ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد

يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1150 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يازغۇچى ئۆز بىچارىلىكىنى كۆرۈپ يەتكۈچى، گۈزەللىكنى ئۇلۇغلايدۇ، تەبىئەتنى سۆيىدۇ. بىر دەقىقە تەپەككۇرىغا ئالەمچە ئىشلار سىغىدۇ، باشقىلار ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن پىكرىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ،  قەغەز، قەلەم، كومپيۇتېر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەۋجۇتلۇقىنى تەپەككۇرىغا جەملەيدۇ. بۇ مەۋجۇتلۇقتا ۋاقىت تەرتىپسىزلىشىدۇ،  ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى يوقايدۇ، ھەسرەت، تەشۋىش، ھاياجان، ۋەسۋەسە بىر-بىرىگە تۇتىشىدۇ. ئىشق-مۇھەببەت ھەممىنى قورشىۋالىدۇ. ھەقىقەتكە ئاشىق يازغۇچى غىلجىڭلىقنى كۆتۈرمەيدىغان ھەقىقىي تۇيغۇلارنى ساپ، سەمىمىي ئىپادىلەيدۇ، بەدئىي ياسالمىلار، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ رەڭ-بوياقلىرىغا ئارتۇقچە بېرىلمەيدۇ.

مەن بىر نەرسە يازسام يازغۇچى، يازمىغاندا خىيالپەرەس؛ پىكىر قىلمىسام ھېچنېمە ئەمەس. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مەن بىر ھەۋەسكار، يېڭىلىققا قىزىققۇچى. كىچىكىمدە قەغەزدىن ماشىنا، تاختاي ۋە سىمدىن چانا ياسايتتىم، كېيىن رەسىم سىزدىم، ھېكايىلەر ئوقۇدۇم، «ئوقۇش كىتابى» مېنى كىتابقا خۇمار قىلدى، تەپەككۇر مايسىلىرى كىتاب قەترىلىرى بىلەن ئۆستى، ئۇيغۇر تىلى شۇ مايسا، زىرائەت ئۈستىدە شوخ سايرىشىدىغان قۇشقاچلارغا ئايلاندى. بىرى مېنى تىللىسا ئەدەبىيات پەپىلىدى، بىر قىز غۇرۇرۇمنى سۇندۇرسا شېئىر ئۇنىڭدىن دەردىمنى ئېلىپ بەردى. ئاتا-ئانا، ئۇستازلىرىمغا قەرزدار بولسام، ئۇلارنى مەدھىيىلەش ئارقىلىق ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلدۇم. ئۆزەمنى كەمسىتكەن چاغدا ئەدەبىياتقا تايىنىپ ئىشەنچ تىكلىدىم. ئەدەبىياتنى كەمسىتىپ ئۆزەمنى تېخىمۇ ئەرزىمەس قىلغان چاغدا كاتتا شائىر، يازغۇچىلارنىڭ روھىدىن مەدەت ئالدىم. يىللار ئۆتۈپ ئۆزەمنىڭ بىر چاغلاردا ئېزىقىش تۇمانلىرى ئىچىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئۆتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ سىلكىنگەن چېغىمدا ئىچىمدىكى شەيتانغا يۈزلىنىپ « ئىنشائاللاھ، سەندىن غالىپ كەلگەيمەن» دەپ نىدا قىلدىم.

تۇرمۇشنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن ئەدەبىياتنى سۆيدۈم، تەسىراتىم قېتىدىكى ئاجايىپ ئىشلار ۋە ئادەملەرنى تارتىپ چىقىپ ھېكايە، پوۋېست، رومانلارنى يازدىم، گاھىدا ھېكايىنى پوۋېستقا، پوۋېستنى رومانغا ئۇزارتتىم؛ قىزىقچىلىق تۈگەپ، پىرسۇناژلىرىم ئۆلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ھېسسىياتىم ئۆلگەندە ئەسەرنى تۈگەتتىم. ھەر بىر ئەسەردە قاتماللىقنى بۇزۇشقا، ئادەملەرنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى سايەمنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىم. پىرسۇناژلار گەپ قىلغاندا، ئادەتتە ئۆزەمنىڭمۇ ئاغزى كەلمەيدىغان ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئالمىدىم ياكى قىسقارتتىم.  بايان، تەسۋىر، دىئالوگلىرىم… يېزىۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى رېئاللىقنىڭ روھىمدىكى ئىنكاسى، گويا بىر توپ ئادەمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئويۇن ئويناۋاتقان كىچىك بالىمەن، مەندە چىن ھېسسىيات، تەسەۋۋۇرۇمدىكى رېئاللىققا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كېتەلەيدىغان ساراڭلىق بولسىلا بولدى، بىر ياخشى ئەسەرنىڭ پۈتۈن چىقىشىدىن ئۈمىد بار.

يازغۇچىلارنىڭ دەردىگە، ئۇسلۇبىغا قىزىقىمەن، ئەگەر ئۇلارنى چۈشەنسەم ئۇلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيدىغان بولىمەن، ھەسەتخورلۇق تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنىلا ئوقۇيدىغان بىچارىلىكتىن قۇتۇلىمەن. ھەسەتخورلۇق بەئەينى ئوت، ئاتەش يۈرەك يازغۇچى، سەنئەتكار بۇ ئوتتىن يىراق تۇرۇشى لازىم. ئىللەتتىن قۇتۇلۇش يازغۇچى بولۇشتىن مۇھىم.

كەمبەغەللىككە ئۆچ بىر ئامېرىكىلىق «ھەرگىز يازغۇچى بولماڭ» دەپ ماقالە يېزىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھېچ بولمىسا 40 ياشقىچە يېزىقچىلىق قىلىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەككەن،  دەپتۇكى، بۇ دەۋر ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، كەلگۈسىدىكى باياشات تۇرمۇشىغا ئاساس سالىدىغان دەۋرى، كىمكى بۇ ئېسىل ۋاقتىنى يېزىقچىلىققا سەرپ قىلسا زىيان تارتىدۇ، تۇرمۇشى نامراتلىقتا ئۆتىدۇ. بۇ پىكىرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى «ئۇلۇغ قەرزدار، ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر» دېگەن ئەسەردىن كۆردۈم. يازغۇچىنىڭ سىردىشى، شائىر قەلەمدىشى ئابلەت ئابدۇللا «ھەقىقەت سىياھىغا چىلاپ تۇرۇپ يازغان» بۇ يادنامىسىدە ئۆمۈر بويى قەرزدىن، نامراتلىقتىن، خورلۇقتىن قۇتۇلالماي ئۆتكەن زوردۇن سابىرنىڭ مۇشەققەتلىك ھاياتىنى ئەينەن بايان قىلىپتۇ. ئۇنىڭ روھىنى تۇتۇپ تۇرغان نەرسە ئىمان بىلەن قەلەم، ئۇنىڭ روھىنى چەيلىگەن نەرسە نامراتلىق بىلەن دەرد-ئەلەم ئىكەن. قاقشاپ تۇرۇپ ياشاپتىكەن، قادىلىپ تۇرۇپ يېزىپتىكەن، ئاخىرىدا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ…جىمى دەردىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى كۆپۈك نەرسە، پەقەت قەلبى، ئىمانى، ئىش-ئەمەللىرىلا ھەقىقىي نەرسە، ئۇنى تۇپراق كۆمۈۋېتەلمەيدۇ.

ئۇ كاتتا يازغۇچى، ئۇسلۇب ياراتقۇچى، ئەلا، نۇرى…مۇختەر بايلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا يادىكار قىلىپ كەتكۈچى، ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ گۈزەللىكىنى جەۋلان قىلغۇچى، ھەممە خىسلەت، پەزىلەتلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە بايقالغۇچى.  ئەسلىدە ئۇ ئاسان تەسىرلەنگۈچى، ئاسان ئالدانغۇچى، تولا دەرت تارتقۇچى، ئەمما ھاياتنى قانماي سۆيۈپ، ھەممىگە چىداپ ئۆتكۈچى، شۇنچە ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىپ، يازىدىغاننى يېزىپ، دەيدىغاننى دەۋېلىپ ئاندىن جان تەسلىم قىلغۇچى… ئۇ ياشىغان دەۋر، ئۇ يېتىلدۈرگەن خاراكتېر، ئۇ يازغان ئادەملەر بىزنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ.  ئۇنىڭ ھەر قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا  ئۆلۈۋالماسلىقى بەلكىم ئىمانىنىڭ چىڭلىقىدىن، يا بەلكىم ھاياتقا، ئەدەبىياتقا، خەلققە، سورۇنلارغا، چاقچاققا  قىيالماسلىقىدىن… كىم بىلۇر،  روھنىڭ سىرىنى بىلگۈچى ئاللاھ، ئويناپ ھەم ساۋابلىق ئىش قىلىپ ئۆتكەن ئادەمنىڭ ھېسابىنى سورىغۇچىمۇ ئاللاھ.  قىسقىسى، زوردۇن سابىرنىڭ دەردى، خاراكتېرى، ئىرادىسى، خاسلىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئۆزگىچە تەم كىرگۈزگەن. مۇۋەپپەقىيەت ئەنە شۇ.

مۇشەققەتتىن زارلانغاندا مەن يازغۇچى ئەمەس، بەلكى نورمال ئەركەك ئەمەس. بىرەر قاباھەتنى كۆرسە چۆچىمەيدىغان، بىرەر دەردمەننىڭ كۆز يېشىدىن تەسىرلەنمەيدىغان، چىرايلىقنىلا كۆرۈپ سەتتىن  قاچىدىغان، گۈلنىلا كۆرۈپ تىكەنگە نەزەر سالمايدىغان، قىسقىسى، رەڭگارەڭ تۇرمۇشنى كۆرۈپ باقمىغان،  دەرت-ئەلەمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەمدىن ئاسانلىقچە يازغۇچى چىقمايدۇ. ھەر قېتىم يازغۇچىلىقنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى، جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىسى ھەققىدە ئويلانغىنىمدا مەن تېخى ھەۋەسكار، مەن تېخى پىشىپ يېتىلمىدىم، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشقا چامىم يەتمەيدۇ… دەپ ئارقامغا داجىيمەن.  شۇ ئاندا شائىر، يازغۇچى دېگەندە تالانت بولسىلا بولامدۇ، قېنى ئۇنىڭدىكى ئادىمىيلىك، قېنى ئۇنىڭدىكى ئەقىدە-ئىمان، قېنى ئۇنىڭدىكى غۇرۇر-ۋىجدان؟ دەپ ئۆزەمگە نىدا قىلىمەن. ئىشنىڭ ئوڭىيىغا قېچىۋاتقان مەندەك ئادەمنىمۇ يازغۇچى دېگىلى بولامدۇ؟ دەپ ھەسرەت چېكىمەن. ” كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك، يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك، ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب“ دەپ ئاخىر مەردانە شېھىت بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۆلۈم ئالدىدا قولىنى چىشلەپ قانىتىپ تۈرمە تېمىغا  ” بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ، ياش گۈلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ“ دەپ غەزەبلىك شېئىر يازغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۈرمىدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن شائىر، مەرىپەتچى مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندىلەرنىڭ روھىدىن ھەيران قالىمەن، شۇنداق كۈچلۈك رۇھلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رىۋايەت تۈسىنى ئالغانلىقىغا تەئەججۇپلىنىمەن. زامانىمىزدا ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىدىن، شېئىردەك گۈزەل، بەلكى شېئىردىن يۈكسەك نۇرلۇق ھاياتىدىن ئۈلگە ئالالايدىغانلار قانچىلىك؟

پەلەك چاقى ئايلىنىپ بىزگە كەلگەندە غايىدىن كېچىپ، ئادەتتىكى تۇرمۇش قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە، ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىگە، غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىغا، فروئىد تەلىماتىغا، گۇڭگا شېئىر، ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق ئېقىملىرىغا، تەنقىدچىلەرنىڭ بىمەنە تالاشلىرىغا، ئابدۇكېرەم ئابلىز ئىتوتلىرىغا، بۇزۇلۇۋاتقان ئەخلاق، ئەبگا ئۇيغۇر ھەققىدىكى زارلىنىشلارغا…شاھىد بولدۇق، ئەدەبىيات نەچچە قېرى يازغۇچىنى دەرتتىن ئۆلتۈرۈپ، نەچچە ياش يازغۇچىنى ئىشق ۋە كەيىپتىن ئۆلتۈرۈپ، يەنە خۇلق-نازاكىتىنى يوقاتمىغان سەتەڭ قىزدەك نازلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، سىياسىي تەلەپ، ماددىي تەلەپ، نام-شۆھرەت ئىستىكى، ئاندىن ئازغىنە مائارىپ ۋە مىللەت ساپاسى ئۇنى ھەر تەرەپتىن قىستاۋاتىدۇ…

مەن بۇ ھاياتىمنى ئەمەس، ئادەتتىكى تۇرمۇشۇمنىمۇ ئەدەبىيات ئۈچۈن قۇربان قىلالمايمەن. خوتۇن-بالىلىرى بىلەن كارى يوق ھېكايە يېزىپ، شېئىر توقۇپ ھاياجانلىنىدىغانلارنىڭ پىداكارلىق روھىغا تاڭ قالىمەن. بىزدە يېزىقچىلىق بىلەن بېيىغىلى بولسا، زوردۇن سابىر گۈلدەك ياشىغان بولاتتى. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدا مەسىلە بارمۇ ياكى تولا ئازاب چېكىپ تۈگىشىپ كېتەمدۇ، ئەيتاۋۇر ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىجدان ئازابى تارتىپ، ئاھ مىللىتىم دەپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ روھىنى قەدىرلەش كېرەك؛ ئەگەر تۈزۈك ئەسەر يازالماي، داڭ قازىنالماي ئىچى پۇشۇپ، سورۇنمۇ سورۇن قاتراپ ئىچىپ، چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇش كېرەك.

ئالىم-ئۇلىمالار، ئەمەلدارلار، كارخانىچىلار، مۇتەخەسىسلەر ئارىسىدىن ئاندا-ساندا يازغۇچىلار چىقىپ قالىدۇ، ئەمما ئەدەبىيات-سەنئەت كۆپرەك تۇيغۇ، ھېسسىياتنىڭ ئىشى بولغاچقا ئۇنداق سوغۇققان، ئەقىللىق، مەنتىقىلىق ئىنسانلار ئەدەبىيات كوچىسىغا ئالدىراپ كىرمەيدۇ، ئەگەر كىرسە باشقىچە ھۆسن قوشىدۇ. تالانتقا بىلىم قوشۇلسا، سۆزگە ئەمەلىيەت قوشۇلسا ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ. ئەلشىر نەۋائى ھەزرەتلىرى ” سۆزۈم سەۋەبلىك ئۆزۈم بۈيۈك ئېتىبارغا ئېرىشكەن بولسام، ئۆزۈم سەۋەبلىك سۆزۈم ئالىي دەرىجىگە مۇشەررەپتۇر“ دەپ توغرا ئېيتقان. ئەلىشىر نەۋائى ئۆز زامانىسىدا كاتتا دىنىي ئالىم، ئادىل ئەمەلدار، دىنىي ئۇستاز، مال-دۇنياسىنى مەرىپەت، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىۋەتكەن تەقۋادار زات بولغاچقا شائىرلىقتىمۇ شۆھرەت قازانغان. ئەگەر ئۇ باشقا سوپىلاردەك زاھىدلىق، تەركى دۇنيالىق يولىنى تۇتقان بولسا، بەلكىم يازغانلىرىمۇ ئۇنچە ئېتىبارغا ئېرىشمىگەن بولاتتى.

يازغۇچىنىڭ يازغانلىرى ئاساسەن ئۆزىگە ئوخشايدۇ، ئەسەر يازسا پىرسۇناژلىرىنىڭ ئىچىگە، بەلكى ئۆز خاراكتېرىنىڭ قېتىغا كىرمەي قالمايدۇ.  ئەسەرگە سىڭدۈرگەن بىلىم، پىكىر، ھېسسىياتىدىن ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە خاراكتېرىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ. كاتتا يازغۇچىلاردىن كاتتا ئەسەرلەر چىقىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى ئەسەرلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇنداق قىلالمىغانلار ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ئەخمەق قىلىدۇ، ”ئەسەر“ دەپ يادىكار قالدۇرغان نەرسىلىرى ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ.

كۆڭلۈمنى ئەدەبىيات ئىشقى پاراكەندە قىلغاندىن باشلاپ ئىش-مەيلىم شۇنىڭدا، بىر قۇچاق چىققۇدەك كەچمىش خاتىرىلىرى يازدىم؛ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بولالمايدىغان كىتابلارنى يىغدىم؛ نامى قىتئەلەردىن ھالقىپ، ھەر ئەسىرىدىن، ھەر جۈملىسىدىن تالانتى بالقىپ تۇرىدىغان مەشھۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم، زور ئىلھام ۋە ئىشتىياق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، ياخشى بولسۇن، ناچار بولسۇن ئۆزىمىزگە خاس ھېكايىلەرنى توقۇدۇم. گويا چۈشۈمدە كوچىدا كېتىۋاتقاندەك،  بىر تالاي ئوبراز، پىرسۇناژلارنى خىيال قىلدىم ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇرۇمدا جانلاندۇردۇم، بىرسىنى تۇتۇپ يېزىش ئۈچۈن ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئىنسانلارنى، دەرتمەن  يىگىت- قىزلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئەسلىدىم، ئاندىن راست-يالغان ۋەقەلىكلەرنى ئېھتىماللىق ئىمكانىدا، تۇرمۇش چىنلىقى ئاساسىدا قانات يايدۇردۇم.

ئويلىغانلىرىمدىن كۆپ يىراقمەن، مەنزىلىمدىن كۆپ ئۇزاقمەن. نادىر ئەسەر يېزىشىمغا ھامان بىر نەرسە يېتىشمەيدۇ؛ ۋاقىت، شارائىت چەكلىك؛  بىلىم، تالانت، قىزغىنلىق، ئىرادە، سەۋرچانلىق… ھەممىسى كەم. قەلەمنى ئاھ ئۇرۇپ تاشلىۋېتىپ باقمىدىم، ئەمما ھەر كۈنى ئوتتەك ئىنتىلىپمۇ باقمىدىم. ياش چوڭايغانچە ئىلھام دېگەن نەرسىگىمۇ ئىشەنمىدىم، مىقتەك قادىلىپ ئىشلەش روھى بولمىغىچە تالانت دېگەنلەرمۇ  ئۆچەككە كىرىپ قىشلىق ئۇيقۇسىنى ئۇخلايدىكەن. خالىي جايغا كېتىپ، بىر نەچچە ئاي مېھمانخانىدا يېتىپ، يالغۇزلۇقتا، جىمجىتلىقتا ئويغا چۆمۈپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مەنزىلىدە تەپەككۇر ئېتىنى چاپتۇرۇپ ئەسەر يېزىش ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئىش. «ئانا يۇرت» مۇ مېھمانخانىدا يېزىلغانىكەن، يەنە قانچىلىغان نادىر رومانلارنىڭ ئاشۇنداق خىلۋەتتە كۆز ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇنداق شارائىت بولمىسا، مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش، ۋاقىتنى خۇددى ئانار سۈيىنى سىققاندەك سىقىپ چىقىرىپ، ئازغىنە قەترىلىرىنى بولسىمۇ قېنىپ ئىچىش كېرەك.  بولمىسا ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، ئەتە-ئەتە دەپ ئولتۇرۇپلا قېرىپ ئۆلۈپ كېتىمىز.

ئاللاھ بۇ ئىشقنى دىلىمغا سالدى، شۇنىڭ بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتتۈم،  جاھىلىيەت شەھىرىدىن چىقىپ ۋەسۋەسە، ئازغۇنلۇق ۋادىلىرىنى كەچتىم، كېسەلدىن كېسەل يۇقتى.  ئەقىلدىن ئايرىلغان ئىشق داۋاسىز كېسەللىك، ئىماندىن ئايرىلغان ئىشق شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ئىكەن. ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن ھىدايەت تاپتىم، ئىلىمسىزلىك چۆلىدە چاڭقىغاندا سۈزۈك بۇلاقلاردىن قەترىلەر ئىچتىم. كېسەل ۋۇجۇدۇم شىپا تاپتى،  ئەمدى خۇنۈك ھەسرەتلەرنى بېزەپ كۆرسەتمەيمەن، جىنسىي مۇھەببەتنى گۈزەللەشتۈرمەيمەن، يوشۇرۇن ئېڭىمدىكى قاباھەتنى چىنلىق دەپ داۋراڭ قىلمايمەن، رومانتىكىلىق سۆيگۈدىن گۇمانلىنىمەن، نەپسىگە قۇل بولغان پىرسۇناژلىرىمغا ھېسداشلىق قىلمايمەن، ئۇلارنى ئىجابىي، سەلبىي قەھرىمان، ئادەم ياكى ھايۋان دەپ ئايرىماي، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقى، قىممەت قارىشىغا كۆڭۈل بۆلىمەن. قىلچە تۇرمۇش ئاساسى بولمىغان يالغاننى توقىۋەرمەيمەن، مەلۇم سىياسىي ئىدىيەنى تەرغىپ قىلمايمەن، مەشھۇر شەخسلەرنى كۆپتۈرۈپ ماختىمايمەن ياكى دورىمايمەن. يازغانلىرىمدا ئىنسانلىق كەمچىلىكىم، ئىدىيە نۇقسانلىرىم، ھېسسىياتتىكى ئاجىزلىقىم ئىپادىلىنىپ قالسا، زىيادە مۇكەممەللىك قوغلىشىپ ئازابلىنىپ كەتمەيمەن. چۈنكى مۇكەممەللىك بىر ئاللاھقىلا خاستۇر.

”ئىنسان ياخشىلىقنىڭ بەندىسىدۇر“ دەيدۇ نەۋائى ھەزرەتلىرى، يازغۇچىلىق ئىشقى ھاياتىمدىكى جىمى گۈزەللىككە باغلانغاندىلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ، ھاياتىمدا ئاللاھ مەندىن رازى بولىدىغان ياخشى بەندە بولالىسام،  ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىمەن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى