ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەدەبىي تەرجىمە ماھىيەتتە ھەقىقىي تىل سەنئىتى

ئەدەبىي تەرجىمە ماھىيەتتە ھەقىقىي تىل سەنئىتى

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1076 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ، ئىجادىيەت كوچىسىغا كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ئىزچىل بەھىرلىنىپ كەلدىم، ئۇ ئەسەرلەردىن گويا ئەسلى ئىجادىي ئەسەرلەردەك ھۇزۇرلاندىم. بىلىشىمچە، بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، ئەدىب- شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆزلىرىگە خۇرۇچ توپلىغان. جۈملىدىن مەنمۇ ئىلگىرى چەت ئەل ۋە جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان داڭلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئەدەبىياتقا ئاشىق بولغان. ھازىر گەرچە ئەسلى ئەسەرنى خەنزۇ تىلىدىن بىۋاسىتە، راۋان ئوقۇپ چۈشىنەلىسەممۇ، ئەمما شۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىپ قالسا يەنە ئوقۇيمەن. چۈنكى ئانا تىلدىن ئالغان ھۇزۇر باشقىچە.


ئىجادىي ئەسەرلەر تەرجىمە ئەسەرلەر بىلەن بىر مەيداندا، بىر بەيگىدە تەڭ چېپىشىپ كەلدى، ھالبۇكى تەرجىمە ئەسەرلەر ئۆزىدىكى سۈپەت-ساپا، ئۆزگىچە پۇراق بىلەن ھەر ۋاقىت باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلدى. خۇسۇسەن مەن تەرجىمە ئەدەبىياتىمىزدىن نۇرغۇن ئىلھام، بىلىم ۋە جاسارەتكە ئېرىشتىم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئوقۇغان «مەشھۇر چەت ئەل يازغۇچىلىرى»، «كېلىلە ۋە دېمىنە»، «گۈلىستان»، «چاھار دەرۋىش»، «مىڭبىر كېچە»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز»، «گاۋيۈيباۋ»... دېگەندەك ئەسەرلەر كېيىن بىلسەم تەرجىمە ئەسەرلەر ئىكەن. ئۇ چاغدا كىتابنىڭ ئاپتورىغا ياكى تەرجىمانىغا دىققەت قىلمايتتىم، ھەتتا ئۇنىڭ تەرجىمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئۆز تىلىمىزدا سۆزلەيدىغان بىر ئادەم يازغان كىتاب دەپ ئويلايتتىم. ھازىر ئويلىسام شۇ كىتابنى روياپقا چىقارغان جاپاكەشلەر ئاجايىپ ئۇستا تەرجىمانلار ئىكەن. تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر، رەھمىتۇللا جارى، توختى باقى، غۇلام غوپۇر، خوجا ئابدۇللا ئوسمان، ئابدۇكېرەم خوجا، نۇرمۇھەممەت ئېركى، راخمان مامۇت، ئەخمەت پاسار قاتارلىق ئۇستاز تەرجىمانلار، ياسىن ھاۋازى، غوپۇر قادىر، خوجائەخمەت يۇنۇس، مۇساجان ئەزىزى، تۇرسۇنئاي ساقىم، ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ، توختى ھاجى تىللا، شۆھرەت مۇھەممىدى، ... قاتارلىق داڭلىق تەرجىمانلار گۈزەل تەرجىمىلىرى بىلەن ھۆرمىتىمنى قوزغىدى. توختى باقى لۈشۈننى، شۆھرەت مۇھەممىدى بولسا ۋاڭ مېڭنى ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن خەلققە تونۇتتى. «دۇنيا ئەدەبىياتى» بىلەن «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»نى ھەر قېتىم زوق بىلەن ۋاراقلىغىنىمدا ئاۋۋال تەرجىماننىڭ ئىسمىغا كۆز تاشلايمەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆزەممۇ تەرجىمىگە كىرىشىپ، بۇ ئىشنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلغاچقا ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان، تەرجىمىدىن ئىبارەت بۇ كەسكىن تىل جېڭىدا تاۋلىنىپ چىققان تىل سەنئەتكارلىرىنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولدۇم.


مەن ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگىنىم بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ باقمىدىم.1991-يىلدىن 1996-يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاشلا تىل ۋە تەرجىمە ھەققىدە دەسلەپكە ساۋاتقا ئىگە بولدۇم، خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات، غوپۇرجان ئابدۇرەھىم قاتارلىق تىلشۇناس ھەم تەرجىمە ئۇستىلىرىدىن بىۋاسىتە تەلىم ئالدىم، ئۇلارنىڭ تەتقىقات، تەرجىمە ئىجادىيەت مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇم.


ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىلللىقىغا چىققاندا ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات ئەپەندىنىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىدا بىر يىل رىيازەت چېكىپ، خەمىت تۆمۈر بىلەن ئابدۇرەئوپ پولات تۈزگەن«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»نى نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن سۆزلۈكلەرنى كارتىدىن ئاق قەغەزگە كۆچۈردۈم، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت 25مىڭدىن ئارتۇق سۆزنى، ھازىرقى مەنىسىنى مىساللار بىلەن بىرمۇ بىر كۆچۈرۈپ چىقىش جەريانىدا ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدىغان، ئەمما ئەسلى مەنىسىنى(ئېتمولوگىيىسىنى) بىلمەيدىغان سۆزلەرنى ئايرىم دەپتىرىمگە رەتلەپ كۆچۈرۈپ چىقتىم، ھازىر ئويلىسام، ئانا تىل ئىشقى شۇ چاغدىن باشلاپ پەيدا بولغانىكەن. مەن بۇ ئىشخانىدا بېسىپ ئولتۇرۇپ ئىشلەشنى ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ ئىشخانىدا ساقلانغان «تىل ۋە تەرجىمە»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمى ژۇرنىلى»نىڭ 80-يىللاردىكى تولۇق توپلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم(ئۇ يىللاردا «تىل ۋە تەرجىمە» ئايلىق ژۇرنال ئىدى، تىل ۋە تەرجىمىگە ئائىت تەتقىقات قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسا كېرەك، سەر خىل ماقالىلەر كۆپ ئىدى). ئابدۇرەئوپ پولات ئەپەندىگە ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان يېڭى ژۇرنال ۋە كىتابلار شۇ ۋاقىتلاردا، كونا كىتابلارنىڭ پۇرىقى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئاشۇ ئىشخانىدا ماڭا نۇردەك گۈزەللىك، ئاپتاپتەك يورۇقلۇق بېغىشلىغانىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇستاز خەمىت تۆمۈر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن تەرجىمە قىلغان «بابۇرنامە» ماڭا كۈچلۈك تەسىر قىلغان، خەمىت تۆمۈر ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق تىلشۇناس بولۇپلا قالماي، «روبىنزون كروزونىڭ تەرجىمىھالى»، «ئائىلە»قاتارلىق رومانلارنى تەرجىمە قىلغان داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمانىدى، تەرجىمىلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ساماغا چۈشەتتى، بايرام قىلاتتى، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھەر ئادەم ئۇنىڭدىن شادلىناتتى، ھۇزۇرلىناتتى.


«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»نى كۆچۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىز بارات رەجەپنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن تەرجىمە قىلغان «باھار دانىش» ناملىق كىتابىنى ئاققا كۆچۈردۈم، كۆچۈرۈش جەريانىدا جۈملىنى راۋانلاشتۇرۇپ ئەدەبىي تۈسكە ئىگە قىلدىم. بۇمۇ بىر ھېسابتا تىل جەھەتتە چېنىقىش بولدى. تەرجىمە نەزەرىيىسى دەرسىنى ئاڭلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزەممۇ پارچە-پۇرات ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ تىل ئىقتىدارىمنى سىناپ باقتىم. ئەمما بۇ ئىش مېنى ئاۋارە قىلدى، تولا كاللا قاتۇرۇپ، تولا لۇغەت ئاختۇرۇپ، تەرجىمىگە لايىق سۆز تاپالماي، تاپقانلىرىم ئۆزەمگە ياقماي، يا بولار-بولماس تەرجىمە قىلىشنى راۋا كۆرمەي كۆپ قىينالدىم. ئاخىر ”خەقنىڭ تىلىنى چۈشىنىپ ئۆز تىلىمغا ئۆرۈپ بولغىچە چاچلىرىم چۈشۈپ كەتكۈدەك، يەنىلا ئۆزەمنىڭ يېزىقچىلىقىنى قىلسام بولغۇدەك“ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم، ھەتتا ”تەرجىمە ئىجادىيەتتىن تەسكەن“ دېگەن چۈشەنچىگە كەلدىم. چۈنكى ئۆزەم يازسام، ئىلھام ۋە تەپەككۇرۇمنى خالىغان يەرگە ئاپىرالايمەن، ھېسسىياتنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيمەن، تىلنى خالىغانچە ئوينىتالايمەن. ئەمما تەرجىمىدە قىسماققا ئېلىنىدىغان گەپ، ئەسلى ئاپتورغا، ئۇسلۇبقا، مەزمۇنغا، گۈزەللىككە سادىق بولىدىغان گەپ.


ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەندىن كېيىن، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بەزى دىنىي ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلدىم. ئەمما ئۆزلۈكۈمدىن بىرەر ئەسەرنى تۇتۇپ تەرجىمە قىلىشقا قىزىقمىدىم، ئۆز ئىجادىيىتىمگە بېرىلىپ، نېمە يازغۇم كەلسە شۇنى يېزىپ يۈرىۋەردىم. 2002-يىلى 10-ئايدا تۈركىيىگە چىقىپ يېرىم يىل ئوقۇپ كىرگەندىن كېيىن، تۈركچەمنى تېخىمۇ پىششىقلاش مەقسىتىدە تۈركچە نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىپ «قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى» دېگەن بىر كىتابچىنى تەرجىمە قىلدىم، ئارقىدىن ھاۋالە بويىچە «جالالىدىن رۇمى مەسنىۋى ھېكايىلىرى»نى تەرجىمە قىلدىم. تۇغقان تىللارنى بىر-بىرىگە ئاغدۇرۇش ئانچە تەس بولمىغاچقا بەك قىينىلىپ كەتمىدىم. ئەمما ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات»ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىشتا شۇنچىلىك قىينالدىمكى، ئۇزۇن-ئۇزۇن، مۇرەككەپ جۈملە ئىشلىتىپ ئەسەر يازىدىغان ئۇ يازغۇچىدىن نەچچە رەت قاقشىدىم، تەرجىمىدە پۇتلاشقاندا تىللىغان بىلەن، راۋانلاشقاندا زوق-شوخ بىلەن ماختىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئىككى يىلدا ئاران تەرجىمە قىلىپ تۈگەتتىم. پېشقەدەم تەرجىمان توختى ھاجى تىللا بۇ روماننىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ نۇرغۇن يەرلىرىنى بوياپتۇ، تەھرىرلىك ئىلاۋىسىدا ”ئەمەلىيەتتە تۇغقان تىللارنى تەرجىمە قىلىش ناھايىتى تەس، قارىماققا ئوخشىشىپ قالىدىغان گەپلەرنىڭ پەرقىنى ئاجرىتىش كېرەك، بولمىسا مەنىدە تولا يېڭىلىشىدىغان گەپ. بۇ ھەۋەسكار تەرجىمان بۇنداق چوڭ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي ئاۋۋال كۆپرەك مەشىق قىلسا بولىدىكەن“ دەپتۇ. كۆڭلۈمگە كەلدى، ئەمما بويىغانلىرىدىن، تۈزەتكەنلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم، كۆپ نەرسىنى ئۆگەندىم. كىتاب 2008-يىلى 8-ئايدا نەشردىن چىقىپ بازارغا سېلىندى. بۇ تەرجىمە ئارقىلىق تۈركچە سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈۋالدىم، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىم، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەمنىڭ بىر ئاز ئۆسۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق شۇ ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبى، پىكىر-ھېسسىياتى، تىل ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىلەن تېگى تەكتىدىن تونۇشۇپ چىققىلى بولىدىكەن، ئىجادىيەتكىمۇ پايدىسى تېگىدىكەن.


2008-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ ئۇيغۇرچىسى نەشر قىلىنىپ، مەسئۇل مۇھەررىرلەرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تاللانغان پوۋېست-ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم؛ بىر ھېسابتا ئەدەبىي تەرجىمىدە چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئەينى چاغدا تەس كۆرۈپ تاشلاپ قويغان ئەدەبىي تەرجىمىنى قايتا قولۇمغا ئالدىم. توپا بېسىپ كەتكەن تەرجىمە نەزەرىيە تېزىسلىرى ۋە توختى باقىنىڭ «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن كىتابىنى ئالدىمغا ئېلىپ قويۇپ نەزەرىيە ئۆگەندىم، ئەمەلىي مىساللارنى تەھلىل قىلدىم. مەنەن تەرجىمە، ئەينەن تەرجىمە، ئاھاڭ تەرجىمىسى، سۆز قىسقارتىش، سۆز قوشۇش... ۋاھاكازالارنى ئېزىپ ئىچتىم، ئەمما تېكىست ۋە ئەمەلىيەت باشقا ئىكەن. تەرجىماننىڭ تىل بايلىقى، تىل سەزگۈرلۈكى، چۈشىنىش، ئىپادىلەش ماھارىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن. تەرجىمە گويا ئىككى تىلنىڭ كەسكىن جېڭىگە ئوخشايدىكەن، تەرجىمان بۇ جەڭنى باشلاپ ئۆزى ئۇنىڭ ئارىسىدا قاترايدىكەن، چارچايدىكەن، ئىككىسىنىڭ مەقسىتىنى كېلىشتۈرۈپ بولالماي ھالسىرايدىكەن. بۇ كۈرەشتە رىيازەت چەكتىم، ئەمما تاۋلاندىم، ئىشنىڭ ئېپى-جېپىنى تېپىپ، سۆز لەشكەرلىرىنى جايى-جايىغا تىزىپ، جۈملە سەپلىرىنى راۋرۇس قىلىشقا تىرىشتىم. ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۈچ پوۋېست، بەش ھېكايە تەرجىمە قىلىپتىمەن. شۇنچە يىل خەنزۇچە ئۆگىنىپ، يەنە ئۇقمايدىغان خەتلەر، سۆزلەر، تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچراپ تۇردى. ئۇيغۇر تىلى ئانا تىلىم دېگەن بىلەن بۇ تىلدىكى ناقىسلىقىم قەدەمدە بىر چاندى. ئىككى تىلنىڭ پەرقى شۇنچە زور، يەنە كېلىپ بۇ ئىككى تىلدىكى قابىلىيىتىم چەكلىك. بۇ ھالدا قانداق قىلىمەن؟ ئۇرۇپ-سوقۇپ، دومىلىتىپ تەرجىمە قىلىۋېرىمەنمۇ ياكى بىر سۆز، بىر جۈملە ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىپ ئاندىن تەرجىمە قىلىمەنمۇ؟ تەرجىمانلىق زىل ئىش، بۇ ئىشنى نازۇكلۇق بىلەن قىلىش كېرەك، بولمىسا قىلمىغان ياخشى، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ تىلىنى بۇزمىغان ياخشى. ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، ئۆگىنىش، تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش، تەجرىبە توپلاش، ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش تەرجىمانلارغا قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ. شۇڭا ئاستا قىلساممۇ ئەستايىدىل، نازۇك بولۇپ، تەرجىمىنى سۈپەتلىك قىلىشقا تىرىشتىم. تەرجىمە ئەمەلىيەتتە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، تاۋلىنىش جەريانى ئىكەن؛ بىر ئىشنىڭ كويىغا كىرسىڭىز ئاستا-ئاستا شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە، مۇتەخەسىسىگە ئايلىنىدىكەنسىز، يول بىلگەنسېرى يوللار راۋانلىشىپ كېتىدىكەن.


تەرجىمە ئەمەلىيىتىمدە ئۇستاز تەرجىمان توختى باقىنىڭ «چۈشىنىش زۆرۈرىيەت، ئىپادىلەش ھۆرىيەت» دېگەن پىكرىگە قايىل بولدۇم، ئەسلى ئەسەردىكى مەقسەتنى، تۈس ۋە ھېسسىياتنى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز تىلىمنىڭ ئىپادىلەش ئادىتىگە بويسۇندۇرۇم. مەسىلەن، ھېكايە ماۋزۇسى «片片枫叶情»نى دەسلەپتە «ئېرەن ياپرىقىغا مۇھەببەت» دەپ تەرجىمە قىلغانىدىم، قارىسام بىر يەرلىرى يىرىك، قوپال. ئاخىر «شۇنچە گۈزەل ئېرەن ياپرىقى» دەپ ئۆزگەرتتىم، بۇنىڭدا ھېسسىيات، گۈزەللىك تۈسى قويۇقراق بولىدىكەن. پوۋېست ماۋزۇسى «从狼谷来»نى دەسلەپتە «بۆرە جىلغىسىدىن كېلىش» دەپ ئالغانىدىم، قارىسام بۇ گەپ سەل تومتاق ھەم ئەسەر مەزمۇنىغا ئانچە ماس كەلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭغا سۆز قوشۇپ «بۆرە جىلغىسىدىن كەلگەن بالا» دەپ ئۆزگەرتتىم، بۇنىڭدەك مىساللار تولىمۇ كۆپ. ئەسلىگە بەك سادىق بولۇپ كەتسە تەرجىمە تىلى ئۆلۈك، قوپال چىقىۋاتقان؛ بەك جانلىق تەرجىمە قىلىۋەتسە ئەسلى مەنە بىر ياقتا قېلىپ، گەپ تەرجىماننىڭ بولۇپ قالغان. شۇڭا بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەككەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلار ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئۇيغۇرلار زوقلىنالايدىغان ساپ، گۈزەل ئۇيغۇر تىلىدا، شۇ تىلنىڭ ئادىتىدە تەرجىمە قىلىش كېرەككەن. بولۇپمۇ ئەدەبىي تەرجىمىدە تەرجىمە تىلى گۈزەل چىقىشى كېرەك، تەرجىماندا مول تىل قابىلىيىتى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەلگىلىك ئەدەبىيات تالانتى ھازىرلانغاندا، ئاشۇ يازغۇچى بىلەن ھەمنەپەس، دىلكەش، سىرداش بولغاندا، يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبى، پىكىر-ھېسسىياتىنى چۈشەنگەندە ئاندىن تەرجىمە تىلىنىڭ ئەسلى ئەسەر تىلىدىن قېلىشمىغۇدەك راۋان، گۈزەل، تەسىرلىك چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.


مېنىڭچە، تەرجىمان يازغۇچىدىن ئۆتە تىل ئۇستىسى، تىل سەنئەتكارى، مەنە كانىدىن گۆھەر ئىزدىگۈچى. تەرجىمىدە يۈكسەك پەللىگە يەتمەك مۈشكۈل، ھەقىقىي تەرجىمانلىق، تىل ئۇستىسى بولۇش تۆت-بەش يىل ئوقۇپ ياكى ئىشلەپ ئالىدىغان ئۇنۋان ئەمەس، تىلنىڭ ئۆزىلا مۇرەككەپ، نازۇك ھادىسە، تەرجىمانلىق تېخىمۇ شۇنداق. بۇ ئىشقا ئاۋۋال قىزىقىش، ئىشتىياق، مۇھەببەت بولۇشى كېرەك؛ شۇندىلا جاپاغا چىدىغىلى، بېسىپ ئولتۇرۇپ ئىشلىگىلى، ئەستايىدىل بولغىلى بولىدۇ. تەرجىمە داۋامىدا ئىككى تىلنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ قائىدىسى ۋە ئىپادىلەش ئادىتىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈش، مەنىنى تەڭ قىممەتتە ئىپادىلەش تاكتىكىسىنى ئىگىلەپ، توغرا، راۋان، گۈزەل تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك. شۇندىلا تەرجىماننىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ تەرجىمىدىن ھۇزرلىنالايدۇ.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى