ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەللامە يۈسۈف قەرداۋى ھېكمەتلىرى

ئەللامە يۈسۈف قەرداۋى ھېكمەتلىرى

ۋاقتى: 2013-04-01 ئاۋاتلىقى: 790 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. مەن بارلىق كىشىلەرگە قارىتا ياخشى نىيەتتە، مەن ھەر قانداق ئادەمگە ئۆچلۈك قىلمايمەن ۋە يامان نەزەردە قارىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قېرىندىشىم − ئېتىقاد، دۆلەت، ئادىمىيلىك مەنىسى بويىچە قېرىندىشىم. ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتى. مەن ئۈممىتىمگە قارشى چىققان ئادەمگىلا قارشى چىقىمەن، ئېتىقادىمغا قارشى تۇرغان ئادەم بىلەنلا كۈرەش قىلىمەن.
2. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت بىر خىل يېڭى مەدەنىيەتكە ئىھتىياجلىق: ئۇ ئىنسانىيەتكە دىننى بىرىدۇ، بىراق ئىلىم-پەندىن مەھرۇم قىلمايدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارغا ئېتىقاد ئاتا قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەقلىيلىكىنى تارتىۋالمايدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارغا روھ ئاتا قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ماددىيلىقىنى چەكلىمەيدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارنى ئاخىرەت ھاياتىغا قىزىقتۇرىدۇ، بىراق كۆز ئالدىدىكى ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشتىن چەكلىمەيدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارغا ھەقىقەتنى بېرىدۇ، بىراق قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن چەكلىمەيدۇ؛ ئۇ ئىنسانلارنى مۇقەددەسلىككە باغلايدۇ، بىراق پانىي دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋەتمەيدۇ. مانا بۇ دەل ئىسلامنىڭ بۇرچىدۇر.
3. بەزى كۆز قاراشلارنى چوقۇم ئېنىق ئايرىشىمىز، كەسكىن چەك-چىگرا بېكىتىشىمىز لازىم: ئىلىم-پەنگە ماقۇل دەيمىز، دىنسىزلىققا «ياق» دەيمىز؛ مەدەنىي سۆھبەتكە ماقۇل دەيمىز، ئەمما مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا «ياق» دەيمىز؛ ئىسلام دۆلىتىگە ماقۇل دەيمىز، دىن دۆلىتىگە «ياق» دەيمىز؛ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماقۇل دەيمىز، غەربلەشتۈرۈشكە «ياق» دەيمىز.
4. مەن ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە سۈيقەستىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن، ئەمما ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ سىرتقى زەربىگە ئۇچراشتىن بۇرۇن، ئىچكى جەھەتتە ئۆز ئارا ئىختىلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
5. مەن ئىمانىي پىرىنسىپىمنى، باشقىلارغا ھۆكۈم قىلىشتا قولايلىق بولۇش، دىنغا دەئۋەت قىلىشتا باشقىلارغا خۇشخەۋەر يەتكۈزۈش، چوڭ مەسىلىلەردە چىڭ تۇرۇش، شاخچە مەسىلىلەردە كەڭ قورساق بولۇش، نىشانى مۇقىم بولۇش، قوللانغان ئۇسۇلدا جانلىق بولۇش، دىن جەھەتتە ئەنئەنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، دۇنيالىق جەھەتتە ئاكتىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان بولۇشنىڭ ئۈستىگە تۇرغۇزىمەن.
6. بىز تەسەۋۋۇپلاشقان سەلەفىيەگە ۋە سەلەفىيلەشكەن تەسەۋۋۇپقا مۇھتاج. تەسەۋۋۇپ روھى بىلەن سەلەفىيەنىڭ چىڭلىقىنى يۇمشىتىپ، سەلەفىيە پىرىنسىپى بىلەن تەسەۋۋۇپنىڭ جانلىقلىقىنى توغرا ئىزغا سېلىشىمىز كىرەك.
7. بۇ ئىدىيىۋى كۈرەشلەر، يەنى دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، ئەرەب بىلەن ئىسلام ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش توختىتىلىشى كېرەك.
8. مېنىڭ نىشانىم ئىسلام، مىنىڭ ئۇسۇلۇم ئوتتۇراھال بولۇش، مىنىڭ قورالىم بىلىم، دەئۋەت ۋە مائارىپ. مەن بارلىق كىشىلەر بىلەن− ئوخشىمىغان دىندىكىلەر، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكلەر، ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قاراشتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
9. ئەگەر سىلەر ئەسلىگە قايتىپ مەنبەنى تىرىلدۈرۈش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قۇرئان ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى ئەسلىيەتچىلىك دەپ قارىساڭلار، ئۇنداقتا، ئى ئاللاھ! مىنى ئەسلىيەتچىلىك ئۈچۈن ياشايدىغان، ئەسلىيەتچىلىك ئۈچۈن ئۆلىدىغان قىلغىن ۋە مېنى ئەسلىيەتچىلەر قاتارىدا قايتا تىرىلدۈرگىن!
10. بىزنىڭ ئىسلامىيتىمىز ئىمان ( ئۇنىڭ روھى ئاللاھنى بىر ۋە بار دەپ تۇنۇش)، ئىبادەت (ئۇنىڭ روھى تەقۋالىق)، ئەخلاق (ئۇنىڭ روھى ياخشىلىق)، قائىدە-مۇراسىم(ئۇنىڭ روھى گۈزەللىك)، قانۇن(ئۇنىڭ روھى ئادىللىق)، رىشتە (ئۇنىڭ روھى قېرىنداشلىق مېھرى) قاتارلىقلارغا قۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەدەنىيەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭ روھى بولسا ھەممىنى تەڭ باراۋەر ئۆز ئىچىگە ئالالىغان بولىدۇ.
11. ئەگەر ماركىسزمنىڭ شۇئارى ”ئىقتىسادنى ئۆزگەرتكەندىلا، دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ“ بولسا؛ ئىسلامنىڭ شۇئارى” ئۆز-ئۆزىنى ئۆزگەرتكەندە ياكى قەلبنى ئۆزگەرتكەندىلا تارىخنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ“. «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ» (قۇرئان كەرىم 13-سۈرىنىڭ 11-ئايىتىنىڭ بىر قىسمى)، بۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەق سۆزىدۇر!
12. بىز تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىسلام ھەقىقەتەن ھەر قانداق دۆلەت، شەخس، مەزھەپ ياكى دەۋرنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ. بىزنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقىنىمىز بولسا قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئىسلامدۇر. ئۇ رېئاللىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەۋر بىلەن ئىنسانىيەتكە يېقىن، ئۇ زامانىۋى تىل بىلەن بايان قىلىنغان، ئۇ سالاھىيتى بار ئالىملارغا يېڭىلاش ۋە يارىتىش ئىشىكىنى ئاچقان؛ ئۇ تارىختىن ئىلھام ئالغان، ھازىرقىنى تاقىۋىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغان. ئۇ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنى بىرلەشتۈرگەن، نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇسۇلىنى يېڭىلىغان. ئومومى گەۋدە جەھەتتە مۇقىم، دائىرىلىك جەھەتتە جانلىق، پرىنسىپتا چىڭ، ئىنچىكە ھالقىلاردا ئەپۇچان؛ ئۇ دائىرىلىك ھالدىكى ئېنىق خاتىرىنى پۈتكۈل پىرىنسىپ بىلەن زىچ باغلايدۇ، بارلىق ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە پايدىلىق بولغان بارلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قارشى ئالىدۇ؛ ئۇ توغرا بولغان ئەھكام ۋە ئېنىق بولغان ئەقلىيلىكنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ تولۇقلايدۇ، ئەقىل-پاراسەتنى قوغلىشىدۇ، ئىلىمنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن، قەيەردىن كېلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنى ئالىدۇ؛ ئۇ كونا قاراشلارغا پېتىپ قالمايدۇ، يېڭى قاراشلارغىمۇ چوقۇنمايدۇ.
13. يولنىڭ يۆنىلىشى ۋە يول بەلگىسى ئاللىقاچان ئېنىق بولدى!
ئېتىقاد ئورتاق گەۋدىمىز چوقۇم مۇشۇ ئېتىقاد يولىدا مېڭىشى كېرەك، بىزنىڭ باشقا تاللىشىمىز يوق.
ئۇ بولسىمۇ ئېتىقاد يولىدۇر، پەقەت شۇ بولغاندىلا، ئاندىن بىز بارلىق نىشان ۋە غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
ئەگەر بىز شەخسىي بەختكە ئېرىشمەكچى بولساق، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، خاتىرجەملىك بولمىسا بەخىتمۇ بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ساپ تۇرمۇشنى قوغلىشىدىغان بولساق، شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، توغرىلىق بولماي تۇرۇپ ساپلىق بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا توغرىلىقمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاق بولۇشىنى ئۈمد قىلىدىغان بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، قېرىنداشلىق مېھرى مۇھەببىتى بولمىسا ئىتتىپاقلىق بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا قېرىنداشلىق مېھرى مۇھەببىتىمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز كۈچلۈك دۈشمەننى يەڭمەكچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، قەھرىمانلار بولمىسا غەلبە بولمايدۇ، قۇربان بېرىش بولمىسا قەھرىمانلار ۋۇجۇتقا كەلمەيدۇ، ئېتىقاد بولمىسا قۇربان بېرىشمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ئىقتىسادنى گۈللەندۈرمەكچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، يېڭىلىق ياراتماي تۇرۇپ گۈللىنىش بولمايدۇ، ئەخلاق بولمىسا يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا ئەخلاقمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز پەن-تېخنىكىدا ئالغا باسماقچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، كەسىپنى ھۆرمەتلەش روھى بولماي تۇرۇپ ئالغا باسقىلى بولمايدۇ، نىشان بولمىسا كەسىپىنى ھۆرمەتلەش روھى بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا نىشانمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز تەلتۆكۈس ئىسلاھات قىلماقچى بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، ئىچكى جەھەتتىكى ئىسلاھات بولمىغىچە ئىسلاھات ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئىرادە بولمىسا ئىسلاھات بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا ئىرادىمۇ بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ئەدلىيە ئادالىتىگە ئېھتىياجلىق بولساق، شۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەككى، قانۇن بولمىسا ئادىللىق بولمايدۇ، ۋىجدان بولمىسا قانۇنمۇ بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا ۋىجدانمۇ بولمايدۇ.
ئېتىقاد بولسا ئەخلاقنىڭ كۈچى، شۇنداقلا كۈچلۈك ئەخلاق؛ تۇرمۇشنىڭ روھى، شۇنداقلا روھنىڭ تۇرمۇشى؛ دۇنيانىڭ مەخپىيتى، شۇنداقلا مەخپىيەتلىكنىڭ دۇنياسى؛ دۇنيانىڭ گۈزەللىكى، شۇنداقلا گۈزەللىكنىڭ دۇنياسى؛ يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراق، شۇنداقلا نۇرلۇق يولدۇر.
ئېتىقاد سەپەر ئۈستىدىكىلەرنىڭ بوستانى، ماتروسنىڭ كېمە يولى بەلگىسى، ئىزىققۇچىلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى، جەڭچىنىڭ قورالى، ياقا يۇرتتىكى كونا دوست، كۈچلۈكلەرنىڭ ئېغىزدۇرۇقى، ئاجىزلارنىڭ كۈچىدۇر.
ئېتىقاد بولسا قەھرىمانلارنى تاۋلايدىغان زاۋۇت، مۆجىزىلەرنى يارىتىدىغان بازا، قەلبلەرنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، كىشىلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ماياك.
قىسقىچە ئىيتقاندا، ئېتىقاد ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇ قەلبلەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ، تۇرمۇشىنى بەختلىك قىلىدۇ؛ ئۇ جەمئىيەتنى مۇقىم ھەم ئىتتىپاق قىلىدۇ، گۈللەندۈرۈپ ياشنىتىدۇ.
14. بەزى كىشىلەر كۆرسىتىۋاتقان ئىسلام كىشىنى ئىنتايىن قورقۇتىدۇ، ئۇنىڭ قويىدىغان تەلىۋىنىڭ قاتتىقلىقى ئادەمنى تومۇزدىمۇ مۇزلىتىۋىتىدۇ، شۇ ھەقتە گەپ بولسىلا باشقىلارنىڭ چىرايلىرى سارغىيىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئىسلامنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى: ئېتىقادنىڭ ئېغىزدا شۇئارلاشتۇرۇلۇشى، ئىبادەتنىڭ شەكىلۋازلاشتۇرۇلۇشى، ئىدىيەنىڭ پاسسىپلاشتۇرۇلۇشى، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە چۈشەندۈرۈلۈشى، فىقھەنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، تۇرمۇشنىڭ پۇچەكلەشتۈرۈلۈشى. بۇ خىل ئىسلام مۇز تەلئەت، خۇنۇك، روھسىز بولۇپ كەتكەن بىر ئوبرازدۇر، ئۇ دىننى تەشۋىق قىلىشتا پەقەت قاتتىق بولۇشنىلا بىلىدۇ، سۆھبەتلىشىشتە پەقەت قوپال بولۇشنىلا بىلىدۇ، ئالاقىدە پەقەت ياۋايى بولۇشنىلا بىلىدۇ، ئۇسۇلدا پەقەت زورلۇق كۈچنىلا بىلىدۇ. بۇ بىر خىل قاتمال ئىسلامدۇر، ئۇ كۆز-قاراشنىڭ كۆپ قىرلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، ئىدىيەنىڭ موللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھەر خىل دىن مۇرىتلىرىغا ئەپۇچان بولۇشنى بىلمەيدۇ، ئىدىيە جەھەتتە ئوخشىمىغان قاراشتىكلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىمايدۇ، ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇشىغا يول قويمايدۇ.
بىز قوغلىشىۋاتقان ئىسلام بولسا ئەسلى مەنىسىدىكى ئىسلامدۇر، قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئىسلامدۇر. ئۇ كىشىلەرگە قىيىنچىلىق ئەمەس، ئوڭايلىق بېرىدۇ، باشقىلارغا تەھدىت ئەمەس، خۇشخەۋەر يەتكۈزىدۇ؛ ئۇ زوراۋانلىققا ئەمەس بەلكى ئىللىقلىققا ئىنتىلىدۇ، ئۇ پارچىلاشقا ئەمەس بەلكى ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىدۇ، بىر توقماق بىلەن ئۇجۇقتۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئەپۇچانلىققا ئىنتىلىدۇ؛ ئۇ شەكىلگە ئەمەس، روھقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تالاش-تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئېرىشىشكە ئەمەس، بەلكى تەقدىم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ شەكىلنى ئەمەس، بەلكى مەنىنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قاتماللىقنى ئەمەس بەلكى يېڭىلىققا كۆچۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قالايمىقانچىلىقنى ئەمەس بەلكى قىلىپلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاشقۇنلۇقنى ئەمەس بەلكى ئوتتۇراھاللىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئىسلام تۆۋەندىكى ئاساسقا− ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشنى يادرو قىلغان ئېتىقادقا؛ سەمىمىيەت يادرو قىلىنغان ئىبادەتكە؛ ياخشىلىق يادرو قىلىنغان ئەخلاققا، ئادىللىق يادرو قىلىنغان قانۇنغا، قېرىنداشلىق مېھرى يادرو قىلىنغان بەلباغقا تۇرغۇزۇلۇشى كىرەك؛ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى بولسا تەڭپۇڭلۇق يادرو قىلىنغان مەدەنىيەتتۇر.
پەقەت مۇشۇنداق ئىسلاملا بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. بۇ ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتى بېكىتكەن ئىسلامدۇر، ياكى بارلىق ئىسلام گۈللىنىش تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى چوقۇم قوغلىشىدىغان ئىسلامدۇر. ئېنىقىكى، بىر قىسىم ئىسلام گۈللىنىش تەشكىلاتلىرى بىخ ھالىتىدىن پىشىپ يېتىلىش ھالىتىگە يۈزلىنىشكە ئېھتىياجلىق. (تەھرىرلىگۈچى: ئەرتۈرك)
(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار، تور ئارىلاۋىتىپ، بۇ مەزمۇننى ئۇچرىتىپ قالدىم، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە باقماي خەنزۇچە تور بەتتىن تەرجىمە قىلىپ باقتىم، خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن -تەھسىل)
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى