ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۆلىۋېلىش ئويۇنى (ھېكايە)

ئۆلىۋېلىش ئويۇنى (ھېكايە)

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇرەك ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ كۆكتە ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەرگە مەپتۇن بولۇپ قاراپ قالغانىدى. موللاقچى كەپتەرلەرنىڭ ئويۇنى ئۇنى شۇنچىلىك جەلپ قىلىۋالغان ئىدىكى، ئاپىسىنىڭ پەستە تۇرۇپ توۋلىغىنىنى پەقەت ئاڭلمىدى.
− ھەي... ھاڭۋاقتى...ھېلى ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشەرسەن!
نۇرەك ئاپىسىنى ئۇنتۇپ كەتتى. بەلكى ئۇنىڭ چىقىراق ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالىمىدى. ئۇ بەرىبىر ئۈستىدە، ئاپىسى پەستە ئىدى.
− ھېلى كەپتەرگە تويىسەن... چۈشۈپ كالىغا ھەلەپ ئەت دەيمەن!
نۇرەك كەپتەرلەرنىڭ چىرايلىق، رەتلىك ئۇچۇشلىرىغا، ئەركىن قانات قېقىشلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپلا تۇراتتى. كۆپكۆك ئاسمان، پارلاق قۇياش، ئوماق جانىۋارلار ھاۋانى يېرىپ ئۇچۇۋاتقاندا چىقارغان غوڭ-غوڭ ئاۋازلار... پاھ، نېمىدېگەن گۈزەل!
− ھەي كالىنىڭ پوقى، گەپ ئاڭلامسەن -ئاڭلىمامسەن!
نۇرەك ئاپىسىنىڭ بۇيرۇقلىرى، سەتلەشلىرىگە شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم تۇيۇقسىز بىزار بولدى، غەزەپلەندى.
−ما كالىلار ئاچ قالدى، پەسكە چۈش دەيمەن ھەي پاڭ قۇلاق تاز!
بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ ئاپىسى ئەر ئىدى، زۇۋانى مەھەللىدىكى جىمى خوتۇنلارنى بېسىپ چۈشەتتى، بىر كىم بىلەن تىلللىشىپ قالسا ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋېتەتتى. نۇرەك سەتلەشلەر ئىچىدە چوڭ بولدى، چىرايىمۇ ئاپىسىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىنى تارتىپ كەتتى. ئەمما ئۇ مىجەزدە دادىسىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە نازۇكلىقىنى دورىغان بولۇپ، بۇ مىجەزى ئاپىسىغا قەتئىي ياقمايتتى. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۆمرىدىكى پۈتۈن ئوقۇشىنى تۈگەتتى. سىنىپىدىكى قىزلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىلدى، ئەمما ھەممىسىنىڭ چىرايىنى كۆڭلىدە خاتىرىلىۋالدى، 15 قىزنى 15 كەپتىرىگە ئوخشىتىپ، ھەممىسىگە ئىسىم قويۇپ چىقتى: گۈلشەن داپىزا، گۇلبوستان باچكا، ئالاقۇيرۇق رەيھان، موللاقچى تۇنىسا...
«كالا ئاچ قالسا قالمامدۇ؟- دەپ ئويلايتتى نۇرەك،- مېنىڭ قورسىقىممۇ ئاچ، بۇنى نېمىشقا ئويلاپ قويمايدۇ؟ كالا مۇھىممۇ بالىمۇ!»
_ كالا مۇھىممۇ، بالىمۇ؟! _دېدى نۇرەك پەسكە قاراپ.
ئاپىسى ھەيران قالدى:
− نېمە دەيدۇ ما تاز، نېمە چۈشمەي قاراپ تۇرىسەن؟!
− سىزگە مەن مۇھىممۇ، يە قوتاندىكى چىشقاق كالىمۇ؟
− نېمە گەپ بۇ، چۈش بۇ ياققا!
− جاۋاب بېرىڭ، ئاندىن چۈشەي...
− مېنى تولا جىلە قىلما، ھېلى كالتەك بىلەن قوغلاپ چۈشىمەن.
− قورسىقىم ئاچ مېنىڭ...
− كالىغا ھەلەپ بەر، ئاندىن كانىيىڭغا نان يەيسەن.
− ياق، ئاۋۋال قورسىقىمنى تويغۇزىمەن.
ئاپىسى ھويلىدا غەزەپتىن پىقىراپ كەتتى، قولىغا چىۋىق سۈپۈرگىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىر تېلىنى سۇغۇرۇۋالدى.
_ نېمانداق گەپ ئاڭلىمايسەن-ھە... چۈشە بۇياققا ھۇ گۇينىڭ بالىسى. داداڭنى مۇت دورىدىڭ لامزەللە شۇم، سەندەك بىر نېمىنى تۇغقىچە بىر كاللەك چىچىپ قويسامچۇ ئىگەكىم...
نۇرەك كىچىكىدە بۇنداق گەپلەرگە ئانچە ئىرەن قىلمىسىمۇ، چوڭ بولغانچە گەپ چۈشىنىپ نازۇكلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئاپىسىنىڭ بۇ گەپلىرى ئۇنىڭ جان-جېنىغا ئۆتۈپ كەتتى، بوغۈزىنى بىر كىم بوغۇۋالغاندەك بولدى، ئاچچىق تىنىپ قويۇپ، غوڭۇلداۋاتقان كەپتەرلىرىگە قارىدى، سۆيۈملۈك كەپتەرلەر، ئوماق قىزلار ئاسماندا ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى، قاناتلىرى قۇياش نۇرىدا ۋىل-ۋىل چاقنايتتى.
− ئۆيدىكى داننىڭ ھەممىسىنى كەپتەرلىرىڭگە چېچىپ تۈگەتتىڭ-ھە... يا بىرسىنى تۇتۇپ يېگىلى قويمايسەن... شۇ ئاش نەدىن كەلدى ئويلىمايسەن... ۋۇ نەپسى بالا شۇم...
ئاپىسى توختىماي سۆزلەيتتى، قولىدىكى تاياقنى دىۋەيلەيتتى.
نۇرەك ئاپىسىغا قارىمايلا قويدى، كەپتەرلىرى ئۇنى يەنە جەلپ قىلىۋالدى. ئۆزىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن ئاپىسى جان جەھلى بىلەن شوتىغا يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى. نۇرەك ئۆگزىنىڭ چېتىدىكى سامانلىققا سەكرەپ چۈشۈۋالدى. سىۋەتكە سامان ئېلىپ كالىغا ھەلەپ ئەتكىلى مېڭىۋىدى، ئاڭغىچە ئۆگزىدىن چۈشكەن ئاپىسى ئۇنى تالاغا قوغلاپ چىقتى.
−كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن ۋۇي قارغىش تەگكۈر تاز، داداڭ دېگەن ھاراقكەش بازاردىن كىرمىسۇن، ئاكاڭ دېگەن مۇناپىق موللام بولدۇم دەپ شەھەرگە كىرىۋالسۇن... ئەمدى سەن تازمۇ گېپىمگە كىرمە-ھە... ھەممىڭ بىر بولۇپ مېنى بوزەك قىلىشاي دەمسەن...
نۇرەك ئاپىسىغا تۇرۇپ بەرمىسە ئاپىسى ئاچچىقتىن ساراڭ بولۇپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ تولۇقسىزغا چۈشكەندە بازاردىكى دەيچىلەرنىڭ دۇكانلىرىدىن شۇنداق بىر ناخشىنى ئاڭلىغان:
مېنى ئۇرساڭمۇ مەيلىدى،
تۇرۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
نۇرەك قولىدىكى سىۋەتنى قويۇپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ جىم تۇردى، ئاپىسى شۇ ئاچچىقىدا ئۇنىڭ باش كۆزىگە كالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتتى. كەپتەرلەر بۇنى كۆرۈپ پەرياد ئۇرغاندەك قاتتىق غوڭۇلدىشىپ، ئۇنىڭ بېشىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشتى.
ئاپىسى تازا ئۇرۇپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن تاياقنى تاشلاپ ھويلىغا كىرىپ كەتتى. نۇرەكنىڭ ھېسسىياتى قېتىپ قالغانىدى، ساماننى قانداق يۇيۇپ، كالىغا ھەلەپنى قانداق ئېتىپ بەرگىنىنى بىلمىدى، ئىشقىلىپ، ئانىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلىدى. بېشى غوڭۇلدايتتى، كۆزى پاشا كىرىۋالغاندەك ئېچىشاتتى، ھەممە نېمە بىئارام، خۇنۈك كۆرىنەتتى .
كالىلار ھەلەپنى ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە باشلىدى، بۇ ئۇنىڭ قورسىقىنى تېخىمۇ ئاچۇرۇۋەتتى. ئۇ ئۆيىگە كىرىپ نان ئىزدىدى، تاپالمىدى. ئاپىسى بايىقى ئاچچىقىدا تەڭنىدىكى ناننىمۇ بىر يەرگە تىقىۋەتكەندەك قىلاتتى.
ئۇ ئۆينى سىلاشتۇرۇپ ئويۇقتىكى ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنى كۆردى، جاننى قىينىغان خورلۇق ۋە ئاچلىقتىن بىر يولىلا قۇتۇلۇش خىيالى كاللىسىغا كىرىۋالدى. قورسىقىم ئاچ دەپ ئاپىسىغا يىغلىغىچە ئۇنى مۇشۇ يول بىلەن يىغلىتىش، قان-قان يىغلىتىش، كەپتەردەك بۇقۇلدىتىپ يىغلىتىش قارارىغا كەلدى. قۇتىنى ئېچىپلا غورتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم، خىمىيە دەرىسىدىكى رىئاكسىيىلەرنى ئەمەلىيەتتە كۆرىدۇ، ئۆلۈمنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدۇ...
دورا بىر دەمدىلا ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى، ئۇ ئاستا ھويلىغا چىقتى، تېنى ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىدى. ئاپىسى كۆرۈنمەيتتى، باغقا چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، خەير خوش، ئۇ جېنىنىڭ بارىدا شوتىغا تېزلىكتە يامىشىپ ئۆگزىگە چىقتى. زىغىر پاخىلىغا ئۆزىنى تاشلاپ كۆك ئاسمانغا قاراپ ياتتى، سۆيۈملۈك كەپتەرلىرىنى قانغۇچە تاماشا قىلىشقا باشلىدى، ئوماق كەپتەرلەر، تۇتۇپ يەۋالغۇسى كېلىدىغان كەپتەرلەر، قىزلار...
ئۇ قاتتىق قىينالدى، ئاۋاز چىقارمىدى، ئاپىسىنى ئەسلا قىچقارمىدى، پۈتۈن دىققىتىنى ئويۇنچى كەپتەرلەرگە قاراتتى، بىر چاغدا كەپتەرلەر توزۇپ كەتتى، ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئاپئاق پەيلىرى لەيلەپ چۈشۈشكە باشلىدى...
ئەتىسى جامائەتكە نۇرەكنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يەتتى، نامازغا كەلگەنلەر ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ بالىسىغا قوشاق قېتىپ زار-زار يىغلىغىنىنى ئاڭلىدى.
ۋاي مېنى تاشلاپ كەتتىڭغۇ بالام،
كۆزۈمنى ياشلاپ كەتتىڭغۇ بالام.
...
نۇرەكنىڭ قارىم ئاكىسىمۇ نامازغا كەلگەنىدى. جىنازا نامىزىغا كەلگەن بىر بۇرادىرى ئۇنىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ:
− ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغىنى راستمۇ؟_دېدى.
− راست..._ دېدى ئاكىسى،- كىچىكلىك قىپتۇ...
− سىلە ئاكىسى تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ قاتتىق گۇناھ ئىكەنلىكىنى دېمىگەنما؟
− مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى خېلى بولغان...
− شۇنداقتىمۇ ئىنىڭلا بىلەن بىرەر قېتىم پاراڭلىشىپ گېپىنى ئاڭلاپ باقمىغانما؟
− ماڭا ئۆزىنىڭ گېپىنى پەقەت دېمەيتتى. ئۆيدىمۇ جىق تۇرالمايتتىم.
− دېمەك، چوڭ بولۇپ بىرەر قېتىم مۇڭدىشىپمۇ باقمىغان دەڭلا... دەردى ئۆزى بىلەنلا كېتىپتۇ دەڭلا بىچارىنىڭ.
− دېسەم گەپ جىق... دەردىمىزنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ..._دېدى ئاكىسى كۆزىگە ياش ئېلىپ.
− بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئىمان-ئىسلامدىن خەۋەر بېرىدىغان ئىش ئىدى قارىم، ئەمدى كېچىكىپسىلە مانا... قانداق ئۆلۈۋالسا قىيامەتتە شۇنداق ئازابلىنىدۇ ئەمەسمۇ... ھەي ئىست.. بىھۇدە كەتكەن جان!
− بولدى قىلىڭلا ئاداش، ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپماڭلا...
− ھەممە ئىش نادانلىقتىن... لېكىن مەسئۇلىيەت سىلى بىلەن بىزدەك ئەھلى ئىلىملەرگىمۇ كېلىدۇ. دەيدىغان گەپنى ۋاقتىدا دىمەيمىز، نەسىھەتنى مالاللىق دەپ بىلىمىز. مانا ئەمدى بۇ ئاقىۋەتكە نېمە دەيمىز. قازاغا رىزا دەيمىز، لېكىن ئاللاھ نادانلىقىمىز، غاپىللىقىمىزنىڭ جازاسىنى بىزگە كۆرسىتىۋاتىدۇ، مەن شۇنداق ئويلايمەن، ئاللاھ ھەر كۈنى بىزگە تالاي ئىبرەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
نۇرەكنىڭ ئاكىسى بېشىنى تۆۋەن سالدى، ھەق گەپنى قىلغان بۇرادىرى ئاسمانغا قاراپ، جىنازىنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇشۇۋاتقان كەپتەرلەرگە قاراپ قالدى.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى