ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم

ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1479 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   مەتبۇئاتلاردا ئانچە-مۇنچە چېلىقىپ قالىدىغان ئىسمىم ئەنۋەر مۇھەممەد، كېيىن ھەج قىلغاندىن كېيىن ئۆزەمنى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ ئاتاشقا باشلىدىم، بۇنىڭدا ئاتا-بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ھاجى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدىكەن، شۇنداقلا باشقا ئەنۋەر مۇھەممەد ئىسىملىك ئاپتورلاردىن پەرقلىنىدىكەنمەن. تەخەللۇس قوللانمىغاندىكىن، بۇمۇ بولغىدەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما مەتبۇئاتلار بەزىدە ئەنۋەر مۇھەممەد، بەزىدە ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ كەلمەكتە. بۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدىم. تورلاردا ئىزچىل، بىردەك قوللىنىۋاتقان نامىم Erturk (ئەرتۈرك)، بەزى قۇلاق كەستىلەر بۇ ئىسىمدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئەرتۈرك، خوتۇنتۈرك... قانداق ئىسىم بۇ دەپ ئىنكاس يازدى، يەنە بىرلىرى ئەلتۈرك، بەگتۈرك دېگەندەك يېقىن ئىسىملارنى ئىشلەتكەچكە، ئەسەرلىرىمنى كۆچۈرۈپ چاپلىغانلار ئىسمىمنى ئېلىشتۇرۇۋەتتى، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ نامنى ئىشلىتىۋەردىم. بۇ نام ئارقىلىق بىرىنچىدىن ئەركەكلىك يوقىلىپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋردە ئەركەكلىكىمنى ھەر دائىم تەكىتلەپ تۇراي دېدىم، ئىككىنچىدىن، تۈرك قەۋمىدىن بولغانلىقىم، تۈركىيىدە يېرىم يىل بولسىمۇ ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن تۈرك دېگەن ئېتنىك نامنى قوشۇۋالدىم.
مەن 1974-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا قوناق سويۇۋاتقان مەزگىلدە تۇغۇلۇپتكەنمەن، ھامماچامنىڭ خاتىرىلىشىچە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەن، ئەمما كىملىكىمدە خاتا ھالدا 4-ئاينىڭ 10-كۈنى دەپ يېزىقلىق. تۇغۇلغان كۈنۈمنى 25 ياشلاردىن كېيىن ئانچە-مۇنچە خاتىرىلەپ قويىدىغان بولدۇم، ھازىر پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيمەن. 1991-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 91-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ئورۇنلىشىپ، تا ھازىرغىچە بۇ جەمئىيەتنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىمەن.
بىز بىر چوڭ ئائىلە، 5 ئوغۇل، 4 قىز، مەن بالىنىڭ ئالتىنچىسى. دادام كىچىكىدە مەدرىستە، كېيىن پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ كادىر بوپتىكەن، 1985-يىلدىن 1990-يىلغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار يېزىسىغا شۇجى بولدى، ئۇ يىللاردا بالىلار بايرىمى يېزا مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلەتتى، مەن ئاپام تەييارلاپ بەرگەن ئاق كۆينەك، قارا ئىشتىنىمنى كىيىپ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن رەتلىك تىزىلىپ رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغان دادام باشلىق كادىرلارنىڭ ئالدىدىن توپا-چاڭ توزىتىپ، ھەيۋەتلىك شوئار توۋلاپ ئۆتەتتىم. جايىمىزغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن دادامنىڭ بالىلار بايرىمىغا بېغىشلاپ سۆزلىگەن نۇتقىنى تىڭشايتتىم، دادام بەستلىك، سالاپەتلىك، ناتىق ئادەم ئىدى. بالىلارغۇ كىچىكقۇ، زالدا نەچچە مىڭ دېھقان ئالدىدىمۇ تەمتىرىمەي، ھېچ نەرسىگە قارىماي راۋان سۆزلەيتتى، مەن تا ھازىرغىچە 4-5 ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپ قىلالمايمەن، قىلساممۇ گېپىمنى قاملاشتۇرالمايمەن. دادام كىچىكىدىن دىندا ئوقۇغاچقا ھالال بىلەن ھارامنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ ياشايدىغان، تەكەببۇرلۇق، تەمەخورلۇقتىن يىراق ئىنسان ئىدى، ھوقۇق تۇتقان مەزگىلىدە يۇرتنى ئادىل سوراپ، ئىگىلىكنى خېلى گۈللەندۈرۈپتىكەن، ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ دېھقانلارنى بېيتىپتىكەن، بىر نەچچە زاۋۇت قۇرۇپ، باغ-ۋاران بىنا قىلىپتىكەن. دادام كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ كىشىلەر دادامنى «مەمەت سالى شۇجى» دەپ چاقىرىپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيتتى، دادام 1995-يىلى 7 ھاجىنى باشلاپ شەخسىي ھەج قىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن كىشىلەر تولۇق ئىسمى بىلەن مەھەممەت سالىھ ھاجى دەپ ئاتىشىدىغان بولدى.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە شېئىر، نەسىرگە ئامراق ئىدىم، بالىلار بايرىمىدا سەھنىدە ناخشا ئوقۇيتتىم، تۇنجى قېتىم «شەمۇ شەگە داڭ كەتكەن، قەشقەرنىڭ ئانارى بار» دېگەن ناخشىنى باشلاپ، جىق ئادەمنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ، ئاھاڭىدا ئوسەي كېتىپ، ئوسال بولۇپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتىم. ئىككىنچى قېتىم بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە چىقىپ ئېيتتىم. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇرۇندىنلا ئىچىم ئاجىز، زىيادە تەسىرچان، بىر نەرسىنى كۆپ ئويلىۋالىدىغان، كۆپنىڭ كۆزىدىن ئەيمىنىدىغان بولسام كېرەك. كىتابنى كۆپ ئوقۇيتتىم، داداممۇ كىتابخۇمار ئادەم ئىدى، خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ ماڭا ھېكايە-چۆچەك، رەسىملىك كىتابلارنى ئالغاچ كېلەتتى. خەتمەمنى قىلىپ بىر ھەپتە ياتقاندا «چاھار دەرۋىش»نى ئوقۇپ، چۆچەكسىمان دۇنيادا ئەللەيلىنىپ ياتقانلىقىم ئېسىمدىن پەقەت چىقمايدۇ.
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلىكلەر قورۇسىدا يېتىپ ئوقۇدۇم. ھەپتىدە بىر قېتىم مەھەللىدىكى چوڭ ئۆيگە چىقىپ دېھقانچىلىققا ياردەملىشەتتىم. دادام 30 مىڭدىن كۆپ ئاھالىسى بار بىر چوڭ يېزىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولسىمۇ، ئائىلىمىز ھېچقاچان ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمايتتى، ئىزچىل يەر تېرىپ، ھاشارغا بېرىپ، ھەممە مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلاتتۇق. مەنمۇ ھېچقاچان بەگزادىلەرچە ياشىغان ئەمەس، مۇئەللىملەرمۇ ماڭا تەلەپنى چىڭ قوياتتى. ھازىر ئايالىم بىزنىڭ ئۆيلەرگە بارسا مەرھۇم دادامنىڭ ھوقۇق تۇتۇپ ئۆتكەن ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالىدۇ، بىزنىڭ خوتەندىكى يېزا باشلىقلىرىنىڭ ئايۋان سارايلىق، كەڭ باغ-ۋار

انلىق ئۆيلىرى ئالدىدا سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار ھېچنېمە ئەمەسكەن... دەپ چېقىشىپ قويىدۇ. دادام دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن مەندىن كىچىكلىرىنىڭ خىزمىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ ناھىيىدىكى باشلىقلارنىڭ ئالدىغا، بۇرۇن قول ئاستىدا ئىشلىگەنلەرنىڭ يېنىغا بىر قېتىممۇ ھال ئېيتىپ بېرىپ باققان ئەمەس. ئاللاھ رىسقىڭلارنى بېرىدۇ دەيتتى، دەرۋەقە، ھېچقايسىسى ئىشسىز قالمىدى. كۈنىمىز قەدىرئەھۋال ئۆتمەكتە.
دادامنىڭ بىر شېئىر خاتىرىسى بولىدىغان، بىر قېتىم كۆرۈپ قېلىپ ئازراق ئوقۇغانىدىم، كېيىن ئۆي كۆچكەندە يوقاپ كەتتى، دادام بىزنى پۇل بىلەن قىزىقتۇرپ شۇ خاتىرىنى تېپىپ بېرىشكە شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئۇ خاتىرە پەقەت تېپىلمىدى، ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ خاتىرىدە پوشكىننىڭ، ئابدۇللا توقاينىڭ، يەنە ئۆزىنىڭ نەزمىلىرى بار ئىدى. دادام يەنە دۇتتار، تەمبۇر چالاتتى، بىر چاغلاردا يېزىلىق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقىمۇ بوپتىكەن، ناخشىنى بەلەن توۋلايتتى، ئەمما مەن چوڭ بولۇپ كۆپ ئاڭلىيالمىدىم، ئاكا-ھەدىلىرىم تەرىپلەپ بېرەتتى. ئارامغا چىققاندىن كېيىن دادامنىڭ ئۇ خۇشئاۋازى قىرائەتكە ئالماشتى. يىغىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ ھازىرقى كىتابخۇمارلىقىم، سازخۇمارلىقىم، ناخشىغا ھېرىسمەنلىكىم دادامدىن ئۇدۇم قالغان، ئۈچ ياشلىق قىزىممۇ مېنى دوراپ، ناخشا-مۇزىكىغا ئالاھىدە سەزگۈر چوڭ بولدى.
ئاپام قۇرئان ساۋاتلىق، ئۇقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. ئىلمىي سەۋىيىدە دادامغا يەتمىسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى مول بۈيۈك ئانىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە باشتىن ئاخىر دادامنىڭ ۋە بىز 9 بالىنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. ئاپام خىيالچان، گەپدان ئايال، سۆزلىرىدىن ئانا تىلىمنىڭ گۈزەللىكىنى، ماقال-تەمسىلگە بايلىقىنى ھېس قىلىمەن، ئاپام بىلەن پاراڭلىشىشقا ئامراقمەن، پات-پات تېلېفون قىلىپ گېپىنى ئاڭلاپ زوقلىنىمەن. مەندىكى تىل سەزگۈرلۈكى، ئېغىزىم گال بولسىمۇ، يېزىقچىلىققا كەلگەندە كاللامنىڭ ئانچە-مۇنچە ئىشلەپ قويۇشى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئاتا-ئانامنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تەربىيىسىدىن كەلگەن دەپ ئويلايمەن.
1995-يىلى مەھەللەمنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ يېزىپ چىققان «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق تۇنجى پوۋېستىم مەھەللەمدىن ھالقىپ پۈتۈن يېزىغا پۇر كەتكەندە، «مەھەممەت سالى شۇجىنىڭ بېيجىڭدىكى بالىسى بىر كىتاب يېزىپتۇ... ئاجايىپ يېزىپتۇ...» دېگەن گەپلەر قۇلاقتىن قۇلاققا تاراپ يۈرگەندە دادام ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپ، بۇندىن كېيىن ئەسەر يازغاندا پىرسۇناژ ئىسىملىرىغا دىققەت قىلىشىم كېرەكلىكىنى، كىشىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىغا تەگمەسلىكنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. تەتىلدە ئۆيگە بارغىنىمىدا مەھەللىدىكى شۇ پىرسۇناژلار بىزنىڭ ئۆيگە داتلاپ كىرگەندە بېشىمغا تاغ يىقىلدى، دادام «تارىم»ژۇرنىلىدىن شۇ پوۋېستنى كۆرۈپ ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئۆز ئەينى ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپلا يەرگە ئاتقانلىقىنى دېگىنىدە بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئېرىشكەن شەرەپلىرىم نۆلگە تەڭ بولغاندەك ھېس قىلدىم، بۇ ساۋاتسىز دېھقانلارنى سەل چاغلىغىنىمغا بۇرنى-قۇلىقىمىغىچە تويدۇم. دادام ئاخىر مېنىڭ تەرىپىمنى ئالدى، «بالا كىچىك، ئۇقماي يېزىپ قاپتۇ، ئەدەبىي ئەسەر دېگەندە ئوخشاپ قالىدىغان ئىش بولىدۇ، گېپىڭلار بولسا سوتقا بېرىپ دەڭلا... » دەپ، ئۇلارنى يولغا سالدى. كۆپ ئۆتمەي، دادامنىڭ ئىچىدە بىر خۇرسەنلىكنىڭ بارلىقىنى بايقىۋالدىم. ئەمما دادامنىڭ تەنبىھلىرى خېلىغىچە يادىمدىن چىقمىدى.
دادام 99-يىلى 7-ئايدا 61 يېشىدا تۈگەپ كەتتى، قىسمەت شۇنداق بولسا كېرەك، يۈز كۆرۈشەلمىدۇق. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە يولۇمغا بەك قاراپتىكەن، شۇلارنى ئويلىسام، يۈرىكىم ئاغرىيدۇ، غاپىللىقتا قالغان كۈنلىرىمگە قاتتىق ئېچىنىمەن. دادامغا شۇ چاغلاردا نەشر قىلىنغان «جان ئوتى» دېگەن تۇنجى پوۋېستلار توپلىمىمنى كۆرسىتەلمىدىم.
مەن ئەسەر يازغاندا دادامنىڭ تەنبىھلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئەسەردە ئىمكان بار ئادەم، ماكان ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ، مېنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزىگە ئېلىۋېلىشىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىدىم. 1998-يىلى «تارىم»ژۇرنىلىدا «ماھىيەتلىك مۆجىزە» دېگەن پوۋېستىم ئېلان قىلىنغاندا مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى بالىلار مەندىن قاتتىق رەنجىدى. يەنە شۇ يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۇناھ» دېگەن پوۋېستىم ئاقسۇدا غولغۇلا قوزغاپ، پىتنە-پاسات پىلتىسىگە ئوت يېقىپ، باش مۇھەررىرنىڭ تەختتىن غۇلىشىغا سەۋەب بولدى، مەن ئۇ ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدۇم. بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنى بۇ يەردە سۆزلەپ كەلسەم يەنە پىتنە-پاسات پەيدا بولىدۇ.
1998-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ياش يازغۇچىلار سىمنارىيىسىگە قاتنىشىپ،  مەشھۇر يازغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈم، ياتاقتا تەمبۇر چېلىپ ئولتۇرسام مەمتىمىن ھوشۇر، ئالىمجان ئىسمائىل كىرىپ كەلدى، ناخشا ئېيتىپ بەردىم، ئىجادىيەت ھەققىدە پاراڭلاشتۇق، مەن ئۇلارنى شۇنچە چوڭ بىلىپ قورۇنۇپ تۇرسام ئۇلار ئەكسىچە مېنى چوڭ يەردە ئىشلەيدۇ، بىلىمى چوڭ دەپ ئويلاپ بەك ئىززەتلەپ كەتتى. بىر كۈنى كەچتە مەھەممەت باغراش كەپتىكەن، كورلىلىق ھەۋەسكارلار مېنىمۇ كۆرۈشۈۋالسۇن دەپ ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ ئەكەلدى، قارىسام ئىچىپ تەڭشىلىپ قاپتىكەن، قايسىبىر جانباقتى ئەدىبلەرنى «پوق زەمبىللىرى» دەپ سەت ئوخشاتتى،

ئۇنىڭ «يۈرەكتاغ»دېگەن پوۋېستى بىلەن مېنىڭ «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»دېگەن پوۋېستىم «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ 1995-يىللىق 1-، 2-سانىدا تەڭ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، «تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا مېنىڭ ئەسىرىم ئېرىشىپ قالغانىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ھەۋەسكارلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ سەگەكلەشتى، بىر-ئىككى ئېغىز تۈزۈك ئەھۋاللىشارمىز دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھالى نورمال ئولتۇرۇپ سۆزلىشىشكە پەقەت يار بەرمەيتتى، بىر دەم ئولتۇرۇپ بېقىپ چىقىپ كەتتىم. ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، مەن ئىزچىل قايىل بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ مودېرنىست يازغۇچى فرانسىيە يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇسنىڭ «يىگانە ئادەم» ھېكايىسىدەك غۇۋا، چۈشكۈن تەسىرات قالدۇرۇپ ئۆتتى. 
شۇ قېتىملىق سىمنارىيىنى ئەسلىسەم ئەنۋەر ئابدۇرەھىم، مەخمۇتجان ئىسلام، رىزۋانگۇل يۈسۈپ، يۈسۈپجان سۇلايمان، مۇختەر قادىر (ھونزادە)، دىلنۇر ئەسمەت... قاتارلىق يېقىملىق سىمالار تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىنىڭ سەيناسى، ئۈرۈمچىدىكى رېستۇرانلار، بۇغدا كۆلىدە جىمىرلاپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن قوشۇلۇپ خىيالىمدا جانلىنىپ كېتىدۇ.
ماخمۇتجان ئىسلام شۇ سىمنارىيىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مۇھىم ئادەم ئىدى، ئۆلۈپ كېتىپتۇ. 2004-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇنىڭ «مۇھەببەت پەلسەپىسى» دېگەن بىر تەرجىمە كىتابىنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئۇنىڭ تەرجىمە ماھارىتىگە ھەقىقەتەن قايىل بولغانىدىم. سەمەت دوگايلىنىڭ «تارىم»(2007-يىللىق 2-سان)دىكى «تۇمار ئاسمىغان مەخمۇتجان ئىسلام» دېگەن ئەسلىمىسىنى ئوقۇپ، ئۇ ئىنساننى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم. مۇختەر قادىر ھونزادە بىلەنمۇ نەچچە يىللار ئىلگىرى بېيجىڭدىكى بىر سورۇندا كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشقان ئىدىم، مەخمۇت ھېسام ئۇنى كەلتۈرۈپ: شائىر دېگەن سىزدەك سەت بولامدۇ... دەپ چاقچاق قىلغان، مۇختەر قادىر كۈلۈپ قورۇلۇپ كەتكەنىدى. يېقىندا ئۇنىڭمۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. «ئېگىك نۇردىن توقۇلغان تاغار» دېگەن نادىر شېئىرلارنى، «شۇڭقار بولغان خانىكە» دېگەن تەسىرلىك ئەدەبىي ئاخباراتنى يازغان باتۇر روزىمۇ شۇڭقار بوپتۇ، ئەجەل كەلسە تەقۋامۇ، پاسىقمۇ، شائىرمۇ، قاسساپمۇ، جاللاتمۇ، مەھبۇسمۇ ئوخشاشلا جان تەسلىم قىلىدىغان گەپ؛ ھېسسىياتلىق ئەركىن ئادەم بىز دەپ كەيىپ-ساپا سۈرۈپ، ئىشرەت جاپاسى تارتقانلارمۇ، ئۆزىنى ئاياپ پاكىز ياشىغانلارمۇ ئوخشاشلا رىزقىنى يەپ بولۇپ كېتىدۇ، بىز ئۇلارغا ياخشى تىلەك تىلەپلا قالىمىز، ھالبۇكى مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيادا قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلمەيمىز، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مەيلى موللام، مەيلى سەنئەتچى ياكى ياغاچچى بولسۇن، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
يازغۇچى- شائىر دېگەن دەرت-ھەسرەت چىرمىۋالغان بىر تۈركۈم كېسەل كىشىلەرمىدۇ؟... كېسەل سەۋەبى ئۆپكە، مېڭە، ياكى يۈرەك... ئەڭ ئاۋۋال رەئىس ئەزالىرىمىز كاردىن چىقىدىغان ئوخشايدۇ. مەن بىر ياش ھەۋەسكار تۇرۇپ ھەر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتسەم يۈرىكىم يا ئۆپكەمدە بىر مەسىلە چىقىپلا تۇرىدۇ، ئېغىر ئەمەس، ئەمما ئېغىرلىشىش، بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز قوزغىلىپ جېنىمغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بار. قوغدىنىش ئىقتىدارىمنى مەنىۋى، جىسمانىي جەھەتتىن كۈچەيتىپ تۇرسام دەيمەن، ئەمما دائىم ئۇنتۇپ قالىمەن، بىر نېمە يېزىشقا سۆرەلمىلىك قىلغاندەك، ئۆزەمنى ئاسراشتەك ئەڭ ئاددىي، ئەقەللىي ئىشتىمۇ ھورۇنلۇق قىلىمەن. ئۆلۈم تېخى يىراقتەك بىلىنىدۇ، دېمەك، روھىم غەپلەتكە يېقىن.  ۋۇجۇدۇمدىكى ئەسەبىيلىكنى قېنىم قىززىق چاغدىلا چۈشىنەلەيمەن. ئەمما مەن تىنچلىققا، سۈكۈناتقا، قىزلارنىڭ سېھىرلىك، تىنىق كۆزىگە، مەجنۇنتاللارنى ئويناتقۇچ مەيىن شامالغا، كۈن نۇرىدا جىمىرلاپ تۇرىدىغان سۈزۈك سۇلارغا، باھاردا بىخ ئۇرۇپ ئېچىلغان چېچەكلەرگە... بالىلىق چۈشلىرىمگە ئايلىنىپ كەتكەن، ھەر ئەسلىسەم ئېرىشكۈسىز گۈزەل، غايىۋى تۇيۇلىدىغان مەنزىرە- ئەسنالارغا ئەسەبىي ئاشىق. تىمتاسلىق ئىچىدىكى ئاددىي گۈزەللىككە تەلپۈنۈپ ياشاپ كەلگەچكە ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر شاۋقۇنلىرىمۇ ماڭا نېرۋامنى تىنچلاندۇرغۇچى يېنىك مۇزىكىلاردەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ كەتتى.
تۈركىيىدە ئالتە ئاي تۇرۇپ ئورخان پامۇكنى بايقىغان بولدۇم، ئۇنىڭ ئىچ پۇشۇقىدىن، بىر نېمە يېزىشتىكى ئىشەنچىسىدىن، ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى جاھىللىقىدىن تەسىرلەندىم. ئۇنىڭ «يېڭى ھايات» رومانىنى خوتۇنۇمنى دوختۇرخانىدا باققاچ ئوقۇپ تۈگىتىپ، تۇيۇقسىزلا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ قالدىم، گويا يولۋاسقا مىنىپ چۈشەلمىدىم،  ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋايسىدىم، روماندىكى ئورخاننىڭ جاھىللىقى ماڭىمۇ ئۆتكەن بولسا كېرەك، تەرجىمىنى بىرەر رومان يازغاندىنمۇ ئۆتە مۇشەققەت ئىچىدە داۋاملاشتۇردۇم، بۇ جاپانى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ باققانلارلا چۈشىنەلىشى مۇمكىن.
تەرجىمە ماڭا ئۆزەم بىر نەرسە يازغاندىنمۇ مۇشەققەتلىك، تەس بىلىنىدۇ. چۈنكى مەن A قان تىپلىق، بىر ئىشقا زىيادە ئىنچكە، مۇكەممەللىكنى بەك قوغلىشىپ تۇرۇۋالىمەن، تەرجىمە جېڭىدە كەسكىن بىر قارار بىلەن ئېھتىمال مەنىلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيمەن، نەق يېرىنى تاپمىغىچە قويمايمەن، ئادەتتە ھەتتا ئىملادىمۇ، كىچىككىنە بىر پەش، چېكىتكىمۇ بەك دىققەت قىلىمەن. بىر يېرىدە ناقىسلىق، نامۇۋا

پىقلىقنى بايقاپ قالسام ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ.
دەسلەپتە قەلەمگە تۈكۈرۈپ، قەغەز جىجىلاپ، ئاندىن تۈزەتكەچ ئاققا كۆچۈرۈپ ئەسەر يازغان بولسام ، 21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن كومپيۇتېردا بىۋاسىىتە يېزىپ تەھرىرلەيدىغان بولدۇم. خەنزۇ يازغۇچى جيا پىڭۋا ئۆزىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدە كومپيۇتېرغا تېخىچە كۆنەلمىگەنلىكىنى يېزىپتىكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، پەقەت قەلەملا ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئەڭ چىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن، بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. مەندە ئۇنداق ئالامەت بولمىدى، مەن داڭلىق بولمىغاچقا ھەم داڭلىق بولۇشنى ئۆزەمگە بېسىم قىلىۋالمىغاچقا قەلەمنى ئىتتىكلا تاشلاپ، كومپيۇتېرغا ئۆتتۈم ۋە بۇ قولايلىقتىن ئايرىلالماس ھالغا كەلدىم. قەلەم بىلەن يېزىپ باشلاپ يېرىمىغا ئەكىلىپ تاشلاپ قويغان «ھارامزادە ۋە ئېسىلزادە» (كېيىن«كۆپۈك» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) رومانىمنى كومپيۇتېردا يېزىپ تاماملىدىم ۋە قايتا-قايتا تۈزىتىپ تەھرىرلىدىم، ئەگەر قەلەمدە يازغان بولسام نەچچە ئۆچۈرۈپ، ئاققا نەچچە كۆچۈرۈپ بولغان بولاتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلىرىممۇ كومپيۇتېردا پۈتتى. ئەمما دىققەت قىلماي، بىر نەچچە قېتىم ئەسەر يۈتۈپ كەتكەن، ساقلىنىلماي قالغان ئىشلارمۇ يۈز بەردى. «يېڭى ھايات»نىڭ تەرجىمىسى يېرىم بولغاندا سىستېمىدىن تۇيۇقسىز چاتاق چىقىپ ھەممىسى يۈتۈپ كەتتى، 200 يۈەن خەجلەپ ئاران ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم. شۇندىن كېيىن ھەر بىر ئەسىرىم پۈتكەندىلا ئايرىم دېسكىغا كۆچۈرۈۋالىدىغان بولدۇم.

تورغا ئىلىنىپ قالغىلىمۇ 10 يىل بولاي دەپتۇ، دەسلەپتە ياخو ئۇيغۇرلار گۇرۇپپىسىغا شېئىر يوللاپ يۈردۈم، «قىزىل شېئىر» دېگەن شېئىرىم يامان ئەمەس چىققانىدى. 2004-يىلى «ئىزدىنىش»قا ئەزا بولۇپ مېڭەمنى غىدىقلاشقا باشلىدىم. كونا مۇنبەردە «پاچاقلانغان قىزلار»، «بېيجىڭدا ئۆلگەن بىر ئۇيغۇر»، «مودىدىن قالمايدىغان سالام خەت» ، يېڭى مۇنبەردە «چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى»، «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت»، «بۇلۇڭدىكى خوتۇن»، «ئىككى ھەرەم خاتىرىسى» دېگەن ئەسەرلىرىم كۆپ كۆرۈلگەن ۋە مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلار بولۇپ قالدى، باشقا تور بەتلىرىگىمۇ چاپلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت» دېگەن ھېكايەم «تەڭرىتاغ»ژۇرنىلىدا «مۇھەببەت» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنىپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى ۋە 2006-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. يەنە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئاق شامال» دېگەن ھېكايەممۇ ئاۋۋال «ئىزدىنىش»تورىدا يېزىلغانىدى. كېيىنكى كۈنلەردە uighur.cn(شىنجاڭ لىنىيىسى)نىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى بولدۇم، ئەينى چاغدا مېنى «ئىزدىنىش»كە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان بابۇر ئەپەندى بۇ قېتىم مېنى مائاشلىق «كەسپىي يازغۇچى»لىققا ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ لىىنىيىسىدە ئەسەر يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى. بۇ لىنىيىدە مەن «ئىزدىنىش»تا يېزىشنى باشلاپ كېيىن شۇ تور بېتىدە يوقاپ كەتكەن «سېرىق كۈنلەر» پوۋېستىنى قايتا يېزىپ تاماملىدىم، ئۇنى كۆرگەن ئابونتلار 2000دىن ئاشتى، ئارقىدىن «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن پوۋېستىمنى ئۇلاپ يېزىپ تاماملىدىم، بۇنى كۆرگەنلەر 11مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئىنكاسلارمۇ كۆپ بولدى، ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا «تۈگىدى» دەپ يېزىپ قويساممۇ، داۋامىنى سورايدىغانلار تۈگىمىدى. ھازىر يەنە «ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات»نى ئۇلاپ يېزىۋاتىمەن، لېكىن ھورۇنلۇق قىلىپ سۆرەۋاتىمەن، ئابونتلارمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ، سۈيلەيدىغانلار ئاز، ئاز بولغانچە ئالدىرىمايمەن. شۇنداقتىمۇ ھازىر مەن ئىلھامغا ئەمەس، بېسىمغا، ئىختىيارىيلىققا ئەمەس، مەجبۇرىيلىققا ئامراق بولۇپ كەتتىم. پوۋېست يېزىشقا خۇمار بولسام كېرەك، ھېكايىنى ئانچە يازغۇم كەلمەيدۇ. ئىنكاس كۆزنىكىگە ھەر بىر بۆلەكنى ئۇلاپ يېزىشنى داۋاملاشتۇرغىنىمدا شۇ بىر نەچچە كۈندىكى خۇسۇسىي كەچمىشلىرىم— ئوقۇغان بىرەر كىتاب، كۆرگەن بىرەر كىنو ، ئاڭلىغان بىرەر گەپ-سۆز، خىيالىمدا تۇيۇقسىز جانلىنىپ قالىدىغان بىرەر ئەسلىمە- تەسراتلىرىم يېزىقچىلىق ھالىتىگە كىرگەندىكى يېزىش كەيپىياتىم ۋە سۈرئىتىمگە تەسىر قىلىدۇ. يېقىندا «تۈرمىدىن قېچىش»نى قىزىقىپ كۆرۈپ، بىر نېمە يېزىشنى ئۇنتۇپلا كەتتىم. قاقۋاش، مەردانە ئامېرىكىلىقلار ئالدىدا قاچانغىچە نادان بالىلاردەك بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغاندىمىز؟ دەپ ئىچىم پۇشتى. بۇمۇ ئۆتكۈنچى بىر كەيپىيات بولۇپ قالغۇسى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى