ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (2)

روزىدارلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم پەتىۋالار (2)

ۋاقتى: 2010-08-17 ئاۋاتلىقى: 1193 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

12. رامىزان ئايىنىڭ ئۈچتىن بىر ۋاقتىنى بىر جايدا، قالغان ۋاقتىنى باشقا جايدا ئۆتكۈمەكچى بولسا ھەم ئۇ يەردە ھېيت قىلسا فىتىر سەدىقىسىنى بۇ ئىككى جاينىڭ قايسىسىدا بېرىش كېرەك؟


 


جاۋاب: بايرامنىڭ ھارپا كېچىسى يېتىپ بارغان جايدا فىتىر سەدىقىسىنى بېرىشى كېرەك.  بۇ سەدىقە روزا تۇتقانلىق يۈزىسىدىن ئەمەس، ئىنسانىي تەبىئەت (ئىنسانىي مېھرىبانلىق) يۈزىسىدىن بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇ سەدىقە ”فىتىر سەدىقىسى“ دەپ ئاتىلىدۇ (ئەرەبچە”فىترەت“ دېگەن سۆز ئىنساننىڭ يارىتىلىش خۇسۇسىيىتى، ئادىمىيلىك دېگەن مەنىدە كېلىدۇ). شۇ سەۋەبتىن، بىر ئادەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشتىن ئاۋۋال ۋاپات بولسا ئۇنىڭغا فىتىر سەدىقىسى كەلمەيدۇ. رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن بىر بالا تۇغۇلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئىجمائ بىلەن سابىتتۇر.  بۇ سەدىقە ھېيت ۋە ھېيت خۇشاللىقىنى زىيادە قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. سەدىقە ئارقىلىق  پېقىر-مىسكىنلەرگە شادلىق ئاتا قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھېيت خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېرەك. بۇ ھەقتە ” بۇ كۈندە ئۇلارنى باي قىلىڭ“ دېگەن ھەدىسمۇ بار. 


 


13. بەزى ئاياللار  تەراۋىھ نامىزىنى داۋاملىق مەسچىتتە ئوقۇيدۇ. بىر قىسىم ئاياللار ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆيىدىن چىقىپ نامازغا بارىدۇ. مەسچىتلەردە ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.  بۇ ئاياللارنىڭ نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تەراۋىھ نامىزى ئۇلارغا ۋاجىپمۇ؟


 


جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەتتۇر. ئۇنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا چوڭ ئەجىر-ساۋابى ۋە ئۆزىگە خاس ئورنى بار.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ” كىمكى ئىمان ئېيتىپ ۋە ئەجرىنى ئاللاھتىن تىلەپ روزا تۇتسا ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئىمان ئېيتىپ، ئەجرىنى ئاللاھتىن تىلەپ خۇشۇ-ھۇزۇر ئىچىدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇسا، بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇسا رامىزان كېچىلىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن، ئىبادەتلىرىنى جايىدا قىلغان بولىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم).


بۇ بارلىق ئەر، ئايالغا ئورتاق ھۆكۈم. ئەمما ئاياللار  ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش، ئىلمىي سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش ياكى قۇرئان كەرىم ئاڭلاش ئۈچۈن مەسچىتكە بارماي پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈنلا مەسچىتكە بارسا بۇنىڭدىن كۆرە ئۆيىدە ناماز ئوقۇغىنى ياخشى.  ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئىشلار ئۈچۈن مەسچىتكە بارسا بۇ تېخىمۇ ئەۋزەل. يەنە كېلىپ، ھازىرقى ئەرلەر خوتۇنلىرىغا كېرەكلىك دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتەلمەيۋاتىدۇ، ئۆگىتەي دېسىمۇ ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئىلمى، ۋەز-نەسىھەت قىلغۇدەك ئىقتىدارى بولمىغاچقا، پەقەت مەسچىتلەرلا ئاياللارغا ئىلىم بېرەلەيدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ دىندىن ساۋادلىق بولۇشىغا پۇرسەت بېرىش، ئاللاھنىڭ ئۆيى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يولنى راۋان قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇسا ئۇنىڭغا كېرەكلىك چىدام-غەيرەت، ئوپچە ئىلھام- مەدەت، قىزغىنلىقنى تاپالمايدۇ.


شۇغىنىسى، ئاياللار مەسچىتكە بارماقچى بولسىمۇ ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى ئەر ئۆينىڭ ئىگىسى بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە. ئەگەر ئەر  پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلىمىغانلا بولسا ئايالى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك.


ئەگەر ئايال كىشى مەسچىتكە بارماقچى بولسا،   ئېرىنىڭ ھېچ سەۋەبنىڭ تايىنى يوقلا ئۇنى مەسچىتتىن توسۇش ھەققى يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى مەسچىتكە بېرىشتىن توسماڭلار“ (مۇسلىم).


شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن: ئەر ئاغرىپ قېلىپ، ئايالىغا مۇھتاج بولسا؛   ئۆيدە كىچىك بالىلار بولۇپ، ئۇلارنى تاشلاپ قويۇشقا بولمىسا؛ مانا بۇنىڭدەك سەۋەبلەر، زۆرۈرىيەتلەر بولسا ئايال كىشى مەسچىتكە بارمىسىمۇ بولىدۇ.


ئاياللارنىڭ مەسچىتكە بىللە ئېلىپ بارغان بالىلىرى چۇقان-سۈرەن سېلىپ، تولا يىغلاپ نامازخانلارنىڭ دىققىتىنى بۇزغۇدەك بولسا ئۇلارنى مەسچىتكە ئاپارماسلىق كېرەك. بالىلارنى ئادەتتە پەرز نامازلارنى ئوقۇغاندا بىللە ئېلىپ بارسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ نامازلارنىڭ ۋاقتى قىسقا.  ئەممە تەراۋىھ نامىزى ئۇزۇن ئوقۇلىدىغان ناماز بولغاچقا بالىلار  ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا تاقەت قىلالمايدۇ، بۇ ئەھۋالدا  ئاياللار بالىلىرىنى ئۆيىدە باققاچ، ئۆيىدە ناماز ئوقۇسا ياخشى.


ئاياللارنىڭ مەسچىتتە پاراڭ سېلىشلىرىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىشىمۇ ئەرلەرنىڭ پاراڭلىشىشىغا ئوخشاش ئىش. ئەمما ئاياللارنىڭ ھېچ گەپنىڭ تاينى يوقلا ئۈنلۈك پاراڭ سېلىشى، بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھەققىدە گەپ سېتىشى جائىز ئەمەس.  مەسچىتلەر بىھۇدە پاراڭ قىلىشىدىغان يەر ئەمەس، بەلكى ئىبادەت ۋە ئىلىم ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئورۇن.


دىننىڭ ھۆكمى بويىچە ياشاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇسۇلمان ئاياللار  ئاللاھنىڭ ئۆيىدە جىم ئولتۇرۇشى،  نامازخانلارنىڭ، ئەھلى ئىلىم موللىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭ سالماسلىقى كېرەك. ئەگەر زادى گەپ قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋالدا  بوش ئاۋازدا سۆزلىسۇن. پاراڭلىرىدا، كىيىنىشىدە، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ئىمكانقەدەر سالماق ھەم لاتاپەتلىك بولسۇن.


بۇ يەردە ئىنساپ بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلماقچىمەن:  بەزى ئەرلەر خوتۇنىغا بەك قاتتىق قوللۇق قىلىدۇ، ئەر-ئايالنىڭ مەسچىتى ئايرىم ياكى بىر مەسچىتتە ئەر-ئايالنىڭ ئارىسى پەردە-توسۇقلار بىلەن ئايرىۋېتىلگەن ئەھۋالدىمۇ ئۇلار ئاياللىرىنىڭ مەسچىتكە بېرىشىغا قوشۇلمايدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بۇنداق پەردە-توسۇقلار يوق ئىدى. ھازىر  بۇ توسۇقلار تۈپەيلىدىن ئايال جامائەت ئىمامنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرەلمەيدۇ، پەقەت ئاۋاز ئارقىلىقلا بىلەلەيدۇ. بەزى ئەرلەر مەسچىتتە پاراڭ سالسا گەپ يوق، ئاياللار دىن توغرۇلۇق پىچىرلاشسىمۇ ئۇلارغا  يول قويۇشمايدۇ. بۇ  مۇتەئەسسىپلىك، ئىنساپسىزلىق، ھەدىستىمۇ ئەيبلەنگەن ئىچى تارلىقتۇر.  ئىچى تارلىق، كۆرەلمەسلىك ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى غەزەبلىنىدىغان يامان قىلىقتۇر. 


زامانىۋى ھايات ئاياللارغا كەڭ ئىشىك ئاچتى،  ئۇلارنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ مەكتەپلەرگە، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا، بازارلارغا ئېلىپ باردى. ئەمما ئۇلار ئەڭ ياخشى ئورۇن، ئەڭ ئېسىل ئۆي بولغان مەسچىتلەرگە بېرىشتىن مەھرۇم قالدى. بۈگۈن بىمالال ھالدا شۇنداق دەيمەنكى: ئۇلارمۇ مەسچىتلەرگە بېرىپ جاھاندىكى ياخشى ئىشلارنى كۆرسۇن، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىسۇن، دىندىن بىلىم ئالسۇن، ئۇلارغا ئىجازەت بېرىڭلار. ئۇلار ياخشى ئورىنىپ ھېچكىمدە ۋەسۋەسە پەيدا قىلماي، گۇناھقا يېقىن يولىماي مەسچىتكە بېرىپ كەلسە، بېرىپ كەلگەچ كوچا-كويلارنى كېزىپ ئەتراپنى كۆرۈپ زوقلىنىپ كەلسە يامان بولماس.


 


14. روزىدارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە ئىسلام قانداق قارايدۇ؟


جاۋاب: تېلىۋىزور ياخشىلىق ھەم يامانلىق ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان بىر ۋاسىتىدۇر.  ھەر قانداق قورال-ۋاسىتىنىڭ نىيەتلەرگە كۆرە مەقسەتلىرى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە تېلىۋىزور بىلەن رادىئو ئوخشاش نەرسە. ئۇلار تارقىتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىمۇ، يامىنىمۇ بار. مۇسۇلمانلار  ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، يامان تەرىپىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. روزا تۇتقان كىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى لازىم، ئېھتىيات قىلغاندا ئاندىن روزىنى ساق-سالامەت تۇتقىلى، ئەجىر-ساۋابنى تولۇق ئالغىلى، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.


تېلىۋىزور كۆرۈشنى كەسكىن ھارام ياكى ھالال دېيەلمەيمەن. ئۇنىڭ ھالال-ھارام بولۇشى سىز كۆرۈۋاتقان شۇ نەرسىلەرگە بېقىپ بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈۋاتقىنىڭىز ياخشى پروگرامما بولسا ئۇنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.  ئەگەر كۆرۈۋاتقىنىڭىز يالىڭاچ ئاياللارنىڭ ئۇسسۇلى دېگەندەك ناچار نەرسىلەر بولسا ئۇنى كۆرۈش ھارام. رامىزان ئايىدا بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن يىراق تۇرۇش لازىم. بەزى نەرسىلەرنى كۆرۈش ھارام بولمىسىمۇ مەكرۇھتۇر. ئاللاھنى زىكرى قىلىشتىن توسىدىغان ھەر قانداق پروگرامما، بەلكى ھەر قانداق نەرسە ھارامدۇر.


تېلىۋىزور كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاشقا ئوخشاش ئىشلار ئاللاھ بۇيرۇغان ناماز ئىبادەتكە دەخلى قىلسا، يەنى كىشىنى بىخۇد، ھورۇن، لەقۋا قىلىپ، ئىبادەتكە سەل قارايدىغان، ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلمايدىغان قىلىپ قويسا ئۇ ھالدا داۋاملىق  تېلىۋىزور كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاش ۋە باشقا ھەر قانداق ئىشقا بېرىلىپ كېتىش ھارامدۇر.  قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر  نامازدىن قويىدىغانلىكى ئىش بولسا ئۇنى قىلىش چەكلىنىدۇ. بارچە نۇقسانلاردىن پاك ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ” شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى( ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟ (سۈرە«مائىدە»، 91-ئايەت).


پروگراممىچىلار  رامىزان ئېيىدا پروگرامما ئىشلىگەندە ئاللاھتىن قورقسۇن، ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان، دىنغا، ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلارنى كۆپرەك ئىشلىسۇن. شۇنداق قىلسا ئۆزىنى ۋە تېلىۋىزور كۆرگۈچىلەرنى گۇناھقا شېرىك قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولىدۇ ھەم ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا جاۋابكار بولىدۇ،  ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغان جاۋابكارلىقى نېمىدېگەن يامان! “ (سۈرە«نەھل»، 25-ئايەت).


 


16. تەراۋىھ نامىزىنى تېز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟


جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”كىمكى  ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆتكەن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم).  ئاللاھ تائالا مۇبارەك رامىزاننى  كۈندۈزى روزا تۇتۇش،   كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ (تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ) ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئارقىلىق) بەندىلىرىگە يەتكۈزۈپ،  بۇ ناماز ئارقىلىق  بەندىنىڭ گۇناھى ۋە خاتالىقلىرىنى كەچۈرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.  گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان، كىشىنى مەنىۋى كىردىن  تازىلايدىغان تەراۋىھ نامىزىنى ئۆز شەرتى، رۇكنى، ئەدەب-قائىدىلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. مەلۇم بولغىنىدەك، نامازنى سۈكۈت، ھۇزۇر ئىلكىدە ئوقۇش، سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىش نامازنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى جايىدا ئوقۇمىغانلارنى ئەيبلەپ: ” بېرىپ قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ“ دېگەن. ئاندىن مەقبۇل بولىدىغان نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويغان: ” ئاۋۋال شۇنداق بىر رۇكۇ قىلغىنكى،  تولۇق رۇكۇ قىلغىنىڭغا ئىشەنچىڭ بولسۇن. رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن  قەددىڭنى رۇسلاپ بىر دەم تۇرۇۋال.  شۇنداق سەجدە قىلغىنكى، تولۇق سەجدە قىلغىنىڭغا ئىشەنچىڭ بولسۇن، سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرغىنىڭدا سۈكۈت، ئىشەنچ ۋە سالماقلىق بىلەن بىر دەم تۇرۇۋال“ (بۇخارى، مۇسلىم). نامازنىڭ بارلىق شەرتلىرى ئىچىدە نامازدا سالماق بولۇش ناھايىتى مۇھىم،  بۇ  سالماقلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالىملار ئىختىلاپلىشىپ قالغان. بەزىلىرى ( رۇكۇ، سەجدەئارىلىقىدا) ”سۇبھانەئاللاھ“ دېگۈچىلىك بىر ئان توختىۋېلىش كېرەك دېسە، بەزىلىرى، مەسىلەن ئىبنى تەيمىيە قاتارلىقلار ئۈچ تەسبىھ ئېيتقۇچىلىك ۋاقىت تۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. بەزى ھەدىسلەردىمۇ  تەسبىھنىڭ ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەڭ ئاز مىقداردۇر.  شۇنداق بولغانىكەن، رۇكۇ، سەجدە ئارىلىقىدا ئۈچ تەسبىھ ئېيتقۇچىلىك ۋاقىت توختاش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:” مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى، (شۇنداق مۇئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر“ (سۈرە«مۇئمىنۇن»، 1-2-ئايەت).


خۇشۇ (ئەيمىنىش، قورقۇش ئىچىدىكى ھاياجان)  جىسمانىي خۇشۇ، مەنىۋى خۇشۇ  دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. 1) جىسمانىي خۇشۇ  بەدەننىڭ راھەت، ئازادىلىك ئىچىدە  بولۇشى دېمەكتۇر ؛  نامازدا بىھۇدە ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق، مايمۇندەك ئوڭ-سول تەرەپكە قارىماسلىق، رۇكۇ ۋە سەجدىنى توخۇ دان چوقۇغاندەك تېز-تېز قىلماسلىق، باشتىن ئاخىر سالماق بولۇش كېرەك. يەنى  نامازنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان شەكىلدە ئۇنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا كامىل ئادا قىلىش كېرەك؛ 2) مەنىۋى خۇشۇ  ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى قەلبىدە چوڭقۇر ھېس قىلىشى دېمەكتۇر. ئوقۇلۇۋاتقان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلاش، ئاخىرەتنى ئويلاش، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاش ئارقىلىق مەنىۋى خۇشۇغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ” نامازنى بەندەم بىلەن ئۆزەم ئارىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم.  بەندە:’ جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارھى ئاللاھقا خاستۇر‘دېگەندە، ئاللاھ تائالا: ’بەندەم مېنى مەدھىيىلىدى‘دەيدۇ. بەندە: ’ئۇ ناھايىتى شەپقەتلكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر‘ دېگەندە ئاللاھ تائالا: ’بەندەم مېنى ماختىدى‘ دەيدۇ. بەندە: ’ئۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر‘ دېگەندە، ئاللاھ تائالا: ’بەندەم مېنىڭ ئۇلۇغ، شەرەپلىك ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى‘ دەيدۇ. بەندە: ’رەببىمىز، ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز‘ دېگەندە، ئاللاھ تائالا:’ بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر‘ دەيدۇ. بەندە:’ بىزنى غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن‘ دېگەندە ئاللاھ تائالا:’ بۇ بەندەم ئۈچۈندۇر، بەندەم ئۆزى خالىغىنىغا ئېرىشسۇن (يەنى ئۇنىڭغا ئۇ ئارزۇ قىلغان نەرسە بېرىلىدۇ)‘ دەيدۇ. (مۇسلىم).


بارچە نۇقسانلاردىن پاك  ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىدىن ھەرگىز يىراق ئەمەس، بەندىلىرىنىڭ دۇئا-ئىلتىجالىرىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بەندە ھەر ۋاق نامىزىدا، ھەر بىر رۇكۇ ۋە سەجىدىسىدە  ئاللاھ تائالا بىلەن مۇلاقەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، نامازدىكى ھەر بىر ھەرىكىتىمنى ئاللاھ تائالا كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلىشى لازىم.  بۇرۇنراق تۈگىتىمەن، بۇرۇنراق بىكار بولىمەن دەپ خۇددى يەلكىسىدىكى يۈكنى تاشلاشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىراپ قىلىنغان ناماز كۆڭۈلدىكىدەك ناماز ئەمەس، ھەقىقىي ناماز ئەمەس، بۈيۈك ئېھتىمالدا بەلكىم مەقبۇل بولمايدىغان نامازدۇر. رامىزان ئايىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار خۇپتەن نامىزى بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى بىللە ئوقۇيدۇ، بەلگىلىك بىر ۋاقىت ئىچىدە 33 رەكئەت نامازنى تېز تاماملاپ تۈگىتىدۇ. بۇ نامازدا رۇكۇ، سەجدە، خۇشۇ-ھۇزۇر دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.  بۇ ئەھۋال تۆۋەندىكى ھەدىسكە چۈشىدۇ:   (ناماز) سىياھتەك قارا زۇلمەت ئاسمانغا ئۆرلەۋېتىپ ناماز ئىگىسىگە:” سەن مېنى زايە قىلغىنىڭدەك، ئاللاھمۇ سېنى زايە قىلسۇن“ دەيدۇ.  خۇشۇ-ھۇزۇر ئىلكىدە سالماقلىق بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئاپئاق، يورۇق بىر ئاسمانغا ئۆرلەۋېتىپ ناماز ئىگىسىگە:” سەن مېنى قوغدىغىنىڭدەك، ئاللاھمۇ سېنى قوغدىسۇن“ دەيدۇ.


جىسمانىي ۋە مەنىۋى خۇشۇسى كەم ھالدا ناماز ئوقۇغان ۋە ناماز ئوقۇتقانلارغا تەۋسىيەم شۇكى،  تەراۋىھ نامىزىنى خۇشۇسىز، ھۇزۇرسىز 20 رەكئەت ئوقۇغاندىن خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن 8 رەكئەت ئوقۇغان ئەۋزەل.  نامازنىڭ رەكئەت سانى، ئاز-كۆپلۈكى مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى، كەيپىياتى، سۈپەت-ساپاسى مۇھىم. بۇ ناماز خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ئوقۇلدىمۇ ياكى ئالۋاڭ ھېسابىغا، بالدۇرراق تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇلدىمۇ؟  مەسىلە بۇ يەردە.  ئاللاھ تائالا بىزنى خۇشۇ-ھۇزۇر بىلەن ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋا بەندىلەردىن قىلغاي.


 


17. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، رامىزاندا روزا تۇتقان ھەر بىر كۈندە بەرىكەت ۋە ياخشىلىق بار.  بۇ مۇبارەك ئايدا روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئوقۇشتىن مەھرۇم قېلىشنى خالىمايمىز. بىلىشىمىزچە، بەزى ئاياللار روزىنى ساق تۇتۇش ئۈچۈن ھەيز ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىغان دورا يەيدىكەن، بۇنىڭ سالامەتلىككىمۇ زىيىنى يوقكەن، شۇنداق قىلساق بولامدۇ؟


جاۋاب: ئىسلام ئالىملىرى رامىزان كىرگەندە ھەيز كۆرۈپ قالغان  ئايالنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن.  بۇ ئەھۋالدا ئاياللار روزا تۇتالمايدۇ، قازاسىنى قىلىشى كېرەك. بۇ ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللارغا بەخش ئەتكەن مەرھەمەت ۋە ئاسانلىق. ھەيز كۆرگەندە ئاياللار ھارغىن، چېچىلاڭغۇ، سەپرا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ھالدا ئاياللارنىڭ روزىسىنى بۇزۇشى مۇباھ ئەمەس، بەلكى ۋاجىب. ئەگەر روزا تۇتىۋەرسە تۇتقان روزىسى قوبۇل بولمايدۇ، ئەجىر-ساۋابقىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ۋە ساھابە ئاياللاردىن تارتىپ  بۈگۈنگە قەدەر ياشاپ ئۆتكەن  بارلىق مۇسۇلمان ئاياللار ھەيز كۆرگەندە روزا تۇتماسلىق پرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ كەلگەن. شۇڭا رامىزاننىڭ بېشىدا ھەيز كۆرۈپ قالغان ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ” بىز نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا ئەمەس، رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلدۇق“ دېگەن (بۇخارى).


خۇسۇسەن مەن ئىشلارنىڭ تەبىئي، ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلىشىنى قوللايمەن.  ھەيز تەبىئىي ئىش ھەم شۇ بويىچە داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە دورا ئىشلىتىش مەسىلسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ.  بەزى ئاياللار دورا ئىشلىتىپ ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپتۇ.  بۇ دورىلار تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىغا ئوخشاش بولۇپ، ھەيزنى كېچىكتۈرىدىكەن.  بەزى ئاياللار روزىسىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن بۇ دورىلارنى ئىشلىتىپ ھەيزىنى كېچىكتۈرمەكچى بوپتۇ.  ئەگەر بۇ دورىلار سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمىسە ئۇنى ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇ كېڭەش ھەيئىتى ۋە نوپۇزلۇق ئىلىم ساھەسىنىڭ  قارىشى. ئۇ دورىلارنىڭ زىيان قىلمايدىغانلىقى ئېنىق بولسا ئۇنى ئىشلىتىپ ھەيزنى كېچىكتۈرۈشكە ھەم روزا تۇتۇشقا بولىدۇ؛ ئاللاھ خالىسا، تۇتقان روزىسى مەقبۇل بولىدۇ. 


 


18. ئۆتكەن يىلى رامىزاندا ھەيز كېلىپ قېلىپ 6 كۈن روزا تۇتالمىدىم، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلاي دەپ شەئبان ئايىنىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا باشلىدىم. ئىككى كۈن بولغاندا ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا: شەئبان ئېيىدا قازا روزىسىنى تۇتۇش جائىز ئەمەس، دېيىشتى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب:   قازا بولۇپ كەتكەن روزىنى رامىزاندىن باشقا خالىغان ۋاقىتتا، ھەتتا شەئبان ئېيىدا بولسىمۇ تۇتۇۋالسا بولىدۇ.  ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بەزىدە قازا بولۇپ كەتكەن روزىسىنى شەئبان ئايىغا كېچىكتۈرۈپ، رامىزان كىرىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالاتتى. بۇ سوئالنى سورىغان قېرىندىشىمىز خاتىرجەم بولۇپ روزىسىنى تۇتىۋەرسۇن، بۇ ئايدا تۇتقان روزىسى، ئىنشائاللاھ، مەقبۇلدۇر، ئەجىر-ساۋابى باردۇر. ئاللاھ تائالا تەقۋا ساھىبلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.


 


19. مەن 18 ياشلىق بىر قىز. ھەيز كۈنلىرىم كەلگەندە مەندىن ئاق سويۇقلۇق ئاقتى، بۇ كۈندە ئوقۇغان نامىزىم، تۇتقان روزام قوبۇل بولامدۇ؟


جاۋاب: سىز دەۋاتقان نەرسە بەدەندىكى ئاجرالما سويۇقلۇق. ئەگەر ئاققان نەرسە قىزىل بولسا ئۇ چاغدا ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. ھەيز قېنى قىزىلدۇر، ئەگەر ئاققان نەرسە قىزىل بولمىسا ئۇ قان ئەمەس، ئاجرالما سويۇقلۇق بولىدۇ.  بۇ ئەھۋالدا ئاياللار روزا تۇتىۋېرىشى، ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلىرىنى قىلىۋېرىشى كېرەك. ئىنشائاللاھ، بۇ ئىبادەتلەر مەقبۇل بولىدۇ. 


 


20. روزىدار مىسۋاك ئىشلەتسە، بولۇپمۇ چىش پاستىسى ئىشلەتسە بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟


جاۋاب: رامىزاندا روزىدارنىڭ چۈشتىن ئاۋۋال مىسۋاك ئىشلىتىشى مۇستەھەب. چۈشتىن كېيىن ئىشلىتىش توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”جېنىم ئۆز ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، روزىدارنىڭ ئېغىزىدىكى پۇراق ئاللاھنىڭ نەزەرىدە مۇشك-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ ياخشىراقتۇر“ (بۇخارى). چۈشتىن كېيىن مىسۋاك ئىشلىتىشنى مەكرۇھ كۆرىدىغانلار  ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان خۇشپۇراقنى ئېغىزدىن چىقىرىۋېتىش ياخشى ئىش ئەمەس، ياكى بۇنداق قىلىش مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. روزىدار بۇ پۇراقنى مۇمكىنقەدەر ئېغىزىدا ساقلىشى، ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچ قانداق ئۇسۇل قوللانماسلىقى لازىم.  بۇ پۇراق گويا شەھىدلەر يارىلانغان چاغدا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن ئاققان قانغا ئوخشايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەھىدلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”شەھىدلەرنى ئۇلارنىڭ قېنى ۋە كىيىملىرى بىلەنلا دەپنە قىلىڭلار. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە ئۇچىسىدىكى نەرسىلەر قان رەڭگىدە بولىدۇ، پۇرىقى مۈشك-ئەنبەرنىڭ پۇرىقى بولىدۇ“.  شۇ سەۋەبتىن شەھىدلەر يۇيۇلماستىن، بەدىنى ۋە كىيىمدىكى قانلىرى بىلەنلا دەپنە قىلىنماقتا.  روزا تۇتۇش مەسىلىسىنىمۇ شۇ بويىچە قىياس قىلىشقا بولىدۇ.  ئەمما ئەسلىدە توغرا بولغىنى شۇكى، شەھىد مەسىلىسىنى روزا تۇتۇش مەسىلىسىگە ئوخشاتماسلىق كېرەك. چۈنكى شەھىدلەرنىڭ ئىشى ھېچقانداق ئىشقا ئوخشىمايدۇ. ساھابىلەردىن كەلگەن رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ھالەتتە كۆپ قېتىم مىسۋاك ئىشلەتكەن. روزا تۇتۇشتىن ئاۋۋال بولسۇن، كېيىن بولسۇن،  روزا تۇتقان كۈنلەردە ئەتىگەندە بولسۇن ياكى كەچتە بولسۇن مىسۋاك ئىشلىتىش مۇستەھەپتۇر.  بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيە قىلغان بىر سۈننەتتۇر: ” مىسۋاك ئېغىزنى تازىلايدۇ، ئاللاھنى ھەم رازى قىلىدۇ“ (نەسەئى).  بۇ ئىشتا روزا تۇتقان كۈنلەر بىلەن باشقا كۈننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، يۇقىرىقى ھەدىس ھەر قانداق ۋاقىتتا كۈچكە ئىگە.


چىش چوتكىلاشقا كەلسەك، چىش پاستىسى ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە ناھايىتى دىققەت قىلىش كېرەك. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ پىكرىدىن قارىغاندا، گالدىن ئۆتۈپ ئاشقازانغا كىرىپ كەتكەن  نەرسە روزىنى بۇزىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭدىن ساقلىنىپ، ئىپتاردىن كېيىن چىش چوتكىلىسۇن. ئەگەر باشقا پەيتتە چىشىنى چوقۇم چوتكىلاش كېرەك بولسا ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىشى، سۇ بىلەن مەلھەمنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى لازىم. ئەگەر ھەر قانچە ئېھتىيات قىلسىمۇ گېلىغا بىر نەرسە كىرىپ كەتسە ئاللاھ ئۇنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرىدۇ. ” سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)“ (سۈرە«ئەھزاب»، 5-ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈممىتىمنىڭ خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنمايدۇ“.  ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.


 


21-  بىر كىشى سەپەرگە چىقسا قانچىلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ؟ بۇ مۇساپە 81 كىلومېتىر دېگەن گەپ راستمۇ؟ سەپەر جەريانىدا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىسىمۇ روزىسىنى بۇزسا  بولامدۇ؟


جاۋاب: سەپەرگە چىققان كىشى قۇرئان كەرىمنىڭ بىلدۈرگىنى بويىچە روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ. ”سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)  باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. “ (سۈرە«بەقەرە»، 184-ئايەت). سوئالدا تىلغا ئېلىنغان مۇساپىنىڭ 80 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. بارلىق فىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، نامازنى قەسىر قىلىدىغان، روزا تۇتماسلىقنى كېرەك قىلىدىغان مۇساپە 84 كىلومېتىردۇر.  بۇ مۇساپە تەخمىنەن ئۆلچىنىدىغان مۇساپە بولۇپ، ئۇنى مېتىرلاپ، كىلومېتىرلاپ ئۆلچەش  توغرۇلۇق ھېچقانداق ھەدىس، مەلۇمات كەلمىگەن.  بۇ ئەھۋالدا سەپەرگە چىققانغا ھېساب بولىدىغان ئۆلچەم 84 كىلومېتىر بولسا كۇپايە. بەزى ئالىملار سەپەرگە چىققۇچى ئۆيىدىن ئايرىلسىلا ھېساب، ھېچقانداق مۇساپىنى ھېسابلىماسلىق كېرەك دەيدۇ.  سەپەرگە چىقىش دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا مۇساپىرلىقنى بىلدۈرىدۇ، يولغا چىققاننىڭ ئۆزىلا سەپەر ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ، شۇنداقلا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم قۇرئان، ھەدىستە بار. سەپەرگە چىققۇچى بۇ ھۆكۈمگە رىئايە قىلىش-قىلماسلىقتا ئەركىندۇر. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام بىلەن بىرگە سەپەر قىلغىنىدا بەزىلىرى روزا تۇتۇپ، بەزىلىرى تۇتمايتتى. روزا تۇتقانلار  تۇتمىغانلارنى ئەيبلىمەيتتى، روزا تۇتمىغانلار  تۇتقانلارنى ئەيبلىمەيتتى. سەپەر جەريانىدا روزا تۇتۇش ئېغىر كېلىدىغان ئەھۋالدىمۇ روزا تۇتۇش مەكرۇھتۇر، ھەتتا بەزىدە ھارام بولىدۇ. روزا تۇتۇپ قىينىلىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ سايىۋەن ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ” سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتۇش ياخشى ئىش ئەمەس“(بۇخارى). سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتۇپ قىينىلىپ يۈرگەن كىشىنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداق.  ئەگەر سەپەر قىلغۇچىغا روزا تۇتۇش ئېغىر كەلمىسە ئۇ چاغدا روزا تۇتسىمۇ، تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغىنى ياخشى؟


ئالىملار بۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلىشقان. بەزىلىرى روزا تۇتقىنى ياخشى دېسە، بەزىلىرى روزا تۇتمىغىنى ياخشى دېگەن. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز: ” قايسىسى ئاسان بولسا شۇنى قىلغىنى ئەۋزەل“ دېگەن.  بەزى كىشىلەر ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا روزا تۇتۇشنى ئېغىر كۆرۈپ، سەپەر ئۈستىدە بولسىمۇ رامىزان روزىسىنى تۇتىۋېلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.   بۇ  كىشىلەرگە ”روزاڭنى تۇتىۋەر“ دېمەي ئىلاجىمىز يوق. بەزى كىشىلەر سەپەردە قىينىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن روزا تۇتمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىگە رۇخسەت قىلغان ۋە دۇرۇس بولغان تەرزدە  قازاسىنى قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ” روزا تۇتمىساڭمۇ بولىدۇ،  ئەمما باشقا كۈنلەردە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلۋال“ دەيمىز. سەپەردە ئاسان بولغىنىنى قىلىش ئەڭ ئەۋزەلدۇر.  ئەبۇ داۋۇد ھەمزە ئىبن ئەمر ئەل ئەسەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ”مەن ’ ئەي رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ بىر مۇنچە ئات-ئۇلىغىم بار، ئىش-مەيلىم شۇلار بىلەن، ئۇلارنى مىنىپ سەپەرگە چىقىمەن. سەپەرگە چىققان ۋاقىتلىرىم رامىزانغا توغرىلىشىپ قالىدۇ. مەن تېخى ياش، ئۆزەمنى روزا تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن،  سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتماي قازاسىنى گەدىنىمگە ئارتىۋالغاندىن كۆرە روزا تۇتقىنىم ياخشى دەپ ئويلايمەن. سەپەردە زادى روزا تۇتسام ياخشىمۇ، تۇتمىسام ياخشىمۇ؟‘ دېدىم.  بۇنى ئاڭلاپ  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ” قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل ئى ھەمزە“ دېدى.


نەسەئىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ” ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:’ سەپەردە ئۆزەمنى روزا تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن، تۇتسام بولامدۇ؟‘ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:’ بۇ (يەنى سەپەردە روزا تۇتماسلىق) ئاللاھ ساڭا بەرگەن رۇخسەتتۇر‘دېدى. ئاللاھ تائالانىڭ سەپەر ئۈستىدىكىلەر ھەققىدىكى ھۆكمى مانا شۇ.  بۇ رۇخسەتتىن پايدىلىنىشقا سەپەردىكى قىينچىلىق ۋە مۇشەققەتلەر شەرت ئەمەس، سەپەرگە چىقىشنىڭ ئۆزىلا روزا تۇتماسلىقنى مۇباھ قىلىدۇ.  ئاللاھ تائالا سەپەر ئۈستىدىكى مۇشەققەتنى روزا تۇتماسلىقنىڭ شەرتى قىلمىدى، ئەگەر ئاللاھ ئۇنى شەرت قىلغان بولسىدى، ئىنسانلار تېخىمۇ ئىختىلاپقا چۈشەتتى. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇۋالىدىغانلار ئەڭ قاتتىق مۇشەققەتلەرگە چىداشقا مەجبۇر بولاتتى، شۇنداقتىمۇ ” بۇنى مۇشەققەت دېگىلى بولمايدۇ“ دەپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ھالىدىن كەتكۈزۈپ قوياتتى. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى مۇشەققەتكە سېلىشنى خالىمايدۇ. بەندىلىرىگە رۇخسەت، ئاسانلىق بەرگۈچى  ئاللاھ شۇنچىلىك مۇشەققەتلەرنىمۇ ئېتىبارغا ئالىدىغان ئۇلۇغ زاتتۇر.


شۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ تائالا روزا تۇتماسلىقنى پەقەت ۋە پەقەت سەپەرگە چىقىشقىلا باغلىغان. ئايروپىلان، پويىز ياكى پاراخوت بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان ئادەممۇ روزا تۇتمىسا بولىدۇ. بۇ يەردىكى بىردىنبىر مەسىلە، روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى بىر كۈنگە بىر كۈن توغرىلاپ تۇتۇشتۇر، چۈنكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىسا بولمايدۇ، قازاسىنى قىلغاندا ئاندىن مەجبۇرىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولىدۇ. سەپەرگە چىققۇچىلار يولدا جاپا چەكمىگەن تەقدىردىمۇ روزا تۇتمىسا بولىۋېرىدۇ. يول كۆرۈپ باققانلار  سەپەردە چوقۇم  قىيىنچىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئېشەككە مىنىپ ماڭسۇن ياكى ئايروپىلاندا ئولتۇرسۇن، سەپەر دېگەن ھامان سەپەر.  ئۆيىدىن، كۆنگەن يېرىدىن ئايرىلغان ئىنسان سەپەردە، يات يەردە ھامان سىقىلىدۇ، كۆنەلمەيدۇ. جىسمانىي ھارغىنلىقتىن باشقا يەنە روھىي جەھەتتىن ھالسىرايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ئەھۋالدا  روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلغان. بۇندىن باشقا يەنە بىز بىلمەيدىغان ھەم بىلەلمەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلمىساق ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان مەرھەمەت ۋە ئىلتىپاتنى زايە قىلغان بولىمىز. ” ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“.  ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.


 


22. قىز ۋە ئوغۇل بالىلار قانچە يېشىدىن باشلاپ روزا تۇتسا بولىدۇ؟ بۇنىڭ شەرىئەتتە ئېنىق ياش ئۆلچىمى بارمۇ؟


جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” بالىلار چوڭ بولغىچە؛ ئۇخلاۋاتقانلار ئويغانغىچە، ساراڭلار ھوشىغا كەلگىچە بۇ ئۇچەيلەننىڭ ئەمەلى خاتىرىلەنمەيدۇ“ (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى).  ئۇلارنىڭ نامۇ ئەمالى خاتىرىلەنمەيدۇ دېگەنلىك ئۇلار ھېچقانداق ئىشتىن سوئال-سوراق قىلىنمايدۇ دېگەنلىكتۇر.  شۇنداقتىمۇ، ئىسلام دىنى ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن دىن بولغاچقا كىچىك بالىلارنىڭ تائەت-ئىبادەتنى بۇرۇنراق باشلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن:” بالىلىرىڭلار 7 ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، 10 ياشقا كىرگەندە ( ناماز ئوقۇمىسا) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار “ (ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم).  روزا تۇتۇشمۇ نامازغا ئوخشاش پەرز ئىبادەت بولۇپ، بالىلار بۇنىڭغا بۇرۇنراق ئادەتلىنىشى كېرەك. ئۇلار قانچە يېشىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشى كېرەك؟  7 ياشقا كىرگەندە روزا تۇتۇشى شەرت ئەمەس، چۈنكى روزا تۇتۇش ناماز ئوقۇشتىن مۇشەققەتلىك ئىبادەتتۇر. بۇ ئەھۋالدا بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى، بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئويلاشماي بولمايدۇ. بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ئۇنى تەربىيىلىگۈچى كىشى بالىنىڭ روزا تۇتالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتسە ئۇنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.  دەسلەپتە ئۇلارنى رامىزاندا بىرەر كۈن  روزا تۇتۇشقا ئۈندەش لازىم، بالىلار كېيىنكى يىلى رامىزاندا ئۈچ كۈن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىلى بىر ھەپتە روزا تۇتسا ، بالاغەتكە يېتىپ بولغىچە تولۇق روزا  تۇتالايدىغان بولىدۇ. بۇلار ئىسلامنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. مۇسۇلمان بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئىسلام چۈشەنچىسى، ئىسلامنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى، پەرز-ئىبادەتلىرى بويىچە تەربىيىلىنىدۇ. نەتىجىدە بالىلار ئەمەل ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاشقا ھازىرلىنىدۇ.


بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:


كىچىك چاغدا بەرگەن ساۋاق ساۋاقتۇر،


قېرىغاندا بەرگەن ساۋاق پاخالدۇر.


نوتا چاغدا ئېگەلىگەن تال چىۋىق،


دەرەخ بولسا تۈزىمەك تەس ئوتۇندۇر.


بالىلىرىنى ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.  بالا يەتتە يېشىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇيدۇ، 10 ياشقا بارغاندىمۇ ئوقۇمىسا ئەدەبلىنىدۇ. روزا تۇتۇشقا كەلسەك، بالىلار كۈچى، ئىقتىدارى يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار 7 ياش، 8 ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق ياشلاردا بولۇشى مۇمكىن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بالىلار روزا تۇتالىغۇدەك بولغاندا ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش كېرەك.


 


23. رامىزان ئايىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قانچە كۈن روزا تۇتالمىدىم. يەنە بىر رامىزان كەلدى، ئەمما مەن ئۆتكەنكى روزامنىڭ  قازاسىنى تۇتمىدىم. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا فىدىيە بەرسەم بولامدۇ؟  قانچە كۈن روزا تۇتمىغانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە يوق، بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىمەن؟ قانداق قىلسام ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلەيمەن؟


جاۋاب: بەزى فىقھى ئالىملىرى بۇ رامىزاندا تۇتمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېيىنكى رامىزان ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن تۇتقۇچىلار  ھەم قازاسىنى قىلىدۇ ھەم فىدىيە بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.  فىدىيە ھەر كۈنى بىر يوقسۇزنى تويغۇزغىدەك مىقداردا تۇز-تائام (يېرىم كىلودىن ئارتۇقراق يېمەكلىك) بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھۆكۈم شافىئىي ۋە ھەنبەلىيە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى ساھابىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق قىلغان.  باشقا مەزھەپ ئالىملىرى ”پەقەت تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلسىلا بولىدۇ، فىدىيە بەرمىسىمۇ بولىدۇ“ دەپ قارايدۇ.


مەيلى قانداق بولسۇن، بۇنداق كىشىلەر رامىزاندا روزا  تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى چوقۇم قىلىشى كېرەك.  ئەگەر فىدىيە بېرىپ يوقسۇزلارنى تويغۇزۇپ قويسا تېخىمۇ ئەۋزەل ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئەگەر فىدىيە بەرمىسە ئۇنىڭغا گۇناھ كەلمەيدۇ.  چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھېچقانداق ھەدىس كەلمىگەن.


قانچە كۈن روزا تۇتمىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك،  كىشى ئۆزىنىڭ تەخمىنەن ھېسابىغا كۆرە ئىش قىلسا بولىدۇ، كۆڭلى قايسى ئېھتىمالغا بەكرەك ئاغسا شۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. ئىبادەتنى تولۇق قىلىپ كۆڭلىنى  قانائەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ئارتۇقراق روزا تۇتۇشى كېرەك. شۇنداق قىلسا تېخىمۇ كۆپرەك ساۋاب تاپىدۇ.


 


24. شەئبان ئايىدا بەزى (مەخسۇس) كۈنلەردە روزا تۇتۇش مۇستەھەپمۇ؟


جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئايلارغا كۆرە  شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا   بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئايىدىن باشقا ھېچقانداق ئايدا تولۇق روزا تۇتۇپ باقمىغان.  ھازىر بەزىلەرنىڭ رەجەپ، شەئبان ۋە رامىزان ئايىدا تولۇق ئۈچ ئاي روزا تۇتۇشى سۈننەتكە خىلاپتۇر. ئۇلار شەۋۋال ئايىدىمۇ 6 كۈن روزا تۇتۇپ، بۇنى ”بىيد“ دەپ ئاتىشىدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىچە، روزا تۇتۇش رەجەپ ئايىدىن باشلىنىپ،  شەۋۋالنىڭ (دەسلەپكى كۈنلەردىن باشقا)7-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.  ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلەردىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ھەدىس كەلمىگەن.


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئايدا روزا تۇتاتتى. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:” پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقاندا بىز ئۇنى ئىپتار قىلمايدىغان چېغى دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. ئۇ ئارىلاپ روزا تۇتقان كۈنلىرى بىز ئۇنى ھېچ روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. بەزىدە ئۇ  دۈشەنبە،  پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتاتتى؛ بەزىدە  ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتاتتى. بولۇپمۇ، قەمەرىيە ئايلىرىنىڭ 13-، 14-، 15-كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈنى تۇتمايتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق روزا تۇتقانىكەن. ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان روزا داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر“.


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئايىدا كۆپرەك روزا تۇتاتتى، چۈنكى بۇ رامىزان ئايىغا كىرىشنىڭ تەييارلىقى ئىدى. ئەمما پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ئاينىڭ بەلگىلىك كۈنلىرىدە روزا تۇتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.


ئىسلام شەرىئىتىدە روزا تۇتۇش سۈننەت بولغان كۈنلەردىن باشقا مەلۇم كۈنلەرنى روزا تۇتۇشقا بېكىتىۋېلىش  جائىز ئەمەس. شۇنداقلا مەلۇم كېچىلەرنى ناماز ئۈچۈن بېكىتىۋېلىشمۇ جائىز ئەمەس. ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىۋېلىش ھەققى يوق. بەلگىلىك كۈنلەرنى ئىبادەت-ئەمەللەرگە خاس قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئىسلام شەرىئىتىگە مەنسۇپ. ئىبادەتلەرگە بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىش ياكى ئورۇن بەلگىلەش، ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈش  پەقەت شەرىئەتنىڭ ئىشى ۋە شەرىئەتنىڭ ھۇقۇقىدۇر. ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھوقۇقى يوق. ئاللاھ تائالا ھەممىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 (دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرزاۋىنىڭ «زامانىۋى مەسىلىلەرگە ئائىت پەتىۋالار» ناملىق كىتابىنىڭ 1-قىسمى(تۈركچە)دىن تەرجىمە قىلىندى)        

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى