ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

باش مۇھەررىر بىلەن تاكاللىشىش (ھېكايە)

باش مۇھەررىر بىلەن تاكاللىشىش (ھېكايە)

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 732 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىزدىگەندىكىن چوڭىنى ئىزدەي دەپ, باش مۇھەررىرنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.
  __ ھە كىرىڭ... ئىشىك ئوچۇق.
  قارىغاندا سۈرى يوق،  مۇلايىم ئادەم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن كىرىپ تۇرۇشۇمغا بىر قىزسىرتقا ماڭدى، مەن بايا بۇ قىزنىڭ «تۇرپان ئۈزۈملىرىنى تېتىپ باقامدىكىن, دەپ ئالغاچ كەلگەن...» دېگەن گەپلىرىنى ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ قالغانىدىم، بۇ قىز مېنى ئاڭلىمىدى دەپ ئويلىدى، چىرايىمغا قاراپمۇ باقمىدى، ئۆتۈشۈپ كەتتۇق، بۇ قىزمۇ بەلكىم مەندەك ھەۋەسكاردۇ، ئۈزۈم كۆتۈرۈپ كىرگىنىگە قارىغاندا يازغانلىرى ئۈزۈمدەك تەملىك ئەمەستۇ...
  __ قېنى ئولتۇرۇڭ،__ دېدى باش مۇھەررىر باش-ئايىقىمىغا بىرقارىۋېتىپ،__ بىرەر ئىش بارمىدى؟
  __ بىر ھېكايە ئەۋەتسەم بىر يىل بولدى، چىقمىدى،__ دېدىم ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقىغا پىسەنت قىلماي،__، تېلېفون قىلسام ھەممىسى بىز قاراپ باقايلى دەيدۇ، شۇنداق قاراپ باقايلى دېگىلىمۇ توققۇز ئاي بولدى...
  __ ئەسىرىڭىز ئالتە ئايغىچە چىقمىسا باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلسىڭىز بولاتتىغۇ؟
  __ چاتاق يېرى، ئەسلى ئورگىنالىنى ساقلىۋالماپتىكەنمەن.
  __  ئاپتورلار ئەسلى نۇسخىسىنى ساقلىۋېلىشى كېرەك، ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەر بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ، بۇ بىز دائىم دەپ كېلىۋاتقان قائىدە.
  __ بۇنى بىلەتتىم، ئەمما مەن ئۇ ھېكايەمنى چوقۇم چىقىدۇ دەپ ئىشىنەتتىم، پوچتىدىن سالغاندىمۇ ئالاھىدە زاكاز قىلىپ سالغان.
  __ ھەر قانداق ئاپتور ئۆز ئەسىرىنى قالتىس چاغلاپ كېتىدۇ، بۇنى بىز چۈشىنىمىز.
  __ ئۆزەمنى قالتىس چاغلاپ ئەمەس، ئۇ ھېكايە ھەقىقەتەن ياخشى چىققان ھېكايە ئىدى، يېزىپ كېلىۋېتىپ ئۆزەممۇ تەسىرلىنىپ كەتكەن. بۇنداق ھالەت مەندە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. نەچچە كۈنگىچە ئاشۇ ھېكايەمنىڭ مەستخۇشلۇقىدا يۈرگەنىدىم، ئېلان قىلىنسا چوقۇم باشقىلارنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، غولغۇلا قوزغىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى...
  __ شۇنچە قالتىس ھېكايىڭىزنىڭ ئەسلى چورنىۋاي نۇسخىسىمۇ يوقما؟ ياكى كومپيۇتېردا يازغان بولسىڭىز ئۇنى ساقلاپ قويمىغانما؟
  __ مەن ئۇنى قولدا يازغان ئاكا، كىرپىكىمنى قەلەم، كۆز يېشىمنى سىياھ قىلىپ يازغان. كومپيۇتېردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى سۈنئىي چىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
  __ دېمەك سىز ئۇ ھېكايىنى بىر قەلەمدىلا يېزىپ پۈتتۈرۈۋەتكەن.
  __ شۇنداق.
  __ ھېچ يېرىنى جىجىلىمىغان، ئۆچۈرمىگەن يا كۆچۈرمىگەن؟
  __ شۇنداق.
  __ پاھ، ئالامەت ئەسەر يازىدىكەنسىزغۇ سىز؟ يازغانلىرىڭىزدا قەتئىي خاتالىق كۆرۈلمەمدا؟
__ توغرا-خاتالىق دېگەن ھېساب ئىشلىگەندە كۆرۈلىدۇ ئاكا، مېنىڭچە ئەدەبىي ئەسەردە ئۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس.
  __ مەسىلەن، سۆز-جۈملىلەردە دەيمەن.
  __ ئادەتتە گەپ قىلساقمۇ ئويلىۋېلىپ سۆزلىسەك ئازماي سۆزلەيمىزغۇ، ئەسەر يېزىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ دەپ قارايمەن، كاللىدا ئويلاپ پىشۇرۇپ قويغاننى يازساقلا بىر نادىر ئەسەر پۈتىدۇ دېگەن گەپ...
  __ شۇنداقمۇ، __ دېدى باش مۇھەررىر مېيىقىدا كۈلۈپ،__ قارىغاندا پەش-چېكىتتىن تارتىپ ھەممىنى ئويلىۋېلىپ ئاندىن بىراقلا يازىدىكەنسىز-دە...
  __ پەش-چېكىت دېگەن قوشۇمچە ۋاسىتىلەر، ئۇنى مەن سىمۋوللۇق بەلگە سۈپىتىدە قوللىنىمەن.
  __ مەسىلەن قانداق؟
  __ سوئال دېگەن ھاياتنىڭ دەل ئۆزى، ئۈندەش دېگەن مۇھەببەت، پەش دېگەن ئۆمۈر باسقۇچلىرى، چېكىت دېگەن ئۆلۈم.
  __ بولدى بۇ گەپلەرنى قويۇپ، نەق گەپكە كېلەيلى، سىز ھېكايىڭىزنى شۇنداق ياخشى دەپ ماختاپ كەتتىڭىز؟ لېكىن بىز  ئۆزىمىز كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا باھا بېرەلمەيمىز.
  __  ھازىرقى مەسىلە بۇ ئەمەس ئاكا، ئۇ ھېكايەم سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا يوقاپ كەتتى، ماڭا شۇنى تېپىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
  باش مۇھەررىرنىڭ چىرايى سەل ئۆڭدى، جىددىيلەشتى، ئورنىدىكى لىككىدە تۇرۇپ:
  __ ھېكايىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى؟__ دەپ سورىدى.
  __ «كاۋابچىنىڭ ھۇجرىسى» .
  __ سىزنىڭ ئىسمىڭىزچۇ؟
  __ ئابلىكىم تۇراق تەشنائى
  __ سىز مۇشۇ يەردە تەشنا بولۇپ ئولتۇرغاچ تۇرۇڭ، مەن چىقىپ ئەسىرىڭىزنى تېپىشقا بۇيرۇي.  
  ئۇ  كارىدورغا چىقىپ، قوشنا ئىشخانىدىكى مۇھەررىرلەرگە بارلىق ئىشنى توختىتىپ ئەسەر ئىزدەشكە بۇيرۇدى.
  تەخمىنەن بىر سائەتتەك ساقلىدىم، خىيالىم شۇ  ئەسىرىمدە قالدى، مەيلى قانچىلىك ۋاقىت كەتسە كەتسۇن، شۇ يۈرەك پارەم، قەلبىمنىڭ تەۋەللۇتى، يوقاپ كەتكەن قوزام ئۆزەمگە قايتىپ كەلسە بولاتتى دەپ كۈتۈپ ئولتۇردۇم.
  بىر چاغدا سېرىق بىر ئاداش ئىشىكنى ئېچىپ ئۈمىدسىز قىياپەتتە كىرىپ كەلدى.
  __ قانداق بولدى؟_  دېدى باش مۇھەررىر بېشىنى ئىتتىك كۆتۈرۈپ.
  __ ئىزدەپ تىتىۋەتتۇق، ھېچ نەدە ئۇنداق ئەسەر ئۇچرىمىدى.
  ئىچ-ئىچىمدىن ئاھ ئۇرۇپ كەتتىم، بۇ يەردە بىر نەرسىلەرنى دەپ چوقان سالسام، جېدەل چىقارسام قاملاشمايتتى.
  __ مەن ئېنىق سالغان تۇرسام، پوچتىخانىنىڭ تالونىمۇ يانچۇقۇمدا بار. سىلەرگە تەگمىگەن بولسا ماڭا چوقۇم قايتىپ كېلەتتى، قانداق دېگەن گەپ بۇ!!!__ دېدىم ئۆزەمنى يەنىلا باسالماي.
  __ ئۇكا، ئاچچىقىڭنى يامان قىلما، ناھايىتى بىر ئەسەرغۇ، قايتا يازساڭ بولىدىغۇ... قايتا يېزىپ ئەۋەتسەڭ چوقۇم چىقىرىمىز. ئىسمىڭنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم،__ دېدى باش مۇھەررىر يەنە جىددىيىلىشىپ،__ بولمىسا قايتا ئىزدەپ باقسۇن، ئىزدېمىگەن چاغدا چىقىپ قالامدۇ تېخى...
  ئۇ ماڭا تۈزۈت قىلمىغاندىكىن، مەنمۇ پەيلىمدىن يانمىدىم:  
  __ قايتا يازغان بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىيات قايتا كېلەمدۇ؟ زاۋۇتتىن قايتا چىقىدىغان مال بولمىسا ئۇ؟!
  __ قايتا يازساڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى يېزىۋېتەمسەن تېخى... ئۇنى بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ. تالانتىڭ بار ئىكەن، تالانت دېگەن خۇددى زاۋۇتقا ئوخشايدۇ. قايتا يازساڭ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مالدەك سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولمامدۇ؟
  __ تالانت دېگەن يۇلتۇزغا، ئىلھام دېگەن چاقماققا ئوخشايدۇ ئاكا،  زاۋۇت دېگەن ماددىغا ئائىت نەرسە، كونىرايدۇ، ۋەيران بولىدۇ.  تالانت دېگەن  روھقا ئائىت نەرسە،   كونىرىمايدۇ، ئاسان ۋەيران بولمايدۇ...
  __ توغرا دېدىڭ، قارىغاندا ھەقىقەتەن تالانتلىق ئىكەنسەن، ئوخشىتىشقىمۇ ماھىر ئىكەنسەن، مۇشۇنداق تالانتىڭ تۇرسا نېمىدىن ئەنسىرەيسەن؟ مېنىڭ پىكرىم شۇ،  ھېكايەڭنى قايتا يېزىپ ئەۋەتكىن، مېنىڭ نامىمغىلا سال، كېلەركى سانغا چوقۇم ئويلىشايلى.
  __ مەيلى ئەمىسە،  شۇنداق قىلساممۇ قىلاي...__ دېدىم مەيۈس ھالدا.
   تەھرىر بۆلۈمىدىن چىقىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم، خۇشال ئىدىم، كېتىۋاتقان قىزلارغا شاللاق شائىرلارنىڭ كۆزىدە قارايتتىم.  بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن
مېنىڭ يۈرەك پارەم مىڭبىر مۇشەققەتتە دۇنياغا كۆز ئاچتى ۋە شۇ ژۇرنالدا يۈز ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلدىم. 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى