سۆزلەر ھېكمىتى (4)
-
سۆزلەر ھېكمىتى (4)
ۋاقتى: 2013-09-25 ئاۋاتلىقى: 426 قېتىمۈيانفوندا كۆرۈش
تارىختا نامى قالغان دانىشمەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى كىتاب بەتلىرىدىن ئاختۇردۇم، ئۇ ئۇلارنىڭ ھايات ھېكمەتلىرى ئىدى؛ نامى مەشھۇرلارنىڭ قالتىس گەپلىرىگە شاھىد بولدۇم، ئۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتتىن ئالغان تەسىراتلىرى ئىدى؛ قانچىلىغان دۇردانىلارنى خاتىرەمگە توپلىدىم، ساقلاندى، ساقلاندى، ئاپتاپ يۈزى كۆرمىدى، روھىمنى يورىتالمىدى، ئىچىمدىكى زۇلمەتنى يوقىتالمىدى؛ بەلكىم ئۇلار ئەسلىدىنلا مېنىڭ ئۆمۈر خۇلاسىلىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەندىن ئاسانلا ساقىت بولدى. ھېكمەت ئۈنچىلىرى قانچە پاساھەتلىك بولغان بىلەن قەلبىمدە، ھەرىكىتىمدە ئۆزلىشەلمىسە، قىمىرلىمىسا، ئىجرا بولمىسا قولدا تۇتۇپ تۇرغان تەسۋىدىن نېمە پەرقى؟ زىكرىدىن ئايرىلغان تەسۋىنىڭ نېمە قىممىتى؟ كېيىنچە ئۆزگىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە قۇل بولماسلىق ئۈچۈن ئۆز ھېكمەتلىرىمنى ئىزدەشكە باشلىدىم، شۇنداقتىمۇ ئىدىيەلەردىن، پىكىرلەردىن، غايىلەردىن ئورتاق سادا ئىزدەشتىن ۋاز كەچمىدىم. بەزىدە قايسىدۇر بىر شەخسنىڭ "جۈرئەتسىزلىك بىزدە پەقەت نەپرەت ئويغىتىدۇ" دېگەندەك كايىشلىرى ھېكمەت بولۇپ تۇيۇلسا، بەزىدە ”ۋاقىت جان دېمەكتۇر" دېگەندەك مەشھۇر سۆزلەر قۇرۇق گەپتەك بىلىندى. ھېچقانداق مۇتەپپەككۇرنىڭ سۆزلىرىنى تۇتىيا بىلمىدىم، چۈنكى ھەر شەخس ئۆز ھاياتىنىڭ مېۋىسى، ھېكمەتلەر شۇ مېۋىنىڭ جەۋھىرى، ئۇنى ئۆزەمگە دائىم ماس كېلىدىغان روھلاندۇرغۇچ دورا قىلىۋېلىشىم تەس ياكى مۇمكىن ئەمەس. مەنمۇ ئۆز ھاياتىمدىن تەجرىبە، خۇلاسە، مېۋە، جەۋھەر ئېلىپ، مەنىۋىيىتىمگە شىپا تېپىشىم كېرەك. مەشھۇرلار پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار ھەممىگە ماس كېلىدىغان ھېكمەتلەرنى تاغارلاپ تۆكۈۋەتسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى تالىشىپ ئالسىمۇ، ئىستېمال ۋە ئۈنۈم قەتئى ئوخشىمايدۇ. ئەڭ دۆت ئادەممۇ بىر ھېكمەتنى ئۆزىنىڭ ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزىدۇ ياكى ئۇنى شۇ پېتىلا شامالغا سورۇۋېتىدۇ.
30ياشقا ئۇلاشقاندا ئەڭ بۈيۈك كالامنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى، ئەڭ ئېسىل ھېكمەت ۋە سۆزلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولدۇم، 40 ياشقا ئۇلاشقاندا بۇنىڭغا شەك-شۈبھىسىز ئىشەندىم. "سۆزلەر ھېكمىتى" ئارىسىغا بەزى شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى قىستۇرۇپ قويدۇم، چۈنكى ئۇ سۆزلەرمۇ قۇرئان ۋە ھەدىس روھىغا تويۇنغان بولغاچقا خاتىرەمگە تىركەپ قويدۇم، قېرىنداشلىرىمدىن بىر كىشى بولسىمۇ مەن ياقتۇرغاننى ياقتۇرار دېگەن ئۈمىدتە بۇ بلوگقا يوللاپ قويدۇم. مۇمكىن بولسا، ھەدىس كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، "قۇتادغۇبىلىك"، "گۇلىستان" قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەرنى يازغانلار ئەينى زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغانلار، ياقتۇرغانلىرىنى يادلىۋالغانلاردۇر. ئۇزۇن زاماندىن بېرى، ھەدىس كىتابلىرىنى تالىپلار دىنىي كىتاب دەپ ئوقۇپ كەلدى، مەنىسىنى بىلدى يا بىلمىدى، ھېكمىتىنى چۈشەندى يا چۈشەنمىدى، قەدرىگە يەتتى يا يەتمىدى، ئەمەل قىلدى يا قىلمىدى؛ بىز زىيالىيچاقلارمۇ دىننى، قۇرئان، ھەدىسنى موللىلارنىڭ مەسلەك-مەۋقەيىگە، نوپۇز ياكى مەنپەئەتىگە تەۋە قىلىۋېتىپ، ئۆزىمىزدىن چىققان مەشھۇرلارنىڭ ئۈزۈندىلىرىگە، غەرب مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىگە مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇپ يۈردۇق. پىكىرلەر غەربتىنمۇ، شەرقتىنمۇ، ئوڭچىلىقتىنمۇ، سولچىلىقتىنمۇ كېلىۋەردى. ماركىس، شۇپېنخائېر، نېتزى، سارترى…لارنىڭ پىكىرلىرى لايداپ قالغاندا، ئۇنى پېتىقداپ ئۆز پىكرىمىزگە، ھەتتا ئۆز ئىدىيىمىزگە ئايلاندۇردۇق. يازغۇچى دېگەن ئاۋۋال مۇتەپەككۇر بولۇشى كېرەك دېگەن چوڭ شوئارنىڭ تۈرتكىسىدە قانچە ئازگاللاردىن كېچىپ، قانچە لايلارنى چاچرىتىپ ئەدەبىيات كوچىسىنى بۇلغىدۇق. ھازىر ئويلايمەن، شۇ ئازگاللارنى كەچمىگەن بولساق، توغرا ئىدىيە ۋە پاكلىقنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنمۇ بولاتتۇق، مەسىلىنى ئاددىي چۈشىنىدىغان مۇسۇلمان بولۇپ قالاتتۇق. دىن دېسە بېشى ئاغرىيدىغان، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ تەرجىمىسىنى بولسىمۇ ئوقۇپ باقاي دېمەيدىغان، ئۇنى ئوقۇسىلا دىنغا كىرىپ، بىردىنلا ئۆزگىرىپ كېتىدىغاندەك قاچىدىغان، ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ ماھىيەتكە چۆكەلمەيدىغان، ئىماننى ھەق-ناھەق تۇيغۇسى، ۋىجدان، ئىنساپ بىلەن باغلاپ چۈشەنمەي، كونىلاردىن قالغان ئەنئەنە ياكى پەيغەمبەرلەردىن قالغان رىۋايەت دەپ چۈشىنىدىغان، ئاخىرەتنى يوشۇرۇن ئىنكار قىلىپ، دۇنياغا بېرىلىدىغان، غەيبكە ئىشەنمەي بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان پۈچەك زىيالىيلارغا ئايلىنىپ كېتەتتۇق.
ئېتىقاد بولمىسا بولمايدۇ، دىنغا ئىشەنسە ياخشى، ئىسلام دىنى بىزنى ساقلاپ قالغان… دېگەندەك ياخشى پاراڭلارنى قىلىدىغان زىيالىيلارنىڭ دىنغا ھازىر دۈشمەن ئەمەسلىكىنى، ھېچ بولمىسا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ "تەسىرلىنىپ" كېتىمەن. ئەسلىدە سەن بۇ مۇقەددەس دىنغا ئەمەس، ئۆزەڭگە ئېچىنساڭ، ئۆزەڭگە ھېسداشلىق قىلساڭ بولىدۇ. سېنى ھېچكىم مۇسۇلمان بولۇشقا زورلىمايدۇ. دېمەك، بىر قېلىپقا كىرىۋالغان كاللىغا بىر تەرەپلىمە قاراشتىن باشقا ھېچنېمە سىغمايدۇ. دىن تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدۇ دەيدىغانلار بۇرۇنقىدىن ئازلىدى، ئەمما كۆڭلىدە بۇنىڭغا ھېلىھەم ئىشىنىدىغان، ھەق بىلەن باتىلنى، دىن بىلەن خۇراپاتلىقنى، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنى، مەدەنىيەت بىلەن بەدەۋىيلىكنى(ياۋايىلىقنى، ئەسەبىيلىكنى، ماڭقۇرتلۇقنى) ئايرىيالمايدىغان مۈجمەل زىيالىيلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. زىيالىي دېگەن ئايدىڭلاتقۇچىدۇر، ئۆزىنىڭ قەلبىنى يورۇتالمىغان ئادەم باشقىلارنىڭ دىلىنى قانداق يورۇتالىسۇن؟ زىيالىي بولمىساڭ بولما، ياخشى مۇسۇلمان بول، ئۆمۈرلۈك بەختىڭگە يېتىپ ئاشىدۇ؛ كۆپۈك نام-شۆھرەتنى قوي، ئائىلەڭدە ئىززىتىڭ بولمىسا ھەممىسى بىكار؛ مىليونلاپ پۇل تاپقىنىڭ بىلەن، سالامەتلىكىڭ يار بەرمىسە، بىر لوقما تائام، بىر يۇتۇم سۇدىنمۇ ھۇزۇرلىنالمايسەن. "ئاللاھ تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ" دېگەن ئايەتنى مىڭ قېتىم ئوقۇساڭمۇ، ئۇنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمىساڭ، ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى بىلەلمەيسەن، ھەق يولدىكى قاراملىقنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيسەن. ئىلىم—بىلمەكتۇر، ھېكمەت—شۇنى ئىجرا قىلماقتۇر. سۆزلەر ھېكمىتى بۇ سۆزلەرنىڭ قەلبكە ئۆزلىشىشى، ھەرىكەتكە ئايلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
چۆلدەرەپ قېلىۋاتقان بۇ بلوگنى قۇرۇق گەپ بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇشنى خالىماي، ياخشى دىنىي ماقالىلەر، ھەدىسلەر ۋە ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن سۆزلەر بىلەن بېزىمەكچى بولغانىدىم، ئەمما تور ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى شەخسىي بايانلارغا، ئۆزگىچە ھېس-تۇيغۇلارغا، ھېكايە-رومانلارغا، جەمئىيەتتىكى ئىشلارغا، تەھلىللەرگە، غەيۋەتلەرگە ئامراق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ ئىستېتىك زوقى، ئامراقلىقى ئۈچۈن باش قاتۇرسام ئۆزەمنى گويا سورۇننى قىززىتىش ئۈچۈن چاقچاق ئويلاۋاتقان ھەزىلكەشكە ئوخشىتىپ قالىدىكەنمەن. ھەممە ئىش تەبىئىي بولسۇن، سەمىمىي بولسۇن، نەسىھەتگۇيلۇقنى مەنمۇ ياقتۇرمايمەن، چۈنكى ھەقىقىي نەسىھەت ۋە تەربىيە ئىچىمىزدىن— نەپسىمىزگە راھەت بەرمەيدىغان ۋىجدانىمىزدىن، ئاچچىقىمىزدىن، غۇرۇرىمىزدىن، ۋەسلىگە يېتەلمەيۋاتقان ئىمانىمىزدىن كېلىدۇ. نەسىھەتنىڭ نەتىجىسى ياخشى ھەرىكەت، ھەرىكەتكە ئايلانمىغان ئىدىيە، پىكىر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر، مەيلى قانچە ئېسىل بولۇپ كەتسۇن، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بىر قىزغا مىڭ كۆز
2012-07-10 18:56:35836ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى؟
8761سائەت ئىلگىرى2246ھاقارەت (ھېكايە)
2015-02-12 13:18:352160توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق
2015-08-07 00:54:311337ئەللامە يۈسۈف قەرداۋى ھېكمەتلىرى
2013-04-01 05:13:45771نەچچە ۋاقىتتىن بېرى...
2011-08-22 09:27:40526قۇشقاچ
2009-03-28 17:11:26470يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد
2015-08-07 20:07:201150
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-