ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

«بىچارە ئۇيغۇر تىلى»

«بىچارە ئۇيغۇر تىلى»

ۋاقتى: 2015-02-26 ئاۋاتلىقى: 2102 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئانا تىل كۈنىمىش، بىر نەچچە يىل بولدى بۇ كۈننى ئۇنتۇپ قالمىغانلار داۋاملىق ئانا تىلىم ئانامنىڭ تىلى دەپ بۇ كۈننى قۇتلاۋاتىدۇ. بۇمۇ دوپپا بايرىمىغا ئوخشاش مىللىي ئىپتىخار كۈنى بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. بۈگۈن قارىسام «داپيۈز»دە بىرەيلەن مۇشۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئابزاس گەپ قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، ئوقۇپ ئىچىم سىقىلدى:

بىچارە ئۇيغۇر تىلى، ھەي بىچارە ئۇيغۇر تىلى، سېنى چۇۋۇپ، ئۇۋاپ تاشلىدىغۇ بۇ ئاتاقلىق، داڭلىق، ئالىم، پەيلاسوپ، مۇتەخەسىس، مۇتەپەككۇر، سىياسىيون، پروفېسسور... غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق، مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنسۆيەر ئۇيغۇرلار. ھەي بىچارە ئۇيغۇر تىلى، تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ئانا تىل كۈنىنى ئۆتكۈزگەنىدىڭ، بىچارە ئۇيغۇر تىلى، ئۆزلىرى بۇزۇپ، چېچىپ، چۇۋۇپ، پارچىلاپ، ئاندىن ھېلىقىلارغا ئارتىپ قويۇپ يۈرىۋېرىدۇ بۇ ئۇيغۇرلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەستىن. بۇ دۇنيادا سېنىڭدىنمۇ بىچارە تىل يوق جۇمۇ ئۇيغۇر تىلى، چۈنكى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى ھەرگىز  بۇنداق دەپسەندە قىلمايدۇ، بۇنداق بۇزمايدۇ، يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرەرسەن بىچارە ئۇيغۇر تىلى. بەزەن لاتا پىسپاسلار تېخى ئۆزلىرى چالا پۇلا بىلىۋالغان تىللار بىلەن سۆزلىشىپ كېتىشىدۇ تېخى سېنى پەس كۆرۈپ تاشلاپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلەشكەنلىرىنى ئاشۇ تىلنىڭ ئىگىلىرىدىن سورىساڭ، ئۇلار بىر ئېغىزمۇ چۈشەنمىگەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ ساڭا. ھەي بىچارە ئۇيغۇر تىلى!!!
   مۇشۇنداق قاقشاشلارنى، زارلاشلارنى تالاي قېتىم ئاڭلىغاندىمەن، بۇنىمۇ ئۆتكۈزۋېتەي دەپ ئويلاپ يەنە بىر نېمە دېگۈم كېلىپ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويدۇم:
   ئۇيغۇر تىلى بىچارە تىل ئەمەس، بەلكى 300 مىليوندىن ئارتۇق تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ يىلتىز تىلى، ئەدەبىي تىلى، ئىلىم مەرىپەت تىلى، ھاياتىي كۈچى، گۈزەللىكى، ئەۋرىشىملىكى تولۇپ تاشقان بىر تىل. گەرچە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تىل تۆردىن پەگاغا چۈشۈپ قالغاندەك قىلسىمۇ ئەقلى ئويغاق ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ ھەقدارلىقى، مۇھەببىتى بىلەن كەلگۈسىدىمۇ پارلايدىغان بىر تىل. سىز ھازىرقىدەك چۈشكۈنلىكىڭىزنىمۇ، ئەھمىيەتسىز زارلاشلىرىڭىزنىمۇ 20، 30 يىللاردىن كېيىن مۇشۇ تىلىڭىز بىلەن ئىپادىلىشىڭىز مۇمكىن.
كەينىدىن ئۇ ئىنكاس يېزىپتۇ:
كاللا دېسە پاقالچاق دەيدىغان گەپ (ئارقىسىدا  30 دانە ئۈندەش)، توۋا (ئون ئۈندەش)، شۇ ھالىمىزغا يەنىلا ماختاپ قويۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋېرىمىز دەڭلا غۇرۇرلۇق ئەزىمەتلەر (يەنە بىر مۇنچە ئۈندەش).
ئارقىدىن مەن يەنە ئىنكاس يازدىم:
قاراڭغۇدىن زارلانغاندىن بىر تال شام ياققان ئەۋزەل (ئەرەب ماقالى).  ھېلى جان تالىشارمۇ ئانا تىلىم، ئۆلەرمۇ ئانا تىلىم دەپ بىكار تىتىلداپ يۈرگەندىن ئۈمىدنى يۈرەككە تېڭىپ ئەمەلىي بىر ئىش قىلغان ئەۋزەل. بۇ مېنىڭ تۇتقان يولۇم. ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋاتقان گەپ يوق. بىر ئىش قىلاي دەيدىغان ئىستەك بار. قاقشاپ قاقشاپ ئۆلۈپ كېتىمىز بولمىسا.
بىر مىنۇت ئۆتمەي ئىنكاس كەلدى:
مىڭلارچە ئادەم بۇزۇۋاتقان تىلنى ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېلىغۇ بەلنى باغلاش ئىكەن، قانداق يەرنى باغلىغان بىلەنمۇ بىكار. بۇ پەقەتلا بىر قاقشاش ئەمەس، بۇمۇ بىر خىل تەشۋىقات ئۇسۇلى. ھەممە بىردەك چىقىپ، ئاللاھتىن تىلىگەندىلا ئەمەل ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدۇ.
ئەمەل دېگەننىڭ ئۆزىلا ئەمەلىيەتقۇ؟ بەلكىم ئالدىراپ ئىنكاس يازغاچقا مەنتىقىسىز گەپ قىلغاندۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنى قويۇپ، ئەسلى گەپكە ئىنكاس قايتۇردۇم:
ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزۈلمەس، شۇڭا بىز ئۈمىدكە، ئىشەنچكە ئاشىق. ئاللاھمۇ تەقدىرىمىزنى ئالدىن بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇنى ئەمەلىمىزگە، غەيرەت، شىجائىتىمىزگە باغلىغاندۇر. سىز دېگەندەك گەپلەر ئەلۋەتتە كىشىدە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئويغىتىشى مۇمكىن. ئەمما مەن بۇنى بىر خىل پاسسىپ تەشۋىقات دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ گاھىدا كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىپ، پاسسىپ خىيال پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە تەتۈر تەشۋىقات رولىنىمۇ ئوينايدۇ.
توردا يەنە مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەت ئىسىملىك قىزنىڭ «جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر» دېگەن ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. بېشىدا «ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭلىرىڭلارنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار» دېگەن ئايەت نەقىل كەلتۈرۈلۈپتۇ. دېمەك، ھەر قانداق بىر تىل ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتتۇر، ئالامەتتۇر، مۆجىزەدۇر. بىر تىلنىڭ يوقىلىشى دېمەك يەر شارىدىكى بىر جانلىقنىڭ يوقىلىشىغا ئوخشاش تىراگېدىيەدۇر. بۇ ماقالە خېلى ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق يېزىلغاندەك قىلىدۇ، «يوقىلىش گىردابىدىكى تىللار نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» «يوقىلىش گىردابىدىكى تىللارنى قۇتقۇزۇش مۇمكىنمۇ؟»، «ئۇيغۇر تىلىم ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمەن؟» دېگەن چوڭ ماۋزۇلارغا كۆز يۈگۈرتتۈم. ئىچىدىكى مەزمۇنلار رەڭلىك گرافىك ۋە رەسىملەر بىلەن چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. مېنى ئەڭ ساراسىمىگە سالغىنى «تىللارنىڭ يوقىلىش جەريانىدىكى باسقۇچلار» دېگەن مەزمۇن بولدى: 1. يوقىلىش گىردابىغا بېرىش: قوللانغۇچىلىرى ئۆلۈپ تۈگەش ياكى باشقا تىللارنى ئورنىغا دەسسىتىش خەتىرىگە دۇچار بولۇش؛ 2. خوراش: بىرىنچى ياكى ئىككىنچى تىل ئورنىدا قوللىنىۋاتقان تىلنىڭ خورىشى ياكى قىسمەن خورىشى؛ 3. ئۆلۈش: قوللانغۇچىلىرى پەقەتلا قالماسلىق . لېكىن يەنىلا بىلىدىغانلارنىڭ بولۇشى ۋە بەزى يېزىق مەنبەلىرىدە ئىشلىتىلىشى؛ 4. يوقىلىش: ھېچقاندا قوللانغۇچىسى قالماسلىقى ياكى ھازىر ئىشلىتىشتىن پۈتۈنلەي قېلىشى.  
تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر: 1. تاشقى ئامىل. 2. ئىچكى ئامىل: جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز تىلىغا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيەسى ياكى مىللىي كىملىكىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىشى دېگەندەك. ئىچكى ۋە تاشقى ئامىلنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلۈشى ئاقسايدۇ. نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى تىل ۋە مەدەنىيەت بىلەن باغلاپ چۈشىنىدۇ، ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىشتىن قالغاندەك، قىممىتى قالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىلىنى، مەدەنىيىتىنى تاشلاش ئارقىلىق ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ كەمسىتىلىشىنى تۈگەتمەكچى، تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى، ئىجتىمائىي يۆتكىلىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولىدۇ.
ھازىرقى تىل تەرەققىياتىمىزنى ئاپتور مۇنداق بايان قىلىپتۇ: شەرقشۇناسلىق تور بېتىنىڭ 1996-يىلدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر تىلى 98-ئورۇندا تۇرغان. كىتاب، ژۇرناللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى  ۋە تەرەققىياتى، شۇنىڭدەك تور ئەدەبىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشى يېزىق ماتېرىياللىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما سۈپىتى ھەققىدە باھا بېرىشكە يېتەرلىك دەلىل يوق. تەرجىمە سۈرئىتى يېڭى سۆزلەرنىڭ كىرىش قەدىمىگە يېتىشەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك كۆپىنچە سۆزلەرنى باشقا تىللاردىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش ئېغىر.  ئەقلىفوننىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى بىلەن تۈرلۈك ئەپ دېتاللىرىغا بولغان ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە خالىسانە گۇرۇپپىلار ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈرلۈك دېتاللار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈلۈش سانى مىڭدىن بەش مىڭغىچە بولۇپ، قوللاش كۈچلۈك.
ئاپتور ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار قاتارىدا ۋىكىپدىيەنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىگەنلەرنى، ئوغۇز فرانسىيە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى، ئالىم ئەھەد «ئۇيغۇر سوفت شىركىتى»نى، بىلكان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى، ئەۋلاد كارتون گۇرۇپپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئاپتۇ.
  ئۇيغۇر تىلىم ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايمەن؟ دېسىڭىز، «نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە قەدەم» دېگەن مەزمۇنغا بىر قاراڭ دەپتۇ ئاپتور. بىرىنچى قەدەمدە ئېغىز تىلى،  (غۇلجا چاقچاقلىرى، ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېتوتلىرى، ئاۋاز ئارتىسلىرى، ناتىقلار ۋە قىزىقچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قانداق سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىنى بىر ئەسلەڭ)، 1. ئۇيغۇر بىلەن ئۇيغۇر ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش؛ 2. پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش؛ 3. باشقا مىللەتلەرگە ئۆگىتىش؛ 4. شىۋە ۋە دېئالېكتلارنى قوغداش. 
ئىككىنچى قەدەمدە يېزىق تىلى، 1. ئائىلىدە يېزىش، ئوقۇش مۇھىتى يارىتىش؛ 2. نەشرىيات ۋە ئۇيغۇرچە تورنىڭ رولىنى كۈچلەندۈرۈش؛ 3. يازما ۋە تەرجىمە ماتېرىياللارنىڭ ئىملا ۋە گرامماتىكىلىق توغرىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش؛ 4. چەت ئەلدىكى پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىپ بېرىش.

ئۈچىنچى قەدەمدە، زامان تەرەققىياتىغا ماسلىشىش: 1. ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۇچۇرلىشىش؛ 2. يېڭى تېخنىكىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە قوللىنىش؛ 3. ئۇيغۇرچە تېخنىكىلارنى ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش؛ 4. زامانىۋى يېڭى سۆزلەرنى ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىش ۋە ئاكتىپ قوللىنىش.
تۆتىنچى قەدەمدە، پوزىتسىيە ۋە تىلنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇش: 1. تارىخ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى موللاشتۇرۇش؛ 2. تىل ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى سەر خىللاشتۇرۇش؛ 3. يازمىلىرىمىزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش؛ 4. مەدەنىيەت ۋە تارىخىمىزنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش.
   ھېلىقى بۇرادەرنىڭ «ھەي بىچارە ئۇيغۇر تىلى!» دەپ زارلىنىشلىرىدىن بىزار بولغان بولسام، بۇ قىزنىڭ لېكسىيە قىلىپ سۆزلىگەن بۇ ماقالىسىدىن شۇنچىلىك سۆيۈندۈم. تور دېگەندە كىشىگە ياقىدىغان، ياقمايدىغان، تېتىيدىغان تېتىمايدىغان يازمىلار تولا، ئەمما ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان، نەقىل قىلىشقا، ھەتتا ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك نادىر تېمىلار ئاز.
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى