ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

شۆھرەت ئويۇنى

شۆھرەت ئويۇنى

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1267 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىساڭ شۇ گەپ، ئەگەر تونۇلمىساڭ ياشىغاننىڭ پايدىسى يوق. قىلىۋاتقان ئىشىڭ مۇھىم ئەمەس، تونۇلۇش مۇھىم. ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى، مۇشۇ ئىدىيە ھەممىنى بەربات قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە قىلىۋاتقان ئىشىمىز ۋە بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز مۇھىم ئىدى، تونۇلمساق-تونۇلمىساق كارىيىتى چاغلىق ئىدى. قولىمىزدىن ئىش چىقىشى ۋە بۇ ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىمىز كېرەك ئىدى.
مەسىلىگە توغرا قاراش كېرەك، ئەگەر بىر ئىشنى ياخشى كۆرسەڭ تىرىشقىن، داڭ چىقىرىشقا كۈچەپ كەتمە. ئەگەر داڭقىڭ چىققان بولسا نازلانماي قوبۇل قىل. ئەگەر داڭقىڭ چىقمىغان بولسا بۇنى ئويلىما. قىلىۋاتقان ئىشىڭدىنلا رازى بول. ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىنى ياخشى كۆرۈشنى بىلسە، نېمە ئىش قىلىۋاتقان بولسۇن تونۇلۇش خىيالىدا بولماي، ئىشىنى ئوبدان قىلىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلسە، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى.
ھازىرقى ئەھۋالدا، دۇنيا سېنى بىر ناچار ئادەتنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈردى. قىلىۋاتقان ئىىشڭنى ياخشى كۆرگىنىڭ ھەم ئوبدان قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، باشقىلار بىلسۇن، مۇكاپاتلار كەلسۇن، شان-شۆھرەتلەر ياغسۇن دەپ قىلىدىغان بولدۇڭ. نوبېل مۇكاپاتى مىڭلىغان، مىليونلىغان ئالىملاردىن بىر نەچچىسىگە نېسىپ بولىدۇ، بىراق بۇنداق مۇكاپاتلار كىشىلەردە مەشھۇرسىراش كېسىلى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، خاتىرجەملىك، جىمجىتلىق، ھۇزۇر ئىچىدە ئىش قىلالماسلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ھەممە ئادەمگە مۇكاپات بېرىپ خوش قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شان-شۆھرەت تەمەسى ئىشنىڭ ئۆزىدىكى تىرىشچانلىق ۋە ئىجادكارلىقنى يوق قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنى كېرەكسىز مەخلۇققا ئايلاندۇردى. ھاياتلىق كىچىك، ئۇششاق ئىشلاردىن تەركىپ تاپىدۇ، ئەمما بۇ كىچىك ئىشلار ئۈچۈن شان-شەرەپ، مۇكاپات ياكى پەخرىي دوكتورلۇق بېرىلمەيدۇ.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر شائىرلىرىدىن رابىندارت تاگور ھىندىستاننىڭ بېنگال رايونىدا ياشايتتى. شېئىرلىرىنى، رومانلىرىنى بېنگال تىلىدا نەشر قىلدۇردى، لېكىن ھېكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ”گىتانجالى“ (ھەدىيەلىك ناخشىلار) ناملىق كىچىك كىتابىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلدى. بۇ تەرجىمىسىنىڭ ئەسلى ئەسەردىكى گۈزەللىكنى تولۇق ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى ھەم ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى بېنگال تىلى بىلەن ئىنگىلىزچىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىمايتتى. بېنگال تىلى ئىككى ئادەم تىللاشسىمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان شېرىن سۇخەن تىل ئىدى، ھەر بىر سۆزنىڭ رېتىمى ۋە ئاھاڭدارلىقى بار ئىدى، ئىنگىلىزچىدە بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق ئىدى ھەم ئۇنىڭغا بېنگالچىنىڭ گۈزەللىكىنى تاڭغىلى بولمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، تاگور بۇ ئەسىرىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلدى، تەرجىمىسى ئەسلىدىكىدەك گۈزەل بولمىسىمۇ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان ئۇنى تونۇدى، ئەسەرلىرى مەشھۇر بولدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بېنگال تىلى ۋە ھىندى تىللىرىدا نەشر قىلىنغىلى خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ تۇرغانىدى، ھېچكىم بايقىمىغانىدى. ئۇنىۋېرسىتېتلەر ئۇنىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق بەرمەكچى بولۇشتى. تاگور تۇرۇۋاتقان شەھەر كالكوتتادىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى بەردى، تاگور بۇنى رەت قىلىپ: ”سىلەر بۇ ئۇنۋاننى ماڭا ياكى ئەسەرلىرىمگە ئەمەس، نوبېل مۇكاپاتىغا بەردىڭلار. چۈنكى كىتابىم، ئۆزىنىڭ ئەسلى تىلىدا يىللاردىن بۇيان بېسىلىپ ياتتى، ھېچكىم ئوقۇمىدى، ھېچكىم بىر نېمە دېمىدى، بىرەر پارچە ئوبزۇرمۇ يازمىدى“ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنىڭ ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە بۇنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دېدى.
مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ پېشىۋاسى، ئىنسانلار پىسخىكىسىنى چوڭقۇر قازغان مەشھۇر يازغۇچى جېئان پاۋل سارترې نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى رەت قىلىپ: ”مەن ئەسەرلىرىمنى يېزىۋاتقان چاغدىلا يېتەرلىك مۇكاپات ئالدىم. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ماڭا قىلچە پايدىسى يوق، ئەكسىچە مېنىڭ قەدىر-قىممىتىمنى چۈشۈرىدۇ. بۇ مۇكاپات تونۇلۇش سەۋداسىغا چۈشكەن ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئامەتتۇر. مەن قېرىپ قالدىم، قانغۇدەك ياشىدىم. قىلغان ئىشىمنى ياخشى كۆرۈپ قىلدىم، ئەنە شۇ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتتۇر، بۇ مۇكاپاتتىنمۇ ئېسىل مۇكاپات يوق“ دېگەن.
ئۇ توغرا ئېيتقانىدى. ئەمما ھۇشيار، ئەقىللىق، ھەقنى سۆزلەيدىغان ئىنسانلار بۇ دۇنيادا بەكلا ئاز. دۇنياغا ئالدانغان، دۇنيا توزاقلىرىغا چۈشكەن ئىنسانلار تولىمۇ كۆپ.
نېمىشقا تونۇلسام، مەشھۇر بولسام دەيسەن؟ تونۇلىمەن دېيىشتىن ئاۋۋال قىلىۋاتقان ئىشىڭنى بىر ئويلاپ باق، ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشىڭنى ياخشى كۆرمىسەڭ، بۇنداق تەمەدە بولساڭ بولىدۇ. نام قازىنىش ئۈچۈن بىر ئىشنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ چىداپ تۇرۇپ قىلىشىڭ مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭدا جان قىينايسەن، بۇنىڭدىن كۆرە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئۆزەڭنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىڭنى قىلغىنىڭ تۈزۈك. ئەگەر كەسپىڭنى ياخشى كۆرسەڭ، تونۇلىمەن دەپ ئاۋارە بولما. چۈنكى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزى بىر ھەدىيە، شۇ ئىشنى ھۇزۇرلىنىپ، زوق-شوخ بىلەن قىلىشىڭنىڭ ئۆزى مۇكاپات.
شۇ قائىدىنى ئۆگىنىپ قوي: نېمە كەسىپ قىلغىڭ كەلسە شۇنى قىل، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىڭنى قىل، ئەمما نام چىقىرىمەن دېمە. بۇ بىر تىلەمچىلىكتۇر. ئۆزەڭنى تونۇتۇپ نېمە قىلىسەن؟ نېمىشقا ئۆزەڭنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن جاپا چېكىسەن؟ ئىچىڭنى ئوبدان تىڭشا، بەلكىم قىلىۋاتقان ئىشىڭنى ياخشى كۆرمەيدىغانسەن، بەلكى خاتا يولغا كىرىپ قېلىشتىن قورقىدىغانسەن، بەلكى خاتا يولدا بولساڭمۇ باشقىلار قوبۇل قىلسا ئۆزەڭنى توغرا يولدا دەپ ھېس قىلىدىغانسەن، بەلكى مەشھۇر بولسام كېيىنكى يوللىرىم داغدام بولىدۇ دەپ ئويلايدىغانسەن…
تۇيغۇ-ئىستەكلىرىڭ، ۋەسۋەسىلىرىڭ بارلىق مەسىلىنىڭ نېگىزىدۇر، ئۇنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر. نېمىشقا باشقىلارغا باغلىنىپ قالىسەن؟ تونۇلۇش، ئېتىراپ قىلىنىش باشقىلارغا باغلىنىپ قېلىش دېمەكتۇر. باشقىلار ئېتىراپ قىلسا ئاندىن ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، باشقىلار تونۇسا ئاندىن ياشىغاندەك بولدۇم دەيدىغان، باشقىلار مۇكاپاتلىسا ئاندىن ئۆز قەدرىنى ھېس قىلىدىغان كىشىلەر شۆھرەت دىۋانىلىرىدۇر.
شۆھرەت ئىزدىمە، خالىسا ئۇ ئۆزى كەلسۇن. نېسىپ بولغان شۆھرەتنى قوغدايمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، سەن ئۆزەڭ دۇرۇس بولساڭ، ئۇ ئۆزى قوغدىلىدۇ. سەن ئۆزەڭگە چىڭ بولساڭ، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ساقلىنىدۇ. شۆھرەتنى كەلگەن جايىغا قايتۇرۇپ ھۆرمەتنى ئېلىپ قال. شۇنداق قىلساڭ ئۆزەڭ بولالايسەن. ئەركىنلىك ئىچىدە ياشايدىغان، ئۆز يولىدا ماڭالايدىغان، ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرالايدىغان، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن ئوزۇق ئالالايدىغان ئادەم يىلتىزى ساغلام ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەم ھامان كۆكلەپ ياشنىيالايدۇ.
بۇ جەمئىيەتنىڭ مەشھۇر ئادەملىرى، ئابرۇيلۇق ئادەملىرى چىرايلىق ئەخلەت تۇڭىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، كىشىلەر ئۇنىڭغا يارايدىغان نەرسىلەرنىمۇ، كېرەكسىز نەرسىلەرنىمۇ تاشلاۋېرىدۇ، ئاخىردا ئۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇكاپات بېرىدۇ.
ئۆزىنى بىلىدىغان ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ئىشىنى ئۆزلۈكىدىن قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. قىلىۋاتقان ئىشىڭ قانچە كاتتا بولسا، ھۆرمەت تېپىش ئېھتىمالىڭ شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئەگەر داھىيلارچە ئىش قىلىۋاتقان بولساڭ، ھۆرمەت تېپىش تۈگۈل، ئۆمۈر بويى تىل-ھاقارەت ئاڭلايسەن. ئىككى-ئۈچ يۈز يىلدىن كېيىن كىشىلەر ھەيكىلىڭنى تىكلەيدۇ، ئەسەرلىرىڭنى ماختايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سەندەك داھىنىڭ پاراسىتىنى چۈشىنىشىگە تېخى ۋاقىت كېرەك. (ئۇلار سەندىن ئۈچ يۈز ياش كىچىك…)
ئەخمەقلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىمەن دېسەڭ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ۋە سەندىن كۈتىدىغانلىرىغا مۇناسىپ ئىش قىلىشىڭ كېرەك. كېسەلمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كېسەل بولۇشۇڭ كېرەك. شۇ چاغدا ئاندىن سېنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن نېمىگە ئېرىشىسەن؟ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيسەن. ئەكسىچە، ئۆزەڭنى يوقىتىسەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى