ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يۈرەك كېسىلى (ھېكايە)

يۈرەك كېسىلى (ھېكايە)

ۋاقتى: 2012-12-15 ئاۋاتلىقى: 831 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇ دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى سېلىپ كەتتى، قەغەزگە ئىشەنمەي دوختۇرنىڭ ئۆزىدىن سورىدى:

__ يۈرەك يوغىناش دېگەن نېمە؟

__ يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى،_ دېدى دوختۇر كېسەل تەگكەن قوينىڭ يېنىدا پىچىقىنى بىلەپ تۇرغان قاسساپتەك بىخارامان،- قان-تومۇر ياكى نەپەس راۋان بولمىسا، يۈرەككە بېسىم چۈشۈپ، يۈرەك يوغىناپ كېتىدىغان گەپ.

__ بۇنى ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟

__ كۆۋرۈك سېلىش كېرەك.

__ نېمە كۆۋرۈك؟ __ دېدى ئۇ ھەيران قېلىپ.

__ تىيەك سالىدىغان گەپ.

__ دېمەك، ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدۇ دەڭ،- دېدى ئۇ تىترەپ،- ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمامدۇ؟

__ قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق خەتەرلىك،- دېدى دوختۇر،- چۈنكى يۈرەك دېگەن زىل نەرسە، ئۇنىڭ نورمال سوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلماق تەس، مەسىلەن، بىر كۈندە نەچچە قېتىم قاقاخلاپ كۈلىسىز، بىر كىملەرگە غەزەبلىنىسىز، خوتۇنىڭىز بىلەن بىللە بولغاندا ھاياجانلنىسىز، شۇنداق ۋاقىتلاردا يۈرەك ھەرىكىتى نورمالسىزلىشىدۇ. ئەگەر مەن زادى كۈلمەسلىككە، ئاچچىقلانماسلىققا، ھاياجانماسلىققا كاپالەتلىك قىلالايمەن دېسىڭىز، ھازىرچە دورا يەپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ دادىسىغا تېلېفون ئۇردى.

__ يۈرەككە تىغ تەگكۈزمە، سەن تېخى ئاران 45 كە كىردىڭ،- دېدى دادىسى پېشقەدەم ھەكىملەردەك سۆزلەپ،- دوختۇرخانا پۇل تېپىشقىلا تۇرىدۇ، ھازىر 70مىڭ كوي دېگەن بىلەن ئەتە-ئۆگۈن نەچچە يۈز مىڭ كوي خەجلەيدىغان گەپ. ئۇغۇ مەيلى، ئەمما يۈرەك دېگەن نەرسىگە چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ، تىيەك سالغان بىلەن ئون يىلغا ئاران پايلايدۇ، ئون يىلغىچە كۈن ساناپ يۈرەمسەن؟

__ ھازىرچە دورا ئېلىپ تۇردۇم، لېكىن ئەنسىرەۋاتىمەن.

__ ئەنسىرەۋەرسەڭ، يۈرىكىڭنى يەنە يوغانتىپ قويىسەن، ئەنسىرىمە.

دادىسى 70 تىن ئاشقان بىلەن ئۇنىڭدىن ساغلام ئىدى، ماڭا مۇشۇ ئەمەل دېگەن نېمە زىيان قىلدى دەپ ئويلىدى ئۇ ئۆيىگە كېتىۋېتىپ، نېمە تولا زىياپەت، نېمە تولا ھاراق، نېمە تولا قىززىقچىلىق! بەدەن دېگەننى كوچىدىكى پاھىشىدەك شۇنداقمۇ خارلىغان بارمۇ؟ مۇئاۋىن شاڭجاڭ بولغان ئاغىنىلىرىدىن ئىككىسى دىئابىت، بىرى ئاشقازان راكى، يەنە بىرى جىگەر قېتىش چىقتى. شۇجىلار ھاراققا زورلىسا غىڭ قىلماي ئىچىدىغان گەپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشقا چىقمايدىغان بولسا، كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. بىر قېتىم ئۇ ئىشقا كېچىكىپ قالغاندا شۇجى سەت تىللىۋەتكەن، يەنە كېچىكىدىغان بولساڭ خوتۇنۇڭنى تاغلىق يېزىغا ھەيدەيمەن دەپ قورقۇتقان.

ئۇ ئۆيىگە ئاز قالغاندا شاڭجاڭلىقتىن ئۆسۈپ، ناھىيىلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىغا باشلىق بولغان ئاغىنىسى تېلېفون ئۇرۇپ قالدى:

__ جاڭگال ئارامگاھىغا كەل، بۈگۈن شۇجى يوق، ئازادە ئولتۇرىمىز. قىزلاردىن بىر نەچچىسىگە دەپ قويدۇق.

__ بارالمايمەن ئاغىنىلەر، ھازىر تېخى ۋىلايەتلىك دوختۇخانىدىن كەلدىم.

__ نېمە، دادا ڭ ئاغرىپ قالدىما؟

__ دادام ساق، ماڭا كېسەل تېگىپتۇ.

__ نېمە دەيدۇ ماۋۇ، ساپساق يۈرمەمتىڭ؟ نېمە كېسەلكەنسەن؟

__ يۈرىكىڭ يوغىناپ قاپتۇ دەيدۇ.

__ ئۇنداقتا چوڭ مەسىلە يوق، بىز بۇنى قاپ يۈرەكلىك كېسىلى دەيمىز، كېلىۋەرگىن.

__ چاقچاق قىلما ئاداش، بۇ ئوينىشىدىغان كېسەل ئەمەسكەن، ئوپېراتسىيە قىلىمىز دېگەنىدى، دورا يېزىپ بېرىڭلار دەپ ئۇنىماي يېنىپ كەلدىم.

__ شۇ تاپتا كۆڭلۈڭ يېرىم دېگىنە، مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىزلەر يېنىڭدا بولمىساق بولامدۇ؟ كېلىۋەرگىن، بىر دەم ئولتۇرۇپ كۆڭلۈڭنى ئاچ، سېنى ھاراققا زورلىمايمىز، ئېسىل ئولتۇرىمىز، بۈگۈنكى قىزلارنى سەن كۆرۈپ باقمىغان.

__ قويغىنە شۇ ھاراق-شاراپ، سەت قىزلىرىڭدىن، كېسىلىمنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدىن كېلىۋاتسا، يەنە بارامدىمەن؟ بارمايمەن بولدى...

__ قورقۇپ كېتىپسەن-دە؟ يۈرىكى يوغىنىغان ئادەم شۇنداقمۇ قورقامدۇ، ھوي، كەيپ-ساپادىن كېسەل بولىدىغان ئىش بولسا، بىزدەك كاتىۋاشلارنىڭ ھەممىسى كېسەل بولۇپ ئۆلمەمدۇ؟

__ سىلەر ئويناۋېرىڭلار، بېشىڭلارغا بىرەر ئىش كەلمىگىچە ئۇقمايسىلەر.

__ ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ بىر كەلگىنە، ئاندىن نېمە دېسەڭ مەيلى، ۋاقتى كەلگەندە يەنە بىزلەر ئەسقاتىمىز ساڭا...

__ بۈگۈن راست بارالمايمەن، بارساممۇ سورۇنىڭلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپ قويىمەن، ئەڭ ياخشىسى بارماي.

__ بوپتۇ ئەمىسە، ياخشى ئارام ئال.

ئۇ ئۆيىگە كىرىپ ھەممە نەرسىسىگە سەپسالدى، ھۇجرىسىغا كىرىپ خوتۇنى بىلەن چۈشكەن توي رەسىمىگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى. ئەينەككە قاراپ باقتى، ئارىدىن 40، 50 يىل ئۆتۈپ كەتكەندەك قايغۇردى، مەيدىسىنى تۇتۇپ ساپادا بىر دەم ئولتۇردى. يانچۇقىدىكى دورىسىنى ئېلىپ، ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ باقتى، چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئوقۇدى، ئۇ قولىدىن بۇ قولىغا ئېلىپ چۆرۈپ، شاراقشىتىپ باقتى. جېنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئارام تاپارمۇ، ھاياتى مۇشۇنىڭ بىلەن ساقلىنىپ قالارمۇ؟ ھېچنېمە دېگىلى بولمايدۇ. شۇ چاغدا خوتۇنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كەلدى، چىرايىدا ھارغىنلىق، ئەتىگەنكى پەردازلىرى سۇسلىشىپ كەتكەن، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ كۈندىن كۈنگە قېرىپ سەتلىشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمايۋاتقاندەك، شۇڭا ھەر كۈنى جىلە بولۇۋاتقاندەك خاپا كۆرۈنەتتى.

__ دوختۇر نېمە دەيدۇ؟- دېدى ئۇ سومكىسىنى تاشلاپ.

__ يۈرىكىم يوغىناپ قاپتۇمىش.

__ بۇ قانداق گەپ ئەمدى، ياپياش تۇرۇپ نېمىگە يوغىناپ قالىدىكەن؟

__ كېسەل دېگەن ياش-قېرىغا باقمايدۇ خوتۇن.

__ قانداق قىلىدىكەنمىز ئەمدى؟

__ ئوپېراتسىيە قىلىدىكەن، 70 مىڭ كوي پۇل كېتىدۇ دەيدۇ.

خوتۇنىنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ، چىرايى ئاقىرىپ كەتتى، پۇتىدا جان قالمىغاندەك ئاستا كېلىپ ساپادا ئولتۇرۇۋالدى:

__ شۇنچە ئېغىرمىكەن؟

__ ئېغىركەن،__ دېدى ئۇ خوتۇنىنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ئۇنى تېخىمۇ ئازابلاش ئۈچۈن سۆزلەۋاتقاندەك،-- دەسلەپتە 70 مىڭ كوي ئۆتكۈزىدىكەنمىز، يۈرەككە تىيەك سالىدىكەن، بارلىق چىقىملىرىنى قوشقاندا 200 مىڭ كويدىن ئاشىدۇ دەيدۇ.

__ سىزنىڭچە قانداق قىلىمىز، ئۆينىڭ قەرزىنى تېخى تۆلەپ بولالمىدۇق، بالىلار ئوقۇۋاتىدۇ...

__ ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا، ئون يىلدەك ئۆمۈر كۆرىدىكەنمەن،- دېدى ئۇ خوتۇنىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىمايۋاتقاندەك،- يۈرەكنى قاتتىق ئاسرىمىسام بولمايدىكەن، سەن مېنى خاپا قىلساڭ بولمايدىكەن، خوش قىلساڭمۇ بولمايدىكەن، كېچىسى بىللە بولساقمۇ بولمايدىكەن، يۈرەك بۇ بېسىمنى كۆتۈرەلمەيدىكەن...

خوتۇنىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ئورنىدىن قوپۇپ كەتتى:

__ ۋاي شۇنچە ئېغىرمىكەن بۇ كېسەل؟!

__ ئېغىركەن دېدىمغۇ، سېنى قورقىتىپ قانداق قىلاي.

خوتۇنى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئېرىگە جىق گەپلەرنى دەۋەتكۈسى بولسىمۇ ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى، ئۇمۇ خوتۇنىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلدى.

شۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا شۇجىدىن تېلېپون كەلدى:

__ نەدە سەن؟

__ ئۆيدە شۇجى، ئارام ئېلىۋاتقان.

__ دەرھال ئىشخانىغا كەل.

__ ماقۇل شۇجى، ھازىرلا بارىمەن.

ئۇ شۇجىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە يۈرىكى ئىختىيارسىز سېلىپ كەتتى، مەيدىسىنى تۇتۇپ بىر دەم تۇرۇپ قالدى.

__ نېمە بولدى، مىجەز يوقما؟

__ ياق شۇجى، تېز كېلىمەن دەپ يۈرىكىم بەك سوقۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ.

__ بىر دېھقان بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كېتىپتۇ، سەن بۇ ئىشنى ئۇقامسەن؟

__ ئۇقمايمەن شۇجى.

__ نېمىشقا ئۇقمايسەن؟ بۇنداق ئىشتا نېمىشقا سەگەك بولمايسەن؟

شۇجىنىڭ غەزەبلىك چىرايىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىكى پۇلاڭلاپ، مەيدىسىنى تۇتۇپ ئېگىلىپ تۇرۇپ قالدى.

__ بۇندىن كېيىن دىققەت قىل، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يىغىن ئاچىمىز، مۇئاۋىن شاڭجاڭلاردىن بىرسىنى بېيجىڭغا بېرىپ ئۇ ئەرزخورنى تۇتۇپ كېلىشكە ماڭدۇرىمىز، تۇتۇپ كېلەلىسە مۇكاپات، تۇتۇپ كېلەلمىسە قالغىنىنى شۇ ۋاقىتتا مۇزاكىرىلىشىمىز. ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ.

ئۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدىن چىقىپ، ماشىنىسىغا تەستە جايلىشىپ، مەيدىسىنى تۇتۇپ بىر دەم ئولتۇردى. شۇجىنىڭ ئۇنى چاقىرتىشىدا بىر گەپ بار، قالغان شاڭجاڭلارنىڭ ھەممىسى دادۈيدىن ئۆسۈپ چىققان قارا قورساقلار، خەنزۇچىنى تۈزۈك ئۇقمايدۇ… ئۆزى بېيجىڭغا بېرىپ قالسا، شۇنچە چوڭ شەھەردە ئۇ ئادەمنى نەدىن تاپىدۇ؟ بارلىق چىقىمنى يېزىلىق ھۆكۈمەت كۆتۈرگەن بىلەن، قانچىلىك كۆتۈرەلەيدۇ؟ بىر ھەپتىدىلا نەچچە مىڭ سوم تۈگەيدىغان گەپ، بىر-ئىككى ھەپتىدە ئۇ ئادەمنى تاپالىشى ناتايىن، تاپقان تەقدىردىمۇ ئۇنى قانداق مەجبۇرلاپ ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ جەرياندا ھېرىپ-چارچىماي، غەزەبلەنمەي تۇرالامدۇ؟ كېسىلى تۇتۇپ ئالىمادىس ئۆلۈپ قالسا، ئۆلۈكى شۇ يەردە قالامدۇ؟ …

ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن جىددىي سىناققا دۇچ كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، ماشىنىسىنى نەگە ھەيدەشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى، ئۆيگە بارسا خوتۇنىنىڭ ئۈمىدسىز كۆزلىرى، بىر كېسەل بىلەنلا خاراپلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈۋاتقان ئۆيلىرى، ھېچنېمىنى ئۇقمايدىغان بالىلىرى…

بىر كېسەل بىلەن ھەممە نەرسىنىڭ رەڭگى خۇنۇكلىشىشكە باشلىدى، ئۇ يەنە ئويلاۋەرسە يۈرىكىنىڭ مۇجۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇپ، كوچىغا قايدۇردى. ئۇ مۇشۇ پەيتتە بىردىنبىر باشقۇرالايدىغان، ھۇزۇرلىنالايدىغان نەرسە ماشىنا ئىدى، رولنى يەنە بىرلا چۆرىسە جاڭگال ئارامگاھىغا بېرىپ، باشقا نەرسىلەردىنمۇ ھۇزۇرلىنالايتتى. ئەمما ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىدى، ئۆيىگە ئاز قالغاندا يەنە بىر ئاغىنىسىدىن تېلېپون كەلدى:

__ ئاڭلىسام، بىر كېلىشمەسلىك كەپتۇ، ئىشەنمەيلا قالدىم.

__ ھە، شۇنداق بولدى، ئۆزەڭ قانداق تۇرۇۋاتىسەن؟

__ ياخشى ئاداش، ھازىرچە ياخشى، كېيىن نېمە بولىمىز، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.

__ ياخشى ياشاڭلار، كېسەللىك مەن بىلەنلا كەتسۇن.

__ ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ، سەن بىزنى سورۇندىلا ئاغىنە دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟

__ ياق، ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس، مەن ئەزەلدىن بىر كىمنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ كېتىشىنى خالىمايمەن.

__ بۇنى بىلىمەن، لېكىن ئۆزەم بىلەنلا بولۇپ كېتىمەن دەپ ئويلىما. قارىسام سەن سورۇندا يوق، سورىسام شۇنداق دەيدۇ، بەزىلىرى سەندىن خاپا، يۈرەك يوغىناپ كەتسىمۇ قورقۇپ يۈرەمدىكەن، ئەمدى بىز بىلەن ئارىلاشمامدىكەن دەيدۇ.

__ نېمىشقا قورققىدەكمەن؟ ئۇ چاغدا كېسىلىمنى بەك ئويلاپ كېتىپ، ھېچنېمە خوش ياقمىغان.

__ ئەمىسە ھازىر كەل، سورۇنمۇ ئەمدى باشلاندى.

ئۇ ماشىنىسىنى ئارامگاھ تەرەپكە ھەيدىدى. سورۇنغا كەلگەندە ھەممىسى ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ تەسىرلىنىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى بېسىۋالدى، سالام بەرگەن بولۇپ قولىنى مەيدىسىگە قويدى. ھاياتلىق بۇ يەردە ئىدى، ھاراقتىن قىزارغان يۈزلەر، پارقىرىغان كۆزلەر، ئۇزۇنچاق جوزىغا تىزىلغان دەستە-دەستە نازۇ نېمەتلەر، يەڭگىل مۇزىكىلار، شەھلا كۆزلۈك قىزلار… بۇنداق سورۇندا لەۋ تامشىتىپ، باشقىلارنىڭ يېگەن-ئىچكىنىگە قاراپ ئولتۇرۇشمۇ ئازابلىق.

ھاراق ئايلىنىپ ئۇنىڭغا كەلگەندە ئۇ ئىككىلىنىپ قالدى.

__ بىر-ئىككى رومكا ئىچسە زىيان قىلماس دەيمەن،_ دېدى ساقى كۈلۈمسىرەپ،- چۈنكى بۇ يۈرەكنى قىززىتىدۇ، ئىسپىرت دېگەن مىكروپنى ئۆلتۈرىدۇ.

بىرلىرى گەپكە قېتىلدى:

__ ئىچمىسە زورلىمايلى، كېسەل ئادەم ئاشۇنداق ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ. بۇنى توغرا چۈشەنمىسەك بولمايدۇ.

__ يۈرىكى يوغىناش ئەسلىدە ياخشى ئىش، لېكىن بۇنىڭ كېسەل دەپ ئاتىلىپ قالغىنى قىززىق-ھە!

__ بىزدەك توخۇ يۈرەكلەر يۈرىكىمىزنى يوغىنىتىمىز دەپمۇ يوغىنىتىپ بولالمايمىز.

__ كېسەلگە چاقچاق قىلمايلى ئاغىنىلەر،- دېدى ساقى،- قېنى شاڭجاڭ، ئۆزىڭىز بىر نېمە دەڭ.

__ ئىچسەم ئىچەي، ئەمما مۇشۇ بىر رومكا ئىچىپلا توختاپ قالاي.

__ قالغان ھۇزۇرنى قىزلاردىن ئالاي، دېسىلە شاڭجاڭ،-- دېدى بالدۇرلا ئىچىپ قىزىۋالغان بىرى،- سىلىدەك شاڭجاڭنىڭ يۈرىكى راستىنلا يوغىناپ قالغان بولسا، مۇشۇنىڭدىن باشقىغا ئىشلىمەيدۇ، ۋەيت…

ئۇنىڭ ھاراق تۇتقان قوللىرى تىترەپ كەتتى، كېسەللىكى بىلىنگەن ھامان بەزىلەر ئۇنىڭ ئىستىقبالىنىمۇ تۈگەشتى دەپ ئويلاپ، زىتىغا تەگمەكتە ئىدى.

ئۇ كېيىنكى رومكىلارنى قولىغا ئالماي دېگەندى، ئەمما ھېلىقى گەپ زەردىسىنى قايناتقاچقا، كېيىنكى ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىۋەردى، ئەمما توساتتىن سەگەكلىشىپ، بىر كىملەر مېنى بىر ئېغىز سېسىق گەپ بىلەن غەزەبلەندۈرۈپ، يۈرەك كېسىلى قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى… دەپ ئويلاپ ھاراق ئىچىشنى رەت قىلدى، ئاندىن قىزلارنى تارتىپ تانسا ئوينىدى، ھاياجانلىنىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، بىر-ئىككى قۇچاق تانسا ئويناپلا بولدى قىلدى.

ئۇ ئۆيىنى تېپىپ كەلگەندە خوتۇنى تېخى ئۇخلىمىغانىدى.

__ يەنە ئىچىپسىزغۇ، شۇجى ھاراققا زورلىدىما؟

__ شۇجى زورلىمىسىمۇ، ئىچەلمەمدىكەنمەن مەن؟ - دېدى ئۇ ساپاغا ئۆزىنى تاشلاپ،__ سەن نېمىگە ئۇخلىمىدىڭ، مېنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلاپ ئۇيقۇڭ كەلمىدىغۇ دەيمەن. دېگىنە، بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ سەن قانداق قىلىسەن؟ نېمە گېپىڭ بولسا ئوچۇق-دە!

__ ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاڭ، ساق ۋاقتىڭىزدا دېيىشلى بۇ گەپلەرنى.

__ ياق، ھازىر دېيىشىلى. سەن دېمىسەڭ، مەن دەيمەن.

__ نېمىنى دەيمىز؟!

__ نېمە گەپ بولسا شۇنى دەيمىز، باياتىن بېرى شۇنى ئويلاپ كەلدىم. مەن بۇ كېسىلىم بىلەن ئەرلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلالمايمەن. سېنى قىيناپ قويىمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە ئاجرىشىپ كېتىلى. مەن ھازىر كېسىلىم بىلەن جان تالىشىۋاتقان ئادەم، شۇڭا سەندىن ھېچنېمە تالاشمايمەن، بالىلىرىمنى ياخشى باق…

خوتۇنى ئۇنىڭغا مىقتەك تىكىلىپ:

__ توختاپ تۇرۇڭ، گەپنى بۇنداق ئاسان ئۈزگىلى بولمايدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىلار، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغىچە، ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمىگىچە بولدى قىلمايمىز. ئاجرىشىمەن دېمەك ئاسان، ھۆددىسىدىن چىقماق تەس. بۇنچە ئالدىراپ كەتكىنىڭىزگە قارىغاندا، بىرسى بىلەن ئاللىبۇرۇن پۈتۈشۈپ قويغان ئوخشىمامسىز، ئاندىن، باھانىدىن بىرنى ئويدۇرۇپ، مېنى چىرايلىق يولغا سالماقچىما؟- دېدى.

__ ما ساراڭ نېمە دەيدۇ ئەمدى؟ ئىشەنمىسەڭ كۆرە ما قەغەزنى، كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئوبدان قارا!

خوتۇنى دىئاگنوز قەغىزىگە قاراپ، جىجىلاپ يېزىلغان خەنزۇچە خەتلەردىن ھېچنېمىسىنى ئۇقالمىدى-دە، ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى:

__ بۇنداق يالغان ئىسپات دېگەننى پۇل بەرسە قىلىۋېرىدۇ. ھازىر ھەممە نەرسە جالىشىپ كەتتى. شۇڭا بۇ گەپلىرىڭىزگىمۇ ئىشەنمەيمەن.

__ جىڭ ساراڭ بوپسەن، ئىشەنمىسەڭ مەيلى، ئەمما بۇندىن كېيىن مەندىن رەنجىپ قالما.

خوتۇنى ئۇنىڭ تېرىكىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۆز گۇمانىنىڭ راستلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنگەندەك بولدى.

ئۇ ئۆزىگە ئايرىم ئورۇن سېلىپ ئىچىنى تىڭشاپ ياتتى، ئاشۇنداق بىر نەچچە كۈن ئايرىم يېتىپ، كېسىلىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. خوتۇنىمۇ كۈندۈزى ئىشلەپ ھېرىپ كەلگەچكە، ئاخشىمى ياستۇققا بېشىنى قويسىلا ئۇخلاپ قالاتتى، ئۇ ئىشقا ئەمدى قىزىقمايدىغاندەك، ئەر-خوتۇن مۇشۇنداق ئۆتۈۋەرسىمۇ بولىدىغاندەك، بىپەرۋا، خىيالىي يۈرەتتى.

شۇجى يىغىن ئېچىپ ئۇنى بېيجىڭغا ماڭدۇردى، ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا ئۇزىتىش چېيى بەردى. ئۇنى تۈگەشتى دەپ ئويلىغانلارمۇ ئۇ گويا ئەمدى مەركەزگە بېرىپ تۆھپە يارىتىپ، ئەمەل-مەنسىپىنى ئۆستۈرۈپ كېلىدىغاندەك، شاڭجاڭ دارىن، يولدا ئۆزەڭلىنى كۆپ ئاسراڭلار دەپ باشقىچە مۇئامىلە قىلىشتى. بىراق ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ ئۇ ئەرزخورنى ھېچنەدىن تاپالماي، ئىككى ھەپتىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپ پۇلىنى خەجلىۋېتىپ، شۇجىدىنمۇ كۆپ ئىزا-ئاھانەت ئىشتتى، ئاخىردا شۇجى ئۇنىڭ "يۈرەك كېسىلىمنى بۇ يەردە قايتا تەكشۈرتۈۋالاي" دېگىنىمۇ ئۇنىماي، دەرھال يېنىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. قايتىپ كەلگەندە شۇجى يىغىندا بىر ھازا خاپا بولۇپ سۆزلىدى، بۇ ئىشنىڭ تەسىرى يامان بولدى، ناھىيىدىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ، مەسئۇلىيەت ئېغىر، بىز ئىشىنىپ ئەۋەتكەن كادىرمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى، ناھىيە ئالدىدا يۈزىمىز تۆكۈلدى… دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇ قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان تاغلىق كەنتكە بىر يىللىق چېنىقىشقا چۈشۈرۈلدى.

خوتۇنى ئۇنىڭ ھەپتە-ھەپتىلەپ ئىچىگە تىنىپ يېتىشلىرىغا، يېنىدىن بىر قۇتا دورىنى ئايرىماي، ئۇ دورىنى ئالدىرىماي چايناپ يۇتۇشلىرىغا، ھېچكىمگە ئاچچىقلىماي، كۈلمەي بىر خىل تۇرۇشلىرىغا قاراپ ئۇنىڭ كېسىلىگە ئاخىر ئىشەندى-دە، ئاجرىشىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇنىڭ تاغلىق يېزىغا ھەيدەلگەنلىكىنى بىلگەن كۈنى سوتقا بېرىپ ئاجراشتى. ئۇ 20 يىل تۇتقان ئۆيىدىن، خوتۇن-بالىلىرىدىن ئايرىلىپ، كۈدە-كۆرپىسىنى ماشىنىسىغا بېسىپ، تاغلىق كەنتكە قاراپ يول ئالدى. ھېچكىم ئۇنىڭغا ئۇزىتىش چېيى بەرمىدى، ئۇمۇ تېلپونىنى ئېتىۋېتىپ، ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمىدى. سايلىققا چىققاندا دادىسىغا بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ خوشلىشىۋالغۇسى كېلىپ تېلېپونىنى ئاچتى:

__ دادا، مەن ماڭدىم، بىر ئايغىچە كۆرۈشەلمەيمىز.

__ ئاق يول بولسۇن بالام، ئۆزەڭنى كۆپ ئاسرا.

__ دادا، ماڭا كۆپ دۇئا قىلىپ تۇرارسەن.

__ بالام، ساڭا كۈندە دۇئا قىلىۋاتىمەن. قىرغىزلارنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ نامىزىڭنى باشلىۋال. بەلكىم ئاللاھ تائالا كېسىلىڭگە شىپالىق بېرىپ قالار.

گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە سىگنال ئۈزۈلدى، ئۇ تېلېپونىنى ئېتىپ ماشىنىسىنى ئاستا ھەيدەپ ماڭدى، ئەتراپ بىپايان سايلىق، ئاندا-ساندا ياۋا تۆگىلەر ئۇچراپ قالاتتى، ئىلگىرى ئۇ تاغلىق كەنتكە خىزمەت بىلەن بىر نەچچە قېتىم بارغان بولسىمۇ ياۋا تۆگە كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ بىر سائەتچە مېڭىپ تاغقا يېقىنلاشقاندا يۈرىكى غەلىتە سوقۇشقا باشلىدى، پۈتۈن بەدىنى جاقىلداپ تىترەپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ماشىنىسىنى دەرھال توختىتىپ، يەرگە يۈكۈندى، ئىككى پۈكلىنىپ مەيدىسىنى بېسىپ بىر دەپ تۇرۇۋالدى، يانچۇقىدىن دورىسىنى چىقىرىپ كاپ ئەتتى، ئەمما ئاغرىق ۋە سىلكىنىش بۇرۇنقىدىن شىددەتلىك ئىدى، دورا ئاغزىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. ئاللاھ ماڭا بۇ جازانى كۆرسىتىۋاتىدۇ، مۇشۇ كېسەلدىن ئۆتۈپ كەتسەملا ھاراقنى تاشلايمەن، نامازنى باشلايمەن دەپ ئويلىدى. دورىنى قايتىدىن يۇتتى، ئوڭدا يېتىپ ئاسمانغا قارىدى، ئاسمانمۇ ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنى ئاسماننىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدا ھەر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆز رەڭگىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى