ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تىرىكلىك نىشانى (4)

تىرىكلىك نىشانى (4)

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 946 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

31

ئىشتىياق باغلىدىم خەۋەرلەرگە، ھەقىقىي ۋەقەنى بىلگۈچى ئاللاھ، نىجاتكارىمىز ئاللاھ، بەختكە بىر ۋەسىلىنى بەرگۈچىمۇ ئاللاھ، پەرۋەردىگارىمىز بۇ دەۋرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان ھەقىقەتنى بىلىشكە شۇنچىۋالا ھېرىسمەن، ئەمما غەيبىي مەسىلىلەرگە كاللىسى يەتمىگەچكە، ھېس- تۇيغۇسى رېئاللىقتىن، ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەي، نەق نەرسىلەرگە باغلىنىپ، چەكلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ؛ ئەسلى تەبىئەت، ئاجىزلىق، بىچارىلىك مانا مەشەدە؛ ئۆزىنى ماددىنىڭ قۇللۇقىدىن، باتىللىقتىن ئازاد قىلالىغان تەۋەككۈلچىلەرگە ئاپىرىن، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى. ئىشنىڭ بېشى ئىسلام، تۈۋرۈكى ناماز، چوققىسى جىھاد دېگەن مەشھۇر ھەدىس تا قىيامەتكىچە پارلاق ھەقىقەت بولۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. باشقا ھاياجان ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلەر جاھان رەپتارىغا تولۇپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنى تېز قىززىتىپ، تېز سوۋىتىپ قويىدۇ. جاھاندىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولىدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ پەزلى كەرەمىدىن، ئەپۇ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدۇ.

بۈيۈك ھەقىقەتنى بىلىش باشقا، ئىرادە باشقا، ئەمەل قىلىش باشقا. ئاللاھ قەلبلەردىكى ئاشكارا، يوشۇرۇن سىرلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە بۇراپ تۇرىدۇ. قەلبلەرنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى بۈيۈك زاتنىڭ پەزلى كەرەمىدىن ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈشتىن باشقا تەسەللىيىمىز، خاتىرجەملىكىمىز يوق. بارلىق كەيپىيات ۋە ئىستەكلىرىمىز بىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇجەسسەم بولغاي دەيمىز. ئاللا رەھمىتىدىن باشقا سىغىناق، خاتىرجەم ماكان ئەسلا يوق. ئۆلۈم ئالدىدا شۇنداق بىر نۇقتىغا يىغىلىدۇكى بۇ جان، پەقەت ياراتقۇچىسىنىلا ئويلايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ يىغلايدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىغا بارماسلىققا ھېچ بىر سەۋەب قالمايدۇ، تارتىشىدىغان بۇ دۇنياسى ۋە بېرىشتىن ۋەھىمە قىلىدىغان ئۇ دۇنياسىنى ياراتقان شۇ ئاللاھقا يۈزلەنمەي قالمايدۇ؛ ئاللاھ ئەۋۋەل ھەم ئاخىر، زاھىر ھەم باتىن؛ ئەقىل ئۆزى يېتەلمىگەن سىرلىق مەنزىلدىن، يۆچۈن قارارگاھتىن ئەندىكىپ تىپىرلايدۇ، خىلمۇ خىل پەرەزلەردىن ئەقلى تېخىمۇ تۇتۇقلىشىدۇ؛ ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىپ، ئەقىل كۆزۈڭنى ئاچ، ئۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى ئېنىق كۆر دېمىگەنمىدى؟ جەننەت بىلەن دوزاختنى سۈرەتتەك تەسۋىرلەپ بەرمىگەنمىدى؟ ئۇنىڭ ئىلاھىي ھېكمەتلىرىنى ئىنسان ئەقلىگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈپ بەرمىگەنمىدى؟ قۇرئاندا دېيىلگەندەك، بۇ كىتابتىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ، ئىبرەت ئالىدۇ، بىلىم ئالىدۇ... ئىلىم بېرىلگەنلەرنى ئاللاھ تېخىمۇ ئەزىز قىلىدۇ، ئەمەل قىلغانلارنى بولسا تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ بىزنى شۇنداق بەندىلەردىن قىلغاي-ئامىن.

32

قۇرئان ئوقۇدۇم ئىشتىياق بىلەن، ئەمما ئەمەل قىلماسلىقتىن قورقىمەن. ئەخلاقىم قۇرئان بولامدۇ؟ ياكى بۇ پەقەت پەيغەمبىرىمىزگە خاس خۇسۇسىيەت، مەن ئۇنداق بولالمايمەن دەپ يالتىيىپ، ئىشنىڭ ئوڭىيىغا قېچىپ قۇتۇلىمەنمۇ؟ قېچىپ نەگە بارىمەن؟

ھاياتتىكى جەريانلار بىر ئېقىندىكى داۋالغۇشلار بويىچە داۋاملىشىدۇ. گاھىدا تىنچ ئاقىمىز ئۆز قىنىمىزدا، گاھىدا ئۆركەشلەيمىز، چاچراپ كېتىمىز ئازغۇن تامچە بولۇپ...

ئادەملەردىكى ئىشەنچسىز مۇناسىۋەتتىن گاھىدا شۈركىنىپ كېتىمەن؛ ھەر قەلب ھەر ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇكى، ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ھېچنېمە ئەمەس(ئەرزىمەس) نېمىنى ئەزىز قىلغان ئاللاھ ئۇنى يەنە خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. نېمىلا قىلسا قىلىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشكە، نارازى بولۇشقا، ھەتتا ئىسيان كۆتۈرۈشكە ھەقلىق بولالمايدۇ؛ ھەق پەقەت ئاللاھ تەرەپتىن كېلىدۇكى، ھەقىقەت ئۇنىڭ تەجەللىيسى. ئۇ ئەزىز قىلغاننى ھېچكىم خار قىلالمايدۇ، ئۇ خار قىلغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ.

ئۆزىمىزگە ھەر ۋاقىت تەنبىھ بەردۇق، ئەمما ئىختىيارىمىزنى قولدىن بەرمىدۇق. ئېھتىيات يۈزىسىدىن چەكلەندۇق، بەلكىم ئىچ پۇشۇغى ياكى ئاللىقانداق ۋەسۋەسىلەردىن چۈشكۈنلەشتۇق، دىل ئارام تاپمىدى، ئۆزىمىزنى ئەيبلىدۇق، تەقۋالىققا توسقۇن بولۇۋاتقان نەرسىلەر شۇنچىلىك كۆپ. شەيتانلار ۋۇجۇدىمىزنى ئەخلەتتەك دەسسەپ، يەنچىپ، ھالاكەتكە سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئاران تۇرىدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئاگاھ ۋە دانا بولۇش، غەپلەت، ئىسيان ۋە تۇغياندا(ھەددىدىن ئېشىشتا) قالماسلىققا تىرىشىش كېرەك. دەۋەتچى تالىپلارغا مۇشەققەت كۆپ، ئاۋۋال ئىلىم، ئاندىن ئىرادە ۋە ئەمەل كېرەك.

گۇناھلار يېپىشىپلا تۇرىدۇ ھاۋايى ھەۋەسكە. تولا ئويلىدىم، تولا سۆزلىدىم. كۆڭۈلگە ياقىدىغان، ياقمايدىغان ئىشلار نورمال داۋاملىشىۋەردى. كۆنگەنچە تەپەككۇر قاشاڭ بولۇپ كېتىدىكەن، كۆنمىگەنچە ئازاب بۇ دۇنيا... شۇنچىلىك كىچىك بىر دۇنياغا قاپسىلىپ قالدىمكى، ئىچىمدىن بوغۇلۇپ، تالاغا چىقتىم.

ئەتىگەن بىر ئوبدان، تەقۋا بەندە ئىدىم، كەچتە ئۆزگەردىم. بەندىنىڭ ھالى شۇنچىلىكمۇ؟ كونا ئىللەت ۋە يامان ئادەتتىن قۇتۇلالماي كېتىدىغان گەپمۇ؟ كۆڭۈل ئىستەيدۇ، خالىغىىنىمنى قىلىمەن دەپ تىزگىنىمنى قويۇۋەتسەم، تورمۇزى يوق ماشىنىدەك خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالماسمەنمۇ؟ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغىنىم ياخشى، ياخشىلىقتا گۈزەللىك بار.

كۆڭۈل توقۇنۇشلىرى ھەيران قالارلىق، كەچمىشىم خىلمۇ خىل، ۋۇجۇدۇم ئۆزگىرىش ئىچىدە، گاھ خۇدۇك، گاھ ۋەھىمىلىك، گاھ خاتىرجەم، گاھ خۇشال يۈرۈۋاتىمەنكى، تايىنىم قالمىدى گويا... مەلۇم ۋاقىتتىكى ھالىتىم بىلەن ھازىرقى ھالىتىمنى سېلىشتۇرالمايمەن. تۇيۇقسىز بىر ئىشلار قەدىمىمنى توختىتىپ قويىدۇ ياكى تايدۇرىدۇ؛ مۇنكەرلىك قىسقىغىنىچە داۋاملاشسىمۇ زەھىرى يامان، شەيتان تېيىلدۇرۇپلا تۇرىدۇ بۇ پىتنە ئۈستىدە مېنى. نومۇس قىل دېدىم ئىچىمدە، ئىمانىم قېنى؟

33

ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا بىر مەزگىل ئۆلۈمنى تولا ئويلاپ ساغىرىپ يۈرگەنىدىم. ھازىرغىچە تەڭ دېمەتلىكلىرىمدىن بىر نەچچىسى ئۆلۈپ كەتتى، مەن تېخى تىرىك، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ خاتىرجەم بولدۇم. ئۆلۈمنى دەپئى قىلالمىغاندىكىن رەببىمدىن ياخشى ئۆلۈم، ياخشى ئاقىۋەت تىلىشىم كېرەك. يامغۇر يېغىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، بېشىمىزغا كېلىدىغان مۇسىبەتمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھەرىكەتچان دۇنيا بۇ، ئاللاھ توختىماي يارىتىپ، ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئىماننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا قاتنىشىش، ئىجرا قىلىش كېرەك. ئەڭ قىيىن زىكرى يەنىلا ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش. ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن (جان قايغۇسىدا قالغان) ئادەم ئاللاھتىن مەدەت، مەغپىرەت تىلىشى كېرەك. ئىشنىڭ ئاسىنىنى تاللايمىز، ھەر ئىش ئاللاھنىڭ خالىغىنى بويىچە بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا قىيىن ئەھۋالغا، ھەتتا ئۆلۈمگە يۈزلىنىمىز؛ بۇ چاغدا ھوشىمىزنى يوقىتىمىزمۇ يا ئاخىرقى نەپسىمىزدە كەلىمە شاھادەتنى جارى قىلىمىزمۇ؟ قارارگاھىمىز قەيەر بولىدۇ؟ بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە مەنسۇپ؛ قىسقىسى، ئۆلۈم ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قاتتىق سىناق ۋە بۈيۈك ۋەز-نەسىھەت. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر كۈنى، ھەر سائەت ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ ياشايمىز، ئاللاھتىن ياخشى ئاقىۋەت تىلەيمىز. جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق، ئۆتكۈنچى دۇنياغا ھەر قانچە تارتىشىپ كەتسەكمۇ، ھامان بارىدىغان جايىمىزغا بارىمىز، تۇيۇقسىزلا ھەممىنى تاشلاپ كېتىپ قالىمىز، ئۆي-ماكان، خوتۇن-بالا، مال-دۇنيا، ساختا شۆھرەت، ۋاھاكازا... ھەممىسى قالىدۇ. ئەمما ھازىرنىڭ ئۆزى ھاياتلىق غەپلىتى.

34

ياخشى ئىنسانلار بىلەن ئۇچراشتىم، قولىدىن شەربەت ئىچتىم؛ ياخشى كىتابلارغا ئېرىشتىم، شېئىر يازمىدىم، بىلىدىغان دەرتلەرنى تۆكۈپ بىچارىلەشتىم، ئۇيغۇرلۇق سۈپىتى بىلەن چۈشكۈنلەشتىم، ئەسلىدە مىللەتتىن ئۆتە ئىمان دەۋاسى مۇھىم، چۈنكى ئىنسان شۇ ھەق دىن بىلەن يارالغان، بۇ توغرا يولدۇر. ئەگەر ھەقىقىي مۇئمىن بولساڭلار ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر دەۋاتىدۇ ھەقىقىي سەلتەنەت ئىگىسى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالا. ئۆمۈرنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ، ھەقىقەتەن شۇنداق. مەلۇم پەيتتە ئۆلۈم راھەت، مەلۇم پەيتتە ئۆلۈم قاباھەتلىك. ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدا ئېلىشىۋاتقان مۇئمىن نىدا قىلىدۇ: ئارام تاپماس جېنىمنىڭ ئىگىسى ئى ئاللاھ، روھىمنى ئۆز دەرگاھىڭدىن كۈچلەندۈر، جېنىمنى ياخشىلىق ئۈستىدە ئال، مەندىن رازى بول. جەننىتىڭگە ئىزچىل قىزىقىپ كەلدىم، دوزاختىن (دائىم بولمىسىمۇ) گاھىدا قورقۇپ كەلدىم، مېنى جەننەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىرىگە بولسىمۇ ئۇلاشتۇر، مېنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلىغىن؛ رەھمىتى غەزىپىدىن ئۈستۈن كېلىدىغان ئى ئاللاھ، مېنى ئۆز رەھمىتىڭگە ئال، مېنى مۇسۇلمان پېتى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەت...

كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلغىنىمدا قۇرئان ئوقۇپ ئارام تاپتىم.

35

ئۆزگىرىش، ئۆزگىرىش، يەنە ئۆزگىرىش...

ھەرىكەتچان دۇنيا ۋە ھەرىكەتچان روھ. ئادەم تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە مۇشۇ ئۆزگىرىش ئىچىدە گويا مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىدۇ؛ ياق، بەزىلەر تېخى ئۇنداق ئېغىر ئازابلارغا ئۇچرىمىدى. بېشىمغا كېلىدىغان شۇملۇق، پالاكەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلدىم، ئاللاھنىڭ بەيتىدە دىلىم ئارام تاپتى. يولدا نۇرغۇن ئەر-ئايال مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چۈمۈلىدەك ماڭدىم. ئۆز غېمىدە قالغان بىچارە بايقۇشمەن، ئىمان بىلەن كۈچلىنىشنى تىلەيمەن. ھالىمىز قارىماققا ناچار بولسىمۇ، ئىمانىمىزنى يوقاتمىساق يەنە ئەزىزلىكىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ئاللاھ خالىسا ئەزىز ھالدا ئۇ دۇنياغا كېتىمىز.

يالغۇزلۇق بەزىدە يامان خىيالنىڭ بۆشۈكى. يالغۇزلۇقتىن زەھەرلەنمەسلىك ئۈچۈن ئاللاھ زىكرىدىن بوشىشىپ قالماسلىق كېرەك. ئىمان نۇرى قەلبىمىزنى تولۇق يورۇتمىغىچە روھىمدىكى(دۇنياۋى) قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈيمەن ۋە ھەمىشە ئۆتكۈنچى يامانلىقلاردىن، پالاكەت، مۇسىبەتلەردىن قورقىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئىمانىمنى زەئىپلەشتۈرۈپ ئۆزۈمنى ئازابلاپ قويىمەن؛ ئاللاھتىن نۇر ۋە نۇرۇمنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تىلەيمەن. ئىمان نۇرى ئىككى دۇنيالىق بەختىم ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. نۇر ئىچىدە ياشاش، ئۇ دۇنيادىمۇ يورۇقلۇققا، نىجاتلىققا ئېرىشىش ئەڭ چوڭ غايىمىز ۋە تىرىشىش نىشانىمىز. بۇندىن باشقىسى دۇنيالىق غەپلەت ۋە غەلەت.

36

ئۇيقۇنى ئارام ئېلىش ۋە مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەندەك بولدۇم. ۋاقىت بۇ بەدەننى ئېقىن سۇدەك يۇيۇپ تۇرىدۇ، كىرلىشىپ تۇرىمەن، قېرىپ تۇرىمەن، شاش دەۋرلىرىمنى سېغىنىمەن، كۆڭۈل ياش دەپ بۇ بىچارە كۆڭۈلنى بەزلەيمەن؛ كۆڭۈل ھەقىقەتەن شادلانغان ۋاقىتلارنى ئەسلەيمەن. يەنە ھەقەمساىيىلەر كۆپ سورۇندا كۆپ سۆزلەپ ئازدىم، دەردىمنى سۆزلەش غەيۋەتكە ئايلىنىپ قالدى؛ مۇشەققەتتە ئوقۇش بىلەن تاۋلىنىۋاتقان ياش بالىلار چەت ئەلدە خاتىرجەم ياشاۋاتقاندەك قىلغان بىلەن زادىلا ئەركىن، ئازادە ئەمەس، بىر قارا سايە ئۆز ئىستىقبالىنى توسۇپ تۇرغاندەك بىئارام بولىدۇ. ئىمكان دەۋاسى، ۋىجدان تەقەززاسى بىلەن مەۋجۇت توسقۇنلۇقلار ئارىسىدا قىسىلىدۇ، يۈرەك باغرى ئېزىلىدۇ. بۇ ئىزتىراپلار يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلدى، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا ياخشىلىققا، تەقۋالىققا توسقۇنلۇق كۆپ ئىدى. ئىلىم يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، يات ئەلدە رىيازەت چەككەنلەر ئىچىدە خوتۇن ئېلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن تۇرمۇشنىڭ كويىغا كىرىپ كەتكەنلەر كۆپ. ئۆز يولىنى ئەۋلادىنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، بارلىق مېھنىتىنى شۇلارغا سەرپ قىلىدىغانلار بار. ئۆزىدىن تېخى ئۈمىد ئۈزمىگەنلەر بار. بىر سەپرا بوۋاي «ۋاللاھى، بىر-بىرىڭلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلمايدۇ» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. كېچىدىكى خوتۇن پارىڭى مىللەت قايغۇسى بىلەن ھېچ بىر يەرگە كەلمىدى؛ خالادا ناخشا توۋلاپ، ئاندىن خۇپتەن ئوقۇپ يېتىپ قالدىم يېرىم كېچىدە. بېشىمىزنىڭ ساقلىقى بىلەن يۈرىكىمىزنىڭ داغلىغى، قەلبىمىزنىڭ ئاقلىقى بىلەن ئىمانىمىزنىڭ ساپلىقى بىر-بىرىگە تۇتاش.

37

تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈن ئالمىشىپ قالدى، چېسلا ئۆز تەرتىپىنى يوقاتتى، ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئېقىۋاتقان سۇ، بىر چۆمۈلىمەن، قايتا چۆمۈلگەندە ئۇ تۇيغۇنى تاپالمايمەن. گەپلىرىم ئىچىمگە سىغمايدۇ، ئېغىزىم ئۇپراپمۇ قالمىدى، سالماق تاش، ئېغىر باش بولالمىدىم. گۇمانخورلۇق، خەۋپسىرەش ئىچىدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن خەق باركى ئارىمىزدا، ۋەھىمە گويا ۋابادەك تارىلىدۇ ئۇلارغا. توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلارمۇ ئەتراپىغا خۇدۇكسىرەپ قاراپ قويىدۇ، چۈنكى ئەتراپىدا تاغۇتلار، ئىبلىس مەلئۇنلار، ئۆز ۋۇجۇدىدا ھەم توختىماي ھەرىكەتلىنىپ يۈرگەن شەيتانلار بار. بارلىق بىئاراملىق ۋە بالايى ئاپەتلەر شۇلاردىن كېلىدۇكى، بۇ ئاپئاشكارا دۈشمەننى كۆزىمىز كۆرەلمىگەن بىلەن قەلبىمىز كۆرۈشى كېرەك. قەلبىمىز كورلاشسا بىزنى غەپلەت، غەلەت، زىللەت، زۇلمەت باسىدۇ، يامان ئاقىۋەتكە قالىمىز. مانا بۈگۈن ھەر كۈنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نۇر تىلەيمىز: ئى رەببىمىز، قەلبىمىزنى نۇر، ھىدايەتكە تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋەتكىن، بۇ دۇنيالىق ئىشلىرىمىزنى، ئاخىرەتتىكى ھېسابىمىزنى ئاسان قىل دەپ تىلەيمىز.

نەپسم تۈپەيلىدىن ھەر كۈنى يېڭى بىر پىتنىگە دۇچار بولىدىغاندەك ھېس قىلىمەن، ئۇ جەزىبە، ئۇ ئىستەك ۋۇجۇدۇمنى شىرىن قىچىشقاقتەك بىئارام قىلىدۇ، قاشلىغانچە قانمايمەن، شەلۋەرەپ كېتىدۇ جاراھەتلىرىم، ئاندىن بۇ كونا كېسەلگە ئايلىنىپ قەقەش بولىدۇ؛ تاتلىساملا شىرىن ۋە ئازابلىق سەزگۈلىرىم قوزغىلىدۇ، ھوشۇمنى يوقىتىمەن. زەئىپ يارىتىلغان ئىنسان نەپسى ئىستەكلىرىنى چەكلەشتىن ئاجىز كەلسە قانداق قىلىدۇ؟ بۇ سىناقتىن قانداق ئۆتىدۇ؟ بۇ غايەت چوڭ مەسىلە، ئۇنىڭدا ھېكمەت بار، ئىبرەت بار، سىناق بار، بەلكى رەھمەت بار. بىز ئاللاھ بىلدۈرگەندىن باشقىنى زادىلا بىلمەيمىز.

38

ئارام تاپماس جان پەقەت تەۋەككۇلچىلىك، قورقماسلىق بىلەنلا ئارام تاپىدۇ؛ باشقىسى زەئىپ تىترەك، ئۆزىنى ئۆزى قىينايدىغان ئاجىزلىق. فىترەتتىكى كەمچىلىكنى تۈگەتكىلى بولماسمۇ؟ روھتىكى مەجروھلۇقنى ساقايتقىلى بولماسمۇ؟ قورقۇش نېمە، ۋەھىمە دېگەنچۇ؟ ھاياجان نېمە، غەزەپ دېگەنچۇ؟ بۇ خىلمۇ خىل روھىي ھالەتلەرنى ئاللاھ تەبىئىتىمىزگە پۈتۈۋەتكەن، مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم روھىي ھالەت ھۆكۈمران بولىدۇ. رەببىمدىن روھىي ئەمىنلككە ئېرىشىشنى شۇنچىلىك تىلەيمەنكى، ئىمان ۋە ئەمەل-ئىبادەتلىرىمنى شۇنىڭغا تەسەددۇق قىلىمەن.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى