ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى؟
-
ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى؟
ۋاقتى: 2015-08-19 ئاۋاتلىقى: 2443 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى؟
ئاتىللا فىكرى ئەرگۈن
كونىلار، ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى دېگەن چاغلىرىدا بۇ گەپنى ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئېيتقان. تاپتىن چىقىپ كەتكەن دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ داۋراڭچىلىرىدىن بولماي، بۇرۇنقى ھېكمەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قويغان بولساق تۈزۈك ئىش قىلغان بولاتتۇق.
مەنىۋىيەت ۋە ئەخلاقنى چۆرىۋېتىپ، ئىدىئولوگىيەگە مەھكەم يېپىشقان دىنىي چۈشەنچە تۈپەيلىدىن ئەسلى غايىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. كۆپىنچىمىز ئىدىئولوگىيە تەرەپدارلىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەيۋە قىلدۇق. ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىمىز قۇرۇش ئەمەس، بۇزۇش بولىۋىدى، ئەخلاق، ئىلىم-ئىرپان چۈشەنچىلىرىمىز يوقالدى. بۇ ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ سەمىمىي دەۋەتچى بولىمىز ياكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى داۋاملىشىۋېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەس.
قايسى زاماندا، قانداق دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىمىز. كاپتالىزم ئىنسانلارنى ئەسىر قىلىپ، ئىنسانىي خىسلەتلەرنى يوق قىلدى. جىمى نەرسە ۋە قىممەت قاراشلىرىنى تاۋار ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى، ئىنسانلار بىر نەرسىنى ئىگىلىۋېلىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولدى، مال-مۈلۈك، پۇل-پىچەك مەئبۇدقا ئايلاندى. ھالبۇكى، ئىسلام بىزگە ئىگىدار بولۇشنى ئەمەس، ئامانەتنى ساقلىغۇچى بولۇشنى ئۆگەتكەنىدى. ئىنسانلارنىڭ ئويۇنى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بىرىنچى پەردىنىڭ ئارقىسى قىيامەت، بۇنىڭغا گۇمان يوق. ئىككىنچى پەردىدىن كېيىن ئويۇن تۈگەپ، جەننەت ۋە جەھەننەم سەھنىسى باشلىنىدۇ، بۇنىڭغا چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ رولى ئالمىشىدۇ، رولنى توغرا ئېلىشقا مەجبۇرمىز.
دۇنياغا بۇزۇقچىلىق، نامراتلىق ۋە ئۆلۈم پاجىئەلىرىنى ئېلىپ كەلگەن كاپتالىزم سىستېمىسىغا قارشى تۇرساق بولىدۇ، قوللىمىساق بولىدۇ، ئەمما بۇنى غەرب مەدەنىيىتىنى قارا قويۇق تىللىماستىن، بىزگە ئوخشاش ئويلىمايدىغانلارنى چەتكە قاقماستىن ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
ۋىجدان بىلەن ئىش قىلىش ئۈچۈن سۈپەت ساپاغا مۇھتاجمىز. ساننىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق. زور كۆپچىلىكتىن مەدەت تىلەش ئاقمايدىغان ئىش، ھەتتا خاتالىقتۇر. جالالىدىن رۇمى توغرا دەيدۇ: قۇدۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقى كۆپچىلىكنىڭ كۆلەڭگىسىدىن ياخشىدۇر. قۇدۇقتىن بېشىڭنى چىقىرالايسەن، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ كۆلەڭگىسىدىن بېشىڭنى چىقىرالمايسەن. رەسۇلۇللاھمۇ كۆپ سانلىققا قىزىقمىغان، دائىم سۈپەت ساپاغا ئەھمىيەت بەرگەن. سۈرە بەقەرەنىڭ 249- ۋە سۈرە ئەنفالنىڭ 65-ئايەتلىرى بۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىللىرىدۇر. بەدىر غازىتىدىن باشلاپلا مۇسۇلمانلار سۈپەتنىڭ ساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن.
رىم ئىمپېرىيەسى ئىبەر يېرىم ئارىلىنى ئىككى يۈز يىلدا ئاران ئالالىغانىدى، مۇسۇلمانلار ئۇنى سەككىز مىڭ كىشى بىلەن ئۈچ يىلدا ئالدى. چۈنكى ئۇ يەردىكى خەلق پادىشاھ ۋە بەگلەرنىڭ زۇلمىدىن، ئالۋاڭ ياساقلىرىدىن جاق تويغانىدى، مۇسۇلمانلارنى ئادىل ئىنسانلار دەپ بىلگەنىدى. بۇنداق مىساللار كۆپ. سۈپەت ساپانىڭ مۇھىملىقى، دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ھەقىقەتتۇر . شۇ سەۋەبتىن، ئاز بولساڭمۇ ئۆزەڭ بول، يالغۇز قالساڭمۇ ھەق دەپ بىلگەن يولۇڭدا ماڭ. سانغا ياكى كۆپ سانلىققا چوقۇنما، بولمىسا ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىسەن-دە، ئاقماي ئىلاجىڭ يوق.
ئۈممەت بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇ ۋەزىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى بولۇشىمىز كېرەك. قەلبلەرنى ئاللاھ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، سېنىڭ پەقەت نىيىتىڭ خالىس، ئەمەللىرىڭ سالىھ بولسىلا بولدى. كۆزۈڭنى توسۇۋالغان قارا پەردىنى ئېلىۋەتمەي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ كۆزىنى ئاچىمەن دېمە، شۇنداق قىلساڭ توغرا يولنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان بولىسەن.
خاتا ئۇسۇل بىلەن توغرا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. تارىخ ۋە بۈگۈن بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. تارىخ، ئەنئەنە، قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى چۆرىۋېتىش، ئىلىم ۋە پەلسەپىۋى بايلىقىمىزنى، مىللىي تەجرىبىلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش، مەدەنىيىتىمىزدىن يۈز ئۆرۈش، تارىخىي مەنبەلەرنى خالىغانچە چۈشەندۈرۈش، دىندار ئادەمنى پەس كۆرۈش، مۇسۇلمانلارنى باشتىن ئاياغ يامان كۆرۈش، ئاندىن ئىسلام دىنىنى تېررورلۇق دىنى دەيدىغانلار بىلەن ئورتاق چۈشەنچىگە كېلىپ يېڭى دۇنيا قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، يوق دۇئاغا ئامىن دېگەندەك بىر ئىش.
نۆۋىتى كەلگەندە، پىكىر قىلىش پرىنسىپلىرىمىزنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويغىنىمىز ياخشى: چەت ئەللىكلەرنى دورىمايمىز، ئىسلامغا باشقا دىن ياكى ئىدىيەلەردىن ھېچنەرسە قوشمايمىز. خىرىستىيانلاشمايمىز، مەۋجۇت تۈزۈم بىلەن ئىچقويۇن تاشقويۇن بولالمىساقمۇ، ئۆكتىچىلەرگە ھەم قېتىلمايمىز.
ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ قىززىق نۇقتىسى ياخشىلىق، ئادالەت، ئىلىم-ئىرپان ئەمەس، بەلكى ئاشقۇنلۇق، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئويناۋاتىدۇ. غەرب تاراتقۇلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىر چەتتە كۈتۈپ ياتماقتا. خاتا تەشۋىقات دولقۇنى ئەۋجىگە چىقماقتا، مەقسەتلىك ئوينىلىۋاتقان بۇ ئويۇن كىشىلەرگە: ئىسلام دېگەن مانا شۇ، دېمەكتە. بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق، بۇ پەقەت، سۇرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كونا ھېساب-كىتابنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شەرت-شارائىت ئىنسانغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قورالنىڭ ئۇچى دائىم ئوخشىمىغان يۆنىلىشكە توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، خالاس.
ئىككى مۇھىم نۇقتىغا سەل قارىماسلىق كېرەك: بىرىنچىسى، ئىسلامنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، جىھاد ئاۋۋال نەپسىڭ بىلەن جىھاد قىلىشتۇر. ئىككىنچىسى، ئەھلى قىبلىنى كاپىرغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئەمما سۈرىيەدىكى مۇسۇلمانلار مەزھەپلىرى ئوخشىمىغاچقىلا بىر بىرىنى كاپىرغا چىقىرىۋاتىدۇ، بىر بىرىنى پەس كۆرۈۋاتىدۇ، ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.
كاللا كېسىپ ئويناۋاتقان، مازارلارنى پارتىلىتىپ كۈلىنى كۆككە سورۇۋاتقان ئاشقۇنلار ئىنسانلارنىڭ قايسى مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ؟ دۇنياغا قانداق مەدەنىيەت ئاتا قىلالايدۇ، كىمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ ”قەبرىلەر بۇت ياكى بۇتخانا قىلىۋېلىندى“ دېگەن چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ بىر نەرسە دېمەيمىز. قەبرىلەر، تارىخىي قۇرۇلۇشلار، ئىبادەتخانىلار، مەسچىتلەر، چېركاۋالار... ياكى باشقا يەرلەرنى پارتىلىتىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە بۇنداق ھەرىكەتلەر ئىسلامغا قارشى تەشۋىقاتقا ياردەم بېرىدۇ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. قەبرە ۋە مازارلىقلار تاش ياكى ياغاچنى ئۇلۇغلاشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى مەلۇم ئىدىيە ياكى تارىخىي شەخسلەرگە ئوخشاش بىرەر خاتىرە، بەلگە ياكى تارىخىي مىراستۇر.
كاللا كېسىپ يۈرگەن، قەبرە-مازارلارنى، تارىخىي يادىكارلىقلارنى، ئىبادەتخانىلارنى پارتلاتقان ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسى بىلەن، " شۇلارغا قاراپ دىنسىز بولۇپ كەتكەنلەر ئۆزۈرلۈكتۇر" دېگەنلەرنىڭ ئىدىيىسى بىر چالمىنىڭ ئىككى پارچىسىدۇر. ھەر ئىككىلىسى مەسىلىنى "تۈپ يىلتىزىدىن" ھەل قىلىشقا مايىل، جاھان بىزنىڭ بولسۇن، بولمىسا يوق بولسۇن دېيىشىدۇ. بىرسى ماددىي جەھەتتىن، بىرسى مەنىۋىيەت جەھەتتىن ياخشىلىقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (2)
2011-09-02 08:32:061620جامائەت كۆپ، ئۆزەم تەنھا
2012-08-19 10:41:28456تىللا سۆزلەر
2015-08-06 23:57:492041گالدىن ئۆتكەننى يەۋېرەمدۇق؟
2013-04-27 23:47:23916خەن خەن زادى قانداق يازغۇچى؟
2015-08-07 20:00:591260ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم
2015-08-07 00:33:511724پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت...
2012-01-06 13:05:51880بىر يىللىق نادامەت
2010-04-13 17:05:26662
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-