ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر
-
ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر
ۋاقتى: 2011-07-04 ئاۋاتلىقى: 492 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەلكۈيى خەۋەرلىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەڭ ئاۋات سەھىپىسى. خەۋەرلەرنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، جەلىپكارلىقى يۇقىرى، گېزىتخۇمار ئادەم ھەر كۈنى گېزىت ئوقۇپ ئارقىدىن بىر تال تاماكا چېكىشكە خۇمار بولغاندەك، تورخۇمار ئادەممۇ خەۋەرلەر سەھىپىسىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە خۇشتار بولۇپ قالىدىكەن. ئەلكۈيىدىكى خەۋەرلەر ئاساسەن سىياسىي خەۋەرلەر، قىززىق نۇقتىلار، قىزىقارلىق ھەم غەيرى ئىشلار، يېڭى تېخنىكىلار، ئالامەت بايقاشلار، چولپانلارغا ئائىت غەيۋەت پاراڭلىرىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا كىشىنى تولىمۇ جەلىپ قىلىدۇ، قىسقىسى، ھەر كىم قانداق خەۋەرنى كۆرىمەن دېسە ئەلكۈيىنىڭ خەۋەر قانىلىدىن تاپالايدۇ. خۇسۇسەن، مەن لوناردونىڭ قانچە ئاشنىسى بارلىقىنى، سېسىق نامى پۇر كەتكەن پاھىشۋاز زۇڭلى ۋە پۇتبولچىلارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرىنى ئەلكۈيىدىن ئوقۇدۇم. ئېرىشكىنىم ھەۋەسمۇ، ھەسەدمۇ، يىرگىنىشمۇ، بىلمەيمەن، ئەمما شۇ گۇيلارنىڭ بەدبەشىرە ئەپتى بەشرى ۋە چىرىك تۇرمۇشىنى ئەلكۈيى ئارقىلىق بىلىپ كەتتىم. چەت ئەللىكلەرنىڭ ئاجايىپ غارايىباتلىرى تۈگىمەيدىكەن. خەۋەرلەردە مىكروسوفت، گوگول، ئالما شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قولىمىزدىكى تېلېفون كونا، سەت كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى. بايلار مىنۇتىغا مانچىلىك پۇل تاپىدىكەن دېسە، بىزمۇ مۇشۇ مائاشقا ئىشلەپ يۈرۈپتۇق دەپ ھەسرەتلىنىشتىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدۇق.
بەزى خەۋەرلەر باركى، سۇخەنچى خوتۇنلارنىڭ گېپىدىنمۇ ئۇششاق، بىز بىلەن پەقەت مۇناسىۋەتسىز. بولۇپمۇ ئاتالماش چولپانلارنىڭ سەتچىلىكلىرى. شۇ چاغدا ئويلاپ قالىمەن، رەسۋا گۇيلارنىڭ بەدبەشىرە ئىشلىرىنى خەۋەر قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ شاكىرانىڭ پۇتبولچى ئاشنىسىغا كىملەر ھەۋەسلىنىدۇ؟ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشقىۋازلىقىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان مۇخبىرلار كېسەلمەن ماراقچىلارمىدۇ؟ ئەركەك تورداشلىرىمىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ساھىبجاماللارنىڭ ھۆسنىنى توردىن ماراپ ئولتۇرغاندا كەلگۈسىدە شۇلاردىن كىملەر ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن سوۋۇپ قالىدىغاندۇ؟ بايلارنىڭ ھەشەمەتلىك دۇنياسىنى كۆرۈپ كىملەر ئاقماس خىياللارنى سۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشتىن قاچىدىغان بولۇپ قالار؟ كۇلىدا مازغاپلىشىپ كەتكەن پىس-پاس خەۋەرلەر بىزلەرگە ياقامدۇ؟ شې تىڭفېڭ بىلەن جاڭ بوجى ئاجرىشىپ كەتسە نېمە بوپتۇ؟ ئۇنى بىلسەك بىلمىسەك نېمە بولماقچى؟
ئۈلۈشكۈن تېخى مەن بىلەن بىر نەۋرە بۇرادىرىمنىڭ 14 ياشلىق ئوغلى ئەرزىمەس بىر ماجرا تۈپەيلىدىن زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. بۇنى كىم خەۋەر قىلىدۇ؟ مەن خەۋەر قىلاي. ئەتراپىمىزدىكى پاجىئە ۋە كىشى ئېچىنىدىغان غەلىتە ئىشلار ئەجىبا خەۋەر بولۇشقا ئەرزىمەمدىكەن؟ كۇلىدىكى لاۋياڭ ئۆز قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى دېگەندەك خەۋەرلەردىن كۆرە پالانى مەھەللىدىكى پۇستاناخۇن ساتراشخانىغا كىرىپ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالدى، مانا بۇ ئۆزىگە زۇلۇم سالغان ئىمانسىزنىڭ ئاقىۋىتى... دېگەن خەۋەرلەر بىزگە بەكرەك تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى دىققەت نۇقتىمىز ئوخشىمايدۇ. خەۋەر يېزىش پەقەت مۇخبىرنىڭ ئىشىمۇ؟ ئامېرىكىدەك ئەللەردە يېزىقچىلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىش دەپ قارىلىدىكەن، بىزدە بولسا خەت ساۋادى بولۇشنىڭ ئۆزىلا ئىلىملىك بولغانلىق. بۇنداق قالاقلىقنى تۈگىتىش كېرەك.
يازالايدىغانلارغا دەيمەنكى، ئۆپچۆرەڭلەردە بولۇۋاتقان، ساۋاق-ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يېزىڭلار، ساقچىغا تۇتۇلمىغان بىلەن ۋىجدان سوتىغا مەھكۇم بولغان زىناخورلارنى، پارىخور ئەمەلدارنى، ئىمانسىز ئېشەكلەرنى، ئۆزىنى قوغداشنى بىلمىگەن نومۇسسىز قىزلارنى، ئەقەللىي ساۋاتلارنى بىلمەيدىغان نادان ماڭقۇرتلارنى يېزىڭلار. شۇلارنى بىلىش، شۇلاردىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن شۇلارغا ئائىت نەق مىسال، ئەستىن چىقمىغۇدەك راست ئىشلارنى يېزىش كېرەك. مانا بۇ خەۋەر، ئۇچۇر دەۋرى.
توردىن ئۆزىمىزگە پايدىلىق خەۋەر، ئۇچۇر، ساۋاتلارنى ئىگىلەيلى. ھېچ بولمىسا، زەھەر ئىچىپ پۇت قولى تارتىشىپ قالغان ئادەمنى دوختۇرغا ئاپىرىشتىن ئاۋۋال قانداق زەھەرسىزلەندۈرۈپ ئۆلۈم خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بىنا ئۆيگە ئوت كەتسە قانداق چارە بىلەن قوغدىنىش كېرەكلىكىنى، ئارتېرىيە تومۇرلىرىمىز قېتىپ پالەچ بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى نېمە ئىشلارغا دىققەت قىلىپ، قانداق يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپ تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىپ قالايلى.
يەنە دىققەت قىلدىمكى، ئەلكۈيىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تېڭشۈن، سوخۇ قاتارلىق تورلاردىن چاپ-چاپ تەرجىمە قىلىنغان خەۋەرلەر بولغاچقا تەرجىمە ماھارىتى ۋە ئىملادا كېتىپ قالغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. كۆپ ۋاقىتلاردىن بېرى مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىپ تەكلىپ بېرەي دەپ نىيەتلەنگەن بولساممۇ، تور دېگەن مەتبۇئاتقا ئوخشىمايدۇ، ئۇنچىلىك مەسىلىللەر دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ دەپ ئويلاپ بولدى قىلغانىدىم، ئەمما بۈگۈن يەنە خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئىچىم سىقىلدى. 2-ئىيۇندا بېرىلگەن «كازافى ش ئا ئە ت تاجاۋۇزىنى توختاتمىسا ھۇجۇم قىلىمەن دېدى» دېگەن خەۋەردىن بىر مۇنچە كېسەل جۈملە چىقتى:
ئاۋۋال ماۋزۇدىلا ئىملا خاتالىقى بار، كازافىنىڭ سۆزى نەقىل بولغاندىكى قوش پەش “ ” (شىنجاڭدىكى ئىملا بويىچە قوش تىرناق«») ئىچىگە ئېلىنىشى كېرەك.
1) بۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي ترىپولى شەھىرى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئارقىمۇ ئارقا دەھشەتلىك بومباردىمان ئاۋازى ياڭرىغان.
ئۇيغۇر تىلىدا ئېنىقلىغۇچى سۈپەت ئېنىقلانغۇچى ئىسىمنىڭ ئالدىدا، ھالەتنى بىلدۈرىدىغان رەۋىش ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان پېئىلنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ، يۇقىرىقى جۈملىدە ئارىلىق يىراقلىشىپ كەتكەن-دە، جۈملە سويۇلۇپ، كېلەڭسىزلىشىپ كەتكەن.
توغرىراقى: دەھشەتلىك بومباردىمان ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ئارقىمۇ ئارقا ياڭرىغان.
2) شۇ كۈنى كەچتە نەچچە مىڭ كازافىنى قوللىغۇچىلار لىۋىيىنىڭ پايتەختى ترىپولىدا يىغىلىپ... ش ئا ئە ت نىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ...
نەچچە مىڭ كازافى؟ قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان... 进行 دېگەننى تەرجىمانلىرىمىز ۋاشاڭ قىلىۋەتتى-دە...
توغرىراقى: شۇ كۈنى كەچتە كازافىنى قوللىغۇچى نەچچە مىڭ ئادەم لىۋىيىنىڭ پايتەختى ترىپولىدا يىغىلىپ، ش ئا ئە ت نىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرغان بولۇپ...
3) بۇ بىر نەچچە ئايدىن بېرى شۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتنى قوللاش ھەرىكىتى.
ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەت؟ چوڭ دېگەننىڭ ئۆزىلا كۆلەمنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئەمەسمۇ؟
توغرىراقى: بۇ بىر نەچچە ئايدىن بېرى ھۆكۈمەتنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھەرىكەت.
4) بۇنداق ئەھۋالدا كازافىينىڭ ئەڭ يېڭى نۇتقى پەقەت پو ئېتىشلا بولۇش ئىمكانىيتى چوڭ ئىكەن
توغرىراقى: بۇنداق ئەھۋالدا كازافىينىڭ ئەڭ يېڭى نۇتقىدا پو ئاتقانلىق ئېھتىمالى چوڭ ئىكەن
5) ئەگەر ش ئا ئە ت ئۈزۈلدۈرمەي لىۋان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلسا...
رەۋىش پېئىلنىڭ ئالدىدا كەلسە جۈملە سىلىق، راۋان چىقماسمىدى.
توغرىراقى: ئەگەر ش ئا ئە ت لىۋان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۈزۈلدۈرمەي ھۇجۇم قىلسا...
6) لىۋىيە پايتەختىگە 800 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئىلگىرىلىگەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر...
توغرىراقى: لىۋىيە پايتەختىگە 800 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئىلگىرىلىگەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر...
7) بۇنىڭ ئالدىدا، غەرب ئەللىرى ئىشەنچ بىلەن لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ش ئا ئەت نىڭ ياردىمىدە كازافىينىڭ ھەربى كۈچىنى تېزلا پارچىلىۋېتىشىنى پەرەز قىلىشقان بولۇپ...
رەۋىشنى ئىسىمنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسا جۈملە ئاشۇنداق پەلپەتىش چىقىدۇ.
توغرىسى: ئىشەنچ بىلەن پەرەز قىلىشقان بولۇپ...
ئون نەچچە قۇر كېلىدىغان بىر خەۋەردىن شۇنچىۋالا مەسىلە چىققان يەردە قالغانلىرىدىن قانچىلىك چىقار، ئىملادىنچۇ؟ بۇلارنى زىغىرلاپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ. ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ ئىپادىلىرى دەپ بىر مۇنچە پو ئاتتۇق، تىل-يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۇنى ئۆز لايىقىدا، يارىشىقىدا ئىشلىتىشنى بىلىشمۇ مىللىتىمىزنى سۆيگەنلىك، بەلكى چىن دىلىدىن سۆيگەنلىك.
مۇھىم خەۋەرلەرگە مازغاپ خەۋەرلەرنى ئارىلاشتۇرۇش، خەۋەرلەرنىڭ تېزلىكىنى قوغلىشىپ ئۇرۇپ-سوقۇپ تەرجىمە قىلىش، ئىملاغا دىققەت قىلماسلىق قاتارلىق بۇ ئۈچ مەسىلە ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن تور بېكەتلىرىمىزدە ئومۈميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە. ئەلكۈيى تور بېكىتى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئالدى بولۇش سۈپىتى بىلەن باش بېكىتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى جەزمەن چىڭ تۇتۇشى كېرەك. خەۋەرلەرنى ئۇنىڭ مۇھىملىقى، قاراتمىلىقى، جەزبىدارلىقى بويىچە تاللاش ئاخباراتچىلىق تاكتىكىسىدىكى مۇھىم ئامىل، غەلىتە تۇيغۇلارنى قوزغايدىغان قىتىغۇر، غەيۋەت خەۋەرلەرنىڭ ئورنىغا كىشىگە ئەمەلىي ئۇچۇر، بىلىم بېرىدىغان خەۋەرلەر يوللانسا كىم قىزىقمايدۇ؟ سىياسىي خەۋەرلەرگە ئۇنىڭ تەھلىلىمۇ قوشۇپ بېرىلسە كىم سۆيۈنمەيدۇ؟
ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە خەلقئارا مىللەت، خەلقئاراغا دەھشەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مىللەت، گۈلەننىڭ، جېكنىڭ ماقالىلىرى شۇڭا ئاۋات. ئېچىۋېتىلگەن دۇنيادا يېڭى بىلىم ئارقىلىق يېڭى ئوپۇق، يېڭى تۇيغۇ، يېڭى جاسارەت ئىزدەيدىغان ئادەملەر بىزدە ئىنتايىن كۆپ! يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئۆز زېمىن، ئۆز مۇھىتىمىزدا نەپەس ئېلىپ ياشاۋاتقان، قىلىق قىياپەتلىرىمىز ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان خەلق، ئۆز خەۋەرلىرىمىزگىمۇ شۇنچىلىك مۇھتاجمىز. ئەل ئۈچۈن داغدام يول ئېلىۋاتقان ئەلكۈيى ئۆز خەلقىگە ئائىت ئەھمىيەتلىك خەۋەرلەرگە، ئىبرەتلىك ۋەقەلەرگە، سەل قاراشقا بولمايدىغان ئۇچۇرلارغا ئىزچىل دىققەت قىلسا، تور مۇخبىرلىرى تەشكىل قىلسا، مۇكاپاتلىق خەۋەرلەر سەھىپىسى ئاچسا ئەل ئۈچۈنمۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىش قىلغان بولاتتى.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
گۇناھ (پوۋېست)
2015-08-07 00:50:371521تىللا سۆزلەر
2015-08-06 23:57:491952ئۇيغۇرچە-تۈركچە رومان تەرجىمىسى ھەققىدە
2016-07-01 15:32:00781ئىشەنسەڭمۇ ئويلاپ ئىشەن(1)
2014-11-27 17:14:48654بېشىمىزغا كەلگەن سىناقمۇ بىر نېمەتتۇر
2013-05-23 07:19:31910ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)
8760سائەت ئىلگىرى4067كىملىك ئىسپاتى
2015-08-07 20:05:471133نېمىگە ئالدىرايمىز؟
2012-09-13 06:40:35487
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-