ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تەپەككۇر ئىبادىتى

تەپەككۇر ئىبادىتى

ۋاقتى: 2010-08-20 ئاۋاتلىقى: 855 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەپەككۇر باغلانمىسا ئىبادەتكە،


يەتمەك تەس ئىلاھىي ھەقىقەتكە.


ئىماندىن ھۆرلۈككە چىقمىغىچە،


قۇل بولۇپ ئۆتىمەن جاھالەتكە.


مۇھتاجمەن ئىلىم ۋە پاراسەتكە،


مۇھتاجمەن ئۈمىد ۋە جاسارەتكە،


غەپلەتتىن ئويغانسام ئىدىيەم ئازاد،


ھەيرانمەن، خۇشالمەن بۇ سائادەتكە.


 ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا”ئاللاھ مۇنداق دېگەن“ دېدى: ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىڭلارنى ھارام قىلدىم. زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم، مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر. مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە-كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن پۈتۈن گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن. مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ماڭا ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پايدا يەتكۈزمەكچى بولساڭلارمۇ ھەرگىز پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئىلگىرى-ئاخىر ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر تەقۋا ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ،  قەلبىڭلار شۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە ئايلانغان بولسىمۇ مېنىڭ ئىلكىمدىكى كىچىككىنە نەرسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر . ئەگەر ئىلگىرى-ئاخىر ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ قەلبى بىر بۇزۇق ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ، قەلبىڭلار شۇ ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ مېنىڭ ئىلكىمدىكى ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئىلگىرى-ئاخىر ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيدانغا يىغىلىپ مەندىن تىلىكىنى سورىسا، ھەر ئىنسانغا ئۇنىڭ سورىغىنىنى بەرسەم، دېڭىزغا چىلانغان يىڭنىگە يۇققان سۇ دېڭىز سۈيىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمىگەندەك مەندىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! مەن ئەمەللىرىڭلارنى  سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويۇپ ئاندىن سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە ئاللاھقا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قالسا پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن. (مۇسلىمدىن)


 ئاددىي مۇلاھىزە


پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇپ كاللىنى ساراڭ قىلغىچە قۇرئان، ھەدىس ئوقۇپ كۆڭۈلنى يورۇق قىلغان ياخشى. ئەمما پەلسەپەدىن خەۋەردار بولمىسا قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھېكمەتلەرنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن ئۇچۇر بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەپكۇرىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ بىلگىلى بولمايدۇ. دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇش بىلەنلا دىننىڭ ئىشى ھەل بولمايدۇ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش كېرەك، قۇرئاندا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئايەتلەر بار.  تەپەككۇر قىلىپ كۆڭۈلدە قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى بەجا كەلتۈرۈشكە قىزىقىش كېرەك، قىزىقىش بولمىسا ئىرادە نەدىن كېلىدۇ؟  ئىرادە بولغاندىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان، تەۋرىمەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.  بۇنداق ئىرادىنى قانداق تىكلىگىلى بولىدۇ؟ ئۈمىد ۋە قورقۇنچ بىلەن،  جەننەتكە قىزىقىش، دوزاختىن قورقۇش بىلەن تىكلىگىلى بولىدۇ.  بۇلارنىڭ ئاساسى ئىمان. ئاللاھقا، ئۇنىڭ رەسۇلىغا، نازىل قىلغان كىتابىغا، پەرىشتىلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، تەقدىرگە ئىشەنمەي تۇرۇپ ھېچنېمىگە قىزىققىلى، ئۈمىد باغلىغىلى ۋە ئىرادە تىكلىگىلى بولمايدۇ؛  تىلدا ئىمان ئېيتقان بىلەن دىلدا تەستىق قىلمايدىغان، دىلدا تەستىق قىلغان بىلەن ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقمايدىغانلارغا، شۇنداقلا ئۆز قەلبىمىزدىكى كېسەللىكلەرگە قاراپ شۇنداق دەيمىزكى،  ھىدايەتنى، تەقۋالىقنى پەقەت ئاللاھ بېرىدۇ، ئۇنى پەقەت ئاللاھتىنلا تىلەيمىز.


ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىڭلارنى ھارام قىلدىم. زۇلۇم قىلىشماڭلار.


زۇلۇم كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم. زۇلۇم ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى باشقىلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا تاجاۋۇز قىلىش، يەنە بىرى ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىش. 


ئىنسانلار يەر يۈزىدە قان تۆككۈچى، ۋەھشىيلىكتە ھايۋاندىن بەتتەر مەخلۇق.  ئاللاھ بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ياراتقان ۋە بۇ يارىتىشىدا ھېكمەت بار. ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل، ئۆز تەبىئىتىگە يارىشا ئەركىنلىىك، ئىرادە، ئىستەك ۋە نەپسانىيەت بەرگەن، ئىنسان بۇنىڭغا كۆرە ھەرىكەت قىلىدۇ.   ئىنساننىڭ زۇلۇم قىلىش ياكى  زۇلۇم قىلماسلىقنى تاللاش ئەركىنلىكى بار.  ئاللاھ  ئۆزىگە زۇلۇمنى ھارام قىلدى،  شۇنداقلا ئىنسانلارنى ئۆزئارا زۇلۇم قىلماسلىققا، ئادالەت بىلەن ئىش قىلىشقا بۇيرىدى، ئاللاھ پەقەت زۇلۇم قىلماسلىققا رازى بولىدۇكى، زۇلۇمغا ھەرگىز رازى بولمايدۇ،  زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە تولغان بۇ دۇنيانىڭ ھامان سورىقى بولىدۇ. شۇنداق بولۇشى ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە ۋە مۇكەممەللىك سۈپىتىگە ئۇيغۇن.


(قىيامەت كۈنىدە) زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى (ئاللاھ تەرىپىدىن) قوبۇل قىلىنىدىغان  شاپائەتچى بولمايدۇ. (سۈرە غافىر، 18-ئايەت)


قىيامەت كۈنى ھەق ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ، ھەتتاكى مۈڭگۈزسىز قويغىمۇ مۈڭگۈزلۈك قويدىن قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)


ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىشى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرىپ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتكەن، شەيتان بىلەن دۈشمەن ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرىۋېتىلگەن.  نۇرغۇن دەۋرلەر ئۆتتى،  غاپىللار، ئازغۇنلار، ئىسيانكارلار ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلار تارىختىن بايان ئۈزۈلۈپ قالمىدى، كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازلىمىدى. ھازىرمۇ شۇنداق ئىنسانلار يەر يۈزىدە تولۇپ تۇرۇپتۇ.  ئەينى چاغدا ئادەم ئەلەيھىسسالام ” ئى رەببىم، مەن ئۆزەمگە ئۆزەم زۇلۇم قىلدىم، ئەگەر مېنى مەغپىرەت قىلمىساڭ مەن ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن“ دەپ قاتتىق تەۋبە قىلغان، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرگەن. ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلدى ھەم  بۇ تەۋبىگە چاقىردى، ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ زات، ئۇنى مەدھىيلىسەك سۆز تاپالمايمىز، رەھمەت ئېيتىمىز دېسەك رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ بولالمايمىز، تېخى ئىبادەتلىرىمىزدە سۇسلۇق قىلىمىز، گۇناھ ئۆتكۈزىمىز.


 


ئى بەندىلىرىم، مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر. مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن.


دەرۋەقە، ئاللاھ ھىدايەت قىلغاننى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، (قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) ئازغۇچىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە كىم قارشى چىقالايدۇ؟


راستچىللارنىڭ راستچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:


”ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قىرىق كۈن سىپىرما ھالىتىدە توپلىنىدۇ. ئاندىن 40 كۈن لەختە قان ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاندىن 40 كۈن بىر چىشلەم گۆش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاندىن ئاللاھ  بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزىدۇ ۋە رىزقىنى، ئەجەلىنى، ئەمەلىنى ۋە بەختلىك ياكى بەختىسىز بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۆت سۆزنى يېزىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىرىڭلار ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن جەننەتنىڭ ئارىلىقى بىر گەز قالغاندا ئۇنىڭغا پۈتۈلگىنى ئىلگىرى كېلىپ ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ-دە،دوزاخقا كىرىدۇ؛ بىرىڭلار ئەھلى دوزاخنىڭ ئەمەلىنى قىلىپ ھەتتا ئۇنىڭغا بىر گەز قالغاندا ئۇنىڭغا پۈتۈلگىنى ئىلگىرى كېلىپ ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمەلىنى قىلىدۇ-دە، جەننەتكە كىرىدۇ“. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)


بەزىلەر، خۇدا ياخشى-يامانلىقنىڭ ھەممىسىنى بەندىلىرىگە  تەقدىر قىلىپ تۇرۇپ يەنە بەندىلىرىدىن ھېساب ئالسا بۇ ئادىللىق بولامدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ.   سەن ئۆز كاللاڭدىكى ئادىللىق ئۆلچىمىنى ئاللاھقا قويماقچىمۇ؟ ئاللاھ نەدە، سەن نەدە؟  ئۆزىنى تونۇغان رەببىنى تونۇيدۇ دەيدۇ، سەن ئاۋۋال ئۆزەڭنى تونۇشۇڭ كېرەك.  بۇ سەۋەب-نەتىجە دۇنياسىنى تەپەككۇرۇڭنىڭ يېتىشىچە ئاڭقىرىپ باق. ئوي- تەپەككۇرۇڭ ھەر قانچە چەكسىز  بولسىمۇ مەلۇم نۇقتىغا بارغاندا تاقىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ؛ ئەقلىڭ ھەر قانچە ئۆتكۈر بولسىمۇ سىر دۇنياسىدىن بىر سىرنى يېشىپ بولغىچە ئۆمرۈڭ تۈگەپ قالىدۇ. ساڭا بېرىلگەن ئەقىل، ئىلىم، مۇددەت شۇنچىلىك. ئىزتىراپ ئىچىدە تىپىرلاۋاتقان سان-ساناقسىز ئىنسانلار توپىغا قوشۇلۇپ ياشىماقتىن، بىر كۈنلەردە ئۆلۈپ ھېساب بەرمەكتىن باشقا ئىلاجىڭ يوق.


  ئىنساننى يوقتىن بار قىلغۇچى، ئۇنى ئەرزىمەس بىر مەنىيدىن مۆجىزىدار جانلىق قىلغۇچى ئاللاھ تائالا بۈيۈكتۇر، ئۇنىڭ بۈيۈكلىكىنى مەخلۇق (جۈملىدىن شۇنچە ئەقىللىق يارىتىلغان ئىنسانمۇ) چۈشىنىپ بولالمايدۇ.  ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، خالىمىغىنى بولمايدۇ.  بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز (روھىمىز بىلەن تېنىمىزنىڭ يۇغۇرۇلمىسى) ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلدى ۋە ئاللاھ تەقدىر قىلغان زاماندا بۇ دۇنياغا كەلدى، بىز شۇنچە چوڭ، گۈزەل دەپ تەرىپلەۋاتقان دۇنيانى، تۈمەن تۈرلۈك ھايۋان، قۇش، ھاشارەتلەرنى، تاق ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنى ياراتقان ئاللاھ  بىزنى يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەس. جېنىمىز، ھەرىكىتىمىز، ئىدىيىمىز، كۆڭلىمىز، ھېسسىياتىمىز،  ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز  ئۇنىڭ ئىلكىدە. ئاللاھ خالىغان چاغدا ئاندىن بىزنىڭ خالىغىنىمىز ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە شاخ تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن، لېكىن بىز ئادەتتە، ھەتتا ناماز ئوقۇۋېتىپمۇ ئۇنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز، ئاللاھنى دائىم يىراقتا دەپ ئويلايمىز.   چۈنكى بىزنىڭ كۆزىمىز، تەپەككۇرىمىز پەقەت نەق نەرسىلەرگىلا  تاقىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ، بۇ بىزنىڭ چەكلىنىدىغان يېرىمىز،  ئاجىزلىقىمىز.  بۇ ئاجىزلىقنى يېڭەلمەيمىز، يېڭەلىسەك ئىمانى كۈچلۈك، ئاللاھتىن دائىم قورقۇپ تۇرىدىغان تەقۋا بەندىلەرگە ئايلىنالايتتۇق.  دەسلەپتە مەيدانغا كەلگەن سوپىلار،  ئىمانى كۈچلۈك تەقۋا ساھىبلىرى شۇنداق قىلالىغان، ئولتۇرغان، ماڭغان، ياتقان يېرىدە ئالللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغان.  بۇ تەقۋادارلىقنى كىم نېسىپ قىلدى؟  ياراتقۇچىغا ئىشىنىدىغان شۇ ئاڭ، ئۇنىڭدىن قورقىدىغان شۇ كۆڭۈلنى كىم بەخش ئەتتى؟  يەنىلا ئاللاھ.


”ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ)، پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن“ (سۈرە ئال ئىمران، 190-191-ئايەت)


روھنىڭ زادى نېمىلىكىنى ۋە شۇنچە نازۇك كۆڭۈل سىرلىرىنى بىلگۈچى ئاللاھ  ئىنساننىڭ قەلبىنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمەمدۇ؟ بۇ جاھاندا ئاللاھ بىلمەيدىغان، ئاللاھ ئارىلاشمايدىغان ئىشمۇ بارمۇ؟ (يازمام چۈشىنىشلىك بولسۇن دەپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ياراشمايدىغان ئىبارىلەرنى قوللىنىپ قالغان بولسام ئاللاھ كەچۈرگەي.)  مەرھەمەتلىك ئاللاھ،  ھازىر مېنىڭ روھىيىتىمدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى مەندىن ئېنىق بىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىمۇ ئەمەس، قىلماقچى بولغانلىرىمنىمۇ بىلىدۇ.  بىز ئاجىز، ئۇ بولسا ھەممىگە قادىر.


”ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ“(سۈرە غافىر، 19-ئايەت)


كونىلار «ئىشنىڭ بېشى بىسمىللاھ» دەيدۇ. بۇ سۆزدە بۈيۈك ھېكمەت ۋە تەربىيە بار.  سىرلارنىڭ خەزىنىسى بىسمىللاھتۇر.  ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ ۋە ھەر ئىشنىڭ بېشىدا ئاللاھ بار.  بىزنىڭ ھىدايەت تېپىشىمىز، ھىدايەتكە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئېزىپ كېتىشىمىز، ياكى قايتىدىن توغرا يولدا مېڭىشىمىز، ئۆلۈمىمىزگە ئاز قالغاندا دوزاخقا لايىق يامان ئەمەلدىن بىرنى قىلىپ ھالاك بولۇشىمىز، ياكى تاكى ئۆلگىچە پاكىز ياشاپ سەكراتقا چۈشكەندە جەننەتتىن خۇش بېشارەت ئېلىشىمىز تامامەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە،  ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقى ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ؛ ئۆمرىمىز ئاجايىپ ئىشلار، ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا تولىدۇ؛ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەننەت ئۈمىدى، دوزاخ قورقۇنچى بىلەن ياشايمىز، ۋاھالەنكى ھېچكىم بۇ دۇنيادا ئۆزىنى جەننەت ئەھلى ياكى دوزاخ ئەھلى دەپ ئېيتالمايدۇ، ھېچكىم ئۆز ئەمەلى بىلەن جەننەت بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالمايدۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلمىسا بىكار.  ئاللاھ شۇنچىلىك مېھرىبان زاتكى، ئىنسانلارنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى نازىل قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا رەھىم-شەپقىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى؛ مانا بۇلار بىزگە يېتەرلىك مەرھەمەت، كاتتا ئىلتىپات، ئۇلۇغ بەخت.  ئەمما  بۇ مەرھەمەتنى تونۇپ بولالمىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلالمىدۇق، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى تاشلاپ قويدۇق.  قۇرئان كەرىمنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويدۇق ياكى نەزىر-چىراغدا پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسىغا ئايلاندۇردۇق. شۇنداق قىلىۋەرسەك ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىزدىن يىراقلاپ كەتمەسمۇ؟ قىلمىشلىرىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ھالىمىز بارغانچە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ ھالىغا ئوخشاپ قالماسمۇ؟ بۇ ھالدىن قاقشىغۇم يوق، قاقشىغاننىڭ ھەم پايدىسى يوق. قورقۇش كېرەك، ئاللاھتىن قورقۇش كېرەك، تەقۋالىقنىڭ ئۆزى قورقۇش، ئەمما ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلار ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، ئۆلۈمدىن قورقىدۇ.  ئەجىبا تىرىكلىك ۋە ئۆلۈمنى كىم ياراتتى؟ 


   ئاللاھ خالىغان ئادەمنى مۇسۇلمان، خالىغان ئادەمنى كاپىر قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمنى بەختلىك، خالىغان ئادەمنى بەدبەخت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمنى جەننەتكە، خالىغان ئادەمنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ.  ئەجىبا ئاللاھ كاپىر ئادەمنىمۇ ئۆز رەھمىتىگە ئېلىپ جەننەتكە كىرگۈزەمدۇ؟  ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى سۆزىگە باققىنىمىزدا، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق.  جەننەتكە كىرىشنىڭ ئاچقۇچى ئىمان، ئىسلام، ھىدايەت؛ يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھتىن كېلىدىغان رەھمەت. ئاللاھ  ئەگەر خالىسا كاپىرنى دوزاخقا سالماسلىقىمۇ، ئەشەددىي كاپىر ۋە مۇناپىقلارنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قويماسلىقىمۇ مۇمكىن.  ئەگەر ئاللاھ شۇنداق قىلسىمۇ بەندىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپۇش ھەققى يوق.  شۇنداقتىمۇ بىز ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى سۆزى ۋە ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئىمان ئېيتقۇچىلار، ھىدايەت تاپقۇچىلار چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. كاپىرلار، مۇناپىقلار چوقۇم جازاغا تارتىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتكە ئىشىنىش ئىماننىڭ بىر جۈملىسى.


”ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر“ (سۈرە«ئەنفال»، 29-ئايەت.


   تەقۋالىق يولىغا ماڭغانلارنىڭ دائىم ” ئاللاھ كۆڭلۈمگە ئىنساپ بەردى، دىلىمغا ئىمان سالدى، ئىچىمنى يورۇق قىلدى، قەلبىمنى ئىسلامغا كەڭ ئېچىۋەتتى…“ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.  بۇ توغرا تەبىر، ھىدايەتكە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئېرىىشىمىز.  ئىمان-ئېتىقادلىق بىر مۇسۇلمان ئائىلىدە  تۇغۇلۇش، تەسىرچان قەلب ۋە ياخشى خاراكتېرگە ئىگە بولۇش قاتارلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولۇپ، ئاللاھ دىلىمىزغا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى(بىرلىك ۋە بارلىقىنى)، قۇدرەت-كامالىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ،  ئاندىن بىزگە ئاللاھتىن قورقىدىغان قەلب ئاتا قىلىدۇ،  مۇشۇنداق قەلب بولغاندا تەكەببۇرلۇق ۋە غاپىللىقتىن قۇتۇلۇپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، بۇيرۇغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن يېنىشقا باشلايمىز. گەرچە ھازىر  ئۆلۈمدىن كېيىنكى تەقدىر-ئىقبالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتلىك ئۈمىدىمىز بىلەن قورقۇنچىمىزنىڭ قايسىسىسنىڭ راستقا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى:  ئاللاھتىن قانچە قورقساق جەننەتكە شۇنچە يېقىنلىشىمىز، قانچىكى تەكەببۇرلۇق، ئاسىيلىق قىلساق دوزاخقا شۇنچىلىك يېقىنلىشىمىز. جەننەتكە قىزىقمايدىغانلار ئۇنى پەقەت گۈزەل خىيال-تەسەۋۋۇر دەپ ئويلايدۇ، ئەدەبىي ئەسەر ۋە ئادەتتىكى سۆزلىرىدىمۇ ئۇنى خالىغانچە ئىشلىتىدۇ. جەننەتكە ھەقىقىي قىزىققۇچى تەقۋادارلار  بولسا جەننەتنىڭ ھۆر-پەرىلىرىگە، نازۇ-نېمەتلىرىگە ئەمەس، ئاۋۋال دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەت ئىشىكىنىڭ بوسۇغۇسىغا بولسىمۇ كېلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەگەر جەننەتكە ئېرىشىپ قالسا ئۇنى ئاللاھنىڭ كاتتا مەرھەمىتى، چەكسىز غەمخورلۇقى دەپ بىلىدۇ.  دوزاختىن قورقمايدىغانلار پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئوتقىلا ئىشىنىدۇ. دوزاختىن قورققۇچى تەقۋادارلار بولسا  ئوتنى كۆرگەندە دوزاخ ئوتىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئاللاھ تائالا نېسىپ ئەيلىگەن ھىدايەتلىك، تەقۋا قەلب بىلەن پاسىقلارنىڭ قەلبى مانا مۇشۇنداق ئاسمان-زېمىندەك پەرقلىنىدۇ.


ھىدايەت بىر بەخت بولۇپ، ئاللاھقا زىيادە گۇمان بىلەن قارايدىغانلار، ئۆزىنى كاتتا چاغلاپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا باش ئەگمەيدىغانلار، ئۇ دۇنيا ۋە جەننەتنى بەلكىم خىيال-تەسەۋۋۇر دەپ ئويلايدىغانلار، ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا دەپ  نەق ھاياتقا ئالدانغانلار ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدۇ.


ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە كىيىم بېرىمەن.


 


ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇر، بۇ رىزىق ئۆمۈر، ساغلاملىق، مال-دۇنيا، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك… ئومۇمەن جان كەچۈرۈشكە ۋە ماددىي مەئىشەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا كېرەكلىك جىمى نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋە باشقا مەخلۇقلارنى يارىتىش بىلەنلا توختاپ قالماي يەنە ئۇلارنىڭ رىزقىنى بۇ كەڭ دۇنياغا چاچقان.


”ئەگەر ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە خۇددى قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك رىزىق بېرىدۇ. قۇشلار ئەتىگەنلىرى ئاچ ھالەتتە چىقىپ، كەچلىرى قورساقلىرى توق ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ“ (تىرمىزى)


قۇرئاندا ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ.   كۈن،ئاي، ئاسمان، زېمىن، كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ نۆۋەتلىشىشى،  ئىكولوگىيىلىك مۇھىتتىكى جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارنىڭ  ئاجايىپ ماسلىشىشى، تەبىئەت، ئۆسۈملۈك ۋە جانلىقلار ئارىسىدىكى ”تىرىكچىلىك مۇناسىۋەتلىرى“ (ھاياتلىق زەنجىرى)نىڭ ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كېلىشى  بۇلارنى ياراتقان ۋە رىزىق بېرىۋاتقان زاتنىڭ  تەڭداشسىز ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ .


ماددىزىمچىلار ماددىغا تاقىشىپلا تۇرۇپ قالىدۇكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەقلىي، نەقلىي دەلىللەرگە قاراپ باقمايدۇ، قاراپ باقسىمۇ تەتۈرلۈك قىلىدۇ، ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەپچىسى، ھەر نەرسىنىڭ بىر  بەرپاچىسى، بويسۇندۇرغۇچىسى بار دېگەنگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار خۇدادىن كۆرە شەيتانغا بەكرەك ئىشىنىدۇ، بۇ دۇنياغا خۇدا ئەمەس، شەيتان ھۆكۈمدار دەيدۇ.  ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ھەقتىن بۇرىۋەتكەن شەيتان ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھۆكۈمدار-دە. ئاللاھ ئۇلارغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلغان بولسا (يەنى ئۇلارنى شەيتاننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسا) بۇمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، بۇنىڭغا ھېچ ئىنسان ئۆكتە قوپالمايدۇ. چۈنكى مۇتلەق ئىرادە ئاللاھنىڭ قولىدا.  ئاللاھ ئۇلارغا ھىدايەتنى نېسىپ قىلمىغانىكەن، ئۇلارنىڭ شۇنداق تەتۈرلۈك، جاھىللىق قىلىشى مۇقەررەر.  


ھالبۇكى  بىز خەيرۇل رازىقىن (رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى) بولغان ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئۆزىمىزنىڭ جېنىغا ھەيران قالغاندەك ھەيران قالىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئۆز ۋۇجۇدىمىزغا،  مەۋجۇتلۇقىمىزغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىمىز.


ئالەم بوشلۇقىدا يەر  شارىدەك بۇنداق گۈزەل، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان پىلانېت تېخى بايقالمىدى.  ئاللاھنىڭ ئىلمى، قۇدرىتى بىلەن يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇ ھەرىكەت بىر جەھەتتىن ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە ئوخشايدۇ. غايەت چوڭ ماددىلارمۇ  ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ، دېمەكچىمىزكى، چوڭدىن كىچىككىچە بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ سىر-ھېكمىتىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ماكان، زاماننىڭ سىرىنىمۇ ئاللاھ بىلىدۇ.  دەۋرلەر ئالمىشىدۇ، ۋاقىت، ماكان ئۆزگىرىدۇ، رىزىقمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئاللاھ ھەر كۈنى يارىتىپ، ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.


رىزىق مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ياشاش مۇددىتى دېمەكتۇر.  بىزنىڭ رىزقىمىز تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە، بۇ دۇنيانىڭ رىزقى يارىتىلغاندىن  تارتىپ تاكى قىيامەتكىچە.  قۇياش، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ ئۆمرىمۇ چەكلىك. شۇنچە چوڭ ئالەمنى، ساما يولى سىستېمىسىنى، بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتمەيدىغان پىلانېتلارنى، غايەت زور ئوت شارى بولغان قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرىنى قايتۇرۇپ كېچىمىزنى يورۇق قىلىدىغان ئاينى، ئوربېتاسىدا مۇقىم ئايلىنىدىغان يەر شارىنى، ئايلىنىپ تۇرسىمۇ  پارچىلىنىپ توزۇپ كەتمەيدىغان زېمىننى، چاچراپ كەتمەيدىغان دېڭىز-ئوكياننى، يەرگە قوزۇقتەك قېقىلغان تاغنى، تاتلىق سۇلۇق دەريا، كۆل، قۇدۇقلارنى، ياپيېشىل ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرنى، زىرائەتلەرنى، مىنسە قاتناش قورالى، يېسە گۆش بولىدىغان چاھارپايلارنى، ھايۋانلاردىن ئۈستۈن ئەقىل-پاراسەتنى، ھەق دىن ۋە ئىلىمنى، تارىخىي گۈللىنىشلەرنى، تېخنىكىلىق تەرققىياتلارنى ۋە باشقا ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلەرنى ئىنسانلارغا بەخش ئەتكەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ قۇدرەت، كاتتا مەرھەمەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ ئىنكار قىلالايمىز؟ 


     ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىنى بىكار ياراتمىدى، گۈزەل كائىنات ۋە باشقا ھەممىنى دېگۈدەك ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئارتۇق قىلدى،  ئىنسانغا ئەڭ بۈيۈك نېمەت بولغان ئەقىل ۋە ئىلىمنى   بەردى، ئاندىن ئۆزىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى بىلدۈردى، بۇ جاھان ئەسلىدە مۇنداق جاھان، تېڭىرقىماستىن كېلىڭلار، توغرا يولدا مېڭىڭلار، بەخت تاپىسىلەر دېدى.   بۇ چەكسىز نېمەتلەر ئىنسان ئۈچۈن رىزىق ھېسابلىنىدۇ. جان، ئۆمۈر قانچىلىك بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن رىزىقمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ ۋە ئىنسان شۇنچىلىك رىزىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.  ئىنسان شۇنچىلىك ئىززەت-ھۆرمەت، ئەقىل-پاراسەت ۋە ماددىي مەئىشەتتىن بەھرىمەن بولغانىكەن، ئەلۋەتتە بۇنىڭ سوئال-سورىقى بولىدۇ. ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن چاھارپايلار ئاخىرەتتە سوئال-سوراققا تارتىلمايلا  توپىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن بىلەن، ئەقىل، دىن، ئىمان،  ئىرادە ئەركىنلىكى بېرىلگەن، شۇنچە رىزىقلاردىن بەھرىمەن بولغان ئىنسان چوقۇم  ئاللاھ ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ. بۇنى  ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئېنىق بىلدۈرگەن.


ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزەڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئۆزەڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟


(سۈرە«مۇئمىنۇن»، 115-ئايەت 


قىيامەت كۈنى ھېساب مەيدانىدا ھەر بىر بەندە ئۆز ھاياتىنى قانداق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، ئۆگەنگەن ئىلمى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى،  مالنى قەيەردىن تېپىپ قەيەرگە ئىشلەتكەنلىكى ۋە  ئۆز جىسمىنى قانداق ئىشلاردا خورىتىپ تۈگەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تۆت ئىشتىن سوئال-سوراق قىلىنماي تۇرۇپ بىر قەدەممۇ مىدىرلىيالمايدۇ (تىرمىزى).


 


ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە-كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن پۈتۈن گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن. مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن.


 


ئۆزى ياراتقان ئىنساننىڭ پۈتۈن سىرلىرىنى بىلىدىغان ئاللاھ تائالا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئارقىدىن تەۋبە قىلىدىغان بەندىلەرنى ياخشى بەندىلىرىم دېدى. ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان بولساڭلار، ئورنۇڭلارغا گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان، ئاندىن تەۋبە قىلىدىغان قەۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتىم  دېدى. بۇ ئايەتنى ئويلىساملا  ھەيرەتتە قالىمەن. 


ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:” جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمىسەڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنى ئاللاھ ئېلىپ كېتىپ، گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرنى ئېلىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغان، ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغان بولاتتى“ (مۇسلىم)


دېمەككى، گۇناھ ئۆتكۈزۈش ئىنساننىڭ تەبىئىتى، ئەگەر گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان بولسا ئۇ  ئىنسانغا ئەمەس، پەرىشتىگە ئوخشىشىپ قالغان بولىدۇ،  پەرىشتىلەر ئاللاھقا ھەرگىز ئاسىيىلىق قىلمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى قىلىدۇ.  ئەمما ئىنسان ئازىدۇ ھەم توغرا يول تاپالايدۇ؛ ئىسيان كۆتۈرىدۇ ھەم ئىتائەت قىلالايدۇ،  گۇناھ  ئۆتكۈزەلەيدۇ ھەم  تەۋبە قىلالايدۇ؛ ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئەقىل ۋە ئىلىمدە  كامالەتكە يېتىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئوڭ قولىدا ياسىغان نەرسىنى سول قولىدا بۇزالايدۇ. ئىنسان شەيتان بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ ياكى دوست بولىدۇ. پاكلىقتا  كۆكتىكى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ ياكى تىرناق ئاستىدا ياشايدىغان شەيتانغا ئەگىشىپ پاسىقلىشىدۇ… ئىنساننى ھەر خىل ئېھتىماللىقلار ئوراپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئاللاھنىڭ ئىنساننى يارىتىش ھېكمىتى باشقا،  بۇ ھېكمەتنى پەقەت ئاللاھ بىزگە بىلدۈرگەن دائىرىدە بىلىمىز.


ئىنسان گۇناھ ئۆتكۈزەلەيدىغان،  ھاكاۋۇرلۇقتا ھەددىدىن ئاشالايدىغان، ھەتتا ياراتقۇچىسىنى ئىنكار قىلالايدىغان مەخلۇق، غاپىل مەخلۇق، ئەقىل، تەپەككۇردا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ جاھاننى ئالىتوپىلاڭ قىلىپ، دەۋر چاقىنى بۈگۈنگىچە ھەيۋەت بىلەن ھەيدەت كەلگەن ئاجايىپ مەخلۇق.


يۈز بەرگەننىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن يۈز بەردى؛ لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈلگەن زامان، ماكان، ئادەم، ۋەقە، تەپسىلات…ھەممىسى مۇقەررەر يۈز  بەردى. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسى ئاساسەن قارا رەڭگە، مەزلۇملارنىڭ قېنى ۋە كۆز ياشلىرىغا تولۇپتۇ، گۇناھ ۋە جىنايەتلەر كەچمىش سىمفونىيىسىنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسىگە ئايلىنىپتۇ…


ئاللاھتىن پەيغەمبەرلىك ئىلمى ۋە مۆجىزىسىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان كاتتا زات رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)  مۇنداق دېگەن: مەن ھەقىقەتەن سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرىمەن، سىلەر ئاڭلىيالمايدىغان نەرسىلەرنى ئاڭلايمەن. ئاسمان توۋلايدۇ، توۋلاش ئۇنىڭغا ھەق بولدى. چۈنكى ئۇنىڭدا ھەر تۆت بارماقچىلىك ئورۇندا بىر پەرىشتە پىشانىسى بىلەن ئاللاھقا سەجدە قىلغان ھالدا تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار ھەم تۆشەكلىرىڭلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن ھوزۇرلىنالمايتتىڭلار،  بەلكى كوچىغا چىقىپ ئاللاھقا پەرياد قىلغان بولاتتىڭلار“ (تىرمىزى).


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئاخىرەتتىكى ھالىنى كۆرۈپ يېتەلىگەن بولغاچقا ” ئەگەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار“ دېگەن.  بۇ ھەدىس ئىنسانلارنى، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتەرلىك.  ئەھۋال بىز ئويلىغاندىنمۇ  ئېغىر ۋە خەتەرلىك.  مۇسۇلمانلىق شەرىپىدىن پەخىرلىنىپ، مەغرۇرلىنىپ، خاتىرجەم يۈرۈشمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا غەپلەت،  گۇناھتىن خالىي بولالمايدىغان ئىنسان ئۆمۈر بويى ياخشى ئەمەل قىلدىم دېسىمۇ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆزىنى  تەقۋا  دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نامۇ ئەمەل دەپتىرى بەلكىم ئۆزى بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرى بىلەن  توشقان بولۇشى مۇمكىن. ياخشى دەپ قىلغان ئەمەللىرى، ئوقۇغان نامازلىرى، تۇتقان روزىسى، قىلغاچ ھەجى پەقەت ئاللاھقىلا مەلۇم بولغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقبۇل بولماسلىقى مۇمكىن.


راستچىللارنىڭ ئۈلگىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلغان:ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، بىلىمسىزلىكىمنى، ئىشلىرىمدىكى ئىسراپخورلۇقنى ۋە مەندىكى پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ راستتىن ۋە چاقچاقتىن خاتالىشىپ، قەستەن قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە بار. ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، مەخپىي ۋە ئاشكارا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى، پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن. سەن خالىغان كىشىنى جەننەتكە ئىلگىرى ئەۋەتكۈچى ۋە خالىغان كىشىنى دوزاخقا قالدۇرۇپ قويغۇچى زاتتۇرسەن(بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى-كېيىنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان زات تۇرۇقلۇق  ھەر كۈنى 70 قېتىمدىن ئارتۇق تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان.


ئېيتىلىشىچە، ھەر بىر ئىنساننىڭ دوزاختىمۇ  ۋە جەننەتىمۇ بىردىن ئورنى بولىدىكەن. ئۇ ئىنسان مۇسۇلمان بولۇپ جەننەتكە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دوزاختىكى ئورنىغا كاپىر  كىرىدىكەن. جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن 10 ساھابىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ دۇنيادا ئۆزىنى مۇسۇلمان، تەقۋا دېگەن ئادەملەرمۇ ئۆزىنى چوقۇم جەننەتكە كىرىمەن دېيەلمەيدۇ. كىمنىڭ مۇسۇلمان، كىمنىڭ كاپىر، كىمنىڭ مۇناپىق ئىكەنلىكى ئۆلگەندىن كېيىن مەلۇم بولىدۇ، بۇ دۇنيادىكى سالاھىيەت، ئۇنۋان ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىش كېرەككى، شەكلەن مۇسۇلمانلىق بىلەن مەغرۇرلىنىشقا بولمايدۇ.


ئىمان مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا دوزاختىن قورقۇش، جەننەتكە قىزىقىشتۇر.  ھەر ئىنسانغا نىسبەتەن دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ مەنزىلى ئېنىق بولمىغانىكەن بۇ دۇنيادا  قورقۇنچ ۋە ئۈمىد بىلەن ياشىشى، ئۆزىگە ياخشى ئاقىۋەت تىلىشى كېرەك. نىيەت-ئىقبالىمىز، تەقدىرىمىز، مەڭگۈلۈك ئاقىۋىتىمىز بەلگىلىنىدىغان بۇ  غايەت زور ئىشتا ئاللاھتىن رەھمەت، نىجاتلىق كۈتىمىز.  ھېچ ئىنسان ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولماي تۇرۇپ ئۆز ئەمەلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.   ئۈمىدىمىز، خۇشاللىقىمىز شۇكى، رەھمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى كۆيۈمچان بولۇپ، ئۇنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭ غەزىپىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”ئاللاھ مەخلۇقلارنى ياراتقان چاغدا، ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئۆز ئالدىدا تۇرىدىغان كىتابقا: ’ھەقىقەتەن مېنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمدىن ئۈستۈندۇر‘ دەپ يازغان. يەنە بىر رىۋايەتتە ”غەزىپىمدىن غالىپ كەلدى“ ۋە يەنە بىر رىۋايەتتە ”غەزىپىمدىن ئۆتۈپ كەتتى“ دەپ يازغان. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)


ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس قۇددىسىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:ئاللاھ ئېيتىدۇكى، ’ئى ئادەم بالىسى! سەن قاچانكى ماڭا دۇئا قىلساڭ ۋە مەندىن ئۈمىد كۈتسەڭ، سېنىڭ قانداق گۇناھ قىلغان بولۇشۇڭغا قارىماي، سېنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى ئادەم بالىسى! سېنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئاسمانغا تاقاشقىدەك بولسىمۇ مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭ سېنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر سەن زېمىن توشقىچە خاتالىق بىلەن مېنىڭ دەرگاھىمدا ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۇچراشساڭ، مەن ساڭا زېمىن توشقىچە مەغپىرەت بىلەن كېلىمەن“ (تىرمىزى)

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى