ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

facebook تىكى مەۋجۇتلۇقىمىز

facebook تىكى مەۋجۇتلۇقىمىز

ۋاقتى: 2012-12-20 ئاۋاتلىقى: 674 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ يىل مەككە، مەدىنەدە ئىككى ئايدىن ئارتۇق ھەج خىزمىتى قىلىش جەريانىدا دۆلەت ئىچىدە تېپىلمايدىغان ئىككى دۇنيانى بايقاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقالمايلا قالدىم. بۇنىڭ بىرى facebook، يەنە بىرى youtube. بۇ ئىككى مەشھۇر تور بېتىنىڭ نامىنى تولا ئاڭلىغان بولساممۇ، قوللىنىشقا ئىمكان بولمىغانىدى. facebook قا تىزىملىتىپ كىرىپلا، چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى، نامى مەشھۇر ئالىم، دوكتورلارنى، ئۆزەم قىزىققان چەت ئەللىك داڭلىق سىياسىئون، ئالىم-ئۇلىما، ناخشا چولپانلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. قارىسام، ئىزەپ تاپاي دېگەنلىكى ئادەمنى تاپقىلى بولىدىكەن ۋە يوللىغان بارلىق نەرسىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. داڭلىق ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپوۋ بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئىلتىماسىمنى باشتىلا قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ قىسمەن ئۇچۇرلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى. جېكنى قېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىزدىنىشتىكى ھالىتىگە ئوخشاپ كەتمەيدىغان باشقىچە تەرزىگە، ئامېرىكىدىكى ھاياتى، خۇشاللىقى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلدىم. شۇ تەرىقىدە، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان، ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆزەمگە قېتىۋېلىپ، تونۇش چىراي، گۈزەل چىراي، ئالىم چىراي، تەقۋا چىرايلارغا، تۈرلۈك-تۈمەن پاراڭلارغا شاھىد بولدۇم. دەسلەپتە دىدار ۋە ئوبراز، تۇنجى تەسىرات مۇھىم بولىدىكەن، ئاندىن ئۇنىڭ سۆزلىرى، يوللىغان نەرسىلىرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدىكەن، بۇنىڭدىن شۇ قىز ياكى يىگىتنىڭ دۇنيا قارىشى، ئېتىقادى، ساپاسى، قانچىلىك پىكىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدىكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، جاھان كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى، توپلىغان بىلىم-ئۇچۇرلىرى مول بولىدىكەن، ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتتىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتى ، غالىبانە ھېس-تۇيغۇلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەن غېرىبلىقلىرى، مۇھەببەت ۋە ھىجرانلىرى تارىم دەرياسىدەك ئۇزۇن، سايرام كۆلىدەك چوڭقۇر بولىدىكەن.
بۇ ئالاقە تورىغا تىزىملىتىپ كىرگەنلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، چېگرا ئاتلاپ چىقىپ كەتكەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يات مۇھىتتا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى پۇت سىغقۇدەك ماكان تېپىش بولسا، ئىككىنچى ئىشى تورغا چىقىش ئىكەن. بىر-بىرىنىڭ نەدىلىكىنى، نەگە بارغىنىنى دەپ تۇرىدىكەن، ئوقۇغۇچى بولسا ئۆزىنىڭ مەكتىپىنى، تەتقىقاتچى بولسا قاتناشقان يىغىنلىرىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى، ئىشلەۋاتقان بولسا شىركەت ئىشخانىسىنى تورغا چىقىرىپ قويىدىكەن، دوستلار بىر يەرگە كېلىپ، ئۇيغۇرچە تاماق ئېتىپ مۇڭداشقان بولسا، تەستە قولغا كەلگەن بۇ ئۇچرىشىش پەيتلىرىنى ئۇنتۇلماس خاتىرە قىلىپ يوللاپ قويىدىكەن؛ توي قىلسا شادلىق تەنتەنىلىرىنى سىنغا ياكى رەسىمگە تارتىپ كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن، مەن ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ قىزىنىڭ تويىنى، جېكنىڭ شۇ تويدا يەڭ شىمايلاپ ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىر توپ جامائەت بولۇپ ئۇ توينى داغدۇغىلىق قۇتلۇقلاپتۇ، نىكاھ ئوقۇۋاتقان مەيداننى چوڭلار تور ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپتۇ ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرۈپتۇ. خۇشاللىق توي بىلەنلا تۈگىمەيدۇ-دە، ئۇنىڭ كەينىدىن ساياھەت، دوستلار يىغىلىشى باشلىنىدىكەن، گۈزەل رەسىملەر ئارقا-ئارقىدىن يوللىنىدىكەن. توي قىلغان بىر جۈپلەر بالىلىق بولسا بالىلىرىنىڭ ئوماق رەسىمىنى چىقىرىپ، بىر-بىرىنىڭ شادلىقلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىكەن. يۇرتتا ئۇرۇغ- تۇغقانلىرى ئىچىدە ئۆلۈم يېتىم-بولسا، بىر-بىرىگە تەسەللىي ئېيتىدىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئالاقە تورى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ئىككىنچى سورۇنى بولۇپ، شۇنچە مەۋھۇم بولۇشىغا قارىماي، ھەممەيلەن ئۆزىنى بىر جايدا قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇۋاتقاندەك يېقىن، كۆڭۈللۈك ھېس قىلىشىدىكەن. بىر-بىرىگە يەتكۈزۈشكەن ئۇچۇرلىرىدىن تەبىئىي ھالدا قايسى دۆلەتنىڭ گۈزەل، قايسى يەرنىڭ راھەت، قايسى دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى ياخشى، مائارىپىنىڭ ئىلغار ئىكەنلىكى، قەيەردە ساياھەت قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدىكەن.
facebook جاھاننەماسىدىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىنى كۆردۈم دېسەم مۇبالىغە بولماس. ئەمما بۇ يەنىلا يۈزەكى تەسىرات، ھەر ئادەم ئۆزىگە خاس دۇنيا، يەنە كېلىپ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق يىغىنچاقلاش، يەكۈنلەش، كېسىپ ھۆكۈم چىقىرىشلار يەنىلا ئىشەنچسىز. شۇڭا مەن تەسىراتىمنىلا سۆزلەيمەن:
1. قىلىق-قىياپەتلىرىمىزنىڭ رەڭدارلىقى دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىغا ئوخشاشكەن، ئۇيغۇرلار قۇل ئەمەس، ئاقسۆڭەك مىللەتكەن، گاداي بولسىمۇ مەغرۇر ياشايدىكەن، جاھان بىلەن ھۆسن تالىشالايدىكەن، ھەتتا بۇنى ئاشۇرۇپ قىلالايدىكەن. خەنزۇنىڭ ئاكيۇسىنى ئۇيغۇرغا تېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك غۇرۇرىنى كەمسىتىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىككەن.
2. ۋەتەندىن قانداق ئارزۇ-مەقسەتتە چىققان بولسا چەت ئەلدە ئاساسەن شۇنداق ياشايدىكەن. توردىكى مەۋھۇم دۇنيا مەلۇم جەھەتتىن رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن: ئېتىقاد، پىكىر جەھەتتە ئامېرىكا، ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىتى بىلەن ئەرەپ-ئىسلام ئەللىرىدە ياكى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىتى، توردىن پايدىلىنىش مەقسىتى ئوخشىمايدىكەن(ئەلۋەتتە تۈركىيەدە ئىقلىم ئىنسانلار بار، ئەمما ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوڭچى، سولچى، مىللەتچى، غەربچى تۈركلەرگە باققاندا، ئىنسانغا ئىنسانچە مۇئامىلە قىلىدىغان تەقۋادار تۈركلەر بىلەن ئىجىل-ئىناق، راھەت ياشىيالايدۇ).
3. ئۆزىنىڭ چىرايلىق رەسىمىنى تورغا چىقىرىپ قويغان شۇ قىزلىرىمىز بەلكىم يالىڭاچ رەسىمىنى تورغا چىقارماسلىقنىلا گۇناھ دەپ ھېسابلىسا كېرەك. ئەمما تورغا ئۆز رەسىمىنى چىقىرىشنى گويا كوچىدا كېتىۋاتقان ئەرلەرگە ئۆزىنىڭ رەسىمىنى بەرگەنگە ئوخشاش كۆرىدىغان قىزلىرىمىز باش سۈرىتىنىڭ ئورنىغا چىرايلىق گۈللەرنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئىشنىڭ بېشى ئېتىقاد، facebook دېگەن بۇ ئوقەتمۇ ئەمەلىيەتتە ھەر كىمنىڭ دىدارىنى، ئەپتىنى، ئىدىيىسىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەك بولغاچقا، دىققەت نەزەرىم شۇ ياققا كېتىپ قالدى. ئىككى كۈندە بىر ئۆزىنىڭ مودا رەسىملىرىنى چىقىرىپ قويىدىغان خوتۇن-قىزلارغا قاراپ، بۇلارنىڭ مەقسىتى مەندەك ئىمانى ئاجىزلارنى ئازدۇرۇشمىدۇ؟ دەپ ئويلىغان بولسام، كېيىن بۇ قىلىقنى بىچارىلىك دەپ ئويلايدىغان بولدۇم. كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولۇپ ئەمدى تىللامسەن؟ دەيدۇ ئۇ قىزلار، ياقتۇرۇشۇم شەيتاندىن، ئىچ ئاغرىتىشىم ئىماندىن، نەپرەتلىنىشىم تەقۋالىقتىن. بۇنى مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرسەم بولار. تەقۋالىقنى گۈزەللىك دېسە، ئۇنى بىلمەيدىغان، چۈشەنمەيدىغان ئادەم داڭقېتىپ قالىدۇ. بېشى ئوچۇق، بەدىنى ئوچۇق گۈزەللەرگە مەستانە بولساق، ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن بۇنى تەبىئىيلىك دەپ چۈشەنگەن بىلەن، ئىمان نۇقتىسىدىن ئۆزىمىزنى مەسخىرە قىلغان بولىمىز.
4. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى مۇسۇلمانلىق شەرىپىدىن ئۈستۈن قويىدىغانلار بىلەن تەقۋادارلىقنى مىللەتتىن ئۈستۈن قويىدىغانلار ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئۇيغۇر-ئىسلام بىرلىكى ئاستىدا ئۇيۇشالايدىكەن. كىم بۇلارغا تۈركىيەلىك ئىسلام ئالىمى ھارۇن يەھيانىڭ تۈرك-ئىسلام بىرلىكى ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلدىكىنە؟
5. مالاللىقتىن قورقماي، بىر ئايەت، بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈۋاتقان، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بولۇۋاتقان مالىمانچىلىق، پاجىئەلەرگە ئېچىنىپ، ۋىجدان بىلەن گەپ قىلىدىغان، ئۆز ھالىنى دۇنيا ۋەزىيىتىدە تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان ياشلار يېتىشىپ چىقىۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا بىر ئۆرنەك:
ئەسساللامۇ ئەلەيكۇم قېرىنىداشلار، «Innocence of Muslims» بۇ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غەزىپىنى قايناتقان پەيغەمبىرىمىزگە تۆھمەت بىز ئۈچۈن كۆتۈرەلمىگۈدەك ھاقارەت قىلىنغان، مۇسۇلمانلارنى ئەقلى ئىقتىدارى يوق، ساراڭغا ئوخشىتىپ ئىشلىگەن فىلىم ئىكەن، ئۇنى youtube قا كىرگۈزسەڭلار، ئۇ فىلىمدىن قىسقا ئارىيەلەر بار ئىكەن، كۆرۈپ بېقىڭلار، ئويلىنىپ باقايلى قېرىنداشلار، نېمە ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىزنى بۇنچە تۆھمەتلەرگە قويىمىز، نېمە ئۈچۈن ئۇلار تەرىپىدىن دۆت، ھاماقەت خۇددى تەپەككۇرى يوق ساراڭلاردەك مەسخىرە قىلىنىشقا ئۇچرايمىز؟ سەۋەب، ئاغزىدا كەلىمە شاھادەت بار، پەقەتلا چوشقا گۆشى يېمەيدىغان، ئۇندىن باشقا ئىشلىرىدا ئۆز نەپسى خاھىشى ئۈچۈن ئىسلامغا زىت بولغان ھەركەتلەرنى قىلىپ ياد دىندىكىلەرگە ئىسلام مۇشۇ دەپ تونۇشتۇرۇىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدە بولسا كېرەك، بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا “نېمە ئۈچۈن چۈشەنمەيدىغان دىنىڭىزغا ئېتىقاد قىلىسىز؟ ئىسلامنى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىمايسىز؟” دەپ سورالسا، جاۋاب شۇكى:“ئىسلامنى چۈشىنىشتىن قوقىمەن”. نېمىشقا؟؟؟ ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن يارالغانلىقىڭىزنى، قانداق يارالغانلىقىڭىزنى، قانداق ياشىشىڭىز كېرەكلىكىنى، ھاياتلىق يولىڭىزدا قانداق ئىشلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرقى دەقىقىللىرىدە سىزنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، قانداق ھاياتنىڭ قانداق نەتىجىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىپ، كۆرۈپ شۇنىڭغا ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلىپ مېڭىشتىن قورقامسىز؟ ياكى ئىسلامنىڭ سىزگە چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىلگەن دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ، ھاراق-تاماكا، زىنا، ئويۇن-تاماشا، كېچىلىك دىبالارنى، ساغرىڭىز كۆرىنىدىغان گۈزەل بەدەن قۇرۇلمىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىدىغان تار كۆينەكلەرنى، باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ تاقىشىدىغان زىبۇ-زىنننەتلىرىڭىزنى سىزدىن تارتىۋېلىشىدىن قورقامسز؟؟؟؟ سوغاققانلىق بىلەن ئويلاپ بېقىڭ، زادى نېمىدىن قورقىدىكەنسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ سىزدىن تارتىۋالىدىغىنى ئۇلار ئەمەس، بەلكى سىزدىكى ھەسەت، چۈشكۈنلۈك، غېرىپلىق، ئىچ-پۇشۇقلىرى بىلەن تولۇپ قارىداپ كەتكەن قەلب، ئۇنى تاتقۇزۇپ قويۇشتىن قورقامسىز؟ ئۇنىڭ ئورنىغا سۈپسۈزۈك ئىماننىڭ پاك نۇرلىرى بىلەن تولغان، گۈزەل ئەدەب-ئەخلاقلارنىڭ گۈل-تاجىنى، ھەقىقى بەخىتنى ئالماشتۇرۇپ بەرسە شۇنىڭدىن قورقامسىز؟ قېرىندىشىم مەن مۇسۇلمان دېگەن سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىپ ئېغىزدىن چىقىرىڭ، مەن مۇسۇلمان دەپ جاكارلىدىڭىز دېگەن گەپ سىز ئىسلامنىڭ سىمۋولى، ئىسلام دەل سىزدە ئەكىس ئېتىدۇ دېگەن گەپ، سوراپ باقاي جېنىم قېرىندىشىم، سىز مۇسۇلمانمۇ؟ سىزدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى ھەقىقى ئىسلاممۇ ياكى نىيىتىمنى اللە بىلىدۇ ، اللە كەچۈرىدۇ دەپ ئۆز نەپىسىڭىزگە بويسۇندۇرۇلغان ئىسلاممۇ؟ ئىسلامدا زورلاش يوق، ئۇيغۇر بولغىنىڭىز ئۈچۈنلا ئىسلام سىزگە تېڭىلغان ئەمەس، خالىسىڭىز تاللاڭ، خالىمىسىڭىز سىزدىن ئۆتۈنەي يات دىندىكىلەرگە مۆمىنلەرنى، ئىسلامنى خاتا تەشەببۇس قىلماڭ... دىن دۇشمەنلىرى ھەر ئاماللار بىلەن سۈيىقەست قىلشقا تەييار، لېكىن مۇسۇلمان قېرىندىشىم ئاشۇ سۈيىقەسىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، قارشى تۇرۇشقا، ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ سۈيىقەسىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەشكە، ئۇلار پايدىلانغۇدەك، سىزگە قەسىت قىلغۇدەك يوچۇق قالدۇرماي مۇكەممەللىك قوغلىشىشقا سىز تەييارمۇ؟
facebook ھەققىدىكى تەسىراتلىرىم يەنە خېلى كۆپ ئىدى، پارچە-پۇرات پىكىرلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولالمايۋاتىمەن، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا ئاران ئىككى ئايچە كىرەلىگەن بولغاچقا، باشقا ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى، يېڭىلىقلىرىمىزنى تولۇقراق چۈشىنىشكە پۇرسەت بولمىدى. ئىككى ئايدا 50 نەچچە دوست قوشۇۋالغان، مانا ئەمدى ئالاقە ئۈزۈلدى. مودا قىزلارنىڭ يېڭى-يېڭى رەسىملىرىنى كۆرەلمەي قالغىنىمغا ئەمەس، پىكىرلىرى، تەرمىلىرى، نەقىللىرى، چوڭقۇر مەنىلىك رەسىملىرىگە مېنى زوقمەن قىلىپ قويغان مەۋھۇم دوستلاردىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ئىچىم پۇشتى. ئاللاھ نېسىپ قىلسا، بىر كۈنلەردە ئۇلارنى يەنە تېپىۋالارمەن.
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى