ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مۇھەببەتنى ئۆگىنىش كەتمەيدۇ

مۇھەببەتنى ئۆگىنىش كەتمەيدۇ

ۋاقتى: 2010-08-09 ئاۋاتلىقى: 857 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ــ ھازىرقى ستودېنتلارنىڭ ئون سوئالىغا جاۋاب


 


ھۆرمەتلىك كۇڭ مۇئەللىم، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بىزنىڭ سىزدىن سورايدىغان ئون سوئالىمىز بار، جاۋاب بېرىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ-چىقماسمۇ، ئۇقمايمىز. ئەمما  مۇشۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى بەكمۇ بىلگۈمىز بار ۋە بۇنى ئاشكارە ئېلان قىلسىكەن دەيمىز.  بىزنى چۈشىنىشىڭىزنى، قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بىر جۈملە بولسىمۇ جاۋاب بەرسىڭىز كۆپچىلىككە ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!


 


1. ھازىر ئېقىپ يۈرگەن ”ئاياللار ئەرلەرنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ، ئەرلەر دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئاياللارنى بويسۇندۇرىدۇ“دېگەن قاراش سىزنىڭچە توغرىمۇ؟ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب: بۇ قاراش ھازىرقى ئومۇميۈزلۈك  ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئەھۋالنى ئەقىلگە ئۇيغۇن، توغرا دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى دەل ئەر-ئايالنىڭ باراۋەر بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، نوچى ئاياللار  ئەرلەرگە تايانماي تۇرۇپمۇ ”دۇنيانى بويسۇندۇرالايدۇ“، يارىماس ئەر ھېچنېمىنى بويسۇندۇرالمايدۇ.  يەنە كېلىپ، ”بويسۇندۇرۇش“ دېگەن بۇ گەپمۇ تازا ياخشى گەپ ئەمەس، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت، مۇھەببەت، رەھىمدىللىك، ھەمكارلىق بولۇشى كېرەككى، بىر-بىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز مەنپەئەتىگە قۇل قىلماسلىقى كېرەك.  تېخىمۇ يۈكسەك ئاڭ بىلەن چۈشەنسەك،  بىز دۇنيانىمۇ ”بويسۇندۇرۇپ“ يۈرمەسلىكىمىز لازىم، دۇنيا بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىمىز، مۇھەببىتىمىز، تۇغقىنىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئاز-تولا توقۇنۇش بولۇپ قالسىمۇ، يەنىلا تىنچلىقتا بىللە ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ.


2. ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرە ئۆگىنىش بىلەن مۇھەببەتلىشىشنىڭ قايسىسى مۇھىم؟ ئىككىسى ئۆزئارا توقۇنۇشامدۇ؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم مۇھەببەتلىشىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار: ” 20 لەرگە كىرىپ قالدۇق، چوڭ بولدۇق!“ دېيىشىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلىرىمىز  ”بۇ ۋاقىتتا ئۆگىنىش مۇھىم، مۇھەببەتلىشىش دېگەننى ئويلىماڭلار“ دەيدۇ. ئۇلار بىزنىڭ مۇھەببەتلەشتۇق دەپ زېھنىمىزنى ئىسراپ قىلىپ ياخشى ئوقۇماسلىقىمىزدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇلارچە بولغاندا، مۇھەببەتلەشمەسلىك ئەڭ توغرا تاللاش.


جاۋاب: ئۆگىنىش ئەلۋەتتە مۇھىم. ئەمما ئۆگىنىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش زىددىيەتلىك ئىش ئەمەس، بۇ خۇددى ئۆگىنىش بىلەن تاماق يېيىش ئۆزئارا توقۇنۇشمىغاندەكلا بىر ئىش. ئۆگىنىش زۆرۈرىيەت، ئەمما مۇھەببەتلىشىش ئۇنداق ئەمەس؛  مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسە  ئوغرى-قاراقچىدەك  پەيدا بولىۋېرىدۇ. ئېپى كېلىپ قالسا يۈرۈپ قويغۇلۇق، بولمىسا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى قىلغىنى تۈزۈك. مۇھەببەتلىشىپ قالساڭلار  ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار، مۇھەببەتلەشمەي قالساڭلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئوقۇڭلار.


3. مۇھەببەتلىشىش ۋە توي قىلىشقىمۇ بىلىم-ساۋات كېرەك بولسا ئۇنى قانداق ئۆگىنىش، قەيەردىن باشلاپ ئۆگىنىش، كىمدىن ئۆگىنىش كېرەك؟ كىتابتىن ئۆگىنىش كېرەكمۇ؟  قانداق كىتابلارنى ئوقۇش كېرەك؟ ئىشقى-مۇھەببەت رومانلىرىنى ئوقۇش كېرەكمۇ؟  مۇھەببەتنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنەمدۇق،  تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن ئۆگىنەمدۇق ياكى ئاتا-ئانىمىزدىن ئۆگىنەمدۇق؟ ئەمما ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ ئانچە بەختلىك ئەمەس.  زادى قانداق مۇھەببەتلىشىش كېرەك؟


جاۋاب: مۇھەببەتنى ئۆگىنىش كەتمەيدۇ، ئۆگىنىمەن دېسىلا ئۇ ساختا بولۇپ قالىدۇ.  ئەگەر سىز مۇھەببەتلىشىش تاكتىكىلىرى بويىچە مۇھەببەتلەشسىڭىز  يارىماس بىر نېمە بولىسىز، ئۆمۈر بويى مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەي ئۆتۈپ كېتىسىز. قىز-ئوغۇل كىتابتىكى نەزەرىيە بويىچە مۇھەببەتلەشسە پەقەت مۇھەببەتلىشىشنى پراكتىكا قىلغان، يالغاندىن ئويۇن ئوينىغان بولىدۇ .  ئەمما توي قىلىشقا كەلسەك، ئۇنى ئۆگەنمەي بولمايدۇ.  ئاۋۋال جەمئىيەتتىكى توي-تۆكۈنلەرنى، كىشىلەرنىڭ ئائىلە قۇرۇش، ئۆي تۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىسىز، پىكىر يۈرگۈزىسىز؛  ئاتا-ئانىڭىز قانداق توي قىلىپ قانداق ئۆي تۇتتى،  بۇنىڭغىمۇ قاراپ باقىسىز. سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى توي تۇرمۇشىدىن ئۆرنەك ئالسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۇ چوقۇم رىئالىزملىق ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «سەھرادىكى مۇھەببەت» دېگەندەك.  شياڭگاڭ، تەيۋەن، كورىيىنىڭ فىلىملىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ساختىلىق كۆپ، ئىشەنگىلى بولمايدۇ.  ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆز ئەھۋالىڭىزغا بېقىپ ئىش قىلىڭ.  قانداق مۇھەببەتلىشىشتە بىر قېلىپ بولمايدۇ.  سىز ئاۋۋال بارلىق ئادەملەرنى ياخشى كۆرۈڭ، ئاندىن بىرسىنى ياقتۇرۇپ قالغاندا بۇ ياخشى كۆرۈشنى يۈز ھەسسىگە ئاپىرىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتەرمىكىن.


4. ئاشىق-مەشۇقلار چوقۇم توي قىلىپ ئاندىن بىرگە بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن بولسا بولمامدۇ؟


جاۋاب: مۇھەببەت ئەقىلسىزلىك (يەنى قارىغۇلارچە ھېسسىيات) بىلەن بولسا، توي قىلىش ئەقىل بىلەن بولىدۇ. ئاشىق-مەشۇقلار قاچان بىرگە بولسا بولىدۇ؟ بۇنىڭدا ئەمەلىيەتكە قاراش كېرەك. لۇشۈننىڭ «ئازابلىنىپ ئۆلۈش» ناملىق ئەسىرىدىكى جۇەن شېڭ بىلەن زى جۈن ئاشىق-مەشۇقلار ئىدى، ۋىسالىغا يېتىشكەنىدى. ئەمما ئاقىۋەت زى جۈن ئۆلدى.


5. بىر يازغۇچى ” ئاشنا تۇتۇش ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى مۇقىم قىلىدىغان بىر ئامىل“ دەپتۇ.  بۇ گەپچە، ئاشنىسى بولۇش نورمال، ئاشنىسى بولماسلىق بىنورمال ئەھۋال ئىكەن. ھەتتا  ئاياللارنىڭ بۇ ھەقىقەتنى بالدۇرراق چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئەرلەر ئۆمۈر بويى پەقەت بىر ئايالنىلا ياخشى كۆرۈپ ئۆتەلمەيدۇ دەيدىغانلار بار ئىكەن. جاھاننىڭ بۇ ئەلپازىغا قاراپ مۇھەببەت دېگەنگە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى ھېچ بىلەلمىدۇق.


جاۋاب:  ئۇ گەپ مېنىڭچە خاتا.  ئاشنىسى كۆپ بولۇش پەقەت ھازىرقى جەمئىيەتتىكى قىسمەن ئەھۋال، جۇڭگودىكى ھەممە ئائىلىدىكى ئەرنىڭ ئاشنىسى بولىۋەرمەيدۇ.  شۇڭا ئاشنىسى بولۇشنى نورمال ئەھۋال، ئاشنىسى بولماسلىق بىنورمال ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ.  شۇنداق دېيىش كېرەككى، ئىنسانىيەت بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق جەمئىيەتكە قەدەم قويغان نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەرلەرنىڭ  ئاشنىسى يوق بولۇشى ئەسلىدە ئەڭ نورمال ئەھۋال. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆمرىدە پەقەت بىرسىنى ياخشى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىمۇ نورمال ئەھۋال.  ئەمما سىز بىر ماشىنىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز چوقۇم ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى سىلاپ، يالاپ باقامسىز؟  كۆڭلىڭىزدە زوقلىنىپ، ھەۋەسلىنىپ يۈرسىڭىزمۇ بولىۋىرىدىغۇ؟ مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ، شۇغىنىسى ئىشەنمەيمۇ تۇرغىلى بولمايدۇ. ئالايلۇق، پومىچىكنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ چىققان بىر قىز يولدا 8-ئارمىيىنىڭ بىر جەڭچىسىگە ئۇچراپ قېلىپ، جەڭچى ئۇنىڭغا: ” ئازات رايوننىڭ ئاسمىنى شۇنچە ئوچۇق، قۇياش شۇنچە پارلاق“ دېسە، سىزنىڭچە بۇ قىز ئۇ گەپكە ئىشەنسۇنمۇ، ئىشەنمىسۇنمۇ؟


6. سىزنىڭچە كىشىلەر 100 يىلدىن كېيىنمۇ بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم بويىچە ياشارمۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا يېڭى بىر مۇناسىۋەت ئىگىلىمەسمۇ؟


جاۋاب: ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت  ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتلا بولىدىكەن، بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.  ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يەنە خىلمۇ خىل ۋارىيانتلىرى ۋە تولۇقلىمىسى بولىدۇ. ئىنسانىيەت يۈز يىلدىن كېيىنمۇ كومىنىزمغا يېتەلمەيدۇ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە ھەم قايتالمايدۇ. شۇڭا بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق تۈزۈممۇ مەۋجۇت بولىۋېرىدۇ. ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى جەمئىيەت ئەڭ ئىلغار، ئەڭ ساغلام، ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىناق بولىدۇ.


7. لايىق بىلەن ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئوتتۇرىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟  يەنىلا ئاتا-ئانىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەكمۇ؟


جاۋاب: كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش لازىم. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مىجەزى ۋە ئادىتىگە ھۆرمەت قىلماي بولمايدۇ.  ئۆيدىكىلەر كۆپ ھاللاردا لايىقىڭىزنىڭ بايلىقى ۋە مەرتىۋىسىگە قارايدۇ، بۇنى ئىچىڭىزدە بىلىڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ، چۈنكى ئۇلارمۇ سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەپ شۇنداق قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ گېپى توغرىمۇ خاتا،  بۇنى ئەستايىدىل ئويلاڭ. لايىقلار كۆپىنچە ناھايىتى پاسسىپ ئەھۋالدا قالىدۇ،  سىزنىڭ بۇ چاغدىكى ئىپادىڭىز  ئۇنىڭ كېيىن سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.  شۇڭا ئۆز مەۋقەيىڭىزدە چوقۇم چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىڭ، ئەمما مۇتلەق بويسۇنۇپ كەتمەڭ.  لايىقىڭىزنى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىڭ. ئەگەر ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىرلىشىپ لايىقىڭىزغا بېسىم، زۇلۇم سالسىڭىز ھەرگىز ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسىز. 


8. باشقىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ مۇھەببەتلەشتىم، شۇنداق قىلمىسام باشقىلار ئارىسىدا يۈزۈم قالمىغاندەك تۇيۇلىدىكەن ھەم بەك يالغۇزسىراپ كېتىدىكەنمەن.  زادى نېمىشقا مۇھەببەتلەشتىم، ئۆزەممۇ ئۇقمايمەن. زېرىكىپ كېتىپ شۇنداق قىلدىممىكىن دېدىم، ئەمما بۇنداق دېگىلىمۇ بولمىغۇدەك. ياخشى بولسا ئارىلىشىپ، يامان بولسا ئايرىلىدىغان گەپكەن. مۇھەببەتكە ئەستايىدىل قارىيالمىدىم، لايىقىم بىلەن ئۇزاققىچە بىرگە ياشاش خىيالىممۇ يوق. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەممىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭىدىكەنمىز.


جاۋاب: بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، بۇ ھازىرقى جۇڭگودىكى قاباھەتلىك رېئاللىقنىڭ ياشلارنى  ئومۇميۈزلۈك ھالدا  ئىزتىراپقا سېلىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى،   شۇنداقتىمۇ  بۇ  قاباھەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ بەرگەندىن ياخشىراق. ماۋدۇننىڭ «بۇزۇلۇش» ناملىق ترولوگىيىسىنى ئوقۇساڭلار، ئۇنىڭدا يېزىلغان ئىشلار بۈگۈنكى بىلەن ئوخشاش. ئەگەر سىز تۇرمۇشقا بويۇن ئەگمەيمەن،  كۈچلۈك ئادەم بولىمەن دېسىڭىز  بۇنداق قىلماڭ. ”مەن نېمىشقا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تەمكىن، ئېسىل ئادەم بولالمىغۇدەكمەن؟“ دەپ ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ. ئەگەر باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشسىڭىز سىزدە مۇھەببەت زادىلا يوق دېگەن گەپ. لۇشۈن بىلەن شۈي گۇاڭپىڭ، ماۋ زېدۇڭ بىلەن جياڭ چىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشمىگەن، بەلكى ئورتاق ئىنقىلاۋى غايە ۋە ئىرادە ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەن.  باشقىلار ھەر قانچە قارشى تۇرۇپ، مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىسىمۇ ئۇلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىغان.


9. مەن پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوبدان مۇھەببەتلىشىپ  توي قىلىپ ئىللىق ئائىلە قۇرسام، مۇقىم خىزمىتىم بولسا، ياخشى كۈن كەچۈرسەم دەيمەن. ئەمما ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلار ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ بىر نەچچىسىنى تونۇشتۇردى، لېكىن مەن ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم.  بەزىدە ئۆزەمدە چاتاق بارمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى مېنىڭ خىيالىم ئۇ قىزلارنىڭ ئويلىغانلىرى بىلەن پەقەت ئوخشىمايدۇ. مەن بىر كىتابتىن ” مۇھەببەت دېگەن ئەسلىدە ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىرىنى ئۇچرىتىش“ دېگەن گەپنى كۆرۈپ قالدىم. بۇنداق بولغاندا، مەن ئاۋۋال ئۆزەمنى تونۇشۇم كېرەك ئىكەن؛  بۇنىڭغا  كىم ياردەم بېرەلەيدۇ؟


جاۋاب: سىز زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ  ياخشى ئوقۇپ ناھايىتى توغرا قىلىپسىز، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرسىگە كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قالسا ئۇ چاغدا مۇھەببەتلىشىشمۇ تەبىئىي ئىش بولۇپ قالىدۇ.  بۇنىڭدىن ئارتۇق غەم قىلىپ كەتمەڭ.  قاراپ بېقىڭ، خەقلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى-بۇنى دەپ ئاخىرىدا توي قىلىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇۋاتمامدۇ؟  مۇھەببەتنى بەك نازۇك چۈشىنىۋالماڭ. ”مۇھەببەت دېگەن ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىرىنى تېپىش“ دەپ كىم دەيدۇ؟  مەن  كۆپ قېتىم مۇھەببەتلەشتىم، بىرەر قېتىممۇ ئۆزەمگە ئوخشاش ئىنساننى ئۇچرىتالمىدىمغۇ؟   ئۆزىنى تونۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما بۇنىڭ مۇھەببەت بىلەن ئالاقىسى يوق.  بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتسىڭىزمۇ يەنىلا ئۆزىڭىزنى تونۇشقا مۇھتاج بولىسىز. مېيزىيا 80 ياشقا كىرگەندە 60 ياشلىق بىر قېرى قىزنى ئالدى، دېمەك ئۇ ئۆزىنى تونۇپ بولغان.


10. مەن جۇڭگولۇق، جۇڭگولۇقلار مۇھەببەت ۋە جىنسىيەت مەسىلىسىگە نىسبەتەن بىر ئاز مۇتەئەسسىپ. غەرب دۆلەتلىرىگە بارغاندا شۇلارنىڭ جىنسىيەت قارىشى بويىچە ئۆمۈرلۈك ئىشىمنى بىر تەرەپ قىلسام بولارمۇ؟ توي قىلماي بىرگە تۇرۇش ئۇلاردا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، مەنمۇ شۇلارغا ئەگەشسەم بولارمۇ؟


جاۋاب:  ”جۇڭگولۇقلار مۇھەببەت ۋە جىنسىيەت مەسىلىسىگە نىسبەتەن بىر ئاز مۇتەئەسسىپ“ دەپ كىم دەيدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى خائىنلارنىڭ بوھتانى. جۇڭگولۇقلار  جىنسىيەتتە ئەزەلدىن ئاكتىپ ھەم ئىلغار. «بەش نامە»(نەزمىنامە)، «چۇ ناخشىلىرى»، تاڭ دەۋرى، سۇڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىكى ئىشق-مۇھەببەتكە قاراپ بېقىڭ، شۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا يېزىلغانكى،  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا غەربلىكلەر پادا بېقىپتىكەنمۇ؟  غەربلىكلەر ئۇ چاغدا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى. غەربنىڭ ھازىرقى سېرىق كىنولىرىدىكى ئىشلار  ئەمەلىيەتتە  تاڭ، سۇڭ دەۋرىدىكى شەھەرلىكلەر ئويناپ ئېشىپ قالغان نەرسىلەر. جۇڭگولۇقلار مۇتەئەسسىپ؟ ئۇنداقتا 1 مىليارت نەچچە يۈز مىليون ئادەم نەدىن كەلدى؟  ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە مەن تېخى كىچىك ئىدىم، باغچىلارنىڭ ھەممە يېرىدە شەھۋەتپەرەس گۇيلار  تاشلىۋەتكەن گاندونلار ئۇچرايتتى، كىشىلەر سېرىق يومۇرلارنى ئاشكارە دەۋېرەتتى.  بۇ دەۋردە جۇڭگو نوپۇسى 400 مىليوندىن بىراقلا 800 مىليونغا چىقتى.  كېيىن بەزى بىلىمسىز تەتقىقاتچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ”ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ نورمال ھەۋىسى چەكلەنگەن“ دېيىشتى، مۇشۇنداقلارنىڭ تازا دەككىسىنى بەرگىم كېلىدۇ.  جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى دەۋرلەردە  نورمال، ئىنتىلىشچان ئۆتكەن؛  بەزى دەۋردە چۈشكۈنلىشىپ، شەھۋەتپەرەس بولۇپ كەتكەن؛ مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى شۇنداق بولغان، ھازىرمۇ شۇنداق. ھازىر دۇنيادا جىنسىيەت ۋەزىيىتىدە جۇڭگودەك بۇنداق مالىماتاڭ، نومۇسسىز دۆلەت يوق. ئەگەر  غەرب ئەللىرىگە بېرىپ قالسىڭىز بىلىسىز، ئۇلار جىنسىيەت مەسىلىسىگە تولىمۇ ئەستايىدىل قارايدۇ، توي قىلماستىن بىر ئۆيدە تۇرسىمۇ بىر-بىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. نەدىمۇ جۇڭگودىكىدەك بۇنداق ھەددىدىن زىيادە ئاشنا،  ئىككىنچى خوتۇن،  خېنىملارغا ھەمراھ ھەزلەك ئەرلەر  بولسۇن؟  ئەگەر جۇڭگودىكى ساتراچخانىلاردا چاچ ياساتماقچى بولسىڭىز قايسى ساتراچخانىنىڭ ھەقىقىي شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز. شۇڭا ئەگەر چىن مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان ياشلاردىن بولسىڭىز  توي قىلماي بىر ئۆيدە تۇرۇش ياكى توي قىلىپ تۇرۇش دېگەندەك  مەسىلىلەرگە بەك ئېسىلىۋالماڭ. لايىقىڭىزنى چىن دىلىڭىزدىن ياخشى كۆرەمسىز؟ بىر-بىرىڭلارغا مەسئۇل بولالامسىلەر؟ جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلاردەك ئۇزاق مەزگىل بىللە تۇرۇپ، بىر-بىرىڭلارنى نازارەت قىلىپ، ئىسسق-سوغۇقنى تەڭ كۆرۈپ ياشىيالامسىلەر؟… دېگەن مەسىلىلەرنى بەكرەك ئويلاڭ.


(بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى


كۇڭ چىڭدۇڭنىڭ بلوگىدىن  تەرجىمە قىلىندى)            

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى