دەردىڭ يامان (ھېكايە)
-
دەردىڭ يامان (ھېكايە)
ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 760 قېتىمقايناپ تۇرغان بازار. ئادەملەر ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. مەن ئىسسىقتىن چاڭقاپ كەتكەن لېۋىمنى يالاپ ئەمدىلا دوغاپچىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە يېقىنلا يەردە بىر ناخشا ۋە ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىنغان راۋاپ ياڭراشقا باشلىدى، خەقلەر توپلىشىپ تۇرۇۋالغانىدى. مەن دوغاپنى ئىچىپ بولۇپ، تاماشا كۆرگىلى قىستالدىم. بېشىغا كىر ياغلىقىنى چىڭ چېگىۋالغان بىر قىز كۆينىكىنى تىزىغا يېيىپ، گاھ دۈمچىيىپ، گاھ ئۈستۈن بولۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ناخشا ئېيتۋاتاتتىكى، ئويماق ئاغزى ئاھاڭغا ئەگىشىپ يۇمۇلاق، سوقۇچاق شەكىلدە ئېچىلىپ يېپىلىپ پۈتۈن ناخشىغا سىڭىپ باراتتى.بىچارە قىزنىڭ كۆزىمۇ گويا ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك سۇس پىلىلداپ تۇراتتى. قىزنىڭ يېنىدا راۋاپ چېلىۋاتقان قارا قاش يىگىتمۇ كېلىشكەن بولۇشىغا قارىماي ئىككى كۆزى كۆرمەيتتى. ئۇنىڭ تاشتەك قاتقان، ئاپتاپتا كۆيگەن قولى راۋاپ ئۈستىدە ئەپچىل ئوينايتتى. مۇڭلۇق ناخشا ۋە لەرزان راۋاپ ساداسى ھەممىنى ئەسىر قىلىۋالدى، تاماشىچىلار ئۆزلىرىنى بېلەتسىز ئويۇن كۆرۈۋاتقاندەك، بىلەت سېتىۋالسىمۇ بۇنداق ئويۇننى— بۇنداق نەپىس ئورۇنلانغان خەلق ناخشا-مۇزىكىسىنى ئاڭلىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىشاتتى. بىر ناخشا تۈگىدى، تاماشىچىلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك ئۇھ تارتىشىپ قويدى ۋە يانچۇقلىرىنى كوچىلاپ، پارچە-پۇرات پۇللىرىنى يىگىتنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. يىگىت راۋاپنىڭ قۇلىقىنى تولغىغاچ قىزنىڭ پىچىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى:يانفوندا كۆرۈش
— ئاكا، ئەمدى قايسىسىنى توۋلايمىز؟
يىگىت سىڭلىسىنىڭ مەڭزىدە ئەكس ئەتكەن تاتلىق كۈلۈمسىرەشنى كۆرەلمىدى. ئۇ بېشىدىن دوپپىسىنى ئېلىپ تەرىنى سۈرتتى ۋە ئاسمانغا قاراپ يېنىك ئۇھ تارتىپ ” دەردىم يامان“ دېدى ۋە زەخمەكنى راۋاپقا ئۇردى، زەخمەك ئەپچىل ۋە تېز ئۇرۇلاتتى، راۋاپتىن يەنە بىر مۇڭ تۆكۈلۈشكە باشلىدى، يىگىتنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى، ھېسسىياتىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەتكەنىدى. سىڭلىسى كۆكرەكلىرىنى تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى ۋە ئاۋازىنى قويۇۋەتتى:
ئاتام بولسا كۆرسەممەن،
ئانام بولسا كۆرسەممەن.
ئاتام بىلەن ئانامنىڭ،
ئايىغىدا ئۆلسەممەن...
قىزنىڭ پۈتكۈل دەرت-ئەلىمى بۇ ناخشا بىلەن يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋاتاتتى. ئۇ شۇ تۇرقىدا يىغلاپ تۇرۇپ دەرت تۆكۈۋاتاتتى. بۇ كونا زاماننىڭ خەلق ناخشىسى ئىدى، ھەقىقىي ئاھاڭدا ئېيتىلىۋاتاتتى. تاماشىچىلار كەلكۈندەك كۆپىيىپ، بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ، بويۇندىشىپ،”نېرى تۇرۇڭلار، مەن سەدىقە بېرىمەن “ دەپ توپنى يېرىپ ئالدىغا كېلىپ پۇل تاشلايتتى. راۋاپچى يىگىتنىڭ ئارقىسىدا ئۆچكە ساقال بىر كىشى قاسماق دوپپىسىدا يۈزىنى يەلپۈپ، تاشلانغان پۇللاردىن كۆزىنى ئۈزمەي، يەنە ئەتراپقا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇراتتى.
توساتتىن بىر موماي توپ ئارىسىدىن دوڭغاقلاپ چىقىپ، چاپىنىنىڭ قېتىدىن بىر تۈگۈنچەكنى چىقىرىپ يەشتى-دة، بىر تال كونا ئۈزۈكنى تىترەپ تۇرغان قولىدا ئېلىپ دەرتمەن قىزنىڭ بارمىقىغا ئاۋايلاپ سېلىپ قويدى، ئاندىن”ئاھ خۇدايىم... بالام... “ دەپ مەيدىسىنى تۇتقىنىچە تاماشىچىلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتى، ھەيران بولۇپ قاراپ قالغان خەقلەر ئۇنىڭغا يول بەردى.
راۋاپچى يىگىت يېڭى پەدىگە كۆچتى، سىڭلىسى ئۈزۈك سېلىنغان بارمىقىنى سىلاپ كۆزىگە لىق ياش ئالدى ۋە ناخشىسىنى باشلىدى. ھېلىقى ئۆچكە ساقالنىڭ جىن چىراغتەك پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزى بىرسى پۇل تاشلىغىلى كەلسە بۆلەكچە يورۇپ كېتەتتى. مانا دوزاخ شوتىسى بىرسى ئوتتۇرىغا چىقتى-دة، ئىشتان يانچۇقىدىن شاققىدە 10 كوينى چىقىرىپ يىگىتنىڭ ئالدىغا تاشلىدى، ئاشقان پۇلىنى يانچۇقىغا پۇرلاپ تىقىپ، مەغرۇرلۇق بىلەن مېڭىپ تاماشىچىلارغا قېتىلدى. ئارقىدىنلا بەش دېھقان كەينى كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر كويدىن پۇل قويدى. سەل ئۆتۈپلا پاقىرىماچ رەختتىن كۆينەك كىيگەن، يۈزىگە قىلغان گىرىملىرى تەر يۇقۇندىلىرى بىلەن پاتلىشىپ كەتكەن دوغىلاق ئايال قول تاشلاپ چىقىپ كەلدى، مۈرىسىگە ئاسقان سومكىىسىنى ئېلىپلا چۆچۈپ، چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى؛ ئەتراپقا گۇمان ۋە ئاچچىق بىلەن قاراپ قويدى، قارىغاندا ئۇنىڭ سومكىسىنى بىرسى كېسىپ كەتكەنىدى. بەلكىم پۇلىسى جىق بولمىسا كېرەك، ياكى ئوتتۇرىدا دات-پەرياد كۆتۈرۈشتىن نومۇس قىلدىمۇ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن ئاستا ئېڭىشىپ پايپىقىنى قايرىدى، پۈرلىشىپ كەتكەن پارچە پۇل ئارىسىدىن ئىككى موچەننى چىقىرىپ قىزنىڭ ئالدىغا تاشلىدى-دة، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، تاماشىچىلارغا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ چىقىپ كەتتى.
بىر ھازادىن كېيىن كۆزەينەكلىك، سالاپەتلىك بىر ياش راۋاپچى يىگىتنىڭ ئالدىغا كەلدى. ناخشا ئاخىرلىشىشى بىلەن ئۇ يىگىتنىڭ قولىدىكى راۋاپنى ئېلىپ ئۇزاققىچە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى ؤة:
— كارامەت چالىدىكەنسىز، نەدىن ئۆگەندىڭىز؟- دەپ سورىدى.
— ئاتامدىن.
— بۇ ياق سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟
— سىڭلىم.
— ناخشىنى تولدۇرۇپ ئېيتىدىكەن، تالانت دېگەن مۇشۇ-دة!...
تاماشىچىلار بىمەھەل كېلىپ ناخشىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرغان بۇ سۆلەتۋازدىن ئاغرىندى، ھەر خىل گەپ-سۆز، نارازىلىق كۆپىيىشكە باشلىدى:
— قانداق دېگەن ماز بىر نېمە بۇ!
— قاراڭلار، بىر پۇڭ بەرمەي تۇرۇپ ئالدىغا بېرىۋالغىنىنى!
— يېقىن بارمىسا كۆزى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ.
— ئەمىسە كۆزەينىكىنى نېمىگە تاقايدۇ؟
— نەلىك بىر نېمە بۇ!
— گۇڭشېغا كەلگەن بىرەر باشلىق ئەمەستۇ!
— ماڭاۋە، باشلىقنىڭ ئوغلى دېسەڭمۇ بىر قاملىشىدۇ گېپىڭ.
— داشۆسىڭدەك قىلىدۇ...
ئۇ ”سۆلەتۋاز“ راۋاپچى يىگىت ۋە سىڭلىسىدىن يەنە بىر مۇنچە گەپ سورىدى.”ئۆچكە ساقال“نىڭ كۆزلىرى غەزەپ ۋە بىر ئاز قورقۇنچتىن پارقىراپ كەتكەنىدى. تاماشىچىلار جىلە بولۇپ، يەنە نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ سالاپىتىدىن ئەيمىنىپ، غۇدۇڭشىپ، بىر-بىرىگە سۇئال نەزىرىدە بېقىشاتتى. بۇ سولتەك زادى كىم؟ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ نېمىشقا كۆپ سانلىقتىن قورقمايدۇ؟ جامائەتتىن قورقمىغىنىغا قارىغاندا ئۇنىڭ چوقۇم كاتتا بىر ئادەم بولۇشى ئېھتىمال، ئەمما...
شۇ ئەسنادا ئۆچكە ساقال يىگىتنىڭ دۈمبىسىگە نوقۇشلىدى. راۋاپچى يىگىت ئەندىكىپ راۋابىنى قولىغا ئالدى. كۆزەينەكلىك يىگىت”ئۆچكە ساقال“غا دىققەت قىلدى، ئۇ جايىدا ئولتۇرالماي قالغانىدى.
— سەن بۇلارنىڭ نېمىسى؟-دەپ سورىدى يىگىت.
”ئۆچكە ساقال“ گەپ قىلمىدى.
— گاس-گاچىمۇ سەن؟
ئۇ يەنە گەپ قىلماي ھۆمىيىپ تۇرۇۋالدى.
يىگىت بۇ بىچارە ئاكا-سىڭىلنىڭ ھالىغا ئىچى ئاغرىتتىمۇ ئەيتاۋۇر تۇرغان يېرىدىن كەتكۈسى كەلمەي زوڭزىيىپ ئولتۇردى. ئۇ بىر دەم ئولتۇرۇپ بېقىپ پۇتى ئاغرىپ كەتتى بولغاي ئاستا ئورنىدىن قوپىۋىدى نەدىندۇر بىر سويمىنىڭ شاپىقى ئۇچۇپ كېلىپ، دەل ئۇنىڭ گەدىنىگە تېگىپ، كۆينىكىنىڭ ياقىسىنى شالتاق قىلىۋەتتى. ئۇ مەيدە يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى ئېلىپ بوينىنى سۈرتكەچ تاماشىچىلارغا قاراپ شۇنداق غەلىتە بىر كۈلۈمسىرىدىكى، خەقلەرگە قارىسام ھەممىسى ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ. راۋاپچى يىگىت دەرتلىك بىر پەدىگە چېلىۋاتاتتى، سىڭلىسى بىر كۈن توۋلىسىمۇ پۈتۈن قالمايدىغان ئۈنى بىلەن ياڭراق ناخشىلارنى ئېيتىۋاتاتتى. ناخشا مۇڭلۇق بولسىمۇ ئەمما رېتىمى تېز ئىدى، كۆزەينەكلىك يىگىت خەقلەرگە ئەيمىنگۈدەك ئۆتكۈر نەزەردە قاراپ، ھېچ ئويلىمىغان يەردىن پىقىراپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ھېچ نېمىدىن تارتىنمايتتى، كۈلۈپ ئوينايتتى، تاماشىچىلار ھەقىقىي تاماشىنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك توختىماي ئىتتىرىشەتتى، پىخىلداپ كۈلۈشەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇسۇل توختىدى، يىگىت كۆزەينىكىنى ئېلىپ سۈرتكەچ تاماشىچىلار توپىنى يېرىپ چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزى نەملەشكەنىدى.
1993-يىل 12-ئىيۇل بېيجىڭتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سەن يەنىلا «ئىزدىنىش» تا يۈرەمسەن؟
2015-08-07 20:03:35784ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى
2013-02-22 05:26:46612ئىشەنمەيمەن
2014-07-02 04:48:51485خەن خەن زادى قانداق يازغۇچى؟
2015-08-07 20:00:591104تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار
2014-07-28 07:34:48983يازغۇچى مويەننىڭ خۇشاللىقى ۋە قورقۇنچى
2015-08-07 20:11:04904پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت...
2012-01-06 13:05:5180440 ياشتا چەكتىم ئىزتىراپ
2013-12-31 02:49:46838
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-