تىللا سۆزلەر
-
تىللا سۆزلەر
ۋاقتى: 2015-08-06 ئاۋاتلىقى: 1931 قېتىميانفوندا كۆرۈش
جايىدا گەپ قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر قالمايدۇ.
(سۇلتان مۇھەممەد پاتىھ)
مۇناردىن يىقىلغان ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ پارچىسى تېپىلىدۇ، ئەمما كۆڭۈلدىن چۈشكەن ئادەمنىڭ پارچىسى تېپىلمايدۇ.
(جالالىدىن رۇمى)
چىرايلىق گۈلنى، چىرايلىق كېچىنى، ياخشى دوستنى ھەممە ئادەم خالايدۇ. ئەمما گۈلنى تىكىنى بىلەن، كېچىنى ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن، دوستنى ئۇنىڭ بارلىق دەردى بىلەن بىللە ياخشى كۆرۈش مۇھىمدۇر.
(شەمسى تەبرىزى)
تەبەسسۇم ھەقسىزدۇر، ئۇ بەرگۈچىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلمايدۇ، ئېرىشكۈچىنى بولسا خۇشال قىلىدۇ.
(شەمسى تەبرىزى)
يىقىلدى دېمىسۇن بىزنى، تۈگەشتى دېمىسۇن بىزنى. پەقەتلا يېڭى باھار ئۈچۈن، تۆكتۇق ياپرىقىمىزنى.
(جالالىدىن رۇمى)
تىلىڭنى تۈزەشتىن ئاۋۋال دىلىڭنى تۈزە، چۈنكى سۆز ئاۋۋال دىلدىن، ئاندىن تىلدىن چىقار.
(جالالىدىن رۇمى)
مەقسەتكە ئالدىراقسانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى سەبىر-تاقەت بىلەن يەتكىلى بولىدۇ. سەبىر قىل، چۈنكى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. (جالالىدىن رۇمى)
ئاللاھنىڭ بەرگىنىمۇ، بەرمىگىنىمۇ بىر ئىمتىھاندۇر.
(جالالىدىن رۇمى)
بىر ئادەمنى ئۇنتۇپ كېتەلەيسەن، ئۇنىڭ ساڭا نېمىلەر قىلغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەلەيسەن. ئەمما ئۇنىڭ ساڭا نېمىلەرنى ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇيالمايسەن.
يالغانچىلىق بىلەن بىر ئىنساننىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەندىن كۆرە سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن تۈزۈك.
سەبىر ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىغا ئوخشايدۇ، جاننى قىينايدۇ، ئەمما داۋالايدۇ.
(جالالىدىن رۇمى)
يىقىلغانغا كۈلمە، ئەتە نېمە بولۇشۇڭنى بىلمەيسەن.
كىم نە قىلسا ئۆزىگە ئۆزى قىلار،
پالاكەتكە دائىم ھامىلدار.
نېمىشقا دەپ سورىساڭ ئەگەر
ھايات، تەقدىر دەپلا زارلىنار.
ھەر كېچىنىڭ بىر تاڭ ساباسى، ھەر قىشنىڭ بىر باھارى، ھەر ئىشنىڭ بىر زامانى باردۇر.
ھېچقانداق زىننەت ئەدەپ، ھايانىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ.
چۈپەيلەرنىڭ دوستلىرى يوق، ئەمما ئۆزىنىڭ ھېسابىغا چۈشىدىغان دوستلىرى بار.
جاسارەتتە ياشىيالمىغانلار ئاسارەتتە ئۆلىدۇ. (ياۋۇز سۇلتان سېلىم)
نېمىگە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتىسەن؟ تۇغۇلۇشۇڭ بىر تامچە سۇ، ئۆلۈشۈڭ بىر ئوچۇم تۇپراق ئەمەسمۇ؟
(شەمس تەبرىزى)
شۇنداق بىر ياشىغىنكى، ھايات ساڭا ھەسەت قىلسۇن. شۇنداق بىر سۆيگىنكى، ئۆلۈم ساڭا ئىچ ئاغرىتسۇن. شۇنداق بىر دوست بولغىنكى، دوستى يوقلار نومۇس قىلسۇن.
ھەقىقىي مۇسۇلمان، راستچىل مۇئمىن ھېچقاچان ھۆكۈمەتسىزلىك ۋە بۇزغۇنچىلىققا يان باسمايدۇ.
(سەئىد نۇرسى)
ھەممە ئادەم ئىنسانلار بۇزۇلۇپ كەتتى دېسە ئىشىنىدۇ، ئەمما سەن بۇزۇلۇپ كەتتىڭ دېسە ئىشەنمەيدۇ.
(لېۋ تولستوي)
بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىمەنكى، نۇرغۇن ئىشلارنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلمەيمەن. دوست، دۈشمەن، مۇھەببەت، غەزەب، خۇشاللىق... گويا ھەممىسى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتتى. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، مەن رەھىمدىل بولغانچە ئىنسانلار رەھىمسىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ تۈپەيلىدىن پوستۇمنى قېلىن، قاتتىق قىلىۋالدىم، قەدەملىرىم ئاستا ۋە ئېھتىياتچان، خىياللىرىم ئاچچىقچان، قەلبىمنىڭ ئاچقۇچى پەقەت سەمىمىيەت... قالغىنى ئىسسىق جان. ئۇمۇ ئاللاھقا ئامانەت.
كۆڭلىدىكىنى دىيەلمىگەنلەر بىلەن ئەمەس، دېگەن گېپىدە تۇرالىغانلار بىلەن بەختلىك ياشىغىلى بولىدۇ.
گۈزەللىك تىلغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. سۈكۈت، ھۇشيارلىق، ئەدەپ ۋە نازاكەت ئىنساننى ھەر جايدا سۇلتان قىلىدۇ.
(جالالىدىن رۇمى)
تىبابەت ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ ئار-نومۇس تومۇرىدىكى يېرىقنى داۋالىيالمايدۇ.
ئۇلىمانىڭ يېنىدا تىلىڭنى، تەقۋادارلارنىڭ يېنىدا دىلىڭنى، نامازدا قەلبىڭنى، تاماقتا نەپسىڭنى، خەقنىڭ ئۆيىدە كۆزۈڭنى يىغ. ئىككىنى ئۇنۇتما: بىرى ئاللاھ، بىرى ئۆلۈم. ئىككىنى ئۇنتۇپ كەت:بىرى، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭ، يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ ساڭا قىلغان يامانلىقى. (لوقمان ھېكىم)
بىر پاقلان بىر توپ پادا ئىچىدىن ئۆز ئانىسىنى قانداق تاپالىغان بولسا، قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىڭمۇ ھامان سېنى تاپىدۇ.
دۈمبەڭگە ئۇرغانغا ئاچچىقلىما، دۈمبەڭنى تۇتۇپ بەرگەن ئۆزەڭ. ئارقاڭدىن گەپ تاپقانغىمۇ ئاچچىقلىما، ئۇنى ئىنسان دەپ بىلگەن يەنە ئۆزەڭ.
شەرت شارائىتلىرى ھازىرلانمىغان ئارزۇ-ئۈمىدلەر رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان قۇرۇق خىياللاردۇر.
بىرسىگە پەردىلەر ئاجايىپ كۆرۈنسە، يەنە بىرسىگە ئاجايىباتلار پەردە بولىدۇ.
خۇراپاتلىقلارغا تولغان كاللىدا قۇرئان ئۈچۈن ئورۇن يوقتۇر.
قوي بۇ دۇنيانىڭ نازىنى، ئوقۇ بەش ۋاق نامازىڭنى، ئەتە ئوقۇيمىز دېگەنلەرنىڭ، بۈگۈن چۈشۈردۇق نامازىنى.
بۈگۈن مۇسۇلمانلار يا دىننىڭ سىرتىدىكى بىر ھاياتنىڭ ياكى ھاياتنىڭ سىرتىدىكى بىر دىننىڭ قۇربانى بولماقتا.
(ئاتاسوي مۇپتىئوغلى)
بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغىنى ئېتىقادلىق كىشىلەرمۇ ياكى تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەرمۇ؟ بۇلار بىر بىرىنى چەتكە قاقامدۇ؟
(ئەلى ئىززەت بېگوۋىچ)
ئىمان ئەڭ چوڭ جاكارنامە، ئۇ ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ.
ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىغان ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسىنى ھېچقانداق نەرسە بۇزالمايدۇ. (مۇستاپا ئىسلام ئوغلى)
تېپىشماق:
بىر سۆز بار، شەيتان ئۇنىڭدىن قاچار،
بىر ئاچقۇچ بار، ھەر ئىشىكنى ئاچار.
جاۋاب: ئەئۇزۇ بەسمەلە
پولو يېسەڭمۇ ئىچىدىن تاش چىقسا بۇ نېمە؟ دەپ سورايسەنۇ، دىنىڭغا كىرىپ قالغان خۇراپاتلىق تاشلىرى بىلەن كارىڭ بولمىسا، دېمەك بۇ، دىنىڭنىڭ پولوچىلىكمۇ قىممىتى يوق دېگەنلىكتۇر. (مۇستاپا ئىسلام ئوغلى)
ئاللاھنىڭ تارازىسى ناھايىتى سەزگۈردۇر، نىيەتنى ئۆلچەيدۇ. (نۇرىدىن يىلدىز)
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تىرىكلىك نىشانى (2)
2015-08-07 12:24:08909بەخت دېگەن نېمە؟
2013-01-25 00:24:05765ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى
2012-04-24 06:35:35528سۆزلەر ھېكمىتى (4)
2013-09-25 01:52:13421چىرىكلىك ۋە ھايانكەشلىك
2012-07-13 15:50:14351ئۇسسۇلچى قىزنىڭ جىلۋىسى (ھېكايە)
2015-02-12 13:17:211811نېمىگە ئالدىرايمىز؟
2012-09-13 06:40:35469قايتا كەلمەيدىغان نەسىل
2013-01-18 07:15:56387
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-