ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قاتتىق خۇيلۇق ئاياللار نېمىگە ئېرىشىدۇ؟

قاتتىق خۇيلۇق ئاياللار نېمىگە ئېرىشىدۇ؟

ۋاقتى: 2013-03-25 ئاۋاتلىقى: 700 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقلىق يارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاياللار ئەركىنلىكىنى جار سالىدىغانلارغا ياقمايدىغان بىر ئىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يوشۇرغانلىقلىرىنى ئىنساپلىق بەزى غەرب ئالىملىرى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.
مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تېلىۋىزىيە قانالىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. باشقىلارغا خېلىلا تونۇلغان ئاممىۋىي مۇناسىۋەتكە دائىر باياناتچى ئۇستازلاردىن بىرى چىقىپ، ئەر- بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە پەرقنىڭ يوقلىقىنى سۆزلىسە، پەرقنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.
بۇ كىتاپ شۇنچىلىك مۈجمەل مەنتىقىدە يېزىلغانكى، ھەرقانداق مۇرەككەپ مەزمۇندىكى كىتاپلارنى ئوقۇغان ئادەممۇ بۇ كىتاپنى ئوقۇشقا تاقەت قىلالمايدۇ.
ئەسلىدە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتۇرسىدىكى پەرقلەر ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، بۇنى ئۇنچىلىك كۆپ كىتاپ سۆزى بىلەن ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ بىر ئەھمىيتى يوق. قىز بالىلار بىلەن ئوغۇل بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشىغا قارىساقلا ئۇلاردىكى پەرقنى ئاددى بىر ساۋاتسىز ئىنسانمۇ پەرق ئېتەلەيدۇ. گەرچە چوڭايغانسېرى جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىغا بىۋاستە دۇچار بولغۇچىلاردا بۇ پەرقلەر ئازايغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ پەرق ئىنسان تەبىئىتىدە ئېنىق مەۋجۇدتتۇر.
ئاياللار ھەقىقەتەن ئېزىلىۋاتامدۇ؟ شۇنداق ئېزىلىۋاتىدۇ، ھەم ئېزىۋاتىدۇ. ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئاياللار ھەم ئەزگەن ھەم ئېزىلگەن بىر مەۋقەدە. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بىز ئالدى بىلەن شۇ ئايرىمچىلىقنى بىر يېشەيلى. ھەقىقەتەن زۇلۇم ئاستىدا قالغان، ھاراق ئېچىدىغان، روھى تەڭپۇڭلىقى نورمال بولمىغان بىر ئەردىن ياكى ئائىلىدىن زۇلۇم كۆرگەنلەر بۇ دېمەكچى بولغانلارنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. بۇ ھەقتە توختىلىشنىڭ لازىمىمۇ يوق. بۇلارغا ئىگە چىقالايدىغانلار (شۇنداقلا ھەمىمىز بۇ ئاياللارغا ئىگە چىقىشىمىز لازىمدۇر) بىزنىڭ دېمەكچى بولغان ئېزىلىۋاتقان ئاياللار زامانىۋىلاشقان، شەھەرلىك ئاياللارنىڭ ئېزىلىشىگە قارىتىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئېزىلىشىگە سەۋەپ بولغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئەرلەر ئەمەس بەلكى، ئاياللار ھۆرلىكىنى تەرغىپ قىلغۇچى فېمىنىستلاردۇر. چۈنكى ئۇلار باراۋەرلىك داۋاسى بىلەن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى بىر رىقابەت ئىچىگە تىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ تەبىئىيتىگە زىت بولغان بۇ كۆرەش ئىچىدە ئاياللار ھەدىدىن ئارتۇق ھېرىش ۋە ئېزىلىشكە مەجبۇر قالدۇرۇلدى.
ئاللاھ تائالا ئەر بىلەن ئايالنىڭ تەبىئىتىنى بىر- بىرىگە زىت ياراتقان بولۇپ، ئەرلەرنى قاتتىق خۇيلۇق، ئاياللارنى بولسا مۇلايىم قىلىپ ياراتقاندۇر. جىسمانى جەھەتتىن ۋە ھىسىيات جەھەتتىنمۇ ئايال كىشىنى نازۇك قىلىپ ياراتقان. ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە، چاچلىرىمۇ ئىنچىكە، سۆڭەكلىرى نازۇك، مۇسكۇللار بولسا ئەرلەرنىڭ مۇسكۇلىرىنىڭ سانىنىڭ يېرىمىچىلىك. تېرىسى يۇمشاق ۋە سەزگۈر، ئاياللار مېڭىسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ھېس تۇيغۇغلۇق بۆلۈمىنى سول تەرەپتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار يەنى يارىتىلىش جەھەتتىن شەپقەت تۇيغۇسى بىلەن بوي سۇنۇش تەبىئىتىگە ئىگىدۇر.
ئەرلەر بولسا قوپال، كۈچتۈڭگۈر يارىتىلغاندۇر. ئەرلەرنىڭ سۆڭەكلىرى، مۇسكۇللىرى، ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرىمۇ قاتتىقتۇر. بىراق بۇ يەردىكى قاتتىقلىقتىن قوپالىق مەنىسى چىقمايدۇ. قوپالىق بولسا تەربىيە ۋە ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ كەمچىلىكىدىن كۆرۈلىدۇ. ئەرلەر مېڭىسىنىڭ مەنتىق ۋە ھەقىقەتچى تەرىپى بولغان سول تەرىپىنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
ئەر – ئايال مۇناسىۋىتىمۇ دەل بۇ بىر- بىرىگە زىت بولغان تەرەپلەرنىڭ بىر- بىرىنى تارتىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ قاتتىق بولۇشى، ئەر كىشىنىڭ يۇمشاق بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرى: «ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللار ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت ئوقۇلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئەرلەردەك قاتتىق مىجەزلىك ئەر مىجەز ئاياللارنى، ئاياللارمۇ ئاياللارغا ئوخشاپ قالغان يۇمشاق ئەرلەرنى ياقتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.
ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتۇرسىدىكى بارلىق ئاۋارچىلىقلار ئاياللارنىڭ قاتتىقلىشىشى بىلەن باشلاندى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا فېمىنىزىم(ئاياللار ھوقۇقىنى، يەنى ئەر-ئايالنىڭ تەڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار)نىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە زوردۇر. بىراق بىزنىڭ خەلقىمىزدە بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى ماسلاشقاندەك قىلىدۇ. قىزلىرىمىزنىڭ خۇددى ئەسكەرلەردەك تەربىيلەيمىز. قىزلارنى تەربىيلىگەندە ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى بىر ئائىلىنىڭ خانىمى بولغىدەك شەكىلدە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. كىچىك قىزلار ياسىنىشقا ھەۋەس قىلىپ، زىبۇ – زىننەت بىلەن ياسانسا ئاتا- ئانىسى: سەن تېخى كىچىك، دەپ ئۇلارنىڭ بۇ تۇيغۇسىنى بۇغۇپ قويىدۇ. مەكتەپلەردە بولسا ئوغۇللار بىلەن تەڭ باراۋەر رىقابەت ئىچىدە ئوقۇيدۇ. بۇ خىل مۇھىتتا قىزلار ئۆزىدە ئەسلى بولغان قىزلىق تەبىئىتىنى بىلەلمەستىن چوڭ بولىدۇ.
ئېرى بىلەن ئاجرىشىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىر ئايالغا، ئېرى بىلەن دە- تالاش قىلىشماسلىقى، ئېرىگە بىرئاز نازاكەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، نازلىنىشنى تەۋسىيە قىلسىڭىز: مەن ئۇنداق نازلىنىدىغان ئايال ئەمەس، «پىلغا نازلان دەپتىكەن، ئۈچ دۇكاننى ئۆرىۋېتىپتۇ» دېگەن گەپ بار، دەپ قوپال جاۋاپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئايال كىشى پىل ئەمەس، نازلاندىم دەپ دۇكان ئۆرۈيدىغان. ئايال كىشىدە ئەسلىدە ئاياللارغا خاس يارىتىلغان پۈتۈن ئارتۇقچىلىقلار بار. بىراق ئۇنى يوق ئورنىغا چىقىرىۋەتكەچكە يوقتەك كۆرۈنىدۇ. قويۇپ بېرىش كېرەككى ئاياللارنىڭ ئاياللىق نازاكىتى ئوتتۇرىغا چىقسۇن. بولمىسا ئۆزىنى پىل دېسە خۇددى پىلدەك ھەر يەرنى ۋەيران، ئۆيلەرنى پەرىشان قىلىپ ئېرىنى قاچۇرۇپ قويغاندا ئارقىدىن يىغلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
شۇنداق ئېزىلىۋاتقان ئاياللار بار. بىراق ئۇلار يۇمشاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئېزىلمەكتە. يۇمشاق بولۇش ئېزىلگەنلىك ئەمەستۇر. بەلكى، يۇمشاقلىق ئاياللارنىڭ ھەقىقى مۇھاپىزەتچىسىدۇر. يۇمشاقلىق ئاياللارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كۈچىدۇر. يۇمشاقلىقى، نازاكىتى، لاتاپىتى ئايال كىشىنىڭ كۈچىدۇر ۋە سۆيۈلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئەرلەر ئەسلىدىلا قاتتىق يارىتىلغاندۇر. ئايال كىشىمۇ قاتتىق بولسا بۇ ئىككىسى بىر – بىرىنى رەنجىتىدۇ. بۇلارنىڭ ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بىرسى يۇمشاق بولۇشى كېرەك. يۇمشاقلىق بولسا ئايال كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر. گۇمان قىلىنغىنىدەك ئەرلەر ھەرگىزمۇ يۇمشاق ئاياللارنى ئەزمەيدۇ. چۈنكى، ئەرلەر تەبىئىتى قاتتىق بولغىنى بىلەن مەرھەمەتلىك ۋە ھېمايە قىلغۇچى تەبىئەت بىلەن يارىتىلغاندۇر. ئەكسىچە ئەرلەر قاتتىق ئاياللارنى ئېزىدۇ. چۈنكى قاتتىق ئاياللار بىلەن ئەرلەر رىقابەت چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىدۇ، بۇ رىقابەتتە ئەرلەر ئۇتۇش ئۈچۈن بىلەن ئاياللارنى ئېزىدۇ.
ئەرلەر ئاياللاردىن يۇمشاقلىق، روھلاندۇرغۇچى، نازاكەت ۋە بالىلارغا خاس مەسۇملۇق تەلەپ قىلىدۇ. يەنى ئۆزىدە بولمىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. قاتتىق، تەرسا، ئۆزەمنىڭ راست دەيدىغان، بىلەرمەن ئاياللار ئەرلەرنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ ھەم بۇنداق ئاياللارغا ئەرلەر ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئايالنىڭ ئەرلەردەك قاتتىق بولۇپ تۇرۇپ، ئاياللارغا لايىق مۇئامىلە تەلەپ قىلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇر. بىر ئايالنىڭ تەربىيە كۆرگەن ، ئوقۇغان بىرى بولۇشى، ئەقىللىق بولۇشى، ئۇنىڭ ئاياللىق خۇسىسىيىتىگە ئىگە ئايال بولۇشىغا توسالغۇ بولمايدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بىر نەرسىنى توغرا چۈشۈنەلىشتە. ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرمەستىن ياشىماسلىقى لازىم، ئۆزىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىسۇن. ئايال كىشى سىرتتا ئەستايىدىل بىر خانىم، ئائىلىدە بولسا نازاكەتلىك بىر ئايال بولالايدۇ. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ يارىتىلىشى بۇنىڭغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئۆزىنى ئەرلەردەك ھېس قىلىشقا يېقىن كەلمىسۇن.
ئەلۋەتتە پۇرسەت تاپسىلا ئېرىنى ئەزمەكچى بولغان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس، ئېزىلىشكە رازى بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەرلەر قەيەرلەردە خاتالىشىۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ ئايرىم توختىلىدىغان بىر نوقتا.
ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئايال بولۇش ھەققىدە سۆز ئېچىش كېرەك. ئاياللار قانچىلىك دەرىجىدە ئايال بولالىدى؟ ئالدى بىلەن بۇنىڭغا قاراش لازىم. بولمىسا ئاياللارنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ سەۋەبى ئەرلەرنى كۆرسىتىپ، «ئاياللار ئېزىلمەكتە»، دەپ ھېكايە ئوقۇش ئاسان. ئاياللار ئېزىلىۋاتقان بولسا نېمە ئۈچۈن ئېزىلىۋاتىدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەرلەرگە باغلاش، ئالدى بىلەن ئاياللارنى چارىسىز قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ھېچكىمنىڭ قارشىسىدىكى كىشىگە كۈچى يەتمەيدۇ. ئايال كىشى بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم، ئەسلى تەبىئىتىگە قايتىشى لازىم. باشقا ھەقلىرى شۇ چاغدا ئۆزلىگىدىن ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ. قوپال ئاياللار قانداق بىر ھەقنى قولغا كەلتۈرسە كەلتۈرسۇن، ھەقىقىي بەختلىك بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يوقۇتۇپ قويغانلىرى ئېرىشكەنلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
ئايال كىشى قاتتىقلىقى بىلەن ئاياللىقىنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە، ھايات دوستى، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى، ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىمۇ يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرىشكەنلىرى يوقۇتۇپ قويغان ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ھېچ تولدۇرالمايدۇ. مەيلى پۇل، مەيلى، كەسپى، مەيلى گۈزەللىكى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق ئىشقا يارىمايدۇ. قاتتىق ئاياللار ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان بەختنى، يالغان بەختلەر، دورا – دەرمەكلەر بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئى ئاياللارغا 3-4 تال ھەق بېرىپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەختىنى تارتىۋالغانلار! قولۇڭلاردىن كەلسە ئاياللارغا بىرئاز ئائىلىۋىي ھۇزۇر ۋە بەخت تارقاتمامسىلەر قېنى؟


- مۇنەۋۋەر نىياز -
(تۈركىيەلىك ئائىلە مەسلىھەتچىسى، پىسخولۇگ، يازغۇچى سەما ماراشلى خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى)

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى