ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بېشىمىزغا كەلگەن سىناقمۇ بىر نېمەتتۇر

بېشىمىزغا كەلگەن سىناقمۇ بىر نېمەتتۇر

ۋاقتى: 2013-05-23 ئاۋاتلىقى: 890 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەندىلەرگە ئۇلارنى سىناش، گۇناھلىرىنى تەپتىش قىلىش ۋە ئۇلار ئارىسىدىن ئىمان دەۋاسىدا راستچىل بولغۇچى بىلەن يالغانچىنى پەرقلەندۈرۈش يۈزسىدىن ھەر تۈرلۈك سىناقلارنىڭ كېلىشى ئىلاھى قانۇنىيەتلەر جۈملىسىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن!».([1])
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر ».([2])
« ئەلىف، لام، مىم. ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟».([3])
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىشىگە بېرىلىدىغان بالايىئاپەت قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ساۋابمۇ شۇنچە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىرەر قەۋمنى ياخشى كۆرسە، تۈرلۈك بالالار بىلەن ئۇنى سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭغا رازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن دادلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىدۇ.».([4])
كىشىلەرنىڭ ئىماندا ئەڭ مۇكەممىلى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېغىر سىناقلارغا مۇپتىلا بولغانلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ ئېغىر سىناق بىلەن سىنالغانلار پەيغەمبەرلەر، ئۇندىن قالسا سالىھلار، ئۇندىن قالسا ئۇلارغا ئەڭ ئوخشىغانلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئەنەشۇ ئوخشىغانلارغا ئەڭ ئوخشايدىغانلاردۇر. بەندە دىيانىتىغا بېقىپ سىنىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم بولسا، ئۇنىڭغا كېلىدىغان سىناقمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ئۆز دىنىدا بوشاڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭغا كېلىدىغان سىناقمۇ دىيانىتىگە يارىشا بولىدۇ. بەندە ھەمىشە سىنىلىپ تۇرىدۇ، تاكى ئۇ يەر يۈزىدە ھېچبىر خاتالىقى يوق ھالدا يۈرگەنگە قەدەر سىناق ئۇنى قويۇپ بەرمەيدۇ.».([5])
سىناقنىڭ ئىلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى:
-گۇناھلارنىڭ ئۆچۈرۈلىشى ۋە خاتالارنىڭ يۇيۇلۇشى.
-ئاخىرەتتىكى دەرىجە ۋە مەرتىۋىلەرنىڭ ئۈستۈن بولىدىغانلىقى.
-كىشىنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدا ئۆزىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ نەپسىنى ئەيىپلەپ ئاڭا مالامەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى.
-تەۋبە ئىشىكىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ ھوزۇرىدا بەندىگە ئۆزىنىڭ خار ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتۇرمايدىغانلىقى.
-ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى.
-ئاللاھنىڭ قازاسى ۋە تەقدىرىگە بولغان ئىماننىڭ كۈچىيىدىغانلىقى، ھەمدە مەنپەئەت ۋە زىياننىڭ پەقەت ئاللاھ تەرپىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچنىڭ كۈچىيدىغانلىقى.
-ئاخىرەتنى ئەسلىتىدىغانلىقى ۋە دۇنيانى ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى بويىچە كۆرۈشكە ياردىمى بولىدىغانلىقى...قاتارلىقلاردۇر.
سىناق ئەھلى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىلغاندۇر:
1- ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالغۇچىلار.
بۇلار كەلگەن سىناققا نەپرەت بىلەن ۋە ئاللاھقا يامان گۇماندا بولۇش، ھەمدە ئۇنىڭ پۈتكەن تەقدىرىگە يامان نەزەردە قاراش بىلەن قارشى تۇرغانلاردۇر.
2- ياخشىلىققا مۇۋەپپەق بولغانلار.
بۇلار كەلگەن سىناقلارنى سەبىر بىلەن ۋە ئاللاھقا ياخشى گۇماندا بولۇش بىلەن قوبۇل قىلغانلاردۇر.
3- سەبىر قىلىشتىن سىرت، كەلگەن سىناقلارنى رازىلىق ۋە شۇكۈر بىلەن قوبۇل قىلغانلار.
مۆئمىن كىشىنىڭ ھەر ئىشى خەيرلىكتۇر. شۇڭا ئۇ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىدا نېمەت ۋە ئاللاھنىڭ خاتىرجەملىكى ئىچىدە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئىيتىدۇ: «مەن مۆئمىن بەندىنىڭ ئىشلىرىدىن ھەيرانمەن. ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشى ياخشىدۇر، لېكىن مۆمىنلەردىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر مۇئمىنگە باياشاتلىق يەتسە، شۈكۈر قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا قاتتىقچىلىق يەتسە سەۋر قىلىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر.».([6])
ئاللاھ تائالانىڭ كۆپىنچە ئەھۋالدا سىناق- بالالارنى خاس مۆئمىن بەندىلەرگىلا نازىل قىلىشى مەلۇم ھېكمەتنى تەقەززا قىلغانلىقتىن بولۇپ، بۇنىڭدىكى ھېكمەت بەزىدە شۇ مۇئمىننىڭ جازاسىنى دۇنيادىلا بېرىۋىتىش بولسا، بەزىدە شۇ بەندىنىڭ مەرتىۋېسىنى ئۈستۈن قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولىدۇ.
ئەمما كاپىر بىلەن مۇناپىقنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سالامەت قويۇشى ۋە بالا-سىناقلاردىن نېرى قىلىشى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرگەنلىكىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۆئمىننىڭ مىسالى، زىرائەتكە، ئۆسۈملۈك مايسىسىغا ئوخشايدۇ، شامال ئۇنى دائىم ئىگىپ، لىڭشىتىپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇنىڭدەك مۆئمىنگە دائىم سىناق-بالالىرى، كېسەل مۇسىبەتلىرى يېتىپ تۇرىدۇ. مۇناپىق بولسا، مۇقىم، مۇستەھكەم تۇرىدىغان سەنۇبەر دەرىخىكە (سۇۋادان تىرەككە)ئوخشايدۇ، ئۇ تەۋرەنمەيدۇ، مىدىرلىمايدۇ، ئاخىرىدا بىراقلا ئۆرۈلۈپ يۇلىنىدۇ.».([7])
بالا-سىناقلارنىڭ تۈرلىرى كۆپتۇر، كىشى ئائىلىسى، مال-مۈلۈكى، بالا-چاقىسى ۋە دىنى ھەققىدە سىنىلىدۇ. بەندىگە كېلىدىغان سىناقنىڭ ئەڭ ئېغىرى بولسا ئۇنىڭ دىنىغا كەلگەن سىناقتۇر.
شەكسىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر تۈرلۈك سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ زات ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، مال-مۇلىكى، بالا-چاقىسى ۋە دىنى ھەققىدە سىنالغان ئىدى. ئۇ زات، كەلگەن سىناقلارغا سەۋر قىلغان، ئەجرىنى ئاللاھتىن كۈتكەن، رەببىگە ياخشى گۇماندا بولۇپ ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان، شەرىئەتنى بەجا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭ چەك-چېگرالىرىنى بۇزمىغان ئىدى. شۇڭىلاشقا ئۇ زات ھەر بىر سىناققا يولۇققانلار ئۈچۈن ئەگىشىشكە تېگىشلىك ھەقىقى ئۈلگىگە ئايلانغان ئىدى.
ئىمانلىق بەندە بېشىغا بالا-سىناقلار كەلگەندە، كەلگۈلۈكنىڭ ئاللاھتىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشى ۋە ئاڭا تەسلىم بولىشى، سىناقتىن ئاغرىنماستىن ۋە زاماننى تىللىماستىن شەرىئەتكە چىڭ ئېسىلىشى، ھەمدە ئىلاھى ئەمر-پەرمانلارغا قارشى كەلمەسلىكى، شۇنداقلا سىناقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كىتىشى ئۈچۈن كېتەرلىك سەۋەبلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتىشى ۋە ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھقا سېغىنىپ تەۋبە قىلىشى... قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
ئەپسۇسكى، قىسمەن مۇسۇلمانلار ئىمانى ئاجىزلىق تۈپەيلى سىناققا يولۇقسا غەزەپلىنىپ كېتىدۇ ۋە زاماننى تىللاشقا باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش-پىئىللىرىنى ياراتقان ئاللاھقا مالامەت قىلىپ ئۇنىڭ بۈيۈك قۇدرىتىدىكى ھېكمىتىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۆزىنى ياخشى قىلالىدىم دەپ مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، كەلگەن سىناقتىنمۇ يامانراق بىر بالاغا يولۇقىدۇ-دە بۈيۈك گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
بۇيەردە بىر قاتار مەنىلەر ۋە ئىنچىكە نۇقتىلار باركى، ناۋادا بەندە بۇ مۇشۇ نۇقتىلار ھەققىدە ياخشى ئويلىنىدىغانلا بولسا، بالا-سىناقلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچە چوڭ بىلىنمەيدۇ. بەلكى كەلگۈلۈكلەرگە سەۋر قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە، ھەمدە ياخشى ساۋاب-ئەجىر ئاتا قىلىشىغا نائىل بولىدۇ.
ئۇشبۇ مەنىلەر تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى: بەندىنىڭ كەلگەن سىناقلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تەقدىردە پۈتۈلگەن ئىكەنلىكىنى، پۈتۈلگەن سىناقنىڭ باشقا كەلمەي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىشى.
بۇخىل ئەھۋالدا بەندىگە مۇناسىپ بولغىنى، ئۇنىڭ سىناق مەزگىلىدىكى شارائىتلارغا مۇۋاپىق شەكىلدە ماسلىشىشى ۋە كەلگۈلۈكلەرگە مۇناسىپ شەكلىدە مۇئامىلە قىلىشىدۇر.
ئىككىنچى: سىناق ئىگىسىنىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ كۆپىنىڭ ھەر تۈرلۈك سىناقلارغا يولۇقۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەممىنىڭ ئۆزىگە يارىشا سىناقتىن خالى ئەمەسلىكىنى ۋە ھېچكىمنىڭ سىناقتىن ئامان قالمايدىغانلىقىنى بىلىشى.
چۈنكى، مۇسىبەت ھەممىگە ئومۇمىي بولۇپ، ئۆزگىنىڭ مۇسىبىتىگە نەزەر سالغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ مۇسىبىتىنىڭ ئۆزگىگە قارىغاندا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
ئۈچىنچى: سىناق ئەھلىنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن بۈيۈك مۇسىبەتنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەب بىلەن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلگەنلىكى، پىتنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالغانلىقى ۋە بۇ پىتنىلەر تەسىرىدە "سەندىن كىينكى ھەر بىر مۇسىبەت ئېغىر بولدى ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى" دەپ ئىيتقان ساھابىلەر ئارىسىدىمۇ بۆلۈنۈش بولغانلىقنى ئۇنۇتماسلىقى.
تۆتىنچى: سىناق ئىگىسىنىڭ يەنە، بالا-مۇسىبەتلەرگە دەسلىپىدىلا سەۋر قىلىۋالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئالاھىدە تەييارلىغان بۈيۈك ئەجىر-ساۋابلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ئىيتىدۇ: « مۇسىبەتتىن تۇنجى زەربە تەگكەندە (يەنى يېڭىلىقىدا) قىلىنغان سەۋر ياخشى ھېسابلىنىدۇ.».([8])
بەشىنچى: شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ تائالا بەزىدە بەندىنى بىر قاتار مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئەنەشۇ سىناق ئارقىلىق شۇ بەندىدىن ئۇنىڭدىنمۇ بۈيۈك بىرەر يامانلىقنى ۋە چوڭراق بالايى-ئاپەتنى كۆتۈرۋېتىش مەقسەت قىلىنغاندۇر. چۈنكى بۇخىل ئەھۋالدا ئاللاھ ئۇ كىشىگە، بۈيۈك مۇسىبەتلەر ئورنىغا ئۇنىڭدىن يېنىكرەك مۇسىبەت بىلەن سىناشنى ئىختىيار قىلغان بولۇپ، مانا بۇ، سىناقنىڭ مۇھىم مەنىلىرى جۈملىسىدىندۇر.
ئالتىنچى: ئاللاھ تائالا بەندىنى سىناققا مۇپتىلا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا سەۋر قىلىش، ئاللاھقا ئۈمىد باغلاش ۋە قىيىنچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى كۈتۈشتەك ئىبادەت ئىشىكلىرىدىن كاتتا بىر ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەندۇر. شۇڭا سىناققا دۈچ كەلگەندە يۇقىرىقىلارغا رىئايە قىلىشنى ئۆزى ئىبادەت جۈملىسىدىن سانالغان.
يەتتىنچى: بەزىدە ئۇ بەندە ئاللاھ ئالدىدا تىلغا ئالغۇدەك بۈيۈك ئەمەللىرى بولمىغان قۇسۇرلۇق ئىگىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى سىناققا دۇچار قىلىش ئارقىلىق مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە ئۇ بەندىنىڭ سىناق جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ ئۈمىد قىلىنىدىغان ئەمەللەر قاتارىدىن قىلىپ بىرىشنى ئىرادە قىلغان بولىدۇ.
سەككىزىنچى: بەزىدە بۇ سىناقنىڭ كىلىشى، بەندىنىڭ ئاللاھنى ئەسلەشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى، غەپلەت ئىچىدە يۈرگەنلىكى ۋە دۇنيا زىبۇ-زىننەتلىرىگە ئالدانغان ھالدا ئاللاھنىڭ ھەققىدە سەل قارىغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بەندىسىنى سىناق-مۇسىبەتلەر ئارقىلىق ئەنەشۇ تەرەپلەردىن ئاگاھلاندۇرۇشنى، يۈرىۋاتقان غەپلىتىدىن ئويغىتىشنى ۋە ئۇنى توغرا يولغا قايتۇرۇشنى ئىرادە قىلغان بولىدۇ.
دېمەك، بەندە يۇقىرىقى مەنىلەرنى ۋە پايدىلىق نۇقتىلارنى ھېس قىلىپ يەتكىنىدە، كەلگەن سىناق ۋە مۇسىبەتلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمەتكە ئايلانغۇسى، ئۇنىڭدا مۇناجات ۋە ئىبادەتنىڭ لەززەت ئىشىكلىرى ئېچىلىپ رەببى تائالا بىلەن بولغان باغلىنىش ۋە ئۈمىدلىنىش، ھەمدە ئۇنىڭغا ياخشى گۇماندا بولۇش قۇۋۋەتلىرى ھاسىل بولغۇسى، شۇنداقلا يۇقىرىقىلاردىن باشقا قەلب ئەمەللىرىدىن ئىبارەت تىل ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ئىبادەت مەقاملىرى قولغا كەلگۈسىدۇر.
ۋەھب ئىبن مۇنەببەھ ئىيتىدۇ: «كىشى كەلگەن سىناقنى نېمەت، باياشاتلىقنى مۇسىبەت دەپ بىلمىگۈچە كامىل فەقىھ بولالمايدۇ.»
چۈنكى، بۇنداق بولىشىدا سىناق ئىگىسى باياشاتلىقنى كۈتۈپ ياشىسا، باياشاتلىق ئەھلى سىناقنى كۈتۈپ ياشايدىغانلىقىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادا سىناقتىن ئامان قالغانلار قىيامەت كۈنىدە سىناق ئەھلىگە قىلىنغان ئاتايى-ئېھسانلارنى كۆرۈپ، كاشكى دۇنيادا تېرىلىرىمىز قايچا بىلەن كېسىپ تاشلانسىمۇ، سىناق ئەھلىدىن بولساقكەن-دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ».([9])
سىناققا دۇچار بولغانلار ئۈچۈن ئۇلارغا كەلگەن سىناقلارنى يېنىكلىتىپ قايغۇلىرىنى ساكىنلەشتۇرۈدىغان، غەمدىن خالاس قىلىپ قەلبنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلاردىن بىرى دۇئادۇر.
شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيە شۇنداق ئىيتىدۇ: «دۇئا باشقا كەلگەن سىناقلارنى كۆتۈرۈۋەتكۈچى سەۋەب-چارەدۇر. ئەگەر قىلىنغان چارە كەلگەن سىناقتىن كۈچلۈك بولسا، دۇئا سىناققا چارە بولالايدۇ. ئەكسىچە سىناقنىڭ سەۋەبى دۇئادىن كۈچلۈك بولسا، قىلغان دۇئا سىناقنى توسۇپ قالالمايدۇ. بەلكى قىلىنغان دۇئا سىناقنى يەڭگىللىتىدۇ ۋە ئاجىزلاشتۇرىدۇ. مانا شۇ جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈن تۇتۇلغاندا ناماز ئوقۇشقا، دۇئا قىلىشقا، ئىستىغپار ئېيتىشقا ۋە خەير-ساخاۋەت قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى.»
نامازغا بۇيرۇغانلىقىنىڭ دەلىلى شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر غەمگە يولۇقسا نامازغا ئالدىرايتتى.([10])
خەيرى-ساخاۋەتكە بۇيرۇغانلىقىنىڭ دەلىلى بولسا، مۇنۇ ئەسەردۇر: «كېسەل قېرىندىشىڭلارنى سەدىقە-ئېھسان بىلەن يوقلاڭلار!».([11])
تىلاۋەتنىڭ دەلىلى بولسا مۇنۇلاردۇر: « بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز»[ئىسرائ سۈرىسى 82-ئايەت] «بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دېيىش ئارقىلىق سەۋر قىلغان بەندىلىرىمىزگە خۇش بېشارەت بەرگىن!».([12])
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىرەر بەندە قانداقلا بىر مۇسىبەت كەلمىسۇن، ‹بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئى ئاللاھ، مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن›، دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇسىبىتىدە ساۋاب ئاتا قىلىپ، ئۇ يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلىدۇ.» .([13])


مەنبە: http://eldorar.com
مەۋلانا تەرجىمىسى

[1] بەقەرە سۈرىسى 155-ئايەت.
[2] ئەنبىيا سۈرىسى 35-ئايەت.
[3] ئەنكەبۇت سۈرىسى 2-ئايەت.
[4] تىرمىزى رىۋايىتى.
[5] ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
[6] مۇسلىم رىۋايىتى.
[7] مۇسلىم رىۋايىتى.
[8] بۇخارى رىۋايىتى.
[9] تىرمىزى رىۋايىتى.
[10] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[11] بەيھەقى رىۋايىتى.
[12] بەقەرە سۈرىسى 156-ئايەت.
[13] مۇسلىم رىۋايىتى.
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى