ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئورخان پامۇك ۋە مويەن

ئورخان پامۇك ۋە مويەن

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 1077 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2006-يىلى تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، رومانلىرى تېز سۈرئەتتە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ رومانلارنىڭ ئىچىدە «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى ئاساسەن ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى. 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ شىدەن كىتابخانىسىدا ئورخان پامۇكنىڭ ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، رومانلىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىتاب سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قولىغا تەگدى، ئىمزا قويۇپ بولالماي ھېرىپ، قوللىرى تېلىپ كەتكەن ئورخان، ئۆزىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلگەن ئاق پىشماق، بېلىق كۆزلەرنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. شۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئورخان پامۇك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا مەكتىپىدە لېكسىيە سۆزلىدى. داڭلىق يازغۇچى مويەن بۇ پائالىيەتلەر داۋامىدا ئورخاننىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى، يازغۇچىلار ئارىسىدىكى دىلكەشلىككە گاھىدا تەرجىمان كەتمەيتتى. شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش ۋە كەيپىياتتا ئورخان گويا ئەدەبىيات ئۇستازىغا، مويەن بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرىدىغان، ئۇستازىنىڭ بىر كەلىمە سۆزىنى ئاڭلىۋېلىشقا تەشنا شاگىرتقا ئوخشايتتى. ئورخان نوبېل مۇكاپاتىنى بۇرۇنراق ئالغاچقا ئىناۋەت ۋە ھۆرمەتتە مويەندىن ئۈستۈن تۇراتتى، ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇلۇپمۇ بولغانىدى. مويەن ئۇنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغان، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «قار» دېگەندەك رومانلارنى ماختىغانىدى.

2008-يىل 27-ماي ئاخشىمى ئورخان پامۇك، مويەن ۋە ئورخانغا ئەگىشىپ كەلگەن ھىندىستانلىق ئايال يازغۇچى ئۈچەيلەن پاراڭلىشىدۇ. ئەينى چاغدا «كۆزەتكۈچى» ۋە «نۇر» گېزىتى بۇ سۆھبەتنى باسقان بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇن تۆۋەندىكىچە:

مويەن: تۈركىيەدە ئەسەرلىرىڭىزگە ئوبزۇرچىلار قانداق باھا بېرىۋاتىدۇ؟

ئورخان: تۈركىيەدە يازغۇچىلار ئوبزۇرچىلاردىن قورقىدۇ، ھەتتا ياخشى تەنقىد ئاڭلاشتىنمۇ قورقىدۇ. جۇڭگودا قانداق؟

مويەن : جۇڭگوچىلىقتا ئەدەبىي تەنقىد ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، پۈچەك، ئاددىي تەنقىد، بۇلار كۆپىنچە گېزىتكە بېسىلىدۇ. يەنە بىرى، ئاكادېمىك تەنقىد، بۇلار نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا بېرىلىدۇ. گېزىتكە بېسىلغانلىرى كۆپىنچە كىتابنىڭ بازىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن يېزىلغان تەنقىدلەردۇر. غەرب مېديالىرى مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە باھا بەرگەندە ئەسلىدە سىياسىي بولمىغان نەرسىلەرنى سىياسىغا كۆتۈرۈۋالىدۇ. ئەسلىدە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئىشلارنى رىئاللىق دەپ چۈشىنىۋالىدۇ.

ئورخان: بۇنداق ئەھۋالنى مەنمۇ ھېس قىلغان. مەن تۈركىيەلىك بولغاچقا ئامېرىكىلىق، ياۋروپالىقلار ئاۋۋال تۈركلەرگە قالپاق كىيگۈزۈپ قويۇپ ئاندىن باھا بېرىدۇ، ئۇنداق ئادەملەردە ئەدەبىيات تۇيغۇسى يوق. ئۇلار رومانلاردىن سىياسىينى ئەمەس، ئەدەبىياتنى ئىزدىسە بولاتتى.

مويەن: بۇنى غەربلىكلەرنىڭ شەرقچە تەپەككۇرى دېسەكمۇ بولىدۇ.

ئورخان: كىتابىڭىز نەشردىن چىققاندىن كېيىن نەشرىيات نېمىنى كۈتىدۇ؟ سىز نېمىنى ئۈمىد قىلىسىز؟ ئىشلىرىڭلار قانداق يۈرۈشىدۇ؟

مويەن: نەشرىيات ئەلۋەتتە قانچە جىق كىتاب سېتىلسا شۇنچە خوش بولىدۇ، يازغۇچىمۇ كىتابىم كۆپرەك سېتىلسىكەن دەيدۇ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى دوستلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسىغىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بازىرى ياخشى ئەسەرلەرنىڭ تولىسى پۈچەك، بەدئىي قىممىتى تۆۋەن. ئەستايىدىل يېزىلغان، بەدئىي سەۋىيەسى يۇقىرى ئەسەرلەرنىڭ سېتىلىشى ئانچە ياخشى ئەمەس.

ئورخان: بۇ ئەھۋال ھەممە يەردە مەۋجۇت، جۇڭگودا كىتاب باھالاش بولۇپ تۇرامدۇ؟

مويەن: باھالاشلار تولا.

ئورخان: ئۇلار ئىشەنچلىكمۇ؟ تۈركىيەدىكى باھالاشلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

مويەن: جۇڭگودىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

ئورخان: سىزنىڭچە، جۇڭگودىكى ئوبزۇرچىلار ئىجادىيەتتىكى ئەسلى مۇددىئايىڭىزنى بىلەلەمدۇ؟

مويەن: بەزىدە بىلىۋالىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ باھاسى كۆپ ھاللاردا كۈتكىنىمدەك چىقمايدۇ. بۇمۇ نورمال ئەھۋال، چۈنكى ئۇلار دائىم ئۆزى قىزىقىدىغان تېمىلاردا گەپ قىلىدۇ.

( ئورخان پامۇك بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا مەكتىپىدە سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە "يازغۇچى ئەسەر يېزىۋاتقاندا گويا ئۆزىنى ئۇنتۇپ كەتكەن كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۆزى ئويناۋاتقان ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىدۇ، بۇ جەرياندا تەسەۋۋۇر بەك مۇھىم. ۋاھالەنكى، يازغۇچى يەنە كەلگۈسىگە دانالىق بىلەن نەزەر تاشلاپ، ئۆز زېممىسىدىكى چوڭقۇر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش كېرەك" دېگەنىدى، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، گەپنىڭ تېمىسى يەنە تەسەۋۋۇرغا يۆتكەلدى.)

مويەن: لېكسىيەرىڭىزنى ئاڭلىدىم، سىز مۇرەككەپ نەرسىلەرنىمۇ ئاددىي، ئاممىباپ قىلىپ چۈشەندۈرىدىكەنسىز. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسى، يەنە بەزى يازغۇچىلار باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزىنىڭ ھېكايىسى قىلىپ يازىدىكەن. سىز بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدىن پايدىلىنىپسىز. بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار، باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزىنىڭ ھېكايىسى قىلىپ يېزىشتا نېمىگە تايىنىمىز؟

ئورخان: بۇنى ماڭا رومان سەنئىتى ئۆگەتتى. سىز گەرچە تەرجىمىھال يازسىڭىزمۇ باشقىلار ئۇنى رومانغا ئايلاندۇرالايدۇ. مېنىڭ تاكتىكام پەقەت يېزىقچىلىق، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۈتۈش، يەنە كۈتۈش...

مويەن: مېنىڭ تەجرىبەم شۇكى، باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزىنىڭ ھېكايىسىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدا يازغۇچىدا بىر خىل كۈچ ھاسىل بولىدۇ، يەنى ئۆزىنى شۇ كىشىنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلايدۇ، تەسەۋۋۇر قىلىدۇ…

ئورخان: ئەلۋەتتە، بىز ھەممىمىز باشقا بىر ئادەم بولۇشنى ئويلاپ باققان. ئەسەر پۈتكەندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر ئۇ قەھرىماننى بىزگە ئوخشىتىپ ئوقۇيدۇ.

مويەن: بۇ يەردە سۇبيېكتىپ، يەنى ئۆزلۈك مۇھىم رول ئوينايدۇ. باشقا بىرسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنىڭ ھەممىسى ئۆز تەجرىبىمىز ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ.

ئورخان: توغرا، بىز ئاۋۋال تاكتىك، ماھارەتنى ئىشقا سالىمىز، ئاندىن تەسەۋۋۇر قىلىمىز. مەن 23 يېشىمدا رومان يېزىشنى باشلىغان، ئۆيدىكىلىرىم: سەن تۇرمۇشنى چۈشەنمىسەڭ قانداق ئەسەر يازىسەن؟ دەيتتى. بۇ گەپلەردىن تولىمۇ بىزار ئىدىم. ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتتى، ھازىر ئويلىسام، ئۇلارمۇ خاتا گەپ قىلماپتىكەن. شەخسىي تەجرىبە ناھايىتى مۇھىم، كۆزىتىشمۇ مۇھىم. كۆزەتكەندىلا باشقىلارنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

مويەن: بەزى دوستلىرىم «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» بىلەن «ھايات-ماماتلىق چارچاش» نىڭ بېشىدىكى بايان ئۇسلۇبى ئوخشايدىكەن دېيىشتى، مۇنداقمۇ ماس كېلىش بولامدۇ دەيمەن!؟

ئورخان: دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، دوستىمىز كېنزابۇرو (1994-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيە يازغۇچىسى) بىزنىڭ بايان ئۇسلۇبىمىزنى ياقتۇرۇپتۇ. ئۇ ماڭا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى تەۋسىيە قىلغانىدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئوبدان بىر ئوقۇپ چىقاي.

مويەن: ھېلىمۇ ياخشى «ھايات-ماماتلىق چارچاش»نى سىزنىڭ رومانىڭىزنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال يېزىپتىكەنمەن، بولمىسا خەقلەر مېنى كۆچۈرمىكەش دەيتتى.

ئورخان: مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ!

مويەن: «قار» ناملىق رومانىڭىزدا مۇنداق بىر تەپسىلات بار: ئۆيگە مەش قويۇلغان، مەشنىڭ كانىيىغا ئوق تەگكەندىن كېيىن ئىس خۇددى چەينەكتىن چىققان ھوردەك ئېتىلىپ چىقىدۇ. مېنىڭچە سىز بۇ تەپسىلاتنى كۆزەتكەن ئەمەس، بەلكى تەسەۋۋۇر قىلغان.

ئورخان: شۇنداق، بۇنداق تەپسىلاتلاردا كۆزىتىش مۇھىم، تەسەۋۋۇرمۇ مۇھىم. مەن ئۇ ئۆيگە كىرىپ باققان، مەشنىمۇ كۆرۈپ باققان، كىشىلەرنىڭ مەشكە ئوت يېقىش ئۇسۇلىغا قىزىقىپ قالغان.

مويەن: ئەمما سىز ئوقنىڭ مەشنىڭ كانىيىغا تەگكىنىنى كۆرۈپ باقمىغان-دە!

ئورخان: ھا-ھا-ھا، ئۇ دېگەن تەسەۋۋۇر. مەن رومانلىرىمدا بىر مۇنچە قاتىللىق جەريانلىرىنى تەسۋىرلىدىم، لېكىن ئۆمرۈمدە ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنىنىلا كۆرۈپ باققان.

مويەن: «قار» رومانىدا يەنە بەزى ئىنچىكە تەسۋىرلەر بار. كۈچلۈك چىراغ يورۇقىدا قارلار ئۇچۇشىدۇ، بەزىلىرى لەپىلدەپ يەرگە چۈشىدۇ، بەزىلىرى ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. بۇ بەلكىم كۆزىتىشتىن كەلگەن.

ئورخان: بۇنداق مەنزىرىلەرنى مەن تالاي قېتىم كۆرگەن، بەزى قارلار ھەقىقەتەن يەرگە چۈشمەي، ئارقىسىغا يېنىپ كېتىدۇ.

مويەن: بۇ تەپسىلاتلار قارىماققا بىز ئاڭلىغان تۇرمۇش ساۋاتلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، چۈنكى بىز قار چوقۇم يەرگە چۈشىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن. دېمەك، قائىدىگە چۈشمەيدىغان بەزى تەپسىلاتلار كۆزىتىشتىن كېلىدىكەن، ھالبۇكى قائىدىگە چۈشىدىغان تەپسىلاتلار تەسەۋۋۇرنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.

(مەنبە: «كۆزەتكۈچى» ۋە «نۇر» گېزىتىنىڭ 2008-يىللىق 30-ماي سانى)

ئورخان بىلەن مويەننىڭ يۇقىرىقى سۆھبىتىدىن بىر خىل سەمىمىيلىكنى، دىلكەشلىكنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مويەن ئېيتقاندەك، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» بىلەن «ھايات-ماماتلىق چارچاش»نىڭ بېشىدىكى بايان ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن ئوخشايدۇ. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» دا ئۆلتۈرۈلۈپ قۇدۇققا تاشلانغان نەققاش «مەن» دەپ گەپ باشلايدۇ. «ھايات-ماماتلىق چارچاش» تا، ناھەق ئېتىلىپ كەتكەن بىر پومىشچىك ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. ھەر ئىككى باياندىكى تەسەۋۋۇر ۋە چىنلىق ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز جەلپ قىلىدۇ. يالغانچىلىق ئىچىدىكى چىنلىقنىڭ سېھرى كۈچى پۈتۈن ئەسەرگە تەدرىجىي سىڭىپ بارىدۇ.

مويەن 2012-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئورخان پامۇك ئەينى چاغدا كەينىدىن پايپاسلاپ يۈرگەن بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىگە باشقىدىن ھۆرمەت بىلەن قاراشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىقى سۆھبەتتىن ئۇنىڭ مويەننىڭ «ھايات-ماماتلىق چارچاش» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگىلىزچە نەشرىنى ئوقۇپ باققانلىقى مەلۇم. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانى بىلەن «قىزىل قوناق جەمەتى» رومانىنى يانمۇ يان قويساق، ھەر ئىككى ئەسەردە «قىزىل» جۇلالىنىدۇ. ھەر ئىككى يازغۇچىدا ئۆزىنى ئىپادىلەش قىزغىنلىقى ۋە جاھىللىقى مەۋجۇت. ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە ماھىر، رەڭ ۋە تۇيغۇ سەزگۈرلۈكى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ، كۆزىتىش، ئويلاش، پىكىر قىلىش، تۇيغۇلىرىنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلەش، سوغۇققان ۋە مەسخىرىلىك تىل ئىشلىتىش، ئوقۇرمەنلىرىگە پات-پات چاقچاق قىلىش، ئۆزىنى مەركەز قىلىپ تىپ يارىتىش ياكى تىپلارغا پارچىلاش جەھەتتە بىر-بىرىگە بەك ئوخشايدۇ.

ئورخاننى چۈشىنىشىمچە، ئۇ سېپى ئۆزىدىن غەرب ئەدەبىياتى مەستانىسى؛ كىتاب ئوقۇش ئادىتىدىن قارىغاندا، بىرىنچى بولۇپ غەربلىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، جۈملىدىن رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ، ئوقۇغاندىمۇ دوستويىۋىسكىنىڭكىنى بەكرەك ئوقۇيدۇ. تۈركىيەلىك يازغۇچىلاردىن ئوغۇز ئاتاي، ئەخمەت ھەمدى تانىپىنار قاتارلىقلارنڭ ئەسەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ باققان. ياپونىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى جۇڭگولۇق يازغۇچىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايدۇ. شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مويەن ئۇنىڭغا «تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا» رومانى بىلەن «ھايات-ماماتلىق چارچاش» رومانىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى ھەدىيە قىلغان؛ ئورخان پامۇكمۇ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانى بىلەن «قار» رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىغا ئىمزا قويۇپ مويەنگە تەقدىم قىلغان.

مويەن «قار» ناملىق روماننى ئوقۇغاندىن كېيين «قاتتىق ياغقان قار» ناملىق بىر ئوبزۇر يازغان بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

ئىككى يىل بۇرۇن «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانىنى ئوقۇپ ئورخان ئەپەندىنىڭ بەدئىي دىتى ۋە تاكتىكىسىغا قايىل بولغانىدىم. بېيجڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېگەنىدىم: "ئىسسىق ھاۋا بىلەن سوغۇق ھاۋا ئۇچراشسا يامغۇر ياغىدۇ؛ دېڭىزدا سوغۇق ئېقىم بىلەن ئىسسىق ئېقىم ئۇچراشقان جايدا بېلىقلار كۆپ بولىدۇ؛ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۇچراشقان جايدا مول ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى ۋە سەر خىل ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. دېمەككى، ئىستانبۇلدەك بىر جايدا ئورخان پامۇكتەك يازغۇچىلار بارلىققا كېلىدۇ." بۇ سۆزۈم نۇرغۇن گېزىت-ژۇرناللاردا نەقىل ئېلىندى، ئۆزەممۇ مەغرۇرلىنىپ يۈردۈم. بىراق «قار» رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ گېپىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. قارىماققا ئۇ گەپ توغرىدەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە مەن ئورخاننىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە سەنئەت ماھارىتىگە سەل قاراپتىكەنمەن.

ئەلۋەتتە ئىستانبۇل ياۋرۇپا-ئاسىيانىڭ كۆۋرۈكى، تارىخى ئۇزۇن، كۆپ خىل مەدەنىيەت، شۇنداقلا كۆپ خىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر شەھەر، ئورخان پامۇكتەك بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى ئورخان پامۇكتەك ئېسىل مىجەز، كىتاب خۇمارى، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تالانت ئىگىسى ئىستانبۇلدا ئەمەس، نەدىلا بولسا نادىر ئەسەرلەرنى يارىتالايدۇ، نەدىلا بولسا چاقنىيالايدۇ. «قار» رومانى بۇنىڭ ئىسپاتى. تۆۋەندە مەن بۇ روماننىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى تۆت جەھەتتىن چۈشەندۈرىمەن:

1. باياننىڭ سىرلىق ئوردىسى

كافكا ئۆزىنىڭ Kسىنى قەلئە سىرتىدا ئالدى-كەينىگە دەسسىتىپ يۈرگەندەك، ئورخانمۇ Ka ئىسىملىك قەھرىمانىنى بىر شەھەرگە ئاسانلا كىرگۈزۈپ، ئۇنى بۇ شەھەرنىڭ زىددىيەتلىك قوينىغا تاشلايدۇ ۋە ناھايىتى تېزلا ئۇنى توقۇنۇش، جەڭگى-جېدەلگە كۆندۈرىدۇ. سىرتتىن كەلگەن Ka زىددىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. ئوقۇرمەن Kaغا ئەگىشىپ سىرلىق ئوردىغا كىرىدۇ، دەسلەپتە Kaغا ئوخشاش تېڭىرقايدۇ، ھەيران قالىدۇ، چۆچۈيدۇ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بەخت، ئازاب، ئۈمىد، تەشۋىش، ئىككىلىنىش، ھەسەت تۇيغۇلىرىغا چۆمىدۇ. Ka بۇ يەردىن قېچىپ كەتكىچە بۇ تۇيغۇلار داۋاملىشىدۇ. Ka ئۆلىدىغان چاغدا كارستىكى مۇھەببەت سەپىرىنىڭ قانداق بولۇپ ئۆلۈم سەپىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ، ھالبۇكى ئوقۇرمەن ئۇنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. Kaنىڭ سۆيگۈسى قارىماققا ساپ، گۈزەل بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا شەھۋەت، ئاچكۆزلۈك، قورقۇنچانلىق ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. ئوقۇرمەن روماندىكى پىرسۇناژلارنىڭ كۆزىتىش بۇلۇڭىدىن ھالقىپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى يۇقىرى بوشلۇقتىن كۆزىتەلەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، روماندىكى ئاپتور-بايانچى (ئورخان) ئەسەرگە ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىدۇ. بۇ خىل رومان تاكتىكىسى يازغۇچىنى ئەپچىل بايان ئۇسۇلىدىن پايدىلانغۇزىدۇ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ پىسخىك بوشلۇق يارىتىدۇ.

«قار»رومانىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى سىر يازغۇچىنىڭ (رومان ئاپتورىنىڭ) ئۆزى بىلەن رومان قەھرىمانى ئارىسىغا ئورخاندىن ئىبارەت بىر پىرسۇناژنى قىستۇرغانلىقىدىلا ئەمەس، رومان ئاپتورىنىڭ يەنە "ھېكايە ئىچىدە ھېكايە"، "كىتاب ئىچىدە كىتاب" ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىدا. نەتىجىدە بۇ رومان كۆپ قاتلامدىن تەشكىل تاپقان.

سۇناي زايىم ئۆزى بىر قوللۇق رىژىسورلۇق قىلغان، مىللىي تىياتىرخانىدا قويۇلغان ئىككى مەيدان ئويۇن روماندىكى ۋەقەلىكنى ئىككى قېتىم ئەۋجىگە چىقىرىدۇ. راست-يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ ئىككى مەيدان ئويۇن روماندىكى قالتىس تاكتىكا، ئەپچىل قۇرۇلما، شۇنداقلا رومانغا بىمەنىلىك تۈسى بەرگەن دېتال بولۇپ، روماننىڭ پۈتۈن ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئورخان پامۇك يېزىپ چىققان بۇ «قار» رومانى بىلەن روماندىكى ئورخان ئىزدەۋاتقان «قار» رومانى، ھەمدە Ka يېزىپ چىققان «قار» (شېئىرلار توپلىمى) قوشۇلۇپ، بۇ سىياسىي رومان لېرىك تۈس ئالغان.

2. چۇقان-سۈرەن

بىر روماندا يازغۇچى قانداق رول ئېلىشى كېرەك، بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلامدۇ ياكى پىرسۇناژلارنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ ئۇلارنى ئەركىن سۆزلىتىپ، ئەركىن ھەرىكەت قىلدۇرامدۇ؟ ئورخان ئەپەندى دانالارچە كېيىنكى ئۇسۇلنى تاللىۋالغان. تۈركىيەنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ۋە ئىچكى توقۇنۇشلىرىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئىپادىلىگەن.

«قار» رومانىدا خىلمۇخىل پىرسۇناژلار: ئىسلامچىلار، ئاتېسىتلار، ھىيلىگەر سىياسەتچىلەر، ساددا ياشلار بار. دىنغا، سىياسىيغا، مۇھەببەتكە، بەختكە، تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىگە، ئېتىقادنىڭ چىنلىقى ۋە ساختىلىقىغا دائىر بىر مۇنچە مۇنازىرىلەر(دىئالوگىلار)، تالاش-تارتىشلار، غەلۋە-غوغىلار، چۇقان-سۈرەنلەر ئۈزۈلمەيدۇ، ئادەملەر ئوخشىمىغان ئىدىيىلەرنىڭ قايناق جەڭگاھىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىدۇ. يازغۇچى سىرتتا تۇرۇپ پىرسۇناژلىرىنى باشقۇرىدۇ، ھەر قايسىسىنىڭ رولىنى تولۇق ئوينىغۇزىدۇ، شۇنداقلا سەنئەت قانۇنىيىتىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. روماننىڭ بەزى بابلىرىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق بايرام تۈسىنى ئېلىشى ئەنە شۇ چۇقان-سۈرەن سەۋەبىدىندۇر.

«قار»رومانى، مۇھىم تېمىنى نۇقتىلىق تەكىتلەش خۇسۇسىيىتى، ئەخلاق ئېڭىدىكى كۆپ قاتلاملىق ۋە مۇرەككەپلىكنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەنلىكى بىلەن كەڭ دائىرىدە بەس-مۇنازىرە قوزغىدى ۋە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. مېنىڭچە، ئېسىل روماننىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ كۆپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدا، يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرى ئارقىلىق پىرسۇناژ ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئىدىيىەسىنى چۈشەپ قويمىغانلىقىدا. جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن يازغۇچىنىڭ ئەلۋەتتە ئۆز كۆز قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى بولىدۇ. ئەمما دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئالدىدا، يازغۇچى ئۆزىنىڭ چەكلىمىلىكىنى تونۇشى كېرەك. سېنىڭ ئاتالمىش توغرا ئىدىيەڭ ئەمەلىيەتتە تارىخىي چەكلىمىلىك ياكى بىر تەرەپلىمە قارىشىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. قورسىقىڭنى كەڭ تۇتۇپ، پىرسۇناژلىرىڭغا ئەركىنلىك بەر، ئۇلار ئۆز ئىدىيەسىدە، ئۆز زۇۋانىدا سۆزلىسۇن. ئاندىن بۇ سۆزلەرگە تارىخ ئۆزى باھا بەرسۇن. يازغۇچىنىڭ ئىشەنچلىك تاللىشى مۇشۇ بولسۇن.

3. مول سموۋول

قار، ھەممە يەرگە ياغقان قار، ئۆزگىرىشچان قار روماندىكى ئەڭ چوڭ سمۋول، ئەڭ چوڭ بەلگىدۇر. باياتىن دېگەندەك، «قار»—كىتاب ئىچىدىكى بىر كىتابتۇر، ھەمدە بۇ روماننىڭ قۇرۇلمىسىدۇر. ھالبۇكى، كىتابتا ئوقۇرمەنگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنى توختىماي ياغقان، زېمىننى قاپلىغان قاردۇر. ھەر يەر قار بىلەن چۈمكەلگەن، باش قەھرىمان قاردا ھەرىكەت قىلىدۇ؛ مۇھەببەت ۋە سۈيىقەست قاردا پەيدا بولىدۇ، ئىدىيەلەر قاردا ئىجرا قىلىنىدۇ. قار بۇ كىچىك بازارنى دۇنيادىن ئايرىۋېتىپ، بۇ يەردە ئاجايىپ-غارايىپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت ھاسىل قىلىدۇ. قار سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە چۈشتەك غەلىتە تۈس ئالىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەر، شەيئىلەر، ھەتتا كوچىدا يۈرىدىغان بىر لالما ئىتمۇ سىرلىق، گۇمانلىق كۆرۈنىدۇ.

ئورخان ئەپەندىنىڭ ئۇستىلىقى شۇ يەردىكى، ئۇ قارغا قەستەن سمۋوللۇق تۈس بەرمىگەن، رومانىنىڭ يۈز نەچچە يېرىدە قارنى تەسۋىرلىگەن، ئەمما ھەر بىر تەسۋىرىنىڭ چىنلىقى شۇ قەدەر كۈچلۈك. ھەر قېتىم قارنى تەسۋىرلىگىنىدە ئۇنى Kaنىڭ كەيپىياتىغا باغلاپ تەسۋىرلىگەن، Kaنىڭ تەسىراتى قار بىلەن زىچ باغلانغان، قار Kaبىلەن بىللە جانلاندۇرۇلغان ۋە سمۋوللۇق ئالاھىدىلىكى روياپقا چىققان.

قارنى تەسۋىرلەپ باققان يازغۇچىلار كۈرمىڭ، ئەمما قارنى بۇ دەرىجىدە مول، ئىنچكە، سموۋۇللۇق يېزىپ چىقالىغان تۇنجى يازغۇچى ئورخان پامۇكتۇر.

4. جانلىق تەپسىلات ۋە يېڭى ئوخشىتىش

يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزدىن باشقا، «قار» رومانىدىكى جانلىق تەسۋىر، ئۆزگىچە تەپسىلاتىنىڭ موللىقى، تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي ئوخشىتىشلىرى ئەسەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرغان:

ئۇ شام يېقىلغان شىرەنى كۆرۈپ يېقىنلاپ باردى، شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ تامدىكى كۆلەڭگىلىرى Kaغا بۇرۇلدى.

(ئۇ ئادەملەرنىلا ئەمەس، كۆلەڭگىلىرىنىمۇ قوشۇپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇ خىل ئىنچكە تەسۋىر يازغۇچىنىڭ دەل جايىدا كۆزىتىشىدىن كەلگەن)

ئاشخانىدىكى شامنىڭ يورۇقىدا Ka ئىپەك بىلەن كادىفەنىڭ ئاشىق-مەشۇقلاردەك قۇچاقلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

(ئاچا-سىڭىلنىڭ بىر-بىرىنى قۇچاقلىشى ئاشىق-مەشۇقلارغا ئوخشىتىلغان. بۇ قالتىس ئوخشىتىش، ئاچا-سىڭىلنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.)

سوراق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، Ka بىلەن مۇختەر ساقچى ماشىنىسىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىلاردەك جىمىپ قالدى. مۇختەرنىڭ، تىزىغا قويغان چوڭ، ئاپئاق قولى سېمىز ھەم قېرى ئىتقا ئوخشايتتى.

(ئەرلەرنىڭ قولىنى بۇنداق ئوخشىتىش غەلىتە ھەم قىزىقارلىق.)

قارلار سىرلىق، مۇقەددەس بىر جىمجىتلىقتا لەيلەيتتى. Ka ئۆزىنىڭ گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقاۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ۋە ھاسىراشلىرىدىن باشقا ئاۋازنى ئاڭلىيالمىدى… قارلار ئاستا-ئاستا يەرگە چۈشەتتى، بەزىلىرى كەينىگە يېنىپ قاراڭغۇلۇق قوينىغا ئۇچۇپ كېتەتتى. زال جىمجىتلىققا چۆككەن بولۇپ، كىشىلەر شامغا ئوخشاش مىدىرلىماي ئولتۇراتتى…

(بۇ يەردىكى تەسۋىر ماددىي ھەم پىسخىك تەسۋىردۇر؛ ئوخشىتىشلار تونۇش ھەم ناتونۇشتۇر.)

مەشنىڭ ئاق كانىيىغا ئوق تەگدى، ئىسلار خۇددى قاينىغان چەينەكتىن چىققان ھوردەك ئېتىلىپ چىقتى…

(بۇنداق تەپسىلات پەقەت كۆزىتىش كۈچىدىن ھەم يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كېلىدۇ)

بۇنداق مىساللارنى ئورخان پامۇكنىڭ «قار» رومانىدىلا ئەمەس، باشقا ئەسەرلىرىدىمۇ كۆپلەپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەدەبىي سېھرىي كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرگەن مۇھىم ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئەدەبىي تالانتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر. ئۇنىڭ توغرا كۆزىتىشى، ئىنچىكىلىكى، سەۋرچانلىقى ئەنە شۇنداق ئىنچكە تەسۋىر، ئېسىل ئوخشىتىشلىرى بىلەن نامايەن بولىدۇ. بۇنداق ئىقتىدار كۆپلەپ مەشىق قىلىشنىڭ، شۇنداقلا تالانتنىڭ مەھسۇلىدۇر.

جۇڭگولۇق يازغۇچىلارنى ئورخان پامۇكتىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىدىغان سالاھىيىتىم يوق، ئەمما ئۆزەم ئۇنىڭدىن ئۆگەنمەكچى، ئەلۋەتتە، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. (مەنبە: «يازغۇچىلار كارىدورى» ژۇرنىلى، 2008-يىللىق 8-سان)

مويەن2012-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئورخاننىڭ ئۇنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە رومانلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى مويەن، نېمىلا دېگەنبىلەن كېنزابورۇنىڭ تەۋسىيە قىلىشىغا، ئاخىرقى ھېسابتا غەربلىكلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى. تۈركىيەدە خەنزۇ ئەدەبىياتىغا بولغان چۈشەنچە تولىمۇ كەمچىل، يازغۇچى ۋە ئوبزۇرچىلىرى جۇڭگودىكى داڭلىق يازغۇچىلارنى بىلىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر مويەن 2012-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمىگەن بولسا ئۇنىمۇ تونىمايتتى. دېمەك بۇ مۇكاپات بىر يازغۇچىنىڭ چەت ئەللەرگە تونۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ.

نىھايەت، مويەننىڭ ئەسەرلىرىمۇ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىدى. 2013-يىلى Kızıl Darı Tarlaları(قىزىل قوناق جەمەتى) ناملىق رومانى ، 2015-يىلى İri Memeler ve Geniş Kalçalar(تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا)، Yaşam ve Ölüm Yorgunu(ھايات-ماماتلىق چارچاش) ناملىق رومانلىرى، 2016-يىلى Değişim(ئۆزگىرىش) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى تۈركىيە جان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ نەشرىياتنىڭ تور بېتىدە مويەننىڭ سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ «ھايات ماماتلىق چارچاش» ناملىق رومانىدىن ئېلىنغان "ئىنسان پەقەت ئۆچ-ئاداۋەتتىن قۇتۇلغاندىلا ئىنسان بولالايدۇ" دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنىپتۇ. بۇ رومانلارنى Erdem Kurtulduئىسىملىك تۈرك تەرجىمان خەنزۇچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، تۈركچە STARگېزىتىنىڭ 2015-يىللىق 22-ماي سانى«مەدەنىيەت-سەنئەت» بېتىدە مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى ۋە زىيارەت خاتىرىسى بېرىلىپتۇ:

2012-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەننىڭ بىزدە ھازىرغىچە ئۈچ رومانى نەشر قىلىندى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان، ھەر بىرى 1000 بەتتەك كېلىدىغان بۇ رومانلارنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنمەس بىر قەھرىمان بار، ئۇ بولسىمۇ تەرجىمان ئەردەم قۇرتۇلدۇ. "كۆرۈنمەس" دەيمەن، چۈنكى بىزدە تەرجىمىنىڭ ئانچە ئېتىۋارى يوق، تەرجىماننىڭ ئىسمىمۇ ئېسىمىزدە قالمايدۇ. ئەردەم قۇرتۇلدۇ مويەننىڭ توم-توم رومانلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، كاتتا ئىش قىلىۋاتىدۇ. بازارغا سېلىنىۋاتقان، ئىككىنچى-ئۈچىنچى تىللاردىن تەرجىمە قىلىنىپ"شورپىسىنىڭ شورپىسى" بولۇپ كەتكەن تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ كۆپلۈكىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەردەمنىڭ بۇ قەھرىمانلىقىنىڭ قەدرىگە يېتەلەيمىز. يەنە كېلىپ، تەرجىمان بۇ ئىشنى ئۆزى تەلەپ قىلىپ روياپقا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مويەن ھەققىدە پاراڭلاشتۇق.

مۇخبىر: سىزگە بىر تۇرۇپ ھۆرمىتىم قوزغىلىدۇ، بىر تۇرۇپ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولىدىغان بولسام بۇ ئىشنى قىلمايتتىم دېگۈم كېلىدۇ.

ئەردەم: رەھمەت، مەنمۇ بۇ ئىشنى قىلماي دېگەن يەرگە كەلگەن. روماندىكى تۆت خەتلىك ئىدىيوملار، ماقال-تەمسىللەر، سۆز ئويۇنلىرى، شۇنداقلا روماننىڭ ھەجمى مېنى بەك قىينىدى. مويەن قىزىقچى ئادەمكەن.

مۇخبىر: 1000 بەتلىك رومانلارنى تەرجىمە قىلىۋېتىپ، بەل قويۇۋەتكەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟

ئەردەم: بولماي قالامدۇ، كىتابنىڭ ھەجمى چوڭ، ھەر بەتتە كاتەك خەتلەرنىڭ سىغدۇرغان مەنە-مەزمۇنى كۆپ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىمۇ قىينامدۇ نېمە بۇ تىل دەپ ئويلىدىم. شۇنداقتىمۇ مويەن قىزىقچى ئادەمكەن. تەرجىمە قىلىۋېتىپ پات-پات قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ رومانلىرىنى باشتا بىر قېتىم ئوقۇۋالماي، بىر ياندىن ئوقۇغاچ، ئاخىرى نېمە بولار دەپ قىزىققاچ تەرجىمە قىلغاچقا، ئاسان بەل قويۇۋەتمىدىم. خەنزۇچە ناھايىتى يىغىنچاق تىل، ئۇنى تۈركچىگە سويۇلدۇرسىڭىز بىر بېتى ئىككى بەت بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا» ئەسلىدە 654 بەت، تۈركچىدە 1038 بەت چىقتى.

مۇخبىر: مويەننىڭ رومانلىرىنى دەسلەپتە ئوقۇغاندا كىشىگە يومۇرىستىك تۇيۇلىدىكەن.

ئەردەم: توغرا دېدىڭىز، مويەن قارا يومۇر بىلەن ساتىرانى كۆپ قوللىنىدۇ. ئۆزى كومىنىست بىر يازغۇچى بولسىمۇ، بۇ دۆلەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقى، چىرىكلىكىنى يازىدۇ، بەزىدە بەلنىڭ ئاستىدىكى ئىشلارنى ناھايىتى قىزىقارلىق بايان قىلىدۇ.

مۇخبىر: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشەنمەك تەس دەپ ئوقۇغىمىز كەلمەيدۇ. مويەن ئۇنداق ئەمەسكەن.

ئەردەم: ئوقۇرمەنلىرىمىز مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقسۇن! «تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا»، «ھايات-ماماتلىق چارچاش» رومانلىرىنى ئوقۇغان ئادەم چوقۇم كۈلىدۇ، ئەڭ بولمىغاندا ئون قېتىم قاقاخلاپ كۈلىدۇ. «قىزىل قوناق جەمەتى» رومانىدا، قىلغانمىش، ئەتكەنمىش دېگەندەك ئاڭلاتما باياننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇرمەن ناھايىتى ئاسانلا ۋەقەلىككە كىرىپ كېتىدۇ.

مۇخبىر: مويەن بىلەن كۆرۈشەلىدىڭىزمۇ؟

ئەردەم: كۆرۈشەلمىدىم، ئۇ ئىستانبۇلغا كەلگەندە مەن بىر ئىش بىلەن جۇڭگوغا كەتكەنىدىم.

مۇخبىر: جۇڭگولۇق باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئويىڭىز يوقمۇ؟

ئەردەم: ھازىرچە مويەننىڭ ئەسەرلىرىنىلا تەرجىمە قىلىش خىيالىم بار. مويەننىڭ جۇڭگودىكى يېقىنقى 20 يىللىق ئۆزگىرىشىنى تېما قىلغان، جۈملىدىن ئۆز ئۆتمۈشىنى بايان قىلغان «ئۆزگىرىش» ناملىق پوۋېستىنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە سۇندۇم. ھازىر ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن.

مۇخبىر: ئەگەر مويەننىڭ ئەسەرلىرى باشقا تىلدىن تەرجىمە قىلىنىغان بولسا، ئەسلىسى زىيانغا ئۇچرايتتى.

ئەردەم: توغرا، مويەننىڭ ئەسەرلىرى ئىنگلىزچە ياكى فرانسۇزچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولسا، ئەسلى ھالىتى ساقلىنىپ قالالمايتتى. مېنىڭ تەرجىمەم بىلەن ئىنگىلىزچىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىزلا، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ھېس قىلالايسىز. ئەگەر مويەننىڭ ئىككىنچى قېتىم قوشقان، ۋەقە جەريانىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، ئەمما ۋەقەنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، تەرجىمە قىلمىسا بولمايدىغان يېرىنى تاشلاپ قويسىڭىز ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوق قىلغان بولىسىز. مويەننى تونۇتقان تەرجىمان Howard Goldblatt تەرجىمە قىلماي تاشلاپ قويغان ياكى ئېلىۋەتكەن يەرلەر ئەنە شۇنداق مەزمۇنلاردۇر. مويەن ئۇنىڭدا چەت ئەللىكلەر بىلمەيدىغان، ئەمما ئىزاھ بەرسە دەرھال چۈشىنىدىغان تارىخىي شەخسلەر، رومانلار، رومان قەھرىمانلىرى، شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.

مۇخبىر: ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟

ئەردەم: ئەدەبىي تەرجىمىدە شۇ تىلنى بىلگەن بىلەنلا بولمايدۇ، ئۇ تىلنى شەكىللەندۈرگەن تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى بىلىش كېرەك. جۇڭگوشۇناسلىقتا ئوقۇپ جۇڭگودا بىر يىل تۇرمىغان بولسام، "خەنزۇچىدىن رومان تەرجىمە قىلغۇچى ئەردەم" بولالماستىم بەلكى. تۈركىيەدە جۇڭگو تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلار بەك ئاز، شۇڭا خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە ماتېرىياللارنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىمىمنى تولۇقلاشقا تىرىشىۋاتىمەن. (مەنبە: http://haber.star.com.tr/kultur)

خۇلاسە:

ئورخان پامۇك نوبېل مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىنكى بۇ ئون يىلدا

Masumiyet Müzesi /2008 مەسۇمىيەت مۇزىيى

Kafamda Bir Tuhaflık /2014 ئەجەپ بولدۇم

Kırmızı Saçlı Kadın/2015 قىزىل چاچلىق ئايال

قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ "ئەڭ ياخشى رومانلىرىنى نوبېل مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن يازغان يازغۇچى" دېگەندەك شەرەپلەرنى قازاندى، يۇقىرىقى ئۈچ رومانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپمۇ بولدى. دېمەك، ئورخان پامۇك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن بۇيان ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىزچىل دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. مويەننىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. تەرجىمىنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمەن ھەممىسى "تونۇردىن چىقتى". دۇنياۋى نادىر ئەسەرلەرگە تەشنا ئەدەبىيات زوقمەنلىرىمىز بۇ "نان"لارنى يېگەچ، ئىشقىلىپ تېتىدى دەپ ماختىماقتا. ئەلۋەتتە تېتىيدۇ، زوقلىنىش ساپاسىنى ھازىرلىغانلارغا تېخىمۇ بەكرەك تېتىيدۇ. يازغۇچىلىق دەردىدە پۇچۇلىنىۋاتقانلارغا تېگىشلىك كۈچ-ماغدۇر بېرەلەيدۇ.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى