ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

جامائەت كۆپ، ئۆزەم تەنھا

جامائەت كۆپ، ئۆزەم تەنھا

ۋاقتى: 2012-08-19 ئاۋاتلىقى: 433 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن بېيجىڭغا يېنىپ كېلىپ، يۇرتۇمدا ھېيت نامىزى ئوقۇش، ھېيت پەتىسىگە بېرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم، يۇرت جامائەت بىر كۈنى سەھەردە سەپىرىمگە دۇئا قىلىشىپ قالدى، شۇ مەسچىت، شۇ تۇپراقنىڭ توپىسىنى يۈزلىرىمگە سۈرتكىدەك بولدۇم. نېمىسىنى دەي، نۇرغۇن چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلارنى بەزىدە زادى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىكەن. ھېيت نامىزىنى نيۇجې مەسچىتىدە ئوقۇدۇم، ئىسمى ناماز، ئەمما تۇيغۇ باشقا، سۈپەت باشقا. نامازدىن كېيىن ئىمام يىللاردىن بېرى ئوقۇپ كېلىۋاتقان، زادى يېڭىلانمايدىغان خۇتبىسىنى باشلىدى. نامازخانلارنى زىيارەت قىلىۋاتقان خۇيزۇلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس، بۇلارنىڭ ئىچىدە تاماشا كۆرۈۋاتقان خەنزۇلارمۇ باردەك، نامازسىز خۇيزۇلارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان خۇيزۇلارغا قىزىقسىنىپ قاراپ كېتىشلىرى مەسچىت سىرتىدىكى دۇنيانىڭ باشقا جىلۋىسىنى كۆرسەتتى، ئوچۇق كىيىنگەن ئاياللار، سېرىق چاچ قىزلار يېنىمىزدىن جىنلاردەك ئۆتتى، ئۇلار نامازغا تۇرغانلارغا قاراپ، بۇلار بۇتقا ئەمەس، قانداقتۇر بىر ئىلاھقا سەجدە قىلىدىكەن دەپ ئويلىغاندۇ. ئىسلامىيەتتىن قىلچە خەۋىرى يوق، ئىماننىڭ سىرتىدا ياشايدىغانلارنىڭ شەھىرىدە بۇلار ۋەكىل سۈپىتىدە بىر-بىرلەپ كىرىپ بىزلەرنى تاماشا قىلىپ چىقىپ كېتىشتى، دىنسىزلارنىڭ دىنى نېمە؟ بۇ دۇنيا، مەئىشەت، نەق ھۇزۇر، ئاچكۆزلۈك، ھەتتا جىنايەت. دىنسىزلار ئويۇن-تاماشىغا ئەشەددىي ئامراقكى، ھەتتا ناماز ئوقۇيدىغانلارنى تاماشا قىلىشنىمۇ قولدىن بېرىشمەيدۇ.

خىيالىم كەتتى بىر ياققا، دىنسىزلىق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاپەتلىرى ئۈستىدە ئويلاندىم، ياغلىق چەكلەش، بۇرۇت چەكلەش، ناماز ئوقۇشنى چەكلەش بۇ شەھەردە يوق، ئەمما دىنسىزلىق ئېغىر. دىنسىزلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەت بۇ، شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، چەت ئەللىكلەر بۇ دۆلەتنى قانغۇدەك ئوينايدىغان يەر، ئادەملىرىنىڭ قەدر-قىممىتى يوق، قىزلىرى ئەرزان دەپ ئويلايدۇ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان قىزلارنى تاللا بازىرىدىن پايپاق ئالغاندەك ئېلىپ كېتىۋېرىدۇ، ئۇ نېمىلەرمۇ چەت ئەللىكنى كۆرسە ئەركىلەيدۇ. مۇشۇنداق پەسلىك بىلەن ئۆز كۇرسىنى چۈشۈرىدۇ. ئۆتكەندە بىرسى مېترو بېكىتىنىڭ يېنىدىلا بىر قىزنىڭ كۇسىرىنى تارتىۋاتقان ئەنگىلىيىلىكنى تېلېفونغا ئېلىۋاپتۇ، سۈرەتتە قورقۇپ كەتكەن قىز ۋاقىراپ يىغلايدۇ، ئاق ياقىلىقلار ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ، ياقا يۇرتلۇق، قارا ياقىلىق بىرسى قىزنىڭ ۋاقىراشلىرىغا چىدىماي ئۇ گۇينى توسۇۋالىدۇ، ئاندىن بىر نەچچىسى چىقىپ بىرلىشىپ ئۇ گۇي بىلەن چامباشچىلىق ئويناپ، ئاران دېگەندە ئۇنى يىقىتىپ، قورسىقىغا دەسسەپ، ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

8 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جو كېخۇا ئەشەددىي دىنسىز، قورالغا چوقۇنىدۇ، بىر چوشقىنىڭ قېنىدەك ئاققان قېنى يەرنىمۇ بۇلغىدى. ئۇنى رامبۇغا ئوخشاتقان چەت ئەللىك گۇيلار ساراڭ بوپتۇ، ھۆكۈمەتكە ئۆچ مەخلۇقلار ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىكەن تېخى، بۈگۈن خەۋەردە بىر مەست كوچىدا يالىڭاچ يېتىۋېلىپ ساقچىغا دەۋاتىدۇ: جو كېخۇا، بىز چېگرىدا كۆرۈشەيلى. دىنسىزلىق ئىچىدە بۇزۇقچىلىق، قۇۋ-غەلىتە ئىشلار ئەۋج ئالىدۇ، چىرىكلىككە نەپرەتلىنىدىغان ئەمەلداردىن نەچچىسى بار؟ دىنسىزلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ يەتكەن كومپارتىيىنىڭ بېشى قېتىپ كەتتى، كۇڭزىنى تىكلەپ چىقاي دېسە، يەنە بىر نەرسە كەملىك قىلىدۇ.

خۇتبە داۋاملاشماقتا:

ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيلەيمەن، ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە تەسبىھ، تەنزىھ ئېيتىمەن. ئاللاھ جانلىق نەرسىنى جانسىز نەرسىدىن، جانسىز نەرسىنى جانلىق نەرسىدىن يارىتىشقا قادىر. قاقاس چۆللۈك يامغۇردىن كېيىن ياشىرىدۇ، ئادەممۇ شۇنداق قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، سوئال-سوراققا تارتىلىدۇ.

ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى پەيغەمبەرگە سالام يوللايدۇ، ئى مۇئمىنلەر، سىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار.

ئى مۇئمىنلەر، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇڭلار، غېرىپ-مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇلارنىمۇ ھېيت خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىڭلار...

خۇتبىدىن كېيىن قىسقا دۇئا قىلدۇق، ئاندىن ئىمام تەنتەنە بىلەن: ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! دەپ جاكارلىدى.

نامازدىن كېيىن ھېچ يەردە پەتىلەش بولمىدى، دوستلار بىلەن ئۇچۇرلاشتىم، تەنھالىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىپ، ئىزدىنىش سورۇنىغا جايلاشتىم، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ئەھلى جامائەت!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى