ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئۇيغۇرچە-تۈركچە رومان تەرجىمىسى ھەققىدە

ئۇيغۇرچە-تۈركچە رومان تەرجىمىسى ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 754 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2015-يىل تۇركىيەنىڭ نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تۈرك ئەدەبىياتى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىش داۋامىدا ئەدەبىياتىمىزغا ئاكادېمىك نەزەر ئاغدۇرۇش پۇرسىتى تۇغۇلدى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم جەدىدچىلىك ۋە دىيارىمىزدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسوركەن، ماڭا بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتاتۈركچەڭنى تەرەققىي قىلدۇر دەپ ئېغىر بىر ۋەزىپە تاپشۇردى. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئالىمجان ئاشىروفنىڭ «ئىدىقۇت» ناملىق رومانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىدىكەنمەن. تىلى ئۇيغۇرچە بولغان بىلەن يېزىقى سىلاۋىيانچە، قولۇمدا كىتاب يوق، سىكانېرلانغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، ئايپەدكە قاچىلاپ، بىر ياقتىن ئوقۇغاچ تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. بىر ھەپتە ئۆگەنگەن سىلاۋىيانچىنى تېز ئوقۇيالمايتتىم. شۇنداق جېدەللىشىپ يۈرۈپ ئالتە ئايدا، 535 بەتلىك بۇ روماننى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ تۈگەتتىم. يېتەكچىم ماگېستىرلىق ماقالىسىنىمۇ بۇ رومان ۋە ئاپتور ھەققىدە يېزىشنى بۇيرۇدى. قارىسام بۇ روماننىڭ سەۋىيەسى «ئانا يۇرت» قا يەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستانغا بېرىپ ئۇ يازغۇچىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىم يوقكەن، ئىمكانىيىتىم بولغان تەقدىردىمۇ بۇ يازغۇچى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىسى يازغاندىن، ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى ھەققىدە يازسام ئەھمىيەتلىكرەك بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم.

شۇنىڭ بىلەن يېتەكچىمگە زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى ھەققىدە مەلۇمات بەردىم. زوردۇن سابىرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە جىق نەرسە بىلمەيدىكەن. چۈنكى، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدىكەن. "سىلەر ئۆزەڭلار قىلمىساڭلار، كىم قىلىدۇ بۇ ئىشنى" دېدى يېتەكچىم. شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمنى يۇمۇپلا بۇ ئىشنى ئۈستۈمگە ئالدىم.

—بۇنىڭ ئۈچۈن «ئانا يۇرت» رومانىنى تەرجىمە قىلىسەن!-دېدى ئۇ.

— خوجام، بۇ ئۈچ قىسىم رومان، 2000 بەتكە بېرىپ قالىدۇ.

— ئۆتكەنكىسى سىلاۋىيان يېزىقىدا ئىدى، شۇڭا ئاستا قىلدىڭ، ئەمدى ئۆز يېزىقىڭدا بولغاندىكىن ئىتتىك قىلالايسەن.

— بىرىنچى تومىنى قىلىپ ئاندىن ماقالە يازسام...

— ياق، ھەممىنى قىلمىساڭ بولمايدۇ، ماقالىدە مىسال ئالىسەن، تونۇشتۇرىسەن.

— زوردۇن سابىرنىڭ تىلى گۈزەل، غۇلجا شېۋىلىرى بار، جۈملە راۋان، ئارىسىدا چاقچاقلار بار...

— ئاۋۋال توغرا قىلىسەن، بىز كۆرىمىز، تۈزىتىمىز. ماقالە ئۈچۈن بۇ زۆرۈر.

— ماقۇل،- دېدىم. ئەمما يەلكەمگە ئېغىر بىر يۈكنى ئارتىۋالغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتتىم، ئىشخانىسىدىن ئاستا چىقتىم، شۇ كۈندىن بۇيان كاللام زوردۇن سابىر بىلەن «ئانا يۇرت»تا قالدى. ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتتى، 15 يىل بۇرۇن ئوقۇغان "ئانا يۇرت"نىڭ ئىچىگە قايتا كىرىپ، ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچىنىڭ ئارىسىدا، سۆزلەر، جۈملىلەر، ئوخشىتىشلار، كەلتۈرۈشلەر، گۈزەل ئىبارىلەر، قوپال ئىبارىلەر، غېنى باتۇرنىڭ سەت سۆزلىرى، مۇختار باينىڭ كارامەت قىلىقلىرى... نى تۈركلەرگە ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەشكە باشلىدىم. ئىككى تومنى تۈگىتىپ، ئۈچىنچىسىگە كەلدىم، گاھىدا ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچە نېمانچە ئوخشايدۇ دەپ راھەتلەنگەن بولسام، گاھىدا ئىككى تىل ئارىسىدىكى، بولۇپمۇ، ئەدەبىي تىل، ئىدىيوم، ئىپادىلەش ئادىتى جەھەتتىكى پەرقتىن تولا قىينالدىم. بۇ جەرياندا تۈركچە ئىدىيوم، ماقال-تەمسىل لۇغەتلىرى ئوبدان ئەسقاتتى. ئىشقىلىپ، زوردۇن سابىرنىڭ راۋان تىلىنىڭ تۈركچىگە كەلگەندە كېكەچلەپ قالماسلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلدىم. ئەمما قانائەت قىلمىدىم، ئۈچ قىسىمنى تولۇق تۈگىتىپ قايتا ئىشلەشكە باشلىدىم. بىر تۈرك بۇ روماننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ "ئانا يۇرت"نى ئوقۇغاندىكى زوقىنى ئالالىسا، ئەسلى ئەسەرنىڭ ھېچ بولمىسا ئۈچتە ئىككى ئۈلۈش تەمىنى تېتىيالىسا مەقسەتكە يەتكەن بولاتتىم دە.

بىلىشىمچە، ھازىرغىچە تۈركچىگە "سۇتۇق بۇغراخان" رومانى تەرجىمە قىلىندى ھەم نەشر قىلىندى، "ئىز"رومانى تەرجىمە قىلىندى، ئەمما تەتقىقات ئۈچۈن قىلىنغان بولغاچقا، ئەدەبىيلىكى جەھەتتەن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغانمىش. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، زونۇن قادىر، زوردۇن سابىرنى تۈركلەرگە تونۇشتۇرۇش كېرەك، چۈنكى ئەدەبىياتىمىزنى ئۇلار بىلمەيدۇ. بىلسە بىلمىسە كارىيىتى چاغلىق دەپ ئولتۇرغىمىز ھەم كەلمەيدۇ. بۇ جاھان ھەر ئىنسان، ھەر قەۋمنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى، ئۆزىنى نامايەن قىلىشى بىلەن ئاۋاتتۇر. مۆمىنجان تۈركىيە سەھنىلىرىدە "ئۇيغۇر دېگەن ئاشۇنداق" دەپ ناخشا ئېيتسا، بىز بىر ياقتىن «ئانا يۇرت» ئارقىلىق «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دەپ بىلدۈرۈپ قويساق تامامەن بولىدۇ. بىز نوچى دەپ ماختىغان رومانىمىز ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئاددىي كۆرۈلۈپ قالسىمۇ مەيلى، ساددىلارچە كۈتكەن ئۈمىدىمىز كۆپۈككە ئايلانسىمۇ مەيلى، ئۇرۇنۇپ باققۇلۇق.

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، بېيجىڭدا خەلقئارا راادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۈركچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ئىككى مۆتىۋەر خانىمنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ئۇلارنىڭ بىرى مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم (1938—2006)، تۈركىيەنىڭ نادىر رومانلىرىدىن «چالىقۇشى» (رىشات نۇرى گۈنتېكىن)، «جۇۋىلىق خانىم» (ساباھىدىن ئەلى)، «مەمەت ئاۋاق» (ياشار كامال) لارنى ئۇيغۇرچىغا ئۇستىلىق بىلەن تەرجىمە قىلىپ، ئەدەبىياتىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «بۈيۈك تىلچى مەھمۇد كاشىغەرى» (م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر)، «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» (رىشات گەنج) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. تۈركىيە مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇلۋاھاپ قارا 2006-يىل يازغان «تۈركىيە رومانلىرى ئۇيغۇرچىغا ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىندى» ناملىق ماقالىسىدە تۇرسۇنئاي ساقىمنى مەخسۇس تونۇشتۇرغان بولۇپ، "ئەگەر تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بولسىدى، شەك-شۈبھىسىزكى تۇرسۇنئاي خانىم ئالغان بولاتتى. چۈنكى ئۇ تۈرك يازغۇچىلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇشتا چوڭ تۆھپە قوشتى. پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدا تۈركچە ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئۆز تىلىغا ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلغۇچى كىشى بەلكىم تۇرسۇنئاي ساقىمدۇر"دېگەن. (مەنبە: http://abdulvahapkara.com)

ئىككىنچى مۆتىۋەر خانىم رۇقىيە ھاجى بولۇپ، ئۇمۇ تۇرسۇنئاي ساقىمغا ئوخشاش ئىجتىھاتلىق ئايال، تۈركچىدىن «يېتىم يۈسۈپ»(ساباھىدىن ئەلى)، «سېرىق چاچلىق پالۋان—مۇستاپا كامالنىڭ ئاخىرقى 300 كۈنى»(جان دۈندار)، ، «چەكلەنگەن سۆيگۈ» (خالىد زىيا ئۇشاكگىل) قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. رۇقىيە ھاجىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە قىلغان تەرجىمىلىرىدۇر. ئۇ 1992-يىلدىن 1996-يىلغىچە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئەۋلىيا ئاتا»، «ئاماننىساخان» قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» رومانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە سۇندى. ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈركلەرگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئىلمىي يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىلىرى خېلىلا كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى توپلام قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. 50 يىلدىن ئارتۇق تۈركچە دېكتورلۇق قىلغان، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركچىگە بېغىشلىغان بۇ ھەدىمىز بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئۇستىسى بولسىمۇ، كەمتەرلىكى بىلەن ئادەمنى بەك خىجىل قىلىدۇ. ئۇ مېنىڭ «ئانايۇرت» رومانىنى تەرجىمە قىلغىنىمدىن خەۋەر تېپىپ تولىمۇ سۆيۈندى، تەرجىمەمدىن بىر نەچچە بەت كۆرۈپ پىكىر بەردى، تۈركىيەدىكى نەشرىيات بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «تەرجىمىڭىزنى چوقۇم بىر تۈرك كۆرۈۋەتسۇن، ھەر قانداق تىلنى شۇ تىلنىڭ ئىگىسى كۆزدىن كەچۈرمىسە بولمايدۇ" دېدى.

2016-يىل 5-ئايدا ماقالىنىڭ ئىشى بىلەن تۈركىيەدە بىر ئاي تۇرۇپ قالدىم، ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىزمىردا ئىككى كۈن تۇردۇم. بۇ شەھەردە ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئېگەې ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركچە ئۆگەنگەن مەزگىلىمدىكى گۈزەل خاتىرىلىرىمنى ئىزدىدىم، ئوقۇغۇچىلار يۇرتى بىلەن تۈرك تىللىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئارىسىدا بىر كىلومېتىردەك مېڭىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلىدىم، تەسىرات تامامەن باشقىچە، مەكتەپ قوينى خېلىلا ئۆزگەرگەن. ئۇ چاغدا كۆرگەن قىزىل، سېرىق قىزلار ئازايغان، ياغلىق ئارتقان قىزلار كۆپەيگەنىدى. تۈرك تىللىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، ئەينى چاغدا ماڭا چاقىرىق ئەۋەتىشتىن تارتىپ ئۇ يەردىكى ئىشلىرىمغا باشتىن ئاخىر ياردەم بەرگەن ئالىمجان ئىنايەت مۇئەللىم بۇ قېتىممۇ مەن ئۈچۈن ئىككى كۈن ئاۋارە بولدى. ئەسلىدە فولكلور، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى يۆنىلىشى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، كېيىنكى كۈنلەردە تەتقىقات دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جەدىدچىلىك ھەرىكىتىدىن باشلانغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئاكىمىز ھازىر بۇ ساھەدە تۈركىيەدىكى ساناقلىق ئالىملاردىن بىرى ئىدى. ئوغۇزخان رىۋايىتىدىن تارتىپ ھۆرلىقا ھەمراجان، سېيىت نوچى داستانلىرىغىچە تەتقىق قىلىپ چوڭقۇرلىشىپ بىر يەرگە بارغان مۇتەخەسسىس ئىدى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، تەتقىقات كىتابى چىقارغانىدى. مەن يەنە ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ژۇرنىلىدا زۇنۇن قادىرنىڭ «چېنىقىش»، ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ «تار كوچىدىن يانغاندا» دېگەن ھېكايىلىرىنى تەھلىل قىلغان، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرغان ماقالىسىنى كۆردۈم. ئەڭ مۇھىمى، ئالىمجان مۇئەللىم ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى تەتقىقاتى يۆنىلىشى بويىچە 10 غا يېقىن تۈرك ئاسپىرانت تەربىيەلەپتۇ. بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، تىل نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلدۇرۇپتۇ. ئۇلاردىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئىشلەپ دوتسېنت ياكى ياردەمچى دوتسېنت بولغانلىرى يەنە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ساھەسى بويىچە ئاسپرانت تەربىيەلەۋېتىپتۇ.

ئالىمجان مۇئەللىم بىلەن مەكتەپ ئىچى ياكى دېڭىز بويىدا چاي ئىچكەچ ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. ئۇ مېنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنى تەرجىمە قىلغىنىمدىن سۆيۈندى.

__ بىراق تۈركىيەدە رومانچىلىق كۈچلۈك، ئەدەبىي تىلغا يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ،- دېدى ئالىمجان مۇئەللىم،- بۇ روماننى نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمىگە قايتا ئىشلەش كېرەك، ئەدەبىي تىلغا ھاكىم بىر تۈرك ئۆزى كۆرمىسە بولمايدۇ. تۈركىيەدە ئىككى تۈرلۈك نەشر قىلىش ئۇسۇلى بار، بىرى شەخسىي نەشرىياتلار، بۇلارغا پۇل تۆلىسىڭىزلا قانچە دېسڭىز شۇنچە بېسىپ بېرىدۇ. تەھرىرلىك قىلمايدۇ، بېسىپلا بېرىدۇ، سېتىلىشىغا ئىگە بولمايدۇ. يەنە بىرى، رەسمىي چوڭ نەشرىياتلار، بۇلار روماننى ئوقۇيدۇ، بازار تېپىشىغا ئىشەنسە باسىدۇ، قەلەم ھەققىنى بېرىدۇ. كىتابلارنى بازارغا سالىدۇ. بىز «ئانا يۇرت» رومانىنى مۇشۇنداق نەشرىياتلاردىن چىقىرىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

- رومانىمىزنىڭ تۈركىيەگە تونۇشتۇرۇلۇشى ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن- دە،- دېدىم ئۇھ تارتىپ.

- بىزدە رومانچىلىق ئاساسەن 80-يىللاردىن باشلاندى، تۈركىيەدە بۇندىن 100 يىل بۇرۇن، نامىق كامالنىڭ «ئىنتىبا» دېگەن رومانى بىلەن باشلاندى، ئوتتۇرىدىكى پەرقنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بىزدە 20-30 يىلدەك قىسقا ۋاقىتتا نۇرغۇن رومانلار يېزىلدى، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت» دېگەندەك ئېسىل رومانلار بارلىققا كەلدى . بۇ رومانلارنى تۈركلەرگە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىرىنچى ئۆتكەل—سۈپەتلىك تەرجىمە ۋە تەتقىقات. چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ رومانلىرى تۈركچىنىڭ ئۆز ئۇسلۇبىدا تەرجىمە قىلىنغاچقا بازار تاپالىدى. بىزلەر تەرجىمە قىلساق، ئىككى تىلنىڭ يېقىنلىقى ۋەجىدىن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب ئارىلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا دەيمەنكى، تەرجىمىڭىزنى چوقۇم بىر تۈرك كۆرۈپ چىقىشى كېرەك.

بۇ گەپ توغرا ئىدى، ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچە تۇغقان تىل بولغاچقا، بىر-بىرىگە ئاغدۇرۇش جەريانىدا كىشىنى راھەتلەندۈرىدىغان ئاسانلىقىمۇ، شۇنداقلا كىشىنى ئاسان قايدۇرىدىغان قىيىنلىقىمۇ بار ئىدى. 2004-يىل «يېڭى ھايات» رومانىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئىككى تىلنىڭ "چىرايى بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان، مىجەزى ئوخشىمايدىغان" ئالاھىدىلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدىم. ئورخان پامۇكنىڭ "ئەڭ لېرىك، ئەڭ سېھىرلىك" بۇ رومانىنى ئۆز تىلىمغا ئاغدۇرۇش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي تۈركچىگە تارتىلىپ كەتكەنىدىم ياكى تۈركچىدىكى بەزى ئىبارىلەرنى بىزمۇ چۈشىنىمىزغۇ دەپ ئالىۋەرگەنىدىم. كېيىن توختى تىللا ھاجىنىڭ تەھرىرلىگىنىگە قاراپ، تۈركچە ئۇسلۇبقا تەسلىم بولغانلىقىمنى، بەزى ئىپادىلەش شەكىللىرى ۋە ئادەتلىرىنىڭ ئاسان ئۆزلەشمەيدىغانلىقىنى، تىل دېگەن نەرسىنىڭ بەزىدە كۆنۈش، ئادەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئانا تىلغا يەنىمۇ پىششىق بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. «ئىدىقۇت» ۋە «ئانا يۇرت» رومانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، سۆزدىن كۆرە جۈملىدە، ئىپادىلەش ئادىتىدە، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردە تولا گاڭگىرىدىم، بۇ جۈملىنى تۈركلەر قانداق قوللىنىدۇ، مۇشۇنداق ئىپادىلىسەم راۋان ئوقۇمدۇ، ھەتتا ئۆز تىلىدا ئەسەر ئوقۇغاندەك ھېس قىلامدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ تۈركچىگە ھاكىم بولۇش دېگىنى مۇشۇ ئىدى. مىسالەن، «ئانا يۇرت»نىڭ بىرىنچى جۈملىسى "ۋاي ئوغرى!" دەپ باشلىنىدۇ. بېشىدا مەن بۇنى ناھايىتى تەبىئىيلا !vay hırsızدەپ ئالدىم. كېيىن يېتەكچى مۇئەللىم كۆرۈپ، تۈركلەر بۇنى بۇنداق ئىپادىلىمەيدۇ، !hırsız var دەيدۇ، دېدى. تىلىمىزدا "خورلىماق" دېگەن سۆز بار، لۇغەتكە قارىسام تۈركچىدىمۇ horlamak دېگەن سۆز بار ئىكەن، مەنىسىمۇ ئوخشايدىكەن. كېيىن بىلدىمكى، ئوسمانلى ۋاقتىدا شۇنداق ئىشلىتىلگەن بىلەن ھازىر ئۇنىڭ مەنىسى "خورەك تارتماق"قا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. ھازىرقى تۈركلەر hor görmek دەپ ئىشلىتىدىكەن. بۇنداق مىساللار تولا. ئەڭ نازۇك يېرى، تۈركچىدىكى kılmak, etmek, yapmak پېئىللىرىنى جايىغا كەلتۈرۈش كېرەك، بۇ پېئىللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى تامامەن تىل ئادىتىگە بويسۇنىدۇ، بۇنى ئۇيغۇرچىغا ئوخشىتىپ شۇ بويىچە ئالغاندا خاتالىشىمىز ياكى خاملىقىمىز چانىدۇ. بىز "ناماز ئوقۇيمەن" دەيمىز، تۈركلەر "ناماز قىلىجام" دەيدۇ؛ بىز "خاتا قىلدىم" دەيمىز، تۈركلەر "خاتا ياپتىم" دەيدۇ؛ بىز "مەسخىرە قىلما" دەيمىز، تۈركلەر "ئالاي ئەتمە" دەيدۇ… بۇ تېخى ئادەتتىكى گەپلەر. ئاكادېمىك تىل، ئەدەبىي تىل، جۈملىدىن رومان تىلىدىكى پەرقنى نېمە دەيسىز، تىل ئادىتىمىز نەچچە مىڭ يىللىق جۇدالىقتىن كېيىن شەكىللىنىپ قالغاچقا، بۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولالماي، ئۆز ئورنىنى جايلاشتۇرۇپ بولالماي جاپا چەكمەكتىمىز.

"ۋاي ئوغرى!

ئايدىڭ كېچە، يىگىرمە توققۇز ئائىلىلىك بۇ كىچىككىنە يېزىدا ئەزەلدىن بۇنداق ئاۋاز ئاڭلىنىپ باقمىغان. كىشىلەر پەقەت ئەزان ئاۋازى، ناخشا ئاۋازى، ئات كىشنىگەن، بۇقا ئازنىغان، ئىت ھاۋشىغان، بۈك-قاراڭغۇ باغلاردا ھوقۇش ھۇۋلىغان ئاۋازلارنى كېچىلىرى ئۆيلەردە، ھويلىلاردا ياكى ئىشىكى ئالدىلىرىدا يانپاشلاپ يېتىپ ئاڭلاپ كەلگەن، خالاس. يېرىم كېچىدە يېزا شۇنچىلىك جىمجىت، جانلىقلار ئۇيقۇدا، مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭلا تۈگىمەس ناخشىسى بىلەن تەبىئەتنى مەدىھىيەلەپ شارقىرايدۇ. پاكار ئۆيلەر باغلارنىڭ سوقما تاملىق قورۇقلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۆگزىلىرى يانداش ئۆيلەر بۇ يەردە يوق. بۇ يېزىنىڭ مال-ۋاران، توخۇ-غازلىرىمۇ ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدىكى بوشلۇقتا تۈنەيدۇ. ئۇلارنى چۆچىتىدىغان سۈرلۈك ئاۋازمۇ، قوپال قىلىقلارمۇ بۇ يەردە يوق، بۇ يەردە ئادەتتە ئەنە شۇنداق خاتىرجەم ۋە كۆڭۈللۈك.

-ۋاي ئوغرى!…

ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز يېزىنى چۆچىتىۋەتتى.بىردىنلا پۈتۈن مەھەللە ئىتلىرى غەزەپ بىلەن ھاۋشىپ كوچىغا چىقتى، خورازلار تەڭلا چىللاشتى، كالىلار مۆرەشتى، ئاتلا كىشنەشتى، ئۆيلەردە چىراغلار يېنىپ، ئادەملەر تەمتىرىشىپ، يالاڭ كىيىملىرى بىلەنلا كوچىغا چىقىشتى. ئۇلار بىر-بىرىدىن:

-توۋلاۋاتقان كىم؟-دەپ سوراشتى ۋە ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ:

-پاھ، يەر تەۋرىگەندەك بولدى-ھە!…

-چاقماق چۈشكەندەك دېگىنە…

-توپان سۈيى كەلگەندەك…- دېيىشىپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە—مەھەللىنىڭ ئۇ بېشىغا قاراپ يۈگۈرۈشتى. («ئانا يۇرت» رومانى، 1-بەت)

“Hırsız var! ”

Aydınlık gece, yirmi dokuz ev yerleştiği bu küçücük köyde böyle bir ses hiçbir zaman duyulmamıştı. İnsanlar sadece ezan sesi, şarkı sesini, atların kişneyen, öküzlerin böğüren, köpeklerin uluyan, karanlık bahçelerde kuzgunların öten seslerini geceleyin evlerinde, avlularında ya da kapıları önünde bir yana yaslanarak duyagelmişti. Gece yarısı bu köy öylesine sessiz, canlılar uykuya dalmış, fakat köyün ortasında akan ırmak bitmek bilmeyen şarkısıyla doğanı överek şarıl şarıl akıyordu. Alçak evler bahçelerin kuru balçıktan yapılmış duvarlarıyla bütünleşmişti. Böyle tavanları bitişik evler buralarda yoktu, bu köyün hayvanları, tavuk, kaz, ördekleri de kendi evlerinin önünden geçebiliyordu, onları korkutan tehditkâr sesler, eşekçe davranışlar da buralarda yok, her yer o kadar huzurlu ve cana yakındı.

“ Hırsız var!”

Korkunçlu bir ses köyü sarstı. Köyün köpekleri aniden hırçın hırçın uluyarak sokağa döküldü. Horozlar da birden öttü, öküzler böğürdü, atlar kişnedi. Evlerde ışıklar yanıp, insanlar şaşkın halde yalın giysileriyle sokağa çıktı. Onlar bir birinden:

“Bağıran kim?”diye sormaya başladılar ve yaka ısırarak:

“Sanki deprem oldu yahu! ”

“Şimşek çaktı desene!”

“Büyük sel geldi galiba...” diyerek köyün öbür tarafına doğru koştular.

يۇقىرىقى تەرجىمەمنى بىر تۈرك پۇتلاشماي، زورۇقماي، ھەتتا زوقلىنىپ ئوقۇيالامدۇ-يوق، بىلمەيمەن. ئىككى تىلغا پۈتۈنلەي ھاكىم بولۇش ئاسان ئەمەس، ماڭا ئوخشاش ئۆز قىزغىنلىقى بىلەن بۇ ئىشقا كىرىشىپ قالغانلارغا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كېرەك. چوپانى دەيدىغان بىر ئاكىمىزنىڭ تۈركچىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، تۈركچە بىر شېئىرلار توپلىمى چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاپىرىن ئېيتقانىدىم. ئاڭلىشىمچە، ئۇ "كۇرتلار ۋادىسى"نى كۆرۈش جەريانىدا فىلىمنى ئوتتۇرىدىن توختىتىپ، دىئالوگلارنى مەخسۇس ئۆگەنگەنىكەن. بۇ ئىككى تىلنىڭ پەرقىنى ئاڭقىرىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، تەجرىبە توپلاش كېرەك. ئەگەر بىز بىرەر بەت تۈركچە تېكستنى ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە تۈركچىگە ياندۇرۇپ باقساق، ئەسلى تېكست بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەر ئىككى تىلنىڭ خەزىنىسى مول، گۈزەللىكى ئۆزگىچە، بۇ گۈزەللىكلەرنى قانداق قىلغاندا نۇقسانسىز، ئەسلىدىكىدەك، تامامەن ئەسلىدىكىدەك بولمىسىمۇ ئىمكانقەدەر يېقىنلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش مەسىلىسى بۇ ئىشقا كىرىشكەنلەرنىڭ ئالدىدىكى سىناقتۇر.

“Gerçekten Kur’an okuyor, Allah’a inanıyorsan niye Mahmut Usta’yı bu dipsiz kuyuda bıraktın. Nasıl bırakabildin? İnanan vicdanlı olur.”

“Bunu çok düşündüm. Çocuktum o zaman”.

“Yoo, Daha o zamandan kadınlarla yatıp onları gebe bırakıyormuşsun.”

Bu hazırcevaplık bir an beni şaşırttı. “Sen her şeyi biliyorsun” diye mırıldandım.

“Evet, Mahmut Usta bana her şeyi anlattı” dedi Enver düşmanca. “Ustayı mağrur olduğun, kendini ondan daha çok birey sandığın için kuyunun dibinde bıraktın. Senin okulun, üniversiten, hayatın o yoksul adamın hayatından daha önemliydi.”

“Bu herkes için böyledir”.

“Bazı insanlar için değil!”

“Haklısın” dedim kuyunun ağzından çekilerek.

Uzun bir sessizlik oldu. Köpek yeninden havlamaya başladı.

“Korkuyor musun?” diye sordu oğlum.

“Neden?”

“Kuyuya düşmekten.”

“Bilmiyorum” dedim. “Yemektekiler merak etmişlerdir. Artık geri dönelim… Bu saygısız konuşma tarzı benim bir oğluldan beklediğim şey de değil…”

“Sizinle nasıl konuşmalıydım babacığım?” dedi alaycı bir havayla. “İtaatkar bir oğul olursam, Avrupai bir birey olamam. Avrupai bir birey olursam da, bu sefer itaatkar bir oğul olamam. Yardım edin bana.”

(Kırmızı Saçlı Kadın, s. 200)

_ راستىنلا قۇرئان ئوقۇيدىغان، ئاللاھقا ئىشىنىدىغان بولساڭ، نېمىدەپ ماھمۇت ئۇستامنى بۇ تېگى يوق قۇدۇققا تاشلاپ قويدۇڭ، قانداق چىدىدىڭ؟ ئېتىقادلىق ئادەم ۋىجدانلىق بولىدۇ.

_ بۇنى كۆپ ئويلاندىم. بالا ئىدىم ئۇ چاغدا مەن.

_ ياق. تېخى شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئاياللار بىلەن يېتىپ ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تومپايتىپ قويىدىكەنسەنتۇق.

بۇ ھازىر جاۋاپلىق مېنى چۆچۈتتى. «سەن ھەممە ئىشنى بىلىدىكەنسەن» دەپ غۇدىرىدىم.

_ ھەئە، ماھمۇت ئۇستام ماڭا ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن،_ دېدى ئەنۋەر دۈشمەنلەرچە،_ ئۇستامنى سەن ھاكاۋۇر بولغانلىقىڭ، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن بەكرەك بىر شەخسىيەت چاغلاپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ تېگىدە تاشلاپ قويدۇڭ. سېنىڭ مەكتىپىڭ، ئۇنىۋېرسىتېتىڭ، ھاياتىڭ ئۇ يوقسۇل ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىدى.

_ بۇ ھەممە ئادەم ئۈچۈن شۇنداقتۇر.

_ بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەس!

_ توغرا دەيسەن،_ دېدىم قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن چېكىنىپ تۇرۇپ.

ئۇزۇن بىر جىمجىتلىق بولدى. ئىت يەنە قاۋاشقا باشلىدى.

_ قورقۇۋاتامسەن؟_ دەپ سورىدى ئوغلۇم.

_ نېمىدىن؟

_قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىشتىن.

_ بىلمەيمەن،_ دېدىم،_ تاماق يەۋاتقانلار ئەنسېرەپ قالدى ھەقىچان. ئەمدى قايتايلى...مەن ئوغلۇمدىن بۇنداق بىھۆرمەتلەرچە بىر پاراڭلىشىش تەرزىنى كۈتمىگەن ئىدىم...

_ سىز بىلەن قانداق پاراڭلىشىشىم كېرەك ئىدى جېنىم دادا؟_ دېدى مەسخىرىۋازلارچە،_ ئىتائەتكار بىر ئوغۇل بولسام، ياۋروپالاشقان بىر شەخسىيەت بولالمايمەن. ياۋروپالاشقان بىر شەخسىيەت بولسام، ئۇنداقتا ئىتائەتكار بىر ئوغۇل بولالمايمەن. ياردەم قىلىڭ ماڭا. (ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى)

بۇ روماننىڭ تۈركچىسىنى ئوقۇپ چىقىش داۋامىدا ئەسەرنىڭ ھەجىم ۋە تىل ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئورخان پامۇكنىڭ ئىلگىرىكى رومانلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. روماننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ۋەقەلىكىمۇ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، تىلى يەڭگىل، ئاممىباپ ئىدى. ئەنۋەر ھامىتنىڭ بۇ روماننى قىسقىغىنا ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ، «ئىزدىنىش»تا ئېلان قىلغىنىغا ئاپىرىن ئېيتتىم. ھەر ئىشقا مۇشۇنداق قىزغىنلىق، مۇھەببەت، پىداكارلىق كېرەك. ئەلۋەتتە، ئەنۋەر ئۆزى ئېيتقاندەك، بۇ روماننىڭ تەرجىمىسىنى يەنىمۇ تاۋلاپ قىيامىغا يەتكۈزۈشى كېرەك.

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلىرىمىز ئاز ئەمەس، تىل-ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ ياش كۈچلەر، تەتقىقاتچىلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، تۈركچە ماقالىلەر يېزىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ كېيىنچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىگە يېڭى مېتود، يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۈملىدىن، داڭلىق رومانلىرىمىزنى تۈركلەرگە تونۇشتۇرۇش كېرەك. «ئانايۇرت» نەشر قىلىنىپ، 15 يىل ئۆتكەندىمۇ قازاقچىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بولسا بۇ ئەسەر ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە دېگەندەك چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. تۈركىيەدە ئەدەبىيات ساھەسىدە شۇنچە كۆپ تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغانلار، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشىدىغانلار بار، ئەمما بىرسىنىڭ چىقىپ، ئۇيغۇر تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىپ، بىرەر روماننى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ «ئىز» رومانىنى تىل نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپتۇ، ئەدەبىيلىكى ئۈچۈن قايتا ئىشلەش كېرەككەن.

خۇلاسە كالام، 80-يىللاردىن كېيىن بىز تۈرك ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلەر بىلەن تونۇشتۇق. 1922-يىلى يېزىلغان «چالىقۇشى»رومانى (ئەسلى نامى «ئىستانبۇل قىزى») ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان روماندۇر. بىلىشىمچە، روماندىكى باش قەھرىمان پەرىدە تۈرك قىزلىرىغىلا ئەمەس، ئۇيغۇر قىزلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ، ئوغۇللارغا ئاسان باش ئەگمەيدىغان قىلىۋەتكەن (ۋاقىتلىق بولسىمۇ). ئۇنىڭدىن كېيىن «مەمەت ئاۋاق» داڭلىق بولۇپ كەتتى. ئەزىز نەسىننىڭ، ئۆمەر سەيپىدىننىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئورخان پامۇك قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، «يېڭى ھايات»، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانلىرى ئىلگىرىكى تۈركىيە رومانلىرىغا قەتئىي ئوخشىماي قالدى ۋە ۋەقەلىكنى ئۇدۇل بايان قىلىدىغان رومانلارنى ئوقۇپ كۆنۈپ قالغان ئوقۇرمەنلىرىمىزنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

رومانچىلىقىمىزنىڭ گۈللەنگەنلىكى ئەمەلىيەت، شۇغىنىسى سەۋىيەدە ئىلغارلارغا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىمىزمۇ بىر رېئاللىق. رومان سەنئىتى ھەققىدە تۈزۈك تەتقىقاتىمىز يوق، رومان تەھلىلى مېتودىمىز كونا، ئوبزۇرچىلىق يوقنىڭ ئورنىدا. بۇ جەھەتتە تۈركىيەدىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز كۆپ.

تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب ئەللىرى، ھەتتا لاتىن ئامېرىكىسىدا بازار تاپالىشىنى تۈركىيە ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ياخشى سىنارىيەلەرنىڭ مەنبەسى ھېكايە-رومانلاردۇر . «چەكلەنگەن سۆيگۈ»بۇنىڭ ئاددىي بىر مىسالى. پەمىمچە، تۈركىيەدىكى رومانچىلارنىڭ ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشى رومانچىلىق تەتقىقاتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. داڭلىقلارنىڭ بىرەر رومانى چىققان ھامان ئوبزۇرچىلار ئەسەرنىڭ "ئىچ-قارنىنى چۇۋۇپ"، ناباپ، ناقىس يېرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن، نەشرىياتلار بىر روماننىڭ ئېسىللىكىگە، بازار تاپالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىسە باسمايدىكەن. ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلاشقاندا، تەلىپىگە لايىقلاشقاندا ئاندىن رومانلىرىمىزنى تونۇشتۇرالايدىكەنمىز. شۇڭا ھازىرچە ئۇلارنىڭ رومانلىرىنى تەرجىمە قىلىشنى بەكرەك ئويلاشقىنىمىز تۈزۈك. ئاندىن بىزدە رومانچىلىق سەنئىتى ھەققىدە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى كىتابلار يوق، بۇنداق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش كېرەك.

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى