روزىدارنىڭ كۈنلىرى
-
روزىدارنىڭ كۈنلىرى
ۋاقتى: 2012-08-04 ئاۋاتلىقى: 805 قېتىمرامىزان ئايىنىڭ ئالدىدىكى ئون كۈنى رەھمەت، ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنى مەغپىرەت، ئاخىرقى ئون كۈنى دوزاختىن يىراقلىشىش ياكى تا ئەبەت قۇتۇلۇش. 97-يىلى روزا تۇتماي ياتاق بىناسىنىڭ كارىدورىدا تاماق ئېتىپ جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان خۇيزۇ تالىپلارنىڭ نەپرىتىگە قالدىم، 98-يىلدىن باشلاپ تۇتتۇم، شۇندىن بېرى تۇتۇپ كېلىۋاتىمەن، بەزى كۈنلىرى بۇزۇپ قويغانمۇ بولدۇم، ئەمما مۇشۇ ۋاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. روزا تۇتۇشنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە يېمەسلىك، ئىچمەسلىك، جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق، جەلق قىلماسلىق، ئومۇمەن نەپسىمىزگە خوش ياقىدىغان جىمى نەرسىلەردىن قول ئۈزۈش، شۇ ئارقىلىق نەپسانىيەتنى پاكلاش دەپ چۈشىنىپ كەلدىم. 2003-يىلى تۈركىيەدە رامىزان ئايى ۋە ئىككى ھېيتنى ئۆتكۈزدۈم، ئىپتار ۋاقتى بولغاندا ئېگەي دېڭىزى بويىدا ئېتىلغان توپ ئوقىنى ھازىرمۇ ئەسلەيمەن، ئوقۇغۇچىلار مەھەللىسىنىڭ ئاشخانىسى سۇھۇرلۇق ۋاقتىدا تاماق چىقىرىپ تەييار تۇراتتى، ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن روزا تۇتاتتى، شامدا مەسچىتلەرگە كىرىپ قالساق چاي ياكى تاماق ئۈستىگە كىرىپ قالاتتۇق، تەراۋىھ ئوقۇپ يانساق ساخاۋەتچىلەر ئون، يىگىرمە مىليون لىرانى (ھازىرقى ئون، يىگىرمە لىراغا تەڭ) يانچۇقىمىزغا تىقىپ قوياتتى. مۇشۇ پۇل بىلەن تورغا چىقىپ، قەدىناسلار بىلەن خەت ئالاقە قىلىشاتتۇق، ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايتتۇق.يانفوندا كۆرۈش
تۈركچە يېزىقچىلىق ئۆتىدىغان بىر مۇئەللىم بولىدىغان، رامىزاننىڭ خاسىيىتىنى سۆزلەپ، پەقەت يېمەي-ئىچمەي تۇتقان روزىمۇ كامىل روزا ئەمەس، روزىدار چوقۇم غەيۋەت-شىكايەتتىن، ئۇرۇش-جېدەلدىن، شەھۋانىي ئىنتىلىش ۋە بەزەپ قىلىق-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىسا ئۇنىڭ يېمەي-ئىچمەي تۇتقان روزىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق، بۇنداق كىشىنىڭ ئېتىزدا قوزۇققا باغلاپ قويۇلغان، قورسىقى ئاچ كالىدىن پەرقى يوق... دەيتتى. ئارىدىن يەنە نەچچە يىللار ئۆتتى، نەچچە رامىزان ئايلىرىنى ئۆتكۈزدۇق، تالىپ بالىلار بىلەن بىللە تەراۋىھ ئوقۇدۇق، زىكرى-تەسبىھلەر ئېيتتۇق، شۇ جاراڭلىق قىرائەت، ئۈنلۈك تەسبىھلەر ھەر يىلى ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سېلىپ ئۆتتى. خۇيزۇ ئاخۇنلارنىڭ قىرائىتى دېگەندەك ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ، تەراۋىھنى ئىتتىك ئوقۇسىمۇ بۇ ئايدىكى تەقۋالىقلىرى، ئۆم-ئىناقلىقى ۋە خەيرلىك ئىشلارغا ئالدىراشلىرى دىلىمىزنى سۆيۈندۈردى. ئاللاھ تائالا بۇ قەۋمنى مۇشۇنداق ياراتقان، تىلى سېمىز بولسىمۇ دىلى تەقۋا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە روھىيەت رىشتىسى باغلانغان. چىرايى خەنزۇغا ئوخشىسىمۇ قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن، ئىنساپ ۋە ياخشىلىق بىلەن زىننەتلەنگەن. روزا ھېيتنى كاتتا ئۆتكۈزۈشلىرى، قېرى-ياش ھەممىسىنىڭ مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىپ، بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈلۈشلىرى كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ.
ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىل يۇرتقا بېرىشلىرىم رامىزان ئايىغا توغرىلىشىپ قالدى، سەپەر ئۈستىدە بولغاندىكىن روزا تۇتمىساممۇ بولاتتى، ئەمما قولاي شارائىتلارنى كۆرۈپ روزىنى بۇزغۇم كەلمىدى. پويىزدا خەنزۇلار توختىماي يەپ-ئىچىپ، سېسىق كېكىرىپ ئىچىمنى يامان سىقىۋەتتى، ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ راھەتلىنىپ كەتتىم، مەسچىتلەر ئاۋات، ئىپتاردا يول بويىدا تىلىپ قويۇلغان قوغۇن تاۋۇزلارنى خۇرسەنلىك بىلەن يەۋاتقان قېرىنداشلار، شامغا ئالدىراۋاتقان نامازخانلار... مەنمۇ شۇلارنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ كەتتىم. ئاقسۇغا بارغىچە كۆردۈمكى، شوپۇرلار، يولۇچىلارمۇ ئاساسەن روزا تۇتىدىكەن، يول-يوللاردا ئاشخانىلار سۇھۇرلۇق، ئىپتارلىق تائاملارنى، ناماز ئوقۇيدىغان جايلارنى تەييارلاپ تۇرىدىكەن، سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئۇچتۇرپانغا كەلدىم، ئۆز قەۋمىم، يۇرت جامائەتلىرىم بىلەن بىللە ئىپتارلاش، بىللە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئەلۋەتتە، قىرائەتلەر تېخىمۇ مۇڭلۇق، كەيپىيات تېخىمۇ جۇشقۇن. بەزى مەسچىتلەردە مۇرەتتەپ قارىيلار خەتمە ئوقۇيدىكەن، ئۇنىمۇ ئاڭلاپ ھەقىقىي تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغاندەك بولدۇم. ئارىدىكى تەسبىھلەر شۇنچە جاراڭلىق:
سۇبھانە مەلىكىل قۇددۇس، سۇبھانە زىل مۇلكى ۋەلمەلەكۇت. سۇبھەنە زىل ئىززەتى، ۋەلئەزەمەتى، ۋەلقۇدرەتى ۋەلكىبرىيائى ۋەلجەبەرۇت. سۇبھانە ھەييىل لەزى لا يەنامۇ ۋە لا يەمۇت، سۇببۇھۇ، قۇددۇسو، رەببۇنا، رەببىل مەلائىكەتۇ ۋە رۇھ.
(جىبىرىئىل ۋە باشقا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ، جىمى دۇنيا، مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز؛ چەكسىز ئىززەت، قۇدرەت ۋە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى، جەبەرۇتنىڭ ساھىبى بولغان ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز)
( ئۇخلىمايدىغان، مەڭگۈ ھايات ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيلەيمىز، بارلىق پەرىشتىلەر ۋە روھنىڭ پەرۋەردىگارى، قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىمىزنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز)
لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ نەستەغفىرۇللاھ، نەسئەلۇكەل جەننەتتە، ۋە نەئۇزۇبىكە مىنەننار. يا ئەرەھەمەرراھىمىن!
(بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز، جەھەننەم ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كىرىشنى تىلەيمىز. ئاللاھ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر).
[يۇقىرىقى تەسبىھ ۋە مەنىلەردە كېتىپ قالغان يەرلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەھلى ئىلىملەر تۈزىتىش بېرىپ قويسا خۇرسەن بولىمەن]
ئوپچە ئوقۇلغان بۇنداق مۇڭلۇق زىكرى-تەلقىنلەر پۈتۈن جامائەتنى، ھەتتا سىرتتا قاراپ تۇرغان كادىرلارنىمۇ زىل-زىلىگە سېلىۋېتەر دەپ ئويلىدىم. ئەلۋەتتە، قەلبلەر ئوخشىمايدۇ، ئېرىيدىغان قەلبلەر بولىدۇ، تاشتىن قاتتىق قارا يۈرەكلەرمۇ بولىدۇ.
ئىمام خۇتبىگە چىقتى: روزا رامىزاننى مىسالەن بىر قۇش دېسەك، تەراۋىھ نامىزى بىلەن سەدىقە-پىتىر ئۇنىڭ ئىككى قانىتى، مۇشۇ ئىككى قانات بولغاندا تۇتقان روزىمىزنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ. سەدىقە پىتىرنى ھەر ئائىلە جان سانىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا، 20 ياكى 30 سومدىن بەرسە بولىدۇ...
روزىدارنى ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ئەمەس، روھىدىكى ئاجىزلىق، ئىمانىدىكى زەئىپلىك، نەپسى يامانلىق، تۈرلۈك ۋەسۋەسىلەر قىينايدۇ. نەپسىمىزگە خۇش كۆرۈنىدىغان بىرەر گۇناھ-مەئىسيەتنى قىلالماي، ئۆزىمىزنى تىزگىنلەپ بەك تەقۋا، بەك پاك ياشاپ كەتسەك، نېمىشقىدۇر كۆنەلمىگەندەك بولىمىز، ئىچىمىز سىقىلىپ كېتىدۇ. شەيتان لەئىن ھەر ئىنساننىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتىۋېلىپ، ھەر كۈنى، ھەر سائەت ئىمان ئەھدىمىزنى، ئەخلاق مىزانىمىزنى، سەۋرچانلىقىمىزنى بۇزۇشقا تەييار تۇرىدۇ. رامىزاندىن كېيىن بەزىلەرنىڭ تەقۋالىقتىن بىراقلا بوشىشىپ كېتىشى شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك.
نامازدا، دۇئادا بوشىشىپ قالمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن رامىزان ئۇلارنىڭ تەقۋالىقنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم كۈنلەردۇر، بۇ كۈنلەرنى ئۇلار تولىمۇ قەدىرلەيدۇ، قۇرۇق گەپ، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى زايە قىلمايدۇ ، قۇرئاننى بىر ئۆتكۈزىدۇ، زاكات، سەدىقە-پىتىر بېرىشكە ئالدىرايدۇ، كۈندىلىك قىلىق-قىياپەت، گەپ-سۆزلىرىگە دىققەت قىلىدۇ، ئومۇمەن مۇشۇ خاسىيەتلىك ئايدا گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ، دوزاختىن بىر قەدەم يىراقلىشىشنى، جەننەتكە بىر قەدەم يېقىنلىشىشنى ئىستەيدۇ.
جانابى ھەق تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى، ئاخىرەتنى ئويلايدىغان، ئاللاھتىن ئەجىر ئىستەيدىغان ئاشۇ سەۋرچان مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقان روزىسىنى قوبۇل قىلغاي!Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تىرىكلىك نىشانى (5)
2015-08-07 12:28:47838مودىدىن قالمىغان سالام خەت (ھېكايە)
2015-08-07 00:23:451712200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر
2012-02-23 16:25:35820ئىشەنسەڭمۇ ئويلاپ ئىشەن(1)
2014-11-27 17:14:48643ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم
2015-08-07 00:33:511478ئەدەبىي تەرجىمە ماھىيەتتە ھەقىقىي تىل سەنئىتى
2015-08-07 01:22:141075باش مۇھەررىر بىلەن تاكاللىشىش (ھېكايە)
2015-08-07 00:37:59723ئېگىز-پەس مۇھەببەت (پوۋېست) 2-قىسىم
2015-04-10 13:36:26972
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-