سۆزلەر ھېكمىتى (3)
-
سۆزلەر ھېكمىتى (3)
ۋاقتى: 2013-08-23 ئاۋاتلىقى: 597 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى كەچقۇرۇندا ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ چىرايىغا قاراپ: ئەي رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل قىزى، نېمىشقا يىغلايسەن؟ دەپ سوراپتۇ. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ: ئى ئەلى، بۈگۈن سېنىڭ تەبەسسۇمىڭنى كۆرەلمەي، مەندىن رازى بولمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.
ئىچىڭ بەك سىقىلىپ كەتكەن بولسا مازارلىققا بار، ئۆلۈكلەر ياشاشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ھالىمىزغا شۈكۈر قىلايلى. _ دۇررى يەتىم
گۆرلۈكۈڭنى كولىتىپ تەييار قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزەڭنى قەبرىگە تەييارلاپ قوي.
(ناماز ئوقۇمايدىغان) پاسىق ئادەمگە تېگىشكە رازى بولغان ئايال قىيامەتتە قەبرىسىدىن قوپقاندا ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىغا "بۇ ئايال ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن" دېگەن خەت يېزىلىدۇ. (ھەدىس شەرىف)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى بىر نەرسە يېمەي تۇرۇپ نامازغا چىقمايتتى؛ قۇربان ھېيت كۈنى بولسا نامازدىن قايتمىغىچە بىر نەرسە يېمەيتتى. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمىغانلار كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇسۇن. (تىرمىزى)
كۆڭۈللەر سىرداشسا تىلغا نە ھاجەت! قەلبلەر سىرداشسا كۆزگە نە ھاجەت!
بىلسەڭ گەپ قىل، ئىبرەت ئالسۇن؛ بىلمىسەڭ جىم تۇر، سېنى ئادەم ھېسابلىسۇن. (ئىمام ئەزەم)
پۇتۇم سۇندى دەپ قايغۇرما، ئاللاھ ساڭا بەلكى قانات بېرىدۇ؛ قۇدۇق تېگىدە قالدىم دەپ ئىچىڭنى سىقما، بەلكى ئۇ يەردىن بىرەر ئىشىك ئېچىلىدۇ. (جالالىدىن رۇمى)
ئوتىنى، سۈيىنى بىلمەيدىغان كۆڭۈللەردە قوي باقما، بولمىسا قاچۇرۇپ قويىدىغان ئۆچكىلىرىڭنى باشقۇرۇپ بولالمايسەن. (شەمس تەبرىزى)
ئىشق تاھارەتكە ئوخشايدۇ، شۈبھە قىلىپ قالساڭ بۇزۇلىدۇ. (جالالىدىن رۇمى)
ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى رەنجىتىشكە ئىككى ئېغىز گەپلا يېتىدۇ؛ ئاندىن بىر مۇنچە كۆڭۈل چۈشەندۈرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟ (خەلىل سەزائى)
ئەي ناماز، سەن نەقەدەر بۈيۈك نېئمەتسەن، قىيام سەندە، قىرائەت سەندە، رۇكۇ سەندە، سەجدە سەندە، ئىشق سەندە، ۋىسال سەندە، ھۇزۇر سەندە!
دۇمبەڭگە ئۇرغانغا ئاچچىقلانما، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ دۈمبەڭنى تۇتۇپ بەرگەن ئۆزەڭ؛ كەينىڭدىن گەپ قىلغانغا تېرىكمە، ئۇنى ئىنسان دەپ بىلگەن يەنە ئۆزەڭ.
مېڭە: ئىشق-مۇھەببەت دېگەن بىمەنىلىك، ئۇنى ئۇنتۇپ كەت. قەلب: باشقىسىنى ياخشى كۆر. كۆز: نى چىرايلىقلار بار، بولدى قىل! لەۋ: ئۇنتۇپ كەت! ھاراق: ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسەڭ، مېنىڭچە تېلېفون ئۇرۇپ باق.
ئاياللار ۋە مۈشۈكلەر كۆڭلى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ ئەرلەر ۋە ئىتلار بۇنىڭغا ئۆزىنى كۆندۈرەلىسە ياخشى قىلغان بولىدۇ. (روبېرت)
مايمۇنلار مۇنداق دەيمىش: ھالىمىز ئىتتىن بەتتەر، ئەمما كەيپىمىز پادىشاھتا يوق.
ئىشق-سۆيگۈ بەزىدە سۆيگۈنىنىڭ يۈزىدىكى كۈلۈمسىرەشنى سۆيۈش ئىستىكىدۇر.
كۈلگەندە ھەممىسى سەن بىلەن تەڭ كۈلىدۇ، يىغلىغاندا ئۆزەڭ يىغلايسەن.
ئالتۇن ئوتتا سىنالغاندەك، سالىھ بەندىلەرمۇ قىيىنچىلىقتا سىنىلىدۇ. (ھەزرىتى ئەلى)
ھەر كۈنۈڭنى ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرقى كۈنىدەك بىلىپ ياشىساڭ، ھامان نەتىجە قازىنىسەن. (ستېۋ جوبس)
ئەي ئىنسان، قاف تېغىدەك يۈكسەكلىكتە بولساڭمۇ، كېپەنگە سىغقۇدەك كىچىكسەن. ئۇنۇتما، ھەر ئىشنىڭ ھېسابى بار، بىراۋغا قانچىلىك ئازاب سالغان بولساڭ، شۇنچىلىك ئازابلىنىسەن. (جالالىدىن رۇمى)
مەن پۇل توپلىمىدىم، دوست توپلىدىم. ئىچىدىن بەزى ئۇششاق تەڭگىلەر چىقتى، ئۇلارنى خەجلەپ تۈگەتتىم…
ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى جۈمە كۈنى يوقلىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. (ھەدىس شەرىف)
جۈمە كۈنى تىرمىقىنى ئالغان ئادەم بىر ھەپتە بالالاردىن قۇتۇلىدۇ. (ھەدىس شەرىف)
بەختسىزلىكىمىزنىڭ سەۋەبى ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغانلىرىنى تاشلاپ، بىزگە بەرمىگەن نەرسىلىرى بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكىمىزدە. (دۇررى يەتىم)
ئۆيگە كىرگەندە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغىن؛ ئۇ ئىككى رەكئەت ناماز سېنى ئۆيۈڭگە كېلىدىغان يامانلىقتىن قوغدايدۇ؛ ئۆيدىن چىققاندىمۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇساڭ، ئۇ ناماز سېنى سىرتتىن كېلىدىغان يامانلىقتىن قوغدايدۇ. (بەززار رىۋايەت قىلغان)
جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرسەڭلار، يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇڭلار. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
بىر ئادەمنىڭ ئوقۇغان نامىزى ئۇنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىشتىن توسالمىسا ئۇنى ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدۇ، خالاس. (تەبەرانى رىۋايەت قىلغان)
مۇئمىن ئەر ۋە ئايالنىڭ نەپسىگە، بالا-ۋاقىسى ۋە پۇل-مېلىغا داۋاملىق مۇسىبەت يېتىپ تۇرىدۇ؛ ئاخىردا ئۇلار ئاللاھ تائالا بىلەن ھېچقانداق گۇناھى يوق ھالەتتە ئۇچرىشىدۇ. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغان مۇسۇلمان، كىشىلەرگە ئارىلاشمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلالمايدىغان مۇسۇلماندىن ياخشىدۇر. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
تۇيۇقسىز ئۆلۈم كاپىر ئۈچۈن ئازاب، مۇئمىن ئۈچۈن رەھمەتتۇر. (ئەبۇ داۋۇد)
مۇئمىنگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ئۆلۈمدۇر. <ئەلكەبىر> (تەبەرنى رىۋايەت قىلغان.
ھاياتىڭدا ئۆچۈرمەكچى بولغان نەرسىلىرىڭنى رەسمى ئۆچۈرۈۋەت، ئەخلەت ساندۇقىڭدا ساقلاپ قويساڭ، سىستېماڭنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ.
ئۆتمۈشتە ساڭا زىيان سالغان ئادەمنى ئۇنتۇپ كەت، ئەمما ئۇ زىياننىڭ ساڭا نېمىلەرنى ئۆگەتكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما! (دۇررى يەتىم)
ئۇنتۇماڭلار! دۇنيادا ياشاۋاتمايسىلەر، دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىسىلەر… (جالالىدىن رۇمى)
بىر كۈنى ئۆلمەك ئۈچۈن ھەر كۈنى ياشاۋاتىمىز. (ئابدۇلقادىر پۇتاق)
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قايتا كەلمەيدىغان نەسىل
2013-01-18 07:15:56391مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىيەتى
2013-03-03 00:20:25664توردىكى مارافونچە يېزىقچىلىق
2015-08-07 00:54:311336ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت (ھېكايە)
2015-02-05 03:55:271926ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى
2013-02-22 05:26:46618ئىدىيىۋى مەسىلە
2010-05-25 16:45:11804facebook تىكى مەۋجۇتلۇقىمىز
2012-12-20 00:33:0661140 ياشتا چەكتىم ئىزتىراپ
2013-12-31 02:49:46843
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-