ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىر قىزغا مىڭ كۆز

بىر قىزغا مىڭ كۆز

ۋاقتى: 2012-07-10 ئاۋاتلىقى: 827 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مېترودا چىرايلىق قىزلارنى پات-پات كۆرگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى "گۈللەر" چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئەرلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلسا، سەترەك ئاياللار ھەسەد قىلىدۇ. چىراينىڭ فوكۇس نۇقتىسى ئاساسەن كۆزگە مەركەزلىشىدۇ، چۈنكى كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، گۈزەللىكنىڭ نۇر تاجى. شۇڭا كۆزى قىسماق ياكى يالاڭ قاپاق قىزلار كۆزى چوڭ، قوشقاپاقلارغا ھەۋەس قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق كۆزلەر خەنلەر ئىچىدە تولىمۇ كەم كۆرۈلىدۇ ھەم ئېتىبار بىلەن قارىلىدۇ. نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ قاپىقىنى كەستۈرگەن، قايرىما كىرپىك سېلىۋالغان، ھەر كۈنى ئەينەك ئالدىدا قاش، كۆزىنى بوياشقىلا نەچچە ئون مىنۇت سەرپ قىلىدىغان قىز-چوكانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھەر قانچە قىلىپمۇ كۆزىنى چولپانلارنىڭ كۆزىدەك چىرايلىق قىلالمىغان، كۆزىنىڭ سەتلىكىدىن ئىچى سىقىلىدىغان قىزلار ئەگەر بېيجىڭ توڭرېن دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئالدىدا ماڭا ئوخشاش بىر نەچچە سائەت قىستىلىپ تۇرۇپ قالىدىغان بولسا، يا پانا دەپ ياقىسىنى تۇتۇپ كېتىپ قالغان، مۇشۇ كۆزۈمگە شۈكرى قىلسام بولغۇدەك دەپ قانائەتلەنگەن بولاتتى. دېمەك، ساغلام كۆزنىڭ بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكىگە شۇ گۆھەر پارلاپ تۇرغاندا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ، مەۋجۇت نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىمەن دەپ يېتىپ بولالمايدۇ. قىزلارنىڭ ئۆزلىرى رازى بولمايدىغان سەترەك كۆزلىرى كۆپىنچە ساغلام بولامدىكىن دەيمەن، ئەگەر شۇنداق بولسا بەختىم شۇ دەپ بىلسە بولىدۇ، ئەمما تولا قىزلارتا قېرىپ كەتكىچە چىراي ۋە گۈزەللىكنىڭ ئىزتىراپىنى چېكىدۇ. ئەرلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان ساراڭدەك ئاشىقلىقى، ئاياللارنىڭ شۆھرەتخۇمارى ئۇلارنى شۇنىڭغا مەجبۇرلايدۇ،

بېيجىڭ توڭرېن دوختۇرخانىسى بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان، بولۇپمۇ كۆز داۋالاشتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دوختۇرخانا. يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكلىرىنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاشتىمۇ داڭقى بار، ئەمما مەن بۇ يەردىكى چىرايلىق سىستېرا ۋە دوختۇرلارنىڭمۇ كۆزەينەك تاقايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەڭ ياخشى تاللاش مۇشۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئۆتكەندە تەيۋەنلىك بىر دوختۇر "لازىر نۇر بىلەن داۋالاشتىن ۋاز كەچتىم، بۇ ئوپىراتسىيىنىڭ ئەكس تەسىرى، ئاقىۋىتىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك" دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن، بېيجىڭدا شۇ خىل ئوپىراتسىيە بىلەن پۇل تاپىدىغان باي دوختۇرخانىلارنىڭ پاي چېكى چۈشۈپ كەتتى. ئەمما ئوپىراتسىيە باھاسى چۈشمىدى. چۈنكى گۈزەللىك ۋە ئاسانلىق ئۈچۈن بۇ ئوپىراتسىيىنى تاللايدىغان قىزلار يەنىلا كۆپ ئىكەن. مەن بىلىدىغان بىر قانچە قىز توي قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە شۇنداق ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپتۇ، گۈزەللىك ئۈچۈن بۇنداق تەۋەككۇل قىلىش ساغلاملىققا زەرەر ئېلىپ كەلمىسىلا بولاتتى-دە. كۆزنىلا ئەمەس، پۈتۈن چىرايىنى تۈزەيمەن دەپ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان، ئورۇقلايمەن دەپ تاماقنى ئاز يەپ ياكى خاتا ئوزۇقلىنىپ كېسەل بولغان، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن "گۈزەللەر"نى ئاڭلىدۇق. بۇلار گۈزەللىك ئاياللارنىڭ جېنى، بارلىقى ۋە تەبىئىي ئىنتىلىشى دەپ شۇنداق قىلدىمۇ، ئەرلەرنىڭ زوق-ھەۋىسىنى، ئاياللارنىڭ ھەسەدخورلۇقىنى قوزغاش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمۇ ياكى بۇنداق سەت ئەپتىم بىلەن ياشىغىچە نېمە بولسام بولاي دەپ ئۆلدىمۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ.

لازىر نۇر ئارقىلىق ئوپىراتسىيە قىلىش ھۆسن تۈزەشكە ئائىت ئوپىراتسىيە بولۇپ، ھېچقانداق ئورۇن ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرمەيدۇ. ئوپىراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا 10 يىلغىچە مەسىلە كۆرۈلمىسە، تەلىيىڭىز. ئەگەر بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كېچىدە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمىسىڭىز، كۆزىڭىزدىن پاشا ئۇچسا ئەھۋال ياخشى ئەمەس دېگەن گەپ.

توڭرېن دوختۇرخانىسىدا دوختۇر غوجامنىڭ دىدارىغا تەلمۈرۈپ ئۆچرەت تۇرۇپ كەتكەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال، ئۇششاق بالىلارئارىسىدا كۆزىنى تېڭىۋالغان قىزلارنىمۇ كۆرۈپ قالدىم، بۇنىڭ ئىچىدە قاش-كۆزىنى كەمسىتىدىغان، ياسايمەن، تۈزەيمەن، بويايمەن دەپ كۆزى بىلەن خالىغانچە ئوينىشىدىغان قىزلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، ساغلاملىق ھەر قاچان گۈزەللىكتىن مۇھىم دەيمىز، ئەمما قىزلارغا كەلگەندە بۇ گەپ دائىم ئاقماي قالىدۇ.

ئۇيغۇر قىزلارنىڭ قاش-كۆزى ئومۇمەن چىرايلىق، كىرپىكى تەبىئىي ئۇزۇن، قايرىما كىرپىك بولغاچقا خەنزۇ قىزلاردەك قايرىما كىرپىك سېلىۋالىدىغان، پارقىراق بىر نېمىلەر بىلەن كۆزىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلار ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە قىزلار سۈرمە ئىشلىتىدۇ، سۈرمىنىڭ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىسى بار، ھاجىلار يىلدا ھەرەمدىن زەم-زەم سۈرمىلىرىنى ئەكىلىپ، خوتۇن-قىزلىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ، دۇكانلاردىمۇ ساتىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلار، بولۇپمۇ ستودېنتلار ئىچىدە كۆزەينەك تاقايدىغانلار ئاۋۇپ قالدى، بۇنىڭدىن ئۇ قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا قانچىلىك ئىچى پۇشىدىغانلىقى ئېنىق، بىر ئوبدان قاش-كۆزىنى توسۇۋالغان، تەبىئىي گۈزەللىكىنىڭ بىر قىسمىنى تارتىۋالغان شۇ ئەينەكنى بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن تاشلىۋېتىپ، ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشنى ئويلايدىغان قىزلىرىمىز كۆپ، گۈزەللىكنى ساغلاملىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان چىرايلىق قىزلارنىڭ تولىسى "تۆت كۆزلۈك" بولۇشتىن قېچىپ، يوشۇرۇن ئەينەك تاقاش يا بولمىسا لازىر نۇر بىلەن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش يولىنى تاللايدۇ. بىر قىز ماڭا " كۆزەينەك تاقىغان قىزلار ماڭا بەك بىچارە كۆرۈنىدۇ" دېدى، ئەگەر ئۇ توڭرېن دوختۇرخانىسىغا كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ بىچارە قىزلارنى كۆرىدۇ. شۈكرى قىلىش كېرەك، كېسەللىكنى مەسخىرە قىلىش ئەخلاقسىزلىق، ھەر كىم بۇنىڭغا تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چۈنكى مەيلىخۇشلۇققا، ئەركىنلىككە كۆنۈپ كەتكەن ئىنسان ھەر كۈنى، ھەر سائەت ئۆزىنى ئاسراپ، جېنىنى ئاۋايلاپ يۈرەلمەيدۇ، تۈرلۈك بېسىم، مەجبۇرىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ، ئۆز نەپسى بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بەك بولسا، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۆزىگە سىگنال بېرىپ قويىدۇ.

ئادەتتە ئوغۇللار قىزلارغا بەك سەپسالىدۇ دەيمىز، ئەمەلىيەتتە قىزلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ كىيىمىدىن تارتىپ قاش-قاپاقلىرىغىچە ئاجايىپ زەن قويىدىغانلىقنى كىم بىلسۇن، كۆزى ساق گۈزەللەر ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ، كۆزەينەكلىك قىزلارنى يوشۇرۇن كەمسىتىشى مۇمكىن، كۆزى ساق، ئەمما كۆرۈمسىزرەك قىزلار كۆزەينەك تاقىۋالغان چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە شۈكرى قىلىشى مۇمكىن. قەلب ئەينىكىدە ئوغۇللاردىن باشقىنى كۆرەلمەيدىغان مىشچان قىزلار مۇھەببىتىم دەپ تولا ياش تۆكۈپ كۆزىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن... كۆزلەر ئۆتۈشىدۇ، بىر-بىرىنى كۆزىتىدۇ، خىلمۇ خىل ئالامەتتە تىكىلىدۇ، پارلاپ تۇرغاندا كېچىدىكى يۇلتۇزدەك تەبىئىي كۆرۈنىدۇ، قەدرى ئۆتۈلمەيدۇ، ئۆچكەندە بۇ دۇنيامۇ تەڭ ئاخىرلاشقاندەك بولىدۇ.

ئومۇمەن، يا ئۇنداق، يا بۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆزىدىن مەسىلە چىققان قىزلارنىڭ ئەڭ باشتا دۇچ كېلىدىغىنى ساغلاملىق ياكى گۈزەللىكنىڭ بىرىنى تاللاش. ئەقىللىق قىزلار ئەلۋەتتە ساغلاملىقنى، روھىي گۈزەللىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. شەيتان ھەۋىسى غالىپ كېلىپ، تاشقى گۈزەللىك ئۈچۈن سالامەتلىكىنى قۇربان قىلىپ، 10 يىل سەت ياشىغىچە، بىر يىل بولسىمۇ كۆزلەردىن ئوت چىقىرىپ ياشاي دەپ بەل باغلىغان قىزلار ئۆز مۇرادىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشسا ئۇمۇ بىر يول، ئۇمۇ بىر ئەركىنلىك. كۆزى سەت بولسۇن، چىرايلىق بولسۇن، يورۇق دۇنيانى كۆرەلىگىنىگە شۈكرى قىلىپ، "كۆرۋاتقىنى كۆزۈم ئەمەس، روھىم، قەلبىم" دەپ ھەقتائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىسا، كۆزى قانداق ھالەتتە بولسۇن، شۈكرى قىلىپ ياكى سەۋر قىلىپ ياشىسا، تېخىمۇ ياخشى.

توڭرېن دوختۇرخانىسىدا بىر كۆزىنى تېڭىۋالغان خەنزۇ قىزلارنىڭ سولغۇن چىرايىنى رەسىمگە تارتىۋالاي دەپ بولدى قىلدىم، ئىبرەت قىلامدىمەن، تاماشا كۆرەمدىمەن؟ مەن بىللە بېرىشىپ بەرگەن ياش ئايالنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق داۋاالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى، بىر كۆزۈمنى قولۇم بىلەن ئېتىپ سىناپ باقتىم، كۆرۈش ئۇپۇقى تارىيىدىكەن، ئادەم بەئەينى يېرىم دۇنياسىدىن ئايرىلىدىكەن، بىراق ئامال قانچە؟ ئىككىلا كۆزىدىن چاتاق چىققان بولسىمۇ يەنىلا ياشاش كېرەك. چۈنكى باشقا ئەزالىرى ساق. يەنە كېلىپ بىر كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ھەر ھالدا ياخشى. شۇڭا ئۇنىڭ يەنە بىر كۆزۈم ساق دەپ سەۋر قىلىشىنى تىلىدىم.

كۆزدىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك دۇنياغا خۇددى مۇشۇ دۇنياغا پەرۋاسىز قارىغاندەكلا قارايمىز، چۈنكى كۆنۈپ كەتكەنمىز، يورۇقلۇقتىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا يورۇقلۇقنىڭ قەدرى ئۆتۈلىدىغانلىقى ھەقىقەت، ئەمما بۇ ھەقىقەتنى شۇ ھالەتنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ بىلگىلى بولمايدۇ، پەقەت دەپلا قويىمىز، ئەتە يەنە كۆزىمىزدە، ماھىيەتتە بولسا روھىمىزدا زاھىر بولغان رەڭگارەڭ دۇنياغا قانماي ياشايمىز. ھەقىقەتەن، كۆزلەرلار ئەمەس، قەلبلەرمۇ كوردۇر. غاپىللىق ۋە دائىم كېچىكىپ قېلىش بىزنىڭ قىسمىتىمىز. ئەمما ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدۇ.
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى