ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تىل دېگەن نەرسە

تىل دېگەن نەرسە

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1418 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  1. تىل دېگەن نەرسە

بىز تىلنى ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى دەپ كەلدۇق، ماھىيەتتە، تىلنىڭ ئۆزىلا بىر روھىي بايلىق، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن كەلگەن نېمەت، مەدەنىيەت خەزىنىسى، تەپەككۇر جۇلاسى، شۇنداقلا  ئەقىل، پىكىر، ھېسسىيات بىلەن ھەر ئان ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان سەنئەت. تەپەككۇرىمىز تىل بىلەن زاھىردۇر، شۇ سەۋەب تىل ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە قادىردۇر. تىل− كۆز، قۇلاق دېگەندەك سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق  قەلبتىن قەلبكە يېتىپ تۇرىدىغان غايەت زور ئۇچۇر.  جىمى ھېسسىيات، گۈزەللىك، يۇمۇر، رېتىم... ۋاھاكازالار ئۇنىڭدا مۇزىكىدەك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇزىكىنى تىلسىز مۇڭ دەيمىز، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ بىر تىل، دۇنياۋى تىل، ھەر مىللەتنىڭ روھىي خاسلىقىنىڭ نامايەندىسى.

سۆزلىسەك گەپ بولىدۇ، سۆزلىمىسەك ئىچىمىزدە قالىدۇ، ئۇنتۇلىدۇ، سۈكۈتمۇ، كۈلۈمسىرەشمۇ، قاپاقنى تۈرۈشمۇ ماھىيەتتە تىل، ئاتالمىش چىراي تىللىرىدۇر. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ بۇرۇن شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆگەتكەن، دېمەك، شۇ ئىسىملارمۇ تىل، بەلگىشۇناسلار، ئادەمنى بەلگە دەپ قارىۋالىدۇ، بۇ يەردە بەلگە دىگىنى ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ پۈتۈن سۈرۈك مەۋجۇتلۇقى، تىرىكلىكى، قىممىتىدۇر. ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى بەزىدە گەپتىن قالدى، سۆزدىن قالدى دەيمىز، بۇ دېگىنىمىز بۇ ئادەمنىڭ باتىنىي ۋە زاھىرىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان تەپەككۇرى، تىلى  توختىدى، روھى بىلەن تەڭ پانىيلىق مەقامىدىن باقىيلىققا ئۆتۈپ كەتتى دېگىنىمىزدۇر.

دۇنيادىكى ساماۋى كىتابلار ۋە مەدەنىيەتلەر ئاساسەن تىل-يېزىق ئارقىلىق ساقلىنىپ كەلدى، خارابىلىك، ھەمدەپنە بويۇملىرى قوشۇمچە ئىسپاتلاردۇر. تىللارنىڭ قۇرۇلمىسى، سۆز بايلىقى، تاۋۇش ۋە ئۇرغۇلىرىدىن شۇ مىللەتنىڭ خاراكتېرى، تەپەككۇر بايلىقى، سەنئىتى،  ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى چېچەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. كەشپ قىلغان يېزىقلىرىدىن بولسا ئۇلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت جەھەتتىكى مايىللىقى، زىللىقى، كامالىتىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. مەن خۇسۇسەن، لاتىنچە ھەرپلەردىن رىم خارابىلىقلىرىنىڭ شەكلىنى، ئويما ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنى تەسەۋۋۇر قىلسام، خەنزۇچە خەتلەردىن سەددىچىدىن سېپىلى ياكى تۆت چاسا ھويلىدەك  بېكىنمە مەدەنىيەتنىڭ سىمالىرىنى، ئەرەبچە ھەرپلەردىن بىر خىل ھىلال ئاي گۈزەللىكلىرىنى، ئىنچىكە، پۇختا تەسۋىر كامالىتىنى ھېس قىلىمەن. بۇلار يۈزەكى تەسىرات، ئەڭ مۇھىمى، يېزىقتا شۇ تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامايەندۇر، تىل روھ بولسا، يېزىق بەئەينى بەدەننىڭ مىسالىدۇر.

2. ئۇيغۇر تىلى

بۈگۈنكى كۈنىمىز ئەجدادلارنىڭ ساپاسى ۋە تارىخىي تاللىشىنىڭ مەھسۇلى بولغىنىدەك، سۆزلەۋاتقان تىلىمىزمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىراسى، ھازىر بىز شاھىد بولۇۋاتقان، مەۋجۇتلۇقىنى داۋام ئەتتۈرۈۋاتقان تىرىك تارىخىمىزدۇر. ئۇ ۋۇجۇدىمىزغا كۆمۈلگەن ئەڭ چوڭقۇر خاسلىقتۇر. ئاتا-بوۋىلىرىمىز نېمىنى تاللاپ، نېمىنى شاللىغان بولسا بىزگىچە ھەممىسى ئەينەن يېتىپ كەلگەندۇر. تۈركىي تىللىق خەلقلەردىكى تاۋۇش پەرقى پەقەت ماكان، زامان پەرقى، ئوخشىمىغان تارىخىي قىسمەتلەرنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت.

تىلىمىز گۈزەل، بۇ ئۇزۇن تارىخلارغا تۇتىشىپ كەتكەن بۈيۈك تىلكى، قومۇلدىن تاكى ئىستانبۇلغىچە كەڭ زېمىن ۋە 300 نەچچە مىليون خەلقنىڭ دىلىنى، تەپەككۇرىنى، تىلىنى تۇغقاندارچىلىق، ھەتتا بىۋاسىتە يېقىنلىق بىلەن باغلاپ تۇرالايدۇ. بۇ مۇبالىغە ئەمەس، ئەمەلىيەت. ھاياجان ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق تىل تەركىپلىرى ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىلارنىڭ مەزمۇت ئۇلىغا ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈم. مىسالەن، ئۆزبېك تىلى بىلەن پەرقىمىز يوق دىيەرلىك، قازاق، قىرغىزلار بىلەن ئۈچ ئايغىچە تىل ئۇقۇشۇپ كەتكىلى بولىدۇ، تۈركمەنلەر، قۇمۇقلار بىلەن بىۋاسىتە پاراڭلىشىپ، مەقسەتلەرنى ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ. يىراقراق كەتكىنى ئازەرچە بىلەن تۈركچە، شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئىگىلەشكە ئادەتتە ئالتە ئايدىن، توققۇز ئايغىچە ۋاقىت كۇپايە. ئەلۋەتتە بۇ دەسلەپكى ئالاقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن دېيىلىۋاتقان گەپ، ئەمدى شۇ تىللاردا راۋان سۆزلەش ۋە يېزىقچىلىق قىلىشقا كەلسەك، بۇ تېخىمۇ يۈكسەك پەللە، بۇ پەللىگە يېتىش ئۈچۈن قېتىرقىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە  باشقا يات تىللارغا قارىغاندا مەقسەتكە ئاسانراق يەتكىلى بولىدۇ. بۇ پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىكى بايلىق ۋە ئەۋزەللىكلەرنىڭ بىر قىسمى.

قوش تىل مائارىپىنىڭ بېسىمى ۋە تىلغا يانداشقان ئاللىقانداق غەملەر ئالدىدا تېڭىرقاپ، ئۆز تىلىنى كىچىك كۆرۈۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە ئۆز تىلىدىكى كاتتا خەزىنە ۋە ئۈستۈنلۈكنى بايقىيالمايۋاتقانلاردۇر. ”قوش تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس“ دەپ باقتۇق، «ئانا تىلنى بىلمىگەنگە ئانا سۈتى ھارام بولسۇن» دەپ باقتۇق، ئەمما بۇنداق گەپلەر شوئارۋازلىق قاپلاپ كەتكەن جەمئىيەتتە ئاقمايدۇ، ئەمەلىيەتنى تونۇش،  ئانا تىلنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى ئورنى، قىممىتىنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزغا ئانا تىلىنى ئۆگەنسە ئۆز مەدەنىيىتىدىن باشقا، 300 نەچچە مىليون خەلقنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىي ئەسەرلىرى، كىنولىرى، يۇمۇرلىرى، ناخشىلىرىدىن كەڭتاشا ھوزۇرلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، قىزىقتۇرۇش كېرەك.  بىر مىللەتتە شۇ تىلنىڭ سېھرىي كۈچى ھەمىشە ئۇنىڭ سەنئەتكارلىرى، چولپانلىرى ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە تىلىمىزنى يېزىق ۋە ئېغىزدا جانلاندۇرۇۋاتقان، چولپان بولالمىغان بولسىمۇ ئۆز ئەتراپىدا دىللارنى رام قىلىۋاتقان تالانتلىق كىشىلەر، چاقچاقچىلار نۇرغۇن.

مەككىدە ھىندۇچىنى ھىندىستانلىقتەك بىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنى كۆرگەنمەن، ھىندىستاندا ياشاۋاتقىلى 8 يىل بوپتۇ، ئايالى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھىندىستانلىق بولغاچقا  شۇ تىلدا سۆزلەپ كۆنۈپ كېتىپتۇ، ئەمما ئانا تىلىدا سۆزلەش ۋە ئاڭلاشقا شۇنچە ئىنتىزاركەنكى، پۇرسەت بولسىلا تورغا چىقىپ ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېتوتلىرىنى كۆرۈپ كۆزىدىن ياش چىققىچە كۈلىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتەلمىگەنلىكىدىن بەك ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامال يوقكەن، چۈنكى قىزى پەقەت دادىسى بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈنلا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشنى خالىمايدىكەن.

ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى ئابستراكىت چۈشەنچىلەر، ئاددىي ئىزاھلار، شوئارلار بىلەن ئەمەس، «ئاخىرقى دەرس» دېگەندەك داڭلىق ھېكايە، تارىخىي ياكى بۈگۈنكى مىساللار ئارقىلىق تونۇسا، ئانا تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆپچۆرىسىدىكى كىشىلەر، كىتابلار، كارتون فىلىملەر، ئېتوتلار، ئاۋاز ئارتىسىنىڭ ماھارەتلىرى، ئېلىكترونلۇق ئېلىپبە، ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق ھېس قىلالىسا ياخشى نەتىجە بېرىشى مۇمكىن.

3. چەت ئەل تىلى

ئىنگىلىزچىنىڭ ھەممە يەردە زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يامراۋاتقانلىقىغا شاھىد بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭغا ئامال يوق، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتتە كىم ھۆكۈمران بولسا شۇنىڭ زۇۋانى ھەممىنى بېسىپ كېتىدىغان گەپ.

ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقىلى 20 يىلغا يېقىن بوپتۇ، ئارىدا نەچچە يىل تاشلىۋېتىپ، ئارىدا يەنە ئۆگىنىپ، ئۇنتۇپ كەتكەننى قايتا تەكرارلاپ بۈگۈنگە ئۇلاشتىم، سەۋەب شۇكى، ئىنگىلىز تىلىغا ئەرەب تىلى ياكى تۈركچىگە قىزىققاندەك قىزىقمىدىم، بۇ  تىللارغا مېھىر بەرگەندەك مېھىر بېرەلمىدىم.  بۇ يىل ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن بېرىدىغان مەملىكەت دەرىجىلىك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش باھانىسىدە بىر نەچچە ئاي بېسىپ ئىنگىلىزچە ئۆگەندىم ۋە بۇ جەرياندا بۇ جاھانگىر تىلنىڭ قوينىغا ئىچكىرىلەپ كىردىميۇ، ئىمتىھاندىن كېيىن چېكىنىپ كەتتىم، غەلىبە نەتجىلىرىمنى، مېۋىلىرىمنى ئۇنتۇشقا باشلىدىم، كېيىن ئالدىمغا خەنزۇچە، تۈركچە تەرجىمە ۋەزىپىلىرى دۆۋىلىنىپ كەلدى، ئىنگىلزچە يەنە تاشلىنىپ قالدى، كۈندە بىر-ئىككى سائەت مۇقىم ئۆگىنىش ياكى كىتاب كۆرۈشكە تىرىشىپ باقتىم، ئەمما ئىزچىللىق بولمىدى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى بولغان ئىزچىللىق مۇشۇ  ئىشقا كەلگەندە ئەمەلگە ئاشمىدى، سەۋەب ھەر خىل، ئەڭ مۇھىمى،  ھەر قانچە قىلساممۇ بۇ تىلغا مۇھەببەت بېرەلمىدىم. زۆرۈرىيەت ۋەجىدىن ئۆگىنىدىغان تىلغىمۇ مۇھەببەت بولمىسا تاشلىنىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تىلنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، تەرجىمە، يېزىقچىلىق دېگەندەك بىر پۈتۈن بىلىم، ماھارەتلىرىنى تولۇق ئىگىلەپ بولۇش تەسكەن. ئېغىزچىغا يامانلىرى، يېزىقچىغا كەلگەندە كاللىسى قېيىۋاتقان.  ئاسانراقى، شۇ تىلدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئىكەن. ماقالە يېزىپ قالساق، پالانى كىتابنىڭ ئىنگىلىزچە نەشرىدىن پايدىلاندۇق دەپ چوڭ گەپ قىلغىلى بولىدىكەن.

بىز ئۈچۈن چەت ئەل تىلى ئاساسەن ئىنگىلىز تىلىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەرەب تىلىنى چەت ئەل تىلى دەيمىزۇ، تۇغقان تىلدەكلا بىلىنىدۇ، چۈنكى ئېتىقادىمىزغا كۆرە ئەرەب تىلى مۇقەددەس تىل، ئارىمىزدا  بۇ تىلنى ئۆگەنگۈچىلەر چىن ئىخلاس، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن ئۆگەنگەچكە، بىر باشقا ئېلىپ چىقالىغانلار كۆپ،  يەنە كېلىپ كۆپلىگەن سۆز-ئىبارىلىرىمىز ئەرەبچىدىن كەلگەن. ئەمما بۇ تىلنىڭ گىرامماتىكىسى بەكلا پۇختا، مىزانلىرىنى يادلىماي بولمايدۇ.

ياپونچە، نېمىسچە، فرانسۇزچە بىلىدىغانلارنىڭ بۇ تىلغا قانچىلىك قىزىقىپ، قانچىلىك ئەجىر-مېھىر بەرگەنلىكىنى بىر ئۆزلىرى بىلىدۇ، كۆپلىرى شۇ دۆلەتكە چىقىش ئېھتىياجى ياكى چىقىپ بولغاندىن كېيىنكى زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئۆگىنىدۇ. ئۆگىنىۋېتىپ بەرىبىر ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدۇ، يات زۇۋانلاردىن زېرىكىدۇ، ھەتتا بۇنداق قىينالغىچە، بۇرۇنلا مۇشۇ دۆلەتتە مۇشۇ خەقنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالسامچۇ... دېگەن كۇپۇرانە خىياللارنى قىلىدۇ. ئەمما ئۆزىگىمۇ ئايانكى، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق قىسمىتى بىلەن تەڭ پۈتۈلگەن، جانغا ئەسقاتمايدىغان ”ئۇيغۇر تىلى“ ئەمەلىيەتتە ئۆز ساھىبلىرىنىڭ زەئىپ ياكى خار-زەبۇنلۇقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. تىل ئۆز ئىگىسىنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ ياكى يوقىلىدۇ.

4. تىلدىكى ناقىسلىق

مەندەك قەلەمكەشلەر تىل ئۆگىنىپ قالسا، كۆپىنچە مەزكۇر تىلدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا قىزىقىدۇ. تۇغقان تىللاردىن تۈركچىگە بولغان قىزىقىشىم ئاساسەن بۇ تىلدا يېزىلغان دىنىي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرۈش ئىستىكىدىن كەلگەن. بۇ تىلنى ئۆگىنىپ، پايدىلىنىپ قويىۋىدىم، ئوقۇيدىغان كىتابلارنىڭ ئېسىللىكى ۋە كۆپلۈكىگە يېتىشىپ بولالماي قالدىم، ئۆمرۈم يەتمىگۈدەك. بۇ چەكلىك ئۆمۈردە نەچچە تىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ھەقدادىغا يېتىپ، تىكەنلىك شاخلىرىدىن قانچىلىك شىرىن مېۋە ئۈزەلىشىمنى بىلمەيمەن، ئەمما قانچىلىك تىل بىلسەم شۇنچىلىك پايدىلىنىپ، ئۆز ئارامگاھىم بولغان گۈزەل تىلىم ۋە ئەدەبىياتىمغا ئانچە-مۇنچە مېھنەت تەرىمنى تۆكەلىسەم دەيمەن.

مەتبۇئات ياكى تورلاردىن بەزى پېشقەدەم يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئۆمۈر بايانلىرى، سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئوقۇپ قالىمەن، ھەممىسى دېگۈدەك بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىپ قويمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىكەن، شارائىت بولماپتىكەن، ئۆگىنەي دېگەندە قېرىپ كېتىپتىكەن. مەن بۇلارنىڭ ئەپسۇس، پۇشايمانلىرىنىڭ قانچىلىك راست ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۆگىنەي دېسە ئىمكان تېپىلىدۇ. بۇرۇنقى كىلاسسىكلىرىمىزمۇ ئۆز دەۋرىدە ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپتىكەن. مەن قاغىلىقتا يېشى 50 تىن ئاشقان بىر ئەدىب ئاكىمىزنىڭ تۈركچىگە ئىشتىياق باغلاپ، ئىككى يىلدا تۈركچە ئەسەر يازالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ جاسارىتىگە قول قويدۇم. يازغۇچى، تەرجىمان دېگەندە، ئانا تىلىدىن باشقا بىر-ئىككى تىلنى جەزمەن بىلىشى كېرەك. باشقا بىرەر تىلنى بىلمەي تۇرۇپ ئانا تىلنىڭ قانچىلىك خاسلىقى، سېھرى كۈچى، جەزبىدارلىقى بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىنسان ئاساسەن بىرلا تىل، يەنە ئانا تىلىنىڭ ھەقدارلىرىدىن بولۇپ ياشايدۇ، باشقا بىر تىلنى ھەر قانچە پۇختا ئۆگىنىپ كەتسىمۇ، ئانا تىلىدا يەتكەن سەۋىيىگە يېتەلمەيدۇ، ئانا تىلىدا ئالغان ھۇزۇرنى ئالالمايدۇ، ئانا تىلىدا يازغاندەك يازالمايدۇ. قوش تىللىق يازغۇچىلارمۇ ئىككى تىلدا ئەسەر يازالىغان بىلەن، ئىككى تىل−ئىككى دۇنيانىڭ بىرسىدە، بولۇپمۇ ئانا تىلىدا تەپەككۇر ئېتىنى بەكرەك چاپتۇرالىشى مۇمكىن. ئانا تىلنىڭ ئۆزىمۇ تەپەككۇر، مەنە، ھېكمەت، تۇيغۇ، ھېسسىيات يوشۇرۇنغان تىلسىم دۇنيا، گويا ۋۇجۇدىمىز بىلەن تەڭ مەۋجۇت غايەت زور دۇنياكى، بىز ئۆمۈر بويى پەقەت ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى، گۈزەللىكىنى قىسمەن بىلەلەيمىز، قىسمەن ئىشلىتەلەيمىز، قىسمەن كامالەتكە يېتەلەيمىز. كاللىمىزنى ئىشلىتىپ بولۇشقا ئۆمرىمىز يەتمىگەندەك، تىلىمىزنى تولۇق ئىگىلەپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقىمۇ ئۆمرىمىز يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ۋۇجۇدىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر، روھىمىز، تىرىكلىكىمىزگە ئوخشاشلا مۆجىزىۋى بارلىقتۇر.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى