندى ئالدىن ئۇقۇشۇپ قويغان ياتاققا كىردى، بىر دەم قىزغىن ئەھۋاللاشتى. خېڭتيەن ئەپەندى بىلەن ئايالى ئابلىكىمگە پات-پات قارايتتى، ئابلىكىم قورۇنغاندەك بولاتتىيۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا، گەپنى تەبىئىي، يېقىملىق قىلىشقا تىرىشاتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى خانقىز ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىپ تۇراتتى، خېڭتيەن ئەپەندى بىلەن خانىمىمۇ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرەپ بىر نەرسىلەرنى دەيتتى، ئۇنىمۇ خانقىز ئابلى...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 3-قىسىم

    بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنى بولۇشۇم مۇمكىن. بىراق ئاسانلا ئېغىزدىن چىقىرىدىغان ماختاشلارنى(ئەل قاتارى) دېمەسلىكىم مۇمكىن. لېكىن بۇ ئەسەرنى ياخشى يېزىپتۇ دەپ ھېس قىلغان چېغىمدا سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئۆزەم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياپونىيىدە نەشر قىلدۇرىمەن. 2003-يىلى يېقىنلاپ قالدى. بىزگە يەنە ئالدىمىزدا چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان پۇرسەت، ۋ...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 2-قىسىم

     گۇلزاردىن مەن توغرىلىق ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزەمنى تونۇشتۇراي(ئۆز ئاغزىم بىلەن). ئىسمىم خانقىز. ئۈرۈمچى خۇڭسەندە تۇرىمىز. مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىدە ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇغاندىن كېيىن شاڭخەي خۇادۇڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ چەت ئەت تىلى فاكۇلتېتى (رۇس تىلى كەسپى)نى 1998-يىلى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 10-ئايدا ياپونىيەگە كەلدىم. بۇ يىل ھەش-پەش دېگۈچە بەش يىل بولۇپ قاپتۇ. ...
  • ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 1-قىسىم

    ياپونىيىدىن كېلىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئىككى سائەت كېچىكىپ كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. تيەنچياۋ مېھمانخانىسىدا ياپونلىقلارغا تەرجىمان بولۇپ چاپان كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان بېيجىڭلىقلار مېھمانخانا سالونىدا ئۇ ياق بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. گۇلزار سائىتىگە قاراپ ئىچى پۇشتى: —يەنە ئىككى سائەت بۇ يەردە ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزەرمىزمۇ؟ —    ئاپىرىپ بىر يەردە ئوينىتىپ ئەكىلەيمۇ؟-دېدى ئابلىكىم. — رەھمەت، خانقى...
  • كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (5)

    روزاخۇن بەزىدە شۇ قىزلارنى، نازاكەتنىڭ ئاخىرقى نىگاھىنى ئەسلەپ قالاتتى، گۈزەللىك بەك قىسقا، خوتۇن ئالمىغان بولسا بەلكى شۇ قىزلاردىن گۈزەللىك، بەخت تەمە قىلىپ يۈرگەنمۇ بولاتتى. خوتۇنى ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت بەرمەيتتى، ئىشلە، پۇل تاپ، ھاجىتىمدىن چىق، مېنى خۇشال قىل دەيتتى. كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇش، نەق نەرسىلەر بەئەينى ئوت كەتكەن ئۆيگە ئوخشاش ئۇنى ئالدىرىتىپ تۇراتتى، بېرىپ سۇ چېچىپ ئۇ نەپسانىيەت ئوتىنى ئ...
  • كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (4)

    روزاخۇن تاڭنۇر خېنىم بىلەن توي قىلىپ زاكىرە خانىمغا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپ قەرزادار بولدى، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس، بىر-ئىككى يىل ئىشلىسەم تۆلەپ بولالايمەن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما تويدىن كېيىنكى چىقىملىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، تاپقان پۇللىرى ئۆي ئىجارىسى بىلەن خوتۇننىڭ خەجىگە يەتمىدى، بۇ ئەھۋالدا پۇل يىغىپ قەرز تۆلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. زاكىرە خانىم تاڭنۇر خانىمنى رېستۇراننى باشقۇرغىلى ق...
  • كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (2)

    ئۇ ئاچچىق ۋە غەزەپتىن ھاڭۋېقىپ، تەتەينى قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىدى، ئەمما دۇتتار بىلەن بىر ئادەمنىڭ جېنىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولاتتىمۇ؟ بولىدىغان ئىش بولدى، ھەممىگە ئۆزى سەۋەبچى. ئۇ شەرمەندىلىك شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلدىكى، نىجىس بەدىنى كۆيدى، دېمى ئىس-تۈتەكتىن سىقىلدى، دۇتتارى چېقىلدى. راست بولسۇن، خىيال ياكى چۈش بولسۇن، شۇ قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈردى...
  • كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (1)

    سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم  بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان...
جەمئىي 1 بەت/14پارچە ئۇچۇر