كىملىك ئىسپاتى
-
كىملىك ئىسپاتى
ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 1127 قېتىم__ ۋەي ھاجىممايانفوندا كۆرۈش
__ ھە مەن، ئۆزلىرى...
__ ھە مەن ئۇچتۇرپان ياكۆۋرۈك مەسچىتىنىڭ ئىمامى، ھەقىچان مېنى تونۇمايلا، ئەمما بىز سىلىنى بىلىمىز، تېلېفونلىرىنى سوراپ يامان تەستە تاپتۇق، مەشەگە بىر ئىش بىلەن كېلىپ قالدۇق قارىسىلا، مەھەللىمىزدىن بىرسى مەشەدە ئۆلۈپ قاپتىكەن، ساقچىلار ئۇنىڭ كىملىكىنى تېپىۋېلىپ، بىزنىڭ يېزىغا تېلېفون قىپتىكەن، شاڭجاڭ مېنى بىر كادىر بىلەن قوشۇپ، شۇ بالىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى، داشىڭ پەيسۇغا كەلسەك ساقچىلار بىر نېمە دەيدۇ، بۇ كادىر بالىمۇ بېيجىڭلىقنىڭ گېپىنى ئانچە ئۇقالمايدىكەن، شۇڭا سىلىنى بىر كېلىپ، ساقچىنىڭ گېپىنى ئۇقتۇرۇپ بېرەمدىكىن دېگەن...
__ مەن بارالمايمەن، تېلېفوندىلا ئۇقتۇرۇپ بەرسەم بولمامدۇ؟
__ ئۇمۇ مەيلى...
__ تېلېفوننى ساقچىغا بەرسىلە.
تېلېفوننى ساقچىغا تۇتقۇزدى بولغاي؛
__ ۋەي، نېمە ئىش بولسا ماڭا دە __ دېدىم ناخۇشلۇق بىلەن.
تېلېفوندىن ئۇ ساقچىنىڭ، تىلى ئېرخۇالىشىپ كەتكەن بىرسىنىڭ قوپال ئاۋازى كەلدى:
__ سەن تەرجىمانما؟ بۇلار بىر ئىسپاتقا قول قويۇشى كېرەك.
__ نېمە ئىسپات؟
__ بۇلار ئۆلۈكنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلى يوقكەن، بىز يۇقىرىدىن ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىش خىراجىتى ئۈچۈن پۇل تەلەپ قىلدۇق، بۇ پۇل ھەل بولدى، دەپنە ئىشلىرىنى بىز ئورۇنلاشتۇرىمىز، بۇلار ھەمكارلىشىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭغا باشقا پىكرىمىز يوق دەپ قول قويۇپ بېرىدۇ.
دېگەنگە قارىغاندا ئۆلگۈچى بىرەر ناھەق خۇن داۋاسىغا چېتىلىپ قالغان بولسا، دەۋا-دەستۇرسىز كۆمۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاپ، ساقچىغادېدىم. تېلېفوننى ئۇ ئىمام ئالغاندا ئۇنىڭدىن سورىدىم:
__ ئۆلگۈچى نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپتۇ؟
__ ئاق چېكىپ ئۆلۈپ قاپتىكەن.
__ بەدىنىدە باشقا يارا ئىزى يوقمىكەن؟
__ قارىدۇق، زەخمىلەنگەن يەر يوق.
__ قانچە ياشكەن؟
__ 25 ياشلاردا بار بالىتى، بۇ يىل ئەتىيازدا ئاقسۇغا كىرىپ كېتىپ خەۋىرى بولمىغان، بۇ قىشتا ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى، داشىڭ دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەن ئوخشايدۇ، دوختۇرخانىغا ئۇنى كىم ئەكىردى، يېنىدا كىم بار، بىلمىدۇق. ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرغاندا كىملىكى چىقىپ قاپتۇ، قارىسا شىنجاڭلىق ئۇيغۇر، ئەگەر شۇ كىملىك بولمىغان بولسا ئۇنى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا ئاپىرىپ قويىدىكەنتۇق.
__ جەسىتىنى كۆرۈپ تونۇيالىدىڭلارما؟
__تونۇدۇق، ئەمما چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، ئانىسى بىزگە ئۇنىڭ بەلگىسىنى دەپ بەرگەن، مەيدىسىدە بىر تاتۇق بارمىشكەن، كىچىكىدە ئات چىشلىۋاپتىكەن.
__ ئانىسى نېمە بوپ كەتكەندۇ ئۇنىڭ... ئاتىسى يوقما؟
__ ئاتىسى راك كېسىلى بىلەن 50 نەچچە يېشىدا تۈگەپ كەتكەن، شۇ بىرلا ئوغۇلغۇ دەيمەن، بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەك نامرات.
__ ساقچىلار دەپنە خىراجىتىنى ھەل قىلدۇق دەيدۇ، سىلەر شۇ قەغىزىگە قول قويۇپ بەرسەڭلارلا بولىدىكەن، دەپنە قىلغاندا بىللە بارىدىكەنسىلەر.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار قول قويۇپ بېرىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. كۆرۈشتۇق، ساغلام، ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم ئىنسانلار ئىدى، يولدا ماڭغاچ كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق، ئۇلار بېيجىڭغا كېلىپ ئەمدى بىر ئۇيغۇرنى كۆرگىنىدىن بەك خوش بولغانلىقىنى، يۈرىكى جايىغا چۈشكەنلىكىنى، تىنچ ياتاق تېپىپ، مۇسۇلمانچە تاماق يەپ بىر نەچچە كۈن تۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتىشتى، ساياھەت قىلمامسىلەر دېسەم، "بولدى بىزگە پۇتىمىز سىغقۇدەك ئورۇن، قورساق تويغۇدەك تاماق بولسىلا بولدى، باشقىسىنى قويۇڭ، بېيجىڭ دېگەن بىزلەر تۇرىدىغان يەر ئەمەسكەن. ئۆز يۇرتىدا تۈزۈك ياشىيالمىغان ئادەملەر بۇ يەردە ھەرگىز ياشىيالمايدىكەن، ئىشىمىز تۈگىسىلا كېتىمىز" دېيىشتى. خۇيزۇ ئاشخانىسىدا ئوخشىمىغان لەغمەن يەپ، خۇيزۇلار ئاچقان ئەرزان مېھمانخانىدا يېتىپ ئارام ئېلىشتى. بىرى ئىمام، بىرى ھۆكۈمەت كادىرى، بۇ يەرگە كېلىپ ئاكا-ئۇكىدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. بىرەر زۆرۈر ئىشىڭلار بولسا تېلېفون قىلارسىلەر دەپ خوشلىشىپ كەتتىم.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
سۆزلەر ھېكمىتى (3)
26279سائەت ئىلگىرى600مويەن مۇنداق دەيدۇ
2016-07-29 15:55:11238تالىپ بىلەن راھىپ (ھېكايە)
2015-08-07 00:29:381098سالىھ ئايال مۇنداق بولىدۇ
2013-02-01 08:24:24634ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)
2015-08-30 11:20:584043غېرىبلارغا مۇبارەك
2013-01-22 16:05:53689بېشىمىزغا كەلگەن سىناقمۇ بىر نېمەتتۇر
2013-05-23 07:19:31899قانداق قىلغاندا بالىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟
2013-02-01 08:08:03657
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-