ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بلوگ ئىشقى

بلوگ ئىشقى

ۋاقتى: 2015-08-06 ئاۋاتلىقى: 1961 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جېكنىڭ تور خاتىرىسىدىن 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردا شەخسىي بلوگ قۇرۇش مودا بولدى دېگەن گەپنى كۆرۈپ مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم، ئۆتكەن يىلى بىر زات ھېكىمنىڭ خالىس كۆڭلى، دىلكەشلىكى، غەمخورلۇقى بىلەن مېنىڭمۇ بىر بلوگىم بولغان، ئۇنى ئېچىپ گويا بويتاقلىقتا ئايرىم ئۆيۈم بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ خۇشال بولغانىدىم، كىممۇ ئۆزىنىڭ ئايرىم دۇنياسى، ئايرىم پائالىيەت سورۇنى، ئايرىم كارىۋىتى، ئايرىم يوتقىنى بولۇشىدىن سۆيۈنمىسۇن؟! ئۆز خانىسىنى ئايرىم بېزەش، رەتلەش، كۆركەم، جەلپ قىلارلىق قىلىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بولامدۇ؟ ئەمما كېيىن بۇ خانىگە كىرەلمىدىم. يەنە ئىزدىنىش، دىيارىم دېگەندەك چوڭ سورۇنلارغا قايتىپ بىر بۇلۇڭدا قىستىلىپ تاماشا كۆردۈم. خانەمدىن ئايرىلىپ قالغانغا ئەپسۇسلانمىدىم، بەلكى بىر زات ھېكىمگە غايىۋانە رەھمەت ئېيتتىم. ئۇ بۇ ئىشنى خالىس كۆڭلى بىلەن قىلدى، ماڭا بلوگ دېگەن نەرسىنىڭ چىرايىنى ئېچىپ، يۈرىكىمگە بلوگ ئوتىنى يېقىپ قويۇپ كەتتى. كېيىن ئۆزەم ئىزدىنىپ، قول سېلىپ شۇنداق بىر خانىدانىمنى قۇرۇشنى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ كاللام بۆلەك ئىشلارغا كېتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا كىرىشىپ بولالمىدىم. يەنە كېلىپ، "ئىزدىنىش، دىيارىم، بەرقى دېگەندەك تور بېكەتلىرى بىر ئوبدان مەيدان ھازىرلاپ بېرىۋاتىسا، كىم قويۇپتۇ ساڭا ئايرىم بلوگ قۇرىمەن دەپ؟..." دەپ ئويلاپ بولدى قىلدىم. ئەمما ئىچىمدىكى شۇ ئىستەك پەقەت يوقالمىدى، ھېچ بولمىسا يازغان ئەسەرلىرىڭنى رەتلەپ، يىغىپ قويساڭمۇ ھېساب دەيتتىم ئۆزەمگە. مېنىڭ بىر ھەۋەسكار دوستۇم بولىدىغان، يىغىپ ساقلاش ماھىرى دېسەممۇ بولىدۇ، يازغان شېئىر-نەسىرلىرىنى گېزىت-ژۇرنالدىن قىيىۋېلىپ، ئەلبۇمدەك چوڭ بىر خاتىرىسىگە ۋاقىت تەرتىپى بويىچە چاپلاپ قوياتتى. ئەمما مېنىڭ بۇنداق ئىشلار بىلەن پەقەت خوشۇم يوق ئىدى، شۇڭا ئىلگىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى يىغىپ قويۇشقىمۇ پەقەت كۆڭۈل بۆلمىدىم. ئېلان قىلىۋالساملا بولدى، خەق ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نېمە بولسا بولمامدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەمما كېيىن پوۋېست توپلىمى چىقىرىدىغان چاغدا شۇ كونا ئەسەرلىرىمنى تېپىپ بولالماي كۆپ ئاۋارە بولدۇم، بەزىلىرىنى بېيجىڭ كۇتۇبخانىسىغا بېرىپ ئارخىپتىن ئىزدەپ تېپىپ نۇسخىلىۋالدىم. ژۇرنالدىمۇ ئىسمىمنى چىقىرىپ بېقىپتىمەن، كىتابمۇ چىقىرىپ بېقىپتىمەن، كېيىنچە مەتبۇئاتتىن بارغانچە ئايرىلىپ تور ئەدەبىياتىغا كىرىشىپ قالدىم. بۇنىڭدىكى مەقسىتىممۇ مەتبۇئاتقا يارىغۇدەك ئەسەر يېزىش ئىدى، دەرۋەقە يازدىم، ئەمما ئېلان قىلدۇرالمىدىم، «سېرىق كۈنلەر»نى ئوقۇپ بىرسى خەنزۇنى يېزىپتۇ دېسە، «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»نى كۆرۈپ تالىپنى يېزىپتۇ دەۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن رايىم يېنىپ كەتتى، مەن مۇشۇ جۇڭگو جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان ئادەملەرنى يېزىۋاتىمەن، باشقا پىلانت، باشقا دۇنيانىڭ ئادەملىرىنى يازمىدىم .. خەنزۇنى يازسا نېمە بوپتۇ، يېزىشقا بولمايدىغان نەرى بار؟ ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان بىر توپقۇ؟ تالىپنى يازسام نېمە بوپتۇ، مەن يازسام ھۆكۈمەت ئوقۇتقان تالىپنى يازدىم.... مەتبۇئات بېشىدىكىلەرگە گەپ ئۇقتۇرۇپ بولالمىدىم. ئاخىرىدا يەنىلا شۇ تور دۇنياسىغا قايتتىم، ئەركىن نەپەس ئالدىم، يازىدىغان ئادەمگە ئازراق بولسىمۇ دېمىنى ئاچىدىغان ساپ ھاۋا، بىر بوشلۇق، ئىمكانىيەت بولمىسا بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن "زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز" نى يېزىشنى باشلىغاندىن تارتىپ تورداشلار سۈيلەپ تۇرسا ئەسەر يازىدىغان بىر ئادەتنى ئۆگىنىۋالدىم. ئەسلىدە ھورۇن بولغاچقا مۇشۇنداق بىر تۈرتكىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماختاشلارنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم، بۇمۇ ماڭا مەتبۇئات بېرەلمىگەن غەيرەت-شىجائەتنى ئاتا قىلدى. ئادەم دېگەن قەدىرلىنىش ئىستىكىدە ياشايدىغان مەخلۇقكەن، ھېچكىم سىزنى قەدىرلىمىسە، گېپىڭىزنى قىلمىسا بۇ ھاياتنى مەنىسىز ھېس قىلىپ قالىسىزكەن. ئەمما تولا ماختاش تەمە قىلىشمۇ ئادەمنى بىچارە قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا كونىلار ئۆزەڭنى بىل، ئۆزەڭنى دەڭسە، ئاددىيلىق، سەمىمىيلىكنى قولدىن بەرمە دەپ كېلىگلىك. ماختالغىنىمدا مېنى ماختىمىغانلارنى، سۈكۈتتە تۇرۇپ كۆزەتكەنلەرنى، يۈز ئايىماي تەنقىدلەۋەرگەنلەرنى بەكرەك ئويلاپ قالىمەن؛ بۇنىڭ پايدىسىنى ئوبدان بىلىمەن، سۈرلۈك تەنقىدلەر، ھەقلىق سۈكۈتلەر ماختالغاندىكى گالۋاڭلىقتىن قۇتۇلۇشۇمغا پايدىلىق. يىل ئۆرۈلۈپ بۇ يىلغا كەلگەندە ئىلقۇت تورىدىن ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئاددىي بولسىمۇ بىر بلوگىم قۇرۇلدى، ئىككى كۈن ئولتۇرۇپ ئەسەر يوللىدىم، ئىزدىنىشقا ئەزا بولغاندىن بۇيانقى كونا-يېڭى ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى توپلىدىم. بۇ جەرياندا ئىزدىنىش تورىنىڭ ئىزچىللىقىدىن سۆيۈندۈم، 2005-يىلدىكى يازمىلىرىممۇ ئەينەن ساقلىنىپتۇ، يازمىلىرىمدىكى سۈپەت ئېگىز-پەس بولسىمۇ، ئەمما تېپىۋالغىنىمدىن خۇش بولدۇم. بىر ۋاقىتلاردا شىنجاڭ لىنىيىسىگىمۇ نۇرغۇن ئەسەر يوللاپ، بەزىلىرىنى ساقلىۋالماپتىكەنمەن، كېيىن ئۇلار ۋەيران بولغاندا سىستېما بۇزۇلغاندا يوقالغان ھۆججەتتەك ھەممىسى يوقالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يازمىلىرىمنى ساقلىۋېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردىكى ئەسەرلىرىمنى يىغىپ ساقلاشنى ئېغىر كۆرسەممۇ، ئەمدى توردا تەييار بار نەرسىلىرىمنىمۇ ساقلاپ قويمىسام بولمىغۇدەك دەپ ئويلىدىم. شۇڭا www.erturk.cn دېگەن ئادرىسقا ئىلگىرى-ئاخىر تورغا يوللىغان ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى جەملەپ قويدۇم. بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى تورداشلار ئىلگىرى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، بەزىلىرىنى كۆرمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى