ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر

ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر

ۋاقتى: 2010-08-06 ئاۋاتلىقى: 716 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن كارخانىچىلارغا لېكسىيە سۆزلىگەن. كارخانىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، بىر قىسىملىرى ئەمەلدارلارغا تايىنىپ بېيىغان، ئولتۇرغانلار بۇنى مەندىن ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار قانداق ئۇتۇق قازاندى، بۇنىڭ مەندەك ئەدەبىياتچى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق. ھەر قايسىلىرى مېنى ئەدەبىيات ھەققىدە ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاچقا مەن ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان نەق گەپنىلا قىلاي.  نۇرغۇن كارخانىچىلار ”بىزنىڭ توققۇزىمىز تەل، لېكىن تۇرمۇشىمىز مەنىسىز“ دەيدۇ.  زادى نېمە كەم؟ بۇنىڭغا بەلكىم ئەدەبىيات جاۋاب بېرەلەيدۇ.


ئالدىنقى ئەسىر 90-يىللارنىڭ بېشىدا جەمئىيەتتە ئەدەبىيات، مەرىپەت روھى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر بولدى. شۇ چاغدا ۋاڭ مېڭ ئەپەندى يومۇرلۇق قىلىپ: ” بىزدە ئەدەبىيات روھى بولۇپ باققانمۇ؟“ دېگەنىدى.  دەرۋەقە، ھازىرقى دەۋردە ئەدەبىيات روھى بارغانچە چىرىپ كېتىۋاتىدۇ،  بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر ئادەمدە ئەدەبىيات روھى بولۇشى كېرەك. شۇغىنىسى ئەدەبىيات روھىغا دەلمۇ دەل ئېنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى بىز پەقەت كۆڭۈلدە بىلىمىز.


ھازىرقى ئادەملەر ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ياشىيالمايۋاتقاندەك ھېس قىلدۇ. بىز دائىم ”ئەركىنلىكىمىز بوغۇلۇپ قالدى، بۇنى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان“ دەپ ئاغرىنىمىز. ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ مەھكۇملۇقىنى زامانىۋىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، زامانىۋىلىشىشنىڭ ئۆزىلا ئىنسان تەبىئىتىنى چۈشەپ قويىدۇ. زامانىۋىلىق دەۋرىگە كىرگەندىن باشلاپ ئادەملەر ھەر كەسىپ، ھەر ساھەگە بۆلۈنۈپ كەتتى،  ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىنى، قىلىدىغان ئىشىنى تاپالمىسا ئىچى پۇشۇپلا  ئۆتىدۇ.  نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنسان تەبىئىتى بىلەن ئەڭ يېقىن پەن ئەدەبىياتتۇر. ئەدەبىيات ھاياتقا تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىك بەخش ئېتىدۇ، شۇڭا بىر كىشىدە ئەدەبىيات ساپاسىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى تولىمۇ مۇھىم. ئەدەبىيات كىشىلىك ھايات بىلەن بىر گەۋدە، ئەدەبىياتتىكى مەزمۇنلار ئىنسان ھاياتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ.


كىمكى ئەدەبىيات ساپاسىنى ئۆستۈرسە ئېسىللىكتىن زوقلىنىشنى بىلىدىغان بىلىملىك ئادەم بولالايدۇ.  سىمفونىيەدىن زوقلىنىمەن دېگەن ئادەم شۇ مۇزىكىدىن زوقلىنالايدىغان سەۋىيىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك، ئۇنداقتا  ئەدەبىيات روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟


 


1. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك


 


ئەدەبىيات ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن جاھانغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارنىمۇ قەدىرلەش  كېرەك. مەسىلەن،  خائىن بەدبەختلەر مېنى چىشلەپ تارتىپ ھاقارەتلەيدۇ. ئۇلارنى كۆرسەم خۇددى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مايمۇنلارنى كۆرگەندەك ناھايىتى ئېچىلىپ كېتىمەن، چۈنكى ئۇلاردا ئادىمىيلىك، ئەقىل-پاراسەت يوق، پىسەنت قىلىشىمغىمۇ ئەرزىمەيدۇ،  ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئەخمىقانە ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۈلمەي تۇرالامدىمەن؟  مەن مۇشۇنىمۇ ياخشى كۆرەلىگەن يەردە دۇنيادا يەنە نېمىلەرنى ياخشى كۆرگىلى بولمىسۇن؟


بىز تۇرمۇشنى سەنئەتلەشتۈرسەك بولىدۇ، ھەممە نەرسىگە سەنئەتنىڭ كۆزىدە قارىساق بولىدۇ.   ئالايلۇق، مەكتەپ سەيناسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار دېسەك،  بىر بوتانىكا ئالىمى كەلسە بۇ دەرەخكە قاراپ، ئۇنىڭ قايسى تۈردىكى دەرەخ، قايسى ماكان، قايسى ئىقلىمغا  تەۋە ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىدۇ. ئەگەر بىر ياغاچ سودىگىرى كەلسە كۆڭلىدە  بۇ دەرەخنىڭ زادى قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى  باھالايدۇ. بۇ خىياللار پەقەت كەسپىي خىياللار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەنە، زوق ۋە خۇشاللىق بولمايدۇ؛  ئەگەر ئۇ دەرەخكە سەنئەت كۆزىدە باقساق، ئۇنى كۆرگەندىن كېين ئۇنىڭ قانداق دەرەخ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىمىز، ئۇنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلىمايمىز، بەلكى ئۇنىڭ شەكلى، ھالىتى، رەڭگى ۋە بۇلارنىڭ مۇجەسسەم ھالەتتىكى گۈزەللىكىدىنلا زوقلىنىمىز. بىز نېمىشقا تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن زوقلىنىمىز؟ چۈنكى ئۇنىڭدا  گۈزەل  تاغلار، سۇلار ، دەرەخلەر ئاجايىپ چىرايلىق تەسۋىرلەنگەن، ھەرگىز ئۇلارنىڭ  جايلاشقان ئورنى،  تۈرى-جىنسى  ۋاھاكازالار تەھلىل قىلىنمىغان. ھازىرقى ئادەملەر ماقالە يازسا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تەھلىل قىلىپ يېزىۋېتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ھېچ گۈزەللىك يوق.


كىشىلەر تاڭ، سۇڭ دەۋرى شېئىرلىرىنى ئوقۇسا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمما ئۇنى خائىنلار ئوقۇسا ”جۇڭگولۇقلار تەبىئىتىدىنلا يالغانچى، ياسالما“ دەيدۇ.  ئۇلار يەنە ” ئەگەر خىرىستوس ئىسانىڭ مۇھەببىتى بولمىسا ئاتا بىلەن بالا، شاھ بىلەن ئاۋام ئارىسىدا مېھرىبانلىق بولمايدۇ“ دەيدۇ.   ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالسىڭىز  سەسكىنىپ كېتىسىز، چۈنكى ئۇلار ھېچنېمىدىن زوقلىنالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ھەممىنى ئەيلەپ چەيلەپ ئاخىرىدا ئۇنى ئامېرىكىنىڭ پوقىغا ئايلاندۇرۇش.   مەن نېمىشقا خائىنلارنى كۆزگە ئىلمايمەن؟   ئۇلارنىڭ سىياسىي مەسىلىسىنى قويۇپ تۇرايلى،  ئۇلار بىلەن نەچچە ئون يىل بىرگە ياشاش جەريانىدا بىرەرسىنىڭمۇ تۇرمۇشىنىڭ مەنىلىك ئۆتكىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ھەممىسىدە ”سىنىپ كۈرەش چىرايى“ بار، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا كومپارتىيىنى تىللايدۇ، ماۋ زېدۇڭغا ئۆچلۈك قىلىدۇ. بۇ  گۇيلاردا ئادىمىيلىك يوق، يەپ-ئىچىپ، ساز چېلىپ، شاھمات ئويناپ، ھۆسنخەت يېزىپ رەسىم سىزسىمۇ مەلۇم غەرەز، مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىدۇ، يومۇرىستىك تۇيغۇسى يوق، پەقەت ئادەم تىللاشنىلا بىلىدۇ.  ئۇلار جۇڭگونى تىللىغاندا بەزىدە  ئەمەلىي گەپلەرنىمۇ دەپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھە دېسە نالە-زار قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى باشلاپ كەلمەكچى بولغىنىدەك ئالدىراقسانلىقى كىشىنىڭ  كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ.


سۇڭ دەۋرىدىن كېيىن شېئىرلار زاۋاللىققا يۈزلەندى، كېيىنكى شېئىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەقلىد، دورامچىلىق بولۇپ،  ئىجادىيلىق، يېڭىلىق يوق.  بۇ دەۋرىمىزگە كەلگەندە شېئىرلار تېخىمۇ تۈگەشتى. نېمىشقا؟ چۈنكى بىزنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش دەرىجىمىز قەدىمكىلەرگە زادىلا يەتمەي قالدى. تاڭ دەۋرىدىكى كىشىلەر  قالتىس جۇشقۇن ياشاپتىكەن، لى بەي، دۇ فۇ دېگەنلەر تۇرمۇشنى بەكلا قىزغىن سۆيەتتىكەن. خائىنلارمۇ تۇغۇلۇشىدىن ئەسكى تۇغۇلمىغان، كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى ئوماق بولغىيدى، بىراق ئۇلاردا ئەدەبىيات ساپاسى، تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئارزۇ-ھەۋىسى بولمىغاچقا ياشىغانچە بوغۇلۇپ قالغان، ئاندىن بىر قىسمى خائىن بولۇپ كەتكەن. شۇڭا بىزدە چوقۇم ياخشى بىر ھەۋەس، ئىشتىياق بولۇشى كېرەك، ھەۋەس بولمىسا سەنئەت گۈزەللىكىمۇ بولمايدۇ.


 


2. كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش كېرەك


 


ھازىر  كۆپىنچە كىشىلەر كىتاب ئوقۇمايدۇ. مەنچە كىتاب ئوقۇش تاماق يېگەنگە ئوخشايدۇ. تاماق يېيىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلاردىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ جان ساقلايمىز. كىتاب ئوقۇش بولسا تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك ”غىزالىنىش“ بولۇپ، باشقىلارنىڭ روھىنى، ئىدىيىسىنى ”يەپ“ ھۇزۇرلىنىمىز.  ئۆزەڭ ياقتۇرمايدىغان كىتاب بولسىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ باق. خائىنلارنىڭ تۇرمۇشى زېرىكىشلىك بولسا كېرەك يوق، ئۇلار كىتابنىمۇ ياخشىراق ئوقۇمايدۇ، ھېچ بولمىسا مېنىڭكىنى بولسىمۇ ئوقۇپ باقمايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىتابلىرىمدا نۇرغۇن نۇقسانلار بار، ئۇستازلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بۇنى تەنقىدلىگەن. ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، مېنى تىللاپ قارغايدىغان خائىنلاردىن بىرەرسىمۇ كەمچىلىكىمنى بايقىيالمىدى، ئۇلارنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغان يېرى دەل ئۆزەم ھېچقانداق مەسىلە يوق قارىغان يەرلەر. بىرەرسىمۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمى بىلەن كىرىپ مېنى تەنقىدلىيەلمەيدۇ.


گېگىلنىڭ روھى ناھايىتى تىرەن، ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپلا روھىدىن ئوزۇق ئالىمىز. مەن ھېچكىمنى زىيانغا ئۇچراتمىغان ئاساستا ئۇنىڭدىن بىر نەرسىلەرنى ئالىمەن، مانا بۇ كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش. ماۋ زېدۇڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان، لىن بياۋمۇ ئوقۇغان، ئەمما ئۇ ئۆزى ئوقۇماي، كاتىبى ئارقىلىق قىسقىچە مەزمۇنىنىلا بىلىۋالغان.


كۆپ كىتاب كۆرۈش ئەدەبىيات ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. كونىلار ” كاتتىلارنىڭ ئوقۇمايدىغان كىتابى يوق“ دەپ ئېيتقان. قەدىمكى كىتابلار ناھايىتى ئاز، ھازىرقى كىتابلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا قەدىمىي كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش كېرەك.  بىر قىسىم كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئائىت مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئوقۇساق چۈشىنىشىمىز تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە ئۆتۈشمە ھاسىل قىلىش، كىتاب بىلەن كىتاب ئارىسىدا، كىتاب بىلەن كىشىلىك ھايات ئارىسىدا بىر ئۆتۈشمە بولۇشى كېرەك . كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشنىڭ سەۋەبى مانا شۇ. پېقىر  كىتابنى ئەڭ كۆپ ئوقۇغان ئادەم ئەمەس، ئەمما بلوگىمغا قاراپ بېقىڭ، پەقەت ئېلان قىلغان نەرسىلىرىمنى كۆرسىڭىزلا بىلىسىزكى، ئانچە يۇقىرى بولمىغان مۇشۇ سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈنمۇ ھەر كۈنى 100 مىڭ خەتتىن ئارتۇق بىر نەرسە ئوقۇشۇم، يەنە كېلىپ  ئەڭ سەر خىل كىتابلارنى ئوقۇشۇم كېرەك.


3. زاماندىن زارلىنىپ خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش كېرەك


 


ئەدەبىيات روھىنى يېتىلدۈرۈشتە قىلىدىغان ئۈچىنچى ئىش زاماندىن زارلىنىپ خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش.  جۇڭگولۇقلار ماددىي دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش مەسىلىسىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ، بەلكى ئادەمگە بەك ئېتىۋار بېرىدۇ. ئادەم ياشىغانىكەن رىقابەتتىن خالىي بولالمايدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق رىقابەتلىك دەۋردە. ئەمما جۇڭگو مەدەنىيىتى بىزگە رىقابەتلىشىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن رىقابەتلەشمەسلىكنى، رىقابەتلىشىشنى ھەقىقىي بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ  رىقابەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.  ھەر كۈنى توردا داڭلىقلارنى غاجاپ نام چىقارماقچى بولغانلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ.  سەن ئۇنى ئۈچ يىل تىللىساڭمۇ ئۇ يەنىلا داڭلىق پېتى تۇرىۋېرىدۇ، سەن پەقەت ئۆز ياشلىقىڭنى قۇربان قىلغان، ھۆرمىتىڭنى ساتقان بولىسەن، ھەر قانچە قىلساڭمۇ ئۇنىڭ رودىپايىغا، قاپقارا سايىسىگە ئايلىنىپ قالىسەن.


جۇڭگو مەدەنىيىتى ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگولۇقلار  ” ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشى ئاسان ئەمەس، ئۇ دۇنياغا بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ دۇنيادا ياخشى ياشاش كېرەك“ دەپ قارايدۇ؛ گەرچە ئۆز تۇرمۇشى شۇنچە نامرات بولسىمۇ ئاجىز پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، كۇڭزىچىىلارنىڭ ”خەلق ئاساس“ دەيدىغان ئىدىيىسى بار. كۇڭزىچىلار ئاجىز پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، قانداقتۇر مۇقىم بىر سىنىپقا ئەمەس، بەلكى قايسى تەرەپ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا شۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈن ھەر قايسىڭلار پۇلدار كارخانىچىلار، كەچۈرۈڭلار، سىلەرگە ھېسداشلىق قىلمايمەن؛ ئەگەر ئەتە سىلەر ئوڭچى ئاتىلىپ ياكى ۋەيران بولۇپ تۈرمىگە كىرىپ قېلىپ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالساڭلار ئاندىن سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىمەن. ئەگەر ئىككى يىلدىن كېيىن ئامىتىڭلار كېلىپ ئەمەلدار بولۇپ قالساڭلار مەن يەنە باشقا ئاجىز پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن، پەلەكنىڭ چاقى دائىم ئۆرگىلىپ-چۆرگىلىپ تۇرىدۇ. خائىنلار شۇنىڭ ئۈچۈن نەپرەتكە لايىقكى، ئۇلارنىڭ تەبىئىتى پەس، پۇرسەتپەرەس.  ئەگەر سېنىڭ بىڭسىڭ بولسا، ئەگەر راستىنلا قەھرىمان بولساڭ نېمىشقا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى»دا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ خائىن بولمىدىڭ؟  ھازىر ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەتراپىمىزغا قىستاپ كېلىۋاتقاچقا بۇ بەدبەخلەر يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىپ ئاندىن  سىلەرنىڭ مال-مۈلكىڭلارنى بۇلاشنى ئويلايدۇ، بۇ قانداق قەھرىمانلىق؟  شۇڭا دەيمەن، جۇڭگونىڭ كارخانىچىلىرى، سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭلار خائىنلار.  ئويلاپ بېقىڭلار، كومپارتىيە بولمىسا باي بولالامتىڭلار؟  جۇڭگو تۆت-بەش پارچىغا بۆلۈنۈپ كەتسە سىلەرگە نېمە پايدىسى؟ مەن كۇڭ راھىب، بىر ئادەم ئۆلگەنگە ھېچنېمە بولمايدۇ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە قانغۇدەك ياشىدىم، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ نەچچە مىڭ خىل نازۇ نېمەتلەرنى تېتىدىم.   بولدى،  ئەگەر مادارىم يەتسە تىللاشقا تېگىشلىك بەدبەخلەرنى ۋارقىراپ تۇرۇپ تىللايمەن،  ئەركىن-ئازادە تىللايمەن. كۆپچىلىك، پەخەس بولۇڭلار، ۋەتەن ساتقۇچ خائىنلار سىلەرنىڭ  پۇل-مېلىڭلارنى،  خوتۇنلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.


خۇلاسە كالام، بىز ئەدەبىيات، مەرىپەت روھىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ئەدەبىيات ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئەدەبىياتنى ئاددىي ھالدىلا  تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرى، ئىشق-مۇھەببەت ۋە كەيپ-ساپا تەسۋىرى دەپ چۈشىنىپ قالماڭلار. ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر، ئاددىي چاغلىغان نەرسىنىڭ قىممىتى ئەسلىدە ناھايىتى زور. يەنە كېلىپ ئەدەبىيات يازغۇچىلارنىڭ پاتېنت مەھسۇلاتى  ئەمەس، ئۇ ھەممەيلەن بەھىر ئېلىپ زوقلىنىدىغان، مىجەزىنى تەڭشەپ روھىنى كۆتۈرىدىغان گۈزەل باغچە؛ ئەلۋەتتە، ھەر ئادەمنىڭ بۇ باغچىغا كىرىپ كۆرىدىغىنى ۋە ئېرىشەلەيدىغىنى ئوخشىمايدۇ.  ھاياتىمىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا، ئىقتىدارىمىزنىڭ مەلۇم پەللىسىگە يەتسەكلا كۇپايە، ھەممىگە تەڭ يېتىمەن، ھەممىگە تولۇق ئېرىشىمەن دېيىش ئاقمايدۇ.


(بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ داڭلىق پروفېسسورى، كۇڭزىنىڭ 73-ئەۋلادى كۇڭ چىڭدۇڭنىڭ كارخانىچىلارغا سۆزلىگەن سۆزىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى)   

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى