ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار
سۆھبەت - دىكى يازمىلار
  • بىلىك تورىدا سۆھبەت

    بۈركۈت: 1-سۇئال: ئۆزىڭىز ھەققىدە، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق ھاياتىڭىز، ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشىڭىز، ئوقۇشتىن كېيىنكى خىزمەت ۋە ئىجادىيەت يولىڭىز ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم، بالىلىق دەۋرىمنى ئۇچتۇرپان ئاقيار يېزىسىدا لاي ئۆستەڭلەرگە چۆمۈلۈپ ئۆتكۈزدۈم، قوي-كالا باقتىم؛ قىزلارغا كۆيگىدەك تۇيغۇغا ئىگە بولغان بالاغەت دەۋرىمنى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتە...
  • ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟ (سۆھبەت)

    ئىلقۇت: ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەرتۈرك: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئىلقۇت: ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىز مەن قالدۇرغان ئادرېس بويىچە "داڭلىق" تور بېكىتى مۇنازىرىسىدىكى "ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟" دېگەن تېمىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى بىر پىكىرلىشىپ باقايلىچۇ.سىز ئاۋۇ مۇنازىرىگە چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى. ئەرتۈرك: مەن ئۇ تېمىنى...
  • «ھېچنېمىزم»

    ئەلكۈيى تورى بىر ئايدىن بېرى ھېچنېمىزم ھەققىدىكى كەسكىن مۇنازىرىلەر، جەڭگى-جېدەللەر قاينىمىغا غەرق بولدى، دىققەت بۆلۈندى، زېھىنلەر چېچىلدى، پىكىرلەر غىدىقلاندى، ئىمان ئۆلچىمى گويا ھەر كىمگە توغرىلاندى، كۆزلەر جامدەك ئېچىلدى، ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن ئايەت، ھەدىسلەر توپا بېسىپ قالغان مۇبارەك كىتابلارنىڭ سەھىپىسىدىن كومپيۇتېر ئېكرانىغا يۆتكەلدى، دىن، ئىمان، مىللەت، ئىللەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر، ئىختىلاپ...
جەمئىي 1 بەت/3پارچە ئۇچۇر