ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەدەبىياتىمىز ۋە ياشلار

ئەدەبىياتىمىز ۋە ياشلار

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 951 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ئۈمىدنى ياشلارغا باغلىغانىدى. زوردۇن سابىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيسىدە ئۇسلۇب ھەققىدە گەپ بولغاندا: ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇسلۇبى بار، دەپ كېلىپ، مېنىڭ ئۇسلۇبۇم تېخى شەكىللىنىپ بولالمىدى دېگەنىدى. بىز ھەيران قالغانىدۇق، بۇ كىشى ساختا كەمتەرلىك قىلىۋاتامدۇ قانداق دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالغانىدۇق. كېيىن ئويلساق، بۇ ئەدىپنىڭ ياشلارغا ئىشەنگىنى ئىكەن. «تارىم»جۇرنىلىدىكى پېشقەدەملەر ئەختەم ئۆمەرنى بەك يۆلەپتكەن. بۇ ھەقىقەتەن قەدىرلىنىشكە لايىق روھ.

مۇھەممەد باغراش 80-يىللارنى ئاخىرى 90-يىللارنىڭ بېشىدا ئىپادىزىم ئۇسلۇبىدا ھېكايە-پوۋېستلارنى يېزىپ، شوپۇر، بوۋاي، قۇملۇق..ئەپسانە...ھەققىدە بىر تالاي توقۇلما ۋە سېھرىي ۋەقەلەرنى توقۇپ، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرىنى خەلققە تەقدىم ئەتتى، ئۇنىڭ "كەلكۈن"دېگەن پوۋېستى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانىدى. بۇنى "شىنجاڭ ياشلىرى،جۇرنىلى باسقان، كېيىن قۇربان مامۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ جۇرنىلىدا پوۋېست دېگەن نەرسىنى زادىلا بەرمەيدىغان بولۇۋالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ھەجمى كۆپ، بىر تالاي نەرسىلەرنى بېسىپ ژۇرنال بەتلىرىنى ئىسراپ قىلغۇچە، بىر-ئىككى ئېغىز ئەقلىيە سۆزلەرنى بەرسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە چوڭ بولغىدەك، ھەتتا مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ ئەۋلاد قەلبىدە ساقلىنىپ قالغىدەك. ھازىر قارىسىڭىز، "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى مۇتەپپەككۇرلار سەھنىسى بولۇپ قالدى، راست ئىشلار، راست گەپلەر تاغاردىن تېشىپ چىققان بىگىزدەك بىر كۆرۈنۈپ، بىر يوقاپ تۇرىدۇ، ئەقلىيە سۆزلەر مارجاندەك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ئېسىڭىزدە تۇرغۇدەك بىرسى يوق، پىكىرلەر تولىمۇ كونا، تېيىز. قۇربان مامۇت ئەدىب ئەمەس، ئەدەبىياتنى پەقەت مىللەتكە باغلاپ چۈشىنىدىغان ئىنسان، ئۇ ھەقىقەتەن ئىسلاھاتچى جۇرنالىست، ئۆز خەلقىنىڭ قانداق مەنىۋى ئوزۇققا ئەڭ تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئەختەم ئۆمەرنىڭ "قۇرتلاپ كەتكەن كۆل" دېگەن پوۋېستىنى قورسىقىم ئاچ ئولتۇرۇپ ئوقۇغانىدىم. تەكلىماكان، سېسىق كۆل، ھايۋاندەك ياشاۋاتقان دېھقان، ئېشەكتەك ياۋايى جىنسىيەت، قورساق بالاسى،ساراڭلىق، پاجىئە... مانا بۇ بىر پۈتۈن كارتىنا خېلىلا مۇكەممەل بىر سەنەت بويۇمى ئىدى، ئەدەبىياتىمىز تارىخى موزېيى قۇرۇلسا ئۇنى شۇ يەرگە ئېلىپ قويساق ئەرزىيىتتى. كېيىن بۇ ئەسەر تېلىۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلىنىپ پۈتۈنلەي بۇزىۋېتىلدى. ئەدەبىياتىمىز خېلى گۈللىنىپ، نادىر ئەسەرلەر چىقىشقا باشلىغاندا بىزدىكى كىنوچىلىق ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈزلەندى.

خالىدە ئىسرائىل كېيىن ئۈنگەن بىر تۈپ قىزىل گۈل. "قۇملۇقنىڭ چۈشى" نى ئوقۇپ، ھەۋزىخاننىڭ پاجىئەسىگە تولىمۇ ئېچىنغانىدىم. لېكىن پاجىئە ئىچىدىمۇ پاجىئە بار. بۈگۈنكى پاجىئەلەرنى كىم تېگىدىن قېزىپ يازالايدۇ؟ ئابدۇرەئوپ ئەپەندى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ساۋاقدىشى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خالىدە يالغۇزلۇقنى خالايدىكەنمىش، خەنزۇچە رومانلارنى، تەيۋەننىڭ رومانلىرىنى ئوقۇيدىكەنمىش.ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇنىڭ ئىچىدە تۆرەلمە بولۇپ، پىشىپ ۋايىغا يېتىپ، ئاندىن بىراقلا چىققان گەپ.

پەرھات تۇرسۇن مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنى خېلى سىستېمىلىق ئۆگەنگەنلەرنىڭ بىرسى، ئىنجىلنى تولۇق ئوقۇپ چىققان. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ئەدەبىياتىلا ھەقىقىي ئەدەبىيات. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەقىقىي مەنىدىكى ئەدەبىيات ئەمەس. ئۇنىڭ "ھالاكەت"دېگەن ھېكايىسى مۇۋاپپقىيەتلىك چىققان، بېشىدىلا : مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم... دەپ باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ ئۆزگىچە: يالىڭاچ، يالىڭاچ، يالىڭاچ... دېگەندەك بىر شېئىرلىرى بولىدىغان، ئوغۇزخان ئاسماندىن كۆك نۇر بولۇپ چۈشكەندە يالڭاچ ئىدى... دېگەندەك گەپلەر بار. ئۇ تالانت ئىگىسى ئىدى، لېكىن ئىستىقبالى ياخشى بولمىدى، ئۆزىنى ئۆزى تۈگەشتۈرۈۋەتتىمۇ ياكى بىر كىملەر پۇتلىۋەتتىمۇ... ئۇققىلى بولمىدى، لەنەت-نەپرەتكە قالدى. ئۇنىڭ پەقەت تالانتىغا قايىل بولغۇچىلار بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانماي قالمايدۇ.

ئەخمەتجان ئوسمان بىلىملىك، ناتىق شائىر ئىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا لېكسىيە سۆزلىگەندە: مەن ئويلانمايمەن، ئويلىنىلىمەن. مەن شېئىرنى ئەمەس، شېئىر مېنى يازىدۇ... دېگەندەك ئاجايىپ گەپلەرنى قىلغانىدى. بۇ گەپ كېيىن ئاللىكىملەر تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلدى، ھەتتا بۇغدا ئابدۇللامۇ بەزى ماقالىلىرىدا شۇنداق گەپلەرنى قىلدى. بەلكىم بۇ ئىككى شائىرنىڭ ياش-قېرىلىق پەرقىگە قارىماستىن، روھىدىكى بەزىبىر ئوخشاشلىقنىڭ نامايەندىسى بولسا كېرەك. بېيجىڭدا بەزىلەر ماڭا: سىلەر چوڭ بىلىدىغان ھېلىقى شائىر ئەخمەتجان ئوسمان رابىيە قادىرنىڭ قولىدا ئىشلەپ، ئۇنى بىرمۇنچە قويۇۋېتىپ سۈرىيىگە قېچىپ كېتىپتىغۇ؟! دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى، ئىشەنمىدىم، ئۆزەم قايىل شائىرنىڭ ئۇنداق ناچار ئىنسان ئىكەنلىكىگە قانداقمۇ ئىشىنەي! ئۇ دېگەن گۇڭگا شېئىرچىلىق ئېقىمىنىڭ پېشىۋاسى تۇرسا! ئۇنىڭ "قېنى ...مېنىڭ... ئەكىس ..سادايىم"دېگەن پارچە-پارچە مىسرالىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدە "خائىن تاغ"ئىكەنلىكىگە كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كەلسۇن!

ئارقىدىنلا ئابدۇقادىر جالالىدىن قەشقەردىن تەرەققىي قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى،ئۈرۈمچىدە "ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ"، شېئىرلارنى يۇمىلاق شېئىر، ياپىلاق شېئىر دەپ ئىككىگە بۆلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، گۇڭگا شېئىرلار يۈزى يېپىلغان كېلىنچەكتەك مەۋھۇم، سېھىرلىك، سىرلىق بولۇپ، ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇسا ئاندىن ئىستېتىك زوق ئالغىلى بولىدۇ، بۇنداق شېئىرلار يۇمىلاق شېئىر بولىدۇ، يەنى قانچە دومىلاتسا دومىلاتقىلى بولىدۇ، سترولۇق دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ھازىر ئەڭ ئاددىي چۈشەنچە بولۇپ قالدى، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنداق يۇمىلاق شېئىرلارنى خالىغانچە دومىلاتسا بولىدۇ دەپ ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن سانسىز ياش شائىرلار ئەدەبىيات كوچىسىغا قىستىلىپ كىرىپ، مەتبۇئاتنى بۇلغاپ، شال پاخىلى سېلىنغان كالىنىڭ ئېغىلىدەك قىلىۋەتتى. بۇ ئەھۋال 90-يىلدىن 2000-يىلغىچە ساق 10 يىل داۋاملاشتى. بۇ يېڭى ئېقىم ھەققىدىكى تالاش-تارتىش كونىراپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن تارتىپ، مۇھەررىرلەرگىچە بۇنىڭدىن زېرىكتى، لېكىن 10 يىل مابەينىدە دان بىلەن ساماننى پەرق ئېتەلەيدىغان، نەزىرىيۋى ئاساسى پۇختا شائىر تەنقىدچىلەر مەيدانغا كەلمىدى. ئوسمانجان ساۋۇتتەك شائىرلار تەنقىدچى بولۇشتىن قېچىپ، تەنقىد دېگەن مانا دەپ شېئىرلىرىنى يازىۋەردى. ئادىل تۇنىياز گەرچە"شېئىر كۈلۈمسىرىمەكتە" دېگەن بەزى ماقالىلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىدىنلا چىقىپ، باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىغا تەنقىدىي پىكىر بەرمىدى، پىكىر بەرسىمۇ گۇڭگا، يۇمشاق تىلدا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى. تالانتلىق شائىرلىرىمىزدا "خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنمەسلىك" ،" جېدەلگە ئارىلىشىپ قالماسلىق" ئېڭى كۈچلۈك بولغاچقا، تەبىئىتىدىن گۈزەللىكنى ئەلا بىلگەچكە، يەنە كېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تا ھازىرغىچە تېخى ساغلام بىر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۇھىتى ھازىرلانمىغاچقا شېئىرىي تەنقىدچىلىك راۋاج تاپالمىدى، شۇنداق قىلىپ، قەستەن گۇڭگا بولۇۋالغان پۇرسەتپەرەس يالغان شائىرلار ۋە گۇڭگا شېئىر دېگەننىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى بىلمەيدىغان ساپاسىز مۇھەررىرلەر مەتبۇئاتنى ئاشۇنداق سۈپەتسىز شېئىرلار بىلەن توشقۇزۇۋەتتى.ھازىرمۇ بۇنىڭ ساقىندىلىرى بار. ئاشۇنداق يالغان يۇمىلاق شېئىرلارنى مازاق قىلىدىغان مۇنداق بىر شېئىرمۇ (گېزىتنىڭ ئىسمىنى ئاتىمايمەن) چىققانىدى:
چېتىپ قويدۇم بوينۇمنى،

دوپپىسىغا كەشىمنىڭ.

چانالدىم،

بوردا-بوردا بولۇپ چانالدىم!

خەيرىيەت، شائىرنى يەنىلا شائىرلار تاللاپ چىقتى. ئوسمانجان ساۋۇت، بۇغدا ئابدۇللا، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇنىياز، ئۆمەر مۇھەممەتىمىن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، قەيسەر تۇرسۇن. .نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى، غوجىمۇھەممەد ...دېگەن ئىنسانلار تاش ئارىسىدىكى مەرۋايىتتەك سۈزۈلۈپ چىقتى، ئەمما يەنە لاي ئېقىندىكى شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرى شۇنچە كۆپ، قارىسا پىكىرلىرى ئاساسەن ئوخشاش، شېئىردا قوللانغان ئىماگ ئاساسەن چۈش، ۋىسال، ئايرىلىش، تاماكا، تۈتۈن، گۈگۈم، شەبنەم، گۈل... ۋاھاكازا... بىرەرسى قوپۇپ ئىشەكنىڭ كۈلرەڭ كۆزى، تامنىڭ ئۇلىدىن چۈشكەن ئۆلۈك توپا... دېگەندەك غەلىتە، يېڭى ئىماگلارغا ئەقىل يۈگۈرتمەيدۇ. تەسەۋۋۇرلىرى بۇرۇنقى شائىرلارنىڭكىدىن پەرقسىز، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن. ئۆتكەندە مەن مەيىن شامال مۇنازىرىسىگە "رەزىللىك گۈلى" (ئەمەلىيەتتە بۇ ماۋزۇنى سمۋولىزىم ئېقىمىنىڭ پېشىۋاسى بودلېر 140يىل ئاۋۋال قوللىنىپ بولغان) دەپ بىر شېئىر يېزىپ قويسام، بەزى قىزلار ئەجەپلىنىپ ئىنكاس يېزىشىپتۇ، قىزلارنى ياخشى تەرەپتىنمۇ يازسىڭىز دەپتۇ. قىزلارنى گۈل دەپ تالاي-تالاي شېئىرلار يېزىلىپ كەتكەن تۇرسا، مەن نېمىشقا كونا سەنەمگە دەسسەيدىكەنمەن؟

يۇمىلاق شائىرلار<<قوشاقچى>>دەپ مەنسىتمەيدىغان مەھەممەتجان راشىدىن، روزى سايىت قاتارلىق شائىرلار ئۆز ى بىلگەن يولدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، بىر بايراق تىكلىدى. بۇلارنى سۆز ئۇستىلىرى، خەلق شائىرى دېيىش كېرەك، تېيىپچان ئېلىيوپمۇ شۇنداق شائىر ئىدى. بۇلار بىر دەۋرنىڭ ئادەملىرى، بىر دەۋرنىڭ شائىرلىرى. لېكىن ياشلار... يەنە شۇ ياشلار، بولۇپمۇ يۇمىلاق شائىرلار ئۇلارنى قوشاقچى دېيىشتە چىڭ تۇرىدۇ. قوشاقچى بولسا نېمە بوپتۇ؟ بۇمۇ بىر شەرەپ. خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئىستېتىك بالاغىتىگە، فولكلور چوڭقۇرلىقىغا يەتمەكمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس، شۇنچە ناخشىلارغا تېكىست بولالىغۇدەك شېئىرلارنى يازماقمۇ ئوڭاي ئەمەس.

ئادىل تۇنىياز ئىمان-ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق شائىر، ھاراق ئىچمەيدىغان، ئەمما پىكىر مەستخۇشلۇقىدا مەستتەك يۈرۈيدىغان شائىر، ئۇنىڭ پىكىر كەڭلىكىگە، تىل ئىشلىتىشتىكى كەسكىن ۋە ئەپچىللىكىگە ساپ شېئىرىيەتتىن ساۋادى بارلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى قايىل. "قەشقەردىكى يەر شارى"! قاراڭ، بۇ تەپەككۇرنىڭ غەلىتىلىكىگە، لېكىن قايىل بولماي تۇرالمايسىز. "سۈزۈك سەپەر" داستانىنى ئوقۇسىڭىز ھەر خىل تۇيغۇرلارنىڭ گىرەلەشمە ھاسىلاتىدا ئېرىپ كېتىسىز، ئاڭ ئېقىنى سىزنى بىللە سۆرەپ ئېلىپ كېتىدۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىڭىزدا سۇغا چۆمۈلگەن ۋاقىتتا ئۆستەڭنىڭ بۇ بېشىدىن شۇڭغۇپ ئۇ ئايىغىدىن چۆمۈلۈپ چىققاندەك بىر تەسىراتقا كېلىسىز. "ئەركەكلەر، نەدە سىلەر؟" دەپ نىدا قىلىدۇ شائىر، بىر يەرگە كېلىپ سېمىز ئات، قاينىغان جەڭ، چاچرىغان قانلارنى ئىپپەت، جىنسىيەت بىلەن باغلايدۇ، ئانانىزىمنى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تەققاسلايدۇ. پىكىر قىلالايدىغان، تەسەۋۋۇرى مول ئادەملەر بۇ داستاننى ئوقۇسا كاللىسىدىكى يېشىلمىگەن تۈگۈچلىرى يېشىلىپ كېتىدۇ، راھەتلىنىپ قالىدۇ، مانا بۇ شېئىرىي ھوزۇر، شېئىردىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە بەلگىلىك ساپا، دىلكەشلىك كېرەك.

ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى چاقماقتەك شىددەتلىك، ئۆتكۈر قەلەم تەۋرىتىپ، بىر مۇنچە شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، ماقالىلەرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تالانتى، ئىزدىنىشلىرىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ پىكىرى كەڭ دائىرىلىك، ماقالىلىرىدىمۇ ئۇلانما مۇلاھىزە، تەپەككۇر جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ھېچكىم تېگەلمىگەن نەرسىلەرگە تېگىشكە جۈرئەت قىلىدىغان نەزەر ۋە پىكىر ئۆتكۈرلۈكى بىلەن نۇرغۇن ئادەملەرنى قايىل قىلدى. ئۇ ئەسلىدە ئامېرىكىدا ماقالە يازسا بولىدىغان شائىر.

ئۆمەر مۇھەممەتىمىن پىكىرلەرنى سەي توغرىغاندەك قوپال، قىيپاش كېسىپ-كېسىپ شېئىر يازىدىغان شائىر. قەبرىدىكى پالۋان ئۇنىڭغا كونا بولۇپ قالدى. شېئىر بىلەن تەڭ يەنە پوبلىستىك ماقالىلەرنىمۇ يېزىپ قويىدىكەن، بەزى پىكىرلىرى پايپاققا ناھال قاققاندەك غەلىتە، ئەپەندىم، ئەڭ ياخشىسى سىز شېئىر يازسىڭىز بولغىدەك دېگۈزىۋېتىدۇ كىشىنى. ئۇ يېقىندا يەنە شېئىرىنى تېپىۋالغاندەك قىلىدۇ ؛ سۈتتەك قىزلار، قېتىقتەك چوكانلار، كۆنەلگىدەك مومايلار... قاراڭ، بۇ تەققاسلاشنىڭ ئۇستىلىقىغا. دۇنيا سمۋولنىڭ ئورمىنى دەيدۇ فرانسىيە شائىر بودلېر. شائىر بۇ ئورماندا كېزىدۇ، كاللىدىكى ئوي پىكىر، ھېسسىياتنىڭ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدە بىر ، بىر نەچچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ سمۋۇلى تېپىلىدۇ. شائىرنىڭ زېرەكلىكى ئەنە شۇ سمۋۇللارنى ئۆز پىكىر-ھېسسىياتىغا ماسلاشتۇرالىشىدا، باغلاشتۇرالىشىدا كۆرۈلىدۇ. " قۇياش ئۇپۇقتىن تېپىپ چىقىلغان پۇتبول" دەيدۇ بىر شائىر ھاياجىنىنى باسالماي، ئېيىنىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ ئەسلىدە باغلانما تەسەۋۋۇرغا ماھىر بىر روسىيىلىك شائىر خېلى بۇرۇنلا بىر شېئىرىدا ئىپادىلەپ بوپتىكەن، شۇڭا شائىرنىڭ ئۇلانما تەسەۋۋۇر ۋە ھېسسىياتىنى بوش چاغلىماسلىق كېرەك. كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇردىن كېلىدۇ، ۋاھالەنكى، شېئىرمۇ تەسەۋۋۇردىن ئايرىلالمايدۇ. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، بىزنىڭ شائىرلىرىمىزدا ئالاھىدە تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى بارلار، ئۆزىنىڭ ئابىستىراكىت پىكىر-ھېسسىياتىنى كونكرېت شەيى، ھادىسە (سمۋۇل) ئارقىلىق كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز.

ئوسمانجان ساۋۇت بىلەن ئادىل تۇنىياز بۇنىڭ ئارزۇ-غېمىدە پۇچۇلانماقتا. چىمەنگۈل ئاۋۇت ئۆزىنىڭ قىزلىق نازاكىتى، ئاياللىق لاتاپىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان قاراڭغۇ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئايانماي ئىپادىلەشتە ھەممە ئايال شائىرىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئامېرىكىدا 80-يىللاردا "ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلار" دېگەن شۇنداق بىر شېئىرىي ئېقىم بارلىققا كەلگەن، بۇنداق شېئىرلار شائىرنىڭ ئەڭ مەخپىي، رەزىل تۇيغۇلىرىنىمۇ يوشۇرماي ئىپادىلەيدىغان ھېسسىيات بىلەن تۇيۇنۇپ تاشقان، بۇ بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن، بۇ شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال بولۇپ، ئۇلارنىڭ غايىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، بۇنى ئۇلار سەنەتنىڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ تونۇغان (كېيىن بىر نەچچىسى ھەقىقەتەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان)، پەرھات تۇرسۇن مانا مۇشۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، "ئۆلىۋېلىش سەنىتى"ناملىق روماننى يازغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى پەرھات "تارىم" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبەتتە ئاشۇ ئايال شائىرلارنىڭ :" ئۆلىۋېلىش ھەقىقىي سەنئەت" دېگەن گېپىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇيغۇردا مەۋجۇت (لېكىن ئومۇميۈزلۈك ئەمەس) جىنسىيەت پىسخىكىسىنى ياۋروپا ياكى ئامېرىكىچە قېزىپ چىققان بۇ رومان بىر مەھەل مەشھۇر بولۇپ، بىر مۇنچە جەڭگى-جېدەللەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى، ھېچكىم ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى. ئاخىر بۇمۇ بىرئۆتكۈنچى نەرسە بولۇپ قالدى.

ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بەزى چىرايلىق خېنىم قىز ئاپتورلار ئۆزىنىڭ مەخپىي جىنسىي ھېسسىياتى ۋە ئىشلىرىنى پىرسۇناجلار ۋاسىتىسى بىلەن ئاشكارە ئىپادىلەپ رومان يېزىپ داڭ قازاندى، كۆپ پۇللۇق بولدى. بالىلىرىنى ئوقۇتتى. ئۇ پىرسۇناژ مەن ئەمەس دەپ چەتكە چىقىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنى خۇددى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەندەك يېزىۋەتكەچكە، كۇڭزىچىلىق ئەخلاقىدىكى (ئەمەلىيەتتە بۇ ئەخلاققا رىئايە قىلىپ كېتىشلىرىمۇ چاغلىق) قاتمال خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرى يەنىلا ئۇلارغا "ئەخلاقسىز ئايال يازغۇچى"دېگەن قالپاقنى ئارتىشتى. مەن "شاڭخەي ئەركىسى" دېگەن بىر روماننى ئوقۇغانىدىم، بۇنىڭدا قىز ( ئاپتورنىڭ رولىدىكى باش پىرسۇناژ ) يارىماس خەنزۇ مۇھەببىتىدىن يوشۇرۇنچە، گېرمانىيىلىك بىرسى بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىدۇ، ئاخىرىدا خەنزۇ مۇھەببىتى ئۇنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ قېلىپ ئازابلىنىپ ئۆلۈپ قالىدۇ. گېرمانىيلىك ئاشنىسى ئۇنى گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىدۇ.. .

چىمەنگۈل ئاۋۇت ئامېرىكىلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچى ئەسەبىي ئايال شائىرلارغا، ئۆزىنىڭ رەسۋالىقىنى تەپسىلىي يېزىپ نام ۋە پۇل قازانغان خەنزۇ ئايال يازغۇچىلارغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئەقىدىلىك، ئەخلاقلىق ئۇيغۇر قىزى، شېئىرنى مۇرەككەپ مۇھەببەت، چىن ھېسسىياتتا يازىدىغان، ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدىغان شائىرە.


ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىجادىيەتلىرىنى ئاساسەن ئاۋۋال شېئىردىن باشلىغان، كېيىن ئۆز ئەھۋالىغا، ئىشەنچ- ئۇرۇنۇشلىرىغا بېقىپ ئاندىن باشقا ژانىرلاغا كۆچكەن. ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ،ئۆمرىنى چاغ ئۆتكۈزۈۋاتقان ياشلارنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت باسقۇچلىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ، پەقەت تەرەققىياتىلا پەرقلىق. ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك بىر-بىرىنى بىلىشىدۇ، ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ ئەسەرلىرىدىن: ماۋۇ مانداقراق يازىدىكەن دەپ باھا بېرىدۇ. نۇرغۇن پېشقەدەملەر بار، يازمىلىرى ماڭا بارغانچە ياش، شوخ تۇيۇلىدۇ، مەسىلەن، مەمتىمىن ھوشۇر، نۇرمەھەممەت توختى، توختى سابىر، ۋە يەنە توختى باقى (مەن بۇ كىشىنى داڭلىق تەرجىمان ئەدىب دەپ تونۇيمەن) ھازىر ئاجايىپ جۇشقۇن بىر دەۋرگە كىردى، ئۇلار بەزى يازغۇچىنىڭ قېرىغانچە شاشلىشىپ، جەسۇرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، بۇ ئالقىشلاشقا تېگىشلىك روھ. قايسىبىر مۇتەپەككۇر ئېيتقاندەك:ياش ۋاقتىمىزدا قېرىلاردەك سالماق، سالاپەتلىك بولايلى، قېرىغاندا ياشلاردەك شوخ، جەسۇر بولايلى.

ياشىسۇن ياشلىق!

2004-يىل

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى