ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئادەم بولماق تەس

ئادەم بولماق تەس

ۋاقتى: 2016-06-06 ئاۋاتلىقى: 259 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەرھۇم شائىر روزا سايىت «دېھقان بولماق تەس» دەپ بىر شېئىر يېزىۋىدى، «موللام بولماق تەس»، «ھاراق ئىچمەك تەس» دېگەندەك تەقلىد شېئىرلار، ھەتتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ئەپسانە شېئىرلار مەيدانغا كەلدى، بىرسى چىقىپ «ئادەم بولماق تەس» دېگەندەك شېئىر يازدىمۇ يوق، ئۇقمايمەن. ئەمما «ئالىم بولغىچە ئادەم بول»، «ئادەم بولماق ئەڭ چوڭ شەرەپ، ئەڭ چوڭ ئۇنۋان» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. «ئادەم بولماق» دېگەن سۆز تىلىمىزدا ئىككى مەنىدە قوللىنىلماقتا: بىرىنچىسى، چوڭ بولۇپ ئىشقا يارىغۇدەك بولماق؛ ئىككىنچىسى، ئادەملىك خىسلەتنى ئۆزىدە ھازىرلىماق. ماۋۇ بالا چوڭ بولۇپ ئادەم بولۇپ قالدى دېسەك مەقسەت تولۇق ئايدىڭلىشىدۇ. بىراق ماۋۇ يىگىت ئادەملىك خىسلەتنى ئۆزىدە ھازىرلىدى دېسەك، بۇنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەملىك خىسلەت بىر مۇنچە ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەخلاق دەيمىز، ۋىجدان دەيمىز، ئادىمەتچىلىك دەيمىز، بۇنىڭ ھېچقايسىسىدا يوق ئادەملەرنى ئادەم ئەمەس دەپ تىللايمىز. ھازىرقى دەۋردە ئەخلاق ئانچە تەكىتلەنمەيدىغان، نەسىھەتچىلىككە ھېچكىم قىزىقمايدىغان بولۇپ كەتتى. شۇڭا بەزىلەر: ھازىر ئەخلاق قالمىدى، ۋىجدان قالدى دەپ قويۇشىدۇ. ئەخلاق دېگەن سۆز قۇلاققا خوش ياقمىسىمۇ، ئەخلاق دائىرىسىدە ياشىماي بولمايدۇ. ۋىجدان دېگەن سۆز غايىۋى ئاڭلانسىمۇ، ئۇنى چوڭ بىلمەي بولمايدۇ. ئەخلاق ئۆلچىمى تۆۋەنلەپ، ئەخلاقنىڭ ئېتىبارى چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ۋىجداندۇر.

ھازىرقى جەمئىيەتتە ئادەملەرنىڭ ئابرۇيى ئۇلارنىڭ بىلىمى، ھوقۇقى، پۇلى بىلەن ئۆلچىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق، چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ئەڭ باشتا ئېرىشىدىغىنى ۋە باشقىلارغا كۆرسىتەلەيدىغىنى بىلىمى، ھوقۇقى ۋە بايلىقىدۇر. ئەمما شۇ ئادەم بۇلارغا قانداق ئېرىشتى، ئۇلارنى ئۆز ئىلكىدە قانداق تۇتۇپ تۇرالىدى، بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. بىر ئادەمنىڭ ئېرىشكەنلىرىنى تەبىئىي نەتىجە ياكى ھادىسە دېسەك، ئادىمىيلىكى، يەنى قانچىلىك ئادەم بولغانلىقى ماھىيەتتۇر، جەۋھەردۇر، يوقالماس خۇسۇسىيەتتۇر. بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئادىمىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلسا، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەن بولىدۇ، ياشىرىپ تۇرىدۇ، سولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇتۇق قازىنىپلا ئۆزگىرىۋالغان، نەپسىنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ، يوشۇرۇن خۇيلىرىنى چىقارغان بولسا، مەيلى قانچىلىك شەرەپ ياكى بايلىق قازانسۇن، كۇرسى چۈشىدۇ، لەنەت-نەپرەتكە كۆمۈلىدۇ. كىشىلەر باشتا ئۇنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرىگە زوقلانغان بولسا، ئۇنىڭ ناچارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، گۇمان بىلەن قاراشقا باشلايدۇ. دېمەكچىمىزكى، ئىچىدىن چاتاق چىقسا تېشىغا تېپىدۇ، ئادىمىيلىكتىن چاتاق چىقسا ئېرىشكەن شان-شەرەپلەرمۇ كۆپۈككە ئايلىنىدۇ.

ئادەم بولماق تەس دېگىنىمىز، ئادەم بولماقنىڭ تەسلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىر-قىممەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. سەن تىرىشىپ ئوقۇپ ئالىم بولالىشىڭ مۇمكىن، كاللاڭنى ئىشلىتىپ پۇل تېپىپ باي بولالىشىڭ مۇمكىن، سۆز ماھارىتىڭ ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىرلىقىڭ بىلەن باشلىق بولالىشىڭ مۇمكىن، ئەمما ئادەم بولۇشۇڭ ناتايىن، چۈنكى ئادەم بولۇش مۇرەككەپ جەرياندۇر، مىجەز ۋە تەربىيە مەسىلىسىدۇر. مۇۋەپپەقىيەت قازانغاننىڭ ھەممىسىنى كاتتا ئادەم دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادەم بولۇشنى بىلىپ بولالمىغانلار بار. مۇۋەپپەقىيەتلەر يەنە پۇرسەتكىمۇ باغلىق. ئەمما ئادەم بولۇشقا بەزىدە بىر ئۆمرۈڭمۇ يەتمەيدۇ. بىر ئۆمۈر ئادەم بولالماي ئۆتۈپ كېتىدىغانلار بار. مۇۋەپپەقىيەتكە يارايدىغان خاراكتېر بولىدۇ، يارىمايدىغان خاراكتېر بولىدۇ. ئىنسان مەيلى قانداق خاراكتېردە بولسۇن، ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشى، ئادىمىيلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك. سۆزىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھېكايىنى بايان قىلىمىز:

شۆھرەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپلا ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۆزىمۇ ئەسلىدىنلا جاھىل، تەرسا بىر يىگىت ئىدى، نېمىنى قىلما دېسە شۇنى قىلاتتى. بۇنىڭدىن ئانىسى خاپا ئىدى، دادىسى غەزەبلىنەتتى. دادىسى بىر كۈن ئاچچىقىغا پايلىماي:

_ سەن ئادەم بولمايدىغان نېمىكەنسەن!-دەپ ۋاقىرىدى.

بۇ گەپ شۆھرەتنىڭ غۇرۇرىغا تەگدى، ئۆيىنى تاشلاپ مەكتىپىگە كېتىۋالدى، شۇ كەتكەنچە ئۆيىگە قايتمىدى، بىر ياقتىن ئىشلەپ، بىر ياقتىن ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى، ئۇ ئۆزكەسپىدە ئۇتۇق قازىنىپ، دادىسىغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلايتتى. مۇشۇ ئارزۇ بىلەن ئۇ ئۈرۈمچىدە قېلىپ، ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلىدى، ئىشلىگەندىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆستى. ئۇ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى، تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئۆز ناھيىىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ چۈشتى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا ئۆزى يول ماڭغانىدى.

شۆھرەت خىزمەتكە چۈشۈپلا كاتىپنى ئىشقا بۇيرۇپ:

__ گۈلباغ يېزىسىنىڭ پالانى كەنت پۇكۇنى مەھەللىسىدە ھاشىماخۇن دېگەن ئادەم بار، ئۇنى ئېلىپ يېنىمغا كېلىڭ،-دېدى.

كاتىپ ئۇ يېزىغا بېرىپ، ھاشىماخۇننى تېپىپ:

__ ھاكىم سىلىنى ئىشخانامغا كەلسۇن دەيدۇ، ماشىنىغا چىقسىلا، دېدى.

بوۋاي بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ:

__ ھاكىم دەمسىز، نېمىگە قىچىرىپتۇ مېنى، بىرەر گۇناھىم بارمىكەن، ياكى بىرە ئىشنى خاتا قىلىپ قويۇپتىمەنمۇ؟-دېدى.

__ ئۇنى ئۇقمىدىم،__ دېدى كاتىپ، __ مەن پەقەت سىلىنى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل.

ھاشىماخۇن كىيىم ئالماشتۇرۇپ، كاتىپ بىلەن بىللە يولغا چىقتى، خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ناھىيە بازىرىغا كەلدى. كاتىپ ھاشىماخۇننى ھەيۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ھاشىماخۇن بىناغا كىرىۋېتىپ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن يوغان خەتنى كۆردى. كاتىپ لىفىتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىپ، ھاكىمنىڭ ئىشخانىسىنى چەكتى، ئۆزى ئاۋۋال كىرىپ ھاكىمغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ھاشىماخۇننى ئىشخانىغا باشلىدى. ئورنىدىن قوپۇپ ھاشىماخۇننى كۈتۈۋالغان ھاكىم:

__ مېنى تونۇدىڭىمۇ بوۋاي،_ دەپ سورىدى.

ھاشىماخۇن قېرىپ قالغاچقا كۆزى ياخشى كۆرمەيتتى، ھاكىمغا باشتىن ئاياغ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، خاتا گەپ قىلىپ سالماي دەپ:

__ سىز بۇ ناھىيەمىزنىڭ ھاكىمىغۇ،_ دېدى.

دادىسىغا ئۆزىنىڭ راۋرۇس ئادەم بولغىنىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كەتكەن ھاكىم قاقاخلاپ كۈلدى-دە:

__ مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ،- دېدى، ئاندىن ئۆزىنى ماختاشقا چۈشتى،- سەن بىر چاغدا مېنى ئادەم بولمايدىغان نېمىكەنسەن، دېمىگەنمىدىڭ، قارا، مەن مانا ئادەم بولدۇم، ئادەم بولغاندىمۇ چوڭ ئادەم بولدۇم، ھاكىم بولدۇم!- دېدى.

ھاشىماخۇن شۇ چاغدىلا ئۇزۇن يىل كۆرمىگەن ئوغلىنى تونۇدى، ئۇنى قۇچاقلىدى، كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىدى، ھاكىم كاتىپنى چايغا بۇيرۇدى. ھاشىماخۇن چاي ئىچىۋاتقاندا ئوغلى ئۇنىڭغا ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قانداق ئوقۇپ، قانداق ئىشلەپ، قانداق ئۆسۈپ، ئاندىن بۇ يەرگە ھاكىم بولغانلىقىنى ماختىنىپ سۆزلەپ بەردى.

ھاشىماخۇن ئوغلىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى جىممىدە ئاڭلاپ بولۇپ:

__ ئوغلۇم، سەن ھاكىملىقىڭنى ماڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇنچە يىراقتىن مېنى چاقىرغانمىدىڭ؟- دېدى.

ئوغلى بۇ سوئالدىن گاڭگىراپ قالدى، ھاشىماخۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

_ ئوغلۇم، مەن ساڭا: سەن ھاكىم بولالمايسەن دېمىگەن، ئادەم بولالمايسەن، دېگەنىدىم. ئادەم بولساڭ ئىدىڭ، قېرى ئاتاڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ ئاۋارە قىلماي، ئۆزەڭ ئالدىمغا كېلىپ ھال سورىغان بولاتتىڭ. سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن مېنىڭ سۆزۈمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدىڭ!- دېدى.

بۇ ھېكايىدىن ئايانكى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەقەللىي تەلىپى ئاۋۋال ئادەم بولۇشتۇر. ئەڭ ئالىي مۇۋەپپەقىيەتمۇ ئادەم بولۇشتۇر. ئادەم بولۇش__ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، پەزىلەتلىك ياشاش دېگەنلىكتۇر. ئادەمنىڭ ئادەمدەك ياشىشى ئۇنىڭ ئادەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر، بۇنى ئادەملەرنىڭ ئورتاق ۋىجدانى بەلگىلىگەندۇر. جەمئىيەتتىمۇ ئادىمىيلىك ئۆلچىمى ھەممە ئۆلچەمنىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭا بىرسى ۋاپات بولغاندا ئىمام ئاخۇن جامائەتتىن: مەرھۇم قانداق ئادەم ئىدى؟ دەپ سورايدۇ. جامائەت ھەرگىز: مەرھۇم كاتتا باي ئىدى ياكى چوڭ ۋالى ئىدى دېمەيدۇ. مەرھۇم ياخشى ئادەم ئىدى، دەيدۇ، ئۆلۈكنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ، بىراق چىن كۆڭلىدە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئادىمىيلىكىگە باھا بېرىدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يالغۇز ھەقىقەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى