ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق

توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1336 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

توردا ئەڭ بۇرۇن ئۇلاپ ئەسەر يېزىشىم «مودىدىن قالمايدىغان سالام خەت»تىن باشلاندى، ئۇ چاغدا ھېچكىم ئاخىرىنى يېزىڭ دەپ قىستىمىغان، مېنىڭ ئەڭ قىيىن-قىستاققا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىم «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»دىن باشلاندى. تورداشلار ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ بەتتىن ئىنكاس يېزىشىپ ئالدىرىتىپ كەتكەندە ھەر كۈنى قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ، ھەتتا خوتۇن-بالامنى قايرىپ قويۇپ يېزىقچىلىققا چۈشۈپ كەتكەن ئىنسانمەن. ئەمما نېمىلا قىلغان بىلەن بىزمۇ تۆمۈر ئادەم ئەمەس-تە، چارچايمىز، ئۇيقۇمىز كېلىدۇ، مۇزىكا ئاڭلىغۇمىز كېلىدۇ، تالاغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرگۈمىز كېلىدۇ. ئەسەرنىڭ  بېشىنى يېزىپ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بولغىچە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ يازىدىغان بولسىڭىز كاللىدىنمۇ كېتىپ قالىدىغان گەپ، ئۇ ۋاقىتتا ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە نورمال تۇرمۇشىنىمۇ تۈگەشتۈرۈۋالىسىز.

ئەسەرنى تورغا بىۋاسىتە يېزىپ يوللىغاندا تەپەككۇر تېيىز بولۇپ قېلىش، ۋەقەلىكنى جايى جايىدا قوراشتۇرالماسلىق، چىنلىقى كەم بولۇپ قېلىش، تىل ۋە ئىملادا خاتا كېتىپ قېلىش دېگەندەك مەسىلىلەردىن ھەرگىز ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ يازغۇچى بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشى،  تىل ۋە ئىملا كەمچىلىكىنى مۇمكىنقەدەر ئاز سادىر قىلىشى كېرەك؛ 

تېخىمۇ ئېچىپ ئېيتساق، يازغۇچى تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك:  

بىرىنچى، ۋەقەلىك، ئوبراز مەسىلىسى. يازغۇچى ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشكەندىن باشلاپ ۋەقەلىكنى ئىنچىكە پىلانلىشى، پىرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرى، تەقدىرى ھەققىدە ھەر كۈنى ئويلىنىشى، ئۇلار بىلەن تاكى ئەسەر ئاياغلاشقىچە دىئالوگ قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىگە يات دېتاللارنى ۋەقەلىككە قىستۇرۇپ قويماسلىقى،  ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى چىنلىققا ئۇيغۇن يورۇتۇپ بېرىشى ۋە ئاخىرىدا ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېشىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. 

ئىككىنچى، ھېسسىيات مەسىلىسى.  رەسساملىقتا رەڭ، بوياق مۇھىم بولغاندەك، يېزىقچىلىقتا ھېسسىيات، كەيپىيات مۇھىم. شۇڭا يازغۇچى ۋەقەلىك بايان قىلىش جەريانىدا  ھېسسىيات چىنلىقىنى بىرىنچى شەرت قىلىشى كېرەك، ھېسسىياتىنى گاھىدا سوغۇققانلىق بىلەن ئىپادىلىسە، گاھىدا ئازراق ھاياجانلىنىپ بېقىشىمۇ كېرەك. يازغۇچىنىڭ ئەسەر پىرسۇناژلىرىغا سىڭدۈرگەن ھېسسىياتى ساختا بولۇپ قالسا بولمايدۇ. يازغۇچىنىڭ بىر ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرى، تالانتى ئاساسەن ھېسسىيات چىنلىقىدا كۆرۈلىدۇ. 

ئۈچىنچى، تىل مەسىلىسى. ئەسەرنىڭ تىلى ناھايىتى مۇھىم، يازغۇچىنىڭ كۆتۈرۈپ چىقالايدىغان بىرىنچى دەسمايىسى تىل. ئوقۇرمەننى دەرھال مايىل قىلىدىغىنىمۇ تىل. ئەسەرنىڭ تىلى گۈزەل بولمايدىكەن، ۋەقەلىكى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ كىشىنى جەلپ قىلالمايدۇ. ئەسەرنىڭ تىلى ئېنىق، جانلىق، ئوبرازلىق، رېتىملىق، راۋان بولغىنىدا ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ ئىچىگە چۆكۈپلا كېتىدۇ، گويا سىلىق يورغىلاپ كېتىۋاتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە يېشىل يايلاقنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ كېتىۋاتقاندەك راھەتلىنىدۇ. شۇڭا يازغۇچى ئەسەردىكى بايان، تەسۋىر، دىئالوگنىڭ تىلىغا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشى، مۇمكىنقەدەر نەق جايىنى تاپقان، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق تىل ئىشلىتىشى كېرەك. 

ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئادەتتە ھەجمى چوڭ بىر ئەسەرنى توردا يېزىشنى باشلىغاندا پۈتۈن ۋەقەلىكنى ھەرگىز ئالدىن ئويلىۋېلىپ يازمايمەن، ئېنىق بىر ۋەقەلىك رامكىسىغا كىرىپ قالساملا  تەپەككۇرۇم بوغۇلۇپ قالىدۇ، ئۆزەمنى خۇددى بېشىنى ئوقۇسا ئاخىرىنى ئويلاپ بولىدىغان ئەسەرگە زورۇقۇۋاتقاندەك ھېس قىلىپ زېرىكىپ تاشلاپ قويىمەن، ئاخىرىنى يېزىش خوشياقمايدۇ. زورلاپ يازسامغۇ كەيپىياتىم يار بېرىپمۇ قالىدۇ، ئەمما ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئىشەنچ قىلالمايمەن. ئويلايمەنكى، ناخۇش كەيپىياتتا يېزىلغان ئەسەر ۋەقەلىكى ھەر قانچە دەبدەبىلىك، ئەگرى-توقاي، ئاجايىپ-غارايىپ بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. مەن ئەسەر يېزىشقا باشلىغان ھامان پىرسۇناژنىڭ تۇرقىغا ئەمەس، خاراكتېرىغا بەك دىققەت قىلىمەن؛ ئومۇملىشىپ قالغان قاتمال ۋەقەلىكنى ئەمەس، ئۇ ئىنساننىڭ شۇ مىجەزىدە قىلىشى مۇمكىن بولغان ئىشلارنى كۆپرەك ئويلايمەن، ئۆزەم ئالدىن بېكىتىۋالغان ۋەقەلىك لىنىيىسى بويىچە ئەمەس، پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر خۇسۇسىيىتى تەقەززا قىلغان ۋەقەلىكنى بويلاپ ماڭىمەن. يەنى، پىرسۇناژلىرىم  تىزگىنەك بىلەن باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەملىرىم ئەمەس، بەلكى تىرىك ئادەم بولغاچقا، ئۇلارغا ئەگىشىمەن. ۋەقەلىكنى ئۇلارنىڭ خاراكتېرىگە، خاسلىقىغا بېقىپ راۋاجلاندۇرىمەن، ئىشلار جەريانىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەشتۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ئاساسەن ئۇلارنىڭ خاراكتېر خاسلىقى ۋە زىددىيىتىگە ئاساسەن شەكىللىنىدۇ.  يازغۇچىمۇ بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرتىسلەرگە خاس تالانت، ماھارەتنى ھازىرلىشى كېرەك؛ تالانتلىق ئارتىسلار ئۆزى ئويناۋاتقان رولغا كىرىشىپ كەتكەندەك، يازغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ پىرسۇناژى، يارىتىۋاتقان ئوبرازىغا ھەقىقىي ھېسسىياتىنى سىڭدۈرۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ھېسسىياتى، كەيپىياتى ئوقۇرمەنگە يۇقىدۇ، ئەگەر سىز ئەسەردىكى پىرسۇناژلارغا پۈتۈن مېھرىڭىزنى، ھېسسىياتىڭىزنى بېغىشلاپ ھاياجانلىنىپ، تىترەپ، ھەتتا يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازسىڭىز ، ئوقۇرمەنمۇ ئېھتىمال شۇ كەيپىياتتا تەسىرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. مەن «ھېسابلىق كۈنلەر» دېگەن پوۋېستنى يېزىپ كېلىۋېتىپ، سەمەت ئۆلۈپ كەتكەن يەرگە كەلگەندە ئىچىم ئاغرىپ، ئۆز-ئۆزەمدىن تەسىرلىنىپ كەتكەنىدىم. «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دىكى سىيىت قارى زۆھرەنى يۇرتقا بىللە كېتىشكە كۆندۈرەلمەي، ئۆزى يالغۇز پويىزغا چىقىپ يۇرتقا ماڭغاندا، شۇ قۇرلارنى يېزىپ كېلىۋېتىپ كۆزۈمگە ياش كەلگەن. يېزىقچىلىق جەريانىدا نەق شۇ يېزىلىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرۈپ تۇرغاندەك، ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئەسەر يازمىسام، يازغانلىرىمنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. ئاندىن مەن ئەسەرنىڭ  تىلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن، تۈجۈپلەپ ئىشلەيمەن، ئۆزەم ئوقۇپ بېقىپ بىر يېرىدە پەلپەتىشلىكنى بايقاپ قالسام، شۇ جۈملىنى ھەر قانچە مۇھىم بولسىمۇ چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا تېخىمۇ يەڭگىل، ئاممىباپ، دەل چۈشىدىغان گەپنى قويىمەن. ئاندىن ئەسەردىكى پىرسۇناژ تىلىغا بەك كاللا قاتۇرىمەن، ئىككى ئادەمنىڭ سۆزلىشىشى  بىر قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشاش چىقىپ قالسا قاملاشمايدۇ، ئوبرازنىڭ خاسلىقىغا بەكلا تەسىر يېتىدۇ، ئەگەر  گەپلىرى  كىتابى گەپ بولۇپ قالسا ساختىلىق دەرھال چانىدۇ.

  ئۆز تەجرىبەمدىن ھېس قىلىشىمچە،  توردا چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى يېزىش ھەقىقەتەن كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشكە ئوخشايدۇ، يازغۇچى ۋاقتى، ئىمكانى، يېزىقچىلىق كەيپىياتىنىڭ يار بېرىشىچە ھەر كۈنى ياكى كۈن ئاتلاپ دېگۈدەك يېزىپ توردا ئېلان قىلپ تۇرىدۇ، ئەسەر تەرەققىياتى بويىچە ئابزاسمۇ ئابزاس، بۆلەكمۇ بۆلەك كۈچ ئۇلاپ يازىدۇ، بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا،  بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز يېزىپ قالىدۇ. مارافونچە يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىگە تاماشىبىنلار چاۋاك، ئالقىش ياڭرىتىپ مەدەت بېرىپ تۇرغاندەك، كۈچ ئۇلاپ يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان ئاپتورلارغىمۇ تورداشلار ھەر كۈنى، ھەر سائەتتە ئىلھام، مەدەت ۋە تەنقىد بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنى كۆرۈپ ئاپتورنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. مانا بۇ تور ئەدەبىياتىنىڭ مەتبۇئاتقا ئوخشىمايدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ گۈزەل ئەۋزەللىكى. ھالبۇكى، يازغۇچى بىچارە ھەر قانچە ئىلھاملىنىپ، ھاياجانلىنىپ، غەيرەت-جاسارىتى ئۇرغۇپ كەتسىمۇ، ئالدىراپ-تېنەپ  كاللىسىغا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى يازالمايدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى تورداشلارنىڭ كۈتكىنىدەك تېز، جىق يېزىپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى ھەممىنى ئالدىنئالا ئويلىۋالىدىغان ئىش يوق، يېزىۋېتىپ ئويلىنىدىغان گەپ، بەزىدە ئىلھام ئاتلىق گۈزەلنى چىللاپ ئولتۇرماي، ئۇنى مەجبۇرلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.  يازغۇچى پۈتۈن ئىش-مەيلىنى ئەسەرگىلا قاراتمىسا بۇ ئىشنى ھەرگىز بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.

نۇرغۇن تورداشلار «ئاخىرى پۈتمەس ئۇنداق ئەسەرنى يېزىپ، خەقنى ساقلىتىپ يۈرگىچە ھەممىنى يېزىپ بولۇپ بىراقلا ئېلان قىلسا بولمامدۇ؟» دېيىشىدۇ.  توغرا، يازغۇچى ئەسەرنى ئالدىرىماي يېزىپ بىراقلا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئۆزىمۇ ئالدىراپ قالمايدۇ، ئوقۇرمەنلەرنىمۇ ساقلىتىپ يۈرمەيدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغاندا تور ئەدەبىياتىنىڭ قىززىقى قالمايدۇ، تور بىلەن مەتبۇئاتنىڭ ئانچە پەرقى بولماي قالىدۇ. خەلقئارا ۋە ئېلىمىزدىكى تور ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندىمۇ ئۇلاپ يېزىش ۋە ئۇلاپ كۆرۈش تور ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. ئەسەرنى ئوتتۇرىغا بىراقلا تۆكۈۋەتسىڭىز خۇددى جىق ئۇسۇۋېتىلگەن پولونى ئالدىڭىزغا ئەكەلسە قاراپلا قورسىقىڭىز تويۇپ قالغاندەك، ئەسەرنىڭ ھەجمىگە قاراپلا ئوقۇغۇڭىز كەلمەي قالىدۇ، ئەگەر ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئوقۇسىڭىز سىزگە ئېغىر كەلمەيدۇ، ئوبدان ھەزم قىلىپ، چۈشىنىپ، ئويلاپ، ئاخىرىنى ئۆزىڭىز پەرەز قىلىپ ئوقۇيىسىز. دېمەك، تور ئەدەبىياتى ئەمەلىيەتتە نەق مەيدان يېزىقچىلىقى ۋە نەق مەيدان ئوبزۇرچىلىقى بولۇپ، ئوقۇرمەن ئاپتور بىلەن تەڭلا ئەسەرگە قاتنىشىپ بىللە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، ئەسەرنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ھەققىدە خىلمۇ پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقىدۇ، ئەسەردە چىقىۋاتقان پىرسۇناژلار، يېڭى-يېڭى ۋەقەلەر، ۋەقەلىك تەرەققىياتى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشىدۇ… ئاپتور بۇنى كۆرۈپ يېڭى ئىلھام، يېڭى تەسەۋۋۇرلارغا ئىگە بولىدۇ. دېمەك، تور يېزىقچىلىقىدا يازغۇچى ھەرگىز تەنھا قالمايدۇ، بەلكى سورۇندا ئولتۇرغان قىزىقچىدەك شاد-خۇرام كەيپىياتتا ئەسەر يازىدۇ.  بىر توپ ئادەم ۋە خىلمۇ خىل سادالار ئىچىدە ئۆزىنى كۆزىتىپ، ئۆزىنى دەڭسەپ قەدەملىرىنى توغرىلاپ ماڭىدۇ. مانا بۇ تور ئەدەبىياتىنىڭ تەڭداشسىز سېھرىي كۈچى!  

كونۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن بېرى قەلەمكەش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى.  توردا رومان، پوۋېست يېزىش، ھەر كۈنى ئۇلاپ-ئۇلاپ يېزىش، بولسا ئىككى ئايدا بىر رومان پۈتتۈرۈۋېتىش نىمىدېگەن قالتىس ئىش! بۇ ھازىر كەمىنىنىڭ ۋاز كېچىلمەس بىر ئارزۇيى بولۇپ قالدى. ئەگەر تورداشلارنىڭ تۈرتكىسى، ھەيدەكچىلىكى بولمىغان بولسا «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دەك چوڭ ھەجىملىك ئەسەر ھەرگىز ئۈچ ئاي ئىچىدە روياپقا چىقمىغان بولاتتى. شۇڭا مەن تورداشلارغا رەھمەت دەيمەن، تور ئەدەبىياتىغا رەھمەت دەيمەن. 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى