تىرىكلىك نىشانى (5)
-
تىرىكلىك نىشانى (5)
ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 963 قېتىميانفوندا كۆرۈش
39
ھازىردىن باشلاپ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، بەلكىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ دەرگاھىغا كېتىۋاتىمەن. ئەسلىمىلەر يوقالدى، ھالبۇكى ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنى مالائىكىلەر خاتىرىلەپ تۇرىدۇ؛ بىھۇدە سۆز، ئوسال قىلىق، ئىتائەتسىز خىيال ۋە ئىسيانكارلىقلىرىمىزنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسام گۇناھلىرىم تاغدەك دۆۋىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى پەخەس بولۇپ تۇرۇش، پاك-ساغلام ياشاش مۇھىم. باشقىلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلەم تەكەببۇرلۇق ياكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش بىلەن خاراكتېرلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھەر ئىشتا مۆتىدىلللىك، تەبىئىيلىك بولغىنى ياخشى. ئاشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىكتىن دائىم سەلبىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. بىزدە بىئاراملىق، كۆڭۈلسىزلىك ئۇزاققا سوزۇلىدۇ، خاتىرجەملىك ۋە شادلىق قىسقا داۋاملىشىدۇ. قىيىن ۋەزىيەتتە شۇنداق بولىدۇ ۋە كىشىلەر ئېچىلىپ كۈلەلمەيدۇ. رەزىللەر بولسا شۇ كۈلكە ئۈچۈن ئىمانىنى، ۋىجدانىنى ساتىدۇ.
روھ غەليانلىرىم نۇر بىلەن زۇلمەت ئارىسىدا چاقماقتەك چاقىدۇ. ئارقىدىن گۈلدۈرماما كەبى تەنبىھ، ئىمان-ۋىجدان چاقىرىقى يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭغا قۇلاق سېلىش كېرەك، كۆڭۈل تىۋىشلىرى سىم-سىم يامغۇردەك پەرىشان ئەمەس، شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇدەك جۇشقۇن بولسا، ئارقىدىن ئاپتاپ چىقىپ، چېھرىمىز نۇرلانسا نەقەدەر گۈزەل!
40
كىچىك دائىرىدە خىيال سۈرۈپ ئۇششاق ياشىدىم. جانغا چۇشلۇق ئىش قىل دېگەن نىدا ۋۇجۇدۇمنىڭ جىمى ھۈجەيرىسىدىن كېلىدۇ. ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيمەن، ئايرىۋېتىلگەنمەن گويا بەرزەخ ئالىمىدە ياشاۋاتقاندەك. ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدا توسۇلۇپ قالغانمەن، ئامالىم يوق تۇرۇپ قېلىشقا ياكى بۇرۇن مېڭىشقا؛ ۋاقىت گاھى تېز، گاھى ئاستا ئۆتىدۇ، تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. ھەممىسى ۋاقىتلىق، ھەممىسى نىسبىي. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ بارلىق مەڭگۈلۈك ئەمەس.
41
نېمە ئالساملا زىيان، ماددا روھىمنى قاپلىۋالغاندا بوغۇلۇپ قالىمەن. توپا ۋە ئەخلەت چۈشۈپ بۇلغىنىپ ياكى دۇغلىنىپ كەتكەن سۇدەك خۇنۇك ھالدا چايقىلىپ تۇرىمەن؛ تاغ باغرىدا ھاۋالاندۇق، لەزىز تائاملاردىن ھۇزۇرلاندۇق، دىلكەشلىك سەيناسىدا ئايلاندۇق، ئۇزۇن-ئۇزۇن مۇڭداشتۇق، ئىچ دۇنيايىمىزنىڭ كەڭلىكى، رەڭدارلىقىغا چۆمدۇق. بىر-بىرىمىزدىن بىلىم ئالدۇق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تاپتۇق. ئەدەبىياتچىنىڭ ئەخمەق خىيالى دائىم ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. غەيۋەت قىلدىممۇ، قىلدىم. بىراق بۇرۇنقىدىن كۆپ دىققەت قىلدىم. مەزلۇم مىللەتنى سۆيۈش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەش كېرەك. ئىرادەمدىن تاشقىرى ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، ھورۇنلۇقنى ئاقلايمەن، راھىتىمنى ساقلايمەن، مۇشۇ ھالىتىمدە ئۆزلۈكۈمنى قوغدايمەن؛ باشقىلارغا ھەۋەسلەنگىچە باشقىلار ھەۋەسلەنگۈدەك ياشاش كېرەك، بۇنى مەقسەت قىلماي تەبىئىي، دۇرۇس ياشايمەن.
42
زورلانغان ۋاقىت مەھكۇملۇقتا ئۆتتى، نامازدا ھۆرلۈككە چىقتىم، ھەقىقىي ئىتائەتنىڭ ھۇزۇرىدىن شادلاندىم. ئاغىنەم «ئاجىزلار يوقالسۇن» دېدى، چىۋىنلار ئەتراپىمىزدا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك مەغرۇرلۇق بىلەن توختىماي ئايلاندى، يولدىن ئاپتوبۇسلار ئۆتتى؛ ھېچكىم قازانى، ئۆلۈمنى ئويلىمىدى. گۇناھقا خۇمار تۇتتى. باشقا شەرھى يوق تەكرار گۇناھقا، ئەمما چارە بار تەكرار ساۋابقا.
ئاجىز تۇرغاندا قورقۇنچ ئېغىر زۇلۇم سالىدۇ، كۈچلۈك بولۇشنى غايە قىلىۋالدۇق؛ ئىماننىڭ نەتىجىسى كۈچلۈك بولۇش ئەمەسمىدى؟ بىز نېمىشقا ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھنىڭ دوستى بولالمايمىز؟ ئۇنىڭ ھەممىدىن ھەق سۆزلىرىگە، ۋەدىسىگە نېمىشقا ئىشەنمەيمىز؟ ئىشىنىمىز، لېكىن دېلىغۇل بولىمىز، ئۇنتۇپ قالىمىز، ئاجىزلىقىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالىمىز. خوتەنلىك ھاجىم بىلەن مۇڭداشتىم، تالاپەت تارتمىغان بەختىيار ئادەمكەن، تۇرمۇشىدىن رازى ئىكەن، مىللەت مەسىلىسىنى بەك ئويلاپ كەتمەيدىكەن.
43
ھەج كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىدا كۈنلەر دائىم مۇشۇنداق تېز ئۆتىدۇ. ئىشلار كۆپىيىدۇ. كەچتە ساخاۋەت داستىخىنى سالدىم، بەلكىم دوستلارنىڭ ھەققىنى قايتۇردۇم، ئەمما ھۆرمىتىنى قايتۇرۇپ بولالمىدىم. سائەتلەپ، دىن، ئەدەبىيات توغرۇلۇق گەپ ساتتۇق. ئومۇمەن، ۋاقتىمىزنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزدۇق. ئۆزئارا دەرت تۆكمىدۇق ھەم بۇنداق قىلىقنىڭ يارىماسلىقىنى كۆپ تەكىتلىدۇق. كاللا يېڭىلانسا ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، تەرەققىياتلار بولىدۇ. شاپتۇل داموللا كىم؟ خان خوجا نېمىشقا تەسلىم بولماي ياۋ بىلەن ئېلىشىدۇ؟... كىتاب كۆرۈپ خاتىرە يېزىپ كۆزلىرىممۇ ئېلىشىپ كەتتى، 5 كۈندە نېمە ئىش قىلدىم؟ خۇلاسەممۇ يوق.
44
ئاللاھ قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىكەن، مەنمۇ ھەددى ھېسابسىز ئۆزگىرىپ بولدۇم، ئازابلاندىم، قورقتۇم، غەزەبلەندىم، خۇشال بولدۇم، بىئارام بولدۇم، خۇرسەن بولدۇم، غەمكىن بولدۇم، قانائەت قىلدىم، دەھشەت قانائەتسىزمۇ بولدۇم، سەۋر قىلدىم ھەم پايلىمىدىم، ئاچكۆز بولدۇم، شۈكرى قىلدىم، بېخىل بولدۇم، مەرتلەشتىم، ئېسىل بولدۇم، گاھىدا سەتلەشتىم... ئومۇمەن ئېيتقاندا بىر مىجەز، بىر كەيپىياتتا سابىت بولالمىدىم. قورقۇنچ ئىچىدە تەۋەككۇلچىلىك، قىزىقىش، قىتىغۇرلۇق ھەم ئازاب بار. ئازاب ئىچىدە قاباھەتلىك چۈش كۆرىدىغان گەپ، قورقۇپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىش قارىماققا ساراڭلىق، تەلۋىلىك، ئەمما باتۇرلۇق دائىم قورقۇنچنى جىددىي ھۇزۇرغا، شادىمانلىققا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. خەتەرلىك ھەرىكەتلەر ئەنە شۇ ئۆلگىدەك غىدىق بىلەن ھۇزۇرنىڭ بىرلىشىشى.
ئۆزلۈك دۈشمىنى ئۆزلۈكتىن باشلىنىپ ئۆزلۈكتە مەغلۇب بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى يېڭىش، بەختكە ئېرىشىش دېگەن ئەنە شۇ. تاڭنۇر پاشا ھاجى خېنىمنىڭ كۆز ياشلىرى 50 رىيالنى سۇغۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بېرىۋەتتىم؛ ئۆزەم مۇھتاج تۇرۇپ شۇ پۇلنىڭ مېھرىدىن كەچتىم. كۆڭۈل دائىم پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرگەن ئايدەك گاھ پۈتۈنلىشىدۇ، گاھ يېرىم بولىدۇ. ئاللاھ سەنئىتى مۇكەممەللىك ئىچىدە جىلۋە قىلىدۇ، ئۇنى كۆرىدىغان كۆز، ئويلايدىغان ئەقىل كېرەك. ئاق كۆڭۈل، رەھىمدىل كىشىلەر دۇنيانىڭ كۆركى، باشقىلارغا رەھىم قىلمايدىغان ئادەمگە ئاللاھنىڭ رەھىم قىلماسلىقى ئادىللىق. ھەقىقەت ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ ھەقىقەتنى ياشاتماسلىق نامەرتلىك ھەم ئىنساپسىزلىق.
45
كەيپىيات ناخۇش، ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ يېرىمى. ئەمما تىرىكلىكتە تىنىم تاپمايمەن؛ تىنچلىققا مۇھتاج جېنىم دائىم ئۇششاق ئىشلاردىن، غەم-قايغۇلاردىن ئارام تاپمايدۇ. ھاياتلىق غەۋغا بىلەن داۋام ئېتىدۇ. قورقۇنچلۇق چۈش بىلەن زۇلمەتنى كەچتىم: تار، ئەگرى-بۈگرى لەخمىدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقۇدەكمەن، چىقىش يولى ئىزدىدىم، يورۇلۇق چۈشۈپ تۇرىدىغان تۆشۈك تاپالماي سىقىلدىم، بىچارە جانىۋار ئىدىم، تىرىك تۇرۇپ زۇلمەتكە قامىلىپ قېلىش نەقەدەر دەھشەتلىك!... قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم. روھ ئاجايىپ بىر بارلىق ئىكەنكى، ھەممىنى سىغدۇرۇپ ساقلاپ قويىدىكەن؛ كۈتۈلمىگەندە ئالدىمىزغا ئەچىقىپ تاشلاپ بەرسە ھەيرەتتە قالىدىكەنمىز؛ خىلمۇ خىل كەيپىياتلارغا چۆمۈلىدىكەنمىز.
بۈگۈن ئاپتاپتا جۈمە ئوقۇدۇم، خۇپتەن نامىزىنى مەقامى ئىبراھىمدا ئوقۇپ ئىخلاس بىلەن سەجدە قىلدىم، دۇئا قىلدىم. زەم زەم كۈدەيدە سالقىن ھاۋادا ئولتۇرۇپ، بۇرادەرلەر بىلەن كاۋاب يېگەچ مۇڭداشتىم.
46
ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلدۇم، ۋاقتى كەلسە بولىدىغان ئىش بولىدۇ، مۈشكۈلاتتىن تاقىشىپ، تۈرۈلۈپ بولسىمۇ ئۆتۈپ كېتىمىز. ئوڭۇشلۇق بولمىسا ئاھ-ۋاھ دەپ قاقشاپ كەتمىگۈلۈك. بولىدىغان ئىش بولماي قالمايدۇ، بولمايدىغان ئىش شۇ جايىدا قالىدۇ. ۋەسلىگە يېتىش، تولۇق قېنىش دېگەن گەپ يوق؛ بۇ دۇنيا ئازغىنە مەنپەئەت، كىچىككىنە ھۇزۇر دۇنياسى، نەپسى بالا ئاچكۆزلەرمۇ ئۆز جېنىغا چۇشلۇق ياشايدۇ؛ كىمدىن ئاغرىنىپ، كىمدىن شادلىنىپ ياشاشنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ، ھەق يولدا تەۋرەنمەي ياشاش ھاياتىمنىڭ شادلىقىغا يەتمەمدۇ؟ شەيتان كولدۇرلىتىدۇ، ئەمما ۋاقىتلىق. ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە چاقىرىدۇ، غەزىپىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىنسان قىيامەتكىچە ئۆزىگە نىسبەت بېرىلگەن رىزىق ۋە بەلگىلەنگەن تەقدىردە ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق «بىز ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ خوجايىنلىرى» دېگەن ئاڭدا ياشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تاللاش ئەركىنلكى ئۇلارنى شۇنداق غەپلەتكە قويغانكى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ سىنىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ، تەڭداشسىز قۇدرىتىنىڭ بىر نامايەندىسى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى مۇتلەق، ئۇ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ ئىنسانغا كىچىككىنە ئىقتىدار ۋە ئەركىنلىك بېرىلگەن، ئەمما ئىنسان دائىم ئۇنتۇغاق، تەكەببۇر ھەم ئىسيانكار. شەيتان بۇ توزاقنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن قۇرغانكى، ھەر قەدەمدە پۇتلىشىپ تېيىلىپ تۇرىمىز. كۆڭۈلسىز خاتىرىلەر ھاياتىمنىڭ جىجىلانغان سەھىپىلىرى، ئۆچۈرمىسەممۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنتۇغاق. ئەمما ھەقىقەت كاتىپلىرى(پەرىشتىلەر) ھەممە ئىشلىرىمىزنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇكى، ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، يازغۇچى سىرتىدا يازغۇچى بار، چەكلىك كاللا سىرتىدا ئالاھىدە ئىشلار بار، كۆرۈنمەس مەۋجۇداتلار بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.
47
دۇنيا بىزنىڭ قارا يومۇرلىرىمىزنى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ ئاخىر زېرىكىدۇ، ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىز بەرىبىر ئۆزىمىزگە يۈزلىنىمىز. ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلمىساق، تارىخ بورانلىرىدا چاك-چېكىدىن بۆسۈلىمىز. ئەرەب مۈشۈكى ئەگەر ئۇيغۇر مۈشۈكىگە ئايلانسا ئەبگا، ئورۇق، جان ئاچچىقىدا توختىماي نالە قىلىپ مىياڭلايدىغان مۈشۈك بولۇپ قالامدىكىن. ئەمما بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، باشقىلار بىزنى ئۆزلىرىدەك چۈشەنمەيدۇ، دەردىمىزگە مەڭگۈ يېتىپ بولالمايدۇ، تەمەخورلۇق ۋە چۈشكۈنلۈك بىزنى پۈچەك ، قەدىرسىز، بىچارە قىلىدۇ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەك. ئالىم بولماق تەس، ئەمما ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغان ۋە شۇ ھەقىقەتنى تىرىكلىكى بىلەن تەڭ ياشىتالايدىغان ئادەم بولماق ھەممىدىن تەس. ئاللاھتىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.
(تۈگىدى)
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
40 ياشتا چەكتىم ئىزتىراپ
2013-12-31 02:49:46932كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (3)
2011-10-14 07:25:48966تاش ۋە قەلب (ھېكايە)
2014-08-31 06:48:141055تەپەككۇر ئىبادىتى
2010-08-20 16:25:32991200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر
2012-02-23 16:25:35906نوچىلىقنىڭ بەلگىسى
2015-08-07 01:23:521705قۇشقاچ
2009-03-28 17:11:26539ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 2-قىسىم
2015-04-10 13:36:261095
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-