ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھېچكىم مۇنداق دەيدۇ

ھېچكىم مۇنداق دەيدۇ

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1508 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئاق چەككۈچى

ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا ساقچىلار بېيجىڭنىڭ داشىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى قورشاپ، ئاق ساتقۇچىلارنى تۇتۇۋاتقاندا ئەرتۈرك دېگەن مۇنۇ ئادەممۇ خوتۇن بالىلىرى بىلەن شۇ ئاشخانىغا سولىنىپ قالدى. ئەرتۈرك ”لەغمەن بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى، ”كاۋاپ بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى ئەتراپىغا ئەلەڭ-سەلەڭ قاراپ چاي قۇيۇۋاتقان، بىگۇناھ قارىلىنىپ تۈرمىدە نەچچە ئاي يېتىپ كەتكەن بىچارە كۈتكۈچى. شۇنچە چوڭ ئاشخانىدا ئاقچىلار نان، تاۋۇز يەپ ئىپتار قىلغاچ بىر-بىرى بىلەن ئەنسىز پاراڭلىشاتتى، نەگىلا قارىسا شۈبھىلىك قارايتتى. ئەرتۈرك بىر قوغۇننى 50 سومغا ئېلىپ ئىپتارلىق قىلدى، ئاڭغىچە قورداق بىلەن موما چىقتى، بۇ ئاشخانىدا بارىمۇ شۇ ئىدى. ئۇلار قورساقنىڭ ئاچلىقىدا كاۋاپ بىلەن لەغمەننى ئۇنتۇپ تاماققا كىرىشىپ كەتتى. ناماز شام بولدى، ئەرتۈرك ياندىكى ئايرىمخانىغا شام ئوقۇغىلى كىردى، بىر نەچچە ئەر ئالدىدا، بىر نەچچە ئايال كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتاتتى، ناماز ئوقۇۋاتقان چوكاننىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى،   بېسىۋەتتى، يەنە سايرىدى، نامازنى قانداق ئوقۇدى، ئەيتاۋۇر غۇدۇراپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى. ھەممىسىنىڭ دىققىتى چېچىلدى، سىرتتا بىر ئىش، بىر پاتپاراقچىلىق بولۇۋاتاتتى. ئەرتۈرك نامازدىن چىقىپ، خوتۇن بالىلىرى بىلەن سىرتقا ماڭغاندا ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭ-بۇلۇڭىدىن ئون نەچچە ئۇيغۇر تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك ئارىسىدىن ئەرۋاھتەك چىقىپ كەلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ بار ياكى يوقلۇقۇمنى ئەرتۈرك بىلمەيدۇ، پەقەت مېنىڭ ئاق چېكىپ، داشىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، مېنى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى دەپ پەرەز قىلدى. ئەرتۈرك تالاغا چىقىپ، ئاشخانا ئالدىكى دەرۋازىنىڭ تاقالغانلىقىنى، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ ئاق ساتقۇچىلارنى ئاختۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. بىزلەردىن نەپرەتلەندى، ئۆزىنىڭمۇ قارىغا كېتىشىدىن ئەنسىرىدى. كىملىكىمىزنى كۆرسەتمىسەك بۇ يەردىن چىقالمايمىز دەپ ئويلاپ يانچۇقىنى سىلاپ قويدى، نېرىدا ئويناۋاتقان بالىسىنىڭ يانچۇقىغا بىرەرسىنىڭ ئاق تاماكا تىقىپ قويۇشىدىن ئەنسرەپ ئۇنى دەرھال يېنىغا چاقىرىۋالدى. ئۇ بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان كادىر، بىزدەك قارا تۈركلەرنى چوقۇم ئاقچى، ئوغرى، كاۋاپچى دەپ ئويلايدۇ، بولمىسا مەن ئۇنىڭ بىلەن يۇرتداش، ئۇنى زادى تونۇمايمەن. شۇنداق، ئۇ سولىنىپ قالدى، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ بالىسىنىڭ يانچۇقىغا بىر نەرسە تىقىپ قويمىدى،  ناماز ئوقۇيدىغان ئاقچىلاردا ئاز-تولا ۋىجدان بارلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىپ قالسا بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىدى. بۇ يەرنىڭ ساقچىلىرى ئۇنداق قارا-قۇيۇق ئادەم تۇتمايدۇ، مەن ئاق چېكىمەن، ساتمايمەن، بولمىسا مېنىمۇ، ئەتراپىمدىكى چېكەرمەنلەرنىمۇ تۇتۇپ كەتسە بولاتتى، ئۇنداق قىلمىدى، پۇقراچە كىيىنىپ، خېرىدار سىياقىغا كىرىپ، ئۆزى قولغا چۈشۈرگەن تېلېفون نومۇرغا ئاساسەن ئاق ساتقۇچى چوكانغا تېلېفون ئۇرۇپ، جايىنى تېپىۋېلىپ،  ئۇنى ناماز ئوقۇۋاتقان يېرىدىن چىققاندىلا تۇتۇپ دۆشكەللەپ ئېلىپ ماڭدى، يەنە ئۇنىڭ شايكىسى بولغان  بىر نەچچە قىز بالىنى تۇتىۋېلىپ، قولىنى كەينىگە قايرىپ ھەيدەپ ماڭدى. دەرۋازا ئېچىلغاندا ئەرتۈركنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشتى، خوتۇن بالىلىرىنى ماشىنىسىغا سېلىپ، بۇ ئاشخانىغا ئىككىنچى دەسسىمەسلىككە قەسەم قىلىپ كېتىپ قالدى.


گېزى كەلگەندە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، شۇ ساقچىلار  مەن ئاق چېكىپ ئۆلگەندە، كىملىكىمگە ئاساسەن يۇرتۇمغا خەۋەر يەتكۈزگەچكە، ئىز-دېرەكسىز تاشلىنىپ ياكى كۆيدۈرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالدىم. يۇرتۇمدىن بىر كادىر، بىر ئىمام كېلىپ، يۈزۈمنى ئېچىپ قاراپ تونىدى. بىچارە ئانام مەيدەمدە بىر تاتۇق بارلىقىنى، كىچىكىمدە ئات چىشلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن، بۇ بەلگە ئۇلارغا ئەسقاتتى. «مۇشۇ يېتىم شۇ» دېدى. ساقچىلار يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇپ، مېنىڭ دەپنە ئىشلىرىمغا خىراجەت ئاجراتتى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇ كادىر بىلەن ئىمامنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ كېلىش چىقىملىرىنى كۆتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىككى ئادەم ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن مېنى خۇيزۇ قەبرىستانىلىقىغا دەپنە قىلدى، يۇرتۇمدا قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا ئىدىم، جاھان كۆرەي كۇلىغا چىقىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتىم؛ جاھانغا پاتمىغان يۈرىكىم، جاھان غەۋغالىرىدىن ئايلىنىپ كەتكەن بېشىم ئاخىر مەشەدە ئارام تاپتى. مەن ھېچكىم، ھېچنېمە، ئاق چېكىپ 24 يېشىدا ئۆلگەن ئەرزىمەس بەندە، ئەرتۈرك كۆرۈپ باقمىغان، ئىسمىمنىمۇ بىلمەيدۇ؛ «كىملىك ئىسپاتى» دەپ خەۋەر يېزىپ توردا ئېلان قىلدى، كۆرگەنلەر ”بېيجىڭدا ئۆلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر“ دەپ ئېچىنىپ قويۇشتى، شۇنچىلىك. ئەسلىدە ئەرتۈرك مېنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق شىنپىڭجىڭنىڭ (ئۇ دەۋاتقان كىملىكنىڭ) مۇھىملىقىنى دەپ قويماقچى، كىملىك مۇھىم نەرسە، مەيلى كادىر، مەيلى ئوقەتچى، مەيلى ئاقچى، يانچۇقچى بولۇڭلار، يېنىڭلارغا كىملىكىڭلانى سېلىپ يۈرۈڭلار، ئۇنى ئۆزەڭلار بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى ھازىر خەقلەر شۇنداق كىنىشكىلار ئارقىلىق ئۆزىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئىسپات دېگەن شۇ. تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىدىن تارتىپ ئۆلگەنلىك ئىسپاتىغىچە ھەممىسىگە ئىسپات، كېنىشكا، قەغەز كېرەك، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى كىملىك. بېيجىڭدا كىملىكتىكى مىللەت نامىنى چىقىرىۋېتىش پارىڭى بولغاندا، ئەرتۈرك دېگەن بۇ كادىر بۇ تەكلىپنىڭ بولمىغۇر تەرىپىنى ھېس قىلدى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ كىملىكىمدە  شۇ «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا، جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا ئاپىرىۋېتىلمىگەنلىكىمنى بىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەن پۈتۈن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلالمايمەن، لېكىن ھەر قانچە چۈپرەندە، ئەخلەت، داشقال بولۇپ كەتسەممۇ، بەرىبىر ئۇيغۇرمەن، ھېچ بولمىغاندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاق چېكىپ ئۆلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالايمەن.


2. قاتىل

تۈرمىدە ياتقىلى بىر يېرىم يىلدىن ئاشتى، جېڭجۇدا ئېچىلغان بىرىنچى سوتتا مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ، ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم، چىرايىم تاتىرىپ، تېقىمىم يۇمشاپ كەتتى، دېمەك مېنى ئاتىدۇ، ئالدىمدىن ئاتسىمۇ، كەينىمدىن ئاتسىمۇ ئاتىدۇ. يۈكۈندۈرۈپ قويۇپ، كۆزۈمنى تېڭىپ ئاتسىمۇ ئاتىدۇ. ئوق يۈرىكىمگە تېگەمدۇ، مەيدەمگىمۇ، بەرىبىر، ئىشقىلىپ ئاتىدۇ. دادام، ئاپاملارنى ئەسلەپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم، مېنى ئازدۇرغان شەيتان ئەگەر بىر ئادەم بولغان بولسىدى، شۇ خەنزۇغا تىققان پىچاقنى ئۇنىڭ يۈرىكىگە مىڭ قېتىم تىقساممۇ دەردىم چىقمايتتى. ئۆتكەن ئىشنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسىدى، بوينۇمنى كۈنلۈكنىڭ دەستى بىلەن ئىلىۋېلىپ مېنى ساقچىغا ئاپىرىپ بېرىمەن دەۋاتقان خەنزۇنىڭ كەينىدىن قوغلىماي، بىرەر تار كوچىغا قېچىپ كىرىپ كەتكەن بولاتتىم. ئۇ ئەسلىدە مەن نىشانلىغان تەتەينىڭ ئېرى ئىكەن، بۇنى بىلگەن بولسام ئارتۇق جېدەللەشمەيتتىم، ئەمما ئۇ چاغدا ئۇنى ئۆزىنىڭ يولىغا ماڭماي ئىشىمنى بۇزدى دەپ ئويلاپ بەك غەزەبلىنىپ كېتىپتىمەن، ئاڭغىچە شېرىكلىرىممۇ پەيدا بولدى، ماڭا جان كىردى، شۇنىڭ بىلەن پىچىقىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا شىلتىدىم، ئۇ قاچتى، قوغلىدىم، ئۇ بىر دۇكانغا كىرىۋالدى، ئېتىلىپ بارغىنىمچە مەيدىسىگە پىچاق تىقىۋېتىپ قېچىپ كەتتىم، يارىلاندى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئۆلۈپتۇ. بۇنى تۆت كۈندىن كېيىن تۇتۇلۇپ قالغىنىمدا بىلدىم. مەن بىلەن قوشۇپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان بالىنىمۇ تۇتۇپتۇ، يەنە بىرسى تېخى ئۇ يەرگە يېقىنمۇ بارمىغانىكەن، قېچىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تۈرمىگە سولىنىپ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۈم، كۈندە يۈز مىڭ پۇشايمان قىلدىم، يىغلاپ، تاملارغا ئۈسۈپ بېشىمنى زىدە قىلىۋەتتىم.  دادام تېپىپ ئەۋەتكەن ئادۋوكاتمۇ كەلدى، مەن قىلمىدىم دېگەنگە ئۇنامدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى پوستەكچى ھەممىنى بىلىدۇ. باشتا بۇ جىنايەتنى زادى ئېتىراپ قىلغىم كەلمىدى، چۈنكى قاراپ تۇرۇپ قاتىللىق قىلغىنىمغا ئۆزەمنى ھېچ ئىشەندۈرەلمىدىم. غەزەپ ۋە نوچىلىقنىڭ دەھشەتلىك ئاقىۋىتىنى ھېچكىم مەنچىلىك ھېس قىلمىغاندۇ دەيمەن، قاقشىدىم، زارلىدىم، مەن قىلمىدىم دېدىم، ھەممىسى ئاقمىدى. جىنايىتىنى تونۇمىدى، ئىپادىسى ياخشى ئەمەس دەپ قارالدىم، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق ھەمدە بۇنى باشتا زادى ئېتىراپ قىلماسلىقىم تۈپەيلىدىن، بىرىنچى سوتتىلا ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلدۇم. دادامنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئادۋوكات يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇندى، ئالىي سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە دەپتۇ. ئىككىنچى قېتىم نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندا ئۇلار قايتا تەكشۈرۈپ، يەنە شۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇپتۇ، دېمەك مېنىڭ ئېتىلىدىغىنىم، ئېتىلىدىغان كۈنۈم ئېنىق بوپتۇ. ئاخىرقى كۈنۈم يېقىنلاپ قالغاندا دادام بىچارە تىپىرلاپ تۇرالماي، بېيجىڭدىكى بىر ناۋاي بالىغا، بېيجىڭدا ئشلەيدىغان بىر يۇرتلۇق بالىنى (ئەرتۈركنى) ئىزدەپ، ئۈمىد بولۇپ قالسا ئاخىرقى قېتىم تىرىشىپ باقساق دەپتۇ. ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن، ئاڭلىغان بولساممۇ يادىمدا يوق. ئۇ بېيجىڭدا ئۆزى تونۇيدىغان بىر ئادۋوكاتنى تېپىپ، مېنىڭ ئىشىمغا مەسئۇل بولغان ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ. ئىككى ئادۋوكات بىر دەم پاراڭلىشىپلا ”ئالىي سوتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بولغان ئىشقا ئامال يوق“ دەپتۇ. ئەرتۈرك ھېلىقى ناۋاي بالا ئارقىلىق دادامغا ”بۇ ئىشقا ئامال يوقكەن، ئەلھۆكمىللا دىمەي ئىلاج يوق، سەۋر قىلسۇن، جېڭجوغا بېرىپ ھۆكۈمنامىنى كۆرۈپ، بالىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈۋالسۇن“ دەپتۇ. دادام مۇشۇ بۈگۈن-ئەتىنىڭ ئىچىدە كېلىدۇ، كەلسە ھەر ئىككىمىزنىڭ باغرى قانغا تولىدۇ، ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلگەندەك بولىمىز، بەلكىم ھوشىمىزدىن كېتىمىز. مەن ئۆلگەندە ساقچىلار جەسىتىمنى دادامغا بېرەمدۇ، بەرمەمدۇ، بىلمەيمەن. ئەمما دادام ئوق پۇلىنى تۆلىشى مۇمكىن. مېنى مىڭ جاپا-مۇشەقەتتە بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلغان بىچارە دادامنى كۆرەلىگەن بىلەن، يىراقتىكى ئانامنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. گۇناھ، جىنايەت ئۆزەم بىلەنلا كەتسە مەيلىدى، ئاتا-ئانامغا بىر مۇنچە ئازاب ۋە خورلۇقنى يۈكلەپ قويۇپ كېتىدىغان بولدۇم،  دادام يۇرتقا قايتقاندا يۇرت خەلقىنىڭ ئالدىدا قانداق يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەر، ئۇرۇغ-تۇغقان قېرىنداشلىرىمچۇ؟ ھازىر بۇلارنى ئويلىغۇدەك مادارىممۇ يوق، ساقچىلار بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن ھەيدەپ مېڭىشتىن ئاۋۋال تۈرمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا مۈشۈكتەك تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۆلۈپ كەتسەم دەيمەن، پەقەت دادامنىلا كۆرۈۋالسام بولاتتى...


3. ئەيدىز

ئەرتۈرك مېنى چورت بىلمەيتتى، ئۆلگەندە ئاڭلىدى، ساۋاقدىشى تېلېفون قىلغاندا ”ئەيدىز“ ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ ياقىسىنى تۇتتى. ئەمەلىيەتتە ئەيدىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم، كېيىن كېسەل رەسمىي باشلانغاندا دەردىنى تارتتىم، تېنىم كاردىن چىققاندا تۈگىشىپلا كەتتىم، ئۆلگەندىمۇ ئانامنىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرمەيلا ئۆلۈپ كەتتىم.   ئانام مېنىڭ جەسىتىمنى يۇرتقا ئېلىپ كېتەلمەي، بىر يۇرتلۇق تونۇشىنى ئىزدىدى، تونۇش چوكان ئەرتۈركنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا بىللە ئوقۇغانىدى. ” مېيىت يۇيىدىغان ئادەم تاپالمىدۇق، خۇيزۇلار ئۇنىمايدىكەن، ئىسلام جەمئىيىتىدە ئىشلىگەندىكىن ياردەم قىلامدىكىن دەپ تېلېفون ئۇردۇم“ دېدى. تورغا ئىلىنىپ، بەس-مۇنازىرىدىن بېشى قېيىپ يۈرگەن ئەرتۈرك بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېتىلىدىغان بىر بالىنىڭ ئىشىغا ئېچىنىپ تۇرغىنىدا ئەمدى بۇ ئىشنىڭ چىققىنىغا ھەيران قېلىپ، بىزنىڭ يۇرتتىن ساپلا مۇشۇنداق ئاقچى، يانچۇقچى، قاتىل، ئەيدىزلەر چىقامدۇ كۇلىغا، نېمىدېگەن زور پاجىئە بۇ... دەپ بېشىنى قاشلاپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ھېچكىمگە ھېچنېمە بولغىنى يوق، بىر كىمگە بىر ئىشلار بولۇۋاتىدۇ... دەپ ئويلىغان ئەرتۈرك ئۆزى كۆرۈپمۇ باقمىغان مېنى ۋە باشقا پالاكەت باسقان ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرلەپ خىيال قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن ئۇ بۈگۈن ئۆزىنى ئىزەپ كەلگەن ناۋاي بالىغا مېيتىمنى يۇيىدىغان ئىشنى ھاۋالە قىلدى. ناۋاي بالا بىر قارىمنىڭ گېپىنى قىلدى، ئەمما بۇ قارىم ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشنى پەقەت قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى، ئارقىدىن «مەن بىلىدىغانلاردىن سوراپ باقتىم، ئۆمرىدە بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ باقماي ئۆلگەن بىرسىنىڭ مېيىتىنى يۇيۇش ھارامكەن» دەپ، بۇ ئىشقا يېقىنمۇ كەلمىدى. ناۋاي بالا ئاخىر ئۆزى چىقىپ، خۇيزۇ ئاخۇنلارنىڭ ھەمراھلىقىدا مېنى يۇيۇپ كېپەنلەپ، تېنىم ئارانلا سىغقۇدەك بىر گۆرلۈككە قويدى. ئەرتۈرك دېگەن بۇ زىيالىي ئەپەندى مېيىت يۇيۇشقا قاتنىشالىغان بولسا ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەينەن كۆرگەن بولاتتى، نېمە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ساۋاقدىشىمۇ مېنى ئەيدىز دەپ، بۇ دۇنيادا ھەر كىم ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، بىر كىمنىڭ بىر كىمنى كەمسىتىدىغان ھەققى يوق، ئاچچىق ياكى تاتلىق بولسۇن،  ھەر كىم ئۆز ھاياتىنىڭ مېۋىسى. شۇنداقتىمۇ شۇنى دېگۈم كېلىدۇ، تۇغۇلغاندا قانداق تۇغۇلغانلىقىمنى بىلمەيتتىم، ئەقلىمنى بىلگەندە قانداق ياشاشنى بىلمىدىم، بىلسەممۇ پەرۋا قىلمىدىم، مەيلىخۇشلۇق، چۈشكۈنلۈك مېنى خاراپ قىلدى،  ھايات مۇساپەم تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى، سېرىق چىراغ يېنىپ تۇرۇپتىكەن، ۋاقتىدا ھوشۇمنى تاپقان بولسام بۇ يولدا مېڭىۋەرمەسكەنمەن، ئاخىر پالاكەت باستى، كېچىككەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، سوقۇلدۇم، ئۆلدۈم، قىزىل چىراغ ياندى، توختىدىم. شاۋقۇن-سۈرەنلەر ئالەمنى بىر ئېلىپ، ئارقىدىن ھەمما ياق تىمتاس بولۇپ قالدى...

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى